ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2188|ئىنكاس: 5

بەدەۋىلەردىن يىراق تۇرامدۇق - ياقمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
199
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 16:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، مۇنبەرداشلار ۋە دوست - بۇرادەرلەر .....  مۆئمىن مۆئمىننىڭ ئەينىكى بولغاچ ، گەرچە بۇ مەۋھۇمدا ئاشكارا بىر - بىرلىرىمىزگە ئەينەك بولالمىساقمۇ ، ئەمما تىگىشلىك رەۋىشتە بىلگەنلىرىمىزنى ئېيتىشىپ قەلەم ئارقىلىق بولسىمۇ نېمىلەرنى قىلىش ۋە نېمىلەردىن ساقلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات بىرىشىشمۇ بىر ياخشى ئەھۋال بولغاچ ھەم ئاللاھمۇ بىزلەرگە بۇ نېمەتنى نازىل قىلىپ بەرگەنلىكتىن توغرا رەۋىشتە پايدىلىنىشىمىز ھەقلىقتۇر . ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، گەپنى ئۇدۇللا باشلاپ كېتىۋەرسەك . گەپلىرىمىز يەنىلا شۇ قۇرئان - ھەدىس بىلەن بولىدۇ ، ئەلۋەتتە !
ئاللاھتائالا : ئى مۆئمىنلەر ( يەنى ئاللاھ ئىرادە قىلغان ئىسلام دىنىنىڭ ۋە سىلەر تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە تۇتقا قىلىپ ئىشەنگەن  مەلۇم بىر بۆلىكىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ) ! ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە تەقۋادارلىق قىلىڭلار ( يەنى ئاللاھ مۆئمىن بەندىلىرىنى ئۆز قىممىتى ئىمتىيازىنى ساقلىشى ئۈچۈن چۈشۈرگەن تەقۋالىق لىباسىغا ئورۇنىڭلار ) ، پەقەت مۇسۇلمان ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار ( چۈنكى ئىسلام دىنىدا ئالدىغا مېڭىشقا ۋە ياكى سۈكۈت قىلىپ توختاپ تۇرۇشقىلا بولىدىكى ، ئەمما ئەسلا ئىماندىن يېنىۋېلىپ ئارقىغا يېنىۋېلىشقا يول يوقتۇر )  ( 102 ) ئال ئىمران  .... دەپ ئېيتقان . شۇ ۋەجىدىن بىز ئىسلام دىنىدىن قانچىلىك چۈشەنگەن بولساق ۋە تاقىتىمىزنىڭ يېتىشىچە قانچىلىك قۇبۇللىيالىغان بولساق ، چوقۇمكى ھەممىنى تولۇق رەۋىشتە ھەر بىر يامان كۈشەندىلەردىن ساقلاپ قوغدىشىمىز ۋە ھەر ۋاقىت ئۇلاردىن قانداق ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىشىمىز ، پىكىر قىلىشىمىز ھەمدە داۋاملىق ئىزدىنىشىمىز كېرەكتۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىز خۇددى روھىي كېسەللەرنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئوخشاش ، تىگى يوق كوزىنى توشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تەرلەپ - تەپچىرەپ يۈرۈپ چېلەكتە سۇ قۇيۇش بىلەن ئاۋارە بولۇشتىن باشقا ھاماقەتلىك بولمايدۇ . بۇ خىل ئەھۋالنى ھېچ بىر ئەقىل ئىگىلىرى ھەم ئەقىللىق بولىمەن دىگەن ۋە ھەتتا ئەقىللىق مەن دېگەن ھەر قانداق كىشى توغرا كۆرمەيدۇ . ئازمايدىغان ھەمدە ھەممىنى بىلىپ كەتكەن ھەم ھەممىنى بىلىپ كېتىدىغان ئادەم بولمايدۇ . شۇنداق ئىكەن ( مۇشۇ ئاجىزلىقىمىزدىن بەزىدە ئۆزلىرىمىزگە تەسەللىي بىرىشىپ ) ، مەيلى بىز كىم بولۇپ كېتىشىمىزدىن قەتئى نەزەر چوقۇم دائىم تىرىشىشىمىز ، ئۆزلىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرىشىمىز كېرەكتۇر . بۇ تور دۇنياسى بۈگۈنكىدەك قېنىمىزنىڭ قىززىقلىقى نەچچە گەز يۇقىرىلاپ كەتكەن بىر ۋاقىتلاردا ، بىراۋلارغا - ھەي پالانى ! سىلىدە مۇنداق بىر كەمچىلىك بار ئىكەن - دەپ ، ئۇنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسىمۇ ھەتتا يېقىن ئاغىينىلەر تۇرۇقلۇق ئۇنىڭغا خۇددى << مېنىڭ ئاجىزلىق تەرىپىمنى يۈزۈمگە سالامدىغان >> دېگەندەك ئۇنىڭدىن ئاغرىنىدىغان بىر پەيتتە ئىنتايىن ياخشى بىر قورال ، ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا ياخشى لىنىيە بولۇشتەك نېمەت بولغاچ ، مۇشۇ يەردە بولسىمۇ مەۋھۇم قېرىنداشلىق ، دوستلۇق ۋە بۇرادەرچىلىكىمىزدە مەۋھۇم تىلىمىز ئارقىلىق بولسىمۇ << ھەي پالانى ! >> دېمىسەكمۇ ، << ئەقىلگە ئىشارەت ، نادانغا - جاھىلغا ( ئاخىرقى ھېسابتا بىگىزدىن ئىبارەت ) جۇۋالدۇرۇز >> دېگەندەك ، ياخشىلىقنى بىر - بىرلىرىمىزگە تەۋسىيە قىلىشىمىز لازىمدۇر ۋە كېرەكتۇر . چۈنكى ئاللاھ بىزلەرنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقاندۇر . ئىبادەت پەقەت رىئاللىقتىلا بولماستىن ، ئاللاھ بىزلەرگە نېمىلەرنى ئىرادە قىلىدىكەن ، ئەنە شۇ يەرلەردە ھەم تىگىشلىك رەۋىشتە ئۆتەشكە تېگىشلىك ئەمەلىي ئىبادەت قىلىشتىن ئىبارەت ئورنىمىز ، بۇرچىمىز ، ئامانەتنى يەتكۈزۈش ھەمدە ئۆزىمىزگە تەئەللۇق بولغان ئامانەتلىرىمىزنى ئېلىۋالىدىغانغا تىگىشلىك ئاجىرىتىدىغان ۋاقتىمىز باردۇر . مانا بۇ ئۆز رەببىمىزگە شۈكرى ئېيتماقلىقتىكى ئىبادىي ھەركەتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر . چۈنكى ئىلىم قەيەردىلا بولىدىكەن ۋە شۇ يەردە كىملەر ھازىر بولىدىكەن بىلگەنلىرىمىزنى يەتكۈزمەك پەرز ، بىلمىگەنلىرىمىزنى بىلىۋېلىش ھەم پەرزدۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئىلگىركى يەھۇدىي - ناسارالاردەك دىن بىلەنلا توختۇلۇپ قېلىش بىلەن ئىسلامدىن ئايرىلىپ قالىمىز . بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى دىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالساق بولمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ بىزلەرگە تاللىغان دىن ، ئىسلام دىنىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بىزلەرگە ، يەنى ئىسلام دىنىدىكىلەرگە قانداقلا بىر زاماننى يارىتىدىكەن ، ئەنە شۇ زامانغا تېگىشلىك رەۋىشتە شۇڭغىشىمىز ، ئەنە شۇ زامانىي كۆتۈرىلىۋاتقان دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ كىيىنكى زامانغا ئۇلىشىمىز كېرەكتۇر . ئەھۋال شۇنىڭدەك ئىكەن ، چوقۇمكى ئاللاھنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك پەرز قىلىپ بېكىتكەن قورغانىدىن باشقا ئۆزلىرىمىزگە ئۆزلىرىمىز پەرز قىلىپ بېكىتىدىغان ئامىللارنى يىتىلدۈرىشىمىز كېرەكتۇر . ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارغا پەرز قىلىپ بېكىتكەن ، بەندىلىرىگە ئۇلارنىڭ ئەسلى ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان قورغاندىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ، پەقەت رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن چەكلىك قورغاندۇر . ئەمما شۇ ئەمەللەر ئارقىلىق كىيىنكى داۋاننى بېسىپ يۇقىرى ماقامغا يەتمەكلىكتە ئۆزلىرىنى قوغداش ئۈچۈن چوقۇمكى قىلىشقا ، ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان بەزى ئەمەللەر بار بولغان بولىدۇ . بىر بەندە مەلۇم بىر پەللە ئۈچۈن يەتمەكنى ئىرادە قىلىدىكەن ، چوقۇمكى ( تەنھەركەتچى چىمپىيۇنلاردەك ) شۇ ماقامغا يېتىشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنى نۇرغۇنلىغان ئادەتتىكى كىشىلەر ، ئادەتتىكى مەشىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان كىشىلەرگە ئوخشاش شۇ خىل چىڭ تۇتىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكتەك تىرىشچانلىقنى ، ئۆزلىرىگە بەزى ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ئەمەللەرنى يۈكلەشتەك بېسىم كەلتۈرۈش لازىمدۇر . ئاللاھنىڭ تۆۋەن چەكلىك پەرزنى بېكىتىشى ، شۇ ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى يوقاتماستىن كىيىنكى ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى پەرز ، بېسىم قىلىپ كىيىنكى نىشانىغا يەتمەككە قىستاپ قويۇشتەك رەھمىتىدىندۇر .
شۇنىڭدەك ، بەندىچىلىكتە مەجبۇرى ھەمدە ئىىتىيارى پەرزلىك ئەمەللەر ئەتىراپىمىزنى ھامان ئەگىپ يۈرىشىدۇ . تاكى بىز ئۇنىڭ قىممىتى ماھىيىتىنى تۇنىغان ۋە ئۇنىڭغا ئېھتىياج بولغاندىن كىيىن ئۇنى قۇبۇل قىلىشىمىزغا قەدەر ......
گەپلىرىمىز سەل تېمىدىن چەتنەپ كىتىپ قالدى . قانداق قىلىمىز ، خۇددى بەزى خورازلاردەك قارشى تەرەپنى بىر چوقۇلاپ تۇتىۋېلىش بىلەن قايتا - قايتا نەچچىنى ياندۇرمىلاپ تېپىۋاتقاندەك ، بىزمۇ مۇشىنىڭدەك بىرەر پايدىلىق بولغان تېمىنى تۇتىۋالساق ياندۇرمىلاپ مەۋقە ئۇرىۋېتىمىزكەن .
ئاللاھتائالا يۇقىرىغا سىلجىغۇچى بەندىرلىرىنى پەرز ئەمەللەردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۆزلىرىگە يامانلىق يېتىدىغان شەيئىلەردىن يېنىشقا ، ھەتتا بەزى كىشىلەردىن ئاشكارا ئاداۋەتتە بولۇشتەك ، ئۇلاردىن يۈز ئۆرىشىمىزگە بۇيرۇيدۇ . يەنى << دىننى ئۇيۇن - كۈلكە قىلىۋالغان ، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت ..... ( 70 ) ئەنئام >>  شۇنىڭدەك ، ئاداۋەتنىڭمۇ تىگىشلىك چىڭ تۇتىدىغان تەرەپلىرى بولىدۇ . كىمكى شەيتان ئىكەن ۋە شەيتاننىڭ تەرىپىنى ئالىدىكەن ، ئۇنىڭغا ئىشىنىشتىن توسۇلىشىمىز ، ھەتتا ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن باشقىلارنىڭ ساقلىنىشى ئۈچۈن باشقىلارغا ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشىمىز كېرەكتۇر . چۈنكى پالانى ئازدۇرغۇچى شەيتان ساڭا زىيانكەشلىك قىلىپ سالمىسۇن دەپ نامىنى - ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئىبلىس ، ھەركىتى ، ئەمەلىي  پېشانىسىگە ئاشكارا كاپىر ، مۇناپىق ، پاسىق دەپ يېزىۋالغانلاردىن ۋە شۇنى خۇش كۆرگەنلەردىن نېرى تۇرىشىمىزغا ، بەزى تەرەپلىك ئاداۋەتنى تۇتقا قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ ، شۇنىڭدەك يامان كۈچلەردىن بىر- بىرلىرىمىزنى ئاگاھلاندۇرىشىمىز بىر - بىرلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى بۇرچىمىزدۇر .
ئاللاھ بىر شەيئىنى ياراتماقنى ئىرادە قىلىدىكەن ، شۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا چوقۇمكى ئۆزىگە ياردەمچىلەرنى تاللايدۇ . ئەمما ھېچ قاچان شەيتانلارنى ئۆزىگە يالغانچى ، ئالدامچى شەيتانلارنى ياردەمچى قىلغىنى يوق . يەنى ئۇنىڭدەك كۈچلەرگە ئاللاھنىڭ بۇنىڭدەك ئېھتىياجى يوق . ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرى مۆئمىنلەردىن ، تەقۋادارلاردىن باشقىلار ئەمەستۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مۆئمىننىڭ بىرەر ئەيىپىنى باشقىلارغا ئېيتىش غەيۋەتتۇر . بۇ خىل غەيۋەت گۇناھتۇر . ئەمما بۇلارغا قارشى ئالدامچى شەيتانلارنىڭ ، مۇناپىقلارنىڭ شىرىن - شېكەرلىك سۆزلىرى ھامان يامانلىقنى تىلەشتىن ئىبارەت بولۇپ ، بۇلار ئۈستىدىن شۇ ئىش توغرىسىدا باشقىلارنى چەكلەش ۋە ئۇلارغا ئىشىنىشتىن چەكلىنىش توغرىسىدا ئۇلاردىكى يامانلىقلارنى ئېيتىش غەيۋەت بولمايدۇ ، بەلكى ياخشىلىقتىن ئىبارەت خەيرىيەت بولىدۇ . بۇ تەقۋادارلارنىڭ ، ئاجىز كىشىلەرگە ھامىي بولغانلارنىڭ ئۈستىدىكى بۇرچىدۇر ، ئۆتەشكە تىگىشلىك بولغان ۋەزىپىسىدۇر .
ئەئرابىلار : << ئىمان ئېيتتۇق >> دەيدۇ ، ئېيتقىنكى ، << ( تېخى ) ئىمان ئېيتمىدىڭلار ۋە لېكىن سىلەر بويسۇندۇق دەڭلار ، ئىمان تېخى دىلىڭلارغا كىرمىدى ، ......( 14 ) ھۇجۇرات >> شۇنىڭدەك سۆزلىرىدە ، ئىمان كەلىمىسىدە بەزى پاسىقلىق ، مۇناپىقلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئۇلاردىكى سۆزگە ئىشىنىپ كەتمەسلىك ، ھەمدە ئۇلارغا ئەسلى ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش كېرەكتۇر . ئەمما ئۇلار << بۇ مېنى ماختىمىدى >> دەپ يۈز ئۆرىگەن بولسا ئۆزىنىڭ ئىشى . ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ نېمىنى خۇش كۆرسە شۇنى تەۋسىيە قىلىشىپ ئاغزىغا كەلگەننى ئېيتىش بىلەن پاسات تېرىيدىغانلارنىڭ ، شۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن ھاللاردا ھېچ قارارى بولمىغان سۆزلەرنى قىلغۇچىلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ ۋە ماھىيەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ كىشى ئۈستىدە ئۇنى - بۇنى دىيىش توغرا ئەمەس . چۈنكى ئاللاھمۇ بىزگە بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئېيتىشنى چەكلىگەن . { ئاللاھ ئېيتىدۇ : ئېيتقىنكى ، << پەرۋەردىگارىم ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ، گۇناھلارنى ، ( كىشىلەرگە ) ناھەق چېقىلىشنى ، ئاللاھ ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى ، ئۆزەڭلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئاللاھ نامىدىن قالايمىغان سۆزلەشنى ھارام قىلدى >> ( 33 ) ئەئراف . }  ئەھۋال شۇنىڭدەك ئىكەن ، چوقۇمكى دىندا ياكى ئىسلامدا بىرەر شەيئى ئۈستىدىن توختالغۇچى چوقۇم ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇلار جىم بولىشى كېرەك . ئۇلار جىم بولمىسا قارشى تەرەپ ئۇلاردىن جىم بولىشى كېرەكتۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، بۈگۈندىكى پىتنە ، ئاغرىق - ئاداۋەت ھەرگىزمۇ تىنجىمايدۇ ۋە بىزدە ياخشىلىق ئىسلاھ قىلىنمايدۇ . ...
بۈگۈنىمىزدە بىز مىللەتتە نۇرغۇنلىغان كېلىشمەسلىكلەر ، قىسىنچىلىقلار ئىچىدە ھەقىقەتەن تەرسالىشىش ، خوروجى بولۇش ، كىچىك ئىشلاردىمۇ زىيادە جىددىيلىشىش ، ئازراق ئاچچىقنى باسالماي ۋارقىۋاش ، مۇنازىرىدە توساتتىنلا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىشىپ كېتىشتەك ..... ئەھۋاللار ھەقىقەتەن ئېغىر . ئەمما بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولمايدۇ . چۈنكى بىزنى جىددىيلىشىشكە سالىدىغان بارلىق شەيئى بىزنىڭ دۈشمىنىمىزدۇر . چۈنكى شۇ جىددىيلىشىشتىن ئەمەس بولغان سۆز - ھەركەتلەرنى ئىشلەپ سالىمىز . شەيتان ئەنە شۇ خىل مەۋقەدىن پايدىلىنىپ كېتىش بىلەن بىرنى تامامىي ئۆلۈم كەلگۈچە بىزلەرنى سەۋرسىز قالدۇرۇشنى تىلەيدۇ . بىز بۇنىڭغا چوقۇم قارشى ئىسيانكار بولىشىمىز كېرەك . قاچانىكى بىزنى سەۋرسىز قالدۇرىدىغان بىر دولقۇن قەيەردىن كۆتۈرىلىدىكەن ، شۇ يەردىن قانداقلىكى بەدەل كېتىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇجۇقتۇرىشىمىز ، ئۇنداق قىلالمىساق ئۇ يەردىن تۇرۇپ كېتىشىمىز كېرەكتۇر . بولمىسا بىرنىڭ پوقى مىڭغا دېگەندەك ، بىر يامانلىق كۆپىنچە كىشىلەرگە ئورتاقلىشىپ قالىدۇ .
ئىنسان تېنچ بىر مۇھىتقا يەتمىگۈچە ئۇنىڭدىكى پىكىر قىلىش كۈچى ھەرگىزمۇ تەپەككۇر ھالىتىگە ئۆتەلمەيدۇ . ئىنساندا تەپەككۇر بولمايدىكەن ، بىرەر شەيئىنىڭ توغرا - خاتاسىنى توغرا رەۋىشتە ئايرىپ چىقىرالمايدۇ . چۈنكى تەپەككۇر بىزنى شۇ توختالغان نوقتىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ قېزىشىمىزغا ھەمراھدۇر . تەپەككۇرنىڭ ئاساسلىق ئېنىرگىيەسى ئەقىلدۇر . ئەقىلنىڭ قانداق بولۇشتىكى تىزگىنى روھىيەتتۇر . روھىيەتنى پاك ھالەتتە ساقلىغۇچى ۋە مۇنتىزىم تۇتۇپ تۇرغۇچى كۈچ بولسا تەقۋالىقتۇر . تەقۋالىق بولسا بىر تەن بولۇپ ، ئۇ نۇرغۇنلىغان ئەزالارنىڭ ، سېستىما ھۈجەيرىلەرنىڭ سالامەت تىپىرلىشى بىلەن ئاندىن روياپقا چىققۇسىدۇر . تەقۋالىق قانچىكى يۇقىرى پەللىگە يىتەلىسە ، تەقۋالىقنىڭ ئىگىسىدە ھىسسىي قىممەت ئۈزلۈكسىز ئاشقۇسىدۇر . ئىمان نۇردۇر . نۇر شۇ كىشىنىڭ ھىسسىي ھالىتىدە چۈشىنىشلىك بولىدىغان ، ئۇنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى سېزىلىدىغان روھىي ، مەنىۋى سېزىمدۇر . بۇلار بولسا ئادەملەرگە قارىتا غەيىبدۇر . بۇلارنى كىشى دىنىي ئىمتىيازى توغرا لىنىيەدە كۆتۈرۈلمەي تۇرۇپ چۈشىنىش مۇمكىن بولمايدىغان ئامىللاردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتائالا ئىنسان ۋە جىنلارنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقان . ئەمما ئانچىكى ئەمەللەر بىلەن ئۇنى كۆپ ساناپ مەغرۇر بولغاندا ، ئۆزىنىڭ شڭ تاپتا نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىشالمايدۇ ۋە ھامان ئىلگىركى ھاياتىدىكى ئورنى ، شۇ چاغدا تېتىپ قالغان ئىمانىي تەمنى شوراپ يۈرىۋەرگۈسىدۇر . شۇ خىل ئىمانىي تەمنى دائىم شۇ كىشى ساقلاپ قالالمايدىكەن ، بىرەر ئايەتكە ياكى ھەدىسكە ، يېڭىچە بىر مەناغا ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن ناگاھان بىر كېچىدە ياكى كۈندۈزدە كاپىر بولۇپ كېتىشتەك ئېھتىمالى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىزدىن كۈتىدىغىنى مۇسۇلمان بولۇش ۋە مۇسۇلمانلىق ھالىتىدە جان تەسلىم قىلىشتىن ئىبارەتتۇر . شۇنداق ئىكەن ، بىر ئىلىمنىڭ نۇرىنى ، ھەتتاكى مىسقالچە ئىماننى سەكراتقا ئېلىپ بارماق ئۈچۈن چوقۇمكى بىزدە تىگىشلىك رەۋىشتە تەقۋالىق بولۇشى كېرەكتۇر . تەقۋالىققا ھەقىقەتەن كۆپلىگەن ، نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ئامىللار ئورتاقلاشقان بولىدۇ . بۇنىڭ ئارىسىدىكى چوڭ ئامىلنىڭ بىرى سەۋرىدۇر . شۇ سەۋەب بۇۋەدە كۈچلۈكرەك توختىلىدىغىنىمىز سەۋى توغرىسىدىكى بەزى يامانلىقلاردۇر .
ئۆز ۋاقتىدا رۇسۇللاھ قولى بىلەن يەمەن تەرەپنى كۆرسىتىپ : << ئىمان ئاشۇ يەمەندە . بىلىڭلاركى ، دىللارنىڭ قاساۋىتى ۋە قاتتىقلىقى شەيتاننىڭ ئىككى مۈڭگۈزى كۆرۈنىدىغان مۇزەر ۋە رەبىئە ( قەبىلە نامى ) دىكى تۆگىنىڭ قۇيرۇقلىرى تۈۋىدە ۋارقىرىشىدىغان پادىچىلاردا >> دېگەن . ئۇلارنىڭ يەنە بىر سۈپىتى شۇكى ، رۇسۇللاھ ئۆز ۋاقتىدا بىر مەدىنىدىكى بىر يەرگە چۈشكۈن قىلغان ۋاقىتتا بىر بەدەۋى ( قىرلىق ئەرەب ) كېلىپ رۇسۇللاھتىن : << ئى مۇھەممەد ! سەن نېمە ئۈچۈن ماڭا قىلغان ۋەدەڭنى ئىشقا ئاشۇرمايسەن  >> ، دېدى . رۇسۇللاھ : << مېنىڭ خۇش خەۋىرىمنى كۈتكىن >> دېدى . ئۇ كىشى : سەن ماڭا خۇش خەۋىرىمنى كۈتكىن دەپ كۆپ قېتىم دېدىڭ ، دېدى . رۇسۇللاھ ىاپا بولغاندەك قىلىپ بىلال ئىككىمىزگە : << بۇ كىشى خۇش خەۋەرنى قۇبۇل قىلمىدى . سىلەر قۇبۇل قىلامسىلەر >> دېدى . بىز : قۇبۇل قىلىمىز ، دېدۇق . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قاچا سۇ ئېلىپ كېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن قولى ۋە يۈزىنى يۇدى ۋە ئىچىپ ئاشقان سۇنى : << سىلەر ئازراق ئىچىڭلار ، ئاشقىنىنى يۈزۈڭلارغا ۋە مەيدەڭلەرگە قويۇڭلار >>، دېدى . بىز رۇسۇللاھنىڭ دېگىنىدەك قىلدۇق . ئۇممۇ سەلەمە پەردە كەينىدىن تۇرۇپ : ئاناڭلارغىمۇ ئازراق قويۇپ قويۇڭلار ، دېدى . بىز ئاشقان ئازراق سۇنى ئۇنىڭغا بەردۇق .
شۇنىڭدەك ، نادانلىق ، بىر - بىرلىرى بىلەن ۋارقىرىشىپ - جارقىرىشىپ ئۆتىشىدىغان كىشىلەردە ھەقىقەتەن بىر - بىرلىرىگە ئىشىنىش بولمايدۇ . ئۇنىڭدەك ئەھۋال ئاستىدا ھەم باشقىلارغىمۇ ، ھەتتا رۇسۇللاھدەك زاتلارغىمۇ ئىشىنىشتە بولالمايدۇ . ئۇنىڭدەك كىشىلەر قوپال ، رەھىمسىز ، جاھىل ، تەرسا كېلىدۇ . چۈنكى كىشى شۇنىڭدەك مۇھىتتا بولىۋەرسە كۆپىنچە كىشىلەرنى شۇ خىل مەۋقە شۇ خىل خارەكتېرنىڭ يىتىلىشىنى تىلەيدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەر ۋە شۇنىڭدەك كىشىلەرنى جىددىيچىلىككە سالىدىغان بارلىق مەۋقەلەر ئەمەلىيەتتە كىشىنىڭ سەۋرىنى خورىتىدىغان ، پىكرىنى چاچىدىغان ، ئاز ۋاقىتتا تەن ۋە مېڭىدىكى ئېنىرگىيەنى ئازلىتىپ چارچىتىدىغان ، تىتاڭ تۇمۇرىنى قىزىتىپ ئاچچىقلاندۇرىدىغان نەپسىدىكى خۇشلۇقنى يوقۇتىدىغان ياخشىلىقتىن توسقۇچى كىشىلەردۇر ۋە شەيئىلەردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنىڭدەك يامانلىقلاردىن ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى توسىشىمىز كېرەككى ، ھەر قانداق تەتقىقات نەتىجە ، بىرەر يېڭىلىق تېنچ تۇرمۇشتىن ۋە تېنچ مۇھىتتىن كەلگۈسىدۇركى ، چوقۇمكى بىز شۇنىڭدەك يامانلىقلاردىن ئۆزىمىزنى ، بولۇپمۇ ئۆلىما - ئالىملىرىمىزنى ، بارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان زاتلىرىمىزنى قوغدىشىمىز لازىمدۇر . ئۇلارغا ۋە ئۆزىمىزگە تېنچلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەكتۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، بىزدە ئەنە شۇنىڭدەك قىر ئەرەبلىرىدەك ھېچ بىر داۋان ئېشىش ، ئادىمىيلىككە ، ئىنسانىيلىككە يۈكسىلىش بولمايدۇ . بەلكى مەڭگۈ بىر ئېقىمدا تۇرۇپ قېلىشقا مەجبۇرلاپ قويىدۇ . بۇنداق دېسە پەقەت بىلىمدان ياكى ئىلىمدار بولۇش بىلەن چەكلىنىپ قېلىش بىلەن ئەتىراپىدىكى بەزى دىشۋارچىلىق پەيدا قىلىدىغان ، ئەمما ئۇنىڭ ماھىيىتى توغرا ھەم پايدىلىق بولغان قىسمەتلەردىن ھەم پۈتكۈل يېنىشنى تەۋسىيە قىلغانلىق ئەمەستۇر . ئەلۋەتتە ، مۆئمىن ، تەقۋادار بەندىلەر ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغانكى ھەر بىر تونىللىق ھاياتى ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارغا يەتكەن ھەر قانداق ياخشىلىق - يامانلىق بولمىسۇن ، ھەممە ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ياكى قىسمەن تەرەپلىك پايدىلىقى ئۈچۈن بولغان بولىدۇ . بۇ خىل ئاقىۋەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئايرىش بەسى مۈشكۈلدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنى تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئەمەل - ئىبادەتلەرگە بۇيرۇپ تەقۋالىقنى ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدىغان ئىمتىيازلىق ئىلمىسىنى تەۋسىيە قىلماي باشقا ئامال يوقتۇر .
پۈتكۈل ياخشىلىق - يامانلىق ئاللاھنىڭ شۇ بەندىلەرنىڭ ئىلگىركى مەۋقەسىگە قارىتا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، ئاللاھتائالا بۇ توغرىسىدا شۇنداق دەيدۇ : { ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى شەيئىلەر ئاللاھنىڭ ( مۈلكى ، مەخلۇقى ، بەندىلىرى ) دۇر ، ھەممە ئىش ئاللاھقا قايتۇرىلىدۇ ( 109 ) ئال ئىمران } شۇنىڭدەك ، مەيلى قانچىكى يۇقىرى ، كۈچلۈك ،زوراۋان ئىمتىيازلاردا ياخشى - يامانلىق ئورنىنى ئالغان مەيلى دۆلەت بولسۇن ، ۋە ياكى قايسى بىر قانۇنىيەتنى ئىجرا قىلغۇچى جەمىيەت بولمىسۇن ...... ھەممە پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلىشى بىلەن ياخشىلىق ۋە ياكى يامانلىقنىلا تىلەش قىلالايدۇ ، خالاس !
ئاللاھتائالا ئېيتىدۇ : { يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزەڭلەر ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان ، بۇ ( خىل تەقدىرنى ئالدىن پۈتىۋېتىش ۋە دەل ۋاقتىدا بەجا كەلتۈرۈش ) شۈبھىسىزكى ، ئاللاھقا ئاساندۇر ( 22 ) ھەدىد } يەنە شۇنداق دەيدۇكى : { ئاللاھ ھەقىقەتەن ( بەندىلىرىگە ) زەررىچە زۇلۇم قىلمايدۇ . ئەگەر كىشىنىڭ زەررىچە ياخشىلىقى بولسا ، ئاللاھ ئۇنى ھەسسىلەپ زىيادە قىلىدۇ ، ئۆز دەرگاھىدىن بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ ( 40 ) نىسا } يەنە شۇنداق دەيدۇ : { شۇنىڭغا ئوخشاش ، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە مۇسەللەت قىلىمىز ( 129 ) ئەنئام } بىزلەرگە قانداق بىر ۋاقىتتا قانداق بىر ياخشىلىق ياكى يامانلىقنىڭ يېتىشى ، دەل بىزنىڭ ئىلگىركى ئۆزىمىزنى قايسى تەرەپكە ئالغاندىكى ، نېمىلەرنى قىلغاندىكى ئەمەللىرىمىزگە ، ھالى - ئەھۋالىمىزغا قارىتا پۈتۈلگەن بولىدۇ . شۇڭا ئاۋال بىز ئۆزىمىز قانچىكى توغرا ئىسلاھ قىلالىساق شۇنچىلىك ئىسلاھ قىلىپ يامانلىقلىرىمىزنى خورۇتۇپ ياخشىلىقلىرىمىزنى كۆپەيتىشىمىز لازىمدۇر .
قۇشلاردا ئىككى قانات بولغاندەك ، ئۇلار قايسى تەرەپكە بۇرالماقچى بولسا شۇ تەرەپتىكى قانىتىنى باسقىنىدەك ، بىزدىمۇ ئىككى خىل قانات باردۇر . ئۇ بولسىمۇ بىرى شۈكرىلىك قانات ، يەنە بىرى بولسا كۇفرىىلىق قانىتىدۇر . بىز قانچىكى قايسى قانىتىمىزنى شۇ تەرەپكە يۆلۈنۈش قىلىپ قانچىلىك باسساق ، شۇ تەرىپىمىز شۇنچىلىك رەۋىشتە كۈچەيگۈسىدۇر . كىيىنكى تەقدىردىكى بىز ، دەل ئىلگىركى قايسىكى قاناتنى قانچىلىك باسقىنىمىزغا قارىتا بىز سەۋەبلىك بولغان بولىدۇ . شۇ سەۋەبلەر بىلەن بىز چوقۇم ئىسلاھنى ھەر بىر بىزگە مۇلاقات بولىۋاتقان ۋە بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە قانداق تەبىر بىرىۋاتقان ۋە قانداق ئىپادە بىرىۋاتقان ھاللاردا بولىۋاتقانلىرىمىز ئۈستىدە تولاراق پىكىر قىلىشىمىز لازىمدۇر .
ئاللاھتائالا بىزلەرنى پەقەت ئۆزلىرىمىزنىڭ تاقىتى يېتىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقىلا تەكلىپ قىلغان . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بولسا ئەنە شۇ يىتەرسىزلىكلىرى سەۋەبلىك ئۆز رەببىگە ئاسىي بولىدىغان يولنى تۇتقا قىلدى . بۇ بولسىمۇ دەل تاقىتى يەتمەيدىغان كىشىلەرگە ، شەيئىلىەرگە ئېسىلىۋېلىش بىلەن بولىۋاتىدۇ .
شۇنداق كىشىلەر بار ، ئەينەن شۇ بەدەۋىيلەردەك ، قانداقلا بىر گەپ قىلسا چوقۇم ئۆزىچە ھاياجانلىنىپ ، ۋارقىراپ - جارقىراپ قارشى تەرەپنى ئۆزىگە ئوخشاش ئىپادە ياندۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ . ئەقىل ئىگىلىرى پەقەت ئۇرۇشقان ، ئەڭ جىددى بولغان ئىشلار ئۈستىدە قارشى تەرەپكە قاتتىق بېسىم قىلىدىغان ۋاقىتلاردىلا شۇنىڭدەك ھاياجانلىق ۋە باشقىلارنى ئۆزىگە قارىتىپ تۇرۇپ ئېيتىدۇ . ئەمما بۇ خىل نادان ، تېنچلىقنى سۆيمەيدىغان ، شۇنىڭدەك تەرسالىقتىن خۇشلۇق تاپىدىغان بەد قىلىق كىشىلەر بولسا ھامان باشقىلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش تېنچسىز قالدۇرۇشنى تىلەيدۇ . چۈنكى ئۇلارمۇ باشقىلارنى شۇنى توغرا كۆرىدۇ ۋە باشقىلارنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشنى خالايدۇ . بۇنىڭدەك كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىش ۋە تولا ئىشلاردا مۇھاكىمە قىلىشىش بولسا ، ئۆزىنىڭ تېنچلىقىنى ئۆزى بۇزغان بىلەن باراۋەردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن مۆئمىن ئۆزىگە قانداقلىكى كىشىلەر يېقىنلاشمىسۇن ، چوقۇمكى ئاللاھقى نىدا قىلىدۇ . نىداسى شۇكى ، { ئەگەر ئى رەببىم ! بۇ كىشى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولسا ، ئۇنى ماڭا يېقىن قىلغىن . ئۇنداق بولمايكەن ، ئۇنى مەندىن دەپئىي قىلىۋەتكىن ! } دەپ دۇئا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر .
ئاللاھ بىر سۆزىدە شۇنداق دەيدۇ . { سىلەر زىبۇزىننەت ئىچىدە چوڭ بولىدىغان ، ئەمما مۇنازىرىدە مەقسىدىنى ئوچۇق بايان قىلالمايدىغانلارنى ( يەنى ئاجىزلارنى ) ئاللاھقا نىسبەت قىلامسىلەر ؟ }  شۇنىڭدەك ، كىملەركى زىننەتكە بېرىلىدىكەن ۋە شۇنىڭدىن خۇشلۇقىنى ئارام تاپقۇزۇپ دۇنيا لەززىتىگە ، ئۇرۇن - كۆرپىلەرگە ئورىنىۋالىدىكەن ، تەكىيە - ياستۇقلارغا يۆلىنىۋالىدىكەن ، ئۇلار ھەقىقەتتە تەپەككۇردىن ھەقىقەتەن كۈچلۈك رەۋىشتە تۇسۇلغان بولىدۇ ۋە دىندا بوشلۇقنى تىلىگەن بولىدۇ . ئۇنىڭدەك كىشىلەردىن كۆپ ياخشىلىق كۈتۈش ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئەقىدىسى ئەمەس . چۈنكى بۇنىڭدەك كىشىلارنى ئاللاھقا نىسبەت  بەرگىلى بولمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئاجىزلارنى ياردەمچى قىلمايدۇ . ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلغان ۋە ئۆز تەرىپىگە كۆتۈرگەن ئىكەن ، ئۇنى چوقۇم تالاي رىيازەتلەرگە سېلىش بىلەن تاۋلايدۇ ۋە ھەر بىر تىگىشلىك بولغان قىسمەتلەرنى قېنىق ھالەتتە تېتىتقۇزۇپ چىقارغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ ئىلمىسى يۇقىرى ، ئىرادىسى كۈچلۈك ، دىندا بەسرەتلىك ، تەقۋالىقتا سۇباتلىق يېتىشىپ چىقىدۇ . مانا مۇشىنىڭدەك كىشىلەرلا مۇنازىرىدە ئۆز مۇددىئاسىنى دەلىل بىلەن ئوتتۇرغا قويالايدۇ . مانا مۇشىنىڭدەك كىشىلەرلا ھەر قانداق بىر قىسمەتتە ئۆز پەرۋەردىگارىغا تەقۋالىق قىلغان ئاساستا تەۋەككۇل قىلالايدۇ . ئاخىرقى غەلبە ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەرگە مەنسۇپتۇر !
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ، ھەتتا موللا - ئالىملار ، ھەيران قالارلىقى شۇكى ئاياللارمۇ شۇنىڭدەك زىلزىلە پەيدا قىلغۇچى ، يامان ھاياجانغا كەلتۈرگۈچى شەيئىلەردىن ئۆزىنى تارتمىغان ھاللاردا يامان مەۋقەلىك بولغان شەيئىلەرگە رام بولۇپ قېلىشىۋاتىدۇ . بۇنىڭ بىرى دەل ماتۇرلۇق ۋاستىلەردۇر . ئايال كىشى ئاجىز يارىتىلغاندۇر . ئۇلارنىڭ تىنىلا ئەمەس بەلكى روھىيىتى ، مەنىۋىيىتى ، پىكىر قىلىش ئىقتىدارى .... قاتارلىق تەرەپلەردىن بىردەك ئەرلەرگە قارىتا ئاجىزلىقتىدۇر . بەزى ھاماقەت ئاياللار ئۆزلىرىنى ئادەتتىكى ، ھەتتا ئاجىزلىقتا ئاياللاردىنمۇ تۆۋەن بولغان نامى ئەرلەردىن تەسەللىي تېپىپ ، << بىزمۇ بوش ئەمەس >> دېگەنكى ئىپادىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ۋە نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ، << نۇرغۇنلىغان ئەرلەر قىلالمىغان ئىشلارنى بىز قىلالايمىز >> دېگىنكى ئەقىدىسى بۇيىچە ھامان ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلماقنى تەيىن قىلىشىۋاتىدۇ .
ئۆز ۋاقتىدا روسلار باشقا بېسىلغان مۇسۇلمان ئەللىرىدىكى كىشىلەرنى ئىسلامدىن ۋە دىنىي ئەقىدىدىن ئۇزۇن مۇساپە ياندۇرۇشتا بولۇپ ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى نادانلىقتا ، ئېتىقادسىز ۋە تەقۋاسىزلىقلاردا قالدۇرۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يېڭىچە كەشپىياتى دارۋىن نەزىرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، كۆپلىگەن كىشىلەرنى ھەقىقەتتىن توسۇشقا ئۆتكەن ئىدى ۋە بىر مەزگىل ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىكتە مايمۇننى ئاتا - بوۋا قىلىپ ئەقىدە باغلاپ كۆڭۈللىرىنى خۇش قىلىشقان ئىدى . ئۇلار شۇنىڭدەك ئەھۋال ئاستىدا بەزى نامەرتلەردەك پالۋان سادىرلارنىڭ پۇت - قولىنى باغلاپ قويۇپ ، ئاغزى - بۇرنىنى ئىتىپ قويۇپ تازا ئۇرۇپ دۇمبالىۋالغاندەك ، ئۆزلىرىنىڭ ھەققە قارشى كۆز قارىشىغا ئاشكارا خىتاب قىلالمايدىغان ئاجىزلارنىڭ ئېزىشى بىلەن ئۆزلىرىنى خۇددى ئىنسانىيەتنىڭ ئالاھىدە پەرۋەرلىرى دەپ چۈشىنىشىپ قېلىشقان ئىدى . ھالبۇكى ، ئۆزلىرىنىڭ نېمىلەرنى قىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلىشمەيتتى . شۇنىڭدەك ، ئەرلەرنىڭ باھىي چۈشكەن ، گۈزەللەرنىڭ ئورنى كۆتۈرۈلگەن ، كۈچلۈكلەر خىزمەتتىن قالغان ، خوشامەتچىلەر قاھاننىڭ رەپتارىنى سۈرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ، ھاماقەت بۇ خوتۇن خەق ئۆز ئەركىنلىكىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى قىممىتىنى كۈچەيتىشتە تۈگۈل ھەتتا موللا - ئالىملارنىڭ دىققىتىنى بۇزۇپ قويىدىغان ، تەقۋالىقنىڭ ھىسسىي تەرىپىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدىغان ماتۇرلۇق ۋاستىلەرنىڭ رولىغا ئېسىلىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق نازاكىتىنى نابۇت قىلغان ھاللاردا ، ئانىلىق قىممىتىنى چۈشۈرگەن تۇرۇقلۇق يەنىلا خۇدىنى يوقۇتۇپ يولمۇ يول ، شەھەرمۇ - شەھەر غۇيۇلداپ يۈرۈشمەكتە . شۇ يۈرۈشلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ھىسىيات جەھەتتە يېشى ئەللىككە بارماي يەتمىش ياشلىق خوتۇندەك بولۇپ قالغان ، ئەرلىرى بولسا  ياش قىزلارغا ئۆگىنىپ قېلىشىۋاتقان . بالىلار ئاتا - ئانىسى تىرىك تۇرۇپ يىتىم قېلىش بىلەن باغچا بىلەن مەكتەپ تەربىيە قىلىشتا  ئىلگىركى پارانلىق ئورنىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان . يىتىلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنى ئىشرەت غەزىنىسى قاپلىۋالغان . كۆپىنچىلىرى ئېتىقادسىز ، ئەقىدە ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ئىرادىسىز چوڭ بولىۋاتقان بالىلار .....  ئۇيغۇرلارغا قاراپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراپ مۇسۇلمان ئۇيغۇرلىرى بارغانچە بۇ پاساتچىلىقنى تىلەشكە ئۆتكەن . ئەرلەر بولسا ھەيران قىلىشىۋاتقان - ئوھۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇۇي ، بىزنىڭ مۇسلىمە ئاياللىرىمىز بوش ئەمەس جۇمۇ ، ناسارا ئاياللار قىلىۋاتقاننى بىزنىڭ ئاياللىرىمىزمۇ قىلالايدۇ ..... كۆردۈڭمۇ ، ئاۋۇ ماشىنىدىكى ئايالنى ، ھىجابنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ رولغا ھەجەب يامان ئىكەن ...
ئەسلى جەمىيەت ياخشىلانسا ، ياخشى جەمىيەت بولغاندا ئاندىن ئاتا - ئانىلار خاتىرجەم بالىلىرىنى سىرتقا قويىۋېتىش قىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىدى . ئەمما بۈگۈنكى جىمى شەيئى ئۆزىنى ۋە ئەۋلاتلىرىنى ئىنسانىيەتكە ئەڭ قىممەتلىك بولغان نەرسىنى يوقۇتۇشتا دىنسىز ، ئېتىقادسىز قالدۇرۇشنى تىلەۋاتقان جەمىيەتتە يەنىلا خۇدىنى بىلىشمەيۋاتقان . يوللار ماشىنىلار بىلەن تولۇپ قاتناش قىستاڭچىلىقى كۈچىيىۋاتقان . ئۆز ئارا بىڭسى قىلىشىپ بەدەۋىلىرىدىن پەخىرلىنىۋاتقان ...  ۋا بەدەۋىلەرگە ئاشىقلار گوروھى ...   بۇلاردىن ئىبرەتمۇ ئېلىنىۋاتىدۇ ، يەنە كۈچلۈك ئىبرەت ئالىدىغانلار بارمۇ ؟
شۇنىڭدەك كىشىلەرگە كۈچى يەتمەيدىغان زىلزىلە پەيدا قىلغۇچىلار شۇ كىشى ئۈچۈن ئەڭ زىيانلىق شەيئىلەردۇر . ئەنە شۇ شەيئىلەر كىشىنىڭ سەۋرىنى يوقۇتۇپ چاپسان جىددىيلىشىغان ، چاپسان ئاچچىقلىنىدىغان ، شۇ ھالىتىدە ئەسلا قىلمايدىغان ئىشلارنى ، گەپ - سۆزلەرنى قىلدۇرۇپ قويىدىغان ئاقىۋەتكە كەلتۈرۈپ قويغۇسىدۇر . قېنى كىم سەۋرسىز ئىمانغا يىتەلەيدۇ ۋە يەتسە مۇنتىزىم ساقلاپ تۇرالايدۇ . قېنى كىم سەۋرسىز تەقۋا بولالايدۇ ۋە تەقۋالىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ . قېنى كىم سەۋرسىز ھىسسىيلىك قىممىتىنى تاپالايدۇ ۋە تېخىمۇ كۈچىيتەلەيدۇ ؟ ئۆزىنىڭ شۈكرى بىلەن كۇفرى تەرەپلىك ئورنىنى ئەنە شۇنىڭدەك ھىسسىي قىممىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئاندىن تۇنۇشتا بولۇپ ، ئۆزىنى ئىماندىن تۇسۇيدىغان يامان كۈچلەردىن ساقلىنالايدۇ . ئىبرەت ئالغۇچىلار بارمۇ ؟
قېنى كىم ئۆزىنى شۇنىڭدەك تاقىتى يەتمەيدىغان ، كۆتۈرەلمەيدىغان ، ياخشى بىر تەرەپ قىلالمايدىغان زىلزىلە پەيدا قىلغۇچى شەيئىلەردىن ئۆزىنى تارتالايدۇ ؟ قېنى كىم تەبىئىي پەن يولىدىكىلەرگە بېرىلگەن ، ئەمما ئىجتىمائىيلارغا زىيانلىق بولغان شەيئىلەردىن ئۆزىنى تارتالايدۇ ؟ يەنىلا گەپ شۇكى ، قېنى كىم بەدەۋىلەردىن ئۆزىنى تارتالايدۇ ؟

مەنبە : قەلەم !!!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئادەمنى خېلى ئويلادۇردىغان يېزلىپتۇ. بۇلۇپمۇ مەن بەكرەك ئويلىناي......

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 20:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ سۆزى:  ئاللاھ بىر شەيئىنى ياراتماقنى ئىرادە قىلىدىكەن ، شۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا چوقۇمكى ئۆزىگە ياردەمچىلەرنى تاللايدۇ. 6<X.]"u+E~  
B3|h$aKC  
ئوقۇرمەننىڭ سۆزى:ئاللاھۇتالانىڭ ئۆزىگە ئوخشىشى، شىرىكى، شۇنىڭدەك ياردەمچىسىمۇ يوقتۇر.چۇنكى ئۇ پۇتكۈل كائىناتنى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچى، ھەرقانداق بىر شەئىينىڭ، جانلىقنىڭ، جانسىزنىڭ شۇنىڭدەك ھەممىنىڭ پەقەت، پەقەت ۋە پەقەت يەككە يىگانە بولغان ئەڭ ئۇلۇغ پەرۋاردىگارىدۇر. بۇ يۇقارقى ئاپتۇر سۆزىگە بىرىلگەن پىكىر cCx@VT`0  
fy9m S  
پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگۈنچىسى ۋە بىزنىڭ ئىككى دۇنيالىقتىكى پەيغەمبىرىمىز بولغان مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ مۇبارەك سۆزىنى تىلغا ئالغىنىڭىزدا قايسى ھەدىس ئالىمىنىڭ، قايسى سەھىھ كىتابدىن ئىلىنغانلىقىنى ئىنىق يىزىپ قويۇڭ. r9MS,KG8  
ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلىڭ.  



ئوقۇرمەننىڭ سۆزى:ئاللاھۇتالانىڭ ئۆزىگە ئوخشىشى، شىرىكى، شۇنىڭدەك ياردەمچىسىمۇ يوقتۇر.چۇنكى ئۇ پۇتكۈل كائىناتنى يوقلۇقتىن بار قىلغۇچى، ھەرقانداق بىر شەئىينىڭ، جانلىقنىڭ، جانسىزنىڭ شۇنىڭدەك ھەممىنىڭ پەقەت، پەقەت ۋە پەقەت يەككە يىگانە بولغان ئەڭ ئۇلۇغ پەرۋاردىگارىدۇر. بۇ يۇقارقى ئاپتۇر سۆزىگە بىرىلگەن پىكىر !l9i)6 W  
Z Jgy!)1n  
ئاپتۇرنىڭ دەۋاتقىنى ئاللاھقا ئوخشاش ئاللاھ بار ، ئىلاھقا ئوخشاش ئىلاھ بار ئەمەس بەلكى ئەنە شۇ قانداقلىكى بىر ئىش قىلسا پەقەت ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ، شۇ ھېكمىتىگە ئۆزى خالىغان بەندىلىرىنى قاتناشتۇرۇپ ھاسىل قىلىدۇ . ئۇ ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر . 0{^ 0>H0  
شەيتاننىڭمۇ ھەم ياردەمچىلىرى بولۇپ ، كىملەركى يامانلىقنى تۇتقا قىلىدىكەن ، ئۇلار شەيتاننىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالغۇسىدۇر



ئاپتۇرنىڭ دەۋاتقىنى ئاللاھقا ئوخشاش ئاللاھ بار ، ئىلاھقا ئوخشاش ئىلاھ بار ئەمەس بەلكى ئەنە شۇ قانداقلىكى بىر ئىش قىلسا پەقەت ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ ، شۇ ھېكمىتىگە ئۆزى خالىغان بەندىلىرىنى قاتناشتۇرۇپ ھاسىل قىلىدۇ . ئۇ ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر . "$U!1  
شەيتاننىڭمۇ ھەم ياردەمچىلىرى بولۇپ ، كىملەركى يامانلىقنى تۇتقا قىلىدىكەن ، ئۇلار شەيتاننىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالغۇسىدۇر .  THmmf_w@  
[/quote] tjbI*Pw7(  
« ئۇ ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر » دىگەن سۆزنىڭ كىشىلەر ئىددىيسىگە قانداق كۆز قاراشتا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز! 2!";?E  
بىز ئىسلام دىنىمىزنى ئاددى سۆزلەر بىلەن شەرىلەپ كۆتسەك بولمامدۇ! 1(jDBP!8  
سىز مۇشۇ يەنى «  ئۇ ئاللاھنىڭ ياردەمچىلىرىدۇر » دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا « ئاللاھ مۆھمىن بەندىلىرىنى ئۆز ھىكىمىتىگە بۇيرىدۇ » دەپ ئالسىڭىز بولمامدۇ! %Mr^~7nN  
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن شەيتانلارنىڭ ياردەمچىسى توغۇرلۇق گەپ قىلمىدىم. گەپ قوشۇپ قويماسلىقىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.



.........ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ ( 4 ) ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ ( 5 ) ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تۇنۇتتى ( 6 ) ئى مۆئمىنلەر ! سىلەرگە ئاللاھقا ( يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا ) ياردەم بەرسەڭلەر ، ئاللاھ سىلەرگە ( دۈشمىنىڭلارغا قارشى ) ياردەم بېرىدۇ ، قەدىمىڭلارنى ( ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ) بەرقارار قىلىدۇ ( 7 ) مۇھەممەد mY&(&'2T"  
شۇنىڭدەك ، بەزى بەندىلەر دىنىي جەھەتتە ، ئىلىم جەھەتتە مەلۇم بىر پەللىگە يەتكەندە ئاللاھ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بەزى تېخى روياپقا چىقمىغان ئىشلىرىنى بىلدۈرىدۇ  ۋە ھىسسىي جەھەتلەردىن ئەينەن كۆرسۈتىدۇ . ئاللاھ شۇنىڭدەك بەندىلىرىنى پەقەت ئىلىم خالتىسى بولۇشنى تىلەشتە بولامدۇ ياكى ئىلمىسىنى ئەمەلىي جارى قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئۆتەمدۇ - يوق ؟ ئۇلارنى بۇ ئايىتى ئارقىلىق رىغبەت بېرىدۇ ۋە شۇنىڭدەك ، جەننەت ئۈچۈن قانداق قىلىش - قىلماسلىقنى ئىختىيارى تاللاشقا قويىدۇ . ئەمما بىز بۇنى ئاللاھنىڭ غېرىبلىقى دەپ چۈشىنىپ قالساق بولمايدۇ . چۈنكى ئىلىمگە ئىگە بولۇپ ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتمەيدىغان ، ئەمەلىي ھەركىتى بولمىسىمۇ ھىم ئىلمىسىنى يۇشۇرىدىغان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئاللاھ ئەنە شۇنىڭدەك بەزى روياپقا چىقىرىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان شەيئىسى ئۈچۈن ياردەمگە چاقىرىق قىلىدۇ . مانا بۇ ئاللاھنىڭ ھەم بەندىلىرى بىلەن ھەقىقەتەن دوستانە مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىدەك گۈزەل پەزىلىتىدۇر . EGxCNB  
بۇنىڭلىق ئىىتىيارلىقتىن ئۆتكەندە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بولغان نېمەتلىرى باردۇر . خۇددى ئۆز ۋاقتىدا ھەۋارىيۇنلارغا بىلدۈرگەندەك ھىسسىي جەھەتتىكى بىلدۈرۈشلەردەك ............... DdCNCXU  
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ خىل سىرلىق ۋە ھېكمەتلىك ئايەتلەر ئۈستىدە تالاش - تارتىشنى ئاز قىلايلى !!! +'{d^-( (  
{ ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنسا ، بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار : << بۇنىڭدىن باشقا بىر قۇرئاننى كەلتۈرگىن ياكى ئۇنى ئۆزگەرتكىن >> دەيدۇ . ........ ( 15 ) يۇنۇس } D\^\_r):  
ئالدىنقى كۈنى ( ي ي ) دا مۇشۇ توغرىسىدا سۆز بولۇپ ، - قۇرئاندا بۇنىڭدەك سۆز يوق ، ئەگەر شۇنداق سۆز بولسىمۇ يوق ! - دېگەن گەپ چىقىپ قالدى . بۇ ھەقىقەتەن ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال . يەھۇدىي چېغىدا بىرەر مەسىلىگە دۇچ كېلىپ قالسا ئىزدىنىپ باقىدۇ . بىز نېمە ئۈچۈن دەريا ئىچىگە شۇڭغۇپ كىرىپ نەتىجە بايان قىلغانلارنىڭ ئەجرىنى قالدۇرۇپ ، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە تۇرىۋېلىپ تاش سانايدىغان ۋە تاشنىڭ رەڭگىنى بايان قىلىدىغاندەك گۇمانى قىياسەن سۆز قىلىشقا ئامراق ؟ 2:G/Oj h&]  
يەھۇدىيلار ۋە باشقىلار شۇنىڭدەك قىياسەن سۆز قىلىپ كانىيىگىچە تۇيۇپ كەتكەنلىكتىن بىرەر ئىش ئۈستىدە چاپسانلا سۆز ئېچىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ . ھەتتا نەتىجىسى توغرا بولسىمۇ يەنە قايتا تەھلىل - سىناقلارنى ئېلىپ بارىدۇ . ئەمما بىز يەنىلا << ئۇنداق ئىش يوق ، ئەگەر شۇنداق بولسىمۇ يوق >> دېگەنكى مەۋقەگە سىڭىپ كېتىمىز ؟ J*4T| #0  
ئاللاھتائالا << بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۈستىدە جاڭجاللىشىدىغانلارنىڭ پەقەت كۆكرەكلىرىدە كىبرى بار >> دىيىش بىلەن ئۆز بەندىلىرىنىڭ ماھىيىتىنىڭ بىر قىسمىنى بايان قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر باشقىلارنى ئەمەس ئۆزىنى ئاۋال چۈشەنمەستىن قارىسىغا ئىشىنىشتە بولۇش بىلەن نېمىنى توغرا كۆرسە شۇنى ئىشتىش بىلەن مەۋقەدە تۇرىۋالدى . شۇ ۋەجىدىن ( مەنغۇ ھېچقانچىلىك ئادەم ئەمەس ) مەنمۇ ئۆزەمنى يامان مۇھىتتىن ساقلاپ ئۆز قەلبىمنىڭ زېدە بولىشىنى ، يامان زىلزىلىگە ئۇچىراپ زەربە يېيىشىدىن ساقلىمىسام بولمايدۇ ئەلۋەتتە . يامان مۇھىتنىڭ بىرى دەل ئاللاھنىڭ ئايىتى ئۈستىدە قارىسىغا جاڭجال قىلىشىدىغان مۇنازىرە سۇرۇنلىرىدۇر ! ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ياكى ئىنكار قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدەك سۇرۇندىن تۇرۇپ كېتىشنى ئېيتقان . چۈنكى ئىنسان بەكلا ئاجىز يارىتىلدى . كىشىلەرنىڭ شۇنىڭدەك قىياسى بۇيىچە ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقەتلەرگە قارىتا شەيتان ۋەسۋەسە قىلىش بىلەن ئول كىشىنى تېخىمۇ ئىچكىرى ۋەسۋەسىلەرگە قالدۇرۇپ قويۇشتىن يانمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چولپانلار ي ي سىغا كىرمەسلىكىم ۋە كىرسەممۇ ئىنتايىن ئاز كىرىشىم مۇمكىن . مەن يەنىلا تېما يازاي ۋە قۇۋۋىتىمنى شۇنىڭغىلا چىقىراي . Ou{VDE  
باشقىلار ماڭا قارشى سۆز قىلمىسىڭلارا ھە ! قانداق قىلىمىز ئەمدى ، ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن باشقا بىر قانۇندا بولمىغان ، ئاللاھنىڭ ھەق كالامى بۇيىچە يول كېزىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلغۇچىلاردىن بارغانچە يەتلىشىپ كەتكەن مەندەكلەر باشقىچە كېلىدىكەنمىز . پەقەت ۋە پەقەت بىر تەرەپتىن تۇسۇلغان بولساق يەنە باشقا تەرەپكە يۆلۈنۈشتە بولىدىكەنمىز . چۈنكى بىزنىڭ ئىستىخارىمىز ئەنە شۇ خىل ئاساستا چىقىدىكەن ئەمەسمۇ !!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 21:36:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچى0996 يوللىغان ۋاقتى  2012-7-26 20:49
ئاپتۇرنىڭ سۆزى:  ئاللاھ بىر شەيئىنى ياراتماقنى ئىرادە  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟يۇقارقى كىم كىملەرنىڭ مۇلاھىزىسى؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 19:12:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەليكۇم ئەسسىلام . مەن بىلەن باشقا بىرىنىڭ !

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:06:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتيللاھى ۋەبەركاتۇھۇ  ئىزچى  قېرىندىشىم  ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ھەم  رازى قىلسۇن  بۇ تىمىڭىز راسلا ئادەمنى ىنتايىن ئويغا سالىدىكەن  ئىنساننىڭ مۇشۇنداق تىمىلارنى ئوقۇغاندا تەپاككۇرى چۇقۇم ئاشىدۇ دەپ ئويلايمەن  تەپەككۇر بولسا ئەقىلنىڭ ئاچقۇچى ئەمەسمۇ سىزنىڭ كررىنداشلىرڭىز ئۇچۇن ۋاقىت چىقىرىپ كۇش سەرىپ قىلۋاتقان لىقىنەىزدىن بەكمۇ ىۇرسان بولدۇم مانا بۇ ئۇممەت ۇچۇن باش قاتۇرغانلىق دەپ  ئويلايمەن ۋە يەنە باشقە قېرىنداشلىرىمنىنەمۇ مۇشۇنداق ئويلىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن  ئۇلۇق رەببىمىز ئاللاھ ھەممىمىزنى بىر تىلەك بىر مەخسەتتە قىلسۇن ئەمىين..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 17:32 , Processed in 0.038741 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش