يوللىغۇچى: admin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى ئەزالىرى قېرىنداشلىرىم!
ئاللاھ نېسىپ قىلسا، ئەتە رامىزان روزىسىنى باشلايمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن قېرىنداشلىرىمنىڭ رامىزان روزىسىنىڭ قۇبۇل بولۇشىنى، بۇ رامىزاننى لايىقىدا؛ تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت، قۇلچىلىك ۋە ياخشىلىقلار بىلەن ئۆتكۈزۈشلىرىگە تىلەكداشمەن.ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم! رامىزاننىڭ كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن قېرىنداشلىرىمدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، رامىزان ئېيىدا تېخىمۇ كۆپ ئىبادەت قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن ۋاقىتقا بەك رىئايە قىلساق، بۇ ۋەجىدىن قېرىنداشلىرىمىز روزا-رامىزانغا ئالاقىدار بولمىغان سوئاللارنى يوللىمىسا، بولا-بولماس مۇنازىرە باشلىتىپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ۋاختىنى ئوغرىلىمىساق...
يەنە بىرى ئارىمىزدىكى بىلىملىك قېرىنداشلىمىز ئۆزلىرىنى ئاشكارىلىسا ۋە ئۆزلىرىگە ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشسا، چۈنكى رامىزان مەنىۋىي جەھەتتىن بىزنىڭ بىر يىللىق ئوزۇقىمىزنى تېپىۋالىدىغان مەۋسۇمىمىز ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا قۇرئانى كەرىم ئېيى بولغان بۇ رامىزاننى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە، تېخىمۇ كۆپ قۇرئان ئوقۇش بىلەن، پايدىلىق ئىلىملەرنى تارقىتىش ياكى ئۆگىنىش بىلەن ئۆتكۈزسەك ۋە بۇنى ئاللاھ ئۆمۈر بەرسە رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرساق دەيدىغان ئارزۇيۇم بار.
ھەممىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
ھۆرمەت بلەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى نامىدىن قېرىندىشىڭلار ئادمىن
يوللىغۇچى: admin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى ئەزالىرى قېرىنداشلىرىم!
خېلىدىن بېرى مۇنبىرىمىزدىكى پائالىيەتلەر ئاستىلاپ كەتتى، شۇڭا قېرىنداشلىرىمغا شۇنى مۇراجىئەت قىلماقچىمەنكى، ئارىمىزدا مەۋجۇت بولغان بىلىملىك قېرىنداشلىمىز ئۆزلىرىنى ئاشكارىلىسا ۋە ئۆزلىرىگە ئاللاھ ئاتا قىلغان ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىشقا تىرىشقان بولسا.
چۈنكى رامىزان مەنىۋىي جەھەتتىن بىزنىڭ بىر يىللىق ئوزۇقىمىزنى تېپىۋالىدىغان مەۋسۇمىمىز ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا بۇ رامىزاننى ئەڭ ياخشى رەۋىشتە پايدىلىق ئىلىملەرنى تارقىتىش بىلەن ئۆتكۈزسەك ۋە بۇنى ئاللاھ ئۆمۈر بەرسە رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرساق...
ھەممىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
ھۆرمەت بلەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى نامىدىن قېرىندىشىڭلار ئادمىن