ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 5342|ئىنكاس: 3

سەھى ھەدىسلەر توغرىستا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پىشقەدەم ئەزا

ئاللاھنىڭ قۇلى

簽到
60
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 20:25:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سەھى ھەدىسلەر توغرىستا


ئەڭ ئىشەنچىلىك سەھىھ، توغرا بولغىنى، ھەقىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئاغزى بىلەن دىگەن، قىلىقى بىلەن قىلغان، ئىشەنچىلىك ھەدىس مۇتىۋاتىردۇر. يەنى بىزگە؛ قۇرئان كەرىمگە ئوخشاش ئىشەنچىلىك ھالدا يېتىپ كەلگەن ھەدىس. كۆپ جايلاردىكى كۆپ كىشىلەر ئوخشاش سۆزلىگەن، ئوخشاش خاتىرلىگەن، ئۇلارنىڭ يالغانغا ئىتتىپاققا كېلىۋېلىشى، ئالدىن دىيىشىۋېلىشى زادى مۇمكىن بولمىغان ھەدىستۇر. خۇددى پۈتۈن دۇنيادا بىردەك، ئوخشاش بىرىلگەن خەۋەردەك.
مۇتىۋاتىر ھەدىسكە بىر مىسال:
« رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى ئۆتۈككە مەسىھ قىلغان» ھەسەن بەسەرى رەھمەھۇللا بۇ خەۋەر بۇ ئەسەر، بۇ ھەدىس 70 ساھابىنىڭ ئاغزىدىن ئوخشاش، بىردەك سۆزلەنگەن دېدى. مۇتىۋاتىر ھەدىس، قۇرئان ئايىتىگە ئوخشاش بولۇپ، تانغۇچى كاپىر بولىدۇ، بۇنداق ھەدىسلەر سۇيۇتىنىڭ قۇتۇپۇلئەزھار، ئىمام كەتتانىنىڭ نەزمۇلمۇتەناسىر مىن ھەدىسى مۇتىۋاتىر دىگەن كىتابلاردا توپلانغان.(بۇكىتاپمۇ نەشىر قىلىنىپ بولدى) ئاندىن قالسا، مەشھۇر ھەدىس، بۇ خىل ھەدىس مۇتىۋاتىر دەرىجىسىگە يەتمىگەن، ئەمما، ئۈچدىن كۆپ كىشىلەر بىردەك ئوخشاش سۆزلەيدۇ.
لېكىن، بۇ مەشھۇر ھەدىستىن، ئىككىلا كىشى ئككى ئىسناد، ئىككى راۋىيدىن سۆزلەنگەن ئەزىز ھەدىستىن، راۋىسى باشتىن – ئاخىرى بىرلا بولغان غەرىيپ ھەدىسلەردىن، سەھىھ ھەم ھەسەن، ھەم زەئىپ، ھەتتا يالغانلىرىمۇ بولىدۇ.
مەلۇم يالغان سۆز، كەڭ تارقاپ كەتسە، تىلدىن – تىلغا كۆچۈپ يۈرسە، مەشھۇر بولىۋىردۇ، خۇددى مەشھۇر شەخىسلەردە، پەيغەمبەر، ساھابە، تابىئىن، ئەۋلىيالار، شۇنداقلا كاپىر، دىنسىز زالىملارمۇ بولغاندەك، شەيتانمۇ ھەممە كىشىگە مەشھۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن، مەشھۇر، ئەزىز ، غەرىيپ ھەدىسلەرنىڭ سەھىسىگە ئەمەل قىلىنىدۇ، مەشھۇر ھەدىسلەرگە ساخاۋىينىڭ مەقاسىد دىگەن كىتابى، شەيبانىنىڭ تەمىييىز دىگەن كتىابلىرى بار.
ھەقىقى سەھىھ ھەدىس، يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆز ئاغىزى بىلەن دىگەن ياكى ئۆزى قىلغان، راست، توغرا، سەھىھ ھەدىس دىگەن، ئىسنادى تۇتاشقان بولۇش، يەنى ھەدىسنى يازغان بۇخارى، مۇسلىمدەك، كاتىپدىن باشلاپ ئۇنىڭ شەيىخ، ئاندىن شەيىخنىڭ ئۇستازى ئاندىن ئەتىبائ، ئاندىن تابىئىن، ئاندىن ساھابە، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن، مۇنداق قىلغان دىگەن ھەدىس، كاتىپدىن باشلاپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە يۆلەنگەن يول، ئىسناد تۇتاشقان بولۇش لازىم، ئەگەر ئىسناددىن ساھابە ئۈزۈلۈپ قالسا، ئۇ چاغدا ھەدىس مۇرسەل زەئىپ بولىدۇ. تابىئىن ياكى كېيىنكى راۋى ئۈزۈلۈپ قالسا، مۇنىقەتىئ مۇئزەل زەئىپ دىيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىس ئىشەنچىلىك ئىتېماتلىق كىشىلەرگە زىت، خىلاپ رىۋايەت قىلىنسا، بۇ ھەدىسنى شاز زەئىپ دەيمىز. ھەدىسنىڭ سەھىلىكى توغرىىسدا ئىللەت، ئەيىب بولماسلىقى، سۆز قىلىنماسلىقى لازىم، ھەدىسنىڭ راۋىيلىرى، مۇسۇلمان بالاغەتكە يەتكەن، ئەقىللىق بۇلىشى، پاسىق، پاجىر ئەمەس، ئادىل، تەقۋا بولۇشى شەرىت، مۇكەممەل، كامىل، پۇختا يادىلاش، قابىلىيىتى بولۇش، ئېلىشىپ قالماسلىق لازىم. ھەدىسنىڭ سەھىھ بولۇشى ئۈچۈن، بەش شەرىت لازىم.
1. كاتىبدىن باشلاپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە ئىسناد يولى تۇتاشقان بولۇش.
2. راۋىيلار ئىشەنچىلىك، تەقۋا، ئادىل بولۇش.
3. پۇختا، مۇكەممەل يادىلاش.
4. ئىللەت، تەنە تېپىلماسلىق.
5. ئىشەنچىلىك كىشىلەرگە زىت، خىلاپ بولماسلىق، مۇشۇ بەش شەرىتنىڭ بىرەرسى تېپىلمىسا، ئۇ چاغدا ھەدىس، سەھىھ بولمايدۇ.
مەسىلەن: كاتىب، مۇھەددىس ئىمام بۇخارى مۇنداق دەيدۇ: بىزگە ئابدۇللاھ ئىبنى يۈسۈپ، ھەدىس سۆزلەپ بەردى، ئۇ دەيدۇكى: بىزگە مالىك ئىبنى شىھابىددىن خەۋەر قىلدى، ئۇ جۇبەيىر ئىبنى مۇتىئىمدىن دادىسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شام نامىزىدا سۈرە تۇرنى ئوقۇغىنىنى ئالغان ئىدىم. مانا بۇ ھەدىس سەھىھ، چۈنكى، كاتىب بۇخارى رەھمەھۇللادىن باشلاپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە يۆلەنگەن، تۇتاشقان، يول ئۈزۈك ئەمەس، راۋىيلىرى ئادىل، تەقۋا، ئىشەنچىلىك، بۇخارى رەھمەھۇللا مۇكەممەل، پۇختا يادىلايدۇ، سەھىھ، ئىشەنچىلىك ھەدسىكە ياكى كىشىلەرگە زىت، خىلاپ ئەمەس.
مانا مۇشۇنداق سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش، ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىش، بارلىق ھەدىس ئالىملىرىنىڭ ئىجمائقا، ئىتتىپاققا كېلىشى بىلەن ۋاجىپتۇر. ئۇ شەرىئەت، ئىسلام قانۇن – پىرىنسىپ، مەنبەلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدۇ، ئەقىيدە، ئەھكام، ھالال – ھارام مەسىلىلىرىدە ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىنىدۇ.
ئالىملار، بۇ ھەدىس سەھىھ دىگەن بولسا، ئۇ ھەدىسنىڭ يۇقىرقى شەرىتلىرى مۇكەممەل، توشقان بولىدۇ، سەھىھ ئەمەسلىكىگە ھېچبىر ئىللەت يوق.
ئەگەر بۇ ھەدىس، سەھىھ ئەمەس دىسە، يۇقىرقى بەش شەرىت توشمىغان بولىدۇ. بارلىق ھەدىس ئىماملىرى، فىقھى ئىماملىرى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمان مۆئمىنلەر، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن قالسا، سەھىھۇلبۇخارى بىلەن مۇسلىم ئەڭ ئىشەنچىلىك، سەھىھ دەپ ئىتتىپاققا كەلدى ۋە قوبۇل قىلىپ، ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىپ، ئەمەل قىلدى.
بۇخارى رەھمەھۇللانىڭ، مەن بۇ كىتابىمغا سەھىھ بولغانلىرىنى كىرگۈزدۈم، نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەرنى كىتابنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قالدۇرۇپ قويدۇم دىگەن سۆزى.
مۇسلىم رەھمەھۇللانىڭ، مەن كىتابىمغا مىنىڭ نەزلىمدە سەھىھ بولغىنىنى ئەمەس، بارلىق كىشىلەر سەھىھ دەپ ئىتتىپاققا كەلگىنىنى يازدىم دىگەن سۆزىگە، شۇنداقلا، بۇخارى رەھمھۇللا، مەن قالدۇرغان سەھىھ ھەدىسلەر نۇرغۇن، مەن سەھىھ ھەدىستىن 100000نى سەھىھ بولمىغاندىن 200000نى يادا ئالدىم دىگەن، سۆزىگە قارىغاندا، سەھىھ ھەدىسلەر بۇ ئىككى كىتاب بىلەن تۈگەپ كەتمىگەن، يەنە باردۇر.
بۇخارىدا تەكرار بىلەن 7275 ھەدىس بولۇپ، تەكرارنى ئېلىپ تاشلىغاندا، 4000 ھەدىس قالىدۇ، ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىلا ئىسنادى يۆلەنگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى تەكرارسىز 2602 – ھەدىس دىگەن، يەنى بۇخارىدا تەكرارسىز 2602سەھىھ ھەدىسلەر بار دىگەن.
مۇسلىمدا تەكرار بىلەن 12000 تەكرارسىز 4000 ھەدىس باردۇر، بۇخارى، مۇسلىمدىن قېلىپ قالغان سەھىھ ھەدىسلەر مۇنۇ كىتابلاردا باردۇر.
ئىبنى خوزەيمە، ئىبنى ھەببان، ھاكىم مۇستەدرەك، نەسەئى، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە، دارىقۇتنى، بەيھەقى، ئەھمەد، مالىك مۇئەتتا، مۇسنەد شافىئى، مۇسنەد ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەھۇللا قاتارلىقلار.
ئەمما، بۇ كىتابلارنى قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە قاتتىق تەكشۈرۈۋاتىدۇ.
مەسىلەن: ھاكىم مۇستەدرەكنى ئىمام زەھەبى رەھمەھۇللا تەكشۈرۈپ، ھەربىر ھەدىسكە ئۆزىگە لايىق، باھا ھۆكۈملەرنى بەرگەن، 4/1نى زەئىپ دەپ 100 يالغان ھەدىس بار دىگەن.
ھاكىم مۇستەدرەككە قارىغاندا، ئىبنى ھەبباننىڭ سەل قارىشى كەمىرەك، بۇ سەھىيرەك، ئاندىن يۇقىرقى ئىبنى خۇزەيمە، بۇ كىشى قاتتىق تەكشۈرگەچكە، شەرتنى چىڭ، قاتتىق قويغاچقا، سەھىيرەك ھېسابلىنىدۇ.
ئەڭ سەھىھ، ئىسناد؛ سەھىھ سەھىيدىن كەلگىنى، مەسىلەن: مالىكدىن ناپىئدىن، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن ھەدىس، چۈنكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ساھابە، ناپىئ ئۇنىڭ خادىمى ئىمام مالىكنىڭ شەيىخىدۇر، ئاندىن قالسا، ھەمماددىن، سەلمەددىن، سابىتدىن، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سۆزلەنگەن، تۆت كىشى سۆزلىنىدۇ، ئاندىن سۇھەيلىدىن، ئەبۇ سالىھدىن دادىسىدىن، ئەبۇ ھۈرەيرەدىن سۆزلەنگەن ھەدىس، ئاندىن كېيىنكىسى بولسا، ئىسناد، راۋىيلىرى كۆپ بولسىمۇ شەرىتكە توشقانلىرىدۇر.
ئەڭ ئىشەنچىلىك مۇتىۋاتىر ھالدا كەلگەن ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن قالسا، بۇخارى رەھمەھۇللا بىلەن مۇسلىم ئىتتىپاققا كەلگەن ئۈنچە – مارجانلارنىڭ ھەدىسىدۇر. بۇ، 1906دۇر.
ئاندىن قالسا، بۇخارىينىڭ، ئاندىن مۇسلىمنىڭ، ئاندىن بۇ ئىككى كىشىنىڭ شەرتىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن سەھىھ كىتابلار، ھازىر ئالىملار شەيىخ ئىماملار، سەھىھ ھەدىسلەرنى توپلاپ، «سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» دىگەن، نام بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا قويدى. مانا ھازىر بىز بۇخارى، مۇسلىمدەك سەھىھ ھەدىسلەر توپلانغان بارلىق سەھىھ ھەدىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنى تەرجىمە قىلىۋاتىمىز. ئومۇمى سانى 8200دىن ئاشىدۇ.
سەھىھ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ئاتالغۇسى، ھەسەن، بۇ خىل ھەدىسنى ئىمام خەتتابى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ، كېلىش ئورنى ئېنىق بولغان، راۋىيسى، ئەرلىرى، مەشھۇر بولغان، كۆپىنچە ھەدىس ئالىملىرى قوبۇل قىلغان، بارلىق فىقھى ئالىملىرى ئىستېمال قىلىپ، دەلىل قىلغان، ھەدىسلەر ھەسەن بولىدۇ،
تىرمىزى مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ:
ئىسنادى تۇتاش ھالدا سۆزلەنگەن، راۋىيلىرى ئارىسىدا يالغانچى دەپ ئەيىبلەنگەن كىشى بولمىغان، ئىشەنچىلىك، ئادىل، تەقۋالارغا خىلاپ، زىت بولمىغان، باشقا يوللاردىنمۇ شۇنداق خاتىرلەنگەن ھەدىس ھەسەندۇر.
ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى مۇنداق دەيدۇ: ئىسناد يولى تۇتاش، ئادىل، تەقۋا، يادىلاش قابىلىيىتى كامىل، راۋىيلار سۆزلىگەن، ئىللەت يوق، خىلاپلىق، زىتلىق بولمىغان. يەنى يۇقىرقى بەش شەرىتكە ئۇيغۇن كەلگەن، ھەدىسلەر سەھىھ لىزاتى بولىدۇ. ئەگەر يادىلاش قابىلىيىتى سەل تۆۋەن بولسا، ئۇ چاغدا ھەدىس ھەسەنۇللىزاتى دىيىلىدۇ.
ھەسەن ھەدىسنى تونۇشتۇرۇشدا، ئىبنى ھەجەرنىڭ سۆزى تاللاندى، يەنى يادىلاش قابىلىيىتى سەل تۆۋەنرەك بولغان، قالغان شەرىتلەر سەھىھ ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغان ھەدىستۇر.
ھەسەن ھەدىسنىڭ ھۆكمى سەھىھ ھەدىسكە ئوخشاشتۇر، ئەمەل ۋە ھۆججەت، دەلىل – ئىسپات قىلىنىدۇ، بارلىق فىھقىشۇناس ئالىملار بۇ خىل ھەدىسنى دەلىل، ھۆججەت قىلدى.
«جەننەتنىڭ ئىشك ئاچقۇچى قىلىچ سايىسى ئاستىدا »دىگەن ھەدىسنى تىرمىزى ھەسەن دىگەن. تۆت راۋىيسى ئىشەنچىلىك، كامىل، ھاپىز دىگەن، جەئپەر ئىبنى سۇلەيمان دىگەن كىشىنىڭ ھەدىسى، ھەسەن دەرىجىلىك ئىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، سەھىھ مەرتىبىسىدىن ھەسەنگە چۈشكەن. ئەگەر تىرمىزى رەھمەھۇللا، بىر ھەدىسنى ھەسەن ھەم سەھىھى دىگەن بولسا، بۇ خىل ئاتالغۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟
ئەڭ ياخشى جاۋاب، ئىبنى ھەجەرنىڭ جاۋابى، بۇ جاۋابقا ئىمام سۇيۇتى رازى بولغان، ئۇ بولسىمۇ، ھەدىسنىڭ ئىككى ئىسنادى بولۇپ، بىرسى سەھىھ بولسا، يەنە بىرسى ھەسەن دەرىجىلىك، ئەگەر بىرلا ئىسنادى بولسا، بەزى قەۋىمنىڭ نەزلىدە سەھىھ بولسا، يەنە بىر قەۋىمنىڭ نەزلىدە ھەسەن بولىدۇ دىگەن.
بەغۋىي مەسابىھنىڭ ھەدىسلىرىنى تەقسىم قىلىشتا مۇنداق دىگەن، بۇخارى مۇسلىمنىڭ ھەدىسلىرىنى سەھىھ دىگەن. نەسەئى، تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجەنىڭ ھەدىسلىرىنى ھەسەن دەۋەتكەن، بۇ بارلىق مۇھەددىس، ئىماملارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان، خاتا ئاتالغۇ بولغان، چۈنكى، بۇ تۆت كىتابدا سەھىھ ھەم ھەسەن، زەئىپ، مۇنكەر، ھەتتا ئاز – تولا يالغان ھەدىسلەرمۇ باردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىبنى سىلاھ بىلەن ئىمام نەۋەۋى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دىگەن: مەسابىھ دىگەن كىتابنى ئوقۇغان ئادەم چوقۇم ھەدىس ئىلمىنى بىلىشى لازىم. ھەدىس ئاتالغۇلىرى دىگەن پەندىن خەۋىرى بولۇشى لازىم دىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مىشكاتۇلمەسابىھنىڭ باش تەرىپىگە شەيىخ، مۇھەددىس، دىھلىۋنىڭ ھەدىس ئىلىملىرى كىرگۈزۈلگەن، لېكىن، بىزنىڭ تۈرۈك، جاھىل، موللىلىرىمىز بۇ ئىلىمدىن خەۋىرى يوق، ھەتتا كىتاپنىڭ مۇقەددىمىسىنىمۇ قويۇپ، نەخ ھەدىسنىلا ئوقۇتۇىدۇ، ئوقوغۇچىلار زەئىپ ھەدىس، يالغان ھەدىسلەرنى ئايرىيالماي گاڭگىرايدۇ، ھەدىسكەنغۇ دەپلام ئېتىقاد ۋە ئەمەل قىلىپ ئازىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ پەنگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم. شەيىخ ئەلبانى رەھمەھۇللا، مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ، مىشكاتنىڭ زەئىپ ھەدىسلىرىنى ئايرىپ بەرگەن، مەن ئۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ بولغان، نەشىر قىلنىدىغۇ دەيمەن.
ھەتتا، مەخسۇس مىشكاتۇلمەسابىھنىڭ يالغان ھەدىسلىرى ناملىق كىتابلار بار، بۇ خىل يالغان ھەدىسلەرنى بىز يالغان ھەدىسلەر توپلىمىدا يېزىپ بولغان، 20دىن ئاشىدىغۇ دەيمەن. مىشكاتتا زەئىپ، مۇنكەر، يالغان بولۇپ، 830 ھەدىسنى زەئىپ ھەدىسلەر قاتارىدا تەرجىمە قىلىپ بولغان ئىدۇق، مانا ئەمدى، خاتىرجەم ئوقۇڭلار، لېكىن، شۇ كىتابنى ھەمراھ قىلىش شەرتتۇر.
ھەسەن ھەدىسلەر توپلىمىغا مەخسۇس كىتاب تۈزۈلمىگەن، چۈنكى، بۇ خىل ھەدىس، سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىغا كىرىپ كېتىدۇ، لېكىن، تىرمىزىيدا بۇ خىل ھەدىس كۆپتۇر، تىرمىزى رەھمەھۇللا ئالاھىدە ھەسەن دەپ ھۆكۈم قىلغان.
ئەبۇ داۋۇد، دارىقۇتنىلاردا ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىسلەر كۆپتۇر، قالغان ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىسلەر مۇشۇ كىتابىدا سۆزلىنىدۇ.
ھەسەن ھەدىس يوللىرى كۆپىيىپ، كۈچلۈنۈپ، ئۆزىدىن كۈچلۈك يەنە بىر يولدىن خاتىرلىنىپ، باشقا ھەدىسنىڭ ياردىمىدە سەھىھۇلغەيرى دىگەن نامغا كۆتۈرلىدۇ، بۇ خىل ھەدىس، ھەسەن ھەدىسدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
مۇرسەل، مۇئەللەق دىگەن زەئىپ ھەدىسلەر يوللىرى ئىسنادى كۆپىيىپ، كۈچلۈنۈپ، زەئىپلىك سەۋەب، ئىللەتلىرى يوقاپ، ھەسەنۇللىغەيرى دىگەن ئۇنىۋانغا كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ خىل ھەدىس، سەھىھ، ھەسەن ھەدىسلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ، ئەمما، يەنىلا مەقبۇل، قوبۇل قىلىنىپ ئەمەل ۋە ھۆججەت قىلىنىدۇ.
ئەمدى بىز ناسىخ، مەنسۇخ ھەدىسلەرنى سۆزلەپ ئاندىن شەيىخ، مۇھەددىس، مۇھەممەد ئىبنى سالىھ، ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللانىڭ، ھەدىس ئىلمى تەتقىقات كىتابىدىن سەھىھ، ھەسەن ھەدىسلەر توغرىسىدا سۆز تاللاپ يازىمىز.
ناسىخ، مەنسۇخ دىگىنىمىز: ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ مەلۇم ھىكمەتتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەنە بىر ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئەمەلدىن قالغىنى مەنسۇخ، كۈچكە ئىگە، ھۆكۈم، ناسىخ دىيىلىدۇ.
بۇ خىل ئەھۋال، قۇرئان، ھەدىسلەردە بار بولۇپ، بارلىق ئالىملار ئىتتىپاققا كەلگەن، مەخسۇس قۇرئان كەرىمنىڭ ناسىخ، مەنسۇخلىرى، ھەدىسلەرنىڭ ناسىخ، مەنسۇخلىرى ئۈچۈن كىتابلار يېزىلغان. بۇ كىتابلار تەپسىر، ھەدىس پىلاستىنكىلىرى ۋە شۇ كىتابلاردا مەۋجۇددۇر.
ھەدىسنىڭ ناسىخ، مەنسۇخلىرى مۇنداق تونۇلىدۇ.
1. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى بىلەن تونۇلىدۇ. مەسىلەن: مىئراج ھەدىسىدە 50 ۋاخ ناماز، بەش ۋاخ نامازغا چۈشۈرۈلگەن، قۇربانلىقنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يىيىشدىن توسۇپ، كېيىن رۇخسەت قىلغان، بىر قىسىم قاچا، كوزىلاردا ئىچىملىك، سۇ ئىچىشدىن توسۇپ، كىيىن رۇخسەت قىلغان، قەبرىنى زىيارەت قىلىشدىن توسۇپ، كېيىن ئەرلەرگە رۇخسەت قىلغان، قىبلىنى مەككىگە چۆرىش قاتارلىقلار.
2. ساھابىلار سۆزى بىلەن تونۇلىدۇ. مەسىلەن: جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۇنجى قېتىم ئوت تەگكەن كاۋابدەك نەرسىنى يىسە، تاھارەت ئالاتتى، كېيىن، تەرىك ئەتتى، يەنى كيىن تاھارەت ئالمىغان دىگەندەك، بۇ خىل ئەھۋاللاردا بىز كېيىنكى ئىشلارغا ئەمەل قىلىمىز.
3. تارىخ بىلەن تونۇلىدۇ، كېيىنكىسى كۈچكە ئىگە، مەسىلەن: شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە قان ئالغان، قان ئالدۇرغان كىشى ئىپتار قىلغان بولۇپ، روزىسى سۇنىدۇ دىگەن.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامىزان ئېيىدا ئىھرام باغلاغلىق ھالدا قان ئالدۇرغان، شەدداد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسى، مەككىنى ئىشغال قىلغان ۋاخ بولۇپ، ئىبنى ئابباسنىڭ ھەدىسى، ھەججەتۇل ۋىدادا كېيىن دىيىلگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى مەنسۇخ بولىدۇ، خۇددى ئات گۆشىنى يىيىشدىن توسقان دىگەن ھەدىسنى، بۇخارى، مۇسلىمنىڭ مۇتتەپەقۇن ھەدىسى بىلەن يەنى يىيشكە رۇخسەت قىلغان ھەدىسى بىلەن ئەبۇ داۋۇد مەنسۇخ دىگەندەك.
4. ئىجمائ بىلەنمۇ مەنسۇخ ئايرىلىدۇ. مەسىلەن: تۆتىنچى قېتىم ھاراق ئىچكەن كىشىنى ئۆلتۈرۈڭلار دىگەن، ھەدىس ساھابىلار، تابىئىنلار ئىجماسى بىلەن مەنسۇخ قىلىنىپ ھېچبىر ھاكىم بۇ ھەدىس بىلەن ھۆكۈم قىلىمىغان، نەۋەۋى رەھمەھۇللا بۇ مەنسۇخ دىگەن، ئىجمائ، ناسىخ، مەنسۇخ بولمايدۇ. لېكىن، ناسىخقا كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ناسىخ مەنسۇخنى ئايرىپ بىرىدۇ.
شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىيىن رەھمەھۇللا ھەدىس ئاتالغۇسى دىگەن كىتابىدا مۇنداق دىگەن:
مۇتىۋاتىر ھەدىس، يالغانچىلىققا ئىتتىپاقلىشىۋېلىشى مۇمكىن بولمىغان، دىيىشىۋېلىش مۇمكىن بولمىغان، جامائەت ھىسسى ئىسناد بىلەن يەنى ئاڭلىدىم، كۆردۈم بىلەن سۆزلىگەن ھەدىستۇر.
ھەدىس قۇددۇس، ھەدىس ئىلاھى، رەببانى دىگەن ھەدىس، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئاللاھ مۇنداق دىدى دىگەن ھەدىستۇر.
بۇ خىل ھەدىسنىڭ مەرتىبىسى قۇرئان كەرىمدىن تۆۋەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلىرى لەۋزەن، مەئنەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپ قىلىنىدۇ، ھەدىس قۇددۇس بولسا، مەنىسى ئاللاھقا نىسبەت بېرىلىدۇ، لەۋزنى بولسا، يەنىلا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزلىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەدىس قۇددۇس لەۋزى بىلەن تىلاۋەت قىلىنىپ، ئىبادەت قىلىنمايدۇ، نامازدا قىرائەت قىلىنمايدۇ. قۇرئاندەك مۇتىۋاتىر ھالدا خاتىرلەنمەي، بەلكى،ئۇنىڭدىن مۇتىۋاتىر، سەھىھ، ھەسەن، زەئىپ، مۇنكەر، ھەتتا يالغانلىرىمۇ بولىدۇ، ھەدىسنىڭ لەۋزى، مەنىسى كۆپ جامائەتتىن مۇتىۋاتىر ھالدا، سۆزلەنسە، بۇ لەۋزەن ۋە مەئنەن مۇتىۋاتىر بولىدۇ، ئەگەر مەنىسى بىر لەۋزى ھەرخىل بولسا، مۇتىۋار مەئنىۋى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش، ھەدىسى، ماڭا يالغاننى توقۇغان، ئادەم دوۋزاخدىن ئورۇن ئالسۇن دىگەن، ھەدىسلەر مۇتىۋاتىر 60دىن 70گىچە كىشى سۆزلىگەن، دۇئادا قول كۆتۈرۈش بولسا، مۇتىۋاتىر، مەئنەن بولىدۇ، مەنىسى بىر خىل لەۋزى ھەرخىلدۇر.
مەشھۇر، ئەزىز، غەرىپ ھەدىسلەرنى يۇقىرقىغا ئوخشاش تونۇشتۇرغان، ئەمەللەر، نىيەت بىلەن دىگەن ھەدىسنى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئەلقەمەتدىن، مۇھەممەد ئىبنى ئىبراھىم تەيمىدىن، يەھيا قاتارلىقلار سۆزلىگەن بولۇپ، باشتىن – ئاخىر بىرلا راۋىيى سۆزلىگەن بولغاچقا، غەرىپ، لېكىن، ئۆزى سەھىھ دىگەن، مانا بۇ غەرىيپ، سەھىھ.
مەشھۇر، ئەزىز، غەرىپ ھەدىسلەردىن سەھىھ، زەئىپ، ھەسەن، ھەتتا يالغانلىرىمۇ بولىدۇ، بۇنى بىز سۆزلەپ بولدۇق.
سەھىھ لىزاتى، سەھىھ لىغەير
ھەسەن لىزاتى، ھەسەن لىغەير دىگەن ھەدىسلەرنى يۇقىرقىغا ئوخشاش بايان قىلغان، زەئىپ ھەدىسنى بولسا، سەھىھ، ھەسەن ھەدىسلەرنىڭ شەرىتلىرى توشمىغان ھەدىس دىگەن.
ئوقەيلى، ئىبنى ئەدى، خەتىيبولبەغداد، ئىبنى ئەساكىر، دەيلىمى پىردەۋىس، ھاكىم مۇستەدرەك، ئىبنى جارۇد قاتارلىق كىتابلارنى زەئىپ دىگەن.
1. مۇتىۋاتىر ھەدىس، خۇددى قۇرئان بىزگە مۇتىۋاتىر، قەتئى ئىشەنچىلىك ھالدا يېتىپ كەلگەندەك 300 دىن 400 گىچە ھەدىس بىزگە مۇتىۋاتىر ھالدا يېتىپ كەلگەن.
ھەرقايسى جايدا، ھەرقايسى ئالىملار ھەرقايسى كىتابلارغا ئوندىن كۆپ ساھابىلاردىن، كۆپ تابىئىنلاردىن ئوخشاش خاتىرلەپ لەبزەن ۋە مەئنەن ياكى لەبزى بىر خىل بولمىسىمۇ مەنىسى بىر خىل ھالدا خاتىرلىگەن. ئۇلارنىڭ يالغان سۆز، ئىش – ھەرىكەتكە، ئىتتىپاققا كېلىۋېلىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق مۇتىۋاتىر ئىشەنچىلىك ھەدىس، قەتئىي شەكسىز ئىلىمنى پايدا بېرىدۇ. بۇ ھەدىسكە تانسا، كاپىر بولىدۇ. چۈنكى ئۇ، ئۆتەككە مەسىھ قىلىشدەك ياكى جەننەت – دوۋزاخ ھازىرمۇ مەۋجۇد، ئاخىرەتتە مۆئمىنلەر ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرىدۇ دىگەندەك ئىشەنچىلىك خەۋەرگە، ئەقىدە مەسىلىلىرىگە تانغان بولىدۇ. بۇ ھەدىسلەرنى توپلاپ مەخسۇس كىتاب يازغان ئالىملاردىن جالالۇددىن سۇيۇتى، كىتاب ئىسمى (قۇتپۇلئەزھار) مۇھەممەد ئىبنى جەئبەر، كىتاب ئىسمى (نەزمۇلمۇتەناسىر مىنەلھەدىس مۇتىۋاتىر)
2. مۇتىۋاتىردىن قالسا، مەشھۇر ھەدىس، بۇ خىل ھەدىس ئۈچ ياكى كۆپ كىشىدىن خاتىرلىنىدۇ. مۇتىۋاتىرغا يەتمىگەن ئەمما، راۋى سانى ئۈچدىن كۆپ، بۇ ھەدىسمۇ يەنىلا سەھىھ، زەئىپ دەپ ئايرىلىدۇ.
3. ئەزىز ھەدىس، بۇ ھەدىسنىڭ راۋىسى ئىككى، بىر – بىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇمۇ يەنىلا تەتقىق قىلىنىپ تەكشۈرۈلىدۇ. سەھىھ يا ھەسەن بولسا، ئەمەل قىلىنىدۇ.
4. غەريىپ ھەدىس، بۇ خىل ھەدىسنىڭ راۋىيسى باشتىن – ئاخىرى بىرلا، خۇددى نىيەت ھەدىسدە، ئەمەللەر نىيەت بىلەن دىگەن ھەدىستەك، ئەمما، بۇ ھەدىس سەھىھ ئەمەل قىلىنىدۇ.
5. سەھىھ ھەدىس، خۇددى بۇخارى، مۇسلىمدەك بۇ خىل ھەدىس ئادىل، ئىشەنچىلىك، تەقۋا، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى، يادىلاش قابىلىيىتى ياخشى، ئالىم «راۋى» توپلاپ يازغان ھەدىستۇر. ئايەت ياكى سەھىھ ھەدىسكە مۇخالىپ ئەمەس.
ھەسەن دەرىجىلىك ھەدىس، قوللاشقا ئېرىشىپ، يوللىرى كۆپىيىپ، سەھىھ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدۇ، بۇ خىل ھەدىس، سەھىھۇللىغەيىر دەپ ئاتىلىدۇ. سەھىيھ ھەدىسكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ، ھۆججەت ۋە ئەمەل قىلىنىدۇ.
6. ھەسەن، بۇ ھەدىس خۇددى سەھىھ ھەدىستەك شەرتلەر بىلەن خاتىرلىنىدۇ، پەرقى يادىلاش قابىلىيىتى سەل يەڭگىل، ئەمەلىيەتتە ئىسنادى، رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە تۇتاش، راۋىيسى ئادىل، ئىشەنچىلىك كىشى بولىدۇ. شۇڭا، سەھىھ ھەدىسكە ئوخشاش ئەمەل قىلىنىدۇ، ھۆججەت قىلىنىدۇ.
مۇئەللەق، مۇرسەل دەپ ئاتىلىدىغان زەئىپ ھەدىسلەر يوللىرى كۆپىيىپ، قوللىنىپ ئايەت، سەھىھ ھەدىسلەر قوللاپ ساھابى، تابىئىنلار سۆزلىرى بىلەن كۈچلەندۈرۈلۈپ، بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ھەدىس، ھەسەنۇللىغەيىر دىيىلىدۇ. بۇنداق ھەدىسكىمۇ ھەسەن ھەدىسكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ھۆججەت ۋە ئەمەل قىلىنىدۇ. بۇ خىل تەتقىقاتنى «ھەدىس ئىلمى تەتقىقاتى» دىگەن پەننى ئوبدان ئىگىلەپ، تارىخنى ياخشى بىلىپ، كۆپلەپ كىتاب – ماتىرېيال كۆرۈش ئارقىلىق ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ساھابى، تابىئىنلار تارىخنى بىلمىسە، زامان، ماكان، سەپەر، تارىخنى بىلمىسە، مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بىز مۇھەددىس ئالىملىرىمىزغا تايىنىمىز. ئەگەر ئىككى ھەدىس بىر – بىرگە زىت، مۇخالىپ، تاقىشىپ قالسا، مۇنداق ھەل قىلىمىز؟،
يا (ناسىخ) يەنى كۈچكە ئىگە (مەنسۇخ) يەنى ئەمەلدىن قالغان دىگەن مەسىلە بىلەن ھەل قىلىمىز. بۇنى بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى دەپ بېرىشى بىلەن ياكى ساھابىلارنىڭ ئايرىپ بېرىشى بىلەن ياكى تارىخ ئىلمى بىلەن بالدۇر كېيىن قىلىش بىلەن ياكى ئالىملار، مۇھەددىسلەر بىرلىككە كېلىپ، ئىجمائ قىلىش بىلەن ئايرىپ ھەل قىلىمىز. كۈچكە ئىگە ناسىخ ھەدىسكە ئەمەل قىلىمىز، ياكى زىت، تاقاشقان ئىككى ھەدىسنىڭ ئارىلىقىنى ياراشتۇرۇپ، بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەل قىلىمىز. مەسىلەن: كېسەل يۇقۇش يوق دىگەن ھەدىسنى «ئام» دەپ تۇرۇپ، جوزام، تېرە كېسىلى، قىچىشقاق ۋە ۋابا ۋە باشقا كېسەل يۇقىدىغان ھەدىسلەرنى «خاس» يەنى ئامدىن خاسنى چىقىرىش، ،ياكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئەرەب جاھىلىيەت ئۆرىپ – ئادىتىگە قارىشى شۇنداق دىگەن، يەنى ئۇلار، كېسەل ئۆزىلا يۇقىدۇ دەپ قارايتتى، بىز كېسەل ئاللاھنىڭ قازاسى، قەدەر بىلەن يۇقىدۇ، ئۆزىلا يۇقىۋالمايدۇ دەپ قارايمىز.
مانا مۇشۇنداق، بۇ خىل زىددىيەتنى ئالىملار ئالتە خىل چارە – ئامال بىلەن بىرلەشتۈرگەن، ھەدىسلەر ئارىسىنى 60 خىلدىن ئارتۇق بىرلەشتۈرۈش، ياراشتۇرۇش چارىلىرى بار بولۇپ، ئەلۋەتتە، ئاۋۋال «قۇرئان» ئاندىن مۇتىۋاتىر، ئاندىن سەھىھ، ئاندىن ھەسەن، ئاندىن يوللىرى كۆپ، ئىشەنچىلىك قىلىنغان ھەدىسكە ئەمەل قىلىنىدۇ، ئىسنادىنى، مەتنىسنى تەكشۈرۈپ ئەمەل قىلىنىدۇ، ئاندىن ئۇسۇل قائىدىسى بويىچە ياراشتۇرۇلىدۇ. ئەگەر، ئالىم ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئەسلىتىلىدۇ، ئىشەنچىسىز قارىغان بولسا، دەلىل – ئىسپات بىلەن سەھىھ ئىشەنچىلىك قىلىنىدۇ. مەنسۇخقا ئەمەل قىلغان بولسا، ناسىخنى ئالىدىغا قويۇلىدۇ. ئەگەر، زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىپ، ھۆكۈم چىقىرىپ قالغان بولسا، ئايەت، سەھىھ ھەدىس ئالدىغا قويۇلىدۇ. خاتا چۈشىنىۋالغان بولسا، توغرىسىنى، ھەقنى بايان قىلىنىدۇ. يالغان ھەدىس، ئەپسانە، رىۋايەتكە ئېسلىۋالغان بولسا، ئايەت، سەھىھ ئەسەر، ھەدىسنى ئالدىغا قويۇپ رەت قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن زىددىيەت، ئىختىلاپ پۈتۈنلەي ھەل قىلىنىپ كېتىدۇ. خۇددى، قۇرئاندا ئىختىلاپ، زىددىيەت بولمىغاندەك، سەھىھ ھەدسىلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ، زىددىيەت يوقتۇر.ئىختىلاپ ، ئىجتىھادىي چۇشەنچىدەباردۇر.بىز ئەمدى زەئىپ ھەدىسلەر توغرىسىدا توختىلىمىز
http://hedislar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=484

توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 16:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم  sad da  قېرىندىشىم  مۇشۇنداق ياخشى تىمىللىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز ئاللا رەخمەت قىلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-24 23:07:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە رەھمەت قىلسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:14 , Processed in 0.022481 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش