ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 4252|ئىنكاس: 26

مۇسۇلمان كىم؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
56
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 13:37:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹مۇسۇلمان › دىگەن «بويسۇنغۇچى» يەنى ئىمان ئېيتىپ شەرىئەتنىڭ بارلىق كۆرسەتمىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ شۇنىڭغا بويسۇنغۇچى، ئەمەل قىلغۇچىدۇر.
كۆرسەتمىلەرنىڭ بەزىسىگە بوي سۇنۇپ بەزىسىگە بويسۇنمىغان كىشىمۇ بويسۇنمىغۇچى پاسىق قاتارىدا بولىدۇ. تىلىدا قۇبۇل قىلىپ، ئىمان ئېيتىپ قۇيۇپ، ئەمەلدە ئىسلامغا يات ئۆرپە-ئادەت بىلەن ياشىغۇچىمۇ ،شەرىئەتكە بويسۇنمىغۇچىدۇر.
بىر ئادەم كامىل مۇسۇلمان بولغاندا، ئۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقى كۆرىنىدۇ. ئۇنىڭ بارلىق سۆزى، ھەركىتى، ئۇنىڭ بارلىق ئىپادىلىرىدىن «ئىسلام» كۆرىنىدىغان بولىدۇ.
مۇسۇلمانلىقى دىلىغا سىڭىپ كەتكەن بىر ئادەم،  ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرنى ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ لەنەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە كىشىلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ، ئاللاھنىڭ دوستىنى دوست تۇتىدۇ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى دۈشمەن كۆرىدۇ؛   شەرىئەتتتە گۇناھ بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن بارلىق ئىشلارنى چەكلەيدۇ ھەم چەكلىنىدۇ، شەرىئەت ياخشى دەپ كۆرسەتكەن بارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرايدۇ؛
مۇسۇلمان ھەر قانداق ئىشنى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئادىل قىلىدۇ.  
مۇسۇلمان ھەر دائىم قىيامەتنى ئېسىدە تۇتىدۇ، شۇ چاغدا مۇكاپاتقا ئېرىشسەم دىگەننى نىشان قىلىدۇ؛ جەننەتكە كىرىشنى غايە قىلىدۇ.
مۇسۇلمان ھەر قانداق ئىشتا ئاللاھ مۇشۇ ئىشقا قانداق قارايدۇ؟ دىگەننى ئويلىشىپ شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلىدۇ، ئاللاھ نىڭ نەزىرىدە ياخشى بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ؛
مۇسۇلمان جامائېىتىدىن ئىسلامي ئۆرپە-ئادەت ۋۇجۇتقا كېلىدۇ.
مۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلمانغا ھەرقانداق يول بىلەن ئەزىيەت يەتكۈزمەيدۇ، مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئەزىيەت يەتكەن بولسا، شۇنىڭ ئۈچۈن دىلى بىئارام بولىدۇ.
مۇسۇلمان ھەر قانداق ئىشتا ھەددىدىن ئاشۇرمايدۇ،   مۇباھ ئىشلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىپ، پەزىرلەرگە سەل قارايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ؛ مەكرۇھ ئىشلاردىن بەكرەك نېرى تۇرىدۇ-يۇ، ھارام ئەمەللەرنى قىلىپ سېلىشقا سەل قارايدىغان مۇشۇنداق ئەخمەق ئىشنى قىلمايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى بارلىق پەرىزلەرنى تولۇق ئادا قىلىش، ھەم بارلىق ھارامدىن چەكلىنىش؛ ئۇنىڭدىن قالسا بارلىق مۇستەھەب ئىشلارنى قىلىش ھەم بارلىق مەكرۇھ ۋە شۈبھى ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش؛ ئۇنىڭدىن قالسا ئاندىن مۇباھ  ئىشلاردۇر. قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسمۇ بولىدىغان ئىشلارنى خۇددى پەرىزنى ئادا قىلىدىغان كىشىدەك مۇھىم ئورۇنغا قۇيىۋالدىغان ،پەرىزلەرنى بولسا تەرىك ئېتىدىغان ئىشنى قىلماسلىق لازىم؛
مۇستەھەب ئىشلاردىن قايسىسىدىن قايسىسى ئەۋزەل دىگەنلەرنى مۇنازىرە قىلىش جەرياندا، يەنە بىر قېرىندىشىمىزغا تىل بىلەن ئەزىيەت يەكۈزۈش ھارام ئەمەلدۇر.  مانا مۇشنداق ئىشلار خۇددى "ساماننى تالىشىپ، ئەمەلدە بۇغداينى زايا قىلىۋەتكەن"دەك ئىش  بولىدۇ.

توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 17:05:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .تىمىنىڭ باش ئاخىرى ماسلاشماپتۇ، ئەگەر مۇنازىرگە پىكىرىڭىز بۇلسا تەكىلىپ بەرسىڭىزمۇ بولودۇ .يەنە بىرگەپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇنتۇلمۇسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 20:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .

تىما، مۇسۇلمان قانداق بولىشى كېرەك؟ مۇسۇلمان دىگەن زادى قانداق ئادەم ؟دىگەن مەزمۇننى چۆرىدىگەن. باش ئاخىرىنىڭ ھەممىسى شۇنى چۆرىدىگەن. باش ئاخىرى ماسلاشمىغاندەك تۇيۇلسىمۇ مەيلى، تىما يازغۇچىغا ئوڭ كۆز بىلەن قاراپ ،مۇسۇلمان قانداق بولىشى كېرەك؟ دىگەن  مەزمۇنىدا  خاتا يېرى بولسا، تۈزىتىپ  ياكى كەم بولغان يېرىنى تولۇقلاپ شۇ ئۆلچەمگە باشقىلارنى ئەمەس، مۇنبەردىكىلەر ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان دەپ بىلىدىغان ھەممىسى شۇ ئۆچلەمگە ئۆزىمىزنى سېلىپ كۆرۈپ ئىش قىلايلى دىگەن مەقسەتتە يازغانلىقىمنى مۇنبەردىكى مۆمىن كىشىلەرنىڭ چۈشىندىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 21:26:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس تىمىنىڭ باش ئاىىرى ماسلاشماپتۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 21:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇسۇلمان ھەر قانداق ئىشتا ھەددىدىن ئاشۇرمايدۇ،   مۇباھ ئىشلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىپ، پەزىرلەرگە سەل قارايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ؛ مەكرۇھ ئىشلاردىن بەكرەك نېرى تۇرىدۇ-يۇ، ھارام ئەمەللەرنى قىلىپ سېلىشقا سەل قارايدىغان مۇشۇنداق ئەخمەق ئىشنى قىلمايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى بارلىق پەرىزلەرنى تولۇق ئادا قىلىش، ھەم بارلىق ھارامدىن چەكلىنىش؛ ئۇنىڭدىن قالسا بارلىق مۇستەھەب ئىشلارنى قىلىش ھەم بارلىق مەكرۇھ ۋە شۈبھى ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش؛ ئۇنىڭدىن قالسا ئاندىن مۇباھ  ئىشلاردۇر. قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسمۇ بولىدىغان ئىشلارنى خۇددى پەرىزنى ئادا قىلىدىغان كىشىدەك مۇھىم ئورۇنغا قۇيىۋالدىغان ،پەرىزلەرنى بولسا تەرىك ئېتىدىغان ئىشنى قىلماسلىق لازىم؛  [ مۇشىنى ئەمىليەتتە كۇرسىتىڭ بۇلمىسا ئۇزىڭىزنىڭ تىلى بىلەن سىز مۇسۇلمان ئەمەس]

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 21:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[ مۇشىنى ئەمىليەتتە كۇرسىتىڭ بۇلمىسا ئۇزىڭىزنىڭ تىلى بىلەن سىز مۇسۇلمان ئەمەس] مۇسۇلمان ھەر قانداق ئىشتا ھەددىدىن ئاشۇرمايدۇ،   مۇباھ ئىشلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كېتىپ، پەزىرلەرگە سەل قارايدىغان ئىشنى قىلمايدۇ؛ مەكرۇھ ئىشلاردىن بەكرەك نېرى تۇرىدۇ-يۇ، ھارام ئەمەللەرنى قىلىپ سېلىشقا سەل قارايدىغان مۇشۇنداق ئەخمەق ئىشنى قىلمايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى بارلىق پەرىزلەرنى تولۇق ئادا قىلىش، ھەم بارلىق ھارامدىن چەكلىنىش؛ ئۇنىڭدىن قالسا بارلىق مۇستەھەب ئىشلارنى قىلىش ھەم بارلىق مەكرۇھ ۋە شۈبھى ئىشلاردىن نېرى تۇرۇش؛ ئۇنىڭدىن قالسا ئاندىن مۇباھ  ئىشلاردۇر. قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسمۇ بولىدىغان ئىشلارنى خۇددى پەرىزنى ئادا قىلىدىغان كىشىدەك مۇھىم ئورۇنغا قۇيىۋالدىغان ،پەرىزلەرنى بولسا تەرىك ئېتىدىغان ئىشنى قىلماسلىق لازىم؛  [ مۇشىنى ئەمىليەتتە كۇرسىتىڭ بۇلمىسا ئۇزىڭىزنىڭ تىلى بىلەن سىز مۇسۇلمان ئەمەس]

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 22:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ISLAMGULI يوللىغان ۋاقتى  2012-6-16 21:38
[ مۇشىنى ئەمىليەتتە كۇرسىتىڭ بۇلمىسا ئۇزىڭىزنىڭ تىلى  ...

ئەلۋەتتە مەن كامىل مۇسۇلمان بولۇشقا تىرىشىمەن.  سىزمۇ (ئەگەر نىشانىڭىز جەننەت بولسا)كامىل مۇسۇلمان  بولۇشقا تىرىشىڭ.  مەن چۈشكەن تارازىغا سىزمۇ چۈشىسىز.  

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 00:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان كىشى پارا بەرمەيدۇ ھەم پارا يىمەيدۇ:
پارىخورلۇق ئەڭ يامان خىيانەتچىلىك بولۇپ، ھەق-ھوقۇقلارنىڭ زايە بولىشىغا، ئادالەتسىزلىك ۋە تەڭسىزلىككە ، كىشىلەرنىڭ مەنپەتىگە نامەرتلەرچە خرىس قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا، جەمىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە ئىشەنچنىڭ يۇقۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان ئىنتايىن قەبىھ ۋە رەزىل قىلمىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:  «ئاللاھ پارا بەرگۈچىگە، ئۇنى ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا سايە قىلىپ ۋاستە بولغۇچىغا لەنەت قىلدى  »(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى).
پارىنى مەقسەت قىلغان سوۋغا -سالاممۇ مەيلى قانداق ئىسىم بىلەن ئاتىۋالسۇن ئوخشاشلا ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «بىز مائاش بەلگىلەپ بىر خىزمەت تاپشۇرغان ئادەم مائاشىدىن تاشقىرى ئالغان ھەر قانداق نەرسە ھارامدۇر» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى)
بىزنىڭ مۇھىتىمىزدا، بىرەر مەكتەپكە، بىرەر خىزمەتلەرگە ئوۇرنلىشىش يەنە بەزى ئىشلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «يول مېڭىش» دىگەن ئىسىم بىلەن پارا بېرىدىغان ئىشلار شۇنچە ئومۇملىشىپ كەتكەنكى، نۇرغۇن مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ھاراملىقىغا پىسەنتمۇ قىپ قويمايدىغان ئەھۋال بار.
بىز مۇشۇنداق ھارامدىن يىراق تۇرايلى.
ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 01:02:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان كىشى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالمايدۇ. (بۇنداق گۇنادىن يىراق تۇرىدۇ)
مەيلى قانداق چىرايلىق نام بىلەن ئاتىۋالسۇن ، ياكى قانداق مەقسەت قىلىنغان بولسۇن، ئۇتۇش-ئۇتتۇرۇش كۈتىلىدىغان شەكىلدىكى ئىشلار قىمار تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭغا پۇل خەجلەشنىڭ ئۆزى قىمار ئوينىغانلىقتۇر.
ياخشى نىيەت ھارامنى ھالال قىلالمايدۇ. شۇڭا  بۇنداق قىماردىن ئىبارەت شەيتاننىڭ قىلىقىنى قىلمايلى.

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 21:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھىچقاچان كىلەكەلمەس گەپقىلمىدىم شۇڭا سىز چۇشكەن تارازىغا مەن چۇشمەسلىكىم مۇمكىن ئاللاساقلىسۇن كامىل مۇسۇلمان بۇلۇش قا تىرشىڭ  بۇلمىسا تارازىڭىز يەڭگىل قەپقالدۇ  مەن اللە دىن قۇرقىمەن مەن كامىل مۇسۇلمان  ئىنشا اللە  

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 00:40:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[abdulla] يوللىغان ۋاقتى  2012-6-17 21:51
مەن ھىچقاچان كىلەكەلمەس گەپقىلمىدىم شۇڭا سىز چۇشكەن ت ...

بۇ تىمىدا مەن سىزگە گەپ قىلماپتىكەنمەنغۇ؟   

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 00:49:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسسالامۇ ئالايكۇم  قېرىنداشلىرىم تەجەللىگە كىرەلمىدىم ماكا ياردەم كىلساكلار ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن ماقۇلمۇ

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 01:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەدۇللاھ قېرىندىشىم سىز بامۇ مانەا ياردم  كىلىك مىنى ھەكىكات چايخانىسىغا ئەكىرىپ كۇيۇك بۇلامدۇ

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 00:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋايى   دىققەتقىلىڭ كۇپىرغا تىلىپ كەتمەڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ISLAMGULI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-23 00:57  

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 02:39:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ISLAMGULI يوللىغان ۋاقتى  2012-6-23 00:53
نەۋايى   دىققەتقىلىڭ كۇپىرغا تىلىپ كەتمەڭ

سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىزنى مۇنازىرە دىگىلى بولمايدۇ.
  ماڭا ياردەم قىلىش نيىتىدە بولسىڭىز ئىلمىي ھالدا كۆرسىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.  ئىنكاسلرىڭىزغا قاراپ   سىزنى مېنىڭ يۇقۇرىدىكى يازمىلىرىمنى چۈشەنمەپتۇ دەپ چۈشەندىم.  
بىر كىشى : "مۇسۇلمان دىگەن زىنا قىلمايدۇ" دەپ ئېيتسا، سىز ئۇنى تەتۈر ئۆرۈپ،" زىنا قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ دىدىڭ "دەپ چۈشىنىۋاپسىز. مۇسۇلمان قىمار ئوينىمايدۇ دىگەن گەپنى ، قىمار ئوينىغانلىقى بىلەنلا كاپىر بولۇپ كېتىدۇ دىدىڭ دەپ مېنى ئاگاھلاندۇرۋاتىسىز. مۇسۇلمان كىشى ئوغۇرلۇق قىلمايدۇ، دىسە سىز ئۇنى تەتۈرسىگە ئۆرۈپ : "ئوغۇرلۇق قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ دىدىڭ" دەپ چۈشىنىۋاتىسىز؛
بۇ يەردىكى : "مۇسۇلمان كىشى ئوغۇرلۇق قىلمايدۇ"  دىگەن گەپ، مۇسۇلمانلىقنىڭ كامىللىق سۈپىتىگە قارىتا ئېيتىلىدۇ. مۇسۇلمان كىشى شۇ خىل گۇنالاردىن ساقلىنىش بىلەن ھەم بارلىق بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش بىلەن كامىللىققا بارىدۇ.  
"خۇتۇنىنى كۈنلىمىگەن ئەر ئەر ئەمەس" دىگەن گەپنى  خۇتۇنىنى كۈنلىمىسە خۇتۇن كىشى بولۇپ قالىدۇ دىدىڭ دىگەندەكلا گەپ بولدى بۇ.  
مەن مۇشۇ مۇنبەرگە كىرگەندىن بۇيان  ، ئىللىق پوزىتسىيەدە بولماي كېلىۋاتقانلار .    مېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنىمۇ چۈشەنمەيمەسلىكى مۇمكىن، دىققەت ئېتىۋارى بىلەن  نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمغا دىققەت قىلماي، باش ئاخىرى ماسلاشتىمۇ -يوقمۇ دىگەندەك  مەسىلىلەردىن  پۇتاق ئىزدەش پوزىتسىيەدىدە بولىدۇ.   

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 16:18:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nawayi1 يوللىغان ۋاقتى  2012-6-23 02:39
سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىزنى مۇنازىرە دىگىلى بولمايدۇ.
  ماڭا ي ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم نەۋائىي
سىز ھازىر تۇتۇپ ماڭغان پوزىتسىيڭىزنى بۇزماي، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇڭ! تەتۈر چۈشىنىدىغانلار ياكى بولمىسا يېزىلغان نەرسىلەر ئۆزىنىڭ كاللىسىدىكى ئۇدۇللاپ چۈشىنىۋالىدىغانلارنىڭ چىقىشى تۇرغانلا گەپ... ئەمما مۇھىمى بۇنىڭ قارشىسىدا بىزنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە تۇرۇپ ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز. شۇڭا سىزدىن تەلىۋىم سىز ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىلمىي پوزىتسىيەنى داۋاملاشتۇرۇڭ، تېخىمۇ تىرىشىڭ. ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن!
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 16:36:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمە تۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ   ئادمىن قېرىندىشىم توغرا ئىيتىدۇ شۇنداق قىلىڭ  ھەقىقەتنى يۇشۇرماستىن تۇلۇق يەتكۇزىۋىرىڭ قايسى توغرا قايسى خاتا بۇنى بىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھدۇر قېرىنداشلىرمىزمۇ بارا بارا چۇشىنىپ قالىدۇ ئىنشا ئاللاھ لىكىن ئىختىلاپ بولمايدىغان ئاساستا  تۇلۇق چۇشىنىشلىك قىلىپ يەتكۇزگەن بولسىڭىز ماقۇلمۇ  ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 20:38:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن. ئەسكەرتكىنىڭلار ئۈچۈن  رەھمەت سىلەرگە.
مەن تىرىشىمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 20:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىشىم رەھمەت

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 20:48:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەخستىڭىزنى چۇشەنمىگەن دەك تۇرمەنمۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 17:36 , Processed in 0.194327 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش