ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2602|ئىنكاس: 8

ئىستىنجا قىلىش ھەققىدە ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
199
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 11:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ، مۇنبەرداشلار ۋە قېرىنداشلار !!! بىر قىسىم مۇنبەرلەردىكى بەزى زىل ۋە ئۆتكۈر مەسىلىلەرگە قارىتا بەزىلىرىمىزدە بەزى خاتا چۈشىنىش پەيدا بولۇش بىلەن سەل - پەل نەپسىمىزگە كىتىپ قېلىش بىلەن بەزى مەسىلىلەرنى ۋە ئاسايىشلىقلارنى تەسلەشتۈرىۋېلىش ۋە ئۇنى قۇبۇل قىلالماسلىقلار بىلەن سەل تالاش - تارتىش قىلىنىپ كەتتى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۈگۈنكى قەلەم يۆنىلىشىمنى مۇشۇ تەرەپكە ئاغدۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم . مەسىلە : يەنىلا شۇ ئىستىنجا توغرىسىدا ...
تاھارەت توغرىسىدا زىرەك تۇرىشىمىزغا مۇنۇ ھەدىس قىستايدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا كىم تاھارەتسىز ناماز ئوقۇيدىكەن ، ئاللاھ ئۇنى تاھارەت ئالمىغۇچە قۇبۇل قىلمايدۇ >> .
ئەھۋال شۇنىڭدەك ئىكەن ، نامىزىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ قۇبۇل قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدىغان شەرتلەرنىڭ بىر دەل تاھارەتنىڭ كامىل بولىشىدۇر . ئەمما ، ئىستىنجا تاھارەتنىڭ قاتارىغا كىرەمدۇ - يوق ؟ مۇنۇ ھەدىسكە كۆز يۈگۈرتۈپ باقايلى !
ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قاچا سۇ سوراپ ، ئۇنى ئىككى ئالقىنىغا قويۇپ، ئىككى ئالقىنىنى ئۈچ قېتىمدىن يۇدى ، ئاندىن قولىنى قاچىغا سېلىپ ، سۇ ئېلىپ ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ ئالدى ، ئاندىن كىيىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى ۋە بىلىكىنى جەينىكى بىلەن قۇشۇپ يۇدى . ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى ، ئاندىن ئىككى پۇتىنى ئىككى ئوشۇقى بىلەن قېتىپ يۇيۇپ بولۇپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << كىمكى مەندەك مۇشۇنداق تاھارەت ئالغاندىن كىيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇسا ، نامىزىدا دۇنيا مەشغۇلاتلىرىنى ئويلىمىسا ، ئۇنىڭ ئۆتكەنكى گۇناھلىرى مەغپىرەت ( يەنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ساقىت ) قىلىنىدۇ ، دېگەن >> ، دېدى .
شۇنىڭدىن كۆرىۋالىمىزكى ، تاھارەتتە ئىستىنجا يوق . ئەمما بۇ دىگەنلىك ئۇ تەرەپلەرنى مەينەت تۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس ، ئەلۋەتتە !
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى قەبرە يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ : << ئۇ ئىككىسى ئازابلىنىۋېتىپتۇ ، ئۇلار چوڭ ئىش سەۋەبلىك ئازاب تارتىۋاتقىنى يوق ، ئۇلارنىڭ بىرى ، ئۆز سۈيدىكىنىڭ ( كىيمىگە- بەدىنىگە )  تىگىپ كىتىشىدىن ساقلانمايتتى ، يەنە بىرى كىشىلەر ئارىسىدا سۇخەنچىلىك قىلاتتى >> دېدى .
   بۇ يەردىكى گەپ كىشى تاشقى كىيىملىرىگە نىجاسەت سۇگىشىپ قالسا ئۇنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكە كۆڭلى كۆتۈرمەيدۇ . ئەمما شۇنىڭدەك ئىستىنجادا پاكىز بولماسلىق ، قالدۇق سۈيدۈكنىڭ چىقىپ كېتىشىدىن ئىلگىرى تۇرۇپ كېتىپ ، ئۇنىڭ ئىچكى كىيىمگە تىمىپ كېتىشىدىن خالى بولماسلىق ۋە ... پاكىز تازلىماسلىقلار بىلەن بولىدۇ . بۇ ھەدىستىن يەنە بىر مەنا چىقىدۇكى ، شۇنىڭدەك سۈيدۈكنىڭ تىگىپ كېتىشىدىن ساقلانمىغانلىقنىڭ ئۆزىلا خۇددى سۇخەنچىلىك قىلغان گۇناھ بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە بەدەل تۆلەشكە تىگىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .  يەنە بىرى ئەۋرەتنىڭ تۈكىنى ئېلىشمۇ سۈننەت . مۇمكىن بولسا ئىككى ھەپتىدە بىر . ئەگەر ۋاقىت يار بەرمىگەن ئاساستا 40 كۈنگىچە تازلاش كېرەكتۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئىچكى كىيىمدە غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇپ قالىدۇ . غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇشنىڭ ئۆزىدىنلا ئىچكى كىيىمنى ھەم پاك تۇتمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئىستىنجا قىلىش بۇ يۇشۇرۇن تاھارەت قىسمى بولۇپ ، بۇنى بەندە ئۆزىگە ئامانەت قىلىپ بېرىۋېتىلگەندۇر . بەندە ئۆزىگە بۇنى ۋاجىپ قىلىپ پاك تۇتامدۇ ۋە ياكى ناپاكلىقتا كىيىملىرى پۇراش ياكى ئىچكى كىيمى پۇراش بىلەن ئۆز كىملىكىنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈپ كىيىنكى قەبرە ئازابىغا مۇپتىلا بولامدۇ ؟ بۇ بەندىگە بېرىلگەن ئامانەت . ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، بەندە ئىستىنجانى پاكىز قىلىش بىلەن پاكلىقنى تاللاش ياكى غەپلەتچىلىكنى ئىختىيار قىلىش بىلەن غەيرىي پۇراقنى كىيمىگە ھەمرا قىلىش بىلەن قايسىنى تاللايدۇ ، بۇ ئەقەللىي ئادىمىيلىكتىكى ئاڭ قاتارىدىكى ئىشتۇر . ئىستىنجامۇ بەدەننىڭ پاكلىقىغا قارىتا شۇ كىشى ئۆزىگە ۋاجىپ ( زۆرۆر ) قىلماقلىقى لازىمدۇر .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن : << تاھارەت ئالغان چېغىڭلاردا بۇرنىڭلارغا سۇ ئېلىپ ئوبدان چايقاڭلار ، ھاجەت قىلغاندىن كىيىن چالمىنى تاق تۇتۇڭلار >> دېگەن .
ئەھۋالغا قاراپ ئۈچتا ياكى بەشتا ۋە ياكى يەتتىتال دېگەندەك . ئەلۋەتتە ، بۇ يەردىكى ئىستىنجا قىلىشتىكى ۋاستىنىڭ ئاز - كۆپلىكى دەل بىزنىڭ يىمەكلىكىمىز ۋە شۇ نۆۋەتتىكى مىجەزىمىزدىكى مەسىلە سەۋەبىدىن بولۇپ ، نىجاسەتنىڭ شىلىمشىقچانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تەرەپلىكىدىن ۋاستە شۇنىڭدەك ( بەزىدە بىر تال بىلەنمۇ ئادا تاپىدۇ ) تاق تەرەپلىك ئاز كۆپلۈكنى مەقسەت قىلىشقا قىستايدۇ .
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاجەتكە بارغاندا ، مەن بىر قاچا سۇ ئاپىرىپ بەردىم . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلدى .
يەنە باشقا رىۋايەتلەردە تاشتا ۋە داڭگالدا ئىستىنجا قىلغانلىقىمۇ قەيت قىلىنغان . بۇ يەردىكى ئىستىنجا << ئەۋرەتنى پاكىزلىماق >> دېگەنكى مەنادا كەلگەن سۆز بولۇپ ، پاكىزلاشتا مۇھىتنىڭ مەۋقەسى بۇيىچە تاش - داڭگال ، قەغەز، سۇ ....... بىلەن پاكىزلىماقنى مەقسەت قىلماقتۇر !  
يەنە بىر مەسىلە : كىشى يەل چىقارسا ئىستىنجا قىلىش - قىلماسلىق .
ھەدىستە كەلگىنى بويىچە ، ئىستىنجانى تاش - داڭگال بىلەن قىلىپ كەينىدىن ئۇنى يۇيماستىن يەنىلا تەھەرەتكە ئېلىشقا تۇتۇنۇش قىلغانلىقىدەك ئەھۋال ئاستىدىكى مەۋقە بىلەن يەلنىڭ قۇرۇق ھالەتتە چىقىشى بىر بولۇپ ، يەل ھۆللۈكتە چىقمىغانلا بولسا ئەۋرەتنى تازلاش ، پاكىزلاش يوقتۇر . شۇنىڭدەك قان چىقىپ ( تاكى ئۇ تاراپ ئاققۇچە بولغان دەرىجىدە ) تاھارەت بۇزۇلغان بولسا ، قەي قىلىپ ئېغىز توشقىچە يانغان بولسا ھەم يەنە ئىستىنجا قىلىش بىھاجەتتۇر . ئەلۋەتتە ، ئەۋرەتمۇ تەرلەيدۇ . ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ يەنە بىر قىممىتى 95% دىن ئارتۇق بەش ۋاقت ناماز ئوقۇغۇچىلار گېمروي كېسىلى بولمايدۇ . ئەمما شوپۇرلارنىڭ 95% دىن ئارتۇقى گېمروي كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقرىدۇر . بۇ دەل ئەۋرەت ھەددىدىن زىيادە تەرلەش ئىچىدە بۇرۇختۇرمىلىقتا قالغانلىقنىڭ سەۋەبىدىندۇر . شۇڭا مەيلى ناماز ئوقۇيدىغانلار بولسۇن ياكى ئوقۇمايدىغانلار بولسۇن ئەۋرەتنى ھەر جەھەتتىن پاكىز تۇتمىقى لازىمدۇر .
ئۆز ۋاقتىدا بەزى ساھابىلەر ئىستىنجانى تاش - داڭگالدا قىلىپ بولۇپ ، كەينىدىن يەنە سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلغانلىق خەۋىرى رۇسۇللاھقا يەتكەندە ، ئۇلارنى قوللىغان . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن ئۆزىمىزدە چوقۇم ئىشەنچ بولىشى كېرەكتۇر . چۈنكى ئىنسان ئىشەنچكە مۇھتاج ۋە ئىسلاممۇ ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان ئەمەلگە مۇھتاج .
ئەمما نامازنى يېڭىدىن باشلىغان كىشىلەرنى مۇشۇ يەل سەل قىيناپ قويىدىكەن . بىرى شۇنداق دىگەن ، تاھارەتنى ئېلىش ئۈچۈنلا يېرىم سائەت ۋاقىت ئاجىرتىمەن دەپ . نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىسام ، ئىستىنجانى قىلىپ ئەمدى ئولتۇرىشىغا يەل چىقىپ كېتىدىكەندە ، يەنە قايتا سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىدىكەن . يەنە ئەمدى ئولتۇرىشىغا يەنە چىقىپ كېتىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچچىقىدا << مانا چىقە ! >> دەپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ قالىدىكەن . شەيتان كىشىلەرنى كۆپ تەرەپلىمىلىك جەھەتلەردىن ئازدۇرشنى تىلەيدۇ . بىرى دەل ئىلىمسىزلىكتىن ( يەنى شۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ) ۋەسۋەسىدە قىيناپ ، روھىي جەھەتتىن تەسلىككە قىستاش بىلەن ھەق تەرەپلە يۈزلەنگەن يولىدىن ، ئەمەلىدىن ۋاز كەشتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر . ئەھۋال شۇنىڭدەك ئىكەن ، يەل ھۆلسىز چىققان بولسا ، بۇ ۋاقىتتا شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇلغا چۈشمەي ، بۇ خىل بىھۇدىلىكتىكى مەسىلىنى يادىمىزغا كەچۈرۈپ ئۇنىڭ ۋەسۋەسىسىدىن خالاس بولىشىمىز كېرەك ! 
.....................................................................................
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن : << سىلەر سۇ ۋە شۇنىڭدا ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىچكەندە ، قاچىغا تىنىپ ئىچمەڭلار ، تەرەت قىلغاندا ئوڭ قۇلۇڭلار بىلەن تۇتماڭلار ، ئوڭ قۇلۇڭلار بىلەن تازلىماڭلار >>
ئىسلام بىزنى نېمىشكە پاسكىنا نەرسىلەرنى سول قولىمىزدا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ دېگەندە ، بۇنىڭدا كۆپ ھېكمەت بار . سول قول ئالقىنىنىڭ قىزىشى ئوڭ قولنىڭكىگە قارىغاندا بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدۇ . پاسكىنا نەرسىلەرنى تۇتۇش ياكى سىلاش قىلغاندا ئۇنىڭدىكى پاسكىنىچىلىق ياكى غەيرىي پۇراق قولغا چاپسانلا سۇگىشىدۇ ۋە قولغا چاپسانلا سىڭىشىپ قالىدۇ . ئو قولغا قارىغاندا سول قولنىڭ قىزىشى كۈچلۈك بولغانلىقتىن ۋە قىزىغانسىرى ئىچكى تەرەپتىن سىرتقا قارىتا تەپچىپ چىقىدىغان ھىل ئۇرۇلغانلىقتىن ، تاشقا نەرسىلەرنىڭ سىڭىشى ئوڭ قولنىڭكىگە قارىغاندا سول قولغا سىڭىشى تۆۋەن بولىدۇ ، سول قولنىڭ چىقىش ئېنىرگىيەسى قولدىكى مىكروپلارنى تەڭ چىقىرىشقا سەۋەب بولىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئىسلام پاسكىنىلىققا سول قولنى ئىشلىتىشكە قىستايدۇ . بۇ قىستىغانلىق سول قولنى ئوڭ قولدىن تۆۋەن ۋە پاسكىنا كۆرگەنلىك ئەمەس . دەل بىزگە يېتىدىغان نېمەت سەۋەبىدىن . ئەمەلىيەتتە ، سول قولنىڭ شۇنىڭدەك مەۋقەسى بىزگە دائىم پاسكىنا نەرسىلەرنى ئۆز ئارقىلىق ئىشلەشكە قىستايدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن رازى !!!
ئەمما دەماللىقتىكى پاسكىنىچىلىق كۈچلۈك بولسا ، چوقۇمكى مەلۇم ماددا بىلەن ئۇنى تازلىماق زۆرۆردۇر . بۇ توغرىسىدا رۇسۇللاھ شۇنداق قىلغان . .
رۇسۇللاھنىڭ ئايالى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ . مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يۇيۇنۇش ئۈچۈن سۇ تەييارلاپ بەرگەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئوڭ قولى بىلەن سۇنى سول قولىغا قويۇپ قولىنى يۇغاندىن كىيىن ئىستىنجا قىلغان ، ئاندىن كىيىن قولىنى يەرگە ئۇرۇپ ، توپا بىلەن قولىنى سۈرتكەندىن كىيىن ، قوىدىكى توپىنى يۇيىۋېتىپ ئاغزىنى چايقىغان ، ئارقىدىن بۇرنىنى چايقىغان ...........
رۇسۇللاھنىڭ يەنە بىر ئادىتى ، ئاياللىرى بىلەن بىرگە بولغاندىن كىيىن يۇيىنىۋېتىپ تۇرۇپ ئۇخلاش ئىدى . شۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ئىستىنجادىن كىيىن سول قولدىكى كۈچلۈك مەۋقەنى مەلۇم ماددا بىلەن پاكىزلىماق زۆرۆردۇر . ئۇ ۋاقىتتا توپا بولغانلىقى ئۈچۈن توپىنى ئىشلىتىش ، ئۇنداق بولمىسا ئوت - چۆكپ بىلەن بولسىمۇ ، ھازىر ئەمدى شۇنىڭدىن ئەھۋال ئاستىدا سۇپۇن بىلەن پاكىزلىماق زۆرۆردۇر !!!
.....................................................................................
يەنە بىر مەسىلە ( مۇشۇ بانادا كۆپ يېزىۋالمىسام قاچان ۋاقتى چىققۇچى تىگىشلىك ئورنى چىقماي قالىدىكەن ) : ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن : مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگىلى بارغانىدىم ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن غىرت - غىرت ئاۋاز چىقىرىپ ، چىنىشى يۇيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم ، ئۇنىڭ خۇددى قۇسىۋاتقاندەك ئېغىز چايقاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم .
ئېغىزنى شۇنىڭدەك بارماقنى تىقىپ تۇرۇپ چىشنى ئاستىن - ئۈستۈن ھاللاردا بېسىم بىلەن يۇيۇش ، ۋە چىشنىڭ ئارلىقىدىن ئالدى - كەينىگە ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپ ئېغىزنى چايقاش ياخشى ئەھۋال بولۇپ ، بۇ يەنىلا سۈننەتتۇر . ھازىر مەسجىدلەردە بەزى كىشىلەرنىڭ يېنىدا ناماز ئوقۇش بىر مۇشەققەتلىك ئەھۋال بولۇپ قالدى . بۇ دەل شۇ كىشىلەرنىڭ ئېغىزىنى مۇشۇ خىل ئاساستا يۇيۇشتىن خالى يۈرگىنىدىن ، پەقەت ئاغزىغا سۇنى ئېلىپ غار - غار قىلىپ قويۇشتىن باشقىغا ئۆتمىگەنلىكنىڭ ئاقىۋېتىدۇر . سۇنى چىش ئارلىقىدىن ئۆتكۈزۈش قىلغاندا چىشنىڭ ئارلىقىدىكى قۇييۇق شالنىڭ بىر قىسمى سۇغا ئارلاش چىقىدۇ . قالغىنى بولسا خۇددى مېۋە ئۇرۇقچىسىنى شۈمىگەندەك چىشنىڭ بارلىق تەرەپلىرىنى شۈمىگەندە ، ئۇنىڭ ئارىسىدىن شىلىملىق بىر شال چىقىدۇ . ئەنە شۇ شال ئېغىزنى پۇرىتىدىغان ۋە كۆپ باكتىرىيەنى ساقلىۋالىدىغان قۇيۇقلۇقتۇر . ئۇنى چوقۇم چىشنىڭ ئارلىقى تاماق قالدۇغى بىلەن پۈتۈپ كەتسە ، ئارلىقنى بىكار قىلىش بىلەن چوقۇم پاكىز ئادالىمىغاندا باشقىلارغا ، ھەتتا ئەرلىرىمىز ۋە ئاياللىرىمىزغا بەكلا زۇلۇم قىلىپ قويىمىز . رۇسۇللاھ چېغىدا ئاياللىرىغا زۇلۇم قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئاياللىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىشتىن ئىلگىرى ئېغىزىنى مىسۋاكلىۋېتىپ كىرىدىغان تۇرسا ، بىز بۇنىڭدىن نېمىشكە ئۆرنەك ئالالمايمىز ؟ مۇشۇ تەرەپكە دىققەت قىلىۋالساق !
يەنە بىرسى : سۇنى غار - غار قىلىپلا چىقىرىۋاتماي ، ئۇنى تاكى بۇغۇزغا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ چىقارغاندا ، شۇ يەردە بىر بۆلۈك شىلىمشىق شال بار بولغانلىقتىن ، بولۇپمۇ تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىنكى 15 مىنۇت ئەتىراپىدا تاماقنىڭ ھەزىم بولىشى ئاستىدا تاماقنىڭ بەزى پاسكىنا تەرەپلىرى شۇ شال ( شۆلگەي ) ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتىلىشنى كۈتۈشتە تۇرىدۇ . شۇڭا تاماقنى يەپ بولۇپلا تاھارەتكە ئاالدىرماي ، 15 مىنۇت ئۆتكۈزىۋېتىپ ، تاماق ھەزىم بولغاندىن كىيىن شۇنىڭدەك شال ۋە يەللەرنىڭ ۋە باشقا تەرەپلىك يوللىرىغا بېرىۋالغاندىن كىيىن ، ئاندىن تاھارەتكە تۇتۇنساق ۋە بۇ خىل تاھارەت لىنىيەسىگە كۆنىۋالساق ، بىز ھەر تەرەپلىمىلىك پايدا ئالىمىز . ۋە شۇنىڭدىن كىيىن يۈتسەك - يۈتسەك يۈتۈلمەيدىغان ، تاكى گالنى قىرىپ تۈكۈرمىگۈچە قۇتۇلالمايدىغان مەينەتلىكتىن خالاس تاپىمىز . بەزى ئىماملار بار ، قىرائەتتە شۇ شالى بىلەن ئارلاش ئوقۇپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى بىر قىسما قىلىپ قويىدىغان . مۇشۇ تەرەپكە كۆڭۈل بۆلسەك ، دېمەكچىغۇ ئەمدى ...
يەنە باشقىچە چۈشىنەملىگەن يەرلەر بولسا ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار ...
مەنبە : قەلەم !!!
ئەسكەرتىش: مۇنبەر ئادرېسى باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن چىقىرىۋېتىلدى.


توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 21:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسسالامۇ ئالايكۇم  ېزچې قېرېندېشېم  ئاللاھ سېزدېن رازې بولسۇن ھام رازې قېلسۇن  بۇ تېمېنې باك ياخشې يېزېپسېز  خېلې ئېلېم ئۇگۇنۇپ قالېدېغان بولدۇق راھمات ئاللاھ راھمات قېلسۇن  ئامېين...

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 21:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم تولىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە بىرىپسىز،  بىراق مەن سىز قالدۇرۇپ قويغان تور بەتكە قارىسام بۇ ئىنكاس يوقكەن بولسا مۇشۇ يازمىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىپ قويسىڭىز ئۇ تور بىكەتتىكىلەرمۇ پايدىلانسا!ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 22:55:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.......اللاھ سىزگە كۆپ ئەجىر بەرسۇن..........
بۇ تېمىڭىز بىلەن كۆپلەپ ساۋاپ تاپىدىغان بولدىڭىز.........شەخسەن مەن سىزگە مۇشۇ تېمىدىن بىلىم ئالغىنىم ئۈچۈن اللاھ تىن سىزگە ئەجىر تىلەيمەن ...............

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 23:30:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىر بەرسۇن  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 23:45:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
korux يوللىغان ۋاقتى  2012-7-6 21:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم تولىمۇ ئەتراپلىق چۈشەن ...

مەن ئۇ مۇنبەرگە تېما قىلىپلا يازغان ئىدىم .
ھەممىڭلەرگە رەھمەت . ھەممىمىزگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن !!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-6 23:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنكاس با قېرېندېشېم  ياخشېراق قاراڭ ماقۇلمۇ

باشلانغۇچتىكى ئەزا

دىنىم ئۈچۈن جېنيم پيدا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-10 23:06:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىر بەرسۇن  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! بۇمەسلە   بولپمۇ  بىزنيڭ  ئارميزدكي ياشانغانلار    بىلەن ياشلار ئوترسيدا بەك دە تالاش بولۇپ كەتكەن مەسلە ئدي
ھەققيەتەن ياخشي چۈشەنچە  بېرليپتۇ ئامين

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 19:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ياخشې يېزلېپتۇ؟ئاللا رەخمەت قېلسۇن..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:25 , Processed in 0.028794 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش