ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 4096|ئىنكاس: 15

ئاچچىق ھەقىقەت........!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
117
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 11:42:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بۇنىڭغا بىرنىمە دەپ بېقىڭلار،مەن نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم،لىكىن بۇلار ئەتراپىمىزدا كەڭ تارقالغان ئاچچىق ھەقىقەتلەردۇر......!!!


http://9es.cn/eiMZj.mp3


جانابى ئاللاھ ئاشۇ بەندىللىرىنىمۇ ھىدايەت قىلىپ توغرا يولغا باشلار..........!!!

توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 14:02:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 14:05:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ئىللەتلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نېمە قىلىۋاتىمىز؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
بۇ ھەقىقەتەن جەمىيىتىمىزدە يامراپ كەتكەن ئاچچىق ھەقىقەتنىڭ نادامەتلىك ساداسى ئىكەن. بۇ ئاۋازلىق ھۆججەتتە تىلغا ئېلىنغا ئاچچىق ھەقىقەتلەرگە مۇبتىلا بولغانلارغا ئاللاھ ھىدايەت ۋە توغرا يول ئاتا قىلسۇن، مۇبتىلا بولمىغانلارمۇ ئاگاھ بولايلى، چۈنكى ئىپلاسلىق يامراپ كەتكەن بۇ زاماندا ئۇنىڭ شەررىدىن ساقلىنىپ قېلىش ۋە ئەۋلادلىرىمىزنى، ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ساقلاپ قېلىش ئىشى بەسى مۈشكىل بولاۋاتىدۇ.
ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلسۇن.
رامىزاننى لايىقىدا ئۆتكۈزۈپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بۇ يوللارغا كىرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۆپ دۇئا قىلايلى، چارە ئىزدەيلى، ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلايلى، تەجرىبىلىك قېرىنداشلىرىمىزدىن مەسلىھەت سورايلى.


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 07:05:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانابى ئاللاھ دۇئالىرىڭىزنى ئىجابەت قىلغاي قېرىندىشىم...........!!!
بۇھازىر ھەربىر ئاتا-ئانا ئويلاشمىسا بولمايدىغان مۇھىم مەسىللەردىن بۇلۇپ قالدى.ئاللاھ ئاشۇكەلگۈسىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ياخىشى تەرىيلەش ئۈچۈن پاك ،ساغلام بولغان شارائىت يارىتىپ بەرگەي..............!!!

باشلانغۇچتىكى ئەزا

دىنىم ئۈچۈن جېنيم پيدا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 09:55:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە مۇشۇ ئۇلۇغ كۈنلەر  ۋە باشقا ۋاقتلاردا  يەنە مۇشۇنداق  ئشلارني قىليپ يۈرگەنلەرنيڭ قىياماتتە ھالي قانداق بولۇپ كېتەر ....ھەي

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 11:21:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ۋەتورداش قىرىنداشلار
مەن يېڭى ئەزا مېنىڭ ئىنكاستىن پايدىلنىپ سورايدىغان سۇئالىم بار ئىدى ،رۇخسەت قىلساڭلار سورىۋالاي.
تېلفۇندا،كەيپچىلىكتە(كەچۈرۈڭلار) دىيلگەن تالاق تالاق بولامدۇ،

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 12:05:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھىدايەت قىلسۇن..................................

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 19:37:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ساقلېسۇن،،بۇنداق ئازغۇنلۇق ئشلاردېن...

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 19:50:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ نىكاھتىن چاقچاق قىلىپ سەن تالاق دىسىمۇ چىقىدۇ .ئەمدى مەس ئادەم تالاق دىسە سىزنىڭچە قانداق بولار؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-6 21:19:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئادەم  تالاق نىكاھ  دىگەن  دىننى ئاتالغۇنى ئىشىلتىش ئۇچۇن  ،ئىشلەتكۇچىدە  مۇسۇلمانلىق سالاھىييەت بۇلۇشى كىرەك !


مۇسۇلمانلىق سالاھىيەتنى ھازىرلاش ئۇچۇن ئاللاھ چەكلىگەندىن يېنىش  بۇيرۇغاننى قىلىش دىگەندىن ئىبارەت قەتئى قۇبۇلچانلىق بۇلشى كىرەك!


بۇقۇبۇلچانلىق  پەقەت قۇرئان ھەدىسكە نىبەتەن بۇلشى كىرەك! باشقىنى قەتئى رەت قىلىش كىرەك!

ئىچىپ -چىكىپ كەيىپچىلىكتە تالاق دەپ  ئىش تۇگۇگەندە  جاۋابىنى دىندىن سۇرايدىغانلار خاتىرجەم بۇلسۇنكى،بۇدىن ئىسلامنىڭ ئىچىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئىگە بۇلدۇ ،ۋەجاۋاب بىرىپ چىقىش يۇلنى كورسىتىدۇ.

ئىشنى باشلىغاندا  شەيتاننىڭ بىرنەسسىنى ئاغزىغا ئىلىپ باشلاپ  ئاخىرنى [يۇۋاش ئىسلام] نىڭ كەڭرى تونى بىلەن ياپماقچى بۇلغانلار غا دەيمىزكى،  بۇدىن  تازنىڭ تۇمقى ئەمەس !!!!!!!!!!!!!!
ھەم شۇ جاپا تارتىپ  ساقلاپ قالماقچى بۇلغان نىكاھ نىڭ  ئوتتۇردا مەۋجۇت  ياكى ئەمەسلىكىنى  ئېنىقلاپ ئاندىن سورسۇن.


يوللىغان ۋاقتى 2012-8-7 10:21:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىنداشلارىم مەن پەقەت بىلمىگەننى بىلىۋالاي دېگەن مەقسەدىم بار خالاس.خاپا بولماساڭلەر.
«ئىسلامدا تالاق نىزامى»ناملىق ماقالىنى بىر نەچچە قېتىم تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ئۆزەمنىڭ دىگەنلىرىم بىلەن مۇنۇ شەرتلەرنى بىرمۇ بىر سېلىشتۇردۇم،سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھىچنىمىگە ئەرزىمەس قۇرۇق گەپ ئىكەنلىنى ھىس قىلدىم.اللاغا مىڭ مىڭ شۈكرى!بىراق بەزى قارداشلىرىم دەيدۇ نىكاھتىن چاقچاق قىلىپ سەن تالاق دىسىمۇ چىقىدۇ دەپ،ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى قانداق چۈشۈنمىز؟  ئەجەبا بۇلار مۇشۇنداقلا دەپ قويغان گەپمىدۇ؟ ھۆرمەتلىك قارداشلىرىم ئېنىق چۈشەنچە بەرسەڭلار.مەن گاڭگىراپلا قالدىم،  ئىككى قىزىمنى ئاتىسىز قالدۇرۇش بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىش..............
دېمەك، تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىگە تولۇق رىئايە قىلىنغان بولۇشى لازىم:
1- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى،
2- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدىن پاكىزلىنىپ، تالاق قىلىنغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولۇشى،
3- تالاق قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ تالاققا ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشى.
بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنماستىن قىلىنغان تالاقلارنىڭ ھېچبىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ھېچبىرى بىر مەنا ئىپادىلىمەيدۇ، ھەممىسى قۇرۇق گەپتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر.
ئەسكەرتىش:
يۇقىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغىنىدەك ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى، ئۇنى پەقەت «ئىددىتى ئىچىدە» لا تالاق قىلالايدۇ. بولمىسا قىلغان تالىقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئايالنىڭ «ئىددىتى ئىچىدە» بولۇشى ئۈچۈن ھەيز كۆرىدىغان ئايال بولسا، ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە بولۇشى لازىم.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 13:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
مۇنبەردىكى قۇرئان - سۈننەتكە ئاساسەن تالاق نىزامى دېگەن تېما ئالدىراقسانلىق بىلەن يېزىپ تارقىتىپ قويغان بىر ماقالە بولماستىن ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى. شۇنداقلا قۇرئان-سۈننەتنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان.
يۇقىرىدا سىز تەكرارلاپ ئۆتكەن شەرتلەرمۇ ئۇخلاپ قوپۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەرتلەر ئەمەس، ئەكسىچە ئايەت بىلەن ھەدىسى رەسۇلۇللاھتىن ئېلىنغان.
سىزنىڭ گاڭگىراپ قېلىشىڭىزغا كەلسەك، سىزنى قايمۇقتۇرىۋاتقىنى ئەتراپىڭىزدىكى موللا-ئۇخۇنۇملارنىڭ مەلۇم بىر مەزھەبنى چۆرىدىگەن كۆز قاراشلىرى. توغرىنى چۈشەنگەندىن كېيىن نېمىگە ئەمەل قىلىشىڭىزغا ئۆزىڭىز قارار بەرسىڭىز بولىدۇ...
ئەرەپچە بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بۇ ھەقتە مەرھۇم سەييىد سابىقنىڭ «نىزامۇتتالاق فىلئىسلام» ناملىق كىتابىنىمۇ كۆرۈپ چىقسا بولىدۇ.
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-8 16:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ئالدى بىلەن سىزنىڭ ئىنكاس قايتۇرغانلىقىڭىزغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئايتىمەن.كۆپ تەشەككۈر.
مەخسەتكە كەلسەك مەن قۇرئان - سۈننەتكە ئاساسەن تالاق نىزامى دېگەن تېمانى  ھەرگىزمۇ مۇشۇنداقلا دەپ قويغان گەپ دېمىدىم ئەكسىچە بەزىبىر كىشىلەرنىڭ چىقارغان ھەر خىل كۆز قاراشلىرغا بېرىلگەن ئەڭ قايىل قىلارلىق جاۋاپ ئىكەن دېدىم.ئىنشائاللا،شەرتكە ئاساسلانغاندا  خاتۇنۇمنى دېگەن تالاق سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن قۇرۇق سۆز ئىكەنلىكنى ئۇقۇپ ئالەمچە خوشال بولدۇم،شۈكرى ئاللا !دېگەنلىرىم ئۈچ شەرتنىڭ ھىچقايسىغا چۈشمىدى.ئى!رەببىم ئازغان بەندەڭنى كەچۈر!
باشقۇرغۇچى سادا قاردىشىمغا كۆپ رەخمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur1989 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-9 16:31  

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 12:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىنداشلارىم بۈگۈن روزام قازا بولۇپ كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى،بىراق روزا رامزاننىڭ ھۆرمەتى ئۈچۈن ئىپتارغىچە روزانى بۇزىدىغان ئىشنىڭ بولىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمەن .سورايدىغىنىم روزانىڭ قازاسىنى قاچان تۇتسا بولىدۇ جاۋابىڭلارنى ئايىىمىغايسىلار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur1989 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-15 12:56  

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 15:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyghur1989 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-15 12:45
قارىنداشلارىم بۈگۈن روزام قازا بولۇپ كۆڭلۈم بىر قىسما  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
قانداق قازا بولغانلىقىنى سورىمايمەن ئەمما ئەگەر ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ ياكى ئىچىپ سالغان بولسىڭىز، بۇنداق ھالەتتە روزىنىڭ بوزۇلمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمەن.
سوئالىڭىزغا كەلسەك، روزىنىڭ قازاسىنى رامىزاندىن كېيىن روزا ھېيتنى ئۆتكۈزىۋېلىپلا تۇتۇۋاتسىڭىز ياخشى. چۈنكى بىزنىڭ ئامانەتنى قاچان تاپشۇرىدىغانلىقىمىز مەلۇم ئەمەس. شۇڭا قەرزىمىزنى مۇمكىن قەدەر ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئادا قىلىپ ھازىر تۇرۇشىمىز لازىم.
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 21:01:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .مەن يەنلا سەۋبىنى بىلىپ ئاندىن جاۋاب بىرىش كىرەك دەپ قارايمەن .چۇنكى [بۈگۈن روزام قازا بولۇپ ...]دىگەنى  رۇزا تۇتقاندىن كىيىن بۇزۇلدى .دىگەن مەناغا يېقىن كەن .دىمەك بۇيەردە 4خىل سەۋەب بۇلشى مۇمكىن 1-ئختىيارسىز قازا قىلىش [ئەتگەندە ئويغىنالماستىن كۇن چىقىپ قېلش]بۇنۇڭغا يۇقۇرقىدەك ھېيتتىن كىيىن بىركۇنگە بىر كۇن تۇتىدۇ.
2-ئۇنتۇپ قېلىپ يەپ -ئىچىپ سېلىش.بۇنڭغا كىرەك يۇق.[ئادمىن دەپتۇ.]
3-مەجبۇرى بۇزدۇرۇلغان.[بۇنۇڭغا مۇشۇ مۇنبەردە  بىر تىما يوللانغان شۇنى تەۋسىيە]ئىزدەش كۇزنىكىدىن ئىزدىسڭىزمۇ تاپالايسىز.
4-ئوزى قەستەن بۇزغان .[بۇنۇڭغا بىر كۇنگە 60 كۇن تۇتىدۇ،ياكى 60 مىسكىننىڭ بىر كۇنلۇق تامقىنى بىردۇ.]
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 03:09 , Processed in 0.030006 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش