ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2108|ئىنكاس: 4

ئىسلامى ئەللەي ناخشىسى ئۇقۇپ بېقىڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
5
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-12 11:50:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 13:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلغان ئەللەي ناخشىسى ئىكەن بۇ،  بارك اللە !!!!!!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 19:49:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم !ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلىپتۇ ،بىز ئانىلار ئۈگنىۋالساق بۇلغىدەك!

باشلانغۇچتىكى ئەزا

دىنىم ئۈچۈن جېنيم پيدا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 10:38:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنبەسي  ئەۋلاد توري : كىرگەنلەرگە پايدنىلشقا ئاسان بولسۇن





ئەللەي بالام ئەللەي




ئاللاھ بەرگەن نېئمەتسەن، ئەللەي بالام ئەللەي

گۆھەردىنمۇ قىممەتسەن، ئەللەي بالام ئەللەي

دىنىم ئۈچۈن تۆھپەمسەن، ئەللەي بالام ئەللەي

سەن كەلگۈسى ئۈممەتسەن، ئەللەي بالام ئەللەي




يالغۇز ئەمەس بۇ باشىڭ، ئەللەي بالام ئەللەي

پەيغەمبەردۇر يولباشىڭ، ئەللەي بالام ئەللەي

ئاتا ئاناڭ سىرداشىڭ، ئەللەي بالام ئەللەي

مۇئمىنلەر قېرىنداشىڭ، ئەللەي بالام ئەللەي




زېمىن ساڭا راسلار ئاش، ئەللەي بالام ئەللەي

پەرۋىش قىلار ئاي قۇياش، ئەللەي بالام ئەللەي

قوغدار سېنى پەرىشتە، ئەللەي بالام ئەللەي

خىزمەتكاردۇر تاغۇ تاش، ئەللەي بالام ئەللەي




بولسۇن ئاللاھ يادىڭدا، ئەللەي بالام ئەللەي

قۇت ئىقبالىڭ ئالدىڭدا، ئەللەي بالام ئەللەي

پاكلىق بولسۇن زاتىڭدا، ئەللەي بالام ئەللەي

شان-شەرەپ بار قانىڭدا، ئەللەي بالام ئەللەي




ئاللاھ بەرسۇن ئىمانىڭ، ئەللەي بالام ئەللەي

نۇرغا تولسۇن ئېقبالىڭ، ئەللەي بالام ئەللەي

ھالال بولسۇن ئاشلارىڭ، ئەللەي بالام ئەللەي

ئاسان بولسۇن ئىشلارىڭ، ئەللەي بالام ئەللەي




ھۆر يارالدىڭ ئالەمگە، ئەللەي بالام ئەللەي

نۇر تولدۇردۇڭ خانەمگە، ئەللەي بالام ئەللەي

خەلقىڭ كۈلسۈن تۆھپەڭگە،ئەللەي بالام ئەللەي

شەيتان چۆمسۇن ماتەمگە، ئەللەي بالام ئەللەي

  
ئاللاھ ئەجريڭزني بەرسۇن قېرندشيم كەنجي قېرندشيم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezzytgkeny تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-15 10:41  

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 18:28:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشىيىزىلىپتۇ.سىزگە اللاھ رەھمەت قىلسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-7-8 17:48 , Processed in 0.020015 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش