ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1998|ئىنكاس: 5

مىيتسىز ناماز ...... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
199
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-1 19:28:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، دوستلار ۋە مۇنبەرداشلار ! بۇ تېما گەرچە ئىسلامىي مۇنبەرلەرگە يات يېزىلغان بولسىمۇ ، ئەمما مەن بۇ مۇنبەرنىڭ ئەزاسى سۈپۈتۈم بىلەن يەنىلا يوللىماقنى توغرا تاپتىم . شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا تەنە قىلماي ئوقۇپ چىقارسىلەر !!!



بىر سىلكىنىش ئىچىدە تاتلىق ئۇيقۇمدىن ئويغۇنۇپ كۆزۈمنى ئاچتىم . گەرچە كۆزۈم ئېچىلغان بولسىمۇ ئەمما تېنىم تېخى ئۇيقۇنىڭ ھارارىتىدىن يېڭى ئويغانغاچ يېرىم مەجروھلۇق ھالەتتە يەنە داۋاملىق سىلكىنىش ئىچىدىكى تەۋرەشكە دىققىتىمنى بېرىپ ، كۆزۈم ئېچىق ھالەتتە تېنچ يېتىۋەردىم . بۇ تەۋرەش كۈچلۈكلىكتىن تۆۋەنلىككە پەسىيىپ ، ئېھتىمالىم يېرىم مىنۇتقا يېقىن ۋاقىت سىلكىنىشتە بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن بولدى . گەرچە مېنىڭ كۆزۈم سىلكىنىشتىن ئېچىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ نامازغا تۇرىدىغان ۋاقىت بولمىغاچ يەنە ئاستا - ئاستا كۆزۈم ئۇيقۇغا كەتتى .

...............................................................................................

كۈندە ۋاقتى تەڭشەلگەن ۋاقىتتا جىرىلداپ تېلىفۇننىڭ ئاۋازى ياڭرىدى . ئېھتىمال ، ئىلگىركى ئويغانغان ۋاقىتتىن كىيىن يېرىم سائەت ئەتىراپىدا ئۇخلىغاندىمەن . كۈندىلىك ئادىتىم بويىچە تۇرۇپلا چۈگۈنگە سۇ قۇيۇپ تاھارەت ئېلىشقا تۇتۇش قىلىپ كەتتىم . ..............................................................................................- ۋوي ، بۈگۈنمۇ مىيىت نامىزى بار ئىكەندە ھە ؟ - دېگەندەك تۇيغۇ يادىمدىن شارتتىتە ئۆتۈپ كەتتى . چۈنكى مەن دائىم ناماز ئوقۇيدىغان مەسجىدتە شەھەر ئىچى ئەتىراپىدىكى << ئۇيغۇر >> لارنىڭ ۋاپاتىدا نامىزى چۈشۈرىلىدىغانلىقىدىن ( ئادەتتە يولدىن شۇنداقلا قايرىلىپ مەسجىدنىڭ ئالدىدا كۆپ ماشىنا بولسىلا ، كاللامغا مىيت نامىزى بارلىقى كېچەتتى . بۇ كېچىش ھېچقاچان خاتا چىقىپ باقمىغان ئىدى )  شۇ ۋەجىدىن بۇ نۆۋەتمۇ شۇ ئىشەنچ ئىچىدە مەسجىدكە كىرىپ كەتتىم .

...............................................................................................

تولىمۇ ئەپسۇس ، مەسجىدكە كىرىپ داۋاملىق كۆزۈمنى يۈگۈرتۈپ قارايدىغان جىنازا ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا قاتار تىزىلىپ جامائەت بىلەن كۆرىشىدىغان ( ئەلۋەتتە بۇ جىمى جىنازا كىشىلىرىگە ئۇمۇمىي ئەمەس ) كىشىلەر تەڭ ئەسلا يوق ئىدى . بەزىدە مىيتنى تۇغقانلىرى ئالدىن كەلگەچ تۇرۇپ جىنازا سەل كېچىكىپمۇ كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بار بولغانلىقتىن ، مەسجىدتىكى كىشىلەرگە قارىدىم . مەسجىدتە ئىلگىركىدىن كىشىلەر كۆپ بولۇپ ، ھەقىقەتەن مىيىت نامىزىغا كەلگەن كىشىلەرچىلىك سالماقتا ئادەم سانى كۆپ ئىدى . ئىچىمدە - مىيتنى سەل ئۈلگۈرتۈپ بولالماي كېچىكىپ قالغان بولسا ھېلىغىچە ئەكىلىدىغان ئوخشايدۇ - دىگەن ئويدا مەلۇم بىر تۈۋرۈكنىڭ ئارقىغا يان قىيپاش ھالەتتە ئۆتۈپراق ، ناماز بامداتنىڭ ئالدىنقى ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم .

................................................................................................

بامدات نامىزىنىڭ پەرزى تۈگەپ ھەم جامائەتچىلىك بىرلىكتە دۇرت - تەسبىھلەرنى ئوپچە ئېيتىشىپ ئىككىنچى دۇئانى بىرلىكتە قىلىپ تاماملاپ بولغاندىن كىيىن جامائەت گۈررىدە تۇرۇشۇپ ئارقا تەرەپكە ئۆتۈشكە باشلىدى . مەن ئادەتتە مىيت نامىزى بار ۋاقىتتا ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن ئاياغ كىيىش تەسكە توختاپ قالىدىغانلىقتىن سەل كىچىكىپرەك چىقاتتىم . بۇ نۆۋەتمۇ سەل كىچىكىپرەپ چىقىپ قارىسام كىشىلەر چىققان پېتى ئۇدۇللا ئېشىك تەرەپكە كېتىۋاتاتتى . ئەمما ، مېنىڭ كاللامدا مىيت نامىزى بار دېگەنكى ئوي بولغاچقا ئۇدۇللا دائىم جىنازا قويۇلىدىغان جايغا كۆزۈمنى يۈگۈرتتۈم . تولىمۇ ئەپسۇس ، مېنىڭ بۇ نۆۋەتتىكى قىياسىم پۈتۈنلەر خاتا چىققان ئىدى .

شۇ ئارىدا جامائەت ئارىسىدىن چىقىۋېتىپ بىر تۇنۇشۇمغا بوشراق ئاۋازدا ئېيتتىم .

-مىيت نامىزى باردەك قىلىۋاتاتتى ، مىيتنى ئۈلگۈرتۈپ بولالمىدىمۇ - يوققۇ ؟ - دەپ ئۇنىڭ بىر نېمە دىيىشىنى كۈتۈپ ئۇنىڭغا قارىدىم .
ئۇ سەل چۈشەنمىگەندەك قىلىپ مەندىن - قانداق دەيلا ؟ - دەپ سورىدى . -

بايا قارىسام تالادا ماشىنا كۆپ تۇراتتى . چوڭ ماشىنىمۇ بار ئىكەنتۇق . شۇنىڭغا قاراپ مىيت نامىزى بار ئوخشايدۇ دەپ جەزم قىلغان ئىدىم - دەپ ئۇدۇللا سۆز قىلدىم ئۇنىڭغا .
-ئۇنداقمۇ ئەمەستۇ ، باياقى تەۋرەش مەجبۇر ئەكىرىۋاتتىمىكىن دەيمەن بۇ خەقنى مەسجىدكە ؟!  

- شۇنداقمۇ ؟ مەن بۇ تەرىپىنى قىياس قىلىپ بولالماي قاپتىمەن .

-بايا نامازغا ماڭسام كۆپىنچە كىشىلەر تالاغا چىقىۋاپتىكەن ( ئۇنىڭ ئۆيى مەسجىدكە يېقىن بىنالىق ئاھالىلار قوروسىدا ئىدى ) ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خۇدانىڭ بارلىقىنى بىلىدىغانلىرى شۇ قورقانچىلىقىدا مۇشۇ يەرنى تاپقان بولىشى مۇمكىن

..............................................................................................

شۇنداق مۇمكىن ، ئەلۋەتتە مۇمكىن . بىزدە << ھاراقكەشنىڭ تەۋبىسى دۈيشەنبە >> دەيدىغان گەپ بار . ئارام كۈنى شەنبە - يەكشەنبە قىلىدىغاننى قىلىپ ، ئىچىدىغاننى ئىچىپ كۆڭلى تازا ئېلىشقاندا ئاندىن چىقىپ كەتكەن << بەدەل >> لەرگە چىقىماي تەۋبە قىلىدىغان كىشىلەردەك ، گۇناھ - مەئىسىيەتلەرنى قىلىپ - قىلىپ ، ئاخىرى كاپىرلارنىڭ كاتىبېشى پىرئەۋندەك جېنى ھەلقۇمغا يەتكەندە << مەن تەۋبە قىلدىم ، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئىلاھىغا ئىشەندىم ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق >> دەپ ئەسلا قۇبۇل قىلىنمايدىغان ، ھېچ ئەھەدىي ياندۇرالمايدىغان ۋە ئاللاھمۇ ھېچ قۇبۇل قىلمايدىغان تەۋبىگە تىلىنى سۇنۇپ باققاندەك ، بۈگۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر شۇنىڭدەك ، قىلىدىغاننى قىلىۋېرىدۇكى ، شۇنىڭدەك قاتتىق بىر تىتىرەشتە خۇددى ھاراقكەشكە ئوخشاش ناگاھان بىر نۆۋىتىدە تەۋبە قىلىپ يەنە ناگاھان بىر نۆۋىتىدىلا تەۋبىسىدىن يېنىۋېلىپ كونىلىقنى تېپىشقا كىرىشىپ قالىدۇ . قاچانىكى قاتتىق بەدەل تۆلەيدىغان بىر ۋاقىتتا يەنە تەۋبە قىلىدۇكى ، ناگاھان قىسقىغىنە بىر ۋاقىت ئىچىدە يەنىلا تەۋبىسىدىن يېنىۋالىدۇ . چۈنكى ئۆزى ئىختىيار قىلىپ تەۋبە قىلمىغان ، شۇنىڭدەك بىر زىلزىلە ئىچىدىنلا ، بىر قورقۇنۇش ئىچىدىلا قىلىنغان تەۋبە ھېچ ئۇزۇنغا بارالمايدۇ . چۈنكى ئۇنىڭدەك تەۋبە ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلۇپ بولالمايدۇ . كىشىدە مەيلى قايسى تۇنۇشتا بولسۇن ، ئۇنىڭدا ئىشەنچ بولمايدىكەن ، ئۇ ھامان شۇ تۇنىشىدا تۇرغۇن ھالەتتە تۇرۇپ قالغۇسىدۇر . ئۇنىڭدەك كىشىلەردە مۇقۇم بىر مەيدان ، روشەن تۇنۇش ، ئاشكارا تۇتامغا چىققۇدەك مەۋقەسى بولمايدۇ . بۇنىڭ ئىسپاتى بۈگۈنكى بامدات نامىزىدا جامائەتنىڭ تۈنۈگۈنكىدىن ئاز ئىكەنلىكى جاۋاب بولالمامدۇ ؟

...............................................................................................

رەسۇلىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئۈممەتلىرىگە قارىتا ئون نېمەت ئاشكارا بېرىلگەن بولۇپ ، بۇنىڭ بىرى دەل ئىسلام دىنىدىكىلەر مەيلى قايسى بىر زامانغا دۇچ كەلمىسۇن ، ئۇلارنىڭ قۇرئاننى ئاشكارا ئوقۇيالايدىغانلىقىدۇر !

...............................................................................................

قۇرئان ئوقۇشنىڭ قانداق قىممەتلىك تەرەپلىرى بار ؟

قۇرئان ئوقۇلغان ۋە ئۇنى تىلاۋەت قىلىنغان جايغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، تېنچلىقى چۈشىدۇ . مادامىكى ، شۇ كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئەنە شۇنىڭدەك رەھمىتىنى ، پەزلىنى ئۈمىد قىلغانلا بولسا !!!

بۇ توغرىسىدا ئىلگىركى تېمىمىزدا قەيت قىلغان بىر ھەدىس بار . ئۇنى بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم قەيت قىلىپ ئۆتۈپ كەتسەك :
بىرسى << سۈرە كەھف >>نى ئوقۇغاندا ئۆيدىكى بىر چارۋا شەپىدىن تۇرالماي قاپتۇ ، قۇرئان ئوقۇغۇچى بولسا ( شۇ ئەمەلىدىن ) خاتىرجەملىكنى تىلىگەن ئىكەن ، تۇيۇقسىز بىر پارچە ئاق تۇمان ياكى ئاق بۇلۇت ئۇنى قاپلىۋاپتۇ . ھېلىقى قۇرئان ئوقۇغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئىشنى سۆزلەپ بەرگەندە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << ھەي ! سەن داۋاملىق ئوقۇغىن ، بۇ بولسا قۇرئان نازىل بولغان چاغدىكى خاتىرجەملىك >> دەپتۇ .   

..........................................................................................

ئاللاھتائالانىڭ رەسۇلى ئارقىلىق زامان ئاخىرى توغرىسىدا  ئاگاھلاندۇرغان بىر خەۋىرى شۇكى ، يەر تەۋرەش ۋە باشقا بالايى ئاپەتلەرنىڭ كۆپ بولىشى ...........

شۇنىڭدەك ئاپەتلەرنىڭ كۆپ بولىشىنى بەندە ئۆزلىرى تىلەيدۇ . يەنى ئاللاھدىن خاتىرجەملىك تاپىدىغان ئەمەللەردىن يىراق بولۇش ۋە ئۇنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلىۋېلىش ، ياكى تەرك ئېتىش دىگەندەك ئىبادەتلەردىن يىراق تۇرۇشتەك قىلمىشلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ بەزى رەھمىتىنى ماددىي تەرەپلىك بولغاچ ئۇنى چۈشىنىش ۋە ئۇرۇنداش ، ئۇنداق بولماي ھىسسىي تەرەپلىك قىممەت بولسا ۋە ئىمانىدا راستچىل بولسا ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان نېمەتلەرنىڭ ھېسابىنى بىلمەستىن ئاز ئەمەل بىلەن ھەممىگە يەتكەندەك ھىس قىلىش بىلەن نۇرغۇنلىغان ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رەھمىتىنى ئۆزلىرىگە بىھاجەت ھېسابلىشىۋالىدۇ . قۇرئاننىڭ شۇنىڭدەك كۆپ تەرەپلىمىلىك قىممىتىنى چۈشەنمەي ئۆزلىرىنىڭ بەزى تەرەپلىك قۇرئاننى پەقەت قانۇن دەپلا سۆزلىگۈچىلەر ۋە تەرىپلىگۈچىلەرنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كېتىش بىلەن ، ئۇنىڭ باشقا شۇنىڭدەك پەزلى تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە ھارام قىلىۋېلىش بىلەن شۇنىڭدەك خاتىرجەمسىزلىكنى تىلىشىدۇ . ئەمما ئۇلار ھەممىنى توغرا قىلدىم دىيىشىدۇ . ئەمما كۆپىنچە تەرەپلىك دىنىي ئەقىدىلەردىن تېنىپ چىقىپ كەتكەنلىكلىرىنى بىلىشمەيدۇ . شۇ ۋەجىدىن قۇرئان ئوقۇش ۋە يادلاشنى << بىز ئەرەبچىنى بىلمىسەك >> دىيىش بىلەنلا بىردەك ئۇنىڭ سىھرى كۈچىگە ، جىنلار ۋە پەرىشتىلەر ھازىر بولسا شۇ ھامان جىم بولىدىغانلىقىغا ، قەبرە ئازابىدىكىلەر ئۇنىڭ ياخشى نىيەتتە ئوقۇلغانكى قىممىتىدىكى سىھرى كۈچى سەۋەبلىك ۋە شۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئارقىلىق تىگىشلىك قۇۋۋەتكە كىلەلەيدىغانلىقىنى ، دىننىڭمۇ بۇ خىل قىممەتكە ئىگە تەرەپلىرى بارلىقىنى ئىنكار قىلىش ، قۇرئان - ھەدىستىن بۇ خىل نېمەتنىڭ ھەقىقەتلىكى توغرىسىدىكى مەنالارنى ئوقۇپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ، يادقا ئېلىۋالغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىن غاپىل ھاللاردا ئەقىدە باغلاپ ، ئىشلەشكە تىگىشلىك بولغان ئەمەللەردىن پىنھان ناماز ، روزا ۋە باشقا پەرز ئەمەللەر بىلەنلا كۇپايىلىنىپ ئۆتمەككە رازى بولۇشتى . ئەمەلىيەتتە جىمى ئىبادەتلەرنىڭ ئۆز ئورنى قىممەتلىرى بارلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشتى . شۇ ئىبادەتلىرى بىلەنلا رازى بولۇشتى . يەنە بەزىلەر شۇ خىل ئىبادەتلەرنى قىلماستىن ھەم باشقىلارنىڭ قىلماسلىقى ئۈچۈن دىنىي ۋە سىياسىي تەرەپلەردىن قارشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا رىيازەت يەتكۈزۈشنى توغرا تاپتى . ئاقىۋەتتە زالىملار ئۆزلىرىنى توغرا رەۋىشتە ئىسلاھ قىلماستىن << جاننى ئالسا خۇدا ئالىدۇ >> دېگەنكى ئەقەللىي پىكىرگە كىرىۋېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشى توغرىسىدا ھېچ ئويلىنىش قىلماسلىق بىلەن ئۆز تۇنۇشىنى توغرا تېپىپ ئۆتۈشنى تىلىدى . ۋەياكى كۆپىنچە كىشىلەر دىنىي قىممىتىدىن ، تىگىشلىك ئىشلەشكە تىگىشلىك بولغان ئەمەللەردىن ۋاز كېچىشتى . ئەمەللەرنى بولسا ئۆزلىرىگە بېسىم قىلغانلىق ، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى جازالىغانلىق دەپ چۈشىنىشتى . ئەمەلىيەتتە ھەممە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ نېسىۋىسىنىلا كۆرەتتى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇ خىل نېمەتلەرگە ئىشەنمەيتتى . چۈنكى ئۇلار دىنىي تەرەپلىك ھىسسىي تەرەپكە باغلانغان كۆپ قىسىم تەرەپلىكنى ئىگىلەيدىغان قىممىتىدىن خالىي ئىدى ۋە بۇ تەرەپلىك نېمەتلەرگە دىققەت قىلمايتتى . ئۇلار دىنىي ئىبادەتلەرنىڭ پەقەت تاشقى كۆرۈنىشىدىكى ماددىي تەرەپنىلا كۆرەتتى . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تۇنۇپ بولالمايدۇ ۋە ھاياتىدا ئۇنىڭغا يۈزلىنەملەيدۇ . ئەھۋال شۇنىڭدەك ئىكەن ، ھەر كىشىنىڭ پەرۋەردىگارغا ئىشىنىدىغان قىممىتى - ئورنىنى باشقا شەيئىلەرگە تىۋىنىش بىلەن چىقىرىشنى ئىختىيار قىلىدۇ ، شەيئىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە شۇنى تىلەيدۇ .
.........................................................................................
مۆئمىنلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ياخشى ۋە ئاقىۋېتى گۈزەل بولغان ئاقىۋەتلەرنى پۈتۈپ بېرىدىغان ۋە شۇنى ۋەدە قىلغان پەرۋەردىگارى قۇرئان ۋە ھەدىستە ھەمدە رىئاللىقتا دەلىلى بىلەن بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىگىسى ، باشقۇرۇپ تۇرغۇچى ، ئەسلى ياراتقۇچى ئاللاھدۇر . شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئاخشام تېنچ ھالدا ئۇيقۇغا كەتتى ۋە ھېچ ئۆزلىرىگە دىشۋارچىلىق پەيدا قىلىدىغان خىياللاردا بولمىدى . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت قوغدايدىغان پەرۋەردىگارغا ئېرىشكەن ئىدى ۋە ئۇلار تىگىشلىك نېسىۋېسىنى ھەر ۋاقىت تېتىدى ۋە تېتىپ كەلدى . ئەمما ئۇنىڭسىز كىشىلەر بولسا باشقىچە يول ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تەدبىر قوللاندى ۋە شۇم خەۋەر تارقاتقۇچىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆيىگە كىرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى .
..................................................................................
ئىلگىرى ئادىمىي كۈچى ۋە باشقا كۈچلەردىن ھالقىغان تەرەپلىك بىر قەۋم بولۇپ ، ھود دەپ ئاتىلاتتى . ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلمىدى ۋە ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا دەپ كەلكۈن كەلسە دەپ ئىگىز جايغا ، تاش يېغىپ قالسا دەپ تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياساپ دىگۈدەك يامان تەقدىردىن ساقلانماقنى تىلەشتى . ئەمما ئۇلارنىڭ تىلىگىنى پەقەت ئۆزلىرىنى ئالدايدىغان تەرەپلىك بولۇپ ، ئويلىمىغان تەرەپتىن ئازاب نازىل بولۇپ ، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قاتتىق بىر توۋلىشى ئاستىدا يۇقىرى ھارارەتلىك ئاۋازدا يۈرەكلىرى قېپىدىن چىقىپ شۇ ھامان تۇرغان ئورۇنلىرىدا ئھالاك بولۇپ كەتكەن ئىدى . چۈنكى ئۇلار خۇددى نۇھنىڭ قەۋملىرىغا ئوخشاش مىسالەن سۇ جازاسىدىن ، لۇتقا ئوخشاش ساپال تاشقا ئوخشاش تارىخىي ، ئۆز زامانىغا نىسبەتلىك بولغان ئازابلاردىن ئىلھاملىنىپ ئۆزلىرىنى قوغدىماقنى تىلەشكەن ئىدى . ئەمما ئۇ ۋاقىتتا زامان ئاۋاز ئارقىلىق ھالاك قىلىشقا قىستىغان ئىدى . شۇنىڭدەك ، ئاللاھ جازا ئەۋەتمەكچى بولىدىكەن ، ئۆز زامانىدىكى كىشىلەرنىڭ ھېچ تۇسۇپ قالالمايدىغان تەرەپتىن كەلتۈرۈپ كەلدى ۋە كەلتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ بۇ خىل يولىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق . ئەمما پەرۋەردىگارغا ھېچ ئىبادەت قىلىشنى بىلمەيدىغانلار ۋە ئۇنى چۈشەنمەيدىغانلار ھامان بىرەر بالا - قازا يېتىپ قالسا دەپ ئۆزلىرىگە ئىنساندىن ۋە باشقا شەيئىلەردىن قوغدىغۇچى ، قوغداپ قالغۇچى كۈچلەرنى ئىزدەشمەكتە ۋە شۇلارغا تىگىشلىك بەدەك تۆلەشمەتە . بەدەل تۆلىگەنلىكنىڭ ئۆزىلا شۇنىڭغا ئىشەنگەنلىك بولاتتى . شۇنىڭدەك تۇرۇپمۇ يەنىلا تىلىدا ‹‹ لائىلاھە ئىللاللاھ ›› بار ئىدى . ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل تەرىپىنى توغرا بىلىشەتتى . ئەمما ئۇلارغا ئاللاھنىڭ جازاسى ئويلىمىغان تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى . ئەھۋال شۇنىڭدەك تۇرۇپمۇ يەنى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىغا ئاسىيلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى چۈشەنمەستىن ، قايسى تەرەپتىن جانغا زامىن بولىدىغان شەيئى پەيدا بولسا شۇ تەرەپتىن قوغدىنىشقا بەدەل تۆلەشتى . ئەمما ئۇلار تۇيمىغان تەرەپتىن جازا كەلگەندە بولسا ئۆزلىرىچە ‹‹ ھەقىقەتەن تىرىشىپ باقتۇق . تەقدىر ئىكەن ›› دەپ ئۆزلىرىگە تەسەللىي بېرىش بىلەن بىر - بىرلىرىنى خۇش قىلىشىپ كەلدى . بۇ خىل مەۋقەدە كۇپپارلارلا ، ئەھلى مۇشرىكلارلا بولماستىن بەزى موللا - قارىيلار ھەم شۇ خىل ئېتىقادتا ، تۇنۇشتا ۋە شۇ خىل مەۋقەنىڭ ئىچىدە بولغاچ تۆۋەندىكىلەر شۇ خىل شېرىك كەلتۈرۈلىدىغان ئەقىدىلەرنى ھالالغا چىقىرىشتا بولدى . شۇ ۋەجىدىن تۇتقا قىلغان دىنىنىڭ ئىسمى ئىسلام ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى خارەكتىرى جاھالەتلىكنى ، باشقا دىندىكىلەرنىڭ كۆز - قارىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاللاردا دىن پەقەت شەكلى جەھەتنى ساقلاپ قالغان ھالەتتە ، ئەقىدە - ئېتىقاد جەھەتتىن باشقا دىندىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ كەتكەن ئىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر شۇ خىل تاشقىيەتتىنلا رازى بولۇشۇپ ئىبادەتنى شەكلى تەرەپكە لىنىيە قىلىۋېلىش بىلەن دىن دەۋاسى قىلشىپ كەلدى ۋە ئۆزلىرىنى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ ئىچكى قېلىپىغا سېلىپ بولۇپمۇ يەنىلا ئاتاقتىكى ئىسلام بىلەن پەخىرلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ پەقەت شەكلى ۋە ئىسمى جەھەتتىنلا ئاتاقتا بولۇشقا رازى بولدى . ئاتاقتىكى دۇئاغا ، ئاتاقتىكى ئىبادەت شەكلىگە بېرىلىش بىلەن دىندا ياسالمىلىقنى توغرا تېپىشتا چىڭ تۇرۇپ ، ئەمما دىندا چىنلىقنى يوقاتقان تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ، مۇسۇلمانلىرى دەپ ئاتاشقا كۆنۈپ كەتتى . ئۇلار شۇنىڭدىن رازى ئىدى . ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئەسلا ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن ھېچ بەھىرلىنىپ باققانلىقى بىلەن ، دىننىڭ تەمىنى تېتىپ باققانلىق بىلەن ، تەقۋالىق قىلىپ بېقىش ۋە تەۋەككۇل قىلىپ ئۆز ئىمانىنى سىناپ بېقىش بىلەن دىننىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ چىن ، ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي سىڭىشىپ بېقىشتىن تۇسۇلغانلىقلىرىنى ، ئەمەللىرىنىڭ پەقەت دۇنيالىقتىن ئاشالمىغانلىقىنى ھىس قىلىشىپمۇ باقماي ئۆزلىرى ئۆزلىرى ئەرمەك قىلىۋالغانلىقلىرىنى ھېچ چۈشەنمەيتتى . ئۇلار شۇ تۇرقىدا ئاتقا مېنىشتى . ئەمدى ئۇلارنى يالغانچىلىقنى قويۇپ ئاتتىن چۈشۈش ئېيتىلسا ، ماختىنىشقا كۆنۈپ كەتكەن ، قەلبى قاتتىق ، خىياللىرى تاتلىق بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئەمدىكى نۆۋەتتە ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشۈشنى خالىمايدىغان ھالەتكە يېتىپ ھەقىقەت دەلىلى بىلەن كەلگەندىمۇ پەقەت تىلىغا ئېلىۋېلىش بىلەن ئىمان كانىيىدىن پەسكە ئۆتۈشكە توسالغۇ بولىنىۋاتسىمۇ ھېچ پىكىر قىلىش يوق يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا ، ئۆزلىرىنى ھەق ، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى دەپ ئويلىنىشقا ، كۆرسىتىشكە رازى بولۇشتى .
ئەمما دىندا زورلاش يوق . كىشى ئۆزلىرىنىڭ تاللىغىنىنى ھەق دەپ ئالدى تەرەپنى كۆپكۆك ئاسمان دەپ تۇنىۋالغان بولغاچقا ‹‹ ئالدىڭغا مېڭىۋە دۇچۇ ! ›› دىيىشتىن باشقا چارە يوق . چۈنكى ھەممە ئۆزلىرىنىڭ تۇنىشىنى ، ئەقىدىسىنى توغرا ۋە ھەق دەپ تۇنىغاچقا دىنىي جەھەتتە ، دىنىي تەرەپتە تالاش - تارتىش بولىنىدۇ . ئىككى قەۋم ئۇرىشىۋاتقان ، ئەمما ھەر ئىككىلىسىنىڭ داۋاسى بىر ‹‹ لائىلاھە ئىللاللاھ ۋە ئەننە مۇھەممەدۇررۇسۇللاھ ›› بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ  . ھازىردىن باشلاپ ئۆزىمىزنى توغرا ئەقىدىگە ، ئىسلامىي چوقۇنۇشلارغا ئىسلاھ قىلماستىن مۇشۇ پېتى مېڭىۋەرسەك ، ئاقىۋەتتە بىزنىڭ شۇئارىمىز بىلەن ئەمەلىي ھەركىتىمىز ، تۇنۇشىمىز ۋە چۈشىنىشىمىز بىردەك ھەقىقەت تەرەپتىن بولمايدۇ . ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مال - دۇنيانىڭ كۆپلىكى بىلەن ، ئەمەل - مەنسەپنىڭ چوڭلىقى بىلەن ، دوست - بۇرادەرلەرنىڭ ، باللىلارنىڭ كۆپلىكى بىلەن قوغدالغىلى بولسا ، ئىلگىركىلەر چوقۇم قوغدىنىشتا بولغان بولاتتى . ئەمما بىزدىن نەچچە مىڭ ھەسسە كۈچلۈك بولغان قەۋملەر ھالاك بولۇشۇپ كەتتى . پەقەت بىرلا قەۋم ھامان غەلبە ئۈستىدە بولۇپ كەلدى . ئۇلار بولسىمۇ ئىمانىدا راستچىللاردۇر ! ئاللاھ ئەنە شۇ ئىمانىدا راستچىللارغىلا ياردەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ھېكمەت بىلەن قوغدايدۇ ، قاراڭغۇلۇقتىن يۇرۇقلۇققا ، زالالەتتىن ھىدايەتكە ، يامان ۋابالار ئارىسىدىن نىجاتلىققا چىقىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر !!!
كۆپچىلىكتىن كۈتىدىغىنىمىز ناماز مىيىتسىز بولۇپ قالمىسۇن ، مىيىت بولسا ۋە شۇنىڭدەك مىيىتلىككە قىستىغۇچى ھادىسىلەر بولسا مەسجىدكە كېلىپ ، ئۇنىڭدىن سىرت بولسا غاپىللىقنى تىلەشتە بولىۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىمىزنى ئالداۋەرمەيلى . ئۆزلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرىدىن ئۆزلىرىمىزنى كۆرەيلى ! ۋەز - نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ سۆزلىرىگە ، بايانلىرىغا دىققەت قىلايلى !!!

مەنبە : قەلەم !!!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 17:07:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ تېما ئىسلامىي مۇنبەرگە يات تىما ئەمەسكەنغۇ؟  تاس قاپسىزدە  شۇنداق ياخشى بىر

تېمىنى يوللىماي قويغىلى، ئاللاھ رەھمەت قىلغاي.

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-2 21:21:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئىزچى قېرىندىشىم  ۇلۇق رەببىمىز ئاللاھ بۇ تىمىڭىزنى ئۇقۇشقا نىسىپ قىپتۇ  ئاللاھقا تەشەككۇرلەر بولسۇن ھەمدۇلەر بولسۇن  ھەم سىزگە  ئۇلۇق ئاللاھ كاتتا ئەخىرلەر ئاتا قىلسۇن ۋە ئاىلىڭىزگە رەھمەتلەر ياغدۇرۇپ بەرسۇن ئىنشا ئاللاھ

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-3 12:46:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئىزچى قېرىندىشىم  بەك ياخشى تىما بوپتۇ .ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلغاي ،ئاللاھ ھەممىمزگە مۆمىن ،ئىخلاسمەن  ئىمان ئاتا قىلغاي  

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 10:47:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىھرى كۈچىگە ، جىنلار ۋە پەرىشتىلەر ھازىر بولسا شۇ ھامان جىم بولىدىغانلىقىغا ، قەبرە ئازابىدىكىلەر ئۇنىڭ ياخشى نىيەتتە ئوقۇلغانكى قىممىتىدىكى سىھرى كۈچى سەۋەبلىك ۋە شۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابى ئارقىلىق تىگىشلىك قۇۋۋەتكە كىلەلەيدىغانلىقىنى ، ....
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزچى 0996قېرىندىشىم.يۇقارقى گېپىڭىزنى  تازا چۈشىنەلمىدىم.گوياكى سىزمېيىتكە  قۇرئان ئوقۇلسائۇ ئۇچراۋاتقان  قەبرە ئازابىغا نىسپەتەن پايدىسى بار دىمەكچىمۇ؟
چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-4 13:34:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىركى تىمىلاردىن بىرى بولغان قۇرئان بىزگە نېمە دەيدۇ دېگەن تېمىدا بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن ئىدىمغۇ . شۇ تەرەپتىن يەنە قايتا چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:12 , Processed in 0.031145 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش