ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1028|ئىنكاس: 1

مۇنبەر مەسئۇللىردىن سۇرايدىغىنىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-17 21:20:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم ھۇرمەتلىك مۇنبەرمەسئۇلى قىرىندىشىم  نىمە ئۇچۇن بەزەن تىمىلارغا ئىسكاس يازغىلى بۇلمايدۇ مىنىڭ تۇنەك تۇغىرسىدا يازغان تىمامنى چەكلىۋىتىپسىز چۇشەنچەبەرگەن بۇلسىڭىز اللە رەھمەت قىلسۇن
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-18 16:15:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
بەزى تېمىلار مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى تاقىۋېتىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىنكاس يازغىلى بولمايدۇ.
بەزى تېمىلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشىدىكى سەۋەب تېمىنىڭ مەنبىئىنىڭ ئېنىق كۆرسىتىلمىگەنلىكى سەۋەبلىك كۆچۈرۈلمە تېما سۈپىتىدە قارىلىپ قېلىپ ئۆچۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. (بۇ مۇنبەردە تېما ياكى ئىنكاس ئۆچۈرۈلگەندە سەۋەبى بايان قىلىنىدۇ. بولۇپمۇ مەن بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىمەن. باشقا قېرىنداشلارمۇ دىققەت قىلىدۇ، ئەگەر ھازىرغا قەدەر دىققەت قىلمىغان باشقۇرغۇچى قېرىنداشلىرىم بولسا بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىشىنى سورايمەن. چۈنكى بۇ، ئەزالارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر!)
چۈنكى مۇنبەر پرىنسىپىدا بەزى قۇراللار بار. مۇنبەرنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇشى، شۇنداقلا ئەخلەت ساندۇقىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ قۇراللار بېكىتىلگەن. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشلىرىنى ئارزۇ قىلىمىز.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىز قېرىنداشلىرىمغا مۇنبەر پىرىنسىپلىرىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن:بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىز قېرىنداشلىرىمغا مۇنبەر پىرىنسىپلىرىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن:
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە:  
   
    1- يوللىماقچى بولغان تېما ياكى ئىنكاسىڭىز قەتئىي ھالدا سىياسىيغا ئالاقىدار بولمىسۇن.
    2- تېما ياكى ئىنكاس يوللىغاندا، يوللىغان تېمىڭىزنىڭ قۇرئان-ھەدىسنى چۆرىدىگەن ئاساستا قەلەمگە ئېلىنىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ.
    3- ئەزالارنىڭ ياكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-چۈشەنچىلىرىنى تەنقىد قىلماقچى بولسىڭىز،
        1) سەمىمىي بولۇڭ.
        2) ئىلمىي بولۇڭ.
    3- كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان ئىپادىلەرنى ھەرگىز قوللانماڭ.
    4- مەقسىتىڭىز باشقا كۆز قاراشتىكىلەرنى يېڭىۋېلىش ئەمەس، توغرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا تۆھپە قوشۇش بولسۇن.
    5- باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان تېمىلارنى قەتئىي يوللىماڭ. ئەكسى تەقدىردە دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ.
بولۇپمۇ دىنى ساھەدە كۆچۈرۈلمە تېمىلارنى يوللىماڭ. ئەگەر ئاپتۇرى ئۆزىڭىز بولسىڭىز قۇرئان - سۈننەتنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىلمىي بولۇش شەرتى بىلەن يوللىسىڭىز بولىدۇ.
    6- ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى ئىشقا سېلىپ ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى ماھىيىتىكى ھەدىسلىرىنى ئوقۇپ، مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىرىڭىزنى توغرا ئىپادىلەرنى قوللۇنۇپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇشقا تىرىشىڭ. بۇ ئارقىلىق "ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش"مەجبۇرىيىتىڭىزنى ئادا قىلىشقا تىرىشىڭ. قىسقىسى يازغان تېما ۋە ئىنكاسلىرىڭىز ئۆز ئەمگىكىڭىز بولسۇن...
    7- قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يۇقىرىدىكىلەرگە زىت كەلگەن تېما ۋە ئىنكاسلىرى ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ...

www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 05:12 , Processed in 0.019761 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش