ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 6810|ئىنكاس: 6

بىر ياش كۆردۈم كىتاپ ئوقۇۋاتقان! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
132
يوللىغان ۋاقتى 2008-6-17 16:53:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ياش كۆردۈم كىتاپ ئوقۇۋاتقان!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!

بۈگۈن ئەتتىگەن ئىشقا كېلىۋاتقىنىم مېنى بىر ئىش ئويغا سېلىپ قويدى. مەن ئۇ ئىشنى قېرىنداشلىرىمنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمەن:
ئىشقا كېلشىتە بەزى  كۈنلەردە ئاپتۇبۇستىن چۈشكەندىن كېيىن بىر باغچىنىڭ ئىچىدىن ئۆتىمەن. بۈگۈنمۇ شۇ يول بىلەن كەلگەنتىم. باغچىنىڭ ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىۋاتقىنىمدا بىر ئۇرۇنداقتا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇۋاتقان 20 ياشلاردىكى بىر ياش بالا دىققىتىمنى جەلب قىلدى. زېھنىنى پۈتۈنلەي مەزكەزلەشتۈرگەن ھالدا دەرەخنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى. نېمە دېگەن ياخشى ئىش! ئەمما ئوقۇلۇۋاتقان كىتاب دىققىتىمنى تارتىپ قالدى. كىتاپنىڭ تولۇق ئىسمى بىلەن يازغۇچىسىنىڭ ئىسمىنى كۆرەلمىدىم -يۇ، كىتابنىڭ مۇقاۋىسى بىلەن كىتابنىڭ قەغىزىنىڭ رەڭگى، بېسىلىش ئۇسلۇبى ۋە ھاكەزالار ماڭا كىتابنىڭ كىمنىڭ كىتابى ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بەردى...

  بۇ ياشنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىش ئورنۇمغا كەلگۈچىلىك كاللامنى مۇنداق سوئاللار چىرمىۋالدى:

  1- مەن قاچان قۇرئان كەرىمنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەتتىگەندە كۆڭلۈم خاتىرجەم ۋە خۇشال، روھى كەيپىياتىم ياخشى، سالامەتلىكىم جايىدا ۋاقىتلىرىمدا ھاۋاسى ساپ، ئەتراپ تىنچ بىر باغچىغا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يەرگە بېرىپ باقتىم؟
ئەپسۇسكى، بۇ سوئالغا مۇسبەت جاۋاب بېرەلمىدىم ۋە ھەقىقەتەنمۇ ئەپسۇسلاندىم.

ئاندىن كېيىن ئۆز ئۈزۈمگە سوئال تاشلىدىم: مەنمۇ قىلالماپتىمەن، ئۇنداق بولسا
2- ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەۋاتقان، قۇرئان كەرىمنى ئولۇغلاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئىچىدىن قانچىمىز شۇنداق قىلالىدۇق ياكى قىلىۋاتىمىز؟

مەن ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ باقسام بۇ سوئالغىمۇ مۇسبەت جاۋاب تاپالمىدىم. (ئەلۋەتتە كېچە - كۈندۈزىنى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئايرىغان قېرىنداشلىرىم بۇنىڭدىن مۇستەسنا!) ھالبۇكى ئەتراپىمدىكىلەر قۇرئان كەرىم ھەققىدە بىر قەدەر ئىلغار پىكىرگە ئىگە ئىنسانلار بولۇپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەپچە تېكىستىنىلا ئوقۇشنىڭ، ئۇنى ئوقۇغانلىقىق ئەمەس، تاۋۇشلىرىنى جايىدا چىقىرىپ تەلەففۇز قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان، ئۇنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلمىغاندا، بىزگە ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئىنسانلار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئويلاپ قالدىم.

بىز مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى ھۆرمەتلەيمىز دەپ ئۇنى چىرايلىق سومكىلارغا سېلىپ، ھېچكىمنىڭ ئۇنى تاھارەتسىز تۇتۇپ سېلىشىغا رۇخسەت قىلماي ئاسراپ، تاملارغا ئېسىپ قۇيۇپ، پات - پات - تاھارىتىمىز بار ۋاقىتلاردا- قولىمىزغا ئېلىپ قۇنۇپ قالغان چاڭ - تۇزانلارنى ئېيتىپ سۈرتكەندىن كېيىن ھۆرمىتىمىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن قايتا - قايتا سۆيگەن ھالدا كىچىك بالىلارنىڭ قولى يەتمەيدىغان ئورنىغا قايتىدىن ئېسىپ قويىمىز. ئەمما بۇ ھۆرمىتىز كۆڭلىمىزگە ۋاقىتلىق ئارام بېغىشلىغاندىن باشقا بىزگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ، تۇرمۇشىمىزدا، مېڭىش - تۇرىشىمىزدا، ھەرىكەتلىرىمىزدە، ئەخلاقىمىزدا، گەپ - سۆزلىرىمىزدە، ئائىلىمىزدە... ئۇنىڭ ھېچقانداق نامايەندىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

ياخشىراقلىرىمىز بولسا، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەپچە تېكىستىدىن ئاز دېگەندە كۈندە بىر نەچچە سەھىپە، بەزىلىرىمىز بىر نەچچە پارا قۇرئان كەرىمگە قاراپ ياكى يادقا ئوقۇيمىز-يۇ، ئەمما ئوقۇۋاتقانلىرىمىزدا ئاللاھ بىزگە نېمىلەرنى بۇيرۇيدۇ ۋە نېمىلەردىن توسىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق. مەلۇماتلىق بولۇشقىمۇ تىرىشمايمىز... ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ بىزدىكى تەسرىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئوقۇماي ھۆرمەتلىگەنلەرگە ھېچقانداق پايدىسى بولمىغىنىدەك، چۈشەنمەي، چۈشىنىشكە ئۇرۇنماي، ۋاقىت ئايرىماي ئوقۇغانلارغىمۇ كۆڭۈللىرىمىزگە ۋاقىتلىق ئارام بېغىشلىغاندىن باشقا ھېچقانداق پايدىسى بولمىغانلىقىنى، تۇرمۇشىمىزدا، مېڭىش - تۇرىشىمىزدا، ھەرىكەتلىرىمىزدە، ئەخلاقىمىزدا، گەپ - سۆزلىرىمىزدە ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۆزگەرتىش پەيدا قىلالمىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز...

شۇنىڭ بىلەن ئويلىدىمكى، دېمەككى ئاللاھ تەئەلانىڭ :«سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە شىپا بولغان، مۇئمىنلارغا رەھبەر ۋە رەھمەت بولغان قۇرئان كەلدى» (يۇنۇس، 57) ئايتى بىلەن :

«ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە قۇرئانغا چىڭ يېپىشقانلارنى ئاللاھنىڭ ئۆز رەھمىتىگە ۋە نېمىتىگە داخىل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئايەتلىرى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئايەتلىرى توغرا بولغانلىقىغا قارىغاندا بىزنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ۋە ھۆرمەتلىشىمىزدە بىر چاتاق باركەن دەپ ئويلىدىم ۋە مۇنۇ ھەجۋي رەسىمنىڭ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە بولغان كۆز قارىشىمىزنى ئىنتايىن ياخشى تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكىنى ئويلىدىم:

دېمىسىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟

نامازلىرىمىزمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئاللاھ تەئەلا قۇرئان كەرىمدە :«ئى مۇھەممەد!- ساڭا ۋەھىي قىلىنغان كىتاب- قۇرئان- نى تىلاۋەت قىلغىن، نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇغىن، چۈنكى ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ...» (ئەنكەبۇت، 45) دەپ جاكارلىماقتا. ئەمما ھەربىرىمىز ئۆزىمىزگە قاراپ باقايلى. ناماز قانچىمىزنى قەبىھ ئىشلاردىن، ناشايان ئىشلاردىن، بولمىغۇر گەپ - سۆزلەردىن، يامان ئىشلاردىن ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن تۇسالىدى ۋە تۇساۋاتىدۇ؟ ئايەت توغرا بولغانلىقىغا قارىغاندا ناماز ئوقۇشلىرىمىزمۇ تەلەپ لايىق ئەمەستەك تۇرىدۇ...

شۇنىڭ بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش ئۈچۈن، ئوقۇغاندىمۇ چۈشىنىپ ئوقۇش ئۈچۈن باشتىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمدەك زېھنىمىز ئۆتكۈر، كۆڭلىمىز خاتىرجەم، كەيپىياتىمىز ياخشى ۋاقىتلارنىڭ بىر قىسمىنى ھاۋاسى پاكىز، تىنچ يەرلەردە قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈشىمىزگە، مۇمكىن بولسا ئارىمىزدا ئەرەپچىنى ياخشى بىلىدىغان، تارىختىن خەۋىرى بولغان، ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتىشىمىزنىڭ، شۇنداقلا ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىشقا يارىمىغانلىرىنى، تىجارەت قىلالمايدىغانلىرىنى، ئەقلى جايىدا ئەمەسلىرىنى ئەمەس، ئەڭ ئەقىللىق، زېھىنلىرىنى ئۆتكۈرلىرىنى بۇ دىننى ئۆگىنىشلىرى ئۈچۈن ئوقۇتۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئۇنداق قىلمىغان ۋاختىمىزدا تۇرمۇشىمىزنىڭ، ھايات ساپايىمىزنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇمۇمى ئەھۋالىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغاندەك بولدۇم.

ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمنىڭ ئاللاھ بەرگەن 24 سائەتتىن ھېچ بولمىغاندا كۈندە  ھېرىپ قالغاندا ئەمەس، زېھنىمىز ئۆتكۈر، كۆڭلىمىز خاتىرجەم، كەيپىياتىمىز ۋاقىتلارنى تاللاپ بىر نەچچە مىنۇت ۋاختىمىز رەھبەر قىلىشىمىز ئۈچۈن نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئايرىشتا تىرىششلىرىنى، ئائىلىمىزدىكىلەرنى ۋە ئەتراپىمىزدىكى دوست - يارەنلىرىمىزنىمۇ شۇنداق قىلىشقا تەشۋىق قىلىشنى سورايمەن. شۇنداق قىلساق ھەم قۇرئان كەرىم ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەجر - ساۋابقا ئېرىشىمىز، ھەمدە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، چۈشەنگەنلىرىمىزنى ھاياتىمىزغا، ئىشلىرىمىزغا، گەپ - سۆزلىرىمىز ۋە ئەخلاقىمىزغا تەدبىقلاشقا تىرىشقانلىقىمىز ئۈچۈن ھاياتىمىزدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

ئاللاھ بىزنى قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلاردىن قىلسۇن، ئۇنى توغرا چۈشەنگىلى ۋە چۈشەنگەنلىرىمىز بويىچە ئەمەل قىلغىلى، يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئۇنىڭ تېكىستىگىلا ئەمەس، ئۇنىڭغا ھەقىيقى مەنىدە ئېسىلغىلى نېسىپ قىلسۇن. ئامىين!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

باشقۇرغۇچى

زامان بىلەن قەسە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-18 22:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاكاراكاش ، مەن سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈۋېتىپ ،تەجۋىد ئۈگىنىپ قۇرئان ئوقۇغىدەك بولغۇنىم بىلەن قۇرئ.اننى ئوقۇپ ئۇنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ بىرگە سېلىشتۇرۇپ چۈشەنگەن چاغلىرىم بولسىمۇ داۋاملىق بولمىغانلىقىنى ئېسىمگە ئېلىپ ئىختىيارسىز يۈزلىرىمنىڭ قىزىرىۋاتقانلىقىنى ،ئىككى يەلكەمدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىىنى ھېس قىلدىم .شۇئان نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر نەچچە قېرىنداش بۇرادەرلەر بىلەن ئۇچرۇشۇپ ، بىر-بىرىمىزگە ، كۈننىڭ بەك ئىسسىپ كېتىشى بىلەن بەك ئېزىلىپ بامداتتىن كېيىن قۇرئان ئوقۇيالمايۋاتقانلىقىمىزنى ، بالىلارنىڭ ئىمتىھانى بولغاچقا ئالدىراشلىقىمىزنى ،يېشىمىز قىرىققا كېلىپلا ۇ يېر بۇ يەرلىرىمىزنىڭ ئاغرىپ ئۇنتۇغاق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىمىز قۇرئاننى يادلاپ بولالمايۋاتقانلىقىمىزنى دەپ بىر-بىرىمىزگە دەرت تۆكۈشۈپ ھال ئېيتىشقىنىمىزقۇرئان يادلاشتا بىسىم قىلىۋالماي ئۈگەنسەكمۇ بولار دېگەندەك تەسەللىيلەر بىلەن ئۆزۈمىزنى خاتىرجەم قىلغانلىقىمىزنى ئەسلەپ ئىمانىمىزنىڭ بەكمۇ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم ، مۇشۇ كۈنلەردە رىسقىم تۈگەپ قالسا ئاللاھنىڭ ئالدىغا قانداق بارارمەن دەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ھەم ئەندىشە بېسىۋالدى ...
قېرىندىشىم ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىرلەر بەرسۇن بۇ يازمىڭىز بىلەن مەن يەنە سەگەكلەشتىم . ئاللاھ كۈچلۈك ئىمان ئاتا قىلسۇن قېرىنداشلار بىر-بىرىمىزگە دۇئا قىلايلى ھەر مىنۇت ئۆزۈمىزنى تەكشۈرۈپ تۇرايلى .

يوللىغان ۋاقتى 2008-6-20 13:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويمايچى  ماڭا ياردەم قىلساڭلار :مەن قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى يالغۇز ئوقۇپ پۈتۈن بەدىنىمگە قورقۇنۇچ چۈشۈپ ،كۈزۈمگە ئۈلۈم كۈرۈنۈپ ئۈيدە يالغۇز ئولتۇرالمايدىغان بولۇپ  قالدىم ،قانداق قىلغاندا ئۈلۈم ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟
مېنىڭ  دىنىي بىلىمىم ناھايىتى كەمچىل

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2008-7-14 16:12:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمون2قەۋەتتىكىuygur123نىڭ2008-06-20 11:24دە يوللىغان يازمىسى  :
مەن بۇ  تېمىغا  مۇناسىۋەتسىز  بىر  مەسىلىنى ئوتتۇرىغا  قويمايچى   ماڭا  ياردەم  قىلساڭلار :مەن  قۇرئان  كەرىمنىڭ  تەرجىمىسىنى  يالغۇز  ئوقۇپ  پۈتۈن  بەدىنىمگە  قورقۇنۇچ  چۈشۈپ  ،كۈزۈمگە  ئۈلۈم  كۈرۈنۈپ  ئۈيدە  يالغۇز  ئولتۇرالمايدىغان  بولۇپ   قالدىم ،قانداق  قىلغاندا  ئۈلۈم  ۋەھىمىسىدىن  قۇتۇلغىلى  بولىدۇ؟
مېنىڭ   دىنىي  بىلىمىم  ناھايىتى  كەمچىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
سىز قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى داۋاملىق ئوقۇۋېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز قۇرئان كەرىمنى چۈشەنگەنسىېرى كۆڭلىڭىز ئارام تاپىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تەئەلارەئد سۈرىسىنىڭ 28 - ئايىتىدە مۇئمىنلارنىڭ دىللىرىنىڭ ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئاراپ تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
قۇرئان كەرىم بولسا ئاللاھنىڭ زىكرىدۇر. ھەمدە زىكىرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە مۆتىۋېرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز داۋاملىق ئوقۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز كۆڭلىڭىز ئارام تاپىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ئۆزىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياشىمىغانلارغا قاتتىق ئازاب، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارلىق بارلىق بارلىقىنى جاكارلىغان بولسا، ئۆزىنىڭ يوليۇرۇقى بويىچە ماڭغان، پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەنلەر بولسا ئستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن خۇشخەۋەرلەرنى بېرىدۇ....
ئاللاھ قۇرئان كەرىمنى چۈشىنىش ئۈچۈن لايىقىدا ئوقۇغىلى، توغرا چۈشەنگىلى ۋە چۈشەنگەنلىرىمىزنى تۇرمۇشىمىزدا تەدبىقلىغان ھالدا ياشىغىلى نېسىپ قىلسۇن، ئاغزىدا مۇسۇلمان دەپ قويۇپ، ئەمەلىيىتىمىزدە مۇسۇلمانلىق بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلاردىن قىلمىسۇن. بىزنى قۇرئان كەرىم ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خارلىقتىن قۇتۇلدۇرسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 13:31:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قېرىندىشىم ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .ئامىين !

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:04:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ ئاللا دىلىمىزدىكى مۇستەھكەم ئىمان ئايرىمسۇن ئامىن

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-1 14:26:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
ھەممىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن، ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمنى لايىقىدا ئوقۇپ، شۇ ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەختلىك بولغان ساھابىلەرنىڭ ئىزىدىن ماڭغىلى نېسىپ قىلسۇن. قۇرئان كەرىمنى ئۆگىنىشتە، ساھابەلەرگە ئوخشاشلا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەپچە تېكىستىنى ئۆگىنىشتىن بەكراق ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىنىپ ھاياتىمىزدا تەدبىقلاش نىيىتى بىلەن ئوقۇيدىغان، ئاندىن باشقا ئايەتلەرنى ئۆگىنىشكە تۇتۇش قىلىدىغان روھنى بىزگىمۇ ئاتا قىلسۇن! ئامىين!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-8-19 03:34 , Processed in 0.044313 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش