ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3236|ئىنكاس: 1

ماڭا ياردەم قىلساڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
122
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-3 16:54:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار .ماڭا ئىلخەت ئادىرسىنى قانداق ئېلىشنى ئۆگۇتۇپ قويغان بولساڭلار.سىلەردىن ئاللا رازى بولسۇن.مەن جاۋابىڭلارنى كۈتىمەن.
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 01:13:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئېلخەت دىگەن ئېلىكتىرونلۇق خەت دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى ، خۇسۇسىيتى ئادەتتىكى پوچتا يوللانمىسىغا ئوخشايدۇ ، ھەربىر كىشىنىڭ ئايرىم ئېلخەت ئادىرسى بولىدۇ ، شۇ ئادىرسى ئارقىلىق ئۆز-ئارا خەت ئالاقە قىلىشقا بولىدۇ . ئېلخەتتە خەت ئالاقىدىن باشقا ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆز- ئارا ئەۋەتىشكە بولىدۇ . خۇددى msn QQ دىگەندەك ئالاقىلىشىش قۇرالى بىراق بۇنڭدا سۈرئەت QQ ياكى msn دىكىدەك تىز بولمايدۇ ، ئارتۇقچىلىقى مۇقۇم بولۇپ ، بۇرۇنقى سۆھبەت خاتىرسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ . ھەتتا سۆھبەت جەريانىدا ئەۋەتكە قۇشۇمچە ھۆججەتلەرنىمۇ قايتا چۈشۈرۈپ كۆرۈشكە بولىدۇ ، ھازىر تورداشلار پايدىلىنىۋاتقان بوشلۇقلارنىڭ بىرى دەل مۇشۇ ئېلخەت بوشلۇقى .
ئەمدى ئىلتىماس قىلىشقا كەلسەك، جۇڭگۇ ۋە چەت ئەلدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئىلخەت تور بىكەتلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، مەن تۆۋەندە ئۆزەم ئىشلىتىۋاتقان ئىككى ئىلخەت تور بىتىدىن ئىلخەت ئادىرسى ئىلتىماس قىلىشنى كۆرىستىپ قوياي:
1. ئەگەر سىزنىڭ QQ نۇمىرىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا سىز ئاللىقاچان  QQ تور بىتىنىڭ  بىر ئىلخەت ئادىرسىغا ئىگە دىگەن گەپ. يەنى مىنىڭ QQ نۇمۇرۇم 369466721  بولسا، مىنىڭ QQ تور بىتىدىكى ئىلخەت ئادىرسىم 369466721@qq.com (ئاۋال  QQ نۇمىرى ئاندىن @ ئاندىن qq ئاندىن چىكىت، ئاخىردا    com بولىدۇ.)
بۇنى تىزىملىتىشتا، سىز QQ يۇمتالىغا نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ قوزغاتقاندىكى ئاساسى كۆزنەكتە، بىر لىپاپ بەلگىسى بولۇپ،QQ邮箱  دىگەن خەت شۇ، شۇ بەلگىنى باسسىڭىز ئاپتۇماتىك QQ تورىنىڭ ئىلخەت توربىتىگە كىرىدۇ. باشقا جايلىرىنى تەپسىلى يازماي. بىلەلمىگەن قىرىنداشلىرىمىز كوت-كوت 369466721 نى قاچىلاپ مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. ياكى ماۋۇ سىننى كۆرسە بولىدۇ.http://bilim.rohlan.biz/thread-8293-1-1.html
2. ئەگەر QQ نىڭ ئىلخەت ئادىرسىدىن باشقا ئىلخەت ئادىرسى لازىم بولسا،
http://mail.sina.com.cn
http://mail.163.com
http://mail.126om
قاتارلىق ئىلخەت تور بەتلىرىگە كىرىپ، ئىلتىماس قىلىش 注册  نى چىكىپ ئۇچۇرلارنى تولدۇرسىلا ئۆزىمىزنىڭ ئىلىخەت ئادىرسىغا ئىرشەلەيمىز. ئەمما ئابونت ئىسمى بىلەن مەخپى نۇمۇرنى يادلىۋىلىڭ ئەڭ ياخشىسى خاتىرلىۋىلىڭ.

اللە ھەممىمىزنى مۇرادىمىزغا يەتكۈزسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-24 21:57 , Processed in 0.018583 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش