ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: xushalliq

ئاياللارنىڭ يۈزىنى چۈمپەردىلەشنىڭ ھاجىتى يوق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 00:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم بارلىق مۇنبەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار مەن بۇرۇن بىر كىرىپ تۇيۇپ كەتكەن بۇ مۇنبەرگە ئۇششاق موللىنىڭ چالا موللىنىڭ تولىلىغىدىن. خەزىنەتۇل كۇبرا دىگەن كىتاپ بىلەن بۇ مۇنبەردە سوپى پىرقىسى كۆپكەن دەپ مۇنازىرىگە قاتناشماس بولغانتىم قارىسام ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئىش ئۈستىدە مۇنازىرە بۇلۇپتۇ شۇڭا تىل ئاھانەت ئاڭلىساممۇ قاتنىشاي دەپ ئاچچىغىمدا قاتناشتىم.  نەچچە تەقۋا بۇرادىرىمىز باركەن شۇلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.  رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇندەق دىگەن پىتنىنىڭ دەرۋازىسى ئاياللار دەپ شۇڭا ئاياللار توغۇرلۇق ھەدىس ۋە ئايەتلەر بار بۇرادەرلەر ئىككى كۆز ئۇچۇق قالسىمۇ بولمايدىغان دەرىجىدە بۇلىشى كېرەك. ئاددى مەنىدىن ئېيىتقاندا  چۇنچى ئىككى كۆز قەلىبنىڭ ئەينىكى ئىككى كۆز بىلەن ھېسىياتلار پەيدا بۇلىدۇ .   گەپنى قىسقا قىلسام ئىسلام دۆلىتىدىن باشقا دۆلەت ھىجاپقا قارشى. بىزنىڭ دىيارىمىزدۇ شۇنداق ساقال خۇددى يادىرو بومبىسىدەك دىن سىرتىدىكى كىشىلەرگە سەت كۈرىنىدۇ . ھىجاپمۇ شۇنداق ...   مەن قىسقىلا سۆز قىلاي   مەككىدىكلەردىن دىن توغۇرلۇق سۆز ئېچىش تەس بۇلۇپ قالدى بىر قىسىم تەقۋالاردىن سىرت....  ئۇلارنىڭ قانۇنى ئىسلام قانۇنىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەچكە شۇ يەرلىك تەقۋالار ئىمام بۇلۇشقا رازى ئەمەس دەپ ئاڭلىدىم . ھەم يەھۇدى ناسارالارنى ئەرەپ يېرىم ئاراللىرىغا مەككىگە ئەرەبلەر تەكلىپ بىلەن ئەكىرىۋاتسا ئۇندا ساقچى يۇغان قوساق ئەرەبلەردىن دىن توغۇرلۇق سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش.  تەقۋالار ياپسۇن  لەكۋالار ئۇچۇق قويسا يات ئەرلەر ئۇلارغا قاراپ غەيرى خىياللاردا ۋە بۇزۇلغان ئويلاردا بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى ... ئابۇمۇنىرە قېرىندىشىم..  مۇنبەردىكىلەرنىڭ چىرايىنى يېشىنى  بىلمىگەچكە ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش قىيىن شۇڭا مەن بۇ مۇنبەرگە كىرمەسللىككە چىقىپ كەتكەن بۇگۈن يەنە چۈگلەپ نىمە پاراڭلار بولغاندۇ دەپ كەلگەن كەلسەم مۇشۇ ئىشلار بۇلۇپتۇ . تەقۋا مۆئمىن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىزگە.  مەن بويتاق ئەگەر توي قىلسام پۈتۈن ياپقۇزىمەن ئايالىمنى.  ياۋۇز كۆزلەر شەھۋانى كۆزلەر يامان كۆزلەرنىڭ ئايالىمغا قارىشىغا ۋىجدانىم چىدىمايدۇ .... خوش بۇرادەرلەر ئاللاھقا ئامانەت

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 00:21:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن قېرىنداشلار!
بۇ ئالىملار ئوتىرسىدا بولغان ئىختىلاپى مەسىىلە ئىكەن ھەر ئىككى مەسىلىنىڭ دەلىلى باركەن بولسا ئىختىلاپ قىلماي ئاياللىرمىزنىڭ يۇزىنى يۆگىۋالساق چۇنكى بۇ پىتنە زامانىدا يۇزىنى يۆگەشنىڭ دەلىلى كۇچلۈك چىقىدۇ ، ئاياللارنىڭ كىيىملىرى كۇندىن كۇنگە قىسقىرۋاتىدۇ يۇزىنى يۆگىمەسلىكنى بەك تەشەببۇس قىلمايلى ۋىجدان ، غورورى ، كۇندەشلىكى بار يىگىت ئايالىنىڭ يۇزىنى يۆگىسۇن دەلىلىنىمۇ ئەبۇ مۇنىرە قېرىندىشىمىز دەپ بوپتۇ دىيىشنىڭ ھاجىتى يوق ، باشقىلارغا ئايالىم چىريلىق دەپ كۆز - كۆز ( كۇۋاڭگو ) قىلدىغانلار ئايالىڭلارنىڭ يۇزىنى يۆگىمەڭلار بۇ سىلەرنىڭ غورورىڭلىغا باغلىق بىز ئىلىم ئەھلىلىرى ئاياللىرمىزنىڭ يۇزىنى دوقمۇشتىكى دوكاندەك ئاشكارە قىلىپ ماڭساق بۇ پىتنە زامانىسىدا دىن ئىلمىدىن خەۋەرسىز قالغانلار ئەھلى ئىلمىنىڭ ئايالىنى كۆرۇپ ئۇ يۇزىنى ئاچقان يەردە مەن مەيدەمنى ئېچىپ ماڭسام بولغۇدەك دەپ ئىبرەت ئېلىشنىڭ ئەكىسچە ئىش قىلمامدۇ ، مەن بىر مىسال ئالسام مەن ئايالىمنى سىرتقا ئاچىقسام يۇزىنىغۇ يۆگەيدۇ ھەتتا قولىغىمۇ پەلەي كىرگۇزەتتىم  مەھەللىدىكى ئاياللارغا پايدىسى خېلى كۆپ بۇلۇپ مانا ھازىر مەھەللەمدە 6-7 ئايال سىرتقا چىقسا يۇزىنى يۆگەپ چىقىدۇ ،ھەممە ئاياللارغا ئاللاھ ھىدايەت ئاتا قىلىپ يۇزىنى يۆگەيدىغان ئاياللارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيشىگە دۇئا قىلايلى قېرىنداشلار چۇنكى سىلەرمۇ ئىلىم ئەھلى پەيغەمبىرمىز بىرھەدىسىدا مەن ئۇممىتىمگە ئاياللاردىنمۇ بەكراق پىتنە بولدىغان نەرسىنى قويۇپ كەتمىدىم دىدى ئەمەسمۇ! يەنە بىر ھەدىستا بەنى ئىسرائىلنىڭ پىتنىسنىڭ ئەۋىلى ئايال كىشدىن باشلانغان دىگەن ھەدىس بار ،شۇنىڭ ئۈچۇن قېرىنداشلار يۇزىنى يۆگيدىغان ئايالنىڭ كۆپىيشى ئۈچۇن بۇ پىتنىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئەركەكنىڭ مەجبۇرىتى شۇڭا ئەركەك بولغان ئىكەنمىز ئايالىمىزغا باشقىلارنىڭ نەزەر قىلىپ كۆز تاشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئاياللىرمىزنىڭ يۇزىنى يۆگىۋالارلى .

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 01:20:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20-قەۋەتabdukerimنىڭ2010-12-09 00:01يازمىسىغا نەقىل؛  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم بارلىق مۇنبەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار مەن بۇرۇن بىر كىرىپ تۇيۇپ كەتكەن بۇ مۇنبەرگە ئۇششاق موللىنىڭ چالا موللىنىڭ تولىلىغىدىن. خەزىنەتۇل كۇبرا دىگەن كىتاپ بىلەن بۇ مۇنبەردە سوپى پىرقىسى كۆپكەن دەپ مۇنازىرىگە قاتناشماس بولغانتىم قارىسام ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ئىش ئۈستىدە مۇنازىرە بۇلۇپتۇ شۇڭا تىل ئاھانەت ئاڭلىساممۇ قاتنىشاي دەپ ئاچچىغىمدا قاتناشتىم.  نەچچە تەقۋا بۇرادىرىمىز باركەن شۇلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.  رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇندەق دىگەن پىتنىنىڭ دەرۋازىسى ئاياللار دەپ شۇڭا ئاياللار توغۇرلۇق ھەدىس ۋە ئايەتلەر بار بۇرادەرلەر ئىككى كۆز ئۇچۇق قالسىمۇ بولمايدىغان دەرىجىدە بۇلىشى كېرەك. ئاددى مەنىدىن ئېيىتقاندا  چۇنچى ئىككى كۆز قەلىبنىڭ ئەينىكى ئىككى كۆز بىلەن ھېسىياتلار پەيدا بۇلىدۇ .   گەپنى قىسقا قىلسام ئىسلام دۆلىتىدىن باشقا دۆلەت ھىجاپقا قارشى. بىزنىڭ دىيارىمىزدۇ شۇنداق ساقال خۇددى يادىرو بومبىسىدەك دىن سىرتىدىكى كىشىلەرگە سەت كۈرىنىدۇ . ھىجاپمۇ شۇنداق ...   مەن قىسقىلا سۆز قىلاي   مەككىدىكلەردىن دىن توغۇرلۇق سۆز ئېچىش تەس بۇلۇپ قالدى بىر قىسىم تەقۋالاردىن سىرت....  ئۇلارنىڭ قانۇنى ئىسلام قانۇنىدىن ئۆزگىرىپ كەتكەچكە شۇ يەرلىك تەقۋالار ئىمام بۇلۇشقا رازى ئەمەس دەپ ئاڭلىدىم . ھەم يەھۇدى ناسارالارنى ئەرەپ يېرىم ئاراللىرىغا مەككىگە ئەرەبلەر تەكلىپ بىلەن ئەكىرىۋاتسا ئۇندا ساقچى يۇغان قوساق ئەرەبلەردىن دىن توغۇرلۇق سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش.  تەقۋالار ياپسۇن  لەكۋالار ئۇچۇق قويسا يات ئەرلەر ئۇلارغا قاراپ غەيرى خىياللاردا ۋە بۇزۇلغان ئويلاردا بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى ... ئابۇمۇنىرە قېرىندىشىم..  مۇنبەردىكىلەرنىڭ چىرايىنى يېشىنى  بىلمىگەچكە ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلىشىش قىيىن شۇڭا مەن بۇ مۇنبەرگە كىرمەسللىككە چىقىپ كەتكەن بۇگۈن يەنە چۈگلەپ نىمە پاراڭلار بولغاندۇ دەپ كەلگەن كەلسەم مۇشۇ ئىشلار بۇلۇپتۇ . تەقۋا مۆئمىن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن سىزگە.  مەن بويتاق ئەگەر توي قىلسام پۈتۈن ياپقۇزىمەن ئايالىمنى.  ياۋۇز كۆزلەر شەھۋانى كۆزلەر يامان كۆزلەرنىڭ ئايالىمغا قارىشىغا ۋىجدانىم چىدىمايدۇ .... خوش بۇرادەرلەر ئاللاھقا ئامانەت

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم!
ئىپدىلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ!
بۇ مۇنبەر مەسىلىلەرنى ئىلمىي ئۇسلۇب بىلەن مۇنازىرە قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ، مەسىلىلەرنى ئىلمىيلىكتىن چىقىرىۋېتىدىغان سىزگە ئوخشاش قېرىنداشلىرىمىزدۇر! مەسىلەنگە ئېلىپ ئېيتساق بۇ مۇنازىرىنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولغان مەن ياكى باشقا باشقۇرغۇچىلار ئەمەس، ئەكسىچە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئەرەبىستاندا چىققان بىر بىر گېزىتتىن تەرجىمە قىلىنىپ يوللانغان بىر خەۋەرنىڭ جەمىئىيىتىمىزگە مەس كېلىپ كەلمەيدىغانلىقى، بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئىلمىيلىك بىلەن مۇنازىرىلىشىپ مۇنازىرىلىشەلمەيدىغانلىقىمىز ھېساپقا ئېلىنماستىن يوللاپ قويغانلىقى سەۋەپ بولدى... شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا قەدەر يېزىلغان ئىنكاسلارغا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز -بىر قىسىم ئىنكاسلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا-ئاساسەن ئىمىيلىك ساقلاپ قېلىنىشىتقا تىرىشىلغان ئىدى، ئەمما سىز ۋە سىزدىن كېيىن ئىنكاس يازغان قېرىندىشىمىزنىڭ ئىنكاسلىرى مۇنازىرىنى ئىلمىيلىكتىن چىقىرىۋېتىش ئالدىدا تۇرماقتا...
مۇنازىرە ئىلمىي ئۇسۇلدا داۋاملىشىۋاتقان ئىكەن ھېسسىياتچانلىقنى بىر تەرەپكە تاشلاپ قويۇپ ئىش قىلىمىز! توي قىلغاندا خالىسىڭىز ئايالىڭىزنى باشقىلار كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئۆيدىن پەقەتلا چىقارماڭ! بۇ سىزنىڭ مەسىلىڭىز بولۇپ، مۇھىمى قىلغان ئىشىمىزنى بىلىپ قىلىشمىز ۋە ئۇنى قۇرئان-ھەدىس بىلەن ئىسپاتلاپ چىقىشىڭىزدۇر!
يەنە بىرى مۇنبەرگە خالىسىڭىز كىرىڭ، خالىسىڭىز كىرمەڭ، ئۇ ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئىش! ئەمما مۇنبەر ۋە مۇنبەردىكىلەر ھەققىدە قالايمىقان گەپ قىلماڭ ۋە ئۇنداق ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتمەڭ! خاتالىشىپ قالسىىز! مەسىلە ئىلمىي پېتى قالسۇن!!!

قېرىنداشلىرىمىزغا ئەسكەرتىپ قويىدىغان يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
ھىجاب مەسىلىسى ئاياللارنىلا ئالاقىدار قىلىدىغان مەسىلە بولماستىن ئەرلەرنى ئوخشاش ئالاقىدار قىلىدۇر! نۇر سۈرىسىنى ئېچىپ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى ئوقۇپ كۆرسىڭىز كۆرىسىزكى، ئەمر ئاۋال ئەرلەرگە ئاندىن ئاياللارغا بېرىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىنى ئاياللارغىلا يۈكلەپ قويۇپ، ئەرلەر ئۆزى چاغلاپ ھەرىكەت قىلسا بولاۋېرىدىغاندەك ئويلاپ قالماسلىق لازىم!!! ئەپسۇسكى بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە ھەممە گۇناھ قىز - ئاياللىرىمىزغا يۈكلىنىدۇ، ئەمما ئوخشاش ئىشلارنى ئەرلەر قىلسا، «ئوغۇل بالىلىق»  ھېساپلىنىدىغان ئاڭ ھاسىل بولۇپ قالغان...

ئاخىرىدا بۇ تېمىغا ئىنكاس يوللىماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ باشقا قېرىنداشلىرى ھەققىدە مەنفى شۇنداقلا خەتەرلىك ئىپادىلەرنى قوللانماسلىقىنى، بىلسە ئىلمىيلىكنى ئاساس قىلىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، بىلمىسە سۇكۇت قىلىشنى بىلىشىنى ۋە بۇنىڭ مۇسۇلمانغا يارىشىدىغان ئەخلاقلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمەن!ئاللاھنىڭ سالامى توغرا يولغا ئەگەشكەلەرگە بولسۇن!

ئالتۇن ئەزا

سەن ئاللاھىمسەن

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 05:24:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
18-قەۋەتqutluqنىڭ2010-12-08 18:16يازمىسىغا نەقىل؛ :

===============
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
سالام بىلەن سۆز باشلاپ ئېغىر گەپ قىلىش ئارتۇقچە ئىدى. ئەمما، باشتىلا تەكەببۇرلارچە كىنايە گەپنى قىستۇرغىنىڭىزغا ئازراق قوشۇمچە قىلاي.
پەرز مەسىلىسىنى دەپ ئۆتكىنىمدەك، سىزدەك قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش ئۇسۇلى بىلەن شەرىئەت ئىچىگە قوشۇۋېلىش قولىڭىزدىن كەلمەيدىغان زور ئىش.
.......
تەكەببۇرلارچە گەپنى ئۈزىڭىز باشتا باشلاپ قالدىڭىز بۇرادەر.تەرجىمەقىلالايدىغان تۇرۇغلۇق ئىشارەت قىلىنغان دەلىللەرنى مۇلاھىزە قىلماي،بىلمەس بۇلىۋېلىپ .تەرجىمەمىدىن سىناق ئالماقچى بولغانلىقىڭىز ئۈچۆن ،سەئۇدى ساقچىسىغاتەقلىدچىلىك دۇمبىقىنى چالغانلىقىڭىز ئۈچۆن ،سۈننەتكە ئەمەل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىغىنى گۇڭگائىنكاسىڭىزئارقىلىق دارىتمىلىغىنىڭىزئۈچۆن.شۇنداق ئىبارىلەرنى قوللىنىشقامەجبۇربۇلۇپ قالدىم.بىلسىمۇئەتەي
بىلمەس بۇلىۋېلىپ
ئىلمىيلىكنىڭ ئورنىغا پۇتاق چىقارماقچى بۇلىۋالغانلارنى بىلمەيدىغانلارغائىبرەت قىلىش ئۈچۆن شۇنداق ئىبارىلەرنى قوللىنىشمۇخاتا ئەمەس،
سىزئالدى بىلەن باشقىلارغاتەكەببۇرلۇق قالپىغىنى كەيگۈزىشتىن بۇرۇن سۈننەتنى كۆزگەئىلماسلىقنىڭ قانچىلىك تەكەببۇرلۇق ئىكەنلىگىنى بىلىشىڭىز كىرەكتى،
سىزئالدى بىلەن يۈزنى يېپىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق ئارتۇق ئىشلىغىنى ياكى ئاتالمىش سۈننەت ۋەياكى مۇستەھەبلىكىنى دەلىل ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كىيىنمۇ ئىنكاس يازسىڭىز كىچىككەن بولمايسىز،بىلىشىڭىز كىرەككى تەرجىمە ساھەسىدە بەك بىلمىسەممۇ ئاللاھنىڭ بىلدۈرگىنى بار،ۋاقىت قىسلىقىدىن
تەپسىلى تەرجىمە قىلپ بۇلالمىدىم،يەنەكىلىپ بىزنىڭ بۇدىياردا يۈزنى يېپىشقا تەرجىمە ئىلمىدىن خالى قېرىنداشلىرىمىزمۇ يۈزنى يېپىشنىڭ دىنىمىزداپەرزئىكەنلىكىگە شەك قىلمايدۇ ،يۈزنى يېپىشنىڭ ئارتۇق ئىش ئىكەنلىگىنى سىزگەئوخشاش. ساقچى ئاكىللىرىنى ئۆرنەك قىلىدىغان،ئايەت ،ۋەساغلام ھەدىسنى
دەلىل قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇجادىلە قىلشقا ئاران تۇرىدىغان تەقلىدچىلەردىن باشقىسى دەۋا قىلمايدۇ،
ئادىل بولسىڭىز مىنىڭ ئىنكاسىمنى ئەمەس بەلكى باش تىمىنى دەلىل بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشىڭ .ئەگەرئىسپاتلىيالمىسىڭز كۈنىمىزدىكى
موللىچاقلارنى ياردەمگەچاقىرىڭ!ماۋۇئايەتنى سەگەك چېغېڭىزدا بىرقانچە قېتىم ئۇقۇپ چىقىڭ!«ئۇلاردىن(يەنى)ئۇئاياللاردىن بىرەرنەرسە سورساڭلار
ھىجابنىڭ ئارقىسىدىن سۇراڭلارئەنەشۇنداق قىلىش قەلىبلىرىڭلارنى پاكلايدۇ»ئەھزاب سۈرىسى 53ئايەت
يەنە ماۋۇ ھەدىسنىمۇ شەرھ شۇرھىللىرىنى قۇشۇپ ياخشى تەھلىل قىلىڭ !مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە «ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!»
تۆھمەتكە ئۇچراش ۋەقەسىنى ئەسلەپ مۇداق دەيدۇ:سەپۋان بىننى مۇئەتتەلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۇزۇمنى يېپىۋالدىم .ئۇ مىنى ھىجابلىنىش پەرز بۇلۇشتىن
بۇرۇن كۆرگەنتى»بۇخارى رىۋايەت قىلغان 32باب 3910-ھەدىسنىڭ بىرقىسمى، پەيغەمبىرىمىز«ئاللاھ ئۇنىڭغارەھمەت قىلسۇن ۋەخاتىرجەم قىلسۇن»
ئەينى چاغدا ئائىشە ئانىمىزغا نىمىشقا سەپۋاندىن يۈزىڭىزنى يېپۋالدىڭىز يۈزىنى يېپىش قىلچە ھاجىتى يوق بىر ئىشتى ،ئايەتتىكى «ھىجاپ»يۈزنى ئۆزئىچىگەئالمايتتى ئاشۇرۋېتىپسىز ،
دىققەت قىلىڭ .دەپ تەنبىھ بەرگەن بۇلاتتى ، ئەبۇبەكرقىزى ئەسمادىن «ئاللاھ ئۇئىككىسىدىن رازى بولسۇن.»ھەدىس رىۋايەت قىلىنىپ ئۇمۇنداق دەيدۇبىزيات ئەرلەردىن يۆزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق،ۋەئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىھرامدا چاچ تارايتتۇق)ئىسنادى سەھىھ ھاكىم ھەدىس توپلىمىدانەقىل قىلغان.
ئىزاھات:بىزيات ئەرلەردىن يۆزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق،)يۆزىنى ياپقۇچى پەقەت ئەسماخانىم بولماستىن باشقا ئاياللارنىڭمۇ يۆزىنى ياپىدىغانلىقى مەلۇم،
بۇمۇ ھەم ھىجابنىڭ ئەمەلىيەتتىكى تەپسىرى.
يۈزىنى يېپىش قىلچە ھاجىتى يوق ھەركەت بولسائىدى نەچچە مىڭلىغان ساھابىلار مۇشۇ يۈزىنى يېپىۋالغان خانىملارغا ھاۋانىڭ ئىسسىقىدا
قىلچە ھاجىتى بولمىغان بىرئىشنى قىلىپ ئۈزۆڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار دەپ تەنبىھ بەرگەن بۇلاتتى،چۈنكى ئەشۇ ساھابىلار بۇيرىلمىغان ئىشلارنى قىلغانلارنى
كۆرگەندە ھەركىتى ئارقىلىق چەكلەشنى ئۈزىنىڭ تەرك ئەتمەس ئادىتى قىلۋالغانتى،

ئاللاھ خالىسا پات ئارىدائاياللارنىڭ يۈزنى يۆگىشىنىڭ ۋاجىبلىقىغا20-دەلىلنى ئاز-ئازدىن تەرجىمە قىلىپ چىقىمەن،
تامام.

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 11:22:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
يازغانلىرىڭىز ماڭا تولىمۇ تەسىر قىلدى،ئاللاھ رەھمەت قىلغاي ...

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 16:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئۆزىگىزگە قاراپراق گەپ قىلىڭ مۇنبەر جوداغا ئايلىنىپ كەتمىسۇن ... بۇرۇن بىلگەن بىلىملىكلەر سۆزلىسۇن بىلمىگەنلەر سۇئال سورىسۇن پەرىۋا بەرمىسۇن دىن خاتا تەشۋىق بۇلۇپ قالىدۇ دىسەم مۇنبەر دىگەننى مۇشۇنداق مۇنازىرە بۇلىدۇ دەپ چىققان ئۆزىگىز سىزنىڭ ئىلمىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.  شۇڭا سىز بىلەن دەتالاش قىلغىم يوق مىنىڭمۇ كۆپ بىلىمىم يوق ئەمما بىلىپ قۇيۇڭكى مەن ئاغزىمدىن چىققان گەپكە سەھىھ ھەدىسلەردىن كۆرۈپ ئوقۇپ ئاندىن سۆزلەيمەن .  خالىغانچە ۋالاقلاپ چۇىدىغان باللا ئەمەس... مىنىڭ ئىسمىمنى مۇنبەردىن ئۈچۈرۋىتىڭ مىنىڭ بۇ مۇنبەرگە ئەمدى كىرگۈم يوق...   سىز مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولغان ئادەم مەسئۇلىيەتچان سەۋىرچان ھەم ئادىللىق بىلەن مۇنبەردىكىلەرنى ئىتتىپاقلىققا ۋە بىرلىككە كەلتۈرمەي ئۆزىڭىزنىڭ ھېسىياتىنىمۇ قۇشۇپ سۆزلەيدىكەنسىز    كىچىك بالا ھەق سۆزلىسە چوڭ ئادەم ئاڭلىسا ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۇنى كىچىك بالا دىمەستىن ئاڭلاش كېرەك.  بۇ دىن شۇنداق چىرايى سەت، پاكا كچىك بالا، گاداي، نامرات دىمەسدىن كىم ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ( س ئە ۋ ) سۆزىنى توغرا يەتكۈزەلىسە شۇ توغرا ... مەككە توغۇرلۇق ئازىراق پىشاڭ قۇيۇپسىز بىلىپ قۇيۇڭ مەككىدىكى ئابدۇللاھ دەيدىغان پادىشاھ ئەپەندىم مەككىدە قوللىنىۋاتقان قانۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ( س ئە ۋ ) نىڭ قانۇنى ئەمەس پادىشاھلىق شەخسى ھېسىياتى ۋە مەنپەتىگە لايىق قانۇن پەيغەنبەر شۇنداق قىلساڭلار بۇلىدۇ دەپتىكەنما. كىمكى رەسۇلۇللاھنىڭ ( س ئە ۋ ) نىڭ كۆرسەتكەن يۇلىدىن چىقىپ كىتىدىكەن ئۇنىڭغا كاپىر بۇلىشىدا شەپ شۈبە يوق دەپ ئۇچۇق قار سىياھ بىلەن يېزىلغان سەھىھ كىتاپلار بار ... ئابدۇللاھ ئەپەندىم مەككىگە 50 مىڭ ئامىرىكا ئەسكىرىنى پۇلغا سېتىۋېلىپ پەيغەنبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا يەھۇدى ناسارالار كىمىسۇن ئەگەر بولسا قوغلاپ چىقىرىۋىتىڭلار دەپ ئاڭلىغانما باشقۇرغۇچى ئەپەندىم.  شۇ ئابدۇللاھ ئەكىرۋاتىدۇ دۇنيا ھەپتىلىگى بىلەن جاھاندىكى ئىشلاردا كۆپ بۇ توغۇرلۇق خەۋەرلەر.. سىز مەككىنىلا كۈرۈپ مەككىدىن باشقا يەرلەرنى كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز.... مىنىڭ جىدەللەشكىم يوق ، مەندە ئىسلام توغۇرلۇق ئالى بىلىم يوق ھەم ئۇنداق كۆپ كىتاپمۇ يوق دەلىل كەلتۈرەي دىسەم.    خاپالاشماي ئىتتىپاق ئۈتەيدى مۇسۇلمان قېرىناشلار... مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئەگەر ماڭا پىكرىڭىز بولسا ئىككىمىز ئايرىم پاراڭلىشايلى. مۇنبەر سىزنىڭ قالايمىقان بۇلۇپ كەتمىسۇن.  مەندىن ئۆتكەن خاتالىق بولسا كەچۈرەسىز.  

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 16:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

回 25قەۋەت(abdukerim) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئەسكەرتىش: سىز قالدۇرۇپ قويغان ئۇلىنىش ئادرېسى چىقىرىپ تاشلاندى!
چۈنكى بىز بۇ تېمىدا ئەرەپلەرنى ياخشى يامانلىقىنى ئەمەس يۈز بىلەن قولنى يېپىشنىڭ ھىجابنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ بولمىغانلىقىنى مۇنازىرە قىلىۋاتىمىز!
www.uighurislam.net

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-9 16:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
25-قەۋەتabdukerimنىڭ2010-12-09 16:31يازمىسىغا نەقىل؛  :
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئۆزىگىزگە قاراپراق گەپ قىلىڭ مۇنبەر جوداغا ئايلىنىپ كەتمىسۇن ... بۇرۇن بىلگەن بىلىملىكلەر سۆزلىسۇن بىلمىگەنلەر سۇئال سورىسۇن پەرىۋا بەرمىسۇن دىن خاتا تەشۋىق بۇلۇپ قالىدۇ دىسەم مۇنبەر دىگەننى مۇشۇنداق مۇنازىرە بۇلىدۇ دەپ چىققان ئۆزىگىز سىزنىڭ ئىلمىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.  شۇڭا سىز بىلەن دەتالاش قىلغىم يوق مىنىڭمۇ كۆپ بىلىمىم يوق ئەمما بىلىپ قۇيۇڭكى مەن ئاغزىمدىن چىققان گەپكە سەھىھ ھەدىسلەردىن كۆرۈپ ئوقۇپ ئاندىن سۆزلەيمەن .  خالىغانچە ۋالاقلاپ چۇىدىغان باللا ئەمەس... مىنىڭ ئىسمىمنى مۇنبەردىن ئۈچۈرۋىتىڭ مىنىڭ بۇ مۇنبەرگە ئەمدى كىرگۈم يوق...   سىز مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولغان ئادەم مەسئۇلىيەتچان سەۋىرچان ھەم ئادىللىق بىلەن مۇنبەردىكىلەرنى ئىتتىپاقلىققا ۋە بىرلىككە كەلتۈرمەي ئۆزىڭىزنىڭ ھېسىياتىنىمۇ قۇشۇپ سۆزلەيدىكەنسىز    كىچىك بالا ھەق سۆزلىسە چوڭ ئادەم ئاڭلىسا ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلسە ئۇنى كىچىك بالا دىمەستىن ئاڭلاش كېرەك.  بۇ دىن شۇنداق چىرايى سەت، پاكا كچىك بالا، گاداي، نامرات دىمەسدىن كىم ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ ( س ئە ۋ ) سۆزىنى توغرا يەتكۈزەلىسە شۇ توغرا ... مەككە توغۇرلۇق ئازىراق پىشاڭ قۇيۇپسىز بىلىپ قۇيۇڭ مەككىدىكى ئابدۇللاھ دەيدىغان پادىشاھ ئەپەندىم مەككىدە قوللىنىۋاتقان قانۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ( س ئە ۋ ) نىڭ قانۇنى ئەمەس پادىشاھلىق شەخسى ھېسىياتى ۋە مەنپەتىگە لايىق قانۇن پەيغەنبەر شۇنداق قىلساڭلار بۇلىدۇ دەپتىكەنما. كىمكى رەسۇلۇللاھنىڭ ( س ئە ۋ ) نىڭ كۆرسەتكەن يۇلىدىن چىقىپ كىتىدىكەن ئۇنىڭغا كاپىر بۇلىشىدا شەپ شۈبە يوق دەپ ئۇچۇق قار سىياھ بىلەن يېزىلغان سەھىھ كىتاپلار بار ... ئابدۇللاھ ئەپەندىم مەككىگە 50 مىڭ ئامىرىكا ئەسكىرىنى پۇلغا سېتىۋېلىپ پەيغەنبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا يەھۇدى ناسارالار كىمىسۇن ئەگەر بولسا قوغلاپ چىقىرىۋىتىڭلار دەپ ئاڭلىغانما باشقۇرغۇچى ئەپەندىم.  شۇ ئابدۇللاھ ئەكىرۋاتىدۇ دۇنيا ھەپتىلىگى بىلەن جاھاندىكى ئىشلاردا كۆپ بۇ توغۇرلۇق خەۋەرلەر.. سىز مەككىنىلا كۈرۈپ مەككىدىن باشقا يەرلەرنى كۆرمەي قالغان ئوخشايسىز.... مىنىڭ جىدەللەشكىم يوق ، مەندە ئىسلام توغۇرلۇق ئالى بىلىم يوق ھەم ئۇنداق كۆپ كىتاپمۇ يوق دەلىل كەلتۈرەي دىسەم.    خاپالاشماي ئىتتىپاق ئۈتەيدى مۇسۇلمان قېرىناشلار... مۇنبەر باشقۇرغۇچى ئەگەر ماڭا پىكرىڭىز بولسا ئىككىمىز ئايرىم پاراڭلىشايلى. مۇنبەر سىزنىڭ قالايمىقان بۇلۇپ كەتمىسۇن.  مەندىن ئۆتكەن خاتالىق بولسا كەچۈرەسىز.  

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام abdukerim قېرىندىشىم!
سىز ئۆزىڭىزنى بىسىۋېلىپ بۇرۇن يازغان ئىنكاسىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن مەن يازغان ئىنكاسنى يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىڭ! شۇ ۋاختىدا كىمنىڭ ئېغىر بېسىق ھەرىكەت قىلغانلىقىنى، كىمنىڭ تەتۈر گەپلەرنى قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز...
سىزنىڭ باشقا پىكىرلىرىڭىز ھەققىدە ھازىرچە توختىلىشنى خالىمايمەن. ئەمما سىزگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى مۇنازىرىنىڭ ماۋزۇسى «ئاياللارنىڭ يۈزىنى چۈمپەردىلەشنىڭ ھاجىتى يوق» بولغاندىكىن يازماقچى بولغان ئىنكاسلارمۇ مۇشۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى كېرەك!
بىز بۇ مۇنبەردە ئەرەبىستاننىڭ قۇرئانغا ئاساسەن باشقۇرۇلۇپ باشقۇرۇلمىغانلىقىنى ياكى پادىشاھىنىڭ ياخشى يامانلىقىنى، ئەرەپلەرنىڭ چاكىنىلىقىنى ياكى ئەخلاقلىق ئىكەنلىكىنى... مۇنازىرە قىلمايۋاتىمىز! توغرا، مېنىڭ يۇقىرىدا كەئبىنىڭ ئىمامىنى «جاللات» دەپ سۈپەتلىگەن قېرىندىشىمغا رەددىيە بەردىم! مەن ھازىرمۇ بۇ گېپىمنىڭ ئارقىسىدا تۇرىمەن! نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىمنى سورىسىڭىز، يۇقىرىدىكى يازمىلىرىمنى تەفسىلى ئوقۇپ چىقسىڭىز جاۋابىنى بىلىۋالالايسىز!

مۇنبەرگە كەلسەك يۇقىرىدا يازغانلىرىم يەنە كۈچكە ئىگە:
«مۇنبەرگە خالىسىڭىز كىرىڭ، خالىسىڭىز كىرمەڭ، ئۇ ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئىش! ئەمما مۇنبەر ۋە مۇنبەردىكىلەر ھەققىدە قالايمىقان گەپ قىلماڭ ۋە ئۇنداق ئالدىراپ ھۆكۈم چىقىرىۋەتمەڭ! خاتالىشىپ قالسىىز!» زادى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىمەن دېسىڭىز، ئۇنى مۇناسىۋەتلىك قېرىنداشلار بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ!

مېنىڭ ھېچبىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمغا شەخسى پىكرىم بولمىغىنىدەك سىزگىمۇ شەخسى پىكرىم يوق! ئەمما مەن پۈتۈن قېرىنداشلىرىمدىن باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشلىرىنى، بىر نەرسە يازغاندا ئىملاسىغا ۋە قوللانغان ئىپادىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشلىرىنى، مەلۇم بىر مەسىلدە ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تېمىنى مۇناسىۋەتسىز باشقا ياقلارغا ئېلىپ كەتمەسلىكلىرىنى، دىنى مەسىلىلەردە مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا بىلسە دەلىل بىلەن سۆزلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشلىرىنى، بىلمىسە سۇكۇت قىلىپ تۇرۇشلىرىنى، دىنى ھۆكۈملەرنى ھېسسىياتقا تايىنىپ ئەمەس، قۇرئان-ھەدىسقا تايىنىپ چىقىرىشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن. بۇ تەۋسىيەلەر مەن، سىز ۋە باشقا بارلىق قېرىنداشلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە!
ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ!

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 17:57:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:قېرىنداشلار يۇقارقى مەسلەبۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئالىملارمۇ ۋە ھازىرمۇ ئىختىلاپلاشقان مەسلە ئىكەنلىكى ھەمىيلەنگە ئېنىق بولدى.ھەممىسىنىڭ ئۇزىگە مۇناسىپ دەلىلى بارلىقى ئېنىق بولدى.شۇنداق ئىكەن ئىختىلاپلاشمايلى تالاش تارتىش ياخشى ئاقۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.شوڭا مىنىڭ پىكرىم قۇربى يەتكەنلەر يۈزنى چۈمپەردىلەپ ئورۇنۇپ يۈرسۇن قۇربى يەتمىگەنلەر يۈزى ئۇچۇق ئورۇنۇپ يۈرسۇن.

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 01:41:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:
تېما-ئىنكاسلاردىن چىقىپ تۇرۇپتىكى كۆپىنچىمىزنىڭ دەۋايى بىر،ئەمما بىزنى قۇرۇق جېدەلگە سېلىۋاتقىنى
بىردىن دىنىي سەۋىيىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى،ئىنسان مىجەزىنىڭ ئوخشىماسلىقى،تەقۋالىقنىڭ ئوخشاش
بولماسلىقى...مەن ئىلىم ئەھلى ئەمەسمەن،ئەمما ئۇلاردىن ئاڭلىشىمچە ھەنەفىي مەزھىپى ئەڭ كەڭ يول
تۇتۇپ ماڭغان،باشقا ئۈچ مەزھەپ ئالىمى ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشتا چىڭ تۇرۇپتىكەن،ئەمما ئىمام ئەزەم
ئوچۇق قالسا بولىدۇ دەپپتىكەن،شۇنداقتىمۇ «زامان پىتنىدىن خالىي بولسا» دېگەن شەرتنى قويۇپتىكەن،
بىز ھازىرقى زامانغا قارىساقلا مانا مەن دەپ چىقىدۇ،ئەگەر ئىمام ئەزەم ھازىر بولغان بولسا ئۆزىنى دەلىل
قىلىپ يۈز-قول ئوچۇق تۇرسا بولىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ ياقىسىدىن ئالامدىكىن دەيمەن...
  گەرچە مېنىڭ ئەھلىم يۈزنى ياپمىغان بولسىمۇ مەن رۇخسەت پەتىۋاغا رازى بولغۇچىلاردىن ئەمەس،
قېرىنداشلار،بولدى جېدەللەشمەيلى،بەرىبىر بىر-بىرىمىزنى قايىل قىلالمايمىز،پەقەتلا شەيتاننى خۇش قىلىمىز،
ئا تەرەپ قېرىنداشلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن،ئۇلار ئاللاھنىڭ غەيرىدىن بولغان كىچىككىنە ئىشقىمۇ رازى
بولمىدى،ئۇلار ئاللاھنىڭ«كىمىكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن،ئۇلار كاپىرلاردۇر»دېگەن
ئايىتىگە سادىقلاردۇر،ب تەرەپ قېرىنداشلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن،ئۇلار باشقىلارغا ئالدىراپ باھا بېرىشتىن
ساقلاندى،مۇسۇلماننى خاتا ئەيىپلەپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلدى،ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىدە ئېھتىيات قىلماقلىق
بەكلا زۆرۈر،ئەمما بىرى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن ھۆكۈم قىلسا رازى بولۇش يوق،ئۇنىڭغا رازى بولغان ئادەمدىنمۇ رازى بولۇش يوق،ئەگەر بىرى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى قويۇپ غەيرى ھۆكۈم چىقارسا،ئۇنى توغرا ياكى ئادىل
دەپ چۈشەنگەن ئادەم ئىيمانىدىن چورت جۇدا بولىدۇ،ئۇ ئادەمنى مۇسۇلمان ھېسابلىغۇچىنىڭ ئىمانىغا دەز
كېتىدۇ...ھازىرقى ئىسلام ئالىملىرى ئىچىدە «دېموكراتىك»ئاڭغا ئىگە ئالىملار ئاز ئەمەس،ئۇلار ئىسلامنى
ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىگە چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھۆكۈملەرنى پەردازلىماقتا،ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىزنى كولدۇرلىتىش ئۈچۈن «ئىسلامدا ئاياللارنى كەمسىتىدۇ،كىشىلىك ھوقۇق يوق،تېرورلۇق دىنى...»
دېگەندەك گەپلەر بىلەن جۆيلۈپ قويسا ئۇلارغا ياخشىچاق بولۇپ ئايەت ھەدىسلارنى كەلتۈرۈپ،دىننى
ئاقلىماقچىبولىدۇ،ھەتتا ئۇلارغا مايىللىشىپ خوتۇن قىزلارغا چەكتىن ئاشقان ھوقۇقلارنى بەرمەكچى،ئاللاھنىڭ
دىنىنى ئالىي قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنى ئىسلامدا ئەمەس،باشقا بىر يولدا كۆرسەتمەكچى بولۇشىدۇ
...ئىزدەپ كەلسە باشقىلارغا جۈملىدىن غەيرى دىندىكىلەرگە ياخشىلىق قىلىش،كەڭ قورساق بولۇش،باشقىلارغا
ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك...دېگەندەك ئايەت ھەدىسلار تولا،كىشىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغىنى سەللىنىڭ
چوڭىنى كىيىپ،«قانۇنلۇق»گېربىنى چاپلىۋالغانلار شۇ ئايەت ھەدىسلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىنى،جان
لىرىنى قۇربان قىلىۋاتقان ئىمانىدا سادىق قېرىنداشلىرىمىزغا قارشى قويۇۋاتماقتا...
  بولدىلا...شۇنچىلىك قايناي...

يوللىغان ۋاقتى 2011-1-17 10:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۈرمەتلىك قىرىنداشلىرىم      
kebj2 قىرىندىشىمىز  ھەقىقەتەن  ئاللاھ قا ھەقىقى   مۇھەببىتىبىلەن   سۆزقىلدى .    ئۇسەئۇدىلىقلا  ئىسلامغا   ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.  دۇنيادا بىزنىڭ ئىددىيمىزدىن ئوتمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى  مۇشۇلا باشلاپ بىرۋاتىدۇ.  جەمىئيەتتىكى  نۇرغۇن ئشلار نەدىن  تۇنجى  قەدىمىنى باشلايدۇ دىسە،  بىربىرسىگە  چىرايىنى  ئىچىشىپ يىجىشىپ  كۈلۈپ ، چاقچاقلىشىپ ،نىنى  ئوقوغان قىزلىرمىزمۇ   شەيتاننىڭ مۇشۇئازدۇرشىدىن كىتىپ قىلىپ ئاللاھ قا يۈزكىلەلمەي،  ئولتۇردۇ، بىزنىڭ ئاياللىرمىزمۇ، ‹ئا يۈز ئاۋرات ئامەسكەن › دەپ  چىرايىنى ئىچىپ باشقا لارغا  گەپلىشىپ  مۇڭدىشىپ ، يۈزنى سازايە  قىلىپ يۈسە ، ئاقىۋەت نىمەبولماقچى ، بىزدە غۇرۇر  ،ۋىجدان،يوقما،مەيلىما .ئەۋرەت ئەمەسكەن.يۇرۇپ،     قىسقىسى   ئاياللىرمىز بىلەن بازاغا  چىقساق بەزىلە ئاياللىرمىزغا  يىگىدەك قارايدۇ. نەدە ئۇ  بىرقىتىم قاراپلا باشقايارگە قاراش،  قىرىنداشلار  ھەقىقەتەن، بىز ئاللا نىڭ  رىزارىسنى  ئىزدەپ ، ئاياللىرمىزغا  ھەقىقى ئوراندۇرۇپ ھەممە يەرلىرىنى  ئەتكۈزۇپ، قىلساق  قارايدىغانلار  ،  نەگىمۇقارا  ئۇۋاقىتتا،  ئۇچاغدا   ئاياللىرمىزمۇ  بىزمۇ،  گۇناكاربولمايمىز.  ئاللاھنىڭمۇ   رەھمىتىگە ئىرشەلەيمىز. ئاللاھ      بىزنىڭ ئاياللىرمىزغا  ھەقىقى ئىگە بولالىىغىنىمىزدىن ،  بىزدىن خوش بولىدۇ.       قىرىنداشلار  ئاللاھقا ، سەئۇدىلىق ئۇئالىمنىڭ ئىددىدىن .ئۆتمەيدىغان ،پەتۋالازىم ،ئەمەس، بەندىسنىڭ  ئاللاھقا ئۆزنى ئاتىيالايدىغان  ،  تەۋھىدى،  مۇھەببىتى كىرەك .   قىرىنداشلار،  بىزئاياللىرمىزنى،  بىزبىر ئادەمگىلام چىرايىنى ئاچالايدىغان،    بىزگىلام قاراپ كۈلەلەيدىغان، ئاۋازىنى بىزگىلام چىقىرالايىغان، ۋىجدان ، غورۇر، بىلەن باش قۇرشىمىز كىرەك.                                                       kebj2  ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.قىرىندىشىم.                   ئاللاھ ھەممىڭلاردىن  رازىبولسۇن .
ھسدھسدھسدھسدھسدھ

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-14 13:06:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!مېنىڭ مەزكۇر مۇنبەرگە تۇنجى كىرىشىم.مەقسەت بىلمىگەننى بىلىۋېلىش،خاتا .ئۇقۇم-قاراشلارنى توغىرلىۋېلىش ئىدى.مېنىڭ ئىسلام دىنى ساۋادىم مىڭلىغان،تۈمەنلىگەن قېرىنداشلارغا ئوخشاش پەقەتلا باشلانچۇغ سەۋىيىدە،ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بولىشى مۈمكىن.شۇڭا مەن ئالدى بىلەن سۈكۈت قىلىشنى تاللىدىم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئىلمى ئۇسۇلدا سېلىشتۇرۇپ باقتىم. جەمئىيىتىمىزدە بىلىملىك ئادەملەرنىڭ(دىننى ئۆلىمالارنىڭ) بەكمۇ ئاز بولىشىغا قارىماي، شۇنداق بىر ئىش بەكمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەنكى،ئايرىم ساندىكى مۇكەممەل دىننى ساۋاتقا ئىگە بولمىغان كىشىلەر ئالدىراپ-سالدىراپ ،دەلىل -ئىسپاتسىز ھالدا باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھە دىگەندە قارشى چىقىدۇ، كەمسىتىدۇ،ھاقارەتلەيدۇ.مۇشۇنداق سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنى دىننى ئسلامنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى،ھىمايىچىسى دەپ بىلىدۇ.ھە دىسە ھىسسىياتلىنىپ كېتىدۇ، غەزەپلىنىپ كۆكىرىپ چېكىدىن ئاشقان ئىش-ھەركەتلەردە بولۇشقا تەييار بولغاندەك بولىۋېلىپ،كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسى ئارسىدا بۆلگۈنچىلىك،پىكىر ئىختىلاۋى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مۇشىنداق ئادەملەرنىڭ كەلتۈرگەن بالايىئاپەتلىرى سەۋەپلىك،تارىختىن بۇيان خەلقىمىز نۇرغۇن ئۇۋالچىلىقلارغا قالدى.
قېرىنداشلار بىز ئەسلىدىنلا دەلىل-پاكىتلىرى ئېنىق بولغان مەسىلىلەردە يەنىلا ئورۇنسىز تالىشىپ، شۇ نادان،ھىسسىياتچان ئادەملەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمەيلى.
چۈشىنىشىمچە، مەزكۇر مۇنبەرنى قۇرغۇچىلارمۇ ھەرگىزمۇ شەخسى مەنپەئەت ئۈچۈن ئەمەس،خالىس يول بىلەن ساۋاپلىق ئىزدەپ،نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ مۇشۇ مۇنبەرنى قۇرۇپ چىقىپتۇ(سىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى بولسۇن!ئەجرىڭلار يەردە قالمىسۇن! )بۇ پۈتۈنلەي خەلقىمىز ئۈچۈندۇر!ئىلمى مۇنازىرە مۇسۇلمانغا لايىقتۇر،ياخشى بولغان مۇنازىرە بىز ئۈچۈن تېتىملىق روھى ئوزۇقتۇر!بىلسەك مۇشنداق ئىلمى سورۇنلارنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدىن سۆيۈنەيلى،ئۇنى قوللايلى،ئاسرايلى،بېيىتايلى!ھەرگىزمۇ زەھەرخەندىلەرچە بوغۇپ،ئوجۇقتۇرۋېتىشكە،بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىپ يوقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنمايلى.
ھەممەيلەنگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

باشلانغۇچتىكى ئەزا

رەسۇلۇللەنىڭ ۋە

يوللىغان ۋاقتى 2011-3-22 11:24:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەئۇدي ئەقلىنى يۇقاتقىلى تۇرۇپتۇ

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 15:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2010-12-8 22:19
يۇقۇرقى مۇنازىرىدن بىزگە نېمىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى ھېس  ...

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم سىلەرنىڭ ئۇلۇغ دىنىمىز ۋە ئاياللىرىمىز توغرىسىدا باش قاتتۇرغىنىڭلارغا ئىنشائاللا....بىراق سېسىق گەپ،بىربىرنىڭ پىكرىنى تەپەككۇر قىلىپ ئويلانماستىنلا تالاش-تارتىشىش قىلىش.....مانا بۇ ئىشلار سەۋەپلىك ئىتىپاقلىق،ئۆملۈك يوقاپ ھەركىم ئۆزىنىڭ دىگىنىنى دىگەن،قىلغىنى قىلغان بولۇپ كىتىۋاتىدۇ.چۇقۇم ئىككى ئادەمنىڭ بىرىنىڭ گىپى بەكرەك ياكى چۇقۇم توغرا بولىدۇ....لىكىن يول قويماي،قايىل بولماي قىسقىسى ئۇتۇرمايمەن دەپ زىدىيەت ئۇرۇقى بىخلىنىپ،چوڭ ئىشلارغا دەخلى يىتىپ قالىدۇ!ھەي.....ئاللا بىزنىڭ قەلبىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل،قېرىنداشلىقىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قىلغاي...شۈكرى.

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-31 23:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۆزبىلەن قول نۇقۇل ئەۋرەت نوقىسىدىن ئەمەس بەلكى قەلىبنى پاكلاش نوقتىسىدىن ھىجاب دائىرىسىگە كىرىدۇ،چۆنكى مەزكۇرئايەتتەھۆكۈمىنىڭ سەۋەبى قەلىبنى پاكلاش بولغانلىقى ئۆچۈن، يۈزىنى يۆگەش ھىجاب دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دەپ داۋا قىلىدىغانلار مەزكۇرئايەتنى تەۋىل قىلىش بىلەن بىرگە بۇھەدىسنى كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ.
ئەرەبچىدىن ساۋادى بارلارغا ھىجاب،ۋەيۆزىنى يۆگەشنىڭ پەرزىلىكىگە 20-دەلىل دىگەن بۇماقالىنى كۈرۆپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
    ئاساسى بار        مۇمكېن   بولسا   ئوز  ئەرلىرمىزلا  يۇزىمىزنى كورگىنى ياخشى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-1 15:48:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ayzokra يوللىغان ۋاقتى  2011-10-31 23:19
ئاساسى بار        مۇمكېن   بولسا   ئوز  ئەرلىرمىزلا  يۇزىمى ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
سىز يۇقىرىدىكى ئىنكاسىڭىزنىڭ بېشىدا يۈز ۋە قولنى يۆگەشنى پەرز دائىرىسىگە كىرگۈزۈپسىز، ئاخىرىدا "ياخشى" غا چىقىرىپسىز. بۇ دىنى، يەنە كېلىپ قۇرئانى بىر ھۆكۈم بولغانىكەن، بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەندە ئۆزىمىز "ياخشى" دەپ تۇنۇۋالغانلارنى دىنى ھۆكۈملەرگە ئارىلاشتۇرىۋالماسلىقىمىز لازىم...
ئەلۋەتتە غۇرۇرلۇق ھەر بىر مۇسۇلمان ئەر ئايالىنىڭ يۈزىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشىنى خالىمايدۇ... ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز يۈزۈمنى ئۆز ئېرىملا كۆرسۇن دەپ ئويلىسىڭىز بۇ ھەقىقەتەن تەقدىرلەشكە لايىق بىر چۈشەنچە ۋە ھەرىكەت بولۇپ، شەخسەن مەن سىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن. سىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن...
ئەمما نۇر سۈرىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە كۆزۈڭلارنى نامەھرەمدىن ساقلاڭلار دېگەن مەنىدىكى ئەمىر ئاۋۋال ئەرلەرگە، ئاندىن ئاياللارغا خىتاب قىلىدۇ. بۇ ئايەت بىزگە بىر نەرسىنى بىلدۈرسە كېرەك...يەنى ئىش ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگەش ياكى يۆگىمەسلىك مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت بولماستىن، ئىپپەتنى ساقلاشنىڭ ئەرلەردىن باشلىشى كېرەكلىكى، ھەتتا ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئاۋۋال ئىپپەتلىك بولۇشى، دىققەت قېلىش كېرەكلىكىنى بىزگە خاتىرلاتسا كېرەك!
ئىككىنچى بىر مەسىلە سىز يۇقىرىدا "يۈزىنى يۆگەش ھىجاب دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دەپ داۋا قىلىدىغانلار مەزكۇرئايەتنى تەۋىل قىلىش بىلەن بىرگە بۇھەدىسنى كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ." دەپسىز.
ئەمەلىيەتتە يۈزىنى يۆگەشنى ھىجاب دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دېگۈچىلەرنىڭ "دەۋاسى" مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە تايىنىدۇ. ئەمما كىرىدۇ دېگۈچىلەرنىڭ "دەۋاسى" تەۋىل ۋە تەفسىرگە تايىنىدۇ. بۇ ھەقىقەتنى مۇناسىۋەتلىك دەلىللەرنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ۋە پەقەتلا توغرىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدەنگۈچىلەر كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.
يەنە كېلىپ سىز يۇقىرىدىكى ئىپادىڭىز بىلەن يۈزنى يۆگەشنى ھىجاپ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ دېگۈچىلەرنى خۇددى ھەدىسقا قارشى كىشىلەردەكلا كۆرىسىتىپسىز. چۈنكى "كۆرمەسكە سېلىۋالىدۇ." دېگەن ئىپادىڭىزدىن بۇ مەنا چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ ئۇنداق بىر نىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن... شۇڭا بۇنداق ئىپادىلەردىن ساقلىنىشىمىز لازىم دەپ قارايمەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە رەھمەتلىك ئىبنى بازنىڭ مەزكۇر پەتىۋاسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى دەلىللەپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قارىشىدىن ئىبارەت؛ يەنى ئۇ كىشىمۇ بىر ھېساپتا تەۋىل ياكى تەفسىردىن ئىبارەت. چۈنكى ئۇ كشىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى شۇ بويىچە چۈشەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن دەلىل كەلتۈرۈپ مۇداپىئە قىلغان، خالاس. شۇڭا مەرھۇمنىڭ مەزكۇر ماقالىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپلا بىر قىسىم ئالىملارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە بەرگەن ئىزاھاتلارنى خاتا دەپ قاراش بىر تەرەپلىلىمىلىك پىكىر يۈرگۈزۈش بولسا كېرەك!
شۇڭا بىرىنچىسى دىنى ھۆكۈملەرنى پەقەتلا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرىدىن چىقىرىشقا تىرىشساق، ئۇنىڭغا باشقىلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانساق. ئىككىنچىدىن باشقىلار ھەققىدە مۇمكىن قەدەر يۇقىرىدىكىدەك خاتا چۈشىنىشكە سەۋەپ بولۇپ قالىدىغان ئىپادىلەردىن ساقلانساق.
...ۋەللاھۇ ئەئلەۇم بىسسەۋاب.

قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 17:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم   
بۇتىما ياخشى يېزىلىپتۇ  ئاللاھ  ھەممىمىزگە  رەھمەت قىلسۇن  .  ئاللاھ  ھەممىزىگە توغرا چۇشەچە  ئاتاقىلسۇن    ئامىين  !!
بۇ تمىغا  ئىنكاس  يېزىشتا  ئېغىر  بېسىقلىق بىلەن  ئويلىشىپراق  يازارسىلەر .
  بۇ چۇشەنمەي  تۇرۇپ ياكى ھەۋەس قىلىپ ياكى ئاچچىقلاپ  ۋەياكى ئوينىشىپ  ۋە ھاقارەتلىك گەپ - سۆزلەر بىلەن  ئىنكاس يېزىش بولسا    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ  ئەخلاقىغا  توغرا كەلمەيدۇ  .  

قۇرئان كەرىمدە  ۋە سەھىھ  ھەدىسلەردە  نىمە دىگەن بولسا  شۇ ھىساپ   دىمىگەن سۆز  ۋە ئىش ھەركەتلەر بولسا  ئەلۋەتتە سۇكۇت قىلىشىمىز  كىرەك  .

بو  پەزىلەت   سابىلەر  ھەم  تابىئىن  ۋە تەبئى  تابىئىن  شۇنداقلا  ئۇلارغا  تۇغرا رەۋىشتە  ئەگەشكەن  جەمئى مۇسۇلمان  قېرىنداشلارنىڭ  ئالى خىسلىتىدۇر  .
مانا بۇ بولسا ئىسلامنىڭ  ئەڭ توغرا يولىدۇر  .  

يەنەبىرسى يۇقۇردىكى ئىنكاسنىڭ ئىچى دىكى ھاقارەتلىك  سۆزلەرنى ئۇچىرىۋىتشنى  ۋە ياكى ئۆزگرتىپ  سىلىق - سىپايە سۆزلەرگە ئالماشتۇرىشىنى  ئۇمىد  قىلىمەن  .  

قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۇشەنچە  ھاسىل قىلىپ  توغرا پىكىر بىرىشىنى  دىىنى  مەسىلىلەردە  ئاچچىقلاپ جاۋاب  بەرسەك  ئاسان خاتالىشىدىغان گەپ  .    باشقا ئىشلاردىمۇ شۇنداق  .   ئەتراپلىق  ئويلىنىپ  ئاندىن جاۋاپ يازايلى  . ئاللاھ  ھەممىمىزگە  توغرا  چۇشەنچە  ھەم  مەنپەئەتلىك  ئىلىم ئاتا  قىلسۇن  ئامىين !!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pakdiyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-25 17:47  

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 19:04:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلزىرە يوللىغان ۋاقتى  2011-10-23 15:15
ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم سىلەرنىڭ ئۇلۇغ دىن ...

ئاللاھ بېزگە[مۆئمېن-مۇسۇلمانلارغا] ئۆملۈك ئېتتېپاقلېق ئاتاقېلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 20:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر تىمىنى ياخشى چۈشىنىڭلار  ئاۋۇ يەردە بىرسى  مۇسۇلمانغا خىرىس قىلىۋاتسا شۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناشتىن خىجىل  بۇلۇڭلار ، ئاياللارنىڭ جەينىكىگچە ئاچسا بۇلىدۇ ، بۇ قانداق سېسىق گەپ  ئەگەر  سىلەرمۇ ھەقنى چۈشەنگەن بولساڭلار ئىدى  دەرھال سەجدىگە ئازغىنىڭلار ئۈچۈن باش قوياتتىڭلار  ،  قۇرئاندىن ھەدىستىن شۇنداق ئۇچۇق پاكىت كەلتۈرسىمۇ يەنە ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان سۆزلەرنى يىزپسىلەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 12:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن خەۋەرداردۇر.
مۇئمىن ئاياللارغىمۇ ئېيتقىن: نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن. ئىپپەتلىرىنى ساقلىسۇن. زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن – ئۇ زىننەتلەرنىڭ ئوچۇق بولغان قىسمى مۇستەسنا-. ياغلىقلىرى بىلەن جەيب (بويۇن ۋە كۆكرەك) لىرىنى ياپسۇن. زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، قېيناتىلىرىدىن، ئۆز ئوغۇللىرىدىن، ئۆگەي ئوغۇللىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، ئاياللىرىدىن، قول ئاستىدىكىلەردىن، جىنسىي ئارزۇسى بولمىغان ئەرلەردىن ۋە ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى تېخى پەرق ئەتمىگەن بالىلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ يېنىدا ئاچمىسۇن. يوشۇرغان زىننەتلىرىنى بىلىنسۇن دەپ پۇتلىرىنى ئۇرمىسۇن. ئى مۇئمىنلار! ھەممىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- (نۇر سۈرىسى 30 – ۋە 31 – ئايەتلىرى). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئى ئەلى! ئارقا – ئارقىدىن قارىما، بىرىنچى قېتىملىقىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، ئىككىنچى قېتىملىقى مەنئى قىلىنىدۇ» دېگەن ھەدىسىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ئەھمەدلەر رىۋايەت قىلغان). ئەجىبا بۇ پىتنىخۇر شەيىخ ئۇ ئەجنەبى ئاياللارغا قانچىلا قىتىم قاراپ بولغاندۇ ھە!!!!!!!!!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى،  يېنىدا مەھرىمى بولمىغان بىر نامەھرەم ئايال بىلەن بىر جايدا يالغۇز قالمىسۇن. ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، شەيتان ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈچىنچىسى بولىدۇ»– بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قول بىلەن نامەھرەمنىڭ بىر يېرىنى تۇتۇش، پۇت بىلەن نامەھرەم تەرەپكە مېڭىش، كۆز بىلەن نامەھرەمگە قاراش… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى زىنادۇر»- بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد.
قۇرئان ۋە ھەدىستە ئوچۇق ھۆكۈم تۇرغان يەردە ئالىملارنىڭ پەتىۋاسىنىڭ بىزگە كېرىكى يوق،چۈنكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى دىگەننى دەيمىز،دىمىگەننى دىمەيمىز.

يۇقارقى ئايەت  ۋە ھەدىسلەردە  يۇزى  ۋە قولىنى يېپىشقا بۇيرىغان  چۇشەنچە تاپالمىدىمغۇ   قايتا قايتا  ئوقۇپ باقتىم

  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 17:53 , Processed in 0.055094 second(s), 8 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش