ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
ئىگىسى: ئىزچى0996

مەريەم ئوغلى ئىسا كىم ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 22:38:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 16:57
مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان سۇئالنى سوراپىسز،بۇ سۇئالنى ئۈ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قارىغاندا سىز بىلەن مۇنازىرلەشكەننىڭ ئانچە مەنىسى بولمايدىغاندەك تۇرۇدۇ،سىز گەپنىڭ بېشىدىلا خاتا چۈشىنىپ بولدىڭىز .گەپنى توغرا چۈشەنگۈدەك بولغاندا  ئاندىن پاراڭلىشارمىز.
ئاللاھقا ئامانەت

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-20 23:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچى0996 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 12:23
مەن مەھدىنى تاغنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ دېمىدىم ، بەلكى ش ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
گەپلىرىڭىز نىمانچە قالايمىقانكىن دىسەم ،ئەسلى سىز قۇرئان ۋە ھەدىسنى كۆزقارىشىڭىز بىلەن شەرھىلەيدىكەنسىزدە .تەپسىرى ئىبنى كەسىرنىڭ مۇقەددىمىسىدە <<قۇرئاننى ئۆز كۆزقارىشى بىلەن تەپسىرلەشنىڭ ھارام >>لىقى ھەققىدە ئىنىق ھەدىس بار .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دىمىگەننى دىدى دىگەن كىشىگە دەۋزەختىن ئورۇن ۋەدە قىلىنغان .ئېھتىيات قىلارسىز.
مەن ئىنتايىن سوغۇققانلىق بىلەن مۇنازىرە قىلىۋاتىمەن،سىزگە شۇنداق بىلىنگەن ئوخشايدۇ.مىن بۇرۇنقى گېپىمدە چىڭ تۇرىمەن،ھەم يىتەرلىك ئاساسىم بار.كىيىن يەنە پاراڭلىشىپ قالارمىز.سىزبىلەن مۇنازىرە قىلىمەن دەپ ئىيمانىمنى تۈگەشتۈرىۋىلىشىمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.تەپسىر ۋە شەرھى ئىلمىنى بىلگەن چېغىڭىزدا مۇنازىرە قىلارمىز.

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 12:21:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
takwamumin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-20 23:05
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
گەپلىرىڭىز نىمانچە قالايمىقانكىن ...

شۇنداقمۇ ، ئەگەر مەن سىزگە ئوخشاش ئىلگىركى ئورنۇمدا بولغان بولسام بىز چوقۇم بىر ئەقىدە - ئېتىقادتىكى قېرىنداشلاردىن بولاتتۇق . ئەمما مەن ئۇ ئورۇننى ئىلگىرىلا سىلەرگە قالدۇرۇپ قويغان . شۇ ۋەجىدىن بىز ئىلگىرىكى قېرىنداشلىقتىن بۈگۈنكى بۇرادەرچىلىكتىمىز  . مەنمۇ ئىلگىرى سىزگە ئوخشاش ئىلگىركىلەرنىڭ دىن ئەزەلدىن پۈتۈپ بولغان دەپ ھەم ئىسلامنىمۇ پۈتتىرىۋېتىش ئويىدا پەقەت قىياسىنى ھەم ئىسلامىي جاۋاب دەپ قارىغان ھالدا ، ئاللاھ بارلىق ئىنسانلارغا ئىسلام دەپ پۈتۈپ بەرگەن ھەمدە ھەر بىر زامانلارنىڭ ئىشلىرىنى پەقەت شۇ زامانغا بىلدۈرۈشنى ئىرادە قىلغان ،  ھەمدە ھەر بىر زامان كىشىلىرىنى ئۆز زامانىدىكى تەكلىپ قىلىنغان شەيئىلەرگە ، ئىش ئىگىلىرىگە ئىتائەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغانكى ماھىيەتلىرىنى ھەم بىر يۈرۈش بولىۋالغان ئاساستا نەق جاۋاب بىلەن قىياسى يەكۈنلىرىنى بىردەك پۈتۈش بىلەن باشقىلارنىڭ شۇ بۇيىچە يول تۇتىشىنى تىلىگەن ئالىملارنىڭ قورغانىدا يورغىلىغان ئىدىم . مەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش دىن پۈتۈلگەنكى ئايەتنى ئىسلامغىمۇ نىسبەت بېرىپ ئۇلار نېمە دەپ قىياسەن بۇيرۇش قىلىسا  شۇنى قىلىدىغانغا ۋە شۇ خىل ئەقىدە - ئېتىقادتا ئۇلارنى مەبۇد قىلىۋالغان ئىدىم . ئەمما كىيىن دەل سىلەر ياقتۇرمايدىغان بۈگۈنكى ئورنۇمنى تاللىغان ۋاقتىمدا بۇنىڭدەك سۆزلىرىڭلارغا ئاللىبۇرۇن تەييارلىقتا بولۇپ بولغان ئىدىم . چۈنكى قۇرئان بىر . ئەمما ئۇنى چۈشىنىش ھەر خىل .
مېنىڭ سىزنى ۋە سىزگە ئوخشاش ئەقىدىكىلەرنى بۇ خىل ئەقىدىگە قىستىغىنىم يوق . سىلەرمۇ مېنى ئىبنى كەسىرگە قايتا ياندۇرۇپ ئەكىرەلمەيسىلەر . مېنىڭ ۋە سىلەرنىڭ دەيدىغىنىڭلار پەقەت شۇ بىر جۈملە سۆزدۇر . يەنى سىلەرمۇ ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىۋېرىڭلار ، بىزمۇ ھەم ئۆز ئىشىمىزنى قىلىۋېرەيلى ! سىلەرمۇ ئۆز ئەقىدەڭلەردا بولىۋېرىڭلار ، بىزمۇ ھەم شۇنداق ئۆز ئەقىدىمىزدە بولىۋېرەيلى !

گەپ تامام !!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 16:10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دىن ئوقۇغۇچىسى ئەمەس،دىن پەرۋانىسى.  ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم  ياخشىسسى تەربىيلىنىىڭە  دىندا ، تىخىمۇ  ياخشى  بولىدۇ ، راستىنلا  پايدىسى  بولىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام(ۇطلب العلم فريضة على كل مسلم و مسلمەھ) دىدىغۇ . ئاللاھ تائالامۇ ئاسماندىن 1_بولۇپ (ئىقرائ)سۇرىسىنى  چۈشەردىغۇ.. دىن ئوقۇغۇچىسى بوپقويۇڭە، تىخىمۇئارزۇيىڭىزغا يىتىسىز

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 18:08:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ZULNUR1 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-21 16:10
مەن دىن ئوقۇغۇچىسى ئەمەس،دىن پەرۋانىسى.  ئەسسەلامۇ ئەل ...


سەمىمىي تىلىكىڭىزگە رەھمەت! دىن ئوقۇغۇچىسى بىلەن دىن پەرۋانىسى ئىككىسىنىڭ قايسسىنىڭ سالمىقى ئېغىر ئايرىيالماپسىز-دە.
دىن پەرۋانىسى-يۇرۇقلۇق ئۈچۈن ئۈزىنى ھەرزامان ئۇرغۇچى،يۇرۇقلۇقنى ئۈزى ئىزدىگۈچى، بەلكىم  ئوتتا كۈيۈپ ئۆلۈپ كتىشىمۇ مۆمكىن.
لىكىن دىنى جەھەتتە مەن ھەرگىزمۇ بەرسىمۇ تىلىنى چىقىرىپ،بەرمىسىمۇ تىلىنى چىقىرىپ ھاسىرايدىغان كەھفنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى "ئىت" ئەمەس.(بۇنى سىزگە ياكى باشقىلارغا قاراتمىدىم جۇمۇ)ھەم تامغا يۆلەپ قۇيۇلغان كۆتەك بۇلۇشنى تېخىمۇ خالىمايمەن(ئىت ۋە كۆتەك ھەققىدىكى تەمسىل قۇرئان ئايەتلىرىدە بار ،بەلكىم بىلىسىز)،شۇنداق بولغاچ يىلىتز تارتىش ئۈچۈن تىرشىۋاتقانمەن.ئەجەبا چوقۇم بىر دىنى مەكتەپلەر(ئۇنۋىرسىتىت،موللام)لاردا ئوقۇش كىرەكما؟ئوقۇسا بولمايدۇ دىمىدىم(ھەم ئوقۇغانلارنىمۇ مەسخىرە قىلمىدىم،شۇڭا سىزمۇ ئوقۇمىغانلارنى مەسخىرە قىلماڭ)..ئەمما ئوقۇمىسا خۇددى ھېچقانداق دىنى تېمىغا ئارلىشىش ھوقۇقى بولمايدىغاندەك ،ساۋابنى خالىمايدىغاندەك  تەلەپپۇزدا مەسخىرە ئارلاش گەپقىلماڭ .
ئەجەبا سىز ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ قسىسەسىنى ئوقۇمىغانمۇ؟ ئۇ ئۈزى ئاللاھىنى تۇنۇغان،ئىجتىھات قىلىش ئارقىلىق يۇلتۇزئاي قۇياش،ئەڭ ئاخىردا ئاللاھغا ئىمان ئېيتقان(ئۇ دىگەن پەيغەمبەر دەپ تۇرۇۋالسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ ئىختىيارى).
لىكىن تەقۋا دىگەن تورداش مەندەك بىر "دىندا ئوقۇمىغان"  "ساۋاتىسز"نىڭ سۇئالىنى جاۋاپىسز قۇيۇپ،يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ"ئالىيجاناپ"لىق قىلىپ قېچىپ كەتتى...ئەنە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئىلىمگە،پەرۋانىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى...ھەرقانداق گەپ بولسا سۇئالغا جاۋاپ بىرىۋىتىپ ئاندىن تەربىيە قىلسىمۇ...چوقۇمكى ھەق ئىلىم بولسا،ئىگىلىپ تۇرۇپ قۇبۇل قىلىمەن.(بۇ يەردە ئىلىمدا ئوقۇغان،كەمتەر،كەڭقۇرساق باشقا قېرىنداشلار ئۆزەڭلەرغا ئېلىۋالماڭلار)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-21 18:14  

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 18:39:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  ئۇستاز تىپىپ دىندا ئوقۇپ  قويسىلا  قانداق  كۆيۈشنى  تىخىمۇ  ئىگەللىيەلەيسىز   ئوقۇغان  بىلەن  ئوقۇمىغاننىڭ  پەرقى  بولىدۇ   پەيغەمبىرىمىز  ئىيتقاندەك(ئالىمنىڭ ئابىدقا قارىغاندىكى پەرقى ئاي  بىلەن يۇلتۇزلارغا  ئوخشايدۇ)قانداق  دەلىل  كۆرسىتىپ  كەتسىلىمۇ  يەنىلا  پەيغەمبىرىمىز  ئىيتقاندەك  بولىدۇ  ئىددىيەلىرى  پەيغەمبىرىمىزدىن  يۇقۇرى  ئەمەستۇ؟ قىلىپ   قېچىپ كەتتى...ئەنە ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئىلىمگە،پەرۋانىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى  دەپلىغۇ  ھەجەپ!ئەڭ  ياخشىسى  ئوقۇپ  قويسىلا  ئادەمنى  يامان  كۆرسىلىمۇ  ئىلمىنى  سۆكۈشلىرىگە  ھەققىلىرى  يوق   سىلىگە  يەنىلا  دەيدىغىنىم   بىر  ئوقۇسىلا  !!!..............!!  100% ئىلىم  لازىم  كىلىدىكەن  سىلىگە .يەنە  مۇسۇلمان  قىرىنداشقا  قانداق پوزىتسىيەدە  گەپ  كىلىشنى  ..............يەنە  نۇرغۇن  بىلىملەرنى  ئۈگۈنەلەيدىلا  دىندا  ئوقۇيدىغان  بولسىلا  

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 18:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ  بولۇپ  كۆيسىلە  !  ئوقۇپ  بولۇپ  ئىجتىھاد  قىلسىلا!يەنە  ئوقۇپ  بولۇپ.........................................قىلسىلا

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 20:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-21 18:08
سەمىمىي تىلىكىڭىزگە رەھمەت! دىن ئوقۇغۇچىسى بىلەن دىن  ...

سۇبھانەللاھ!
قېچىىپ كىتىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن،مۇنبەرگە قاتنىشىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بوپقالدى،لېكىن ھېچقاچان قېچىپ باقمىدىم .
سىزگە بىر نەسىھەت قىلىپ قوياي:بىلىم باشقا نەرسە،چۈشىنىش باشقا نەرسە.بىلىم بۇلۇپ چۈشىنىش بولمىسا ياكى چۈشىنىش بۇلۇپ بىلىم بولمىسا.يەنىلا قىلغان گېپىمىز ئۆزىمىزگە ئاۋارچىلىق ئەپكىلىدۇ.مەن سىزبىلەن بولغان مۇنازىرنى ئىلمى يول بىلەن قىلىش ئۈچۈن سىزدىن سوئال سورۇدۇم،بىراق بۇنى كۆزكۆزقىلىش دەپ چۈشەندىڭىز،ئەگەرسىزگە قۇرئان-ھەدىستىن گەپ قىلسام ئۇنىمۇ خاتا چۈشىنىۋالسىڭىز،سىزگە قۇرئاننى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن گۇناھكار بۇلۇپ قېلىشنى خالىمىدىم .شۇڭا توختاپ قالدىم .
سىزنىڭ كۆزقارىشىڭىز ئىزچى نىڭ كۆزقارىشى بىلەن ئوخشاش چىققانلىقى ئۈچۈنلا ھەقىقەت يوق بۇلۇپ كەتمەيدۇ .مەن بىلەن ئوخشاش ئويلايدىغانلا نۇرغۇن.
خۇلاسە- مۇنازىرە قىلماقچى بولسىڭىز گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنى بىلىۋىلىڭ

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 21:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
takwamumin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-21 20:39
سۇبھانەللاھ!
قېچىىپ كىتىشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيمەن،م ...

ئاخىرى پەيدا بولدىڭىز.
مىنىڭ باشقا مەقستىم يوق،ئەگەر سىزگە بىھۆرمەتلىك قىلىش نىيتىم بولسا،بىراقلا سىزنىڭ سۈزىڭىزنى نەقىل ئېلىپ،«قېچىپ كەتتىڭىز» دەپ بىۋاستە ئېيتاتتىم.قاچاندۇر زۇلنۇرغا يازغان ئىنكاسىمنى كۆرسە،ئۈزى بىر نىمە دەر دەپ سىزنى سۆز قىلىشقا قسىتدىم.
لىكىن راسىتىنى دىسەم تا ھازىرغىچە «گەپ چۈشەنمەيدىكەنسىز» دىگەن گىپڭىزنى يەنىلا چۈشەنمىدىم.قايسى گىپىڭىزنى چۈشەنمىدىم.ئەمەلىيەتتە مەنمۇ سىزدىن ئىزچىنىڭ تېمىسى توغىرلىق سۇئاللا سورىغان.سىز شۇنىڭغا جاۋاپ بەرسىڭىزلا بۇلاتتى.بۇنىڭ مىنىڭ ئوقۇغان ئوقۇمىغانلىقىم بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى.ئاۋال جاۋاپ بەرسىڭىز،ئاندىن ياكى قۇبۇل قىلارتىم.ياكى سۈكۈت قىلارتىم،ياكى ئۈزىمىزنىڭ قارىشى بۇيىچە،يۇلىمىزغا مېڭىشاتتۇق ئەمەسمۇ؟سىز جاۋاپ بەرمەي تۇرۇپلا مىنىڭ سەۋىيەمنى سۈرۈشتە قىلىپ يۈرسىڭىز،ئەجەبا مەن قارا قۇرساق بولسام(نادان،جاھىل بولسام ئۇ باشقا گەپتى)سۇئالىم جاۋاپىسز قېلىشى كىرەكما؟چۈشىنىش قابىلىيتىم تۆۋەن بولسا،مەن چۈشىنىش قابىلىتىمنى ئۆستۈرۈشۈم كىرەك بۇلىدۇ-يۇ،ئەمما سىز سۈزىڭىزنىڭ پاساھىتىنى تۆۋەنلىىتپ چۈشىشنلىك قىلىپ سۆزلىشىڭىز كىرەك بولمامدۇ؟مەن پەقەت سىزنىڭ سورىغان سۇئالىڭىزغىلا دىندا ئوقۇمىغان دەپلا جاۋاپ بەردىم.قالغان مەلۇماتىمنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيتى يوققۇ  دىگەنلەرنى ئويلىدىم...........
.

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 22:19:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچى0996 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-21 12:21
شۇنداقمۇ ، ئەگەر مەن سىزگە ئوخشاش ئىلگىركى ئورنۇمدا ب ...

سىزنىڭ كاللىڭىز ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپ كەتكەچكە ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەس بوپقاپسىز.
پەيغەمبىرىمىز قۇرئاننى تەپسىر قىلدى،ساھابىلەر ھەدىسنى چۈشەندۈردى .تابىئىنلارساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ...
ئەجىبا،شۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى قىلغىنىمىز شۇلارغا ئىبادەت قىلغانلىق بۇلامدۇ؟قۇرئاننى كۆزقارىشى تەپسىر قىلىش سىزنىڭچە شۇنچە ئىلىمدا چىكىگە يەتكەنلىك ھىساپلىنامدۇ؟بەلكىم بەزى سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن ئىيمانىڭىزنى يىڭىلىشىڭىز كىرەكتۇ.
بولدىلا ،ئەمدى خالىغىنىڭىزنى قىلىۋىرىڭ،لېكىن ،ھەربىر ئىشتىن ئاللاھ ھىساپ ئالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
يەنە ئاخىرەتتە كىم بىلەن بىرسەپتە قوپقۇڭىز بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.شۇنىڭغا قاراپ ئىش قىلارسىز.
ئاللاھقا ئامانەت

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 22:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-21 21:27
ئاخىرى پەيدا بولدىڭىز.
مىنىڭ باشقا مەقستىم يوق،ئەگەر  ...

ئەڭ ياخشىسى بىزئايرىم پاراڭلىشىپ،بىربىرىمىزنى ئازراق چۈشەنگەندىن كىيىن ئاندىن مۇنازىرە قىلساق ياخشى بولغۇدەك.ئەلۋەتتە سىز خالىسىڭىز.
چچ نۇمۇرۇم:2697091083

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 11:28:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
takwamumin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-21 22:19
سىزنىڭ كاللىڭىز ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپ كەتكەچكە ئۆزى ...

{ سىزنىڭ كاللىڭىز ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپ كەتكەچكە ئۆزىڭىزنىڭ خاتالىشىۋاتقانلىقىنى بىلمەس بوپقاپسىز }

سىزنىڭ بۇ سۆزىڭىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك تەنە ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرپتۇ . مەن سىز بىلەن تاكاللاشمايمەن . مەن بۇ تەرەپتىن سەۋىرلىك .

{ پەيغەمبىرىمىز قۇرئاننى تەپسىر قىلدى،ساھابىلەر ھەدىسنى چۈشەندۈردى .تابىئىنلارساھابىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى ...
ئەجىبا،شۇلارنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى قىلغىنىمىز شۇلارغا ئىبادەت قىلغانلىق بۇلامدۇ؟ }

رەسۇلىمىز قۇرئاننى تەپسىر قىلدى ۋە چۈشەندۈردى  دەپ ئىككىسىنى بىرگە ئېلىپ . ساھىبىلار پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئوبدان بىلىدۇ دەپلا ئۇنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ، شەرھىيلىشىگە قارىدى ۋە شۇ بۇيىچە ئەينەن يەتكۈزدى . تاكى شۇ ۋاقىتتىن بۇيان رەسۇللاھنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە قىلغانلىرى ياكى ئەمەلدە ياكى ئەقىدىدە قىلىنىپ كەلدى ۋە قۇبۇللىنىپ كەلدى . ئەلۋەتتە ، ئۇلار ئارقىلىق يەتكەن جىمىكى دىنىي ئەقىدە ۋە دىنىي ئەھكاملارنى قۇبۇللاش ئۇلارغا ئىبادەت قىلغانلىق ئەمەس . ئەمما ئۇلارغا قارىسىغىلا چوقۇنۇش ئاقىۋەتتە ئۇلارنى مەبۇد قىلىۋېلىشىمىزغا تۈرتكە بولۇپ قالىدۇ . چۈنكى  دىندا بايانلانغان ، دىندا ئىرادە قىلىنغان ئىمان بىلەن ئەپسانىنى ، نەق جاۋاب بىلەن مۇبالىغىلەرنى ھەم بىرلىكتە كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلاندى . چۈنكى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ مۇھىم جايلىرى قىسسە ، ھېكايە ، تارىخ ..... لاردىن پايدىلىنىپ كىيىنكى كۈنلەردىن بىشارەت بېرىلگەن . نەق جاۋاب ئىمان ، ئەمما تارىخلەر ، مۇبالىغىلەر ھەمدە ئەپسانىيلەرگە قارىتا چوقۇم ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەسلى ئىرادە قىلىنغان ئوخشۇتۇشتىكى جاۋابنى قۇبۇللاش بىزدىن كۈتۈلگەنكى تىلەكلەردۇر . بۇ تەرەپلىك پىكىر قىلمايدىغانلارنى ئاللاھ بەئەينى چاھارپايغا ئوخشۇتۇش قىلدى . ھاماقەتلەرنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ << ئۇلار ھەممە سۆزنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ ئويلايدۇ >> دىيىش بىلەن شۇ خىل شاخ شۇمبىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەسلى قارىتىلغان نېمەتلەرگە قېتىپ ھەممىنى كۆتىرىۋالىدۇ . ئاقىۋەتتە شاخ شۇمبىلارنى ھەم ئىمان دەپ تۇنۇپ قالىدۇ . بۇلارنى ئەگەر سىزگىلا دىيىش توغرا كېلىدىغان بولسا ھەرگىزمۇ دېمەيتتىم . چۈنكى ئىككىمىز بىر نىشان ئۈچۈن ماڭىدىغان ئادەم ئەمەس . بۇنىڭدىن سىزدىن باشقىلار مەنپەتلىنىشى مۇمكىن .

{ قۇرئاننى كۆزقارىشى تەپسىر قىلىش سىزنىڭچە شۇنچە ئىلىمدا چىكىگە يەتكەنلىك ھىساپلىنامدۇ؟ }

نەئۇزىبىللاھ ! بۇ گېپىڭىزدىن سىز بىلەن ئەسلا مۇناسىۋېتىم يوق ئىكەنلىكىنى بىلىۋاتساممۇ ، ئەمما ئازراق چەشەنچە بىرىپ ئۆتەي . ئاۋۋال سىز مېنىڭ بايانلىرىمدىن بىرەر كۆز قاراشتىن كېلىپ چىققان قۇرئان - ھەدىسكە مۇخالىپ كەلگەن يەرلەردىن بىرنى دەلىل ئېلىپ تۇرۇپ << سەن مانداق خاتالىق قىلىش بىلەن خۇدالىق دەۋاسى قىلدىڭ >> دىيىشىڭىز كېرەك ئىدى . سىز نېمىگە ئاساسەنلا مېنى قۇرئاننى ئۆز رايى بۇيىچە مەنا بېرىپ تەپسىر قىلدى دىيەلىدىڭىز ؟ يەنە شۇنداق دەپسىز.  

{ بەلكىم بەزى سۆزلىرىڭىز ئۈچۈن ئىيمانىڭىزنى يىڭىلىشىڭىز كىرەكتۇ. }

ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سىز تازا چۈشىنىپ كەتمەيدىكەنسىز . بىر خىل ئەقىدىنى ماڭا ئوخشاش قارايدىغانلارمۇ كۆپ دەپ قاراش ۋە ئەقىدە قىلىش ھەرگىزمۇ ئۇ ئىمان ئەمەس . ئۇ دېگەن پەقەت بىر قۇبۇللاش . قۇبۇللاش ھەرگىزمۇ ئىشىنىشتىن چىققان ماھىيەت ئەمەس ، پەقەت ئامال يوق تەستىق قىلىشتىنلا ئىبارەتتۇر . ئىمان دېگەن ھەقىقىي ئىشىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ . ئىشىنىش دەل چۈشىنىشتىن ، ھەقىقىي چىن يۈرەكتىن مايىل بولۇشتىن كېلىدۇ . مانا شۇ ماھىيەتتىن ئاندىن ئىمان پەيدا بولىدۇ . مەن دېدىمغۇ ، بۇ توغرىسىدا ئىمانىمنى يېڭىلاپ بولغان ۋە تونۇشۇمنى پۇختىلاپ بولغان دەپ . ئەمدى بىزدە تالاش تارتىش قىلىشنىڭ ئورنى قالمىدى . سىزمۇ شۇنداق دەپسىز مانا

{ بولدىلا ،ئەمدى خالىغىنىڭىزنى قىلىۋىرىڭ،لېكىن ،ھەربىر ئىشتىن ئاللاھ ھىساپ ئالىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. }

مەن سىز سەمىمگە سالغاندەك ، ئۇنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىم ئۈچۈنلا ئاللاھدىن قورقۇپ نېمىلەر ھەق بولسا شۇنى بايان قىلىۋاتىمەن . سىز بۇ سۆزلەرنى مېنىڭ پەقەت سىزنىڭ يولىڭىزدا ۋە ئەقىدىڭىزدە بولمىغانلىقىم ئۈچۈنلا شۇنداق دېدىڭىز ۋە دىيەلىدىڭىز . چۈنكى سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىزنى كۈچەيتىدىغانغا تۈمەن مىڭلىغان ئالىملارنىڭ تەستىقى بار . سىز شۇنىڭدىن خاتىرجەم . ئەمدى تۆۋەندىكى گېپىڭىزگە كېلەيلى !


{ يەنە ئاخىرەتتە كىم بىلەن بىرسەپتە قوپقۇڭىز بارلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.شۇنىڭغا قاراپ ئىش قىلارسىز }


مەنمۇ ئىلگىرى سىز كۆرگەن كىتابلار بۇيىچە مەن ئۆزەمنى خۇددى رەسۇللاھ بىلەن ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ساھابىيلار بىلەن تەڭ بىر ئورۇندا قوپىدىغاندەك ھىس قىلاتتىم ۋە شۇ بۇيىچە ئىشىنىشتە بولاتتىم . ئەمما كىيىنكى ھەقىقەت بۇنىڭ ئەكسىچە چىقىپ قالدى . مەن ئۇلار بىلەن ئەمەس بەلكى سىز بىلەن بىرلىكتە قوپىمەن . مەھشەر كۈنىدە سىز ماڭا گۇۋاھ بولىسىز ، مەن سىزگە گۇۋاھ بولىمەن . بىز ھەر قايسى پىرقىلەر ئارىلاشتۇرۇلۇپ كېلىنىمىز . ئەمەلىيەتتە ھەر بىر زامان ۋە ھەر بىر ماكان كىشىلىرىگە قارىتا ئۇلار كۆرگەن ، سۆزلىرىنى ئاڭلىغان ۋە خەتلىرىنى ئوقۇغان ھالدا ئۆز ئىچىدىن بەزى كىشىلىرى بولىدۇ . ئەمما ئېيتىلىپ كېلىنىۋاتقاندەك ، رەسۇللاھنىڭ ئۈممىتى 73 پىرقىگە ، ئۇنىڭ پەقەت بىر پىرقىسىلا جەننەتكە كىرىدىغانلىقىدەك ماھىيەت ئىچىدە شۇ زاماندىكى ئەھلى قىياسەن ماڭغانكى كىشىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ ئەسلىدە خاتالاشقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈش ، ھەقىقىي ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر بىر زاماننىڭ ھەر بىر كىشىلىرى ئاۋۋال بىرلىكتە تۇرغۇزىلىمىز . ئاندىن كىيىنكى ھەر ئورۇندىكىلەرنىڭ ئۆز جايلىرىغا قويۇلىشى كىيىنكى گەپ .  
............ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى (يەنى پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ۋارىسلىرى) بولىدۇ . [7].رەئىد

ئۇ كۈندە ھەر ئۈممەتنىڭ ئىچىدىن بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلاردىن بىر توپ ئادەمنى(ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) يىغىمىز (ئالدى ـ كەينى يىغىلغۇچە) ئۇلار توختىتىپ تۇرۇلىدۇ [83]. ئۇلار(اﷲ نىڭ دەرگاھىغا) كەلگەن چاغلىرىدا، اﷲ ئۇلارغا: «سىلەر تولۇق بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئىنكار قىلدىڭلارمۇ؟ سىلەر (ئەمرى قىلىنغان نەرسىلەردىن) زادى نېمىلەرنى قىلدىڭلار؟ » دەيدۇ [84].نەمل

كىمكى ئىسلام (دىنىدىن) غەيرىي دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر [85].ئال ئىمران

قۇرئان تاكى ئىنسانىيەت ئالىمى مۇشۇ دۇنيادىن كەتكۈچە ئارلىقتا ھەر بىر ئىختىلابقا قارىتا جىمى شەيئىلەرنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭگۈشتەردۇر . ئىسلام  دېگەن ئاللاھنىڭ ئەسلى بىر پۈتۈن ئىرادىسى ، دىنىي قورغىنى دېگەنلىك بولۇپ ، بۇلارغا دەل قۇرئان دەلىل قىلىنغاندۇر . ئالەم ئالەم بولغاندىن تاكى بۈگۈنگىچە ئىسلامدىن باشقا بىر لىنىيە بارلىقا چىقققان ئەمەس . ھەممە ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئويىدا ئاللاھنىڭ ئەسلى ئىرادىسىگە مۇىالىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن ھاياتىنى بىھۇدە كۆتكۈزگۈچىدۇر . پەقەت ئاللاھ رەھمەت قىلىپ ساقلىغان كىشى بۇنىڭ سىرتىدا . شۇنىڭدەك ، ئىسلامغا قۇرئان ۋە ھەدىس دەلىل . ئەمما ئۇنى ھامان ئۆز نۆۋىتىدە ئوقۇپ ، تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان كىشىلەر چىققۇسىدۇر . ( بۇۋەدە مەن سىلەرگە قۇرئان ئايەتلىرىنى تىلۋەت قىلىپ بەرگۈچى دېگىنىم يوق . مەنمۇ پەقەت بۈگۈنكى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنغۇچى خالاس ) ئەمما ئۇلارنى ھەر تۈركۈم كىشىلەر ئىنكار قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋالغۇسىدۇر . چۈنكى ئۇ خىل كىشىلەر گاھىدا كۈن پاتقاندا شەرىقنىڭ كۈچىگە تايىنىش ، كۈن چىققاندا ئوڭغا ، ئۆزىنىڭ كۈچىگە تايىنىش قىلىشلىرىدىن ۋە ئۇلارنىڭ تۇرار جايى كەھفنىڭ ئالدىدىكى ئىتلاردىن ئىنسانىي تەپەككۇر قىلغانلار بۇلاردىن ھامان يۈز ئۆرۈپ قاچىدۇ . چۈنكى بۇ ئۇرۇن پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاسمان ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارىدۇر دېگەن كىشىلەرگە مەنسۈپتۇر . بۇلار ئاللاھنىڭ يېتەكلىشىدىكى ئىلگىركى كىتابلارغا ئىشىنىدۇ ۋە كىيىنكى كىتابلارغا ھەم ئىشىنىدۇ .
شۇنىڭدەك ، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئىبنى كەسىرىڭلەرگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىلىم بۇلىقى بولغان باشقا كىتابلارغا خۇددى مەنمۇ ئىلگىرىكى پىكىر - تەپەككۇرۇمنى توغرا سالغۇچە ۋە ئاللاھنىڭ ئىسلامىنى تونىغۇچە ھەمدە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچە بىر مەھەل تۇرغان ئىدىم . خۇددى مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىلگىرى ئانامنىڭ قورسىقىدا توققۇز ئاي تۇرغان ئىدىم . كىيىن چوڭۇپ مۇشۇ ياشقا كەلدىم ۋە دىنىي جەھەتتە ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ ئۇنىڭ ئىسلامىي جاۋابىنى توغرا قۇبۇللاشقا ئۆتتۈم . ئەگەر سىز راستىنلا ئاللاھنىڭ تەقۋا مۆئمىنى بولغان بولسىڭىز ، مەن بىلەن بۇنچە قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا سىز مۆئمىن بولغان ئاللاھىڭىزدىن بۇ تېما توغرىسىدا ئىستىخار قىلغان ۋە ئاندىن ياكى جىم تۇرۇش ياكى بۇ تېما ئايىغى چىققۇچە مەزمۇت تۇرۇشنى تىلىگەن بولاتتىڭىز . ئەمما سىزدە بۇ خىل روھ يېتىلمىگەنلىكتىن بەلكى قىياسەم ماڭا تەنبىھ بېرىپ ئىمانىمنى يېڭىلىشىمنى ئېيتىۋاتىسىز . شۇنىڭدىن سىز تېخى يىگىرمە نەچچە ياشلار ئىچىدىكى بىر يىگىت ئىكەنلىكىڭىز چىقىدۇ . مەن سىزدىن بەكمۇ ئاغرىنمايمەن .
ئاخىرىدا مېنىڭ ئىمانىمنى قويۇپ تۇرۇپ سىزنىڭ بۇ خىل ئەقىدىڭىز ئۈستىدە توختىلايلى !
سىز تەلەپ قىلىۋاتقان ئىسا شام تەرەپكە چۈشتى دەيلى . ئەگەر ئۇ راستىنلا ئاسماندىن ھېلىقى ئىسا چۈشسە ئۇ ۋاقىتتا ھېچ كىشى ئۇنىڭ كىيىنكى ئۇ بىرلىشىدىغان مەھدىنىڭ كىم ئىكەنلىكى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ . مەيلى ئۇ باشقىچە ئىسىمدا كەلگەن بولسۇن ياكى ئۇ تېخى بوۋاق بولسۇن ياكى تېخى تۇغۇلمىغان بولسۇن ئۇ ۋاقىتتا بەرىبىر . چۈنكى شۇنداق چوڭ روشەن مۆجىزە تۇرسا باشقىسىغا نېمە كەپتۇ ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىز ئېيتىۋاتقان مەھدى توغرىسىدا بەك تالاش - تارتىش قىلىشىمىز بىھۇدىلىك .  شۇنداق ئەڭ چوڭ دەلىلى بىلەن چوشقىلارنى ئۆلتۈرۈپ ، ھېلىقى ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان ، تىرىكنى ئۆلتۈرىدىغان ، ئاسمانغا يامغۇر يېغىشغا بۇيرىسا يامغۇر ياغىدىغان ئاجايىب ئىلاھىي قۇۋۋەتكە ئىگە دەججالنى ئۆلتۈرىدىكەن ، ئۇنىڭغا يانداش بارلىق خاتا كۆز قاراشلار بىردەك ۋەيران بولۇپ كېتىلىدۇ . چۈنكى بۇلبۇل بار يەردە قاغىغا نېمە كەپتۇ . شۇڭا دەيدىغۇ ، ئىسانىڭ ھىدىنى پۇرىغان بارلىق كاپىرلار ئۆلىدۇ دەپ . ياق ، سىزنىڭچە بولغاندا ئۇلارنىڭ دىنىي قاياشىدا ئەمەس بەلكى تىنىدا ئۆلىشى مۇمكىن . چۈنكى بۇ يەردە ئۆلىدۇ دىيىلدى ئەمەسمۇ . يەنە ھېلىقى دەججالنى شۇنچە روشەن ئالامەتلىرى بار تۇرۇقلۇق جىمى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان ، بىر مۆئمىن بەندە << ئى خالايىق ! بۇ ھېلىقى رەسۇللاھ شەرھىيلەپ بەرگەن دەججال شۇ >> دېمىگۈچە ۋە ئۇنى جەدە ھارا بىلەن ئۆلتۈرمىگۈچە ، ھەمدە ئۇنى ھېلىقى دەججال قايتا تىرىلدۈرۈپ تۇرغۇزغاندىن كىيىن مۆئمىن شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ دەججال ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي ئىشەنچ قىلغانغا قەدەر كىشىلەر ئۇنىڭ شۇنچە ئالامەتلىرىدىن يەنىلا ئۇنى خۇدا دەپ ئۇنىڭ جەننىتىگە كىرىشنى تىلەپ پەرۋەردىگار قىلىدىغان بىر ۋاقىت كەلگۈچە بۇ ۋاقىت ھەقىقەتەن خېلىلا ئۇزۇن ۋاقىت .  سىز تەقۋا مۆئمىن بولغاندىكىن سىز قانچە ئۇزۇن يىل ئۆمۈر كۆرسىڭىز بىزمۇ شۇنچىلىك ئۇ خىل دەججالدىن بەخىرامان ياشايمىز . چۈنكى سىز ئۇنى چوقۇم شۇ تەرىپىدىن بىزگە تونۇپ بېرىسىز . شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بولسا يۈز ياشقا كىرگەيسىز . چۈنكى شۇنچە كىشىلەر ئۇنىڭ شۇ خىل ئالامەتلىرىنى كۆرەلمىگۈدەك مۇخو ، قارغۇ كېسىلىگە ۋە ئىماندىزلىقلارغا گىرىپتار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر مۆئمىن بەندە بولۇپ ، يەنى سىزگە ئوخشاش تەقۋا مۆئمىن بولغان بىر ئادەم تونۇپ بېرىدۇ ۋە بىزنى ئۇنىڭ داججاللىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ .
مېنىڭ دەۋەتقىنىممۇ دەل سىز ئېيتىۋاتقان ئۇ ئاسماندىكى ئىسا بىزنىڭ تارىمغا چۈشمەيدۇ . ئەگەر ئۇ چۈشۈشتىن ئىلگىرى ھېلىقى دەججال پەيدا بولسا سىز چوقۇم ئۇنى بىزگە تونۇپ بېرىسىز . سىزنىڭچە ئۇ رەسۇللاھ دېگەندەك قەتەننىڭ ئوغلىغا ئەمەس باشقا بىر مەخلۇققا ھالەتتە كېلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈنىمىز ئۈستىدە توختىلايلى !

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 12:00:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى فىلىملەر بار . ئەگەر ئۇ فىلىمنى جۇڭگۇنىڭ ياكى ھىندىستاننىڭ ئەرتىسلىرى ۋە رېژىسورلىرى ئىشلىگەندىن ئامېرىكىنىڭ ئەرتىسلىرى ۋە رېژىسورلىرى ئىشلىسە گەرچە بەزى يەرلىدىن تېخنىكىدا سەل چېنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بازار تاپىدۇ . چۈنكى ئۇلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ فېلىم ساھەسىگە قارىتىپ بولغان ۋە باشقىلارمۇ ئۇلارنىڭ فىلىم ئىشلىشىگە قول قويىدۇ .
گەرچە جۇڭگۇ ، ھىندىستان ، پاكىستان ياكى ئۇيغۇرلار شۇ فىلىمنى گەرچە ھەقىقىي مۇكەممەل ئىشلىۋاتسىمۇ يەنىلا كۆرگۈچىلەر ئۇنىڭدىن ھەقىقىي چىلىقنى ئالالمايدۇ . ئۇيغۇلار ئىلغار تىپتىكى قوراللارنى ، ئاۋىئاماتكا ۋە ئايرۇپىلانلارنى چىقىرىپ فىلىم ئىشلىسە باشقىلار كەينىچە كۈلۈپ كېتىشى ئېنىق .
شۇنىڭدەك ، ئەسلى مەككە - مەدىنىلىكلەر ، مىسىرلىقلارنۇرغۇنلىغان  كىشىلەرنىڭ دىنىي ئىدىيىسىنى ئۆزلىرىگە كونتىرول قىلىۋالغانلىقتىن ، ئۇنىڭدىن باشقا مىللەت ، بولۇپمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا تەقۋادار بولىشى ئىنتايىن كەسكىن ھالەتكە ئۆتكەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىن تەقۋا كەلىمىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىلسا ، ئۇنىڭ نامى ئۇيغۇر بولغانلىقتىن ئۇنىڭ كۆتۈرۈپ چىققىنى ھەقىقەتەن ھېلىقى ئىدىيىسى مەككە - مەدىنىگە ، مىسىرغا پالىنىپ كەتكەنلەرگە ھەقىقەتەن بىر چۈپرەندە نەرسە بىلىنىپ قالىدۇ .
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ؛ خۇددى ياخشى ئەسەرلىك فىلىمنى جۇڭگۇ ، ھىندىستانلىقلار بىردەك ئامېرىكىنىڭ ئىشلىشىگە ، ئۇلارنىڭ بازارغا سېلىشىغا قارىتا بويسۇنۇپ ئۇلارغا خىزمەت قىلغىنى نۇرغۇنلىغىان كىشىلەرگە قارىتا ئەسلى ئوڭ بولغىنىدەك ، ئۆزلىرىمىزگە خاس بولغان تەقۋا كەلىمىسىنى مىسىردىكى يۈسۈپ قەرداۋىي ، تۈركىيەدىكى ھارۇن - يەھيا ، ۋە مەككىنىڭ ئىمامى ، مەدىنىدىكى قىرائەتتە بىرىنچى بولغان قاررىيلىرىغا تاپشۇرۇپ ئۇلارنىڭ جاكارلاپ بېرىشىنى تىلىسەك ئەسلى ئىنتايىن ياخشى بولاتتى . ئەمما زامان بۇنىڭغا چۈشمەي قالدى .
كۆپىنچە كىشىلەرگە قارىتا ئەرەبلىكلەر ، مىسىرلىقلار نېمە دەپ سايرىسا ، بەزى قاقىلدىغان ئاۋازلىرىمۇ تەڭ چىرايلىق بۇلبۇلنىڭ ئاۋازى بولۇپ چىققاندەك ئاڭلاندى . گەرچە بەزى تەرەپلىك شۇ خىل قاقىلداشلىرىغا قارىتا شۈبھىيلىنىش جايلىرى چىقسىمۇ ، ئۇلار دېگەن ئەرەبلىك بولغانلىقىدىن ، تاكى ئۇلار شۇ جايلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ تۈزىمىگۈچە ، شۇ ۋاقىتتا ياشاپ ئۆلگەن كىشىلەر بىردەك تۈزەلمەي ، ھېلىقى ‹‹ چۈپرەندىلەر ›› تەرىپىدىن ئەسلى مۇنداقتى دېيىلگەن شۇ بوشلۇقنىڭ ، شۇ باتىللىقنىڭ ئورنى شۇ ئەرەبلىك ئالىملار تەرىپىدىن بىردەك قارارلىنىپ  تولۇقلانمىغۇچە ، ھامان قارشىلىنىشتا بولىدۇ ئەلۋەتتە ! بۇنىڭغا ئىبلىسلار ھامان شۇنداق قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەلگەن . تاكى قىيامەت بولۇپ بۇ دۇنيا ئاياغلاشقۇچە ئۇنى بىر تۈركۈم كىشىلەر كۈلدۈرۈشنى تىلەيدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنداق بەزى بىر توغرا يولىدا ئولتۇرۇشتەك ئىمتىيازىنى بەرگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن قايدى بىر تەرەپتىن بىر ھەقىقەت ئاشكارلىنىدىكەن ، ھامان ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلغۇچىلار ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قاياشىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئاغدۇرىۋېتىشنى تىلەيدىغانلار چىقماي قالمايدۇ . تاكى ئەرەبلىكلەر كىتابى ئوقۇرغا شۇ لوقمىنى سېلىپ بەرگەنگە قەدەر ....
راستىنى دېسەم ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشتىنمۇ باشقا ئەڭ مەنىلىك تۇيغۇ ، مەنىلىك سېزىم ، مەنىلىك ھايات ، مەنىلىك قىسمەت بولمايدۇ . چۈنكى كىمكى بىر ھەقىقەتنى ئاساىي بىلەن كۆتۈرۈپ چىقىدىكەن ، ھامان بىر بۆلۈك كىشىلەر تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنىدۇ . ئەمما بەزىلىرى چاپسانلا ھەل قىلىنسىمۇ ، ئەمما تېخى ئورنى ، ۋاقتى كەلمىگەنلىرى يەنىلا تاكى ئورنىغا چۈشكىچە ، ئەسلى زامانىغا كەلگۈچە نۇرغۇنلىغان تالاش - تارتىشىشلاردا بولىدۇ . بەزىلىرى تاكى ئىلگىركى ئۈممەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەنكى ئازابقا قالغان بىر ۋاقىتتا ئاندىن ۋادەرخ ! دېيىلسە ، بەزىلىرى مەھشەر كۈنىدە ‹‹ ھە ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەنتۇق ›› دەپ ئىلگىركىلەر تالاش قىلغان ئىختىلابنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ، ئۇنىڭ ماھىيىتى ئېلان قىلىنغاندا بولسا ، ئاندىن چۈشىنىدۇ ۋە ئاندىن ئىشىنىدۇ . ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئىشەنگەننىڭ نېمە پايدىسى ؟ چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ نادان كىشى ، بۈگۈنكى ئەڭ ئالىمدىنمۇ ئىلغار ئىشىنىشكە كېلىدىغان تۇرسا ....

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 12:47:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرۇشماڭلار !!نىمىش  بولۇپ  كەتتى بۇ؟  قىززىق!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 14:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ZULNUR1 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-22 12:47
ئۇرۇشماڭلار !!نىمىش  بولۇپ  كەتتى بۇ؟  قىززىق!!

سىڭلىم بىز ئۇرۇشمىدۇق . بىز تۇرىۋاتقان جاي بىر - بىرىمىزدىن سەل يىراق بولغاچ توۋلاپ گەپ قىلىشىۋاتىمىز . ئاڭلانماي قالمىسۇن دەپچۇ

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 14:39:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە........بىر_بىرىڭلارنىڭ سۆزىنى  ئاڭلاشمۇ  ؟مۇمكىن   ئەمەسقۇ  دەيمە!مىكروفۇندا گەپ  قىلىشساڭلارمۇ؟  (چاقچاق  ھە!)

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 19:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىززىق گەپلەر

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 21:44:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا.مانا...جىدەل قاپلاپ پىرقىچىلىق قاپلاي دىگەن بۇ تېمىنى كۈلكە چاقچاق قاپلاپتۇ-مانا..ئەسلى مۇشۇنداق بۇلۇشى كىرەك ئىدى..نىمە قىلىمىز بىر ئېغىز گىپىنى تۇتۇۋېلىپ قارشى تەرەپنى چۈشۈرۈپ،مەسخىرە قىلىپ ياكى باشقا تائىپىگە چىقىرىپ....
ئەمما-زە گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە شۇنى دىگۈم كىلۋاتىدۇ..كۈلكە بىلەن بىرگە شۇنى ئويلاپ باقايلى..ئالدىنقى نەچچە قېتىملىق ئىنكاس جەڭلىرىدە نىمىلەرنى يۇقاتتۇق..نىمىلەرگە ئېرىشتۇق..ئۈزىمىزنىڭ قايسى تەرەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمىزنى ياكى ياخشى قىلغانلىقىمىزنى تۇنۇپ يىتەلىدۇقمۇ؟قايسى مەسلە ھەل بولدى......ھازىرغا كەلگۈچە زادى نىمىگە ئېرىشتۇق؟!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 21:52:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-22 21:44
مانا.مانا...جىدەل قاپلاپ پىرقىچىلىق قاپلاي دىگەن بۇ تېم ...

قايسى مەسىلە ھەل بولاتتى؟ ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە توغرا دىگەن مەسىلە ھەل بولدى شۇ

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 23:45:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
takwamumin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-22 21:52
قايسى مەسىلە ھەل بولاتتى؟ ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە توغر ...

شۇنداقمۇ؟   دىندا زورلاش بولمىغاندىكىن شۇنداق بولماي قانداق بولسا بۇلاتتى ئەمسە!
لىكىن بۇ تالاش-تارتىشلاردا بىزگە قۇيۇلغان سۇئاللار بەك نۇرغۇن..بۇلۇپمۇ مەن،زۇلنۇر،سىز،ئىزچى لارغا،بۇنى ھىس قىلمىغان بولسىڭىز...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-24 21:54 , Processed in 0.032180 second(s), 8 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش