ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3631|ئىنكاس: 1

قاچانغىچە ھارام سېستىما ئىشلىتىمىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 14:34:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام  قېرىنداشلار !
ئۇچۇر تەرەققىياتىنىڭ تېز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، كومپىيوتېر تۇرمۇشىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە بۆسۈپ كىردى ،
ۋە بىز بۇ قۇرالدىن ئايرىلالمايدىغان ھالغىمۇ كېلىپ قالدۇق .
ھازىر دىيارىمىزدا ئىشلىتىۋاتقان كومپىيوتېر سېستىمىسى ئادەتتە 3-4 تۈرلۈك بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە windows نىڭ 90%
نى ئىگىلىشى مۈمكىن، بىراق بۇ سېستىمىنىڭ باھاسى قىممەت بولۇپ، باھاسى  ئادەتتە بەش ئالتە  يۈز يۈەندىن تارتىپ نەچچە مىڭ يۈەنئەىچە بولىدۇ ، بىراق كۆپىنچىمىز بىلىپ بىلمەي  بۇ سېستىمىنىڭ ئوغرى نەشرىنى ئىشلىتىۋاتىمىز .
بۇ سېستىمىنىڭ ئوغرى نەشرى ئادەتتە مەلۇم ھەقىقى نەشرىنىڭ سىفىر ھۆججىتىنى يېشىۋېتىپ تارقاتقان قانۇنسىز سىستېما بولۇپ، بازارلاردا 5-10 يۈەنگىچە سېتىلىدۇ .
دىمەك بۇ سىستېما ھارامدۇر .
ئۇنداق بولسا قانداق قىلىمىز؟  ھارام نەرسىنى قاچانغىچە ئىشلىتىپ گۇناھ پاتقىقىغا پېتىپ يۈرۈيمىز؟
بۇنىڭ ئىككى يولى بار ، بىرى  ھەقىقى نەشرىنى پۇلغا سېتىۋېلىپ كومپىيوتېرغا قاچىلاش،  يەنە بىرى بولسا ھالال ۋە بىكارلىق باشقا سېستىمىغا كۆچۈش ،
ئۇنداقتا بۇ بىكارلىق ۋە ھالال سىستېما قايسى ؟
بۇ دەل لىنىكىس Linux سېستىمىسىدۇر.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇبۇنتۇ Ubuntu نامىدىكى تارماق  سىستېما بىر ئاز كەڭ ئومۇملاشقان ۋە قوللىنىشچان بولۇپ، كەڭ ئاممىنىڭ قوللاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولماقتا .
بۇ سىستېما  خېلى يىللاردىن بېرى « ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمى جەمىيىتى » تەرىپىدىن تەشكىللىنىپ تەرجىمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئادەم كۈچىنىڭ ئازلىقى ۋە تەرجىمە ماتىريالىنىڭ كۆپلىكى بىلەن تا ھازىرغىچە پۈتۈپ بولالمىدى.
شۇڭا ، بۇ يەرگە چاقىرىق قىلىش مەقسىدىدە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
سىز مەيلى خەنزۇچە، مەيلى ئەرەپچە، ئېنگىلىزچە… ۋە ھېچبولمىغاندا ئۇيغۇرچىنى بىلسىڭىز، بۇ ساۋاپلىق خىزمەتكە قەتنىشالايسىز ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇرچە ھالا سېستىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ياردەم قىلالايسىز .
قېنى، ھارامدىن ئۆزىنى تارتىپ ھالالغا ئەگىشىدىغان ئەزىمەتلەر، ھەر كۈنى بىر ئىككى سائەت خالىس ۋاقىت چىقىرىپ قويساق ، بۇ سېستىمىنىڭ تىزراق ھۇجۇتقا چىقىشىغا ھەسسەقۇشالايمىز .
مەرھەممەت قىلىڭ:
https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug
تەرجىمىسىنى قىلىۋاتقانلار ۋە پۈتۈش ئەھۋالى :
https://translations.launchpad.net/ubuntu/maverick/+lang/ug
  چۈشەنمىگەن جايلار بولسا مۇنۇ ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ:
http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=329
خۇشاللىق
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 18:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇبۇنتۇنىڭ مۇسۇلمانچە ھالال نەشرىنى( سەبىلىSabily )   مۇنۇ ئۇلىنىشتىن  چۈشىرىش مۈمكىن :
http://www.sabily.org/website/en/sabily/downloads.html.
ئۇنىڭدىكى تىل تاللاش تۈرى ئارقىلىق ئەرەپچە، ئېنگىلىزچە ، فىرانسۇسچە ..لارنى تاللىساق بولىدىكەن .
ئىكران تەگلىك رەسىمىمۇ ناھايىتى گۈزەل ئىكەن .

قۇرئان ، ھەدىس ، قىبلە كۆرسەتكۈ، ۋە ناماز ۋاقىتلىرى قاتارلىق  دېتاللرىمۇ سەپلەنگەن ئىكەن .

خۇشاللىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 03:15 , Processed in 0.019075 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش