ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 4240|ئىنكاس: 6

توخۇ بوغۇزلاشنى بىلەمسىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىمى ئەزا

allah rahmat kilsun

簽到
0
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 14:20:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەن يېقىندا مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران قالدىم،توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمىدىم، مۇشۇ كەمگىچە بىلمەي يۈرگىنىمدىن تولىمۇ      ئەپسۇسلاندىم، ۋە بۇ ھەقتە ئىلىمى بار دوستلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ خاتا جايلىلىمىزنى تۈزۇتىش مەخسىتىدە تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا كوردىم.
مەخسەتكە كەلسەك:
بىر كۈنى بىر نەچچە ئادەمنىڭ توخۇ سويۇش ئۇسۇلى ھەققىدە دېيىشىۋاتقان گەپلىرى دىققىتىمنى تارىتتى ، ئارىسىدىكى بىرەيلەن توخۇنى سويۇشتىن ئىلگىرى توخۇنىڭ تىلىنى چىڭ تارتىپ توخۇنىڭ ئاغزىغا چىشلىتىپ قويۇپ ئاندىن پىچاق سۈرمىسە ھالال بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى، بىر تەرەپتى ھەيران بولسام ،بىر تەرەپتىن قورقۇپ كەتتىم، مەن مۇشۇ كەمگىچە تالاي قىتىم توخۇ سويۇپ (ئائىلىدە) يىگەن بولساممۇ بىراق ھەر قانداق نەرسىنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ نام ى بىلەن تەكبىر ئېيتىلىپ ئاندى بوغۇزلىنىشى كىرەكلىكىنىلا ، توخۇنى بولسا سويۇشتىن ئىلگىرى 5،6 كۈن ئايرىم بىقىلىپ ، قايناقسۇغا سىلىپ يۇڭداشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئىچ-قارنىنىڭ پاكىز تازىلىشى كىرەكلىكىنى بىلەتتىم. شۇ سەۋەپ سورايدىغىنىم، يۇقىرىدىكى دوستىمىز ئىيىتقان سۆزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدا بىرەر ئاساسى بارمۇ يوق؟
بۇ ھەقتە پەتىۋا بىرىشىڭزلەرنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

دائىمى ئەزا

ئەمەللەر نىيەتك

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 18:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ !
مەن مۇشۇ يىشىمغىچە توخا سۇيۇپ باقماپتىمەن
بىرنى ساتسام بىركوي پايدا

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 23:45:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
  ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە قانداق بولسا ھالال،قانداق بولسا ھاراملىقىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بولغان،
يەنى ھالال بولۇشى ئۈچۈن ئەسلى ھايۋان ھالال بولۇشى،بوغۇزلىغۇچى مۇسۇلمان بولۇشى (ئەھلى كىتاب
بولسىمۇ بولىدۇ،ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئالسا) ئاقىل بولۇشى،ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىشى،قان چىقىرا
لايدىغان ئەسۋاب بىلەن قان ئېقىتىشى(چىش ،تىرناق،سۆڭەك بولمايدۇ)......دېگەندەك.
  توخۇ بولسا تىلىنى چىشلەپ تۇرۇشى كېرەك دېگەننى تونۇمايدىكەنمەن...
  ئەگەر راستىنلا «ھالال بولمايدۇ» دېگەن بولسا قاتتىق تەۋبە قىلسۇن،چۈنكى بۇ ھالالنى ھارام سانىغانلىق،
ھالال-ھارام قىلىش پەقەتلا ئاللاھنىڭ ھوقۇقى،شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزمۇ ئاللاھ نامىدىن قىلالايدۇ،ئەگەر
باشقىلار ئۆزىچىلا دەلىلسىز ھالال-ھارام دەپ قويسا ئۆزىنى قايسى ئورۇندا چاغلىغان بولىدۇ؟...نەئۇزۇ بىللاھ،
قالغىنىنى ئۆزىمىز ئويلايلى...

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 00:56:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم !
مەن بوغۇزلاپ باققان بۇرۇن ئىسلام دىندىن خەۋەرسىز ھالدا باشقى قولاق موللىلىرنىڭ گېپىگە كىرىپ توخۇ ، كەپتەرلەرنىڭ تىلىنى يانغا چىقىرىپ بوغۇزلايتتىم كىيىن دىنى ئىلىم تەلەپ قىلىش جەيرانىدا شۇنى بىلدىمكى بۇنداق قىلىش خاتا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم ، مال بۇغۇزلاشقا ئالاقىدار ھەدىسلاردا بۇنداق تىلنى بىر ياققا قەرىپ قويۇپ بوغۇزلاشنى كۆرمىدىم ئۇنىڭ ئەكىسچە بىسمىللا ئاللاھۇئەكبەر دەپ پىچاقنى ئىتتىك قىلىپ  مالنى قىينىماي بوغۇزلاشقا بۇرىلغانلىقىنى كۆردۈم ، بۇرۇن  بىسمىللا ئاللاھۇئەكبەر دەپ تىلنى چىقىرىپ قىيناپ بوغۇزلىغان توخۇ كەپتەرلەرنى ئويلىسام ئىچىم ئچىشىدۇ ھەتتا تىلنى چىقىرىپ بوغۇزلارمەن دەپ قولۇمنى كىسىۋالغىنىممۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ ، خۇلاسە گەپ بۇنداق قىلىشنىڭ ئىسلامدا ئوينى يوق بىسمىللا ئاللاھۇئەكبەر دەپ بۇغۇزلىغان(قان ئېقىش شەرتى بىلەن) مال ھالال بۇلدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 15:53:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايۋانلارنى بوغۇزلاشتا ئۇلارنىڭ جېنىنى قىينىماي ، تېز پىچاق ئىشلىتىش كېرەك،
توخۇنىڭ تىلىنى تارتىپ   ئۇنى چىشلىتىش ئەمىلىيەتتە ئۇنى قىينىغانلىق.
خۇشاللىق

دائىمى ئەزا

allah rahmat kilsun

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-30 23:07:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
رەھمەت سىلەرگە قېرىنداشلا. سىلەرنىڭ بەرگەن جاۋابىڭلاردىن تولىمۇ رازى بولدۇم، بىلمەي  خاتا قىلىپ قويغان ئوخشايمەن دەپ بەك ئەنسىرىگەن  ئىدىم.
ئاللاھ  ئىلىمىڭلارنى  تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن، ئەزىز تىنىڭلار سالامەت بولسۇن.

پىشقەدەم ئەزا

ئاللاھنىڭ قۇلى

يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 15:51:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يۇقۇردا تۇخۇنى قانداق بۇغۇزلاشنى ئۈگنىۋالدىڭىز ، يازمىڭىزغا قارسام تۇخۇنى بۇغۇزلاپ بۇلۇپ قايناق سۇغا باسىدىغانلىقىڭىزنى دەپسىز . تۇخۇنى بۇغۇزلاپ بۇلۇپ قايناق سۇغا باسماڭ . چۈنكى سىز تۇخۇنى قايناق سۇغا باسسىڭىز ، تۇخۇنىڭ بەدىدىندىكى تۈك تۈشۈكچىللىرى ئېچىلىپ كىتىپ مەينەت سۇ ئۇنىڭ ەۇشۇغا سېڭىپ كىتىپ بىر بىلەن پاكىز گوشنى ھارام گوش قىلىپ قۇيسىز . قايسى بىر يازمىدا سۇنىڭ ئىسسغلىق گىرادىسى 59 گىرادۇستىن ئاشمىسۇن دەپ يېزىلغان ئىكەن .
ئاللاھ بىردۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 17:15 , Processed in 0.049173 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش