ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3874|ئىنكاس: 2

نۇرلۇق ئىسلام مۇنبىرى ئېچىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 11:03:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرلۇق ئىسلام مۇنبىرى ئېچىلدى

نۇرلۇق ئسلام مۇنبىرىگە مەرھەمەت


http://nurlukislam.com
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-4 14:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئۇيغۇر ئىسلام تور دۇنياسىغا يېڭى بىر كارۋان قوشۇلغانلىقى ئۈچۈن بەك خۇرسەن بولدۇم. خەيىرلىك بولسۇن!
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-8 18:52:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

«نۇرلۇق ئىسلام» نى قۇرۇپ چىقىپ ئىنتېرنېت دۇنياسىدا دىنىمىزغا قىلىنىۋاتقان ئىلمىي خىزمەتلەرگە قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن بۇ يولنىڭ كارۋانلىرىغا قوشۇلغانلىقىڭلارغا ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم. ئىنشائاللاھ «نۇرلۇق ئىسلام» ئىسلامنىڭ نۇرىنى يورۇتۇش، شۇنداقلا جاھالەت قاراڭغۇلىقىدا تېڭىرقاۋاتقان مۇسۇلمانلارنى بۇ نۇرغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن بىر ۋاسىتە ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىنىدىغان بىر مۇنبىرى بولغۇسى!

مۇنبىرىڭلاردا، تېمىلارنىڭ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇش ماھىيىتىگە ئىگە بولۇشى، ئىنكاسلارنىڭ ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈن يېزىلغان ۋە تەستىقلانغان بولۇشى، تېما ۋە ئىنكاسلاردا ئىختىلاپ بىلەن تەپرىقىگە، زېھنىيەت بىلەن شەخسىيەتكە ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىشى، دەلىلگە ھۆرمەت قىلىنىشى، باشقا تورلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېمىلارغا شۇ تورلارنىڭ مەنبە كۆرسىتىلىشى... قاتارلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىش مۇنبەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرىدۇ.

ئەھلى ئىلىملەرنىڭ تېما ۋە ئىنكاسلىرىدا مۇسۇلمانلارنى ئىسلامىي قېرىنداشلىققا، ئىمانىي بىرلىككە ۋە ئەمەلدە ھەمكارلىققا، تەقۋادارلىقنى چىڭ تۇتۇشقا، ئىلىم-مەرىپەتكە يۈرۈش قىلىشقا چاقىرىشنى ئاساسلىق غايە قىلىشى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەھلى ئىلىم ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر. مۇنبەرنىڭ مانا بۇ غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇنبەرنى قۇرغۇچىلارنىڭ دەرىجىسىنى يۈكسەلتىدۇ.

ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-5-26 11:59 , Processed in 0.019803 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش