ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2954|ئىنكاس: 12

كىتاپ ئوقۇشنىڭ پايدىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
91
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 17:49:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىتاب ئوقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ئېزىز ھەسەن   كىتاب-بىلىم بۇلىقى. ئادەم كىتاب ئوقۇسا روھى ئوزۇققا ئىگە بولۇپلاقالماستىن،  بىلىممۇ ئاشىدۇ،  شۇنداقلا سالامەتلىككىمۇ پايدىلىق. كىتاب ئوقۇشبىلەن سالامەتلىك قارىماققا ئىككى خىل ئۇقۇمدەك كۆرۈنسىمۇ،  پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا،  كىتاب ئوقۇش بىلەن سالامەتلىك ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇئەييەن باغلىنىش بار. گېرمانىيىلىك دوختۇرلار ئاغرىقلار ئۈچۈن كۇتۇپخانا قۇرۇپ، كىتاب ئوقۇشئارقىلىق كېسەل داۋالاپ،  سوزۇلما خاراكتېرلىككېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتكەن.ئىتالىيە «شىپالىق شېئىر چەكلىك شىركىتى» قۇرۇپ،  ھەرخىل كېسەلگە مەلۇم دەرىجىدە شىپالىق رولى باردەپ قارالغان شېئىرلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىدىكەن. ئۇنداقتا كىتاب ئوقۇشنىڭ سالامەتلىككە قانداق پايدىسى بار؟ 1-چوڭمېڭىنىڭ فۇنكسىيىسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى ئىشلەتكەنسىرى ئۆتكۈرلىشىدۇ، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭتەپەككۇر قىلىشىنى تېزلىتىدۇ. كىتابتا سۆزلەنگەن مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاش ئارقىلىقچوڭ مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلەتكىلى ئادەمنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.بۇ ئارقىلىق پۇتۇن بەدىندىكى ھەر قايسى ئەزا ۋە سىستىمىلارنىڭ ئىقتىدارى تۇلۇق تەڭشىلىپۋە جارى قىلدۇرۇلۇپ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن بالدۇر زەئىپلىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولدۇ. 2-ئادەمنىڭنەزەر دائىرسىنى كېڭەيتىپ روھى كەيپىياتىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.بىزدە: «بىر ياخشى كىتاب ئوقۇساڭ، نۇرغۇن ئالىجاناپ كىشىلەر بىلەنسوھبەتلەشكەندەك بولسۇن» دېگەن گەپ بار. ئادەم بىر ياخشى كىتاب ئوقۇغاندىن كىيىن يېڭىتۇيغۇ، يېڭى بىلىم، يېڭى تەسىراتقا ئىگە بولدۇ. كىتابتا سۆزلەنگەن ۋەقەلىكلەر، گۈزەلئەسلىمىلەر، ئېسىل بايانلار ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سېلىپ، ئۆگىنىش، ئىجاد قىلىشتۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ. ئادەم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ ئۈمىدسىزلەنگەندە ياكى بىرەرە كۆڭۈلسىزلكىككەيولۇققاندا ئىمكان بار كىتاب ئوقۇسا، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ۋە بولمىغۇر خىياللارنىئۇنتۇپ، روھى كۆتۈرۈلۇپ، ئۈمىدكە تولىدۇ. بۇ ھەقتە بىرى :«بىرخىل ياخشى كەيپىيات فىزىئولوگىيىلىكچارچاش ۋە ئازاپنى 10خىل ئېسىل دورىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى تۇگىتەلەيدۇ» دېگەن ئىكەن. 3-ئاغرىقنىڭسالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.ئاستا خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار تۇرمۇشبىلىملىرى، تىببى ساۋات، ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاشقا دائىر مەزمۇنلاردىكى كىتابلارنىئوقۇسا، سالامەتلىكنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىللىرى توۋەندىكلىچە:1-كىتاب ئوقۇشئارقىلىق ئاغرىقنىڭ تىبابەتچىلىككە ئائىت بىلىمى ئېشىپ شۇ خىلدىكى كېسەللىك توغرىسىدابەزى مۇجمەل، خاتا كۆز قاراشلارنى تۈگىتەلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقاقوللىنىدىغان ئۇسۇللارنى، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارنى تېخىمۇ ئەتراپلىق چۇشىنىۋالالايدۇ.دوختۇرلار بىلەن تېخىمۇ كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇش، مەسلەھەتلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگەبولۇپ، داۋالىنىشتا تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرالايدۇ.2-كىتاب ئوقۇشئارقىلىق قورقۇش، ئۈمىدسىزلىنىش، ئۆزىنى ئەيىبلەش قاتارلىق روھى ھالەتنى تۇگەتكىلىۋە ساقىيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.3-كىتاب ئوقۇشئارقىلىق كېسەلنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۇنتۇپ، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى جىددىيلىشىشتىنقۇتۇلغىلى بولدۇ. مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېرىتى.2011-يىل23-مارت سانى(5بەت)


قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 19:05:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز مەنمۇ كىتاپ ئوقۇشقا بەك ئامراق  مەن  قىز ئاياللار ئەخلاقى  . ئەخلاق نامە .قىزلارغا 100 نەسەت .ئايال لارغا 100 نەسەت .ئەيقىز ئاگاھ بولۇڭ .دىگەن دەك كىتاپ لارنى تامام لىغان ھازىر مۇشكاتۇل مەساھ بىنڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇۋاتمە

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 22:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ .ئەلەيكۇم .مەنلا كىيىن قالدىممۇ نىمە!

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:34:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ELF يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 19:05
توغرا دەيسىز مەنمۇ كىتاپ ئوقۇشقا بەك ئامراق  مەن  قىز ئ ...

ياخشى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:35:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
muhabbat10 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-5 22:01
ئەسسالامۇ .ئەلەيكۇم .مەنلا كىيىن قالدىممۇ نىمە!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ھازىرمۇ ئۈلگۈرىسىز.

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-5 23:39:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،اللە رەھمەت قىلسۇن ، ھازىرقى تەشۋىقات قىلىشقا تىگىشلىك بولغان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،ھارمىغايسىز.«ئاشخانا،رېستۇراندا لىق ئادەم،كىتاپخانىدا ھېچكىم يوق.».

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 00:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 00:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ELF يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 00:02

گەپ قىلماي قاراپ تۇرامسىز مۇشتا؟   

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 00:11:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maymuna يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 00:08
گەپ قىلماي قاراپ تۇرامسىز مۇشتا؟

گېپىم نى دەپ بولغان سىلەرگە قارا ۋاتمە

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 00:17:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ELF يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 00:11
گېپىم نى دەپ بولغان سىلەرگە قارا ۋاتمە

ھى ھى ھى ... كىتاپ ئوقۇشقا مەنمۇ بەك ئامراق ، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ،كېچە كېچىلەپ ئوقۇپ كېتەتتىم رومان دىگەننى. مەن تارىخى رومانلارغا بەك ئامىراق. يېقىندا «توت خەلىپە »دىگەن كىتاپنى سېتىۋالدىم . ئاللاھ خالىسا ئوقۇيمەن ،دەپ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 11:01:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
maymuna يوللىغان ۋاقتى  2012-5-6 00:17
ھى ھى ھى ... كىتاپ ئوقۇشقا مەنمۇ بەك ئامراق ، تولۇقسىز  ...

ھەراس توت خەلىپە دىگەن كىتاپ مەندىمۇ بار  مەن ئوقۇپ بولغان

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 13:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ،دىنغا ئائىت ياخشى كىتاپلار بولسا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار ،1324143015

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 09:57:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كىتاپ ېوقۇشقا بەك ېامراق.بىر كىتاپنى ېوقۇغان بولسام شۇ كىتاپنى چوقۇم ېاخىرغا ېىلىپ چىقمغۇچە قۇلۇم ېىشقا بارمايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-8-19 03:26 , Processed in 0.045723 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش