ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 11628|ئىنكاس: 5

شەۋۋال ئېيىدا 6 كۈن روزا تۇتۇشقا تىرىشايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
132
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-5 15:35:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
ئىگىمىز ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يەنە بىر رامىزان ئېينى ئۆتكۈزدۇك ۋە بۇ ئاي بىزگە سەۋرچانلىقنى ئۆگەتتى، ئاچ - توق ياشايدىغان پېقىر - مىسكىنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلەتتى. ئاللاھنىڭ مۇۋۋەق قىلىشى بىلەن نۇرغۇنلىرىمىز روزا تۇتۇش، تەراۋىھ ۋە نەپلە نامازلارنى ئوقۇغاندىن سىرت رامىزاننىڭ تېشىدا قىلالمايدىغان كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋالدۇق (دەپ پەرەز قىلىمەن!).
ئەمدى رامىزاندا ئادەتلەنگەن بۇ ياخشى خىسلەتلەرنى رامىزاندىن كېيىنلا ئۇنتۇپ كەتمەسلىكىمىز، ئەكسىچە پۈتۈن يىل بويىچە، ھەتتا ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىم. چۈنكى بۇ ئۆگەنگەن ۋە ئادەتلەنگەنلىرىمىز رامىزانلىق ئىشلار بولماستىن، مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا داۋاملىق بولۇشقا تىگىشلىك ئىشلاردۇر. جانابى ئاللاھ بىزگە قۇرئان كەرىم نازىل بولغان بۇ مۇبارەك ئاينى تائەت - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشىمىز ۋە ئۇنتۇپ كېتىلىۋاتقان، ئىسىمىزدىن چىقىپ كېتىۋاتقان بەندىچىلىك ۋەزىپىلىرىمىزنى ئىسىمىزگە ئېلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىكەن، بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىمىز، ئۇنى ۋاقىتلىق دەپ چۈشىنىۋالماستىن، ھاياتىمىزدا ئۆزلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز لازىم...
بۇ جۈملىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ : [fly]«كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». [/fly](مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىدىكى تەۋسىيەگە قۇلاپ سېلىپ ئۆتكەن ئاينى روزا بىلەن ئۆتكۈزۈپ ھەم ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرگەن، ھەم ئۆزىمىزدە ياخشى خىسلەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگىنىمىزدەك، بۇ ئايدا 6 كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق پۈتۈن يىلىمىزنى روزا بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكنىڭ ساۋابىنى ئېلىشقا تىرىشايلى...
روزا تۇتۇشتا ئارقىمۇ ئارقىدىن تۇتساقمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يول كۆرسىتىش بويىچە مېڭىپ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتساقمۇ بولىدۇ...
ئاللاھ قۇبۇل قىلسۇن!
جانابى ئاللاھ بىزگە رامىزاندا قولغا كەلتۈرگەن پەزىلەتلەرنى پۈتۈن ئۆمرىمىزدە قولدىن بەرمەيدىغان ئاڭ، شۇئۇر ئاتا قىلسۇن! مۇسۇلمانغا لايىق ياشاشنى نېسىپ قىلسۇن! بىزنى زالىملار بىلەن سىنىمىسۇن، قىز - ئاياللىرىمىز بىلەن ئىمتىھان قىلمىسۇن! ئۆزىنى داۋاملىق ئەسلەش، داۋاملىق بەندىچىلىك قىلىش، بەرگەن نېمەتلىرىگە ئەڭ ياخشى رەۋىشتە بەندىچىلىك قىلىش ئارقىلىق تەشەككۈر بىلدۈرۈشنى بىزگە مۇيەسسەر قىلسۇن! ئامىين!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-16 15:44:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
بۈگۈن شەۋۋال ئېيىنىڭ 8-كۈنى. يەنى بۇ ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئۆتۈپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئاي ئىچىدە 6 كۈن روزا تۇتساق، پۈتۈن يىلنى روزا بىلەن ئۆتكۈزگەننىڭ ساۋابىنى ئالىدىغانلىقىمىزنى خوش خەۋەر بەرگەن. دېمەك ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇشقا تىرىشماقچى بولساق، ئاي ئاخىرىغىچىلىك ئاران تۇتۇپ بولالايمىز. شۇڭا بۇ ھەقتە 2008- يىلى يوللىغان  ئۆز تېمامغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق يۇرۇتۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇ ھەقتىكى ھەدىس:

«كىمكى رامزان روزىسىنى تۇتۇپ بولۇپ ئارقىسىدىن شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتسا زاماندىن زامانغا روزا تۇتقانغا ئوخشاش بولىدۇ». (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) دېگەن ھەدىسىدىكى تەۋسىيەگە قۇلاپ سېلىپ ئۆتكەن ئاينى روزا بىلەن ئۆتكۈزۈپ ھەم ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرگەن، ھەم ئۆزىمىزدە ياخشى خىسلەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگىنىمىزدەك، بۇ ئايدا 6 كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق پۈتۈن يىلىمىزنى روزا بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكنىڭ ساۋابىنى ئېلىشقا تىرىشايلى...
روزا تۇتۇشتا ئارقىمۇ ئارقىدىن تۇتساقمۇ بولىدۇ. ياكى بولمىسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يول كۆرسىتىش بويىچە مېڭىپ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى تۇتساقمۇ بولىدۇ...
ئاللاھ قۇبۇل قىلسۇن

پىشقەدەم ئەزا

ئاللاھنىڭ قۇلى

يوللىغان ۋاقتى 2010-9-18 14:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن مەنمۇ ئەتە باشلايمەن ئۆگۈن باشلايمەن دەپ بۈگۈنگىچە باشلىياممىغان ئىدىم
ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۈگۈن باشلىۋالدىم
ئاللاھ بىردۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 23:25:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەۋۋل  ئېيى دىگەن  قانچىنچى  ئاي ؟  بولسا  12 ئاينىڭ ئەرەپچە  ئاتىلىشىنى  يوللاپ  قويغان  بولسىڭىز ؟ رەھمەت

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 23:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەدە كورگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىدىم ،مەندە بار ئىدى ، ئىزدەپ باقاي ھە؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 00:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akarakash يوللىغان ۋاقتى  2010-9-16 15:44
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
بۈگۈن شەۋۋال ئېيىنى ...

بۇيىل قانچىنچى ئايدا كېلەر؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-11-17 15:33 , Processed in 0.039031 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش