ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 4754|ئىنكاس: 0

ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
132
يوللىغان ۋاقتى 2006-6-15 19:15:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ
ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮬ ﺑﯩﻦ ﺋﻪﺑﻰ ﻗﯘﮬﺎﻓﻪ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮ ﺋﻪﻟﻘﯘﺭﻩﻳﺸﻰ ﺋﻪﺕ-ﺗﻪﻳﻤﻰ (634/13 ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ)




        ﭘﯩﻞ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ 3 ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﺗﻮﻏﯘﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻣﻤﯘﻟﺨﻪﻳﯩﺮ ﺳﻪﻟﻤﺎ ﺑﯩﻨﺘﻰ ﺳﺎﮬﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻗﺎﻡ ﺑﯩﻦ ﺋﻪﺑﯘﻟﺌﻪﺭﻗﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻴﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﻗﯘﮬﺎﻓﻪ ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ (8/630) ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﻪﻧﺴﯘﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻳﯩﻢ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﺒﻰ ﻣﯘﺭﺭﻩ ﺑﯩﻦ ﻛﻪﺋﯩﺒﺪﻩ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻧﻪﺳﯩﺒﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪﯗ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭺ ﻳﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﺍﻕ «ﺋﻪﺗﯩﻖ» ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ‹ﻳﺎﺧﺸﻰ، ﻧﻪﺳﯩﺒﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ، ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ، ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ› ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻟﻪﻗﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﯜﺯﻯ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﯞﻩ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺳﯩﺒﯩﺪﻩ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﺋﻪﺗﯩﻖ» ﺩﻩﭖ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ «ﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺟﻪﮬﻪﻧﻨﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﻟﻰ» (ﺗﯩﺮﻣﯩﺰﻯ، ﻣﻪﻧﻪﻛﯩﺐ، 16) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻟﻪﻗﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺟﺎﮬﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻜﻪﺋﺒﻪ (ﻛﻪﺑﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ        
        ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮬ (ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﻰ)ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﯗ.
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻮﻧﺎ ﻛﯧﻴﯩﻢ ﻛﯧﻴﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﺯﯗﻟﺨﯩﻼﻝ»، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﮬﻪﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﺋﻪﯞﯞﺍﮬ» ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻟﻪﻗﯩﻤﻰ ﺳﯩﺪﺩﯨﻘﺘﯘﺭ. ‹ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ› ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻟﻪﻗﻪﻡ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻣﯩﺮﺍﺝ ﯞﻩﻗﻪﺳﻰ، ﺋﻮﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﻪﻳﯩﭙﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﮬﯧﭻ ﺗﻪﺭﻩﺩﺩﯛﺗﺴﯩﺰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﯞﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ «ﺧﻪﻟﯩﭙﻪﺗﯘ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ» (ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺑﺎﺳﺎﺭﻯ) ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ (ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ) ﻟﻪﻗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪﻩﻙ، ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﯜﻙ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻳﻮﻕ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﯞﻩ ﺭﻩﺧﯩﺖ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ 40000 ﺩﯨﺮﮬﻪﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﭘﯘﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ، ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ ﯞﻩ ﻳﻪﻣﻪﻧﮕﻪ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ 25 ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻛﺎﺭﯞﯨﻨﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
       
        ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﺯ. ﺋﯘﻣﯘﻣﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭙﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻰ (ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ، ﺳﺎﮬﺎﺑﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺯﯨﻠﯩﺘﻰ، 5) ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.
       
        ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﻩﻳﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﻜﻪﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﺨﻪﯞﻩﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ 10 ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ، ﺗﻪﻟﮭﻪ ﺑﯩﻦ ﺋﯘﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼﮬ، ﺳﻪﺋﯩﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﻰ ﯞﻩﻗﻘﺎﺱ، ﺯﯗﺑﻪﻳﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﯞﯞﺍﻡ، ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭﻩﮬﻤﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﯞﻑ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﯘ ﺋﯘﺑﻪﻳﺪﻩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺟﻪﺭﺭﺍﮬ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﻪﺋﺰﯗﻥ، ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮬ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩ، ﺋﻪﺑﯘ ﺳﻪﻟﻪﺑﻪ ﺋﻪﻟﻤﻪﮬﺰﯗﻣﻰ، ﺧﺎﻟﯩﺪﯨﺒﻨﻰ ﺳﻪﺋﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺱ، ﺋﯘﺑﻪﻳﺪﻩ ﺑﯩﻦ ﮬﺎﺭﯨﺲ، ﺧﻪﺑﺒﺎﺏ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺭﻩﺕ، ﺋﻪﺭﻗﺎﻡ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﯘﻟﺌﻪﺭﻗﺎﻡ، ﺑﯩﻼﻝ ﮬﻪﺑﻪﺷﻰ ﯞﻩ ﺳﯘﮬﻪﻳﯩﺐ ﺭﯗﻣﯩﻴﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ (ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ) ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﻩﻳﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻗﯘﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺭ، ﺋﺎﻳﺎﻝ، ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﯘﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﭘﯘﻝ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﺭﻩﯞﯨﺸﺘﻪ ﺧﻪﺟﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﻗﯘﮬﺎﻓﻪ ﻛﯜﭼﯩﺴﺰ ﯞﻩ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻗﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﻪﺑﻪﺭﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻟﻪﻳﯩﻞ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 5-7 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.       
       
        ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﻣﻪﻛﻜﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ 5 – ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 615-615) ﻗﯘﺭﻩﻳﺸﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﺯﺍﭖ ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﯞﺍﺯﻟﯩﻖ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻏﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﮬﺎﺭﯨﺲ ﺑﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺑﻪﺷﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ. ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯩﺒﻨﯘﺩﺩﯗﻏﯘﻧﻨﻪ ﻗﯘﺭﻩﻳﺸﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﻣﻪﺧﭙﻰ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﯞﺍﺯﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﻗﯘﺭﻩﻳﺸﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺒﻨﯘﺩﺩﯗﻏﯘﻧﻨﻪ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯩﻤﺎﻳﯩﺴﮕﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﺷﻘﺎ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
       
        ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻣﯘ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺖ ﮬﻪﻣﺮﺍﮬ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﺋﺎﻱ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ، ﻗﯘﺭﻩﻳﺸﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﯘ ﻛﯧﭽﻪ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻳﻰ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ، ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻟﻰ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻧﻰ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﻮﭖ، ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺳﻪﯞﺭ ﻏﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻏﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻤﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﯜﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ (ﺗﻪﯞﺑﻪ 9/40) ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: «ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎ، ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ» ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻣﯧﮭﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﺎﺭﯨﺠﻪ ﺑﯩﻦ ﺯﻩﻳﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ. ﺧﺎﺭﯨﺠﻪ ﺑﯩﻦ ﺯﻩﻳﺪﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﻟﯜﺷﯜﺷﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ 5000 ﺩﯨﺮﮬﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﺪﻩ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﮬﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﯞﺍﺳﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮬﻘﺎ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮬ ﻗﯩﺰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻤﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯘﻣﻤﯘ ﺭﯗﮬﻤﺎﻥ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺳﻪﯞﺩﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﭘﺎﺗﯩﻤﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻣﻤﯘ ﮔﯜﻟﺴﯜﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.
       
        ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﮬﯩﺠﺮﻩﺗﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﻗﯘﺷﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ﯞﻩ ﮬﯩﺠﺮﻯ 9- ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ (631) ﮬﻪﺝ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﺷﻼﺭﻏﺎ، ﮬﯘﺩﻩﻳﺒﯩﻴﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻨﺎﻣﯩﺴﯩﮕﻪ، ﻗﺎﺯﺍ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﯞﻩﺩﺍ ﮬﻪﺟﺠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﻪﺩﯨﺮ ﻏﺎﺯﯨﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﯖﻪﺷﺘﻰ. ﺋﯘﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺭﮔﺎﮬﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺗﯘﺗﺘﻰ. ﺑﯘ ﻏﺎﺯﺍﺗﺘﺎ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺭﻩﮬﻤﺎﻥ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ. ﺑﻪﺩﯨﺮﺩﻩ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺋﯘﮬﯘﺩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺟﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻘﺎ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻳﯧﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗﺭ.
       
        ﮬﯩﺠﺮﻯ 6- ﻳﯩﻠﻰ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 627- ﻳﯩﻠﻰ) ﻣﯘﺳﻮﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﮬﯘﺩﻩﻳﺒﯩﻴﻪﺩﻩ ﻗﯘﺭﻩﻳﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﯩﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﯖﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﺭﯞﻩ ﺑﯩﻦ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻯ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﮬﯘﺩﻩﻳﺒﯩﻴﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻓﻪﺗﯩﮭ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ، ﺋﯚﻣﺮﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﮬﯧﭻ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﮬ 7- ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺋﺒﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ (ﻣﯩﻼﺩﻯ 628-ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻱ) ﻧﻪﺟﺪ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﻗﯘﺷﯘﻧﻐﺎ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﻰ ﻗﯘﻣﺎﻧﺪﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ، ﺑﻪﻧﻰ ﻛﯩﻼﺏ ﯞﻩ ﺑﻪﻧﻰ ﻓﻪﺯﺍﺭﻩ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﺯﺍﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﯘﺷﯘﻧﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﺩﻯ، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯘﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ، ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ - ﺑﯩﺮ ﺳﺎﮬﺎﺑﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﮬﯘﻧﻪﻳﻦ ﻏﺎﺯﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺋﯩﻒ ﻣﯘﮬﺎﺳﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ. ﺗﻪﺑﯘﻙ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﻰ. ﻗﯘﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻝ - ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ. ﮬ 9- ﻳﯩﻠﻰ (631) ﺋﯚﺯﻯ ﮬﻪﺟﮕﻪ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ 300 ﺳﺎﮬﺎﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﺝ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﯞﻩﺩﺍ ﮬﻪﺟﺠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ.
       
        ﮬﯩﺠﺮﻩﺗﻨﯩﯔ 11- ﻳﯩﻠﻰ (632 – ﻳﯩﻠﻰ 5- ﺋﺎﻱ) ﺳﻪﻓﻪﺭ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ ﮬﻪﭘﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﯘﺗﻘﯩﺪﺍ، ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺗﺎﺋﺎﻻﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺋﯘ ﻗﯘﻟﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﻣﯘﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻗﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﻰ ﺳﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﻘﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯩﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯﻧﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﺪﻯ.
       
        ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﻣﺪﺍﺕ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﯞﻩ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﺎﺯﻏﺎ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻐﺎﻧﻘﯩﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﯘﺷﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﻳﺎﻕ ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ ﯞﻩ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﯚﻳﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﻳﺮﺍﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﻧﯘﺗﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺪﻯ.
       
        ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻗﯩﻔﻪ ﺗﯘ ﺑﻪﻧﻰ ﺳﺎﺋﯩﺪﻩﺩﻩ ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﯩﻔﻪ ﺳﺎﻳﻼﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘﭖ، ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ، ﺋﻪﻧﺴﺎﺭ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﺎﺟﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺳﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯘ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﺯﻩﻳﺪ ﺑﯩﻦ ﺟﻪﺭﺭﺍﮬﻨﻰ ﻧﺎﻣﺰﺍﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﯩﻔﻪ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻯ ﻧﻪﺑﻪﯞﯨﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.

ﻣﻪﻧﺒﻪ: ﯰﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﻮﺭﻯ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 04:26 , Processed in 0.035131 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش