ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 9517|ئىنكاس: 5

Windows Xp نى قاچىلاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
0
يوللىغان ۋاقتى 2008-4-6 21:30:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار مەن كومپيوتىرىمغا WIN XP نىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىنى قاچىلاي دىگەن. ھازىر مىنىڭ كومپيوتىرىمدا خەنزۇچە WIN XP بار. مەن خەنزۇچە سېستىمىنى چىقىرۋەتمەي ، بۇ سېستىمىنىڭ ئەرەپچە نۇسخىسىنى قانداق قاچىلاشنى بىلەلمەيۋاتىمەن. مەن ئىلگىرى سېستىما قاچىلاپ باقمىغان. تورداشلارنىڭ ماڭا بۇ ھەقتە ياردەم بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۆتۈنىمەن. ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. مەن رەھمەت ئېيتقاچ تۇراي: رەھمەت.
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-6 22:26:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم.
ئەپسۇسكى ئىككى winxp مەشغۇلات سىستېمىسىنى بىر كومپىيوتىرغا قاچىلىغىلى بولمايدۇ. ئەمما win98 بىلەن winxp قاتتىق دىسكىنىڭ ئايرىم بۆلۈملىرىگە قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. تىلىنىڭ ئوخشاش ياكى پەرقلىق بولۇشى مۇھىم ئەمەس...
ئەگەر winxp نى قاچىلاشتىن مەخسەت ئەرەپچە قوللىنىش بولسا، بۇنى ھەرقانداق تىلدىكى بىر winxp دا قىلغىلى بولىدۇ...

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-6 22:33:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋائەلەيكۈم ئەسسالام !
سىز خەنزۇچە سىستىمىنى كومپىيوتېر سىستىمىسىنىڭ  C رايۇنىغا قاچىلىغان بولسىڭىز ، ئەرەپچە سىستىمىنى مۇشۇ C رايۇندىن باشقا خالىغان بىر رايۇنغا قاچىلىسىڭىز بولىدۇ ، پەقەت سىستىما قوزغالغاندا سىزدىن خەنزۇچە XP نى ياكى ئەرەپچە XP نىڭ قايسىنى ئىشلىتىشىڭىزنى سورايدۇ ۋە سىز تاللاپ << Enter >> كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
.....ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯮﭼﯘﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.. http://yasin126.googlepages.com

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-7 04:01:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىرغا قەدەر پەرقلىق نۇسخىلارنى سىناپ باققان بولغاچقا بىلگىنىم بويىچە جاۋاب بەرگەنتىم.
مانا ئەمدى پەرقلىك ئىككى مەشغۇلات سىستېمىسنىڭ بىر كومپىيوتېرغا قاچىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋالدىم...

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-7 12:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا سىز دىگەن C رايون قەيەرنى كۆرسىتىدۇ؟ قاتتىق دىسكىچۇ؟ ئېغىر كۆرمەي بۇنىمۇ چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىڭىز. رەھمەت.

يوللىغان ۋاقتى 2008-4-12 14:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتتىق دىسكا سىزنىڭ بارلىق ئۇچۇر، سىستىما ھۆججەتلىرىڭىز ساقلانغان، كومپۇتېرغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دىسكا، سىز بەك بىلەلمىسىڭىز كومپۇتېر ھەققكىدىكى كىتاپلارنى كۆرۈپ قويۇڭ، www.biliwal.cn, www.intil.cn غا قىرىڭ ، شۇ يەردە تەپسىلى مەلۇماتلار بار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 04:23 , Processed in 0.033405 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش