ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1905|ئىنكاس: 0

ھىدايەتتىن پايدىلىنالمىغانلاركىتاپ يۈكلەنگەنئىشەككىلا ئوخشايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەجرىبىلىك ئەزا

pursat kvtma san kvtkan bilan

簽到
19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 03:27:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ؛  
          ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىزنى  بىلەنلا سۆزلەيمەن .

ھەي ئىنسانلار! قۇرئان كەرىم ئۇقىماي تاشلاندۇق قىلىپ قۇيىدىغان نەرسە ئەمەس . بەلكى ئاللاھ نىڭ  پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئۇنىڭدىن ۋەز نەسىيئەت ئېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلىپ ، توغۇرا يولدابۇلۇپ ھىدايەت تېپىشلىرى ئۈچۈن  نازىل قىلغان مۇقەددەس قانۇنىدۇر .ھەي ئىنسانلار ! بىز شۇلارنى بىلىشىمىز كىرەككى  قانۇن دىگەننى بىلمىسە ئىجىرا قىلغىلى بولمايدىغان نەرسە تۇرسا . بىراق ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى  قۇرئانى ئۇقۇمايدىغان ، ئۇقۇساقمۇ ئۇنىڭ مەناسىنى بىلمەيلا  قارىسىغا ئۇقۇپلا ئۈتۈپ كىتىدىغان بۇلىۋالدۇق . يەنا كىلىپ قۇرئان كەرىم ئۇ ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارئۈچۈن بىرىلگەەن كاتتا نىھمىتىدۇر . ھەم رەخمىتىدۇر .شۇنداقلا  قۇرئان كەرىم تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ ھىدايەتتىن پايدىلىنىمىز دەيدىكەنمىز ؛ بىز چۇقۇم دايىم قۇرئاننىڭ مەنىسنى بىلىپ ئۇقۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىپ تۇرۇپ ، قۇرئان كەرىمنى ھاياتىمىزدا ساھەلىرىمىزنىڭ ھەر بىر ساھەلىرگە قانۇن قىلىپ تۇتىشىمىز كىرەك ! ئەگەردە بىز ئۇنداق قىلالمايدىكەنمىز (يەنى قۇرئاننى ئۇقۇماي ، ئۇقۇساقمۇ ئۇنىڭ مەنىسىگە يىتەلمەي ، ئۇنىڭ بىلەن ئەمەل قىلالمىساق )، نەتىيجىدە مەنىسنى بىلمەيلا ئۇقۇپلا قۇيۇش بىلەن ھىدايەتتىن پايدىلىنالماي كىتاپ يۈكلەنگەن ئىشەككە ئوخشاپ قالىمىز .بۇ ھەقتە جانابى  ئاللاھ مۇنداق دىگەن:   
  يەنى[تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ- چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، ئاللاھ  نىڭ ئايەتلىرنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان!ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ]62-5ئايەت. دىمەك ھەقىيقەتلەر شۇنداق بولغان ئىكەن بىز قۇرئاننىڭ مەنىسنى بىلمەيلا  ئۇقۇپلا ئۈتۈپ كىتىش بىلەن ئۇنىڭ ھەقىيقىتىگە يىتەلمەيمىز ، ئۇنىڭ ھەقىيقىتىگە يىلەلمىسەك ئۇنىڭغا ئەمەلمۇ قىلالمايمىز شۇنىڭ بىلەن ھىدەيەتتىن پايدىلىنالمايمىز .  
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەي ئىنسانلار ! ھەردايىم قۇرئاننى بىلىپ ئۇقۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تۇرساقلا ئاندىن ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغىلى بۇلىدۇ . شۇئان ئاللاھ بىزنى ئۆزىنىڭ توغۇرا يۇلىغا ئۆزى يىتەكلەيدۇ . ئىسىڭلاردا بولسۇنكى ئاللاھ نىڭ توغۇرا يۇلىدا بولغانلاردىن باشقىلار زىيان ئىچىدە ، زىيان ئىچىدەدۇر .


                                       مەنبە: ئاللاھ نىڭ ئىلھاملاندۇرشى بىلەن قۇرئان كەرىمدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   amiynam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-2 19:16  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-8-19 04:16 , Processed in 0.043906 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش