ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2003|ئىنكاس: 2

يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار توغرىسىدا .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
199
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 13:24:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
رەببىمىز ئاللاھ شۇنداق دەيدۇ : شۈبھىسىزكى ، مۆئمىنلەر ، يەھۇدىيلار ، ناسارالار ، ( ئارىسىدىن ) ۋە پەرىشتىلەرگە ، يۇلتۇزلارغاچوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئاللاھقا ، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئۆز ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . ئۇلارغا ( دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ يوقتۇر ( 62 ) بەقەر

زەيىد ئىبنى خالىد ئەلجۇھەنى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن : رۇسۇللاھ ھۇدەيبىيەدە بىزگە بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بەردى . كېچىسى يامغۇر ياغقان ئىدى . نامازدىن كىيىن ئۇ كىشىلەر تەرەپكە قاراپ : << پەرۋەردىگارىڭلار نېمە دېدى ، بىلەمسىلەر ؟ >> دېدى . ساھابىلار : ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسى ئوبدان بىلىدۇ ، دېيىشتى . ئۇ : << ئاللاھ شۇنداق دېدى : بەندىلىرىمدىن بەزىلەر ماڭا مۆئمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزسا ، بەزىلەر ئىمانسىز ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ . ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن يامغۇر ياغدى دېگەن كىشى ماڭا ئىمان كەلتۈرگەن بولىدۇ ، يۇلتۇزلارغا ئىمانسىزدۇر . ئەمما ئاۋۇ بۇلۇت سەۋەبىدىن يامغۇر ياغدى ، دېگەن كىشى ماڭا ئىمانى يوق ، يۇلتۇزلارغا مۆئمىندۇر >>

يەنە ئاللاھ ئېيتىدۇ : روشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن ( 2 ) . بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە ( يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە ) نازىل قىلدۇق ، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ( قۇرئان بىلەن ) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق ( 3 ) ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك ( يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە قىلىنغان ) ئىش ( يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى ، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ) ئايرىلىدۇ ( 4 ) ( شۇ كېچىدە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر ، بىز ھەقىقەتەن ( ھەر ۋاقىت بۇ خىل ئىلىمنى تەتقىق قىلغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ بۇ خىل كالامىدىن ئىلىم بايان قىلغۇچى بەندىلەرنى ) ئەۋەتكۈچى بولدۇق ( 5 ) ( شۇ ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر . ئۇ ھەقىقەتەن ( بۇ رەھمەت ئۈستىدە ئېيتىلغان بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ( 6 ) ئەگەر سىلەر ( مۇشىنىڭدەك ئاجايىبات - غارايىبات بولغان يۇلتۇز ئىلمىسىدىكى ئىشلارنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭدىكى ئالامەتلەرنى سىناپ بېقىش بىلەن )  ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار ، ( ئۇ ) ئاسمانلارنىڭ ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر ( يەنى شۇ خىل ئىلىم ئاسمان ۋە زېمىندىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جىمى شەيئىلەرنىڭ ئالدىن تەقدىرى بىلەن چېتىشلىق بولغان ئىلىمدۇر ۋە ئاللاھ قاراڭغۇلۇقتا قالغان بەندىلىرىنىڭ ئىزدىنىشى ئۈچۈن ئەنە شۇنىڭدەك يۇلتۇز ئىلمىسىنى ياراتقاندۇر . ئۇلار ئەنە شۇنىڭدەك << يۇلتۇزلار ئارقىلىق يول تاپقۇچىلاردۇر >> ( 7 ) ( قارىماققا بۇ ئىلىم ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئالدىن بىلگىلى بولغان تەقدىردىمۇ ، ئەمما ئاخىرقى نەتىجە شۇنداق چىقىدۇكى ) ئۇنىڭدىن ( يەنى شۇنداق ئىلىمنى ياراتقۇچى ۋە ئۇلارنى ئۆز ھېكمىتى بۇيىچە دەۋر قىلىپ تۇرۇش بىلەن تەسەررۇپ قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھدىن ) باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ، ئۇ ( ئەنە شۇنىڭدەك ئىلمىسى بىلەن ئۆزى خالىغان بەندىلىرىنى دىنىي ۋە تەقدىرى جەھەتتە ئىلىم ئاتا قىلىش بىلەن ئۆلۈكلۈكتىن ) تىرىلدۈرەلەيدۇ ، ( بۇلارنى ئىنكار قىلىش ۋە ياكى بۇنىڭلىق بىلەن پەقەت دۇنيالىقنى تىلەشتەك ئۇنىڭغا ئىشىنىشتە بولغانلارنىڭ جېنىنى ، ئىلگىركى دىنىي ، ئىمانىي  ئىمتىيازىدىن قالدۇرۇش بىلەن ) جېنىنى ئالالايدۇ ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ، ئىلگىركى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر ( 8 ) دۇخان

شۇنىڭدەك ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئالدىن بولىدىغان بەزى بىر ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەبىئەتنىڭ ، ماكاننىڭ ۋە ھەر بىر زامان - زامانلارنىڭ ئالدى - كەينىنى پۈتىۋەتكەن بولىدۇ . بۇ ئىلىم تەقدىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېچ چۈشەنمەيدىغان ۋە دىنىي قىممىتى ئىنتايىن سۇس كىشىلەرنىڭ خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ئالدى بىلەن يۇلتۇزغا سەجدە قىلغىنىدەك ، دىننى ۋە ئېتىقادنى نۆلدىن ياكى تۆۋەن نىسبەتلىك ئورنىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن مىللەت ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلۈك كىشىلەر ھامان ئالدى بىلەن چۈشىنىشكە تىگىشلىك بولغان ئالدىن تەربىيلەش سىنىپى يۇلتۇز ئىلمىسى سىنىپىغا كىرىشى ، ئاندىن كىيىنكى قەدىمىنى بېسىشى لازىم بولىدۇ . ئۇنداق بولماي يۇقىرى بېسىمدىكى ؛ ئىلگىرى بۇ يولنى ئۆزلىرى ياكى ئاتىلىرى ۋە ياكى بوۋىلىرى بېسىپ ئۆتكەن ھاللاردا بۇ خىل ئېتىقادنى ئېرسىيىتى سېستىمىسىغا سېلىپ بولغان بولۇپ ، بۈگۈنىدە كۈچلۈك ئىبادەت يولىلىرىغا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالىدىكەن ۋە ھېچ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئارلىشىۋالىدىكەن ، ئاللاھ مۇناپىقلار توغرىسىدا ئېيتقان ئايەتلىرىدىكىدەك ئەھۋالغا كېلىپ قالىدۇ . يەنى : ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يالغان قەسەملىرىنى ( كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە ، ئەقىدە - ئېتىقادى ۋە ئىمانىغا ئىشەندۈرۈشكە ) قالغان قىلىۋالدى ، ( شۇ ئاساستا كىشىلەرنى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشتىن - ) ئاللاھنىڭ يولىدىن توستى ، ئۇلارنىڭ قىلمىشى نېمىدىگەن يامان ! ( 2 ) بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ، ئۇلار ( ئىلگىرى ئاللاھنىڭ دىنىي ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ ) ئىشىنىپ ، ئاندىن ( شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە ئالدىنىپ ئاقىۋەتتە ھەقنى ) ئىنكار قىلدى ، ئۇلارنىڭ دىللىرى پېچەتلەندى ، ئۇلار ( ئىماننى ، دىننىڭ ماھىيىتىنى ) چۈشەنمەيدۇ ( 3 ) ئۇلارغا قارايدىغان بولساڭ ، بەدەن قۇرۇلىشى ( تاشقى قىياپىتى ) سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ ( يەنى ئاللاھ مۇشۇنداق كىشىلەرنىمۇ راستىنلا تەقۋادار قىلىۋاتامدىغاندۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىسەن ) ، ئەگەر ئۇلار سۆزلىسە ، سۆزىگە قۇلاق سالىسەن ، گويا ئۇلار تامغا يۆلەپ قويۇلغان ياغاچلاردۇر ، ئۇلار ھەر قانداق ئاۋازنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان دەپ گۇمان قىلىدۇ ، ئۇلار ( ماھىيەتتە ساڭا ۋە مۆئمىنلەرگە ) دۈشمەندۇر ، ئۇلاردىن ھەزەر ئەيلىگىن ، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلسۇن ! ئۇلار ( ئۆزلىرى يالغانچىلارنىڭ ھەقىقەتەن دوزاخ ئەھلى ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتىپ تۇرىدۇكى ، ئەمما تىللىرىدا ئېيتىپ تۇرۇقلۇق يەنە ھەقتىن يېنىپ ئۆزلىرى ئېيتقان دوزاخقا ) قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدۇ ! ( 4 ) مۇنافىقۇن

ئالەم ئالەم بولغاندىن بۇيان ئاللاھنىڭ ھەق كالامى ۋە ھەر بىر زامانلىرى پۈتۈن بەندىلىرىگە قارىتا ئورتاق ھاللاردا ئېيتىلىپ كەلگەن . پەقەت ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگۈچى زالىملار ، دۇنيالىقنى تىلىگۈچى غاپىللار ۋە غەپلەتكە ئورانغۇچىلار ھامان ئۇنىڭدىن قالغان بولۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئادىمىيلىكىگە ۋە  ئىنسانلىقىغا ئاسىي بولۇشتەك ئۆز كىملىكىنى دىنىي ، پەننى ...... يەنى ئاللاھ ھەر بىر ماكان ۋە زامانغا خاس قىلىنىپ بېكىتكەن ، تاقىتى يېتىدىغان ۋە ئىشلەشكە تىگىشلىك بولغان ئەمەللەردىن ئۇنى ئاددىي ھېسابلاش ياكى قىيىن تۇيۇلۇش .... لار بىلەن تەرك ئىتىپ غەپلەتچىلىكنى ، شەھۋەتكە ئالدىنىش ئىچىدە بۈگۈنىنى بىكار ئۆتكۈزۈپ ، ئەتىدىكى زامانىي كەلكۈنگە قارىتا بۈگۈن سېلىشقا تىگىشلىك بولغان توغاندىن يۈز ئۆرىگەنلىكلىرىدىن ، كىيىنكى زامانغا خاس ئىشلارغا - تەكلىپلەرگە ئاسىي بولغان ھاللاردا خۇددى كۆز بويامچىلىق بىلەن ھەم كىشىلەرنى ۋە تەقدىرنى ئالدىيالايدىغاندەك چۈشەنچىسىدە ۋاستە تاللىماستىن كۈنىنىڭ ئەتىۋارلىق ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئىشەنچىلىك بولۇشنى تىلەش يۈزىسىدىن ئادىمىيلىكتىن تېنىش بەدىلىگە ھەر نېمە قىلىشتىن يانمايدۇ . ئاقىۋەتتە ئايەتتە ئېيتىلغاندەك پەقەت ئۆزىنى ۋە باشقا كىشىلەرنى ئالداش يۈزىسىدىن تاشقى قىياپىتىنى بېزەشتە بولۇشتەك ھالاكەتلىك بېكىتىگە ئالدىنى قىلىدۇ .
رۇسۇللاھ ، شۇنداق بىر زامانلارنىڭ كېلىدىغانلىقى . ئۇ ۋاقىتتا كىشىلەر پالانى يەردە بىر تەقۋادار بار ئىكەن دېسە ، ئۇييۇ ، نېمىدىگەن چىداملىق ، نېمىدىگەن ئېسىل دىيىشىپ كېتىدىغانلىقى . ھالبۇكى ئۇ ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغانلىقى توغرىسدا ئېيتىپ ئۆتكەن . تەقۋادار دېگەن كىشى دىننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ  ئىگىلىرى دىيىلگەن بولۇپ ، ئۇلار ھەر زامان ئۆز زامانىدىكى دولقۇننى بەرپا قىلغۇچى ۋە ئۆز زامان مەۋقەسىگە قارىتا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كىشىلەر ئارىسىدا شاھىت بولغۇچى ، ئىسلام دىنىدا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماڭغۇچى  سەركىسى دېيىلىدىغان ، .... شۇنىڭدەك ئۇنۋانغا ئىگە كىشىلەردۇر . ئەمما ھەر ۋاقىت ئاتىلىرى غەپلەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ دىنىي كىملىكىگە ئاسىي بولغان ، ئاندىن ئەۋلادىنى ئۆزىگە ئوخشاش دىنسىز ھالەتتە ئاپىرىدە قىلغان ۋە دىندىن تۇسۇپ ھاياتىي دۇنيالىقنى ئەلا بىلىدىغان ، ئۇمۇ خۇددى تەقۋالىق لىباسىنى كەيسىلەر ھەممىگە يېتىدىغانلىقتەك چۈشەنچىسى بىلەن لىباسقا ئورىنىۋېلىپ ھەر ۋاقىت دىندا پىتنە تېرىش ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسۇشتەك شەيتاننىڭ ياردەمچىلىرى بولۇش بىلەن ھامان كۈنسايىن كىشىلەر ئارىسىدا كۆپىيىدىغان پارازىنتلار بولۇپ ، ئاقىۋەتتە ئۇلار بىرەر خىزمەتكە ئارقى ئىشىك قىلىش ۋە كىشىلەرگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن ھەر نېمە قىلىشتەك ئەھۋاللار بىلەن پەقەت ۋە پەقەت كىشىلەرنىڭ رازىلىقىنىلا قولغا كەلتۈرسىلا ھەممىگە يېتىدىغانلىقىدەك ، تارىختىكى كىشىلەردەك راھىبلىرىنى ، ئۆلىما - موللىلىرىنى مەبۇد قىلىۋېلىشتەك مۇشرىك ھالەتكە پېتىپ تۇرۇقلۇق ، ئىلگىركى زامانغا خاس ئىلىمگە ئالىم بولغان ، ئەمما كىيىنكى زامانغا خاس ئىش ئىگىلىرىنى ئىنكار قىلىشتەك ، ئۇنۋاننىڭ پەقەت موللىلارغا ياخشىچاق بولۇشتىن ۋە ئۇلارنىڭ رازىلىقى بۇيىچە داموللا ياكى يۇرت بېشى ئاتىلىدىغانلىقىدەك تۇنۇشى ئىچىدە << ئادەملەر >> گە << سەجدە >> قىلىشتىن بۇيۇنتاۋلىق قىلىش ، ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى << ئىبراھىم >> لارنى ئۆلتۈرۈشنى تىلەشتەك ئۇنۋان تالىشىش جېڭى بىلەن ئېيتىلغاندەك ، توققۇز كىشى بىرلىشىپ چىشى مەسەللىك ئىلىم ئەھلى تۆگىنى بوغۇزلاشتەك رازىلىقلىرى بىلەن خۇددى ساددامدەك ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ ، ئاقىۋەتتە رەئىس بولىۋالغىنىدەك - يىرتقۇچلار قاتارىدىن بولۇشتەك ئورنى بىلەن ئۆز نۆۋىتىدە دوزاخقا تۇتۇرۇق بولۇشنى ئىختىيار قىلىشتەك ئۆزلىرىنى شۇ خىل مەۋقەگە ئوراشتەك تىلەكلەردە بولىدۇ . بەزى مۆئمىن موللا - ئۆلىمانىڭ پۇشتىدىن ئۇلارنىڭ ئىلگىرى نىكاھتىن ئىلگىرى زىنا قىلىپ سالغاندىن كىيىنكى قىز - ئاياللار بىلەن توي قىلىش ۋە ياكى ئۈچ تالاقتىن كىيىنكى خوتۇنلىرى بىلەن ۋە ياكى ناگاھان شۇ كۈنى ئىلگىركى ئىمانىغا كاپىر بولۇشتەك ئەھۋال ئاستىدا تېپىلىپ تۇغۇلىدىغان ھارامدىن بولغان بالىلىرى ناگاھان ساددامنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى سۈپىتىدە ئۆز ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئىنكار قىلىشتەك ئەھۋاللار ئاستىدا جاھاننى پىتنىگە سېلىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە خۇددى ئىبلىستەك ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىبادەت قىلىشى ، ئۆگىنىشى ۋە ئىش ئىگىلىرىنىڭ كەينىدىن پايپاسلاپ ئۇلارغا خوشامەت قىلىشى ، ئاندىن ئۇلارنىڭ خالىشى بىلەن شۇ خىل ئورۇنغا يېتىشى كېرەكتۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، كىمكى ئۆزلىرىگە قارشى ئىسيان قىلىدىكەن ، ئۇ پەقەت ۋە پەقەت ئۆلۈمگە مەھكۈمدۇر ! ئۇلارنى ئىنكار قىلىش ھەتتا ئۆلتۈرۈش ھېچ گۇناھ ئەمەستۇر . چۈنكى ئۇلار ( يەنى يۇقىرىغا سىلجىشتا مىسالى راكىتاغا ئولتۇرغانلار ۋە ئۆز زامانىدىكى شەيئىلەرنى ئېيتىپ بەرگۈچى << ئادەم >> لەر ئۆزلىرىگە بى ھۆرمەت قىلىش بىلەن ئۆزلىرى ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەتىۋايى بۇدلىرىنى چاققۇچىلاردۇر . ئىسىڭلاردا بولسۇنكى ، زامان ئەنە شۇنىڭدەك قايتىلىنىدۇ . بۈگۈن بولسا ئىلگىركى تارىخنىڭ ئەينىكىدۇر . بۇ ئەينەكنى قۇرئان بايان قىلغۇچىدۇر . كىملەركى قۇرئانغا توغرا يۆنىلىشتە ئەگىشىدىكەن ، ئۇ ھېچ ئازمايدۇ !!! ئىبرەت ئالغۇچىلار بارمۇ ؟ ( ئېيتىڭلاركى ، ئى رەببىمىز ! بىزنى ئىبرەت ئالغۇچىلاردىن قىلىغىن !!! )

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل دىنىي چۈشەنچىسى بولمىغان ، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ ھېكمىتىنى تۇنىمىغان ، ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي ھامان ئىماندىن يېنىۋېلىپ بارغان ، كىشىلەر ئارىسىدا خۇددى ئىمانداردەك ، تەقۋاداردەك بولىۋالغان ئىچى ئېچىق ، ئىچى سېسىق بولغان موللا - ئالىم ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ھالى - سۈپىتىدۇر .
تارىختىن بۇيان ھېچقانداق بىر مىللەت دىنىي جەھەتتە شۇنىڭدەك ھەقتە ياكى گۇمراھلىقتا ، يۇقىرى - تۆۋەنلىكلەردە بىر يۆلۈنۈشتە ئۇمۇمىي بىرلىكتە بولمىغاندۇر .  ئاللاھ ھامان ھەر بىرلىرىگە ئۆزلىرىگە خاس ھاياتىدا ۋە دىنىي جەھەتتە شەكىل ۋە تاقىتى يېتىدىغان ئىشلارنى تەيىن قىلغاندۇر . ئەمما ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ خىل ھېكمەتسىز ، نۇرلۇق كىتابسىز ھاللاردا شىيئەچە يولنى تۇتقا قىلىپ ، ھەممىنى بىر خىل كۆزدە قاراش ، قاراقۇيۇقلا بىر تاياقتا ھەيدەشتەك ھەممىنى ئەھلى موللا ، دىنىي جەھەتتە تەقۋا بولغان كىشىلەرگە ئەگىشىشتە سۇيئىستىماللىقنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن ھامان ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا زالىم بولۇشنى ، زامانغا خاس ئىش ئۈستىدىكىلەرگە قارشى ئىسيان قىلىشنى توغرا تاپىدۇ . ئۇلارمۇ ھەتتا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ << ئادەم >> لىرى ، << ئىبراھىم >> لىرى دەپ گۇمان قىلىشىدۇ . ئاقىۋەتتە ھېكمەتسىز بىر كۆزلىرى بىلەن زامانغا قارشى يول تەيىن قىلىشىدۇ . بۇ خىل ئەھۋالدا ئۆزلىرى تۇيمىغان ھاللاردا خۇدالىق دەۋاسى قىلىپ سالىدۇ . چۈنكى زامانغا بويسۇنمىغان ۋە قارشى يول تۇتقان كىشىلەر ئىككىنچى بىر مەبۇدنى تەلەپ قىلغان بولىدۇ . بۇ ئەھۋال ئاستىدا شەيئىلەردىن ياكى ئىنسانىيەتلەردىن مەبۇد تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ . مەبۇد دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ، شۇ كىشىنى ھەر قانداق يامانلىقلاردىن ساقلىغۇچى ، كىملەركى ئۆزىگە ئىشىنىپ بەندىچىلىك قىلىدىكەن ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھامىي بولغۇچى ، ئۇنى قاراڭغۇلۇقتىن ، گۇمراھلىقتىن نىجاتلىققا ئېلىپ چىققۇچى ، بىلمىگەنلىرىنى بىلدۈرگۈچى ، ھەر ۋاقىت توغرا يولدا قىلغۇچى ، ھەر قانداق شۇ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلاردىن ، زالىملاردىن ساقلىغۇچى ، قوغدىغۇچى ...... دېگەنلىك بولۇپ ، كىملەركى ئۆزلىرىنى مۇشۇ خىل ئېتىقادتا ئاللاھنىلا تۇنۇش قىلىپ بارچە مەبۇدنى ئىنكار قىلمايدىكەن ، تاغۇتتىن يۈز ئۆرىمەيدىكەن ئۇ ھامان ئازغۇنلۇقتا ، گۇمراھلىقتا بولغۇسىدۇر . زامان - زامانلاردىكى بارلىق ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ كىشىلەرنى يېتەكلىشىدىكى سۈپىتى ، ۋەزىپىسى ، ئامانىتى دەل ئۆزىگە ئەگەشكۈچىلەرنى مۇشۇ خىل لىنىيەگە مۇنتىزىم سالماقتىنلا ئىبارەتتۇر . قايسى بىر موللا - ئۆلىما مەيلى كىملەرنى بولمىسۇن بۇنىڭدىن باشقا بىر لىنىيەگە قىستاپ شەيئىنى ، ئىلگىركى ئاتا- بوۋىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ، بۈگۈنگە قارىتا قىلغان قىياسلىرىنى مەبۇد تۇتۇشقا ئېلىپ بارىدىكەن ، ئۇ شۇ كىشىلەرگە ئەڭ ئاسىي بولغانلاردۇر . ئەمما كۆپىنچىسى بۇ خىل مەۋقەسىنى ئۆزلىرىنى تۇيمايدۇ . بەلكى توغرا تاپىدۇ . چۈنكى ئۇلار شۇ ھالىتىدە ئۇلارنىڭ دىننى ئۆزلەشتۈرۈش بىلەنلا كۇپايىلىنىش بولغان بولىدۇ . ئەگەر دىنغا ئالىم بولۇش بىلەنلا شۇ كىشى ۋە شۇ كىشىلەر ھىدايەتكار بولىدىغان بولسا ، ئىلگىركى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ دىنىي مۇرتلىرى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلىرى قۇرئاننى ئېتىراپ قىلمىغان ، قۇرئانغا ئىشەنمىگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا توغرا يولدا بولغان بولاتتى . ئەمما ئاللاھتائالا ئۇلارنى قۇرئاندا قايسى رەۋىشتە ئەيىپلىگەنلىكىنى ، ھەمدە رۇسۇللاھ << يەھۇدىيلار ئارىسىدىن ئون دىنىي مۇرتى ئىسلامغا كىرسە بارلىق يەھۇدىيلار كىرگەن بولاتتى >> دىيىش بىلەن دىنغا ئالىم بولۇشنى ھىدايەتكارلىق دېمىدى ۋە كىشىلەرنىڭ دىن ئارقىلىق ئاللاھقا ، ئۆز رەببىگە يېقىنلىشىشىدەك ، ئۇنىڭ توغرا لىنىيەسىنى توغرا تېپىشىدەك ئىمتىيازغا كېلىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ۋاستىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى . شۇ ۋەجىدىن ئېيتىمىزكى ، بۈگۈنكى موللا - بۈۋىلەرنىڭ ، ھەر قايسى تونۇشلىرىنى تەشۋىق قىلغۇچىلارنىڭ كۆتىرىۋالغان دىنى ، دەۋا قىلىۋالغان دىنى بۈگۈنكى زامانغا شۇ كىشىنى ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەرنى ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسا ، ئۇنىڭ دىن بىلەنلا كۇپايىلەنگەنلىكى ، دىنغا يېتىش بىلەنلا ھەممىگە يەتكەنلىكىدەك تۇنۇش ئېتىقادلىنىپ كەتكەنلىكى ، ئاقىۋەتتە شۇ خىل تۇنۇشى ئۇنى غاپىل ، ئىبادەتلىرىدە غەپلەت ، كۆپ يىللىق ئەمەلىگە مەغرۇرلىنىپ كەتكەنلىكىدەك ئەھۋال ئاستىدا ، ئىبادەتلىرى پەقەت دىنىي ئۇقۇمدىن ئېشىپ ئۆز رەببىگە چىن ئىخلاسى بىلەن يۈزلىنىش ، ئۇنىڭغا تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىبادەت قىلىش ۋە ھەر ۋاقىت تەقۋالىقتا بۇلۇشتىن چەكلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . دىن شۇنىڭدەك شۇ كىشىنى ئۆز رەببىگە ئۇلاشتۇرۇشقا ۋاستە بولغۇچىدۇر . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر دىننىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى ئىنكار قىلىش بىلەن دىننى مەبۇد قىلىۋېلىشتا بولىدۇ . ئاللاتائالا بۇ توغرىسىدا ئېيتىدۇ : دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ ؟ ( 1 ) ئۇ يىتىمنى دۆشكەلەيدىغان ، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر ( 2 - 3 ) شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى ، ئۇلار نامازنى غەپلەت بىلەن ( يەنى دۇنيا مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇش ، پىكىر - خىيالى شۇنىڭدا بولۇشتەك ئالدىنىش ئىچىدە ) ئوقۇيدۇ ( 4 - 5 ) نامازنى رىيا بىلەن ئوقۇيدۇ ( 6 ) ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ ( 7 ) مائۇن
ئاللاھتائالا يەنە شۇنداق دەيدۇكى : ئۆز ۋاقتىدا بىز ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ( يەنى ئۆز ۋاقتىدىكى توغرا يولدىكى مۇسۇلمانلاردىن ) ئاللاھدىن باشقىغا ئىبادەت قىلماسلىققا ، ئاتا - ئانىغا ، خىش - ئەقرىبالارغا ، يىتىملەرگە ، مىسكىنلەرگە ياخشىلىق قىلىشقا ، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىشقا ، ناماز ئۆتەشكە ، زاكات بېرىشكە ئەھدە ئالدۇق . ( ئى شۇنىڭدەك ھەر زامان ئۆز ۋاقتىدىكى مۇسۇلمان ئاممسى ! ) ئاراڭلاردىكى ئازغىنە كىشىدىن باشقىڭلار ئەھدىدىن يېنىۋالدىڭلار ، سىلەر ھەمىشە يېنىۋالىسىلەر ( 83 ) بەقەر
قۇرئان ئىلگىركىلەرنى دەلىل قىلىش بىلەن بۈگۈنكىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش قىلىنىدىغان ئىمتىيازدا تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، ئەمما قۇرئانغا ئىشەنمەستىن ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا ) زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە ( شۇ خىل مەۋقەدە قۇرئاندا ۋە ھەر زامان ئىش ئۈستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئاشكارا تىللاردا ) سۆزلەنگەن سۆكزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتىۋەتتى ، زۇلۇم قىلغۇچىلار يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ، ئۇلارغا ئاسماندىن ئازاب چۈشۈردۇق ( 59 ) بەقەر
ئاللاھتائالا شۇنداق دەيدۇ : شەك - شۈبھىسىزكى ، ساڭا ( ئى مۇسۇلمان ئاممىسىغا ئىش ئۈستىدىكىلەر قىلىنىپ چىقىرىلغان كىشىلەر ! ) بىز روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق ( يەنى ، شۇنىڭدەك ئىلگىركىلەرنىڭ قىسسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئاننى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ بۈگۈنكى زامانغا خاس ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغان تىگىشلىك بولغان قانۇنىنى ، ھېكمەتلىرىنى بايان قىلدۇق ) ، ئۇلارنى پەقەت ( ۋەز - نەسىھەتتىن يۈز ئۆرۈپ ) توغرا يولدىن چىققانلارلا ( سىلەر ئۆزلىرىڭلارنىڭكىنى راستقا چىقىرىش ئۈچۈن گەپ توقۇدۇڭلار دەپ ھامان ) ئىنكار قىلىدۇ ( 99 ) ( ئۇلارنىڭ يەنە بىر سۈپىتى شۇكى ) ھەر قاچان ئۇلار ( قايسى كىشىلەر بىلەن ) بىرەر ئەھدە تۈزۈشسە ، بىر تۈركۈمى ئۇنى بۇزىدۇ ، بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ( ھەقىقەت ئاشكارا بولسىمۇ ) ئىمان ئېيتمايدۇ ( 100 ) بەقەر
پاسىقلار ئاللاھ ( ئۇلارغا بەزى كىشىلەرنى مۇلاقات قىلىش بىلەن ، كۆكسىگە ئىمان نۇرى بىرىش بىلەن بەزى ئىشلاردا ) ۋەدە ئالغاندىن كىيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ ، ( چۈنكى ئۇلار شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا مۇلاقات قىلىنىدىغان تەقدىرى قىسمەت ئارقىلىق ئىرادە قىلغان ) ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرىغان شەيئىنى ( ئىلىمنى ، ماددى - مەنىۋى نېمەتلەرنى ) ئۈزۈپ قويىدۇ ، ( ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققانلىكى كىشىلەرنى شەيتان شۇ قەدەر ئازدۇرىۋېتىدۇكى ، ئۇلار مەيلى قايسى لىنىيەدە بولمىسۇن ) يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارقۇچىلاردۇر ( 27 ) بەقەر
بىز ( ھەر ۋاقىت زامان ئىچىدىكى كىشىلەردىن ) كىتاب بەرگەنلەر ئۇنى ( ئۆز زامانىغا خاس قىلىنغان ئىش ئۈستىدىكى كىشىسىنى ) ئۆز ئوبۇللىرىنى تۇنىغاندەك تۇنۇيدۇ . ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى ، شۈبھىسىزكى ، ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرىدۇ ( 146 ) بەقەر
ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يۇشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ( دۇنيالىقتىكى ) ئازغىنە پۇلغا ( يەنى ئازغىنە شان - شەرەپ ، ھوقوق - مەنسەپ ئۈچۈن ) ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يىگىنى پەقەت ئوتتۇر ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ ( 174 ) ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا ، مەغپىرەتنى ئازابقا تېگىشتى ، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدىگەن چىداملىق ؟ ( 175 ) بەقەر
كىشىلەر ئارىسىدا شۇنداق ئادەم باركى ، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى توغرىسىدىكى سۆزى سېنى قىزىقتۇرىدۇ ، ئۇ دىلىدىكى نەرسىگە ئاللاھنى گۇۋاھ قىلىدۇ . ھالبۇكى ، ئۇ ( ساڭا ۋە ساڭا ئەگەشكۈچىلەرگە ) ئەشەددى دۈشمەندۇر ( 204 ) ئۇ ( ئىلگىرى بېرىلگەن مۆھلەت ئۈچ قېتىملىق توغرا يولدا بولۇشتەك پۇرسەتتىن يېنىپ ) قايتقاندىن كىيىن ، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىش ئۈچۈنۋە زىرائەتلەرنى ، ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . ئاللاھ بۇزۇقچىلىقنى ياقتۇرمايدۇ ( 205 ) ئۇنىڭغا ( شۇ تاپتا ) ئاللاھدىن قورققىن دىيىلسە ، غورورى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ ، ئۇنىڭغا جەھەننەم يىتەرلىكتۇر ، جەھەننەم ناھايتتى يامان جايدۇر ( 206 ) بەقەر
ئىمان ئېيتقان ، ئاندىن كاپىر بولغان ، ئاندىن ئىمان ئېيتقان ، ئاندىن كاپىر بولغان ، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىىلىدۇ ( 138 ) ئۇلار ( شۇ تۇرقىدا ) مۆئمىنلەرنى قويۇپ ، كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ ، ئۇلار كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ( ئىلگىرى ئۆگەنگەن نەرسىلىرى ئارقىلىق ) ئىززەت ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلامدۇ ؟ ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر ( 139 ) نىسا

دىنىي جەھەتتە بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ ؟ دىننىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىدىغانلار بىلەن چۈشەنمەيدىغانلار ئوخشاش بولامدۇ ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . بۇنىڭغا ئەقىلىسزلەر ، ساننىڭ كۆپىيىشى بىلەنلا قېلىپ ئەمما ھەر تەرەپلىمىلىك << ئاجىز >> لارنىڭ شۇنىڭدەك قىرىلىپ كېتىدىغانلىقىدەك يامانلىقلارنى كۆرۈشتىن چەكلەنگەن بىر كۆزلۈك ئىلىمدارلار ، ئۆزلىرىنى ئىسلىھاتچى دەپ ئاتاشقان جۇشقۇن كەيپىيات ئىچىدىكى << ئەۋلىيا - ئەنبىيا >> لار ھامان كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە ئوخشاش قىلىپ چىقىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە تىپىرلاپ ، كىملەركى كۈچلۈك تەقۋادارلارغا خاس بولغان ماقامغا بۈگۈنلا يەتمىسە ۋە ئۇلارغا قارىتا سۈپەتنى چاپسانلا سۇيئىستىمال قىلىپ بولسىمۇ شەكىلگە كەلمىسە گۇمراھ ، ئازغۇن ، دىنغا ۋە ئىسلامغا ئاسىي دەپ بارلىق يامان سۆزلەر بىلەن ئېيتىپ دوزىخىيلىككە ئۇرىۋېتىش بىلەن ھامان نۆۋىتىدە ناگاھان ، جاھاننى قاپلايدۇ . بۇنداقلار ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشمەيدۇ ۋە ئىماندىن يېنىۋېلىشنىڭ ھەم نېمە ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنى بىلىشمەيدۇ . ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئېرىشىدىغىنى پەقەت ئىمانسىز ، دىنسىز ، ئەقىلسىز ، رەھىمسىز ۋە شەپقەتسىز بولغان بىر بۆلۈك ئادىمىزاتلار گوروھىدۇر ، خالاس !
ھەقىقەت ھامان باتىلنى يوقۇتىدۇ ، باتىللىق ناگاھان يوقۇلىدۇ . چۈنكى ھەقنىڭ بىر تەرىپى ئاشكارا بولۇنسا يەنە بىر تەرەپتىن باتىللىق قاپلايدۇ . چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا ئىبلىس شۇنىڭدەك ئىمتىيازغا ئېرىشكەن : ئاللاھ ( ئۆز ئىتائىتىدىن چىققان ) شەيتاننى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ، شەيتان ئېيتتى ( يەنى ئۇنىڭ سۈپىتى شۇكى ) : << مەن ئەلۋەتتە سېنىڭ بەندىلىرىڭدىن مۇئەييەن ساندىكىلەرنى ئىگەللەيمەن ( 118 ) شۇنداقلا ئۇلارنى ئازدۇرىمەن ، ئۇلارنى خام - خىيال قىلدۇرىمەن ، ئۇلارنى چوقۇم چاھارپايلارنىڭ ( تېخى ئىنسانىي قىممەتكە يەتمىگەن ، ھالىتىدە تۆت پايلىق ھايۋانلىق سۈپىتىدىن تېخى ئۆرلەپ بولالمىغانلارنىڭ ) قۇلاقلىرىنى يېرىشقا ( يەنى قارىماققىلا پۈتۈنلىكى بولمىغان ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇشقا ) بۇيرۇيمەن ، ئۇلارنى چوقۇم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە ( ئەسلى شەكلىدىن باشقا شەكىلگە ئۆزگەرتىۋېتىشكە ئوخشاش ) ئىشلارغا بۇيرۇيمەن >> ( شەيتانلارغا شۇنىڭدەك ئىمتىياز بېرىلگەنلىكتىن ) كىمكى ( ھەممىنىڭ ئىگىسى ، يىتەكلىگۈچى ، ھامىي بولغۇچى ، ھەقىقەتكە ، ئەڭ ياخشى ئەمەللەرگە بۇيرۇيدىغان ) ئاللاھنى قويۇپ شەيتاننى دوست تۇتىدىكەن ، ئۇ ئوپئۇچۇق زىيان تارتقان بولىدۇ ( 119 ) ( بۇ خىلدىكى ئىچكى ۋە تاشقا سۈپەتتىكى ) شەيتان ئۇلارغا ( يەنى توغرىلىقتىن غەيرىيلىكنى تىلىگۈچىلەرگە باتىل بولغان - باتىل : بىھۇدىلىك بولغان ئەمەل ، ھەركەتلەر ... ) ۋەدىلەرنى بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى خام خىيالغا سالىدۇ ( ئەمەل - ئىبادەتلەردە غەپلەتچىلىككە قىستىۋالىدۇ ، غەپلەتنىڭ مۇقۇم قارارى بولمايدۇ . چۈنكى غەپلەت يوقۇلۇپ كېتەي دەپ سۇسلىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدەك ئىبادەتنىڭ كۈچى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ ، خۇددى كۆككە ھاشارەت ئۆرلىگەندەك ئۆرلەيدىغان قۇۋۋەتكە ئىگىدۇر ۋە ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن قىممەتكە ئىگىدۇر ) ، شەيتان ئۇلارغا پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىدۇ ( 120 ) ئەنە شۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر ، ئۇلار جەھەننەمدىن قاچىدىغان جاي تاپالمايدۇ ( 121 ) نىسا شۈبھىسىزكى ، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپى قالمايدۇ ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ؟ ياكى قىيامەت كۈنى ( ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار ، شۈبھىسىزكى ، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ( 40 ) فۇسسىلەت

...................................................................

ئۆز ۋاقتىدا قۇرئان ئەرەبلەرنىڭ تىلى ئەڭ يۇقىرى يۈكسەكلىككە يەتكەن ۋە ھەر ئەقىل ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ۋە قارشى تەرەپنىڭ تىلى ئارقىلىق خۇشلۇق تاپىدىغان بىر ۋاقىتتا نازىل قىلىنغاندۇر . ئاللاھنىڭ بۇ خىل ھېكمىتى دەل قۇرئاننى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋال ھەم تىلغا پۇختا بولۇش ، ئۆز ۋاقتىدا شائىرلارنىڭ قىممىتى ئالاھىدە يۇقىرىلىقتا بولغىنىدەك ، ھەم بۈگۈنمۇ تىل مەناسىغا باي بولۇنۇش تەكلىپ قىلىنىدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن ، تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئايەت - ھەدىستىن توغرا ھۆكۈم ئېلىش مۇمكىنغا چۈشمەيدۇ ۋە ھەقتىن ئاداشقان ھاللاردا خاتالىقنى ئىشلەش ۋە خاتا ھۆكۈم ئېلىشتەك ھالاكەتكە كېلىپ قالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن كىشى مۇشرىكلىق ھالەتتە ، تەقۋاسىز ھالەتتە ، ئەقىلسىز ۋە ئەدەبىياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىغان ، سۆز لوغىتى - گىراماتىكىغا ئاجىز ھالەتلەردە ، قانداقلىكى بىر ماددى - مەنىۋىيەتلەردىكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە ھېچ شەكسىز ئاللاھنى چاقىرالايدىغان ... بىر بۆلۈك مۇجەسسىمىلىك ئىمتىيازغا كەلمىگۈچە چوقۇم ئۇ يۇقىرى بېسىملىق مەنالىق قۇرئاندىن ئەمەس بەلكى تۆۋەندىكى يىنىك بولغان ئەقەللىي سۆزلەرگە ، بىلىملەرگە چۈشىشى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇش بىلەن شەيتاننىڭ ياردەمچىسى بولۇپ قالىدۇ ۋە ھەتتا ئادىمىي شەيتان بولۇش بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ ھەق كالامىغا قارشى ئىسيانكار بولۇپ قالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئاۋال يۇلتۇزغا سەجدە قىلىش ، ئاندىن ئايغا ۋە ئاندىن قۇياشقا سەجدە قىلىش جەريانىدا ھېكمەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇشى ، ئاندىن ئىشنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىپ ، ھەر قايسى ئەقىدىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئەسلى بۇيىچە ئېيتىپ بىرەلىگۈدەك ئىلىمگە كېلىشى كېرەك . ۋە شۇنىڭغىچە ئىلىم بايان قىلىپ تەشۋىقاتقا ئىزچىل چۈشمەسلىكى كېرەكتۇر . بولمىسا چوقۇمكى ئۆزى سەۋەبلىك ئازغۇچى بەندىلەرنىڭ قىساسىغا قالىدىغان گەپ !
شۇنىڭ ئۈچۈن دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردە ئالدى بىلەن ھەق - ناھەقنى چۈشىنىشتىكى ئەمەلىي << پىچاق >> نى ئۆزىگە سېلىش ، ئاندىن ئاغرىمىغان تەرەپتىن باشقىلارغا تىقىش كېرەكتۇر . مانا بۇ ۋاپادارلىقتۇر . ئۇنداق بولماي << مەن ئۆلسەم سەنمۇ تەڭ ئۆلىشىڭ كېرەك !! >> دېگەنكى مەۋقەدە بولىۋالىدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتتە ئاشكارا زالىمدۇر .
ھەر قانداق يولنى - مۇساپىنى باسقۇچى << ئىبراھىم >> لار ئۆزلىرىنىڭ قايسى يولنى بېسىپ كەلگەندىكى ھېكمىتى بۇيىچە باشقىلارنى يىتەكلەشتە بولغۇسىدۇر . چۈنكى ئۇ شۇ يولنى بېسىپ ئۆتكەنلىكتىن ، شۇ خىل يولدا كىشىلەرگە ، كىملەركى شۇ يولنى بېسىپ ئۆتىشى بىلەن دۇچ كېلىدىغان بارلىق ماددى - مەنىۋى ، روھىي ۋە ھىسسىي تەرەپلىك بېسىملارغا قارىتا ئىلىم ھاسىل قىلغان بولۇپ ، كىيىنكى ئەگەشكۈچىلەرنى شۇ يولنىڭ توغرىسى ، پاك بولغان قىممىتى بۇيىچە يىتەكلەشتە بولىدۇ . ئەنە شۇ خىل ئاساستا ئاندىن ئاللاھ شۇنىڭدەك خالىغان بەندىلىرىگە ھېكمەت بېرىش ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدا مەلۇم بىر قورغانى ئىش ئۈستىدە قىلىش بىلەن ، ھىدايەت قىلىشتا خالىغان بەندىلىرىنى ئۇلارغا مۇلاقات قىلىشتەك ئىمتىيازنى بېرىدۇ . ئەنە شۇلار تىگىشلىك رەۋىشتە يۇقىرى - تۆۋەن ھالەتلەردە ئىش ئۈستىدىكىلەر بولۇپ ، كىملەركى ئەنە شۇنىڭدەك تەقۋادار بولغان ئىلىم ئىگىسىگە مۇلاقات بولىدىكەن ، شۇنىڭدەك ھېكمەت بېرىلگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىكەن ، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن شۇ ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بويسۇنىشى ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشى ، ئۇلارنىڭ يىتەكلىشىگە ئىزچىل ماسلىشىشى كېرەكتۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئاقىۋەتتە << ئېسىت ! قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كىيىن پالانى مېنى ئازدۇرۇپتۇ >> دېگەنكى پۇشايماندا قالىدۇ . سىز بارچە مەبۇدنى تەرك ئەتكەن ۋە تەقۋادار بولغان ھالدا پەقەت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىپ يىتەكلىنىشنى تەلەپ قىلسىڭىز ، يىتەكچىڭىز ئاللاھ ئېيتقاندەك قۇرئان كېرىمدۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، قۇرئاننىڭ ئىگىلىرى ، ھېكمەت بېرىلگەن ئىش ئۈستىدىكىلەر تاكى سىز شۇ خىل ئىمتىياز تەقۋادارلىققا يەتكۈچە سىزنىڭ يىتەكچىڭىزدۇر ! ئەمما كۆپىنچە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار << كىشى بىزنى ھىدايەت قىلالامدۇ ؟ >> دېگەنكى خاتا ئەقىدىدە تاكى ئۆزى ئادىمىيلىكتە يېتىلىپ جېنىنى جان ئەتكۈچە ئاتا - ئانىسىغا قاراشلىق قىلىنغىنىدەك ، دىنىي ۋە باشقا ساھەلەردىن ھەم شۇنىڭدەك يىتەكچىلەرنىڭ بارلىقىنى ، ئاللاھنىڭ پەزلىكى يېتەكچىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرگە مۇھتاج ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ . ھەتتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەم جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدەك  ئەلچىگە مۇھتاج قىلىنغىنىنى ئىنكار قىلامدۇ ؟ ئايالى خەدىچە ۋە ئۇنىڭ ( ھېلىقى ) قارغۇ تاغىسىدەك قوللىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ۋە تېخىمۇ رىغبەت بىرىشىگە ، رۇسۇللاھنىڭ ئۆز تاغىلىرىنىڭ ۋە تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزىنى قوللىشىغا ۋە يېىقىندىن ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ھەم ئۇنىڭدىنمۇ ئاجىز يارىتىلغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ ؟ بۇنىڭدەك مەۋقەگە كېلىش پەقەت شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنى ۋە قارشى تەرەپلەرنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكلىرىگە پىكىر بايان قىلمىغانلىقلىرىنى ، بۇ خىل كۆز قاراشلاردا مۇقۇم مەيدانى ، چوقۇملۇق قارارى يوقلىقىنى ئاشكارلاپ قويىدۇ . مانا بۇ ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك ! تەننى بېقىپ قاتارغا قوشۇشتەك ئاتىلىق مەجبۇرىيەت بولغىنىدەك ھەم شۇ كىشىگە قارىتا مەجبۇرى ياكى ئىختىيارى ھاللاردا باشقا ساھەلەردىن ھەم تېگىشلىك قىلىنغان ئاتا يوللۇق ئىش ئۈستىدىكىلەر ، ئىلىم ئەھلىلەر ۋە ئاللاھدىن ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىنى ئۆزىگە مۇلاقات قىلىشىنى ۋە ئۆزلىتىگە مۇلاقات بولغان كىشىلەرگە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە شاپائەت قىلىشنى ئىزنى سوراپ تۇرىۋاتقان ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ بارلىقىنى ، پەقەت ئاللاھ خالىسىلا ئاندىن ئۇلار خالىيالايدىغانلىقىنى ئۇلار بىلمەمدۇ ؟ ئۇلار دەۋا قىلىۋاتقان ئىمان ۋە ئەقىل ئۇلارنى بۇ خىل نېمەتنى ھارام بىلىشكە قىستامدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ئىمانىنى ، ئاللاھنىڭ قايسى ئايىتىگە ئىمان ئېيتقانلىقىدەك قىممىتىنى سىناپ بېقىشقا ، ئىمانىنى ئەمەلىي ھەركىتىدىن جاۋابىي ھۆكۈم ئېلىپ بېقىشقا تارىم ۋادىسى ھەقىقەتەن ئەڭ يىتەرلىك ئورۇندۇر . ئەمما كۆپىنچە دىننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر ھە دەپ بۇ يەردىن قاچماقتا ۋە زاماننىڭ مەۋقەسىگە قارىتا تەقۋالىقتا ئۆتىۋاتقانلارنى بىردەك ئىنكار قىلىش بىلەن بۇ خىل تەبىئىي نېمەتتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ قايسى ئايىتىگە قارىتا ئىمان ئېيتقان مۇسۇلماننى تىگىشلىك رەۋىشتە پىششىقلاپ ئىشلەشتەك زاۋۇتى زامانىغا قارشى ئىسيان قىلىشماقتا ،ۋە باشقىلارنى بىردەك ئۆزلىرىگە ئوخشاش يول تۇتماققا ، ئەقىدە - ئېتىقادتا بولۇشقا چاقىرماقتا ھەتتا ئۆزلىرىنىڭكىنى توغرا كۆرسىتىشتە باشقىلارنى ئېچىتىپ - سېستىشماقتا ! ئەمەلىيەتتە ئېشەكنىڭ تەپكىنىگە ئېشەك چىدىغىنىدەك ، بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى مەۋقەسىگە ئەمەلىيەتتە بۈگۈنكى زامان ئەڭ لايىق رەۋىشتە دەلىل قىلىنغان ئىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ دىندا بەسرەتلىك ئىكەنلىكىنى ، كۈچى - قۇۋۋىتىنى ئايەت - ھەدىستىن بىلگىنىگە ، ئىشلىگەن بىر ئەمەللىرىگە قارىتا ؛ تاكى زالىملار سۈرگۈن قىلغۇچە ئىمانىدا مۇنتىزىم تۇرۇشقا سۇندۇرالمايدۇ . ئەمەلىيەتتە تەندىكى كۈچنى مەيلى جىسمانىي تەرەپكە سەرىپ قىلامدۇق ؟ ياكى مەنىۋى تەرەپكىمۇ ۋە ياكى باشقا غەزەپنى بېسىشقا قارىتا ، دىننى قوغداشتا يەتكەن بارلىق ئېغىرلىقلارغا قارىتا كۈچنى خورىتىدىغان تەرەپكىمۇ ؟ بۇ بىزدىكى ئىختىيارلىق ئىدى . ئەمما ئۇلار ئاچچىقنى ئاچچىق بىلەن ياندۇرماقنى خالىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن دىندا زورلاش يوقتۇر . پەقەت چۈشىنىشلىك رەۋىشتە ئىلىم بايان قىلىشلا باردۇر .
ئېيتقىنكى ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار ، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار ، ئەگەر ئۇلار ( ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن ) باش تارتسا ، پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىلىكنى يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتى بار ، سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىش مەسئۇلىيىتىڭلەر بار ، ئەگەر پەيغەمبەرنىڭ ( ئەمرىگە ) ئىتائەت قىلساڭلار ، ھىدايەت تاپىسىلەر ، پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار >> ( 54 ) نۇر
شۇنىڭدەك ئاللاھ خالىغان بىر زاماندا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىدۇ ۋە خالىغان بىر ۋاقىتتا شۇ زاماننىڭ ئېھتىياجىغا بېقىپ ھېكمەت بېرىلگەن  ۋە قىسمەن تەرەپلىك ئىلىمدىن ئىبارەت كىتاب بېرىلگەن بەندىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھېچقاچان ھېچقانداق بىر زېمىندىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ . بەلكى ، پەقەت شۇ كىشىلەر ئاللاھ ئىرادە قىلغان كەھف تىن ئىبارەت << غارى >> غا << ئىت >> لارنىڭ پۇتىنى سوزۇپ يېتىۋېلىشىدىن قورقماي ۋە پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلىماي ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن قايسى قىسمەت ، قايسى تەقدىرگە مۇلاقات بولسا شۇ يەردىن ئاللاھنىڭ ئىلمىسىنى ، ھېكمىتىنى ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كېتىۋەرگەندە ئاندىن ئىبراھىمغا ئوخشاش يۇقىرى ماقامغا يەتكىلى ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ دەلىلگە ئاساسلىنىدىغان ۋە ھەر ۋاقىت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلالايدىغان دىنىغا ، ئاللاھ قۇرئاندا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىبراھىمنىڭ دىنىغا بۇرالغىلى ، دىندا روھىيەتنى ، نەپسىنى پاكلىغىلى بولىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، ھامان ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش جەريانىدا قايسى ئىلىم ۋە قايسى ئىلىمدار بىزلەرنىڭ مەريەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش كىشىلەردىن پىنھان ئاللاھدىن ئىلىم تەلەپ قىلىپ دىنىي ئېتىكاپىدا ئولتۇرغان ۋاقىتتا ، ناگاھان ئاللاھنىڭ بىشارىتى بىلەن ئول كىشىنىڭ ئالدىدا ، ھۇزۇرىدا بىر ئىلىمدار كىشى پەيدا بولىدۇ - مۇلاقات قىلىنىدۇ . مەگەر ئۇ ئىلىمدار كىشى تەقۋادار بولىدىكەن ، چوقۇمكى ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھالدا ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش لازىمدۇر . چۈنكى بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدىكى ئىلىم - ھېكمەت بېرىلگەن كىشى چوقۇمكى ئاللاھنىڭ ئول كىشىگە مۇلاقات قىلغان مىسالى << جىبرىئىلى ئەلچىسىدۇر >> ئول بەندىسگە رەھمەت قىلغان نېمىتىدۇر ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتائالا بەندىلىرىنى قۇرئانغا ئەگىشىشكە بۇيرىغان . قۇرئان بىزلەرنىڭ قانداق ۋاقىتتا قانداق قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھتائالا قۇرئاننى تەقۋادارلارغا يىتەكچى قىلغان ۋە پۈتۈن ئالەمگە بۇ خىل ھېكمىتىنى ، تەقدىرىنى ، پەزلىنى ، ئىرادىسىنى ۋە چىن ۋەدىسىنى ئاشكارا جاكارلىغان . كىملەركى قايسى ۋاقىتتا قانداق بىر مۈشكۈلاتلارغا ، قايسىنى تاللاشقا دۇچ كەلگەندە قۇرئان ھەقىقەتەن ياخشى ئۇستازدۇر ، ئاللاھ ئېيتقانداق تەقۋادارلارغا ئاشكارا يىتەكچى مۇئەللىمدۇر !
ئىنسان تۇغۇلۇپلا ئۇنى مەبۇدى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئەمچىكى بولىدۇ . بەندە شۇ ۋاقىتتا پەقەت ۋە پەقەت ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنىڭلا ئۆزىنىڭ قۇتۇلدۇرغۇچى ، ئۇزۇقلۇق ئاتا قىلغۇچىسى ، ئۆلۈمدىن ساقلاپ ھاياتلىق ئىرادە قىلغۇچىسى دەپ تۇنۇيدۇ . ۋە ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى دىنىي مەۋقەسى پەقەت شۇ خىل تونۇشتىنلا ئىبارەت بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، بەندە مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆز پەرۋەردىگارىنى ، ئىلاھىنى ۋە مەبۇدىنى تەبىئىيلار تۇنۇپ ، چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ . ئۇنىڭغا شۇنىڭدەك قۇۋۋەتنى ئالدى بىلەن ئاتا قىلغۇچى مەبۇدى ئىلىم - ھېكمەتلەردۇر ، قۇرئان - ھەدىستۇر ! بەندە نادانلىق ۋە ئىمانسىز ، دىننىڭ نېمە ئىكەنلىگىنى بىلمەستە ھەقىقەتەن ھامان ئۇ ئاللاھقاباشقا نۇرغۇنلىغان ئىلاھلارنى ، مەبۇدلارنى ۋە پەرۋەردىگارلارنى شىرىك قىلىۋالىدۇ . چۈنكى بۇنىڭسىز كىشىلەرنىڭ بۇ خىل مەۋقەسى تەبىئىيلا بىكىتىكىپ كەتكەن . شۇڭا ئاللاھ << سىلەر بەچچىدانغا تۆكۈلىدىغان ئەرزىمەس مەنىي ئەمەسمىدىڭلار ، سىلەر ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلاردا تۇغۇلدۇڭلار ..... >>دېگەندەك بىزگە ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىز ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە يېتىشىمىزگە چاقىرىق قىلىدۇ ۋە ئۆزىمىزنىڭ شۇ تاپتا ھەقىقەتەن نادانلاردىن ئىكەنلىكلىرىمىزنى پېشانىمىزگە ھەر ۋاقىت نۇقۇپ تۇرىدۇ .
شۇ ۋەجىدىن كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مەيلى قايسى دىندا بولمىسۇن ، قايسى چاپاننى ، قايسى خىل لىباسنى كىيىۋالمىسۇن ئۇنىڭدا ھامان ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا ، مەبۇدلىقىغا باشقىلارنى ، شەيئىلەرنى شېرىك قىلىۋالىدىغان ئامىل بولىدۇ . ئۆز رەببىگە باشقىلارنى شىرىك قىلىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا كۇفرىلىق قىلىش ھەتتا ئۇنىڭغا قەتئى ئاسىيلىق قىلىش بىلەن بەندىلەرنى ئاشكارا رەب دەپمۇ ئاتىۋالىدۇ . شۇ ھالىتىدە ھەممىلەردە شۇ خىل شىرىكلىك ھېچقانچە گۇناھ ئەمەس بەلكى چوقۇم شۇنداق قىلىشقا ، شۇنداق ئېتىقاد قىلىشقا تىگىشلىك دەپ تۇنىشىدۇ . شۇ ۋەجىدىن جىمى پىرقىلەر ، جىمى بەندىلەر ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى توغرا ھېسابلايدۇ . چۈنكى ئاللاھ ھەممىگە ئەمەللىرىنى شۇنىڭدەك چىرايلىق كۆرسىتىشنى ئىرادە قىلغان . بۇمۇ بەندىلىرىنى ئۆزلىرىنى ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلسۇن ، ھەقىقەتكە ئۆزىنى سېلىپ بېقىپ ئىسلامنى ئۆزلىرىگە ئەينەك قىلىپ توغرىنى تۇنىسۇن ۋە ھەقىقەتتە بولۇش بىلەن توغرىلىقنى ياخشى كۆرسۇن ، ھامان ئۆزلىرىنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرسۇن ، غەپلەتتە بولۇپ قالمىسۇن ئۈچۈن ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پۈتۈن ئالىمىگە << مەقبۇل دىن ئىسلامدۇر >> دېگەنكى ھۆكمىسىنى ئەڭ ئۈستىن بولغان ئورۇنغا سېلىپ قويدى ۋە بۇ يۇقىرى ماقامغا يەتمەك ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تىرىشىشقا ، ھەر ۋاقىت تەقۋادارلىق قىلىشقا ، ھەرگىزمۇ غاپىللاردىن ( يەنى تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىۋېلىپ تۆگە ئىزدەيدىغانلاردىن ) بولۇپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىدۇ . كىملەركى قانچىكى ۋاقىت ، قانچىكى ياخشى ئەمەللەرگە تەكلىپلىك ھاللاردا ۋاقتىنى ۋە شۈكرى ئېيتماققا قارىتا ئەمەللىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىدىكەن ، ئۇ ھامان زىيان ئىچىدىن باشقا يەردە بولمايدۇ ، ھامان تىگىشلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ .
بىزدە بۇرۇندىن رەزگىلىككە ئىتتۈرگۈچى بىر يامان ئادەت ، ھەتتە بۇ خۇيلۇشۇپ كەتكەن ھاللاردا سىڭىشىپ كەتكەن ، بۇزۇقچىلىققا ، مۇشرىكچىلىققا . پەقەت ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلمايدىغان بەدبەختلىككە قىستاپ قويىدىغان بىر بۆلۈك ئامىل يۇشۇرۇنغان ۋە كۆپىنچىلىرىمىز بۇلارنى توغرا ھېسابلاشقان شۇملۇق بولۇپ ، بۇ بولسا ئىسلام دىنى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئاتاققا ئىگە بولىۋالساقلا ، شەكىلگە ئورىنىۋالساقلا ، تىلىمىزغا رام قىلىۋالساقلا ئۆزىمىزنى ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ، ئەۋلىيالىرى ، كىيىنكى جەننەتنىڭ مۇشۇ دۇنيادىكى تىرىك ۋارىسلىرى دەپ تۇنۇيدىغان ، نېمە قىلساق ، قايسى خىل ئېتىقادتا بولساق مەيلىكى ، بىزدىن باشقىلار كاپىر ، بىزدىن باشقىلار مۇشرىك ، بىزدىن باشقىلار ئەڭ ئىپلاس ، بىزدىن باشقىلار دوزاخنىڭ ئەھلى ... ۋەھاكازاللىق تۇنۇشلاردا بولىدىغان ئىنتايىن ئىپلاسلىققا سالىدىغان مەۋقە ساقلىنىپ كەلگەن ۋە كۆپىنچىلىرىمىز بۇلارنى توغرا چۈشەنگەن ھەتتا << دىن ۋە ئىسلام دىگەن مۇشۇنداق بولىدۇ >> دېگەنكى تونۇشقا پېتىپ قالغان . بىزنىڭ بۇ خىل تونۇش ئىچىدە بولىشىمىز ئۆزىمىزگە توغرا بىلىمگەن ئىكەن ، چوقۇمكى ناسارالارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىشىۋېلىپ ئۆزلىرىگە رەب قىلىۋېلىشى خۇددى بىزنىڭ بىر چەينەك چاينى دەملەپ ئىچكەندەكلا ئاددىي بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ .
ئاللاھتائالا : ئىمان ئېيتقان ، ئاندىن كاپىر بولغان ، ئاندىن ئىمان ئېيتقان ، ئاندىن كاپىر بولغان ، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىىلىدۇ ( 138 ) نىسا
دەپ تۇرىۋاتسا ، كاپىرلىقنى پەقەت ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەت بېرىۋېلىش بىلەن ، شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ بىر قىممىتىگە تىلىمىزدا ئېيتقان ، ئۇنىڭ ھەقىقەتلىكىنى كۆرۈش ياكى ئاڭلاش ۋە ياكى سېزىش بىلەن دىلىمىزدا تەستىقلىغان ھاللاردا ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن ، كىيىنكى بىر زىلزىلىلەردە ئىلگىركى ئېتىقادىمىز تۇنىشىمىزدىن يېنىۋېلىپ نەپسىمىزگە ، شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە قالغان ھاللاردا يېنىۋېلىپ ئاللاھ ئېيتقاندەك ئاشكارا كاپىر بولساقمۇ ، يەنىلا كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بىر - بىرلىرىنىڭ بۇ خىل رەزگىلىللىرىنى قوللاش ، شۇ خىل ئىماندىن يېنىۋېلىشقا قىستاش ۋە ھەر خىل كۆز قاراشلارنى ئېيىتىشپ ئۇلارنىڭ ئىمانىدىن يېنىۋېلىشتەك كاپىرلىقىغا مەدھىيە ئوقۇشتەك ، ۋاي قېرىندىشىم ! سىلىنىڭ پايدىلىرى مېنىڭ پايدام ! ماڭا ئىشەنمەملا ....... دەپ شىرىن سۆزلىرى بىلەن ھامان ھەققە قارشى پېتىقچىلىقتا بولۇش بىلەن رازى بولۇشۇپ ، ئۆزلىرىنى مۆئمىن ھېسابلىغان مۇناپىقلار ، كاپىرلار ۋە مۇشرىكلار ، ھەتتا ھېچ دىن بىلەن مۇناسىۋېتى يوق دىنىي چاپىنىغا ئورىنىۋالغان كۇپپارلار ھامان ھېچ بىر كىشىنى ئۆزلىرىگە قارشى تۇنۇشتا بولماسلىققا قىستاپ قويۇش ، ئۆزلىرىنىڭ دىگىنىگە كۆنمىسە ھەر جەھەتتىن قىستاشتەك ، مۆئمىن مۆئمىننىڭ قېرىندىشى دىيىشلىرىدەك سېسىمچىلىقلىرىدەك مەۋقەلىرى بىلەن ھامان ياخشىلارغا ، ئىماندارلارغا كۈن بەرمەي كەلدى . بارغانچە ئاشكارلايمىز بۇلارنى ئەمدى . ئادەمگە قاچانغىچە كۈن بېرىشمەيسەن بۇنىڭدەكلىرىڭ ؟! بۇلار بىلەن ئارلاشسا ئەسلى دەردى . ئارلاشمىسا كىبىرى بار ، ئاندىغەي ، ماندىغەي .... دىيىشىپ كىشىلەر ئارىسىدا ئادەمنىڭ ئورنىنى چۈشۈرۈشلىرى .... ھەجەب كۈن بىرىشمىدىڭيا ئادەمگە ... سەنلەرنىڭ شۇنداقلىقىڭدىن بۇ دۇنيا ئەھلى مۆئمىننىڭ دوزىخى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . بەزىدە ئىماننى ، غورورنى ، ئادىمىيلىكنى قوغداش يولىدا سەن خەقنىڭ پىتنە - پاساتىدا ھاياتلىقتىن ۋە كىيىنكى جەننەتتىن تۇيۇپ خۇددى قېرىندىشىم مەريەم ئەلەيھىسسالامدەك << مەن بۇندىن ئىلگىرى دۇنيادىن يوقۇلۇپ كەتكەن بولسامچۇ ! دۇنيادا ئەرزىمەس نەرسىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسامچۇ ! ئى رەببىمىز نېمىشكىمۇ بىزنى ياراتقانسەن ؟ نېمىشقىمۇ سېنىڭ رازىلىقىڭنى تىلەپ قالغاندىمەن ! نېمىشقىمۇ سەندىن ئىلىم تەلەپ قىلغاندىمەن ، ئىلگىركى ھېچ نەرسىنى بىلمەس گۇمراھلىقىمدا بولىۋەرگەن بولسامچۇ ! ئۆز ۋاقتىدا نېمىشكىمۇ بۇ ئامانەتنى ئېلىپ ئىنسانىي بەندىچىلىكىڭنى ئېلىپ قالغاندىمەن ؟ تۇپراقنىڭ ئارىسىدىكى ئورنۇمدا ھايۋاناتلارنىڭ پوق - سۈيدۈكىگە مىلىنىپ تۇرىۋەرگەن بولسامچۇ ؟! ..... >> دەپمۇ كەتكەن يەرلىرىمىز كۆپ . مادامىكى يەنىلا مۇشۇ ئورۇندا تۇرىۋېلىشنى ئىختىيار قىلىشىدىغانلار ، بىلىپ تۇرىۋاتىمىز ۋە ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى ، يەنىلا بىزلەرگە كۈن بېرىشمەيسەنغۇ ھە قاسىڭ ......
مۇشرىك دەپ بۇتخانىدىكى راھىبلارنى قارار قىلىۋېلىش بىلەن كۆڭلىگە تەسەللى تېپىشقا كۆنۈپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ قارىشىچە ماددىي نەرسىلەردىن نىجاتلىق كۈتۈشتىن باشقىسى مۇشرىكلىك ئەمەس .
ئىلگىرى زېمىندا تەرەققىيات بولمىغان ، شۇ ۋەجىدىن ئاللاھتائالا قازانى شۇ زامانغا خاس شەيئىلىرى تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن كەلتۈرگەن بولغاچقا ، مۇشرىكلىك ئەقىدىلىرىدىكى كىشىلەر قىياسەن چاقماق مۇئەككەللىرىنىڭ سىماسىنى كەلتۈرۈپ بۇت ياساپ ، ئۇنىڭغا ئالدى بىلەن بەدەل بېرىپ << مېنى ۋە ئائىلەمدىكىلەرنى چاقماق ئاپىتىدىن ساقمايدۇ >> دەپ قۇربانلىق بىرەتتى . بۇ يەردىكى گەپ ، ئۇنىڭدىن نىجاتلىق كۈتەتتى . ھەم يەنە ئىلگىركى بوۋىلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئالىملارنىڭ ، پالۋانلارنىڭ ، بايلارنىڭ...... بۇتىنى ياسىۋېلىپ ئۇلاردىن  پاناھلىق ، بايلىق ۋە ئىلىم ئاتا قىلىشىنى ، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى باي ، ئالىم ..... قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلىشاتتى . بۇ يەردىكى گەپ يەنىلا توغرا بولمىغان باشقا شەيئىدىن بىۋاستە نىجاتلىق تىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقىدە - ئېتىقادلىق ، ئۇلاردىن ئۈمىد كۈتۈش ۋە ئاشكارا تىلەش ئارقىلىق مەقسىدىگە يەتمەكنى ئىختىيار قىلىش ......
ئەمما ئاللاھتائالا بىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا ، يەنى نېمە لازىم بولسا شۇنى تەلەپ قىلىشقا ، پەقەت ئاللاھ ئۇ ياراتقۇچىسىدىنلا ، بىردىن - بىر مەبۇدى ، بىردىن - بىر پەرۋەردىگارىدىن تەلەپ قىلىشقا ، ئاندىن قۇرئانغا ۋە ئىسلامغا چوقۇنۇشقا قىستىغان . چۈنكى قۇرئان بىلەن ئىسلام ئاللاھنىڭ ئىرادە - مەقسەتلىرىنى ، تەقدىرى - قىسمەتلىرىنى ، بەندىلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلىش - قىلماسلىقتىكى ئىش - ھەركەتلىرىنىڭ ھەممە توغرا جاۋابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . چوقۇنۇش دىگەنلىك بولسا ، مەيلى قايسى بىر شەيئىدىن قانداقلىكى بىر مەنا چىققان بولسا ، ئۇنىڭغا ئەگىشىش ، ئۇنى دوراش ، ئۇنىڭغا قېلىپلىنىش ، ئۇنىڭغا ئەقىدە - ئېتىقاد قىلىش دىگەنلىك بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، ئاللاھ بىزلەرنى ئىلگىركىلەرنىڭ توغرا - خاتا بولسۇن ھەممە تەپەككۇرى نەتىجىسىگە ، چىقارغان ھۆكمىسىگە قارا - قۇيۇق چوقۇنۇشتىن توسۇيدۇ . چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئىسلام دىنىدۇر ! ئەمما ئۇلاردىكى توغرا نەتىجە ، ھۆكۈملەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ھەرگىزمۇ توسمايدۇ . چۈنكى ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنى ئىسلام دىنىدۇر !
پەيغەمبەرلەر ئاللاھقا خاس ئىبادەت قىلدى ۋە باشقىلارنى شۇ خىل رەۋىشتە ئىبادەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلدى . چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىدى . ئەمما پەيغەمبەرلەر توختۇتۇلۇپ قالغان بىر ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئىبادەتلىرىدە ۋە ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك چوقۇنۇشلىرىدا ئىسلام دىنىدىن چەتنەپ كەتتى ، نەپسى - خاھىشىغا بىرىلىپ كەتتى . يەنىلا بۇ خىل كۇفرىچىلىقتا ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا بولغان كۆز قاراشلىرى باشقىچە بولۇپ ، بەزى مەنىسى ئېنىق بولمىغان ئايەتلەرگە ئەگىشىۋېلىش بىلەن نۇرغۇنلىغان ئايەتلەرنى بىر - بىرلىرىگە قارشى قىلىپ قويدى . ئۇلار شۇ خىل قارشىلىقتىن ئەمىن بولۇشتى . چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە شۇ خىل ئايەتلەرنىڭ تېخى ۋاقتى كەلمەي تۇرۇپ ئۆز ۋاقتىدىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندۇر ياكى ئۇ پەقەتلا تارىختىن ئىبارەتتۇر . ئىلگىركى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى توغرىسىدا توختۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرىمۇ ئەنە شۇنىڭدەك << بىزنىڭچە بۇ مۇنداق بولىشى مۇمكىن >> دېگەنكى مەۋقەسىدە ھەقنى ئاقىۋەتتە ئاستىن - ئۈستىن قىلىۋاتقان تۇرۇقلۇق ، ئۆزلىرىنى ھامان توغرا قىلدۇق دىيىشەتتى . ئەمما ھەق ئۇلار گۇمان قىلغان تەرەپتىن چىقمىغان ۋاقىتتا بولسا يەنىلا ئىبلىسنىڭ ئارقىدىن ھەقىقەت قورغانى بولغان دىن دۇنيادىكى جەننەتتىن ، ئاخىرەتتىكى جەننەتكە ئۇل سالغۇچى قورغانىي يولدىن كىشىلەر ئارىسىدا تۆۋەنچىلىكنى خالىماستىن كىشىلەر توپىدىن ئاسىي دېگەن قالپاقنى كىيگەن پېتى مەغرۇر ھالدا شەيتاننىڭ ئادىمىي توپى ئارىسىغا ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان ئەسكەرلەرنى قېتىۋېلىش بىلەن بىرلىكتە كىرىپ كېتىشكە رازى بولدى . چۈنكى ئۇلار ئىلىمگە ئالىم بولغىنى بىلەن ، يەنىلا ئىبلىسقا ئوخشاش ئىبادەتتە غاپىل ئىدى . ئەنە شۇ غاپىللىق ئاقىۋەتتە ئۇنى ئىچى تار ، كىبىر - ھەسەتلىك ، ئاللاھقا ئاشكارا خۇسۇمەت قىلغۇچى قىلىپ تاشلىدى . ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ئادىمىگە سەجدە قىلمىغىنىدەك ، ئۇنىڭ كىيىنكى ئەگەشكۈچىلىرى تەك بىرلىكتە ئۆز نۆۋىتىدىكى زامانغا دەلىل قىلىغان ئىس ئۈستىدىكى << ئادەم >> لىرىگە ئەگەشمەستىن << سەجدە >> قىلىشتىن باش تارتتى . بۇ خىل پاساتچىلىقنىڭ ئاختۇرۇپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتى يەنىلا بىردۇر !
سىزگە مەيلى ماددى - مەنىۋى نەرسىلەر بېرىلمىسۇن ، ئۇنىڭ مەۋقەسى شۇكى ، ياكى ئۇنىڭغا شۈكرى ئېيتىش ياكى بولمىسا ئۇنىڭغا كۇفرىلىق قىلىشتۇر .
ئىلىم ئېلىش ياخشى ئىش . ئەمما ئۇنى ئېلىپ يەتكۈزۈپ ئۆزى ئەمەل قىلمىغاندا بولسا ھەدىستە ئېيتىلغاندەك ، ئۈچەي - باغرى بىر يەرگە تۆكۈلگەن ۋە ئۇ كىشى شۇنى ئەگىپ چۆگىلەپ يۈرگەن ئازابقا تىگىشلىك بولۇش . ئەمما ئىلىمگە ئەمەل قىلماي ھەم يەنە يەتكۈزمەي ، يەتكۈزسىمۇ رىيا ، مەنمەنچىلىك ، دۇنيالىقنى مەقسەت قىلىش ئىچىدە تۇرىۋالغاندا بولسا دوزاخ ئازابىغا يۈزىچىلاپ چۈشۈشتىن ئىبارەت ئازابقا نائىل بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .
بايلىققا ئىگە بولۇشمۇ ئىنتايىن ياخشى ئەھۋال . ئەمما ئۇنى توغرا يولدا ئىشلەتمەستىن ، دۇنيالىقنى قوغداش يۈزىسىدىن شەيئىدىن نىجاتلىق تىلەپ ئۇنىڭغا قۇربانلىق بىرىش بىلەن ئېتىقادىنى بۇزۇش ، ئىبادەت شەكلىدىن چەتنەش ۋە ئاخىرەتتە مۇشرىك بولۇشتىن ئىبارەت قۇتقازغۇچى << مەبۇد >> لارنى چاقىرىشتىن ئىبارەت ئاقىۋەتكە قېلىش . بايلىقنى توغرا يولىدا ئىشلەتمەي پىخىسسىقلىق قىلىش ، زاكىتىنى بەرمەسلىك ، ئۇنىڭدىن ساۋابلىقنى تىلەش ئەمەس بەلكى گۇناھلىقنى تىلەشتەك مەۋقەگە قېلىشتىن ئىبارەت كۇفرىلىقنى ئىختىيار قىلىشتىن باشقا يولنى تاللىماسلىق .
شۇ ۋەجىدىن ئاللاھ بىر كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا ، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئاۋال ئىشلام ئۈچۈن ئېچىش ، ئاندىن ئۇ شۇ ئارقىلىق ھىدايەتلىك ئورۇننى كۆرگەندىن كىيىن شۇ تەرەپكە سىلجىش قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىلىققا ئىلگىرلەپ ھەقىقىي ھىدايەتكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش . يەنە شۇ ۋەجىدىن ئاللاھ كىمنى گۇمراھ قىلماقچى بولسا ، ئۇنىڭ دۇنيالىقنى تىلىگىنى بۇيىچە ئىلىم ئېلىش يولىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشتەك قىممىتىنى كۈچەيتىپ بىرىش بىلەن ئۇنىڭ تىلىگىنىنى بىرىش ئارقىلىقمۇ ئاقىۋەتتە ئىبلىستەك پاسىق ئارقىلىقمۇ دىننى كۈچەيتىۋېلىپ ، كىيىن << ئادىمى >> نى يارىتىۋالغاندىن كىيىن << ئۇنى >> ئۈستۈنلۈكتىن چۈشۈرۈشتەك ، شۇ تاپتا دوزاخ ئەھلى ، دوزاخقا تۇتۇرۇق بولۇنغۇچى قىلىپ بېكىتىۋېتىشتەك ، مىسالى چاھارپاينىڭ قۇلىقىنى مەلۇم قۇربانلىق ئۈچۈن كېسىۋەتكىنىدەك ياكى بەلگە قۇيىۋاتقىنىدەك ئەھۋالغا دۇچار قىلىدۇ . چۈنكى ئاللاھنىڭ << قايسى قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ >> دېگەنكى ھۆكمى قايسى قەۋم قۇبۇل كۆرسۇن - كۆرمىسۇن ، چۈشەنسۇن - چۈشەنمىسۇن ، چۈشىنىشنى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن ئالدىن بېكىتىۋېتىلگەن ! شۇ ۋەجىدىن كىملەركى دۇنيالىقنى تىلەيدىكەن ، ئۇنىڭ پەمى بايلىققا توغرا كېلەمدۇ ياكى ئىلىمگىمۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ئەنە شۇ تەرەپتىن نېسىۋە بېرىش بىلەن ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ تاللىغىنى ۋە كىيىنكى ھەققە قارشىلىق قىلىپ كاپىر بولۇشلىرى ، ئۆزىگە ئىبادەتتە باشقىلارنى شىرىك كەلتۈرۈش بىلەن مۇشرىك بولۇشتەك ئەھۋال ئاستىدا ھەمدە ھەقىقەتنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ، دەلىلىنى بايقاپ تۇرۇپ يەنىلا دۇنيالىقنى ئارتۇق بىلىشتەك مەسقەسى بۇيىچە ئىبلىسنىڭ كىيىنكى ؛ خۇددى جەننەتتە ئىبلىس ئادەم بىلەن ھەۋۋاغا كۆرۈنگىنىدەك ، بىزلەرگىمۇ ئاشكارا كۆرۈنىدىغان ئادىمىي ئىبلىس بولۇشتەك ئەھۋال ئاستىدا توغرا يولدىن ئىبارەت ئىسلام دىنىنىڭ ئارىسىغا ئىلگىركى ئىمتىيازدىن پايدىلىنىپ كىرىۋېلىش بىلەن باشقىلارنى جەننەتتىن چىقىرىۋېتىشتەك مەۋقەگە مۇپتىلا قىلىش ئۈچۈن ھەر نىمىلەرنى دىيىش ۋە ھەر نېمىلەرنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى باشقىلارغا راستچىل ، ھەقىقەتچىل كۆرسىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قەسەملەرنى بىرىشتەك ئەھۋالغا ئورىنىۋالىدۇ . ئەنە شۇلار ئۆز نۆۋىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى تىل ماھارىتىگە ئىگە ، يۇقىرى سىياسىي ، دىنىي ھوقوققا ئىگە بىر كۆزلۈك ئالدامچى دەججاللاردۇر . كىملەركى ئۇلارغا ئەگىشىدىكەن ، ئۆز نۆۋىتىدە ئاخىرەتلىكىنى دۇنيالىققا تىگىشكەن بولۇپ ، ئۇلارغا دۇنيالىقنىڭ بارلىق پاراۋانلىق تەرەپلىرى تىگىشلىك رەۋىشتە ئېچىتىۋېتىلىنىدۇ . چۈنكى كىشى ئىلگىركى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى مۇشۇ دۇنيادا كۆرىۋالمىسا ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتىن نېسىۋىسى بولغان بولمامدۇ ؟ ۋە ياكى قەبرە ھاياتىدىكى ئىمتىيازى ياخشى بولۇپ قالمامدۇ ؟ ئاللاھ كاپىرلارغا قەبرە ۋە مەھشەر كۈنىدە شاپائەت قىلىنىشنى ھارام قىلغان تۇرسا ، مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرىدىغىنىنى كۆرىۋالمىسا بولمايدۇ دە !
مانا بۇلار دەل دىنغا ، ئىسلامغا خاتا ھالدا تەكلىپ قىلىنىپ قالغان ، مەجبۇرى ئۇرۇم - توخماقنىڭ ئاستىدىن ، ئاتىسىنىڭ شان - شەرىپى ، ۋە باشقىلاردەك يۇقىرىلىقنى كۆزلىگەن ئىنتىلىشلىرى بىلەن ..... يەتكەنلىكتىن ، ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ئەنە شۇنىڭدەك تېراگىدىيە بىلەن ئاخىىرلىشىشتىن باشقا ئىش ئەمەس .... بۇ دەل زىياننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكتىن مەيلى قانداقلا بىر تىجارەتنى قىلىپ زىيانكارلىقتىلا ئۆتكەن ، ئاقىۋەتتە ھەممە نەرسىسىنى ئۇتتىرىۋېتىپ تۈگىمەس بالاغا قالغان قەۋمنىڭ مىسالىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ئەمەلنىڭ چوقۇم پايدا - زىيىنى بار بولغان بولغىنىدەك ، دىنىي جەھەتتە ئىشلىگەن ھەر قانداقلىكى بىر ئەمەللەرنىڭ ھەم پايدا - زىيىنى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن كىملەركى نېمىلەرنى قىلمىسۇن ۋە قىلدۇرمىسۇن ئۇنىڭ پايدا - زىيىنىنى ھىس قىلغان ، دەلىللىگەن ئاساستا قىلسۇن ۋە قىلدۇرسۇن . كىملەر قايسى بىر كىشىدىن ئىلىم تەلەپ قىلىدىكەن ياكى مەسلىھەت سورايدىكەن ، ئۇنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ، توغرىمۇ - خاتامۇ ، ئىلىم - ھېكمەت بېرىلگەن كىشىمۇ ، ئىلىم بىرىلگەن بولسىمۇ ئەمەل قىلىۋاتقان كىشىمۇ ، ئەمەل قىلىۋاتقان بولسىمۇ قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى تېتىغان بولۇپ ، ئۇچۇق شەرھىلەپ بىرەلەيدىغان كىشىمۇ ؟ .... بۇلارغا چوقۇم دىققەن قىلسۇن . دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختىنى زالىملارنىڭ قولىدا قىلىپ قويۇشتىن ساقلانسۇن !
قۇرئان - ھەدىسنىڭ سۆزلىرىنى يادقا ئالغان كىشى ھىدايەتلەنگەن كىشى بولمايدۇ . ھەتتا سۈننەتكە ئورانغان كىشىلەرنىڭ ھەمدە موللا - ئالىم ئاتالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا ئىش ئۈستىدىكىلەردىن ھېسابلانمايدۇ ۋە تىگىشلىك رەۋىشتە يىتەكلىگۈچىلەردىنمۇ بولمايدۇ . شۇنىڭدەك ، رۇسۇللاھ ئېيتقاندەك ، كىشىنىڭ ئەمەلى ، ئۇنۋانى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ . شۇ كىشىنىڭ ئىبادىتىدىكى ئىخلاستىن باشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق شەيئىلەر ۋە ھەركەتلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكنىڭ ئاچقۇچىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىلگەن نەرسىلەردۇر . ئەمەللەردىكى ئىخلاس ئاللاھنى رازى قىلالايدۇ ۋە ئاللاھمۇ ئۇنىڭدىن رازى بولالايدۇ . ئاللاھنىڭ شۇنچە نەرسىلەرنى يارىتىپ بىرىشتىكى مەقسىدىمۇ بەندىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىبادەت قىلغۇچىلاردىن بولىشىنى تىلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس !
ئاللاھتائالا ئېيتىدۇ : ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا ئىدى ، ئەلۋەتتە ، يەر يۈزىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتاتتى ، سەن كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلامسەن ؟ ( 99 ) ھەر قانداق كىشى پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا ، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ ، ( ئاللاھنىڭ رەھمىتى شۇكى ، توغرا يوللۇق ئەمەلگە ئورۇنۇپ قىلمىشلىرى ئۈستىدە ) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى ئاللاھ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ ( 100 ) يۇنۇس
كىشىگە مەيلى قانداقلىكى نېمەتلەر بىرىلمىسۇن ، كۆرسىتىلمىسۇن ، ئاڭلىتىلمىسۇن ۋە ھىس قىلدۇرۇلمىسۇن ، ئول كىشىگە پەقەت شاپائەت قىلىنغان نېمەتلەر بولۇپ ، بۇ شاپائەتلەر شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى ، ئۇنىڭ ئۆزى مۇستەققىل پىكرى ، ئىنتىلىشى ، ئۈمىد قىلىشى ۋە تىلىشى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ شەكلىنى ئۆزى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەبى قۇۋۋەت بولىشى ئۈچۈندۇر . مەجبۇرلاش پەقەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىگىلىكىدىكى ئىشتۇر . بەندىنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك تەبلىغ قىلىش ، مەسىلىنى توغرا رەۋىشتە شەرھىيلەپ بىرىش ، ھىس قىلغۇرۇش مەسئۇلىيىتى باردۇر . ئەمما ئاللاھ مەلۇم بىر كىشىلەرگە مەلۇم كىشىلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ھامىي قىلىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا . چۈنكى زامانى مەۋقەدىكى ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ بەزى ئەمەللەرنى قىلىش - قىلماسلىقتا قىستاش ، بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئىمتىيازى بولىدۇ . ئەمما ئۇلارغا ئىتائەت قىلمايدىغان كىشىلەر ھامان زىيانكارلىقتا بولىدۇ . چۈنكى ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ قارشى تەرەپنى گەرچە ئاتا - بالىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىپ مۇسۇلمان بولۇشقا مەجبۇرلاش سالاھىيىتى بولمايدۇ . پەقەت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش خەيرىلىك دۇئا قىلىشقىلا بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ ، ئىلىم - ھېكمەت بېرىلگەن كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئۆزىگە ھامىي قىلىنغانلارنى مەيلى قايسىكى بىر ئىلىمنى يەتكۈزمىسۇن ، پەقەت بىرلا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا ، ئۇنىڭدىنلا تەلەپ قىلىشقا ، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى بىلگىنىچە چۈشەندۈرۈشكە ، ئۇنىڭغىلا تەقۋالىق قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلىشقىلا بولىدىغان مەۋقەلىك قورغانغا ھاردۇرۇپ قويماي ، تاندۇرۇپ قويماستىن ئۇلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ . مانا بۇ ھەقىقىي ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ سۈپىتى - ئىمتىيازىدۇر . چۈنكى ئاللاھقا ئۇلاشتۇرىدىغانلىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر ۋاستىدۇر ، خالاس ! ۋاستە بارلىق جانلىق - جانسىز ، ماددى ۋە مەنىۋى بولغان شەيئىلەر بولۇپ ، ئۇ ھېچقاچان ئىلاھلىق ، مەبۇدلۇق ۋە پەرۋەردىگارلىق ئورنىنى ئالالمايدۇ . ۋاستە پەقەت شاپائەت قىلىشقىلا ( يەنى ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن قۇۋۋەت بولۇشقىلا ) كۈچى يېتىدۇ . كىملەركى قايسىكى ياخشىلىق - يامانلىققا دەلىل قىلىنىدىغان بىر ۋاستىنى يۇقارقىدەك ئاللاھنىڭ سۈپىتىدە ئېتىقاد قىلىدىكەن ، ئۇ ماھىيەتتە مۇشرىكلاردىن بولغان بولىدۇ . گەرچە ئۇ ئىلىم خالتىسى بولۇپ پالانى موللام ، قارىم ، ئالىم .... ئاتالغان تەقدىردىمۇ ..... چۈنكى ھەقىقەت ئاتاقنى ، شەكىلنى ئېتىراپ قىلمايدۇ .
ئاللاھتائالا ئېيتىدۇ : ئېيتقىنكى ، << ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى كۈزىتىڭلار . ( ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى ئەقىلدىن يىراق يارىتىلغان شەيئىلاردىن ئىبارەت ) مۆجىزىلەر ۋە ( شۇلارنى توغرا شەرھىيلەپ ئۇلار ئارقىلىق ھەقنى تۇنۇشتىن تۇسۇلغانلارغا قارىتا ) ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ ( ئەنە شۇنىڭدەك ئىلىم - ھېكمەتلەرگە ھەقىقىي قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىپ ) ئىما ئېيتمايدىغان قەۋمگە پايدىسى بولمايدۇ ( چۈنكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئەنە شۇنىڭدەك شەيئىلەر توغرىسىدا پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى تەتقىق قىلغان ھاللاردا ھەقىقىي ئىشەنگەن ياكى ھەقلىقىگە چىن تەستىقلىغانلارنىڭ  كۆڭۈللىرىدە ساقلانغاندۇر ) ( 101 ) يۇنۇس
ئاللاھ بۇ ئايىتىدە بەندىلىرىنى كۆرىدىغان ، ئاڭلايدىغان ۋە ھىس قىلالايدىغان ، پىكىر قىلالايدىغان ۋە جارى قىلدۇرالىسا تەپەككۇر قىلىش سېستىمىسى قوزغىلىدىغان ، ئەنە شۇنىڭدەك ماھىيەتتە ئۇنى ئىنسان قىلىپ يارىتىپ زېمىننىڭ خەلىپىسى قىلىپ ياراتقانكى ئىمتىيازىنى تۇنۇيدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆز رەببىنى ھەمدە ئۇنىڭ قانۇنىي قورغانىنى توغرا تېپىپ خاس ئىبادەتتە بولالايدىغان قىلىپ ياراتقانلىقىنى ۋە ھەر ۋاقىت پىكىر قىلىش ۋە كۈزىتىشكە ، تەتقىق قىلىشقا قىستايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇنداقلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ئاقىۋەتتە ئايەتتە ئېيتىلغاندەك : { ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىدىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرگە كەلگەن كۈنلەرنىڭ ( كېلىشىنىلا ) كۈتىدۇ >> ...... 102 } دىيىش بىلەن ، ھامان ئۇنىڭدەك ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زالىم بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىلگىركىدەك يېقىنقى ئازابتىنلا ئىبارەت ئاياقلىشىدىغانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە شۇنىڭدەك خالىغان بەندىلىرىگە شۇ خىل ئىلىمنى بىلدۈرۈش بىلەن شۇنىڭدەك ئاگاھلاندۇرۇش تۈسىنى ئالغان كىتابچىلارنى بايان قىلدۇرىدۇ . چۈنكى ئاللاھ ئىنسانلاردىن ۋە پەرىشتىلەردىن خالىغان رەۋىشتە ئەلچىلەرنى تاللايدۇ . ئەلچىلەرنى پەقەت زالىملارلا ئىنكار قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا قارشىلىق قىلىپ يوقاتماقنى تىلەيدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئەلچىلەرنىڭ سۈپىتى شۇ بولىدۇكى : { ئېيتقىنكى ، << سىلەر ( سىلەرگە ئاللاھ ئالدىن ئىرادە قىلغان زالىملارغا تىگىشلىك قىلىنغان ئازابىنىڭ كېلىشىنى ) كۈتۈڭلار . مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتەن ( سىلەرنىڭ ھالاك بولۇشۇڭلارنى ) كۈتكۈچىمەن >> ( 102 ) ئاندىن كىيىن پەيغەمبەرلىرىمىزنى ، ( ئۇلارغا ئەگەشكەن ) مۆئمىنلەرنى قۇتقۇزدۇق ، مۆئمىنلەرنى قۇتقۇزۇشقا مۇشۇنداق مەسئۇل بولىمىز ( 103 ) يۇنۇس } قۇرئان كىيىنكىلەرگە ئالدىنقى ئۈممەتلارنىڭ كىيىنكىلەرنىڭ ھاياتى ۋە زامانىغا چۈشىدىغان قىسسەلىرى ئېلىنغان ئاساستا تۈزۈلگەنلىكىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدىمۇ ؟ ياكى ئۇلار قۇرئاندىن باشقا كىتابنىڭ ھۆكمىسىنى تەلەپ قىلىشامدۇ ؟ ئۇلار غەيرىي مەخلۇق قىلىنىپ يارىتىلغان قۇرئانغا ئىشەنمىسە ، ئەمىسە قايسى كىتابقا ئىشىنىدۇ ؟ ئاللاھتائالا شۇنداق دەيدۇكى : { بىز ھەر ئۈممەتتىن بىر گۇۋاھچىنى چىقىرىمىز . ( قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈگەن زالىملارغا ئۆزلىرىڭلارنىڭ راستچىلىقىنى ، ئېتىقاد ۋە ئىماندا ھەقىقەتەن راستچىللاردىن ئىكەنلىكىڭلارغا قارىتا ) پاكىتىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار دەيمىز ، ئۇلار ( ئۆزلىرىنىڭ ئىمان ۋە ئېتىقادتا ھەقىقەتەن يالغانچىلاردىن ئىكەنلىكلىرىنى ئىسىدە تۇيۇپ تۇرسىمۇ ئەمما مەھشەر كۈنى بارلىق قىلمىشلىرى يېزىلغان كىتابى ئالدىغا كەلتۈرۈلگەندە ئىلاجىسىزلىقتىن ) ھەقىقەتنىڭ ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ( ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن باشقا ھۆكۈملەرنى ، يوللارنى ۋە دىنلارنى تەرك ئەتكەن ھاللاردا قىياسەن ) ئويدۇرۇپ چىققان نەرسىلىرى ئۆزلىرىنى ئۇلاردىن چەتكە ئالىدۇ ( يەنى ئۇنىڭدەك باتىلغا ئەگەشكەنكى ئەمەللىرىنىڭ ھېچ قارارى بولمايدۇ . مەھشەر كۈنى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كېلەلمەيدۇ ) ( 75 ) قەسەس }
ئاللاھ ئېيتقاندەك ، ھەر بىر زاماننىڭ ئۆزىگە خاس رەۋىشتە ئىش ئىگىلىرى بولىدۇ . گەرچە زالىملار ، نادان - ھاماقەتلەر ئىنكار قىلغان تەقدىردىمۇ ۋە خۇش كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ ..... بەزىلەر ئۆزلىرىنى مىڭ يىلنىڭ ئالدىدىكى ساھابىيلار ۋە تابىئىنلارغا ئوخشۇتۇش قىلسا ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە قوپىدىغان ، بىر ئۈممەت قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېتىقاد قىلىدۇ . ئىلگىرى بىزمۇ شۇنداق ئەقىدە باغلىغان . ئەمما ئىش ئۇنداق ئەمەس ئىكەن . ھەر بىر زامانغا خاس ئىنسانلار ۋە جىنلار جامائەسى نۇرغۇنلىغان پىرقىلەرگە ئايرىلىش قىلغاندا ، ئاللاھ شۇلارنىڭ بەزىلىرىنى بەزىلىرىگە دەلىل قىلىش يۈزىسىدىن ھەر بىر زاماندا ياشىغانلارنى بىر بىرلىرىگە دەلىل قىلىپ ياراتقاندەك ، بىر بىرلىرىگە يەنىلا دەلىل قىلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەرنى زالىملارغا گۇۋاھچى قىلىپ چىقىرىدۇ . چۈنكى رۇسۇللاھمۇ ئۆز ۋاقتىدا بۇ تەرىپىنى كۈچلەندۈرۈپ خۇددى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش << ئى رەببىم ! مەن ھايات ۋاقتىمدا بۇلارنى مەن كۈزىتىپ تۇرغان ئىدىم . ئەمما مەندىن كىيىن سەن ئۇلارنى كۈزىتىپ تۇرغان ئىدىڭ . سەن ماڭا بىلدۈرگەن نەرسىدىن باشقىسىنى بىلمەيمەن >> دەيدىغانلىقىنى ئېيتقان .
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھتائالا ئادىمىدىن ئىبارەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يارىتىپ جىمى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا بويسۇنغا ھالدا << سەجدە >> قىلىشقا بۇيرىدى . ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىي - ناسارالار ئارىسىدىكى جىمى پىرقىلەر ئۆز ئارا ئىختىلاپقا چۈشۈپ ھەممىۋاسى ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دىيىشكەن ئىدى . شۇنىڭدەك بىر ۋاقىتتا ئاللاھتائالا << ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار زامانغا خاس شەيئىلەرنى ئېيتىپ بېرىڭلار >> دېگەنكى خىتابىنى قايتا مەيدانغا كەلتۈردى . ئەمما ھېچ كىشى زامانغا خاس شەيئىنى توغرا ئېيتىپ بىرەلمىدى . شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ ئۈممىي بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇلار دە تالاش قىلىشىۋاتقان ئىشلار توغرىسىدا توغرا جاۋابىنى ئېيتىپ بىرىشكە بۇيرىدى . بۇ ۋاقىتتا توغرا يولدا تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئىبارەت قىلىۋاتقان مىسالى << پەرىشتىلەر >> دەررۇ ئۇنىڭغا << سەجدىگە >> باردى . ئەمما ھاكاۋۇر ، ھەسەتخور بولغان ئىبلىسكە ئەگەشكۈچىلەر ناگاھان سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى . چۈنكى سەجدىگاھ يەنىلا ئەڭ تۆۋەن بولغان ، بارلىق ئىنسانىيەت تەرىپىدىن ھېچ بىر قىممەت قارارى قىلىنمايدىغان تەبىقىدىن ئىبارەت بولغان . كەيىپ - ساپاغا بىرىلگەن قۇرەيشلەر ئارىسىدىن چىقىرىلدى . بۇ ۋاقىتتا ھاكاۋۇرلارنىڭ مەۋقەسى يەنىلا شۇ بولدىكى ، << ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ . مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ >> دىيىش بولۇپ ، ئۆزلىرىنى ئىسىل تەبىقە ، ئۇنى تۆۋەن تەبىقە دەپ قارىدى . ئەنە شۇ ۋاقىتتا شۇنىڭدەك ھاكاۋۇرلاردىن ئىمانىي قىممەتنى ، ئىمانىي رادارنى ، ئىمانىي ئىمتىيازنى كۆتىرىۋېتىش بىلەن ئۇنى ھەقىقەت قىممەت << جەننەتتىن >> چۈشىرىۋەتتى . ئەمما ئۇلاردا يەنىلا دىنىي تون ، مەنسۇخ قىلىنغان دىنىي بىلىم ۋە ئۇنۋان ساقلىنىپ قالدى . بۇ خىل ساقلىنىشلىرىدىكى ھېكمەت شۇ ئىدىكى ، كىملەركى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن دىنىي قىممىتىنى تۇلۇقلاش ، شۇ خىل ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن نېمىلەرنى تاللايدىكەن ، ئەنە شۇلارغا خاس قىلىنىپ بېرىلدى . تاكى بۈگۈنگىچە بۇ خىل تۇنۇش ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋام ئېتىپ كەلدى . بۇ داۋام بىزلەرگە يەنە شۇنىڭدەك تېراگىدىيەنىڭ قايتىلانماسلىقىنى ،ھەمدە جىمى دىندارلارنىڭ يەنىلا ئۆزلىرىنى توغرا دىيىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى . ھالبۇكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئىلىمدا دانا بولغان پىراففىسۇرلار ، مۇتەپەككۇر پەيلاسوپلار بارلىققا كەلگەن تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۆزلىرىدىكى باتىل بولغان دىننى تۈزەشكە تاقىتى يەتمىدى ، مادامىكى ، ئاز بىر پىرقىسى توغرىلىقنى چۈشۈنۈپ ھەقىقەت ئىسلامغا قايتىپ چىقمىغۇچە !!!
شۇنىڭدەك ئاللاھتائالانىڭ بۈگۈنكى خىتابى ۋە نىداسى مەۋقەسى شۇكى ، << ئى بەندىلىرىم ! ئەگەر سىلەر ئىسلام دىنىدا راستچىل بولساڭلار ، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىمانىڭلاردا ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە چىن ئىشەنگەن بولساڭلار ۋە ئۆزەڭلەرنى ھەقىقىي ئىسلام دىنىنىڭ ئىگىللىرى دەپ ئىشەنگەن بولساڭلار ، ھەر بىر ئۆزەم بارلىققا كەلتۈرگەن زامانەمدىكى ئىش ئىگىلىرىنى تېپىڭلار ۋە شۇلارغا ئىتائەت قىلىڭلار . ئەگەر دەۋايىڭلاردا راستچىللاردىن بولساڭلار !!! >> دىن ئىبارەت بولدى . ئەمما بۇ شۇئارچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەققە قارشىلىق قىلىپ كاپىرلىقنى تىلەش بىلەن ، ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا باشقا جانلىق - جانسىز نەرسىلەرنى شىرىك قىلىۋېلىش بىلەن ، مەۋقەسى خۇدالىق دەۋاسى قىلىۋاتقان ھۆكۈمەتلەرگە ، موللا - ئالىملارغا ئەگىشىپ كەتكەن تۇرۇقلۇق يەنىلا ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرى ، دوستلىرى ، ئىماندارلىرى دىيىشتى . ئىمان ئۆز ئىگىسىنى يامانلىقلارغا ، گۇناھلارغا ، ئۆزلىرى بىلمىگەن ۋە ئىشەنمىگەن نەرسىلەرنى ئېيتىشقا ، قىلمايدىغان ئەمەللەرنى قىلىمىز دىيىشكە قىستامدۇ ؟ ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە مۇجادىلە قىلىشىپ قارشىلىشىشقا ئېلىپ بارامدۇ ؟ شۇ تاپتا سىلەرنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادىڭلار ۋە دىنىي چۈشىنىشىڭلار ۋە ئاندىن ئىمانىڭلار يالغانمۇ ياكى تىللىرىڭلاردا ئېيتىۋاتقان سۆزلىرىڭلاردىكى دەۋايىڭلار يالغانمۇ ؟ سىلەر ئىگىلىگەن ئىلىم ئۆزەڭلەرنى توغرا يۆلۈنۈشتە ئىسلاھ قىلماستىن ، ھەقىقەتكە ئېلىپ ماڭماستىن موللا - ئالىملىق سۈپەتتە دۇنيالىقنى تىلەشكە قىستاۋاتامدۇ ؟ سىلەر سىلەر ئىگە بولغان ئىلىم ۋە باشقا ماددىي - مەنىۋى بولغان بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ زادى نېمىلەرگە ئېرىشمەكچى ؟ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكىلى بولىدىغان شەيئىلەر بىلەن نېمىلەرنى قىلىۋاتىسىلەر ؟ سىلەر ئۇ نەرسىلەرنى زادى نېمىلەرگە ئىشلىتىۋاتىسىلەر ؟ چوقۇم ھەر ۋاقىت بۇ خىل ئوپىراتسىيە بىزدا بولىشى ۋە ھەر ۋاقىت تۆۋەنچىلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى تەكشۈرىشىمىز ۋە زېدە بولغان يەرلەرنى داۋالىشىمىز كېرەك !

........................................................................................

مەيدانغا ئىككى خوراز تاشلاندى . شۇ ئارلىقتا كىشىلەر بەس - بەستە ئۆزلىرى ئۇتىدۇ دەپ قارىغان توخۇغا ئىشەنچىسى ۋە يېنىدا بارى بۇيىچە دو تىككىلى تۇرۇشتى . ئارلىقتا يەنە بىر كىشى پەيدا بولۇش بىلەنلا يەنە دو تىكىش جانلىنىپ كەتتى .
- ۋوي ، ۋوي ماۋۇ ھېلىقى ئاق پاچاق ئىكەنغۇ ؟ ھازىر مەيداندا قانداق تىكىۋاتىسىلەر ؟ -  توپ ئىچىدىن بەزىلەرنىڭ بىرگە بىر دىگەن سۆزلىرى چىقىشى بىلەن ، ئۇ مەيداننى تېخىمۇ قىزىتىۋاتتى .
- مەن ئاق پاچاق ، بىرگە ئىككى ، دو بارمۇ ؟ - توپتىكىلەر ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ئىچىدە قاراشتى . ھېچ كىشى ئۇنىڭغا جاۋاب بەرمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان بىر ۋاقىتتا ئۇ دونى تېخىمۇ كۆپەيتتى . - بىرگە ئۈچ ، بىرگە تۆت ، ئوھھووووووووووو دو تىكمەمسىلە ؟ بىرگە بەش ئەمىسە ، بولدى ھېساب مەيدان تۈگىگىچە مۇشۇ دو بار . بۇنىڭغا قاچانلا ئىرادە قىلساڭلار مانا مەن تەييار !
بىرگە بەش ئىكەن ، بۇ سان مەيدان تېخى بوشىماي تۇرۇپلا كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتقىلى تۇردى ۋە بەزىلەر گەرچە قارشى تەرەپكە ھەقىقىي ئىشىنىپ بولالمىسىمۇ ، ئەمما تەسەددىپىي ئەھۋالنى كۆزلەپ ئەللىك كويدىن ، يۈز كويدىن تىكىپ قويىشىۋاتقان ئىدى . ئۇزۇن ئۆتمەي غەلبە راست دېگەندەكلا ئاق پاچاققا نىسىپ بولدى . بۇ خىل ئالدىن كۆرەرلىك خېلى كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتتى ؟ ئارىدىن بەزى چوڭلار ئۇنىڭدىن ئۇدۇللا سورىدى .
- ئۇكاموي ، ئاق پاچاقنىڭ غەلبىسىنى شۇنچە بالدۇر بايقىشىڭغا نېمە سەۋەب بولدى ؟ كېچىدىن چۈشۈڭگە كىرىپ قالمىغاندۇ ؟ ياكى خۇدادىن ساڭا ۋەھىي كەلدىمۇ يە ؟
- ئۇنداق ئەمەس ئاكىلار ، ئويلاپ بېقىڭلار ، ئۇنىڭ تېپىشىگە ! ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تېپىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مەيدانىنى خېلى جېق مەيدان كۆردۈم . باشتا مەنمۇ ئۇتتارغان بولدۇم . ئەمما ئۇ ھەر ۋاقىت بىر قەدەممۇ ئارقىغا داجىپ باقمىدى ، پەقەت غەلبە قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ كەلدى . شۇنداق ئىكەن ، مەن ئۇنىڭغا تىكمەي قانىڭغا تىكەتتىم ؟ ...................

ئەلۋەتتە ، دو دېگەننى قىمار ئۈچۈن پەقەت توخۇغىلا ۋە ياكى باشقا ئىت ۋەھاكازالارغىلا تىكىشتىن چەكلىنىپ قالساق بولمايدۇ . ھازىر ئەنە ھەر بىر تەنھەركەت تۈسىنى ئالغان مۇسابىقىلەرگە تىكىۋېتىلىنىۋاتىدۇ . شۇنىڭدەك ، بىزلەرگە قارىتا قىمار تۈسىنى ئالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ھەقىقىي ئىشەنچ تۈسىنى ئالغان ھاللاردا مەلۇم پايدىلىق نىسبەتتە دىنىي ۋە ئىسلامىي تەرەپلىك ئاللاھتائالا پىشىۋا قىلغان << ئىبراھىم ۋە مۇھەممەد >> ئىسىملىك ئىككى پەيغەمبىرىگە ۋە ئاللاھ قۇرئانىدا تىلغا ئالغان بەزى پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە يەتكەن كۈلپەتلىرىگە قارىتا ئاخىرقى نەتىجە چىققۇچە سەۋىر قىلغاندىكى چىدامچانلىقىغا قارىتا شۇنىڭدىن كىيىن تاكى ئىنسانىيەت تۈگىگىچە ئىشەنچ دورىنى شۇلارغا تىكىشتەك ، ئۇلارنى ئۈلگە قىلىشىمىز چوقۇم لازىم قىلىنغاندۇر . بىزلەرگە مەيلى قانداقلا بىر كۈلپەت يەتمىسۇن ، مادامىكى ، باسقان ئىزىمىز شۇلاردەكلا توغرا يۆنىلىشتە بولغان ، ۋە ئۆزىمىزنى ھەقىقىي دەلىلگە ، ئىمانغا ئاساسلانغان ، ھەمدە ئاللاھنىڭ شۇلاردەك ئەھزابى ئېتىكاپ بولغان قورغانى قۇشۇنلىرى ئارىسىغا كىرگەنلىكتەك ئىشەنچ ئۈستىدە بولىدىكەن ، ھامان ئاخىرقى ھېسابتا غەلبە ئۆزىمىزگە نىسىپ بولىدىغانلىقىدەك ئىشەنچ ئۈستىدە تۇرىشىمىز كېرەك بولىدۇ . ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ ئەنە شۇنىڭدەك ئەھزاب ئىچىدە ئىدىكى ، ئۇنى مەغلۇب قىلىش ئۈچۈن ئاتلانغان پىرئەۋن قۇشۇنى كۆز ئالدىدىلا غەرىق قىلىندى . چۈنكى بارلىق شەيئى ئاللاھنىڭ قۇشۇنلىرى ۋە ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرى ئۈچۈن قېرىنداشلىق مېھرى ئۈستىدە ، ماھىيىتىدە ئىدى . كىيىن رۇسۇللاھنىڭ ۋاقتىدا ئەھزاب ئۇرۇشى بولدى . ئىككى تەرەپ ئەڭ كۈچلۈك قۇشۇنلانغان ماھىيەتتە بىر - بىرلىرىگە تىغلاندى . شۇ ئارلىقتا مۇسۇلمان قۇشۇنى ئاجىزراق كېلىپ قالدى . شۇ ئەسنادا دىندا ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئۈستىدە شەكلەنگۈچىلەرنى قورقۇنچ باستىكى ، ئۇلار شۇ تاپتا ئىماندىن يېنىش ياكى قارشى ئەھزابتىكىلەرگە ياداش مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىنىش تەكلىپى بىرىلگەندە بولسا ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى قارارنى چاپسانلا قۇبۇل قىلىشىدەك ماھىيىتىنى ئاشكارلاپ بەردى . ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ۋەدىسى غالىب كېلىپ ، دۈشمەنگە قارشى پەرىشتىلەر ۋە باشقا بۇران - چاپقۇنلار ، ئاچارچىلىقلار ۋە باشقا يۈرەكزادى تەرەپلىك قارشى تەرەپنى ئاجىزلاشتۇرغۇچى مەۋقەلەر بىرلىشىپ كۈچلۈك بىر دولقۇن پەيدا قىلىندى ۋە شۇ دولقۇندا قارشى تەرەپ بىردەك مەغلۇب بولغان ھالدا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى .
بۇ خىل ئەھزابلىق قىممەت ھېچقاچان ئىنسانىيەت ئالىمىدىن قومۇرۇپ تاشلىۋېتىلگىنى يوق . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىمانىنىڭ يوقلىقى ياكى سۇسلىقى ، ئىماندىن يېنىۋېلىپ كاپىر بولىشى ، قاتتىقراق سىناقلارغا دۇچ كەلگەندە غورورىنى يوقاتقان ، ئىلگىركى ئىشەنچىسىدىن يېنىۋالغان ھاللاردا ھەر رەۋىشتە كۇفرىلىقلارغا ، باشقا مەبۇد ، ئىلاھ تەلەپ قىلغانلىقتەك مۇشرىكلىققا يېنىۋېلىشتەك ئىلگىركى ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىشەنچ قىلغان تەرەپلىك ئايەتلىرىگە ئېيتقان ئىمانىدىن ، ئىشەنچىسىدىن يېنىۋېلىشتەك ئەھۋال ئاستىدا ئاخىرقى نەتىجىنىڭ قايسى رەۋىشتە چىقىدىغانلىقىدەك نىشاننى كۆرۈشتىن چەكلەندى ۋە ھامان قارشى تەرەپلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ دورىنى بۇلغاپ كەلدى ، باشقىلارنىڭ زىيىنىغىلا ئولتۇرۇپ كەلدى . شۇڭلاشقا ئاللاھتائالا كىيىنكىلەرنىڭ كەلگەن كۈلپەتلەرگە مەيۈسلىنىپ كەتمەسلىكى ، مەگەر ماڭغان يولى تەقۋالىق ۋە ئاللاھ ئۈچۈن تەۋەككۇللۇق ئىچىدىلا بولىدىكەن ، بارلىق شەيئى بەزىدە ئۆزىگە قارىتا زىيان قىلىدىغانلىقىدەك ماھىيەتتە بولسىمۇ ، ئەمما پەقەت ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك ئەھزابىي قىممەت ئۈستىدە ئىكەنلىكىگە چىن ئىشىنىشتەك ، ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت قۇرئانى كالامىدا دىندا بەسرەتلىك داۋۇتنى ئەسلىگىن ، ئىبراھىمنى ئەسلىگىن ، يەئقۇبنى ئەسلىگىن ۋە باشقا ئىسمى چىققان پەيغەمبەرلەرنىڭ شۇنىڭدەك قىسسەلىرىنى ئەسلگىن دەپ كىيىنكى شۇلارنىڭ ئىزىدىن باسقان ئەگەشكۈچى كىيىنكى ەھزابىي قېرىنداشلىرىغا قارىتا ئەسلەشكە بۇيرۇيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ قۇرئاننى تەقۋادارلارغا يېتەكچى دەپ ئاتىدى . ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسەلىرىگە قارايدىغان بولساق ، ئۇلار ھېچقاچان بىرەر قەدەم ئىمانىي جەھەتتە ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشىنىش جەھەتلەردە ئارقىغا يېنغانلىقىدەك ئەھۋالنى بايقىمايمىز . شۇنداق ئىكەن ، دونى شۇلارغا تىكمەي كىملەرگە تىكىمىز ؟ مەيلىكى قايسى كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئايىتىگە جەزمەن ئىشىنىپ ، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلغان ئاساستا تەقۋادار ھالەتتە ۋە ھەر ۋاقىت ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلغان ئاساستا بېشىغا مەيلى قانداقلا كۈلپەتلەر كەلمىسۇن ، چوقۇم شۇ قورغانى تەقدىر ئىچىدىن پەقەت ۋە پەقەت ئۆزى ئۈچۈن تەييارلانغا نېمەت بار ئىكەنلىكىنى جەزم قىلسۇن ۋە ئاللاھنىڭ بۇنىڭدەك بەندىلەرنى ھېچقاچان رەسۋا ۋە خار قىلمىغانلىقىدەك ۋەدىسىنى ، دوستلۇق رىشتىسىنى ئۇنتىمىسۇن !!!
ئىنساندا بۇنىڭدەك قىممەتنىڭ تۇرغۇزۇلىشى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە مۇرەككەپ جەريانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر . ئەلۋەتتە ، ئۇلاردەك ماقامغا مۇنداقلا بىر قانچە قەدەم بىلەن يەتكىلى بولمايدۇ . چوقۇمكى ئول كىشىدە شۇلارغا ئوخشاش دىنىي ۋە ئاللاھنىڭ كىتابلىرى ، ۋەدىلىرى ئۈستىدە مۇنتىزىم ئىشىنىشتەك ئىمتىيازغا كېلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بارلىق كىتابلىرىنى تەستىقلاش ۋە بارلىق كىتابلىرىغا ئىشىنىشكە توغرا كېلىدۇ ۋە شۇ كىتابلارنى توغرا رەۋىشتە بايان قىلغۇچى ، شۇ ئىلىمگە مالائىكە قىلىنىپ تەيىنلەنگەن كىشىلەرنى ھەم بىردەك ئېتىراپ قىلىشقا ، جۈملىدىن ئىسلامنىڭ ئىچىدىكى بارلىق شەيئىلەرنى ، ساھەلەرنى بىر - بىرىدىن ئايرىۋەتمىگەن ھاللاردا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . مانا بۇ ئىسلام دىنىدۇر ۋە بىزنىڭ تۇتقا قىلغان مەزھىپىمىز سۈنئى مەزھىپىدۇر . ئەمما بەزى كشىىلەر باركى ، مەيلى قايسى شەھۋەتلىك ، خۇمارلىق ماھىيەتنى ئىچىگە ئالغان نەرسىلەر بولسا باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ شۇنىڭغا ئالدىنىپ ئۆز كىملىكىنى يوقۇتىدىغان . دىننىڭ سىرتىدىكىلەر ئەيىش - ئىشرەتكە كىرىشىپ كەتكەن بولسا ، دىننىڭ مەلۇم دائىرىسىدىكىلەر پاكلىققا ئاسىي بولۇشقا قىستاپ قويىدىغان ، ئاللاھقا چىن ئىبادەت قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدىغان ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشتىن بەسىندۈرۈپ قويىدىغان ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرئىتىگە مۇخالىپ كەلتۈرۈپ قويىدىغان ئەقىدە - ئېتىقادلاردىن توسقۇچى مەۋقەلىك ئامىللارغا ئالدىنىشتا بولۇپ قالغۇسىدۇر . ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا ئەر ياكى خوتۇنلىرىنىڭ ھىيلە - مىكرىلىگە ئالدانغان ھاللاردا ئەرلىك غورۇرىنى ، ئاياللىق لاتاپىنى يوقاتقان . تۇرمۇشنىڭ قىسىنچىلىق پەيتلىرىدە ئاچ قالمىغان ۋە ھېچ خار ۋە رەسۋا بولمىغان ھاللاردا دۇنيالىقنى تىلىگۈچى مۇناپىقلارنىڭ ، ئۇلارغا ئەگەشكۈچى پاسىقلارنىڭ ، شۇنىڭدەك پەيتلەردە ئۈستىدىكى قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرىۋېتىش ئۈچۈن  شەيئىلەردىن ئىبارەت مەبۇدلىرىنى چاقىرىشىۋاتقان مۇشرىكلارنىڭ قاپقىغىنىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقان . ھەققە قارشى ئالدامچى كاززاپ دەججاللارنىڭ كەينىگە كىرىپ زامانغا قارشى ئىسيانكار بولۇشتەك كاپىرلىقنى تىلەۋاتقان ۋە شۇ ھالىتىدە ئۆلسە ئۆلىكىنى شېھىت ھېسابلاۋاتقان . ئۇنىڭدىن قۇتۇلسا غەيۋەت - شىكايەتكە ، مەسجىدنىڭ ئىچىدە گۇپپاڭ سوقۇشقا ، ئىبادەتلىرىگە رىيالىقنى قاپلاش ، ئەمەللىرىدە مەنمەنچىلىكنى قوغلۇشۇشلار بىلەن ھامان زىيانكارلىقلارنى تىلەشتە بولىۋاتقان .......... كىشىلەر ..........
بۇ يەردە ئەمدى ھېچ ئۇيالماستىن مەھشەر كۈنى ئۈستىدە توختۇلىمىز . ھەدىستىن ئىلھام ئېلىپ شۇ تەرەپكە قارايدىغان بولساق پەرىشتىلەر ئاللاھدىن بىزلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىپ قانچىدىن نەچچىنى ئايرىش ئۈچۈن جاۋاب كۈتىۋاتقان . ئاللاھتائالا ئۇلارغا جاۋابەن ھەر مىڭدىن توققۇز يۈز توقسان توققۇزنى دەۋاتقان ، بۇ خىتابتىن ئېسىنى يوقاتقۇچى دەل بۈگۈنكى سىلەر ھەم بىز شۇ ! ئاللاھ بىزلەرنى قانداق ياراتقان بولسا شۇ ھالىتىمىزدە ئەسلىگە قايتۇرىلىمىز ۋە نېمىلەرنى ئىشلىگەن - ئىشلكىمىگەنلىك توغرىسىدا جاۋاب بىرىمىز . بىز قايسى ھالەتتە ئۆلگەن بولساق ھەم شۇ ھالەتتە تۇرغۇزۇلىمىز . ئاشۇ ھەر مىڭدىن 999 زى بۈگۈنكى دۇنيالىقنى تىلىگۈچى ، غەپلەتچىلىككە ئالدانغۇچى ، ئىشرەتچىلىكلەرنى قوغلاشقۇچى ، كۇفرىلىقتىن يانمىغۇچى ھەر بىر گۇناھكارلاردىن ئىبارەتتۇر ، خالاس !
ئاللاھتائالا ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىدۇ : { ئىبلىس ئۇلارنى ( ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت ) گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى . چۈنكى بىر تۈركۈم مئمىنلەردىن باشقا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى ( 20 ) ئىبلىسنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەت بىرنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر ، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىنى كۈزەتكۈچىدۇر ( 21 ) سەبەئ }
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كىشىلەرنى مۇسۇلمان بولۇشقا ، تەقۋا بولۇشقا قىستىيالمايمىز ، ئەمما تىگىشلىك رەۋىشتە ۋەز - نەسىھەت قىلىشقىلا كۈچىمىز يېتىدۇ . ئەمما ئۇلاردىكى ئەھۋال ئاخىرقى پەللىگە يەتكەندە بولسا ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاقىۋەتنىڭ مۇشۇ دۇنيادىلا قانداق بولىدىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى كۈزىتىشىمىزگە ، شۇنىڭدەك توغرا - خاتالىقتىكى قىممەتنى ئايرىشىمىز ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىمىزگە پۇختا بولىشىمىزغا مەجبۇرلىنىمىز . شۇ سەۋەبتىن پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا ۋەز نەسىھەت ئالىدۇ . باتىلغا ئەگەشكۈچىلەر ئىىتىلاپلىشىدىغان سۆز - ھەركەتلەرگىلا قالىدۇ - خالاس !
ئايەتتە ئېيتىلغاندەك ، ھەر قانداقلىكى بەندە دىندا بەسرەتلىكنى قوغلىشىدىكەن ، چوقۇمكى ئۇ دىنىي ئېنىرگىيەلەرگە مۇھتاج بولىدۇ . بۇلارنىڭ بەزىلىرى دەل ئاللاھنىڭ ئاجايىپ قۇرۇلما ھالىتىنى ئىچىگە ئالغان ، بىزلەرنى تەقۋا بولۇشقا ۋە ئاللاھنىڭ ھېكمەتلىرىنى چۈشىنىشكە ئېلىپ بېرىشتا ئىلھاملاندۇرىدىغان كىتابلار ...دۇر . تېمىمىزدا ئوتتۇرغا قويىدىغان ئاساسلىق مەقسەت دەل ئاللاھنىڭ يۇقارقى ئايىتى بولۇپ ، يەنە ئاللاھ ئېيتىدۇ : روشەن قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن ( 2 ) . بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن مۇبارەك كېچىدە ( يەنى شەبى قەدرى كېچىسىدە ) نازىل قىلدۇق ، بىز ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ( قۇرئان بىلەن ) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولدۇق ( 3 ) ئۇ كېچىدە ھەر بىر ھېكمەتلىك ( يەنى ھېكمەتنىڭ تەقەززاسى بۇيىچە قىلىنغان ) ئىش ( يەنى بەندىلەرنىڭ رىزقى ، ئەجىلى ۋە باشقا ئەھۋاللىرى ) ئايرىلىدۇ ( 4 ) ( شۇ كېچىدە تەقدىر قىلىنغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىن بولغان ئىشتۇر ، بىز ھەقىقەتەن ( ھەر ۋاقىت بۇ خىل ئىلىمنى تەتقىق قىلغۇچى ۋە ئاللاھنىڭ بۇ خىل كالامىدىن ئىلىم بايان قىلغۇچى بەندىلەرنى ) ئەۋەتكۈچى بولدۇق ( 5 ) ( شۇ ) پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىدىندۇر . ئۇ ھەقىقەتەن ( بۇ رەھمەت ئۈستىدە ئېيتىلغان بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ( 6 ) ئەگەر سىلەر ( مۇشىنىڭدەك ئاجايىبات - غارايىبات بولغان يۇلتۇز ئىلمىسىدىكى ئىشلارنىڭ بارلىقىغا ۋە ئۇنىڭدىكى ئالامەتلەرنى سىناپ بېقىش بىلەن )  ھەقىقىي ئىشەنگۈچى بولساڭلار ، ( ئۇ ) ئاسمانلارنىڭ ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر ( يەنى شۇ خىل ئىلىم ئاسمان ۋە زېمىندىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى جىمى شەيئىلەرنىڭ ئالدىن تەقدىرى بىلەن چېتىشلىق بولغان ئىلىمدۇر ۋە ئاللاھ قاراڭغۇلۇقتا قالغان بەندىلىرىنىڭ ئىزدىنىشى ئۈچۈن ئەنە شۇنىڭدەك يۇلتۇز ئىلمىسىنى ياراتقاندۇر . ئۇلار ئەنە شۇنىڭدەك << يۇلتۇزلار ئارقىلىق يول تاپقۇچىلاردۇر >> ( 7 ) ( قارىماققا بۇ ئىلىم ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئالدىن بىلگىلى بولغان تەقدىردىمۇ ، ئەمما ئاخىرقى نەتىجە شۇنداق چىقىدۇكى ) ئۇنىڭدىن ( يەنى شۇنداق ئىلىمنى ياراتقۇچى ۋە ئۇلارنى ئۆز ھېكمىتى بۇيىچە دەۋر قىلىپ تۇرۇش بىلەن تەسەررۇپ قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھدىن ) باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر ، ئۇ ( ئەنە شۇنىڭدەك ئىلمىسى بىلەن ئۆزى خالىغان بەندىلىرىنى دىنىي ۋە تەقدىرى جەھەتتە ئىلىم ئاتا قىلىش بىلەن ئۆلۈكلۈكتىن ) تىرىلدۈرەلەيدۇ ، ( بۇلارنى ئىنكار قىلىش ۋە ياكى بۇنىڭلىق بىلەن پەقەت دۇنيالىقنى تىلەشتەك ئۇنىڭغا ئىشىنىشتە بولغانلارنىڭ جېنىنى ، ئىلگىركى دىنىي ، ئىمانىي  ئىمتىيازىدىن قالدۇرۇش بىلەن ) جېنىنى ئالالايدۇ ، ئۇ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ، ئىلگىركى ئاتا - بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر ( 8 ) دۇخان
مانا بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە توغرا نەتىجىسىنى ئاڭلاشمۇ دىندا يۈكسىلىشكە قىستايدىغان قىممەتكە ئىگىدۇر . ئەمما بۇ خىل كىتابتا دۇنيالىق تىلىگۈچى پالچى ، رەمبالچى .... ئىشلىرى بىلەن زالىملىقنى تىلىگۈچى كىشىلەر سىلەرنى دىققەت قىلىپ قويمىسۇن . بۇ ئىلىملەردە ھەم بەزى ئاللاھنىڭ ئالدىن بىلدۈرىدىغان ئالامەتلىرى ، تەقدىرلىرى بايان قىلىنغان . ئەمما ھەر قانچە بىلسىمۇ ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان بەش غەيىبنى ھېچ ئەھەدى بىلمەستۇر . يەنى گەرچە يامغۇر يېغىشتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىلگەن تەقدىردىمۇ ، ئەمما يامغۇرنىڭ قاچان ياغىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ . كىشى ئەتە نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . كىشى ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . ئەمما بۇلاردىن سىرتقى ئەھۋاللارنى ئاللاھ ئەنە شۇنىڭدەك ئىچكى ئىلىم بولغان لەۋھۇلمەھپۇزدا ئالدىن خەۋەر بەرگەندۇر . بۇ خىل ئىلىمنى شۇ خىل كىتابلارغا ئاساسلانغان ھاللاردا بىلگەنلىك ھەرگىزمۇ غەيىبنى دەۋا قىلغانلىق بولمايدۇ . بۇ خىل ئىلىم كىشىنى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ كىيىنكى تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ۋە ئۆزلىرىنى دائىم ئىسلاھ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ . ئەمما ھاياتلىقنىڭ بەزى تۇتقىلىرىدا بۇ خىل ئىلىمگە ئۇدۇللا ئېتىقاد قىلىپ بىر شەيئىنى پالانى تەرەپتىن دەپ ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە قارشى قارارلىنىش بولسا ، كىشىنىڭ شۇ ھالىتىدە ئاللاھقا مۆئمىن ئەمەس بەلكى يۇلتۇزلارغا مۆئمىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
شۇنىڭدەك ، دىنىي قىممىتى ھېچ يوقلارنى چاپسانلا ئەڭ ئېغىر بولغان ، ھېچ تاقىتى يەتمەيدىغان ھەم ھېچ ئەقىل ئىگىلىرى ھېچ بىر دو تىكمەي ئۇنىڭ ئۇتتۇرىشىغا تىكىدىغان ئەھۋال ئاستىدىكىلەرنىڭ بىراقلا ھالاك بولۇشىنى تىلەشتەك قارشى تەرەپكە زالىملىقنى ئىرادە قىلىش بولسا ، شۇ كىشىنىڭ ھەقىقەتتە ئۆز خەلقىگە ھەتتا يەھۇدىيدىدىنمۇ بەتەر دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرىگە ئەگەشكۈچىلەرنى ھامان پىكىرسىز ۋە تەپەككۇرسىز قالدۇرۇشنى تىلەيدىغان ھېكمەتسىز ئۇنۋانلىق ئالىم - ئۆلىمالار ئاتاقتىكىلەرنىڭ ھەم جەمىيەتكە بالايى ئاپەت ئىكەنلىكىدەك مەۋقەسىنى چوقۇم تونۇپ يېتىشىمىز كېرەكتۇر . ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى شۇ كىشىنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئەمەللەرگە قىستاپ قويىشى ۋە ھەر خىل ۋەسۋەسىلەر ئىچىدە ئۇلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئەمەللەرنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئېغىر يۈكلەرنى ئارتىپ قويۇشتەك زالىملىقنى تىلىگۈچىلەردۇر . ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ ئەسلى شەكىل ئاتا قىلىنغىنىدەك ماھىيىتىنى نەپسى بۇيىچە ئۆزگەرتىۋەتكەن ۋە ئۆزگەرتىۋېتىشنى تىلەيدىغان خۇدالىق دەۋاسى قىلغۇچىلاردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن دىندا ئاۋال ئەتىراپىدىكى سۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە  ئاۋال سۇنى ئاندىن ئۇلارنى دەريا بۇيىغا باشلاشتەك ، ئاندىن قىرغاقتا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىشتەك ، ئاندىن تولۇق ئۆگەنگەن ئەھۋال ئاستىدا سۇغا شۇڭغۇشنى ۋە قارشى تەرەپكە ئۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش لازىمدۇر . ئەمما ھېكمەت ئىگىلىرىنىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سالمىغانلار بىلەن كارى بولماي يېنىغا ئىلىم تەلەپ قىلىپ يۈگۈرۈپ كەلگۈچى قارغۇلارغا يۈزلىنىشتەك مەۋقەدە ئىلىم بايان قىلماقنى تۇتقا قىلىش كېرەكتۇر . ئەنە شۇلارنى يىتەكلەش لازىم ۋە يىتەكلەنگۈچى موللامنىڭ قىلغىنىنى ئەمەس بەلكى دىگىنىگە بويسۇنىشى لازىمدۇر . چۈنكى ھېكمەت خۇددى مەكتەپ سىنىپلىرى دەرىسلىكلىرىگە ئوخشايدۇ . ئۇنىڭمۇ ئاجىز ۋە كۈچلۈك تەرەپلىك ماھىيەتلىرى باردۇر . ھېكمەت بىرىلگەن كىشى چوقۇم ئول كىشىنىڭ قايسى مەۋقەدە ئىكەنلىكىنى توغرا تۇنىشى ۋە شۇ ئاساستا تەربىيلەش لازىمدۇر . ئۇنداق بولماي ، كاللىسىغا نېمە كەلسە شۇنى دىيىش بىلەن ھېچ قارارى يوق ھەممىنى بىر ياقىدىن چىقىرىدىغانلار ، قارشى تەرەپنى دىندا تېخىمۇ قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغانلار ۋە ھېچ ئىشەنچىسىزلا ئەمەللەرگە يۈزلىىپ كېتىشكە قىستاپ قويىدىغانلار ئەمەلىيەتتە ، قارشى تەرەپنى پاسىقلىققا، مۇناپىقلىققا ۋە ھەتتا كاپىرلىققا قىستاپ قويىۋاتقۇچىلاردۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كىشى كىملەرگە ئېيتىۋاتقان ۋە كىملەردىن ئاڭلاۋاتقان كىشىنى ياخشىلىق ياكى يامانلىقلارغا قىستاپ قويىدىغان سۆزلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك ! دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكتىكى تۇتقۇسىنى نادالارنىڭ ، ھاماقەتلەرنىڭ ۋە مۇناپىقلارنىڭ ، ئاسىيلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇپ قويماسلىقى كېرەكتۇر . چوقۇمكى ئىلىم بايان قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن تەقۋادارمۇ - ئەمەسمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈش لازىمدۇر . چوقۇمكى دەلىللىك ئىستىخار قىلىش لازىمدۇر . ئىش ئۈستىدىكىلەرمۇ ، مەلۇم كىشىلەرگە ھامىي قىلىنغان ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ چوقۇمكى قارشى تەرەپنى ئۇلار كۆتۈرەلمەيدىغان ، تاقىتى يەتمەيدىغان يامان زىلزىلە پەيدا قىلىدىغان شەيئىلەردىن توسۇشى لازىمدۇر . ئۇنداق بولماي گاھ غورورى تەرەپتىن ياكى ئىمانى ، ئېتىقادى ۋە باشقا سېستىمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىغان ، چاپسان كۆتۈرەلمەيدىغان كۈچلۈك مەۋقەلىك ئىلىملەردىن چەكلىك ۋاقىت توسۇشى ، پەقەت ھەر ۋاقىت ئالدىغا سىلجىپ يۈكسىلىدىغان ، يەنى ئۆزلىرىنىڭ تاقىتى يېتىدىغان ماددى - مەنىۋى شەيئىلەرگە سېلىشى ، ئۇلارنى چوقۇم ھاردۇرۇپ ، تازدۇرۇپ ياكى ئۇلار چۈشەنمەيدىغان نەرسىلەرنى يۈكلەپ چاپاندار قىلىپ قويماسلىقى لازىمدۇر . ئاللاھ ھەممىلەرگە ئۆزلىرىگە قارىتا تىگىشلىك بولغان شەكىللەرنى ئاتا قىلغاندۇر . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەكلىدىن چىقىپ كېتىش بىلەن ئۆزلىرىگە تولىمۇ زۇلۇم قىلغۇچىدۇر . ھېكمەت بىرىلگەن كىشىلەر چوقۇم قارشى تەرەپنىڭ دىنىي ۋە ئادىمىي - ئىنسانىي جەھەتلەردىن قايسى ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ ۋە چوقۇم بىلىشى كېرەك . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇ چوقۇم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا تولىمۇ زىيانكارلىق قىلغان بولىدۇ . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا شۇنداق ئېيتىدۇ : { ئى مۆئمىنلەر ! ئاللاھدىن قورقۇڭلار ، توغرا سۆزنى قىلىڭلار ( 70 ) ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەيدۇ ، گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلسا زور مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بولىدۇ ( 71 ) ئەھزاب } قۇرئاننى ئايەتلەر بىلە ئايەتلەرنى ۋە سۈرىلەر بىلەن سۈرىلەرنى بىر بىرلىرىگە كىرىشتۈرۈپ قوراشتۇرغاندا بولسا ، ئۇنىڭ بارلىق ساھەلىرى بىر تۈز سىزىق تاناسىپىغا توغرىلىنىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭ مەلۇم ئورۇنلىرىنى پارچىلاپ مەلۇم ۋاقىتلىق يىتەكلەنگەن كىشىلەرگە تىگىشلىك قىلىنمىقى لازىمدۇر . شۇنىڭدەك ، ھەدىسنىڭمۇ نۆلدىن يۇقىرى يۈزگىچە بولغان ئورۇنلاردا يەنىلا تۈز سىزىق تاناسىپى بولىدۇ . ئەنە ئۇنىڭمۇ ئۇرۇنداشقا تىگىشلىك رەۋىشتە كىشىلەرگە قارىتا ئورنى ، ۋاقتى بولىدۇ . قۇرئان - ھەدىسنى يادلىۋالغانغىلا ياكى شارىلداپ ئوقۇۋالغانغىلا ئۇنىڭ ھېكمىتى شۇ كىشىدە مۇجەسسەملەنگەن بولمايدۇ . بەلكى شۇ كىشى چوقۇم شۇ تۈز تاناسىپنى ئەقلى تەپەككۇرىدا ئىگىلىگەن بولۇپ ، كىشىلەرنى شۇ خىل ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا يىتەكلىمىكى لازىمدۇر . ئاندىن ئۇنىڭغا كىتاب بىرىلگەن ۋە ھېكمەت بىرىلگەن ئىمتىيازغا كېلىنىپ ، ئاللاھ خالىغان رەۋىشتە ئۇنى مەلۇم كىشىلەرگە ئىش ئۈستىدىكىلىككە مۇلاقات قىلىدۇ . بۇ خىل ساقىيلار ئىلىم بايان قىلىشتا ھەممىنى يىتەرلىك رەۋىشتە ئۆلچەيدۇ . ئىلىم بايان قىلىشتا بېشىنى قايدۇرۇپ ۋە ھۆ قىلىۋاتقۇدەك مەست قىلىۋاتمايدۇ ، بەلكى يىتەرلىك تەڭشەيدۇ . ئەمما قارشى تەرەپ ئۇرۇنسىز ئىلىملەرنى سوراپ تۇرىۋالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ..... شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىش ، پىكىر قىلىش لازىمدۇر . ئەنە شۇ پىكىردىن نۇرغۇنلىغان چىگىلماش مەسىلىلەر چىقىپ كېلىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك بىر ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا ئالغان جاۋابى شۇ كىشىدە چاپسان جەۋھەرلىنىدۇ . ئۇنداق بولماي كىتاب خالتىسىدەكلا نېمە ئۇدۇل كەلسە شۇنى سوراپ تۇرىۋالىدىكەن ، ئۇ ئاقىۋەتتە پەقەت جىنغا چوقۇنغۇچى بولۇپ ، پىكىر - تەپەككۇرسىز ، ئەمەلىي ھەركەتسىز ھاللاردا << ئىس - تۈتەكسىز >> ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلىنىپ قالىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئورنى ئىبلىسقا ئوخشاش بىلىمگە ئالىم ، ئەمما ئالىملىقى ئەمەلىگە تەپمەيدىغان ھالەتتە بەرپا قىلىنىپ قالىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئىش بولسۇن ، ھېكمىتى بىلەن بولسۇن . ئىلىم ئېلىش ئىككى خىل بولىدۇ . بىرى ئۆزلىرى ئىجتىھاد قىلىش ياكى پىكىر قىلىپ دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى سوراپ ئىجتىھادقا يېقىنلىشىش بىلەن شۇ خىل ئاساستا ئېلىنغان ئىلىملەر ئول كىشىنىڭ قۇلىقىغا خۇددى قېقىلىپ كەتكەن رەۋىشتە جەۋھەرلىنىپ كېتىش . يەنە بىرى بولسا ، قۇلاققا ئېسىۋېلىشتەك يادقا ئېلىۋېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىشتىن ئىبارەت . ئىلىم ئېلىشتىكى بىردىن بىر مەقسەت ھەر ۋاقىت بىز دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا مەنپەت يەتكۈزۈپ بىزنى ھەر ۋاقىت ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ، ئىلگىرى ئېيتقان ئىماندىن يېنىۋېلىپ كاپىر بولۇشتىن ، نۆۋىتىدە باشقا ئىلاھقا تىۋىنىشتىن تۇسۇپ مۇشرىك بولۇشتىن توسۇلۇش ئۈچۈندۇر . ئۇنداق بولماي ئۇنۋان ئۈچۈن ، نام - ئاتاق ئۈچۈن ، دۇنيالىق ئۈچۈن بولغاندا ....... بۇ ھەقىقەتەن تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز رەزگىلىككە ئېلىپ بارىدىغان ئاقىۋەتتۇر .
<< ئىسا >> << مەريەم >> گە ئاسىيلىق قىلغۇچى ئەمەستۇر ، ئەكسىچە ئانىسىغا ئىنتايىن كۈيۈنگۈچىدۇر . شۇ ۋەجىدىن ئۇ مۇتتەقىي بولالايدۇ . << مەريەم >> ئىنتايىن راستچىل خوتۇندۇر . چۈنكى ئۇ ئىبراھىم مەسەللىك بولۇپ ، قانداقلىكى بىر مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كەلمىسۇن ئادىللىق ۋە ھەقىقەتلىكنى ، ئۆزىدىكى بار بولغان ئىمتىيازنى ، ئىش - ھەركىتىنى ئېيتقۇچىدۇر - گەرچە قاسقان شەپكىلەرگىمۇ .... چۈنكى ئۇ زاماننىڭ توغرا يۆلۈنىشىگە يۆلەنگەن بولۇپ ، زامانغا خاس يول تۇتقۇچىلارنى بارلىق شەيئى قوللايدۇ . ئۇ ئەھزاب ئىچىدە بولغانلىقىنى ھەر ۋاقىت ئاشكارا ئىستىخار قىلىش بىلەن ئەمەلىي سىناشتا بولىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇ پىرئەۋن ئائىلىسىدىنمۇ ۋاقىتلىق قوغداشتا سالامەت چىقىپ كەتكۈچىدۇر . چۈنكى ئۇلارمۇ ئاللاھقا ئىختىيارى بولمىسىمۇ ، مەجبۇرى ھاللاردا ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنغۇچىلاردۇر . چۈنكى بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھ تەرىپىدىندۇر ! مانا بۇ خىل ئىمتىياز تەقۋالىقنىڭ ، ھەر ۋاقىت مۇتتەقىي بولماقنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى !!!
كىشى ئىزدىنىشتە ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشتە ۋە ھەقنى قانچە چۈشەنگەنچە تاشقى ئازدۇرغۇچى شەيتانلارنىڭ پىتنىسىدىن قېچىپ بارغانچە ئىمانغا يۈزلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ، جىندىن ئىبارەت ئىچكى جەھەتتىن نېرىپنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش بىلەن ۋەسۋەسە قىلىپ ئازدۇرغۇچى شەيتانلار تەرىپىدىن ئىنتايىن كەسكىن رىقابەتلىك گۇنايى مەئىسىيەتلەرگە قارىتا پىكىر قاپلىۋالغۇسىدۇر . ئەنە شۇ پىكىر قاپلىۋالغان بىر ۋاقىتلاردا كىشى ھەتتا شەيتاننىڭ ئىچىدىن مۇنازىرىگە قىستاپ قويىشى بىلەن  ياراتقۇچى يوق ئىكەن ، ياكى يوق ئوخشايدۇ ۋە ياكى دىنى جەھەتتىكى ، باشقىلارغا ئىشىنىشتىكى ئىشلاردا....... نۇرغۇنلىغان يامان مەۋقەلەرگە ئۇچىراپ كېتىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك بىر ۋاقىتتا ئول كىشى يىتەرلىك ۋەز - نەسىھەتكە ، ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتىكى توغرا جاۋابلارغا ، ئۆزىنى قوللىغۇچى ۋە ئۆزلىرىگە يېقىندىن ياردەم قىلغۇچى ۋە تەسەللىي بەرگۈچى ، كېلىۋاتقان دىشۋارچىلىقلارغا چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان سۆز - ھەركەتلەرنى قىلىشىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ كېتىدۇ . بۇ ۋاقىت ئۇنىڭغا ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغانلىكى ئىلىم بولسا ئۇنىڭغا يىتەرلىك ئېنىرگىيە شۇ بولۇپ قالىدۇ . كىشى بۇ خىل داۋانلىق باسقۇچىدىن ئۆتمىكى ئىنتايىن مۈشكۈلدۇر . بۇ ۋاقىتتا دەل ئۇ بىر ئەڭ ئىشەنچىلىك يىتەكلىگۈچىگە ، مەريەم ئەلەيھىسسالامغا يەتكەن << خورما >> ئاستىدىن خۇش خەۋەر بەرگۈچىگە ، لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش يۆلىنىشكە تىگىشلىك بولغان كۈچلۈك تۈۋرۈك << ئىبراھىم >> لار ، << ئىبراھىم >> لارغا قۇرئاننىڭ ۋەز - نەسىھەتتىن ئىبارەت بىر بۆلۈك كىتابى قىممىتى ، دىنىي جەھەتلەردە دەلىللىك بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرىگە تولىمۇ مۇھتاج بولغۇسىدۇر !  نامازنى مەسجىدتە ئوقۇشنىڭ يەنە بىر ھېكمىتى شۇكى ، تۆۋەندىكىلەر يۇقىرىدىكىلەردىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە شۇنىڭدەك بىر ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن تەسەللىي تېپىش ، ئۇلاردىكى زىننىتى ھالەتلەردىن ، چىرايىدىكى نۇرانىلىقلاردىن ، ئۇلاردىكى ئىشەنچلىكلەردىن خۇشلۇق تېپىشتىن ئىبارەت مەنىۋى بايلىقمۇ باردۇر .
دىننىڭ مانا مۇشىنىڭدەك كۈچلۈك دولقۇنلۇق تەرەپلىرى بولغانلىقتىن بۈگۈنكى زامان بولمىغان ، جىمى كىشىلەر نادانلىقنىڭ ، ھاماقەتلىكنىڭ چاپىنىغا ئورانغان بىر ۋاقىتلاردا چوقۇمكى بۈگۈننى ۋە بۈگۈنكىى دىنى ئىمتىيازلارنى بەرپا قىلىشتا ئاتا - بوۋىلىرىمىز شۇنىڭدەك قۇۋۋەت ئاتا قىلغۇچى ئېنىرگىيەلەرنى قامداش ئۈچۈن ئەنە شۇنىڭدەك يۇلتۇز ئىلمىسىگە توغرا ۋە خاتا رەۋىشتە تايانغان . تايانغانلا ئەمەس بەلكى تايىنىشقا مەجبۇرلانغان . ئەنە شۇنىڭدەك بىر زامانلار يۇلتۇز ئىلمىلىرىگە يۆلۈنۈشكە قىستاپ قويغان .  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ( يەنى بىز مىللەتتىكى دىننى تۇتقا قىلغۇچى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ )  بۇ خىل يۇلتۇز ئىلمىسىنى تەتقىق قىلىشتىكى زامانىي ۋاقتىمىز دەل يۈز يىل ئىلگىرىكى بىر قانچە يۈز يىل مابەينىگە توغرا كېلىدۇ . ئاللاھتائالا پەقەت ئىشەنچ قىلىنغان تەرەپتىن نېمەت ئاتا قىلىشىدەك كىملىكى بولغانلىقتىن ، شۇ دەۋىردىكى ئاتا - بوۋىلىرىمىز يۇلتۇز ئىلمىسى تەرەپلىك ئىشەنچ يەتكەن تەرەپلىك ئاللاھقا تىۋىنىش قىلىغان . شۇ ۋەجىدىن شۇ دەۋىرنىڭ يۇلتۇز ئىلمىلىرى سەۋەبلىك قوللانغان سان ( يەنى نەزىر قىلىشتە يەتتە ، قىرىق ، يىل .. .. دېگەندەك )  ۋە باشقا دىنىي ئىشلاردا ئەھلى سۈننەتكە چۈشمەيدىغان ، بىرەر ئىشنى بىلىشتە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە ئاللاھقا ئىستىخار قىلىش ئىمتىيازى بولمىغانلىقتىن ئەنە شۇنىڭدەك پال ، رەمباللىق ئارقىلىق توغرا ۋە خاتا رەۋىشتە ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە ئوڭۇشسىز بولىدىغانلىقىدەك تەرەپلىرىنى بىلىشتە يول كەزگەن ۋە شۇنىڭدەك يول كېزىشكە مەجبۇر بولغان . ئەمما ئەنە شۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يۈز يىل مابەينىدە كىيىنكى ئەۋلاتلاردا ئۈزلۈكسىز دىنىي مەۋقەسى كۈچلۈك چىقىش ، دىنىي مەۋقە ئېرسىيەتكە سېلىنىشتەك ئەھۋاللاردا دىن بارغانچە كۈچلىنىش بىلەن يۇلتۇز ئىلمىسىدىن بارغانچە سۈننەتنىڭ ئەھلى بولۇشتەك بىر يولدىن ئىككىنچى بىر يولغا ئالمىشىشتەك زامانلارغا دۇچ كەلدۇق . چۈنكى بىز قۇرئانغا ئاساسلىنىشقا شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا يول ئالغان ئىدۇق . شۇ ۋاقىتلاردىكى نەتىجىلەر ھەم قۇرئانغا ئاساسلىنىشقا ، بۈگۈنكى زامانغا كىيىنكى ئەۋلاتلارنى توغرا لىنىيەدە ئېلىپ چىقىشتەك ئامانەتلەرنى ئالغان ھاللاردا ھالقىلىق ئورنى بۇيىچە بىر بىرىدىن ئايرىلغۇسىز تەسۋىيلىك تىزىقلىق ھاللاردا كىيىنكىسى ئالدىنقىلارنىڭ توغرا نەتىجىلىرىنى ۋە ئۆزلىرىگە يەتكۈزگەن ئىنئاملىرى ، تىرىشچانلىقلىرىنى ، جۈملىدىن ئىلگىركى كىتابلارنى تەستىق قىلغان ھاللاردا بۈگۈن ۋە ئەتىگە داۋالغۇشتا بولۇپ كەلدى ۋە كەلدۇق . شۇنىڭدەك ، بۈگۈنىمىزدىكى دىنىي مەۋقەيىمىز ھەرگىزمۇ بىر ئەۋلات تىرىشچانلىقتا قولغا كېلىدىغان نەتىجە ئەمەس ، بەلكى بىر قانچە ، ھەتتا كەھف غارىدا ياتقانلاردەك يەتتە سان بۇيىچە ئاجىزلار يەتتە ئەۋلات تىرىشىش بىلەن ، كۈچلۈكلەر ئۈچ ئەۋلات تىركىشىش بىلەن بۈگۈنكى دىندا بەسرەتلىك ، ئەمەللەردە غەيرەت - جاسارەتلىك ، ئىمانىدا راستچىل ، غورورى كۈچلۈك ، سەۋر - تاقەتلىك .... ھاللاردا دىنىي ئىمتىيازى بەزى بىر مىللەتلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولغان ئىمتىيازدا روياپقا كەلدۇق . بۈگۈنىمىزدىكى بۇ كۈچلۈك نەتىجىنى ئىلگىركى ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن ئايرىپ قارىمايمىز ئەلۋەتتە !
بۈگۈن ھەم شۇنىڭدەك يۇلتۇز ئىلمىلىرىگە قارىتا ئىشنى نۆلدىن باشلاۋاتقان ، دىنى مەۋقەسى ئىنتايىن سۇس بولغانلار شۇ ئارقىلىق ئەمدى بولسىمۇ يۈكسىلىشنى ئۈستىگە ئېلىشتى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىگە دىننىڭ ماھىيىتىنى سېستىمىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى . ئەمما رۇسۇللاھنىڭ شەرئىتى بۇيىچە ئىش تۇتقۇچى مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالام خەلىپە بولغۇچە ، ياكى ئۇنىڭ زامانىغا يەتكۈچە چوقۇمكى بۇ باسقۇچنى توغرا لىنىيەدە تۈگىتىۋېلىشىمىز لازىمدۇر ۋە ئاشكارا ھاللاردا پالچىلىق ، رەمبالچىلىقلاردىن ساقلانغان ھاللاردا ۋە شۇنىڭدەك ئىشلىرىمىز بولسا ئۇلاردىن تەۋبە قىلغان ھاللاردا ئەڭ توغرا بولغان يول رۇسۇللاھنىڭ يولىغا يول كېزىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئول كىشىلەردە چوقۇمكى ئىبراھىمنىڭ دىنى سۇس ھالەتتە بولسىمۇ ھاسىللانغان بولىدۇ . ئۇنداق بولماي پەقەت كۆڭۈل خۇشلىقىمىز ئۈچۈن تۇتقا قىلغاندا ئاقىۋەتتە دوزاخقا لايىقلىشىپ قېلىش بىلەن ئۆزلىرىمىزگە تولىمۇ زىيانكارلىقتا بولۇپ قالىمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى قايسى بىر يولدا بولمايلى ، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ توغرا بولغان ئىبادەتلىك يولىنى تۇتقا قىلغۇچىلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىشىمىز كېرەكتۇر .
ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ، بارلىق كىشىلەر مۇسۇلمان بولغان بولاتتى . ئەمما ئاللاھ ئۇلارنىڭ زالىملىقى تۈپەيلى خالىمىغان ئىكەن ، بىز ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن بىر توغرا لىنىيەدە بولۇپ ، توغرىلىقنى ئۆزلىرىمىز تېپىش بىلەن كىيىنكىلەرگە ، ئەگەشكۈچىلەرگە توغرا ۋە سۈپەتلىك بولغان ئىشەنچىلىك پاك مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە ، كىملەر بۇلار ئۈچۈن تىرىشىدىكەن ، ئۇلارغا تۆكۈپ بىرىشتەك ئىلىمنى تىلىمىزغا ياكى بارمىقىمىزغا كەلتۈرۈپ ھەر ۋاقىت بۇ خىل ئاللاھ ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىق ئىمتىيازىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ۋە ھەر ۋاقىت مەيلۇ قارغۇ بولسۇن ، ئىلىم ئۈچۈن يېنىمىزغا يۈگۈرۈپ كەلگۈچىلەرگە ئىشتىشىمىز كېرەكتۇر . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كىشىلەرنى توغرا يولغا ئېلىپ چىقماق ۋە ئۆز قېرىندىشىمىزنىڭ كۆپىيىشىنى قولىمىزغا كەلتۈرىشىمىز ، قېرىندىشىمىزنى كۆپەيتىشىمىز كېرەكتۇر .
مۆئمىن بىلەن كاپىرنى ئايرىپ تۇرغۇچى نامازدۇر - دېگەنكى ھەدىسنىڭ ھۆكمى ، ناماز ئوقۇمايدىغانلار كاپىر ، ناماز ئوقۇيدىغانلار مۇسۇلمان دېگنلىك ئەمەس . بەلكى كاپىر نامازدا ئاللاھقا يۈزلىنەلمەيدۇ . پەقەت دۇنيا مەشغۇلاتىنى ئويلاش ، پىكىر قىلىش ، شۇنىڭغا يەتمەك ئۈچۈن پەقەت شەكلىنى بەرپا قىلغۇچىلاردىن ئىبارەتتۇر . مۆئمىنلەر بولسا ھەر بىر سەجدىدە ئاللاھىغا يۈزلەنگۈسىدۇر ۋە نامازلىرىدا ئاللاھ بىلەن سىرداشقۇچىلاردۇر . نامازلىرىدا ئاللاھدىن دۇنيادا ياىشىلىق ئاتا قىلىشىنى ۋە ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلىشىنى ، ئۆزلىرىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئازابقا تىگىشلىك قىلىنىدىغان دوزاخ ئازابىدىن ساقلىشىنى تىلىگۈچىلەردۇر . نېمىلەرگە مۇھتاج بولسا شۇنى تەلەپ قىلغۇچىلاردۇر . كىيىنچە ئاللاھ خالىسا كاپىر ، مۇشرىك ۋە كۇپپار توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلى توختۇلارمىز . بۇ تېما ھەجەبمۇ ئۇزۇن ۋاقتىمنى ئېلىپ كەتتى . رامىزانلىق بەزىلەر تۈنىتىپلا ئىلىم ئېلىشنى مەقسەت قىلغاچ ، ئۇيقۇ سەل قىيناپ قويىۋاتىدۇ يا ئەدەمنى ... ئاللاھ خالىسا مېنىڭ قىممىتىم سىلەرگىمۇ مەنسۇپتۇر ....
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !!!

مەنبە : قەلەم
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 08:46:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم كوپ جاپا چىكىپسىز ئاللاھ سىز دىن رازى بولسۇن كوپلەپ ئەجر ئاتا قىلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 18:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمە تۇللاھى ۋەبەر كاتۇىۇ  ئىزچى قېرىندىشىم  ئۇلۇق ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ھەم رازى قىلسۇن ئۇممەت ئۇچۇن پۇتۇن كۇچىڭىزنى سەرىپ قىلىپ بەكمۇ جاپا تارتىۋاتىسىز ئىنشا ئاللاھ  بۇ ئەمەللىرىنەىز نى ھەرەىز بىكار قىلۋەتمەيدۇ  ئۇلۇق ئاللاىتىن سىزگە اىردەۋىس جەننەتنى ئاتا قىلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ىەم دۇا لىرىم دا تىلەيمەن رەببىم شۇ دۇالىرىمنى ئىجاۋەت قىلسۇن  ھەم بۇ قېرىندىشىمنىڭ تېمىسىنى قۇبۇل قىلسۇن ئەمىين،،،،،،،،،،،،،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 17:31 , Processed in 0.041644 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش