ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1733|ئىنكاس: 2

ئىش ئۈستىدىكىلەر توغرىسىدا .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
199
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 13:18:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم .
رۇسۇللاھ ئىش ئۈستىدىكىلەر ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن : << قازى ( ياكى مۇجتەھىدلەر ) كۈچىنىڭ يېتىشىچە مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىپ قويىشى كېرەك . ئەگەر ئۇنىڭ ھۆكمى توغرا بولسا ئىككى كىشلىك ساۋابقا ، خاتا بولسا بىر كىشىلىك ساۋابقا ئېرىشىدۇ >> . ئەمما نۆۋەتتىكى ھەدىستە يەنە مۇنداقمۇ دېگەن :  << ئاللاھ ئاتا - ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلىشنى ، قىزلىرىڭلارنى تىرىك كۆمۈشۈڭلارنى ، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشۇڭلارنى ، ھارام مال - مۈلۈكنى ئىشلىتىشىڭلارنى ، قالايمىقان سۇئال سورىشىڭلارنى ، مال - مۈلكۈڭلارنى بۇزۇپ چېچىشىڭلارنى ھارام قىلدى >>
ئاللاھتائالا ھەم بۇلار توغرىسىدا ھۆكۈم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ : { قانداق نەرسە بولمىسۇن ، ئۇنىڭ غەزىنىسى بىزنىڭ دەرگاھىمىمىزدىدۇر ، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز ( 21 )نەھل }
ئېيتىلغاندەك ، دىن ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەللىككە يەتكەن ۋە پۈتۈن بولغان بولسىمۇ ئەمما ھېچ بىر ئىنسانغا ئۇ تۇغۇلۇشتىنلا پۈتۈن بېرىلمىگەن ۋە ھېچ بېرىلمەستۇر . شۇنىڭدەك ئاللاھ خالىغان بىر زېمىننى ياكى كىشىنى ئۇلارنىڭ كۇفرىلىقنى تىلىگىنى سەۋەبىدىن دىنىي جەھەتتىن ئۆلتۈرۈش ۋە خالىغان رەۋىشتە ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى تىلىگىنىگە قارىتا تىرىلدۈرۈش قىلىشتەك ئورنى ، ھەمدە ھەر خىل بولغان ئۆزگىچە ماكان - زامانلارغا ھەممىلەرنىڭ تىگىشلىك بولغان قىممىتىگە خاسلاندۇرۇپ يارىتىشى ، يىغىپ ئېيتقاندا  ئىسلام ھېچ پۈتۈنلۈكتە بولمىغان . چۈنكى ئىسلام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۇمۇمىي قىلىنغان . بۇ خىل ئۇمۇمىيلىككە قۇرئان دەلىل قىلىنغان . قۇرئان پەقەت ئوقۇيدىغانلا كىتاب بولماستىن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئەسلى قۇرئانلىق ماھىيىتى ئۇنىڭ تەتقىقاتىدا ، شۇنىڭدەك ئىچكى قىممىتى ، ئىچكى ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى ، شۇنداقلا لەۋھۇلمەھپۇز قىسمىتىدە مەنالاشتۇرۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇر . شۇ ۋەجىدىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھۆكۈمرانلىقىنى جاكارلاپ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق شۇنداق دەيدۇ : << ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ : ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى زاماننى تىللاش بىلەن ماڭا ھاقارەت كەلتۈردى ، ۋاقىت مېنىڭ ئىلكىمدە ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى مەن ئايلاندۇرۇپ تۇرىمەن >> . ھەم يەنە ئاللاھ ئۆز تىلىدا شۇنداق دەيدۇكى : { بىز تىرىلدۈرىمىز ، ئۆلتۈرىمىز ۋە ۋارىسلىق قىلىمىز ( 23 ) بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كىيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز ( 24 ) نەھل } يەنە ئاللاھتائالا قۇرئان توغرىسىدا شۇنداق خىتاب قىلىدۇ : { ...... ( قۇرئان ) يالغاندىن توقۇلغان سۆز ئەمەس ، لېكىن ، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان ( يەنى مەلۇم بىر ۋاستە ئارقىلىق چىقىرىلغان ، ئاشكارا قىلىنغان ساماۋىي ) كىتابلارنى تەستىق قىلغۇچىدۇر ، ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە بايان قىلغۇچىدۇر ، ( ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭدىكى ھەق جاۋابلارغا ئىشىنىپ ) ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەتتۇر ۋە رەھمەتتۇر ( 111 ) يۈسۈف }
شۇ ۋەجىدىن قۇرئاننىڭ بارلىق ئىلمىسى - سىرلىرى ، بارلىق شەيئىلەرگە توغرا بولغان جاۋابى بارلىق زامانلارغا ئاز - كۆپ بېرىلگەن بولۇپ ، ئاللاھ زاماننى ياراتتى ۋە ھەر بىر زامانلارغا خاس كېلىدىغان ئادىمىي ۋە ئىنسانىي قىممىتى ئۆز زامانىغا خاس كەلگەنلىكتىن ، شەپقەتلىك ئاللاھ ھەممىلەرگە تىگىشلىك رەۋىشتە زامانلارنى ئىرادە قىلغاندۇر . ۋە ھەر بىر زاماننىڭ ئۆز قىممىتى شەكلى ، ئۆزگىچە مەۋقەسى بولىدۇ . ئاللاھ ئەنە شۇ زامانلاردا تىگىشلىك بولغان ئىلىملەرنى ۋە ئۇلارنى قۇرۇپ بەرپا قىلىشتا دەلىللەنگۈچى ۋە تىگىشلىك رەۋىشتە بايان قىلغۇچى ئىلىم ئەھلىلىرىنى چىقىرىپ كەلدى ۋە ئەنە شۇ ئىلىم ئەھلىلىرى ئارقىلىق ئۆز زامانىدىكى كىشىلەرنىڭ دىنىي جەھەتتە راست - يالغانلىقلىرىنى ، ئەمەللىرىدە چىنلىق ياكى ساختىلىقلىرىنى بىر - بىرلىرىگە دەلىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزگىچە قىسمەتلەرنى ياراتتى . بۇ خىل ئۆزگىچە يول تۇتۇش ئاللاھنىڭ ئىلگىرىدىن تارتىپ تۇتۇپ كەلگەن يولى بولۇپ ، بۇ خىل يول بەندىلىرىگە چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن ھېچ ئۆزگەرتىلمىدى ئىلگىركى زامانلارغا دەلىل قىلىنغان ھەر جەھەتتىن ئىلىم ئەھلىلىرى بولغىنىدەك ھەم يەنە كىيىن ۋە ئىنسانىيەت تۈگىگىچە ھەر بىر ماكاننىڭ تىگىشلىك رەۋىشتە ئۆز زامانىغا خاسلىقتا تاقىتى يېتىدىغان ئەمەللەرنى تۇتقا قىلغان ۋە تەشۋىق قىلىپ ئۆزلىرىگە زالىم بولۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇش ، كىملەركى ھەقىقەت ئىسلامغا يۆلىنىدىكەن ، ئۇلارغا خۇش خەۋەر بىرىشتەك ئىمتىيازدا كۆپلىگەن ئىلىمدارلار كەلگەن ۋە داۋاملىق كېلىۋاتماقتا !. ئەنە شۇلار ئۆز نۆۋىتىدە ئۆز زامانىدىكى ئەسلى ئەھلى ئىش ئىگىلىرىدۇر ! ئاللاھ خالىغان ماكان كىشىلىرىنى خالىغان رەۋىشتە دىنىي جەھەتتە ياكى سىياسى ۋە باشقا تەرەپلەردىن يۇقىرىلىقتىن تۆۋەنلىككە چۈشۈرۈش بىلەن ماكانىي ھاللاردا بىردەك ئۆلتۈرۈش ياكى سۇسلاشتۇرۇشتەك شەكىلگە كەلتۈرىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ھەر بىر زاماندا ئۆز ماكانىدىكى شۇنىڭدەك ئەسلى ئىش ئىگىلىرىدىن ھالقىپ كېتىشنى مەقسەت قىلغان بارلىق كىشىلەر ، بىلىمدانلار ھەقىقەتەن ئازغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ چوڭچىلىقى مەلۇم بىلىملەرگە ئىگە بولۇپ قېلىش بىلەن ئېتىقاد ۋە ئىماننىڭ ، دىننىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىنلا ، ئەمدىلا تېخى بىر تەرەپلىمىلىك بايقىغان يۇچۇققا ئالدىنىش ئىچىدە ، ئىلگىرى نەچچە ئەۋلات ئىلگىرىلا شۇ يۇچۇقنى تۇلۇقى بۇيىچە بايقىغان ۋە شۇ خىل ماھىيەتكە قانداق يېتىشنى تەھلىل - تەتقىق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يولىنى ئىزدەپ پەللىمۇ - پەللە كۆتۈرىلىۋاتقان كىشىلەر ئۈستىدىن بىراقلا غەلبە قىلىشنى ، ئۇلارنى بىردەك ھاماقەت ، دىننى ئۆزگەرتىۋەتكەن ، ھەقىقەتتىن ئاداشقانلار قاتارىدىن ساناپ ئۇلاردىكى بەزى غار ئالدىدا پۇتىنى سۇزۇپ ياتقۇچى << ئىت >> لارنىڭ پاساتىدىنلا يۈز ئۆرۈپ قېچىپ ئاللاھ ئەسلى ئالاھىدە رەھمەتلىك ۋە پەزلىك ئىمتىيازدا ئىرادە قىلغان << كەھف >> ىگە ، ئۇلاردىكى قارىماققا ئويغاق ، ئەمما ھەقىقەتتە دىنى ۋە قەلبى پاك بولغان ئەمما ئىنسانىي ماھىيەتلەردە ئۇيقۇلۇقتىكى ھالەتلەردە يۈرىۋاتقان كىشىلەرگە ؛ ئەسلى ئۆزلىرى شۇ غارغا تەئەللۇق كىشىلەر بولۇپ ، ئۇلار غاردىن ئۇيقۇلۇقتىن چاپسانلا جۆيلۈپ چىقىپ كېتىش ۋە ئۇلارغا قارشى ئىسيانكار قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە تولىمۇ زۇلۇم قىلىشنى چاپسانلا ئىختىيار قىلىشىدۇ .
كۆپىنچە كىشىلەر ئىسلام دىنىنى بىر قارىماققىلا باشقا دىنلاردىكى ئايرىمىچىلاردەكلا شەكىلگە ئورانسىلا ، ساننى كۆپەيتسىلا بولىدىغاندەك ، ھەدىستە ئېيتىلغاندەك رۇسۇللاھنىڭ ۋە ئىلگىركى ساھابىلارنىڭ قىلغىنىنى قىلسىلا نىجاتلىققا ، ھەممىگە يەتكەندەكلا ھىس قىلىشىدۇ . بۇ پەقەت مۇسۇلمان مۇنداق قىلىدۇ ، يەھۇدى - ناسارا مۇنداق ، راھىبلار مۇنداق قىلىدۇ ... دەپ ئايىرىغاندەكلا تۇنۇشتا بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئېتىقادى - تۇنۇشى ئەنە شۇ خىل كۆز قاراشتا بولغانلىقتىن ، چاپسانلا دىننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ ئەسلى ماھىيىتىسىزلا دىنىي تونغا يەتمەككە ، كىيمەككە ئالدىرايدۇ .
شۇنداق ، ئىسلام دىنىي شەرىئىتىنىڭ ئاساسىي ئەقىدە - ئېتىقادى ، يۈرۈش - تۇرۇشلىرى ئىلگىرى مىڭ تۆت يۈز يىل ئىلگىرىلا پۈتكەنلىكى شۇ زاماننىڭ ئىگىلىرى ئەمەلى ھەركەتلىرى بىلە تىرىشىشى ئارقىلىق شۇلارنى دەلىل قىلىش بىلەن جاكارلانغان . ئەمما ئۇلارنىڭ دەلىلى بىلەن ئۇلار ياراتقان نەتىجە ھەممىگە نىسبەتلىك بولغان ئەمەس . بىزنىڭ كىتابلاردا ئوقۇۋاتقىنىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ ، يەنى بىز ھەقىقىي ئىماندار دەپ تۇنىغان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئەمەلى ، شەكلىنى ئوقۇشىمىزدۇر . ئەمما ھەر قانداق ياخشىلىق - يامانلىقلارنىڭ تىگىشلىك بولغان ئەسلى ماھىيىتى ، ئۇنىڭ ئىچكى ھالىتى بولغىنىدەك ، ئۇلاردا ھەم تىگىشلىك بولغان ئىچكى قۇۋۋەت ، ئەسلى ماھىيەت باردۇر . بىز ئۇلارنىڭ بۇنىڭسىزلا پەقەت شەكلىنى تاپقان ، كۆرگەن ياكى بايقىغان ھاللاردىلا ئىلگىركى ئاتا - بوۋام شۇنداق قىلىپتىكەن ، دەپ ئۇلارنىڭ دىنى ھەركىتىنى سۇيئىستىمال قىلىۋېلىش بىلەن ئارام تاپساق ، بىز پەقەت چاپاندارلاردىن بولۇپ ، بىزدە ئەسلى بولۇشقا تىگىشلىك بولغان چىنلىق ، روھىي قۇۋۋەت ، ئېتىقادى تۇنۇش ، ئىمانىي ئىشىنىش .... لاردىن مەھرۇم ھاللاردا دىنسىزلىقتا ، دىندا مەلۇم كۈچىمىز بولغان تەقدىردىمۇ ئىنتايىن سۇس ۋە پۈچەك ھاللاردا باشقا دىنلاردىكىدەك بىز توغرا دەپ تۇنىغان ، داۋام قىلىپ بۈگۈنگە يەتكەن دىننىڭ ئەسلىسى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ھەۋارىيۇنلارغا ئوخشاش بولىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ سۆز - ھەركەتلىرىنى بىزمۇ چىڭ تۇتۇپ قوغداپ ئۆزىمىزنى ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنى شۇ ئاساستا تەربىيلەپ چىقىشىمىز ، كۆپ دىنلار ئارا ئۆز دىنىمىزنى قوغدىشىمىز ، باشقىلارغا ئوخشىۋالماسلىقىمىز كېرەك ... دېگەنكى ئېتىقادتا بولىۋالساق ، ئاللاھنىڭ << ئەگەر سىلەر دىندا راستچىللارمىز دەپ تۇنۇشتا بولساڭلار ، ئەمىسە ئۆز ئورنۇڭلاردىكى زامانىي ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىپ بېقىڭلار !!! >> دېگەنكى مەۋقەسىنى تۇنىمىغان ۋە تۇنۇشتا چىڭ تۇرغان دىنى چۈشەنچىمىزدە ئەسلى ماھىيەتسىز مۇنتىزىم تۇرىۋالساق ، ئۇ ۋاقىتتا بىز نېمىگە ھېساب بولىمىز ؟!
ھازىر بارلىق دىندىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇنىغان ۋە ئىشەنگەن پەيغەمبەرلىرىنىڭ ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئۆز نۆۋىتىدىكى ئېتىقادى ، ئىمانىي ھالىتىنى تۇنىسىلا ۋە ھەقىقىي ماھىيىتىنى تاپسىلا ھەرگىزمۇ دىنلار ئارا بۆلۈنۈش ، دىنلار ئارا ئۇرۇشۇش بولمايتتى . چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇ خىل تۇنۇشىدىكى بارلىق ئىماندارلار ئۆز نۆۋىتىدە ھەقىقىي مۇسۇلمانلاردىن بولۇپ ، دىننى قۇرغۇچى ، ئۆز نۆۋىتىدىكى زاماننىڭ مۆئمىنلىرى بولۇپ ، ئەگەر ئۇلار مەيلى قايسى زامانغا مۇلاقات بولمىسۇن ، مادامىكى شۇ خىل ئېتىقادى ۋە ئىمانىدىلا بولىدىكەن ، ئەسلى ئىش ئىگىلىرىگە چاپسانلا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولغۇسىدۇر . تولىمۇ ئەپسۇسكى ، نۆۋىتىدە ئۆز ۋاقتىدىمۇ شۇنىڭدەك زامانغا خاس شۇلارغا ئوخشاش ئەھلى زامانغا خاس ئىش ئۈستىدىكىلەرگە بەيئەت قىلغان ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇلارنى يوقاتماقنى تىلىگۈچى بىر بۆلۈك ئايرىم دىنىي پىرقىلەر ، دىنىي گوروھتىكىلەر بولغىنىدەك ، ئۇلار ئويلانمامدۇكى ، بۈگۈنكى زاماندا ھەم شۇ خىل رەۋىشتە تالاش - تارتىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى .... كىم - كىملەرنىڭ قايسى رەۋىشتە مىسالى تەرەپباز ئىكەنلىكلىرىنى .....
ئىنتايىن ئەپسۇسكى ، ئۆز ۋاقتىدا مۇنۇ ئايەتنىڭ ماھىيىتى ئاشكارلىنىش بىلەن يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ شۇنىڭدىن كىيىنكى دىنىي ئىمتىيازىنىڭ ھەقىقەتەن پۈچەكلىكى ئايان بولغانلىقى ، ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا بۇ ھاڭۋاقتىلار قايسى ئاتا - بوۋىلىرىغا قايسى رەۋىشتە ئەگىشىشنى بىلەلمەي يەنىلا نەپسىنى ئىلاھ قىلىۋېلىش بىلەن باغلانغان تۈگمەن نوقتىسىدا داۋاملىق ئايلىنىۋەرمەكتە ! { << قۇرئانغا ئىشىنىڭلار ياكى ئىشەنمەڭلار ( مەيلى ، چۈنكى ئىشىنىشىڭلار ئۇنىڭغا كامالەت ، ئىشەنمىسەڭلەر ئۇنىڭغا نوقسان ئېلىپ كىلەلمەيدۇ ) >> دېگىن . ( دىيىلگەن بىر ۋاقىتتا ) شۈبھىسىزكى ، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى كىتاب بىرىلگەنلەر ( يەنى بەزى دەلىلگە ئاساسلانغان ھاللاردا ھەق - ناھەقنى پەرق ئىتەلىگۈدەك رەۋىشتە ئىلمىي ۋە دىنىي چۈشەنچىسى ئىمتىيازغا كەلگەنلەر ) قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ( ئۇنىڭغا چىن پۈكۈپ ) دەرھال سەجدىگە بارىدۇ ( 107 ) بەنى ئىسرائىل } دەپ شۇ ۋاقىتتىكى ئۇلارنىڭ توغرا يولدىكى ئاتا - بوۋىلىرى ھەقىقەت تەرەپكە ئۆتۈپ بولغان تۇرۇقلۇق ، بۇ ھاماقەتلەر شۇلارغا خاس ئىلىمگە ئىگە بولغاندىن كىيىن ئاندىن دىنىي مەۋقەگە كەلمەستىن ، شۇ ۋاقتىدىكى ھەسەت ۋە نادانلىق ، ھاماقەتلىك سەۋەبلىك دىنىي ئايرىمىچىلىق قىلغان مۇتەكەببىرلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىش بىلەن بۈگۈنگە قەدەر زادى قايسى دىندا ۋە قايسى دىننىڭ قايسى پىرقىسى ئارىسىدا بولۇشنى دەلىلى بىلەن ئايرىپ بولالماستىن ، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ شۇنىڭدەك نەپسىنى ئىلاھ قىلىۋېلىشتەك ، ئىنسانىي ئەقلىگە بېرىلىپ كىتىپ ، يەنىلا شۇ نوقتىدا تۈگمەننى چۆگىلەش بىلەن رازى بولۇپ ئىلگىرى نەچچە مىڭ يىل ئىلگىركى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مىراسىنى مەبۇد قىلىۋېلىش بىلەن بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرۇپ كەلدى . شۇنىڭدەك ، ئارىمىزدىمۇ نۇرغۇنلىغان يولدىكىلەر ۋە دىنىي چۈشەنچىسى سۇسلار بولسا نامى ئىسلام بولغان ، ئەمما ماھىيىتى شۇلارغا ( يەھۇدىي - ناسارالارغا ) خاس بولغان ، ئەمما كىيىنكىلەر ئىلگىركىلەردەك دىننى پەقەت سۇيئىستىمال قىلىۋېلىش بىلەن بۈگۈن ھەم بۈگۈنىدىن رازى بولۇشتىن باشقىنى تۇتقا قىلغىنى ياكى باشقىچە پىكىر قىلغىنى يوق .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << كىمكى ماڭا ئىتائەت قىلسا ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ ، كىمكى ماڭا ئاسىيلىق قىلسا ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ . كىمكى مەن تەيىنلىگەن ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلسا ، ماڭا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ . كىمكى مەن تەيىنلىگەن ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئاسىيلىق قىلغان بولسا ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ >> دەپ . بۈگۈنكى نامى ئىسلام بولغان بارلىق پىرقىلەر بۇ بىزگە ئېيتىلغان سۆز دەمدۇ ؟ ئۇلار خاتالاشتى ، بۇ بۈگۈنكى ھېچ كىشىلەرگە ئېيتىلغىنى يوق . چۈنكى بۇ ئۆز زامانىغا خاس بولغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملار بىردەك ئۆزىگە مۇلاقات قىلىنغان كىشىلەرگە ئېيتقان خىتابتۇر . بۇنىڭدەك خىتاب يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ تىلىدا ۋە قولىدىكى كىتابلىرىدا بار بولغانلىقتىن ھېچ ئۇيالماي بۈگۈن ھەم ئۆزلىرىنى توغرا دىندا دەپ تۇنۇيدۇ . شۇنىڭدەك ، بۈگۈن ھەدىستە ئۇنى - بۇنى ئوقۇۋېلىپلا ھەممىنى ئۆزلىرىگە نىسبەت بېرىپ ، ئۆزلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىكى ساھابىلارغا ئوخشاش خىيالەن تەسەۋۋۇرىدا شۇ خىل مەۋقەگە سالغۇچىلار خۇددى بەڭگىنىڭ خيالىنى قىلغىنىدەك ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى بەزلەپ نەشە كەيىپىدە خىرىلداپ كۈلۈشتە ، << ھېلى قوپسام ما گۇينى ... >> دېگەنكى نوچىلىقىدا ئەزۋەيلەپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتى ۋە شۇنىڭدىن ئىنتايىن رازى بولۇشتى .
ئاللاھ شۇنداق ئېيتقان : { كىمكى قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ، ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنى ئېغىر يۈك يۈكلىنىدۇ ( 100 ) قىيامەت كۈنى ئۇلارغا يۈكلەنگەن بۇ يۈك نېمىدىگەن يامان ( 101 ) تاھا } ئاللاھ ئېيتقاندەك ، بىزلەر ھەم ئانداقتا سىلەر ھەقىقىي توغرا يولدا بولساڭلار ، جىمى ماكان ۋە زامانلاردىكى  ئىختىلاپلارغا قارىتا بارلىق توغرىلىقنى سۆزلەيدىغان قۇرئاندىن بۈگۈن سىلەرنىڭ توغرىلىقىڭلارنى ئىسپاتلايدىغان ئورۇننى تېپىپ بېقىڭلار ! دېيىلسە ، ھېچ ئىككىلەنمەستىن زامانغا كاپىر تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ، باشقا زامان ۋە ماكاننى ئېتىراپ قىلمايدىغان ، پەقەت ۋە پەقەت مەدىنىدە نازىل بولغان بىر قىسىم ئايەتلەرنى تۇتقا قىلىۋالغان ھاللاردا << مانا بىزنىڭ ئورنىمىز >> دىيىشتىن يانمايدۇ ۋە يانمايۋاتىدۇ . ئاللاھتائالا كىبىرلىك ۋە نادان ، ئىچ - ئىچىدىن ھەسەتكە تولغان كىشىلەرنى بىر نۆۋىتىدىلا ئەۋلىيالىق ماقامىغا يەتكۈزمەكنى ئىختىيار قىلغان ، ئەمما ھېچ ئۇلاردىن بىرەرى ئىمانىي جەھەتتە ھېچ يۈكسىلىشتە بولماي ئاللاھنىڭ زامانىنى تىللىغان ۋە زامانىنى ۋاقتى سائىتى كەلمەي تۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى تىلەشكەن ۋە باشقىلارنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سېلىش بىلەن زالىملىقى ھەددىدىن ئاشقان شەپقەتسىز ھاماقەتلەرگە ، ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن باشقا بىر يولنى ئىزدىگۈچى ۋە باشقا بىر يولنى تەۋسىيە قىلغۇچى خۇدالىق ئورنىغا ئۆتىۋالغان ئىمانسىز كاتىۋاشلارغا ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئەگىشىپ كەتمەسلىكىنى نوقۇغان ھالدا ئېيتقان مۇنۇ ئايىتىگە كىملەر پىكىر قىلىدۇ ؟  { ئەگەر بىز بۇ قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق ، چوقۇم سەن ئۇنىڭ ئاللاھدىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى ، ( ئۇنىڭ ئامانىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن چىدقماي ) يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار ( ئاللاھنىڭ كالاملىرىغا ، شەيئىلىرىگە ، بوش كۈچ قۇۋۋەت بىلەن بۇ ئامانەتنى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز ( 21 ) ھەشر ) }
ناماز ئوقۇۋالغان ، زاكات بىرىۋالغان ، رۇزا تۇتىۋالغان ۋە دىنىي شەكىلگە ئورىنىۋالغان ھاللاردا ئۆزلىرىنى ئاجايىپ تەقۋادار ھېسابلاپ كىملا بولسا نەپسىنى ئىختىيار قىلىپ ، نەپسىگە چۈشمىسە كاپىر دەپ يۈرۈيدىغان بىر بۆلۈك ئەھلى كاپىرلاردىن ئىبارەت ( خۇددى يەھۇدىيلار ئارىسىدا بىر كۆزلۈك بايراقنى كۆتىرىۋالغان << پاپا >> لاردەك ، ئىسلامىي << پاپا >> )  پىرقىلەر بىزدىمۇ مەۋجۇتتۇر . ئۇلارنىڭ خاھىشىچە ئاللاھقا باشقا ئىلاھلارنى شېرىك كەلتۈرۈشمۇ توغرا ! ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلىشمۇ ھەم توغرا ! ئاللاھنىڭ زاتىغا قارشى باشقىچە سۈپەتلەرنى بېرىپ ئىلاھلارنى ، خۇدالارنى نىسبەت بېرىشمۇ يەنىلا توغرا ھېسابلىنىپ ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە شەكىل بىرىنچى ئاساس ، ئېتىقاد كىيىنكى ئاساسلاردا بولۇپ ، كىملەر بۇ خىل رەۋىشتە دىنغا كىرمىسە ، ئۆزلىرى شۇ ھالىتىدە كىملەرنى ھالاك قىلماقنى تىلىگىنىگە ئىمان ئېيتمىسا ۋە ياكى قوللىمىسا بىردەك كاپىر ھېسابلىنىپ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى دوزاخقا چۈشۈشتەك ئاقىۋەتكە قالغۇسىدۇر . بۇلار تاغۇتقا خۇددى ئېشەككە مىنگەندەك مىنىۋېلىپ ئولتۇرىۋېلىپ ، زاماننىڭ ئەسلى ئىگىلىرىگە قارشى ئىسيان قىلغان تۇرۇقلۇقمۇ ، ئۆزلىرىگە پەقەت ئىلاھ ۋە مەبۇد ، پەرۋەردىگارلىق ۋە دىنىي چۈشەنچىسى  بولمىغان ھاللاردا تەڭ شۇئار توۋلاپ ئۆزلىرىنى مەبۇد ، ئۆزلىرىنى ئىلاھ دەپ تۇنىسىمۇ ۋە بۇ كاتىۋاشلار ئۆزلىرىنى شۇنىڭدەك ئاتىۋېلىشقان تۇرۇقلۇق يەنىلا خۇدىنى بىلىشمەي ئىمان دەۋاسى قىلىشماقتا ، ۋە ئەقىل ئىگىلىرى بۇلاردىن قاتتىق ئىبرەت ئالماقتا ! بۇلارغا خاتا رەۋىشتە كىرىپ قالغانلاردىن باشقا ھېچ كىشىنى بۇ ھالەتتىن تۇسۇپ قالغىلى بولمايدۇ ۋە ھەقنى چۈشەندۈرگىلى ، شۇ تاپتا جاھىللىقىدىكى ئېتىدىن چۈشۈرۈپ ھەقنى چۈشەندۈرگىلى ، چۈشەنسىمۇ بېشىنى ئەگكىلى بولمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ خالىمىسا كىم خالايدۇ ؟ شۇ كىشى ھەم ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى توغرا رەۋىشتە خالىمىسا ئاللاھمۇ ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىنى قانداقمۇ خالىسۇن ؟ چۈنكى ئۇ پىرئەۋنلىكنى ، ئىبلىسلىقنى ئۆزىگە نىسبەت قىلىۋالغان ۋە شۇنى تىلىۋالغان تۇرسا ؟!!! ھەممە ھەر قېتىم يادىدىن چىقارمىسۇنكى ، ھەتتا بۇتخانىدىكى راھىبلارنىڭ ھەم ئۆزلىرىنى توغرا دىندا دەپ تۇنۇپ مۇسۇلمانلارنى ھەم كەمسىتىدىغانلىقىنى ....

................................................................................

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << ئۈممەتلىرىم ئىچىدە شۇنداق بىر قەۋم باركى ، ئۇلار باشتىن - ئاخىر ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىدۇ ، بىدئەتچىلەر ۋە دىنسىزلار ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ تاكى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارمۇ يولدىن تەۋرەنمەيدۇ >>
مانا بۇلار قۇرئانغا ئاساسلانغان ۋە ماكانىدىكى زامانلارغا ئەگەشكەنلەر بولۇپ ، ئەنە شۇلار ئىمانى سەۋىۋىدىن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى كۈتكۈچىلەردۇر ۋە قۇرئانغا ئاساسلانغان ھاللاردا ئاللاھنىڭ ئەمرى بۇيىچە ئىش تۇتقۇچىلاردۇر .
رۇسۇللاھ مۇنداق دېگەن : << كىمكى شەرىئەتتە يوق بىر ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن ، شۇ ئىش قۇبۇل قىلىنمايدۇ >>
بىدئەت ، ئۇ دىندا بولمىغان ۋە شەرىئەتكە مۇخالىپ بولغان ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا قارشىلىق قىلىپ قويىدىغان ، ئىسلامدا ھېچقانداق قارارى بولمىغان ئىش ھەركەتلەر ، ئەقىدە - ئېتىقادلاردۇر . ئەگەر بۇ خىل تەرەپلەر گەرچە باشقا يوللار ئارقىلىق ، باشقا يولدىكى ئالىملار ، ئىلىمدارلار ئارقىلىق بەزىدە سىڭىشىپ كىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇ يەنىلا خۇددى پۇل تەكشۈرۈش ئاپىراتى ساختا پۇلنى چارتتىدە چىقىرىپ تاشلىۋەتكەن ۋە يىرتىپ پارچە - پارچە قىلىۋەتكەندەك ... ئېتىراپ قىلىنمايدۇ . ئەمما دىنىمىز ئىسلام ، تۇتقا قىلغان مەزھىپىمىز سۈنئى مەزھىپى بولغانلىقتىن ، دىنسىزلارنى ۋە دىندا داۋان ئاشالمىغانلارنى توغرا رەۋىشتە يىتەكلەپ دىندار ۋە دىندا راستچىللاردىن قىلماق ئۈچۈن كۆپلىگەن كىشىلەرگە بەزى تاكتىكىلارنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولماق لازىم بولۇپ قالىدۇ . يەنى ، كىتاب ۋە ھېكمەت بېرىلگەن كىشىلەردە ئۆزىگە يىتەكلىنىشتە ھامىيلىق قىلىنغان كىشىلەرگە قارىتا بەزى پەرز بولمىغان ئىشلارنى ۋاقتىنچە پەرز قىلىپ تۇرۇشتەك ، ۋاجىپ بولمىغان ئىشلارنى ھەم ۋاجىپ قىلىپ تۇرۇشتەك . سۈننەت بولمىغان ئىشلارنى ھەم سۈننەتكە لايىق بولغۇچە سۈننەت قىلىپ تۇرۇشتەك ئىمتىيازى بولىدۇ . چۈنكى ئۆزلىرى يەتكەن دىنىي ۋە ئىسلامىي پەللىگە ئاللاھ دىندىن چىقىپ كەتمەسلىكى ۋە ئەڭ تۆۋەن چەك قىلىپ بېكىتكەن ھاللاردا بەندىلىرىگە پەقەت رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىنلا ئىسلامدا بەش پەرز قىلىپ ئىمان ئېيتىشقا ۋە تاقىتىنىڭ يېتىشىچە ئۇرۇنداش ئۈچۈن مەلۇم چەكلىك قورغاننى مەجبۇرى قۇبۇل قىلىشقا ۋە چوقۇم دائىم ئورۇندىشىغا ، شۇ ئەمەللىرى ئارقىلىق نىجاتلىققا يەتمەكنى ئىرادە قىلمىقىغا قورغانى قارارىنى ئالغان . قالغىنىنى بولسا بەندىلىرىنىڭ خاھىشىغا قويۇشتەك ، بەندە بىلەن بەزى ئالاقىدە ئارلىقلارنى قويۇشتەك بوشلۇقلارنى قالدۇرغان . بەندە << ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق >> دېگەن كەلىمىنى تىلىدا ئېيتقىنى ۋە تەستىق قىلغىنى بىلەن ، ئەمما مۇئەييەن ۋاقىتلىق ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىگە ئىمانىي ئىشىنىشتە يىتەلمەيدۇ . شۇ ۋەجىدىن بەندە چوقۇمكى شۇ خىل ماھىيەتكە يېتىش ( ئاللاھنىڭ ئىلاھلىقىغا ئىمان ئېيتىشتا << چىمپىيۇن >> بولۇش ) ئۈچۈن چوقۇمكى بەزى ئېغىر سىناقلارغا ، بەزى ئېغىر دىشۋارچىلىقلارغا ۋە تىگىشلىك تەقۋادارلىق ۋە تەۋەككۇللۇق بولغان ئەمەللەرگە مۇلاقات قىلىنىشى ۋە ھەر بىرلىرىدىن لاياقەتلىك ھاللاردا باشقا ئىلاھقا تىۋىنمەستىن ئۆتۈشى شەرتتۇر . شۇنىڭدەك ، بەندە بىر كەلىمىگە ئىمان ئېيتتىم دەپ قويۇش بىلەنلا سىنالماي تەرك ئېتىلىدىغان گەپ يوق . بىرەر كەلىمىنى ئاڭلاپ ۋە ئىقرار قىلىپ تەستىقلاپ قويغىنى ئۇنىڭ ئىشەنگىنى بولمايدۇ . تاكى شۇ خىل ئىشىنىشىدە ھەر ۋاقىت مەزمۇت تۇرۇپ ئۇنىڭغا كۇفرىلىق قىلماستىن ئۇنىڭ ماھىيىتى ئېتىقادىغا سىڭىپ پۈتۈن ۋۇجۇدىدا جەۋھەرلىنىپ ئىمان ھاسىل بولغۇچە چوقۇمكى ئۇ ئىزچىل تەقۋالىقتا بولىشى شەرتتۇر . ئۇنداق بولماي ھەقىقەت ئۈستىدە پەقەت تەستىقلاپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا ، ئۇ پەقەت گۆش كىتاب بولۇشتىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ .  شەرىئەت ماھىيىتىدە دىندا ئەمەل قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەردە ئانداق - مانداق دەپ سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق . ئەمما دەپ سالىدىكەن چوقۇم نۆۋىتىدە ئەمەل قىلىشى شەرتتۇر . ئۇنداق بولمايدىكەن ، ئۇ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دىندا ئۆزلىرى بىلەن ئالاقىسى بولمىغان مەسىلىلەردە تولا سۇئال سوراش يوق . سۇئال دىگەننى كىشى چوقۇم دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا سورىشى كېرەكتۇر . خىيالەن - ئانداق بولۇپ قالسا مۇنداق بولامدۇ ؟ دەپ موللىلارنى گۇمانى قىياس قىلىشقا قىستاپ قويغۇچى قوش گۇناھكار بولۇپ قالىدۇ . شۇ ۋەجىدىن رۇسۇللاھ بىرىنچى ئورۇندىكى ھەدىستە قالايمىقان سۇئال سوراشنى ھارام دەپ جاكارلىغان . ئەنە شۇ قالايمىقان سۇئال سوراش ۋە شۇ سۇئاللاردە جاڭجاللىشىش دەججالنىڭ ، ئىبلىسكە ئەگەشكۈچى شەيتانلارنىڭ سۈپىتى بولۇپ ، ئەنە شۇلار مەيلى قەيەرگە بارمىسۇن ئەنە شۇنىڭدەك سۇئالى بىلەن پىتنە تېرىيدۇ . ئاللاھ ھەر نەرسىنى ئۆلچەملىك قىلىپ چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن دىندا بىلگىنىنى سۆزلەش ۋە يەتكۈزۈش ، ئەمما بىلمىگىنىگە تاكى ئۇنىڭ ماھىيىتى ، ئەسلى جاۋابى ئاشكارلانغۇچە  سۈكۈت قىلىش باردۇر . ئەمما ئۈچىنچىسى يوقتۇر !!! شۇنىڭ ئۈچۈن موللىلارنى قوغدىشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماسلىقىمىز ، بەدەۋىلەردىن يىراق قىلىشىمىز كېرەكتۇر . رۇسۇللاھنىڭ ۋاقتىدا بەزى بەدەۋىلەر ھەددىدىن بەك ئېشىپ كەتسە بەزى ساھابىلار ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلىشاتتى . ھەتتا بەزىدە رۇسۇللاھ كىملەرنىڭ ئۇنى ئېلىپ چىقىپ ئۆلتۈرىۋېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ قارشى تەرەپكە ئۆرۈلۈپ يۈزىنى ئۆرىۋالاتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق موللىلارنىڭ ، ئالىملارنىڭ خوتۇنلىرى ۋە بالا - چاقىلىرى ئۆزلىرىنى داۋاملىق تەكشۈرسۇن . ئۆز ۋاقتىدا بىر ساھابە ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوغلى سىجىستانغا قازى بولغان مەزگىلدە ئۇنىڭغا خەت يېزىپ : سەن ئىككى دەۋاگەر ئارىسىدا ھۆكۈم چىقارغاندا ئاچچىقلانما . مەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ : << قازى ئاچچىقلىنىپ تۇرغاندا ، دەۋالاشقان ئىككى كىشىگە ھۆكۈم چىقارماسلىقى كېرەك >> دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم ، دېگەن . بەزى كىشىلەرنىڭ << ئەگەر مەن مەھدى ئەلەيھىسسالامغا ئۇچىراپ قالسام ، مۇشۇ چېنىققان بەدىنىم بىلەن ئۇنىڭ قوغدىغۇچىسى بولسام دەيمەن ...... >> دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلاپمۇ قالدىم . ئەگەر شۇلاردەك قىممەتكە ئىگە كىشىلەر جەمىيەتتە ھەقىقىي توغرا يول ئۈستىدىكى موللىلاردىن بىرەرىگە ئاۋال ئۇلار تەرەپكە يۆتكۈلۈشتە ھىجرەت قىلىپ ، ئاندىن ئۇلارغا بەيئەت قىلىپ ئۇلارنى تاقىتىنىڭ يېتىشىچە قوغداشنى قەلبىلىرىگە پۈكەلمەمدۇ ؟ ھەر خىل رەۋىشتە ئۇلارغا يېتىۋاتقان پىتنە - پاساتلاردىن ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىدىغان شەيئىلەرگە قارشى ئىسيان قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ پىكرىنى ۋە دىندا ، ئىسلامدا ئۈزلۈكسىز سىلجىشىنى قوغداشتا بولالمامدۇ ؟؟؟؟

......................................................................................


مۆئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ : ھەر قېتىم مۆئمىن ئاياللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەندە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۆۋەندىكى ۋەھىي ئارقىلىق ئۇلارنى سىنايتتى . يەنى { ئى مۆئمىنلەر ! سىلەرگە مۆئمىن ئاياللار ھىجرەت قىلىپ كەلسە ، ئۇلارنى سىناپ كۆرۈڭلار ، ئۇلارنىڭ ئىمانىنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ ، ئەگەر ئۇلارنى ( سىناقتىن ئۆتكەنكى ھەقىقىي ) مۆئمىنە دەپ تۇنىساڭلار ، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار ، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس ، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس ....... ( 10 ) مۇمتەھىنە }
بۇ پەقەت ئەر - ئاياللارغىلا نىسبەتلىك بولماستىن بەلكى ئەگەشكۈچى ۋە ئەگەشتۈرگۈچى ھامىيدارلىقلار ۋە كېپىلدارلىقلارغا ھەم ئوخشاش رەۋىشتە ئورتاقلىقتىدۇر . بەزى ئىلىم ئەھلى كىشىلەر بەزى كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن قانداقلىقىنى تۇنىيالىغان بىلەن ، ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىچكى خارەكتېرىنى چۈشىنىپ بولالمايدۇ . رۇسۇللاھ مۇنۇ ھەدىسلەر ئارقىلىق ئۆزىگە كەلگەن كىشىلەرنى قۇبۇل قىلىش - قىلماسلىقنى كۆرسەتكەن .
ئەرەب بەدەۋىلىرىدىن بىر كىشى كېلىپ ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھىجرەت قىلىش توغرىسىدا سورىدى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << ھەي ، ھىجرەت قىلىش ئىنتايىن جاپالىق ، سېنىڭ سەدىقە قىلغۇدەك تۆگەڭ بارمۇ ؟ >> دەپ سورىدى . ھېلىقى بەدەۋى : بار ، دېدى . شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : << ئۇنداقتا سەن ئۆزۈڭ تۇرىۋاتقان يېزىدا ياكى شەھەردە خىزمەت قىلغىن ! ئاللاھ سېنىڭ نېسىۋەڭنى ئازراقمۇ كېمەيتىۋەتمەيدۇ >> دېدى . رۇسۇللاھنىڭ غەرىزى بۇ بەدەۋىنىڭ تۆگىسىنى ئېلىۋېلىش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ دىنىنىڭ ياكى بەدىنىنىڭ ۋە ياكى غورۇرى - ئېتىقادىنىڭ ۋە ياكى بولمىسا ئەقلىنىڭ ، پىكىر قىلىشتىكى ئاجىزلىقىنىڭ ، بىرەر ئامانەتكە قويۇلسا ئۇنىڭغا ئالدىنىشتەك ھاماقەتلىكىدىن... ئەيتاۋۇر ، ئۇنىڭغا شۇ سەدىقە قىلغان تۆگىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھىجرەت قىلغاندىكى ئىپادىسىنى ئاشكارا جاكارلاش ، ئەمما ھىجرەتكە تاقىتى يەتمىگەنلىكتىن ئۇنىڭ باشقىچە تاقىتى يېتىدىغان ئىشنى قىلىشىنى ، مىسالى لىياڭشەن تېغىدىكى پالۋانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار كۆتۈرگەن ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈپ بولالماي كاپىر ياكى مۇناپىق ھاللاردا ئۆتۈپ كەتمەستىن ، پۇقرالارغا تىگىشلىك بولغان نېسىۋىسىدىن بەھىر ئېلىشنى ئىرادە قىلغاندۇر .
ھەم يەنە مۇنۇ ھەدىستە : بىر ئەنسار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورىدى : ئى رۇسۇللاھ ! زاكات ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا مەلۇم بىرسىنى تەيىنلەپسەن ، نېمىشقا مېنى لايىق كۆرمىدىڭ ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى : << مەندىن كىيىن سىلەر شەخسىيەتچىلىك ، ھوقوقپەرەسلىك ئەھۋاللىرىغا دۇچار بولىسىلەر ، ھەۋزى كەۋسەر كۆلى بويىدا سىلەر بىلەن ئۇچراشقىنىمغا قەدەر سەۋرى قىلىڭلار >>
ھەم يەنە رۇسۇللاھ مۇنداق دېگەن : << ئاللاھ بىر بەندىسىگە مەلۇم بىر جاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى بەرسە ، ئەمما ئۇ ياخشى باشقۇرمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ جەننەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالمايدۇ >>
يەنە رۇسۇللاھ مۇنداق دېگەن : << ئى ئىبنى سەمۇرە ! سەن ئەمەلدار بولۇشنى تەلەپ قىلمىغىن ! كىمكى ئەمەلدارلىققا تەلەپ قىلىپ ئېرىشىدىكەن ئۇ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ ، ئەگەر ئۇنىڭغا تەلەپ قىلماي ئېرىشسە ، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەمدە بولىدۇ >>
شۇنىڭدەك ، ھەممىلا ئادەمنىڭ بارلىق ئەمەللەرگە تىگىشلىك بولغان قىممىتى بولمايدۇ . ئەمما نادان ، ھاماقەتلەر ھامان ئۆزلىرىنىڭ يېنىغا خوشامەتچى ، ۋە باشقا ناچار كىشىلەرنى يىغىۋالىدۇ . شۇنىڭدەك ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە بېرىلمىگەن بىر ۋاقىتتا ، شۇ ھوقوقدارنىڭ ئاز ۋاقىت ئىچىدە ھالاك بولۇشتەك قىيامەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۈتۈشنى ئېيتقان . بۇنىڭدەك زاماندا شۇنداق كىشىلەر باركى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << سىلەر ئادەملەرنىڭ يىلتىزىنىڭ ( يەنى ئىچكى خارەكتېرىنىڭ ، ئەسلى تېپىلىشىنىڭ ) ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقايسىلەر . جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئېسىل كىشىلەر ئىسلام دىنىنى پىششىق بىلسە ، ئىسلام دەۋرىدىمۇ ياخشى بولىدۇ . سىلەر ئەڭ ئېسىل كىشىلەرنىڭ ئەمەلدارلىققا ئۆچ ئىكەنلىكىنى بايقايسىلەر . كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ يامىنى ئىككى يۈزلىمىچىدۇر . ئۇلار بىر قىسىم كىشىلەرگە بىر خىل يۈزى بىلەن ، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرگە يەنە بىر خىل يۈزى بىلەن قارايدۇ >>
شۇنىڭدەك ، تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئىسلامنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ . يەنى ئۇنىڭ توغرا يولدىن ئىبارەت ھالال يېمەكلىكتىن ۋە ياخشى ئەمەل قىلىشتەك ئىمتىيازى بولىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ يامانلىق تەرەپلىك تېپىلىشى ، كىيىنكى ھەققە قارشى ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئۇلارنى زىل ئىشلاردىن توسۇش قىلىنىدۇ . ئامانىتى ئېغىر ۋەزىپىلەردىن توسۇلىدۇ . ھەربىيلىك قۇشۇندا ئەسكەر ، گېنىرال ۋە باشقا تىگىشلىك ئورۇننىڭ ئەسلى ھوقوقدارلىرى ، شەكلى قىممىتىدىكىلەر بولغىنىدەك ، كىشىلەر ئارىسىدا تىگىشلىك بولغان شەكلى قىممەتلەر بولىدۇ .  ئەگەر كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى ھەر تەرەپلىك ئاجىزلىق ۋە ناچارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە شۇنىڭدەك ئېغىر ۋەزىپىلىك ئامانىتى كۈچلۈك بولغان ئىشلارغا قويۇش شۇ كىشىنىلا ئەمەس بەلكى باشقىلارنى ھەتتا ئۆزىنىمۇ ھالاك قىلغانلىق بولىدۇ . شۇ سەۋەبتىن بىرەر ماكانغا ، شەھەرگە ، ئىقلىم ( ئوبلاست دەرىجىلىك ئورۇن ) دىكى ھەر بىر ئاقىل خەلىپە ياكى ئالىم ۋە ياكى دەموللا ئۆزىدىن كىيىن توغرا قىممەتنى تۇتۇپ تۇرغۇچى ئەھلى ئىش ئىگىسىنى تەيىنلىمەي تۇرۇپ ياكى ۋەسىيەت قىلماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ . ئەمما بۇنىڭدەك ئەھۋالدا بەزى ئاللاھ قۇرئانىدا << ھارامدىن بولغان ئادەمگە ئىتائەت قىلمىغىن >> دېگەنكى خىتابى بىلەن ، بەزى شۇنىڭدەك ھەققە قارشىلىق قىلغۇچى ، ئىش ئىگىسىنى ئۆلتۈرۈپ ئورنىغا چىقماقنى تىلىگۈچى ۋە ئاقىۋەتتە مەقسىتىگە يەتكۈچى رەزگىلەرگە باش بولىۋالغان بىر ۋاقىتتا ئۇلارغا ئىتائەت قىلماسلىقنى ، ھەتتا ئۇنداقلارغا يېقىن يولىماسلىقنى ئېيتىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك بىر ۋاقىتلاردا مۇسۇلمان ئاممىسى تۈرلۈك پىرقىلەرگە توغرا رەۋىشتە ئايرىلىدۇ . ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە شۇنىڭدەك زالىملار ئۈستىدىن ھەق ئىلىمنى دەلىلى قىلمىشلىرى بىلەن بىرسىمىز ئاتمىساق يەنە بىرسىمىز ئاتىمىز . چۈنكى ئۇنداقلار مەيدانغا چىقسا ، ھەتتا چىقىپمۇ بولدى ، ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنى زالىم پادىشاھلارغا ، يالماپ يۈتكۈچى << ئەجدىھا >> لارغا تاشلاپ بېرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن ئىلگىركى دىنىي كېمەڭلەرنى مەجبۇرى ھاللاردا تېشىۋەتمىسەك ، كۆپىنچىڭلەر دىنىي كېمەڭلەر ئۈستىدە ئويلىنىش قىلمايسىلەر . ئالدىنقى زاماندىكى كېمە كىيىنكى زامانغا خاسلانمىسا ھەممە بىردەك ھالاك بولۇپ كېتىدىغان گەپ . شۇڭلاشقا بەزى ئىلىملەرنى يەتكۈزۈشتىكى تاكتىكىلار خۇددى ئۆز ۋاقتىدىكى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش سەل ئاچچىقىڭلارنى كەلتۈرۈپ قويىۋاتقان بولسىمۇ ، سۈكۈت ئىچىدە ئويلانمىساڭلار بولمايدۇ . بۈگۈن ئويلانمىساڭلار كىيىنچە ئويلىنىپ قالارسىلەر . بۈگۈن قەدرىمىز يەتمىسە كىيىنچە ئۈتۈلۈپمۇ قالار ...

.........................................................................................

جۇنادە ئىبنى ئۈمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : بىز ئۇبادە ئىبنى سامىتنىڭ يېنىغا كىردۇق ، ئۇ كېسەل ئىدى ، بىز ئۇنىڭغا : ئاللاھ ساڭا شىپالىق بەرسۇن ، بىزگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئاڭلىغان بىرەر ھەدىسنى سۆزلەپ بەرسەڭ ، ئاللاھ ساڭا ساۋاب بەرگەي ، دېدۇق . ئۇ مۇنداق دېدى : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى چاقىردى ، بىز ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدۇق . شۇنداق شەرت ئاستىدا بەيئەت قىلدۇقكى ، ( بەيئەت قىلىش بولسا ، بەيئەت قىلىنغۇچى مەيلى قايسى بىر ئەمەللەرگە بۇيدىغان بولسا جان دىل بىلەن ئورۇنداشتەك ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەگىشىش دېگەنلىكتۇر ) ( بۇرۇلغان ) ئىشقا قىزغىنلىق بولغان ھالدىمۇ ، قىزغىنلىق بولمىغان ھالدىمۇ ، قىيىن ھالدىمۇ ، قۇلايلىق ھالدىمۇ ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان ، ئەمىرلەر شەخسىي مەنپەتلىرىنى ئەلا بىلگەندىمۇ ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدىغان ، ئىش بېشىدىكىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن ئېنىق دەلىلى بولغان ئاشكارا كۇپرىلىقنى سادىر قىلمىغۇچە ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدىغان بولدۇق .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << گۇناھ ئىشلارغا بۇيرىمىغانلا بولسا ، سىلەر خالاش - خالىماسلىقىڭلاردىن قەتئىنەزەر مۇسۇلمان باشلىقنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشىڭلار لازىم ، ئەگەر ئۇلار گۇناھ ئىشلارغا بۇيرۇيدىغان بولسا ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ۋە ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ >>
بايا ئېيتىلغاندەك ، ئاللاھ پەرز قىلىپ بېكىتكەن پەرزلەرگە ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يەتمەك ئۈچۈن بەزى ئەمەللەرنى پەزر بىلىشىمىزگە ، ئاللاھ ۋاجىپ قىلغان ئەمەللەرگە ئەسلى ماھىيىتى بىلەن يەتمەك ئۈچۈن بەزى ئەمەللەرنى ۋاجىپ بىلىشىمىزگە ، ئاللاھ سۈننەت دەپ بېكىتكەن ئەمەللەرگە ھەقىقىي ماھىيىتى بىلەن يەتمەك ئۈچۈن بەزى ئەمەللەرنى سۈننەت دەپ بىلىشىمىزگە قىستىلىمىز . چۈنكى ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىدىن جىمى ئەقىل ئىگىلىرى تىتىرمەي قالمايدۇ . { ئىمان ئېيتقان ، ئاندىن كاپىر بولغان ، ئاندىن ئىمان ئېيتقان ، ئاندىن كاپىر بولغان ، ئاندىن كۇفرىدا ئەزۋەيلىگەن كىشىلەرنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ۋە ئۇلارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىىلىدۇ ( 138 ) ئۇلار ( شۇ تۇرقىدا ) مۆئمىنلەرنى قويۇپ ، كاپىرلارنى دوست تۇتىدۇ ، ئۇلار كاپىرلارنىڭ قېشىدىن ( ئىلگىرى ئۆگەنگەن نەرسىلىرى ئارقىلىق ) ئىززەت ۋە قۇدرەت تەلەپ قىلامدۇ ؟ ئىززەت ۋە قۇدرەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر ( 139 ) نىسا }  
يەنە ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئاگاھلاندۇرىشى بار . { ئاللاھ كىتابتا نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يۇشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ( دۇنيالىقتىكى ) ئازغىنە پۇلغا ( يەنى ئازغىنە شان - شەرەپ ، ھوقوق - مەنسەپ ئۈچۈن ) ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يىگىنى پەقەت ئوتتۇر ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارغا سۆز قىلمايدۇ ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ ( 174 ) ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا ، مەغپىرەتنى ئازابقا تېگىشتى ، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدىگەن چىداملىق ؟ ( 175 ) بەقەر }
شۇنىڭدەك ، ئىماندار ، ئىلىمدار بولۇشمۇ ۋە ئۇنى داۋاملىق قوغداپ تۇتۇپ تۇرۇشمۇ ھەقىقەتەن مۈشكۈلدۇر . بۇنىڭغا ھەقىقەتەن چىدام ئىچىدىكى غورور ، كۈچلۈك جاسارەت ، كۈچلۈك ئېتىقاد ، كۈچلۈك ئەقىل - پاراسەت ، پاك قەلىب ۋە پاك روھىيەت ، كۈچلۈك تەن ، ئاللاھدىن ھەر ۋاقىت قورقۇپ تۇرىدىغانغا تىگىشلىك بولغان ئول كىشىدىكى ئېھسان ...... بولمايدىكەن ، ئۇنىڭدىن بۇ خىل چوڭ رەۋىشتە ئامانەتلەرنى تاپشۇرۇشتەك ھېچ كىشىدە ئىشەنچ بولمايدۇ .
بەزى كىشىلەر ئارىمىزدىكى دىنسىزلارنى ئاۋال دىنغا ئۇلاشتۇرماستىن ، ئارىمىزدىكى پەسلەرنى ئاۋال ئادىمىيلىككە ئۇلاشتۇرماستىن ، ئارىمىزدىكى ئاجىزلارنى ئاۋال كۈچلۈكلۈككە ئۇلاشتۇرماستىن ، ئارىمىزدىكى نادانلارغا ئىلىم ئۆگەتمەستىن ، پىكىر قىلمايدىغان ھاماقەتلەرگە پىكىر قىلىشقا پۇرسەت ياراتماستىنلا بىراقلا بارسا كەلمەس يولغا باشلاپ دىنسىز موللا ، دىنسىز ئالىم ، دىنسىز تەقۋا قىلىۋېتىشكە ، ئادىمىيلىكسىز ، ھېچ ئېھسانىي بولمىغان ، ئاللاھدىن قورقۇش ئىچىدىكى ماھىيەتلىك يولغا باشلىماستىن ، نېمىنى قىلسا قىلىۋېرىدىغان تەلۋىلىكلەرگە باشلاپ قويدى . بۇ خىل ئەھۋال مەيلى مىڭ بېشى بار ئادەمدە بولسىمۇ ، ئۇ ھامان كاپىرلىقنى ، مۇناپىقنى تىلەپ قالىدۇ . چۈنكى بۇنىڭدەك كىشىلەر ئىماننى يا چۈشەنمەيدۇ . ياخشىلىقنى بىلمەيدۇ . ئىتائەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ . ئىبادەتتە پەقەت شەكىلنى بەرپا قىلىش بىلەن ئىبلىس كەبى ئەمەللىرىنى يىل ساناپ چوڭچى ، مۇتەكەببىر ، ھەسەتكە تولغان ھاللاردا ئۆزلىرىگە ھەقنى بايان قىلغۇچى << ئىبراھىم >> لارغا قارشى تىغ كۆتۈرىدۇ . ئەسلى ئىش ئىگىلىرىگە << سەجدە >> قىلمايدۇ . ئاقىۋەتتە ئىنتايىن زىيانكارلىقتا بولۇش بىلەن ، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قىساسى تۇتۇش ، ياكى تەۋبىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئاتقا چىقىۋېلىش بىلەن ئىبلىستەك غادايغان ھاللاردا ئاللاھقا ئىسيانكار بولۇشنى ئىختىيار قىلىدۇ . مانا بۇلارنى تىل بىلەن چۈشەندۈرىدىغان ، تىل بىلەن شەرھىيلەيدىغان جۈملىلەر يوق ھاللاردىكى ئىنتايىن زىيانكارلىقتىكى ھالاكەت مەۋقەسىگە يېتىپ قالىدۇ . مانا بۇ ئاقىۋەتلەر دەل ئىلىمسىز ، ھېكمەتسىز كىشىلەرنىڭ موللا بولىۋېلىشى ، ۋە نادان ، ھاماقەتلەرنىڭ ، جاھىل - تەرسالارنىڭ ئۇلارغا قىززىق قانلىقتا ئەگىشىپ كېتىشلىرىدىن ، يامانلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن يامانلىققا بۇيرىسا جان دىل بىلەن ئىرائەت قىلىپ كېتىشتىن ، ئەقىلنى توغرا يولىدا ئەمەس بەلكى توغرىغا قارشى تەرەپلىك ئىشلارغا ئىشلەتكەن ۋە نىجىس ھالەتلىرىكى نەپسىگە بېرىلىپ كەتكەنلىكتىن جىندىن ۋە ئادەمدىن بولغان ھەقتىن توسۇپ ئاللاھقا قارشى ئازدۇرغۇچى شەيتانلارغا ئەگىشىپ كېتىدۇ . ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ھالى ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە قىلىنغان ئاقىۋەتلەرگە ئۇلاشقانغا قەدەر يامانلىقلىرىنى توغرا ساناشتىن باشقا ئەھۋالدا بولمايدۇ . مانا بۇ ئاللاھ غەزەپ قىلغان كىشىلەردۇر ! قېنى كىملەر ئاللاھ غەزەپ قىلغان كىشىلەرگە ئەگىشىدۇ ؟ قېنى كىملەر ئاللاھ ئىنئام قىلغان كىشىلەرگە ئەگىشىدۇ ؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

بىزنىڭ جەمىيىتىمىز دىنغا ۋە ھەقىقەتكە ئۇلاشتۇرغۇچى بارلىق قىممەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھاللاردا قورغان قىلىنغان سۈنئى مەزھەپلىك ئىمتىياز ئىچىدە . ئەلۋەتتە ، بۇ قورغاندا ھەقىقەتەن ئازغۇچى كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ . چۈنكى ئىبلىس توغرا يولدىكى كىشىلەرنى ئازدۇرماقنى تىلىۋالغان ۋە ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا شۇنىڭدەك بىر ئىمتىيازلارنى بەرگەن . مەزھەپنىڭ توغرىسى سۈنئى مەزھىپىدۇر . يولنىڭ توغرىسى رۇسۇللاھنىڭ يولىدۇ . دىننىڭ توغرىسى ئىبراھىمنىڭ دىنىدۇر . دىننى مۇكەممەللىككە ئېلىپ چىقىشتا ئىبراھىمدەك يۇلتۇز ئىلمىسىگە دۇچ كەلمەي بولمايدۇ . چۈنكى كىشى چوقۇم مۆجىزىگە مۇھتاج بولغۇسىدۇر . كىشىنىڭ ئەقلىنى ھەيرەتتە قالدۇرىدىغان ، شۇ سەۋەبلىك كىشىنىڭ قەلبىنى بىر ياراتقۇچىغا ھەقىقىي يىتەكلەيدىغان ۋە ئۇنىڭدىن تىلدا ئەمەس ھەقىقىي يۈرەكتىن قورقۇيدىغان ۋە ئۇنىڭغا چىن ئىبادەت قىلالايدىغان ئىمتىيازغا كېلىشكە يۇلتۇز ئىلمىسىنى چۈشىنىش دىنسىزلارغا خاس شەكىلدۇر . دىنغا ۋە ئادىمىيلىككە ئىگە بولغاندا ئاندىن ھەدىس رۇسۇللاھقا چۈشۈش ، ئاندىن ئەقىلگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ، دىنغا يەتكەنلەر كۆتۈرۈشكە تىگىشلىك ۋە شۇنىڭدەك لىنىيەگە چۈشۈشكە تىگىشلىك بولغان يولدۇر . ھەممىلا ئادەم يۇلتۇز ئىلمىسىگە چۈشىۋەرمەيدۇ . بەلكى ئۇنىڭ ئاتىسى ئىلگىرى شۇ باسقۇچنى باسقان ۋە ئۆز ۋۇجۇدىدا ھاسىل قىلغان ھاللاردا ئېرسىيەتكە سېلىش ئارقىلىق ئەۋلادىغا مىراس قالدۇرغان بولسا ، شۇ خىل چۈشىنىشتىكى قىممەت ئەۋلاتلارغا مىراس قالغان بولۇپ ، شۇ خىل ھەقىقەتنى چۈشىنىش قىممىتى تەبىي بولسا ، ئۇنداقلار تەبىئى يەتكەن مىراسى بىلەن مىراسىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشنى نۆلدىن باشلىمىسىمۇ بولىدۇ ۋە كىيىنكى شەكىلگە ئورۇنۇشقا تەمشەلسە ۋە ھېكمەت ئىگىلىرى ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرىغا قارىتا تىگىشلىك بولغان ئىلىم ئەھلىلىرىگە ھامىي ياكى كېپىللىككە قويىشى لازىمدۇر !
كىملەركى مەيلى قايسى ئىلىمدارغا مۇلاقات قىلىنمىسۇن ، ئۇلار چوقۇم ئىش ئۈستىدىكىلەر مەيلى قايسى بىر ئەمەللەرنى ئىشلەشكە قارىتا بۇيرۇق قىلغان بولسا ، چوقۇم ئىشلىشى كېرەكتۇر . ئاللاھ ھېكمەت بەرگەن ۋە سىزمۇ ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىش ئۈستىدىكى كىشى دەپ تۇنىغان بولسىڭىز ئۇ دوپپا كەي دېسە دوپپا كىيىڭ ! دوپپىنى كەيمەڭ دېسە ، كەيمەڭ ! چۈنكى سۈننەتكە مەيلى قانداقلا بەدەل كېتىشتىن قەتئىنەزەر توغرا يولىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ، ئالدىنقى باسقۇچتىكى ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ سىناققا سېلىش ئىمتىيازى بولىدۇ . بەزى ئەمەللەرنى قەتئى ئۇرۇنداشقا قىستىسا رۇسۇللاھ قىلمىغانتى دېمەستىن ، رۇسۇللاھنىڭ قىلىشتىكى ئىمتىيازىغا كەلگۈچە سىز تاقىتىڭىزنىڭ يېتىشىچە قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ، رۇسۇللاھنىڭ مەككىدىكى تۇتقا قىلغان يولىغا چۈشۈپ تۇرۇڭ . چۈنكى رۇسۇللاھمۇ نۆلدىن باشلانغان ۋە نۆلدىن باشلاپ يىتەكلەشتە بولغاندۇر ! ئىسلام دىنى ئىلگىركى كىتابلارنى ، يەنى ئىلگىركى باسقۇچلۇق ، تىگىشلىك بولغان ئەمەللىك يوللارنى ، كىتابلارنى ، يىتەكلىنىشلەرنى ئېتىراپ قىلىدىغان دىندۇر !
ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى ۋە ئۆزگىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ . ئۆزىڭىزنى چۈشەنمەيدىكەنسىز ئۆزگە ھەر قانداق شەيئى ئۈستىدىن قارىسىغا تىل ئىشتمەڭ ! بولمىسا ئۆزىڭىزگە زۇلۇم قىلىپ سالىسىز . بۇلارنى بىر قانچە تېمىلار بىلەن تولۇق چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدۇ .   ئەمما بۇلارنى چوقۇم تاقىتىمىزنىڭ يېتىشىچە توغرا چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز . سىز ئاۋال ھىجرەتنىڭ ۋە بەيئەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىڭ ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىشنى ۋە تاقىتىڭىزنىڭ يېتىشىچە تەقۋادارلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭ !!!
ئاخىرىدا بارلىق ئەگەشتۈرگۈچى ۋە ئەگەشكۈچى..... لەرگە مۇنۇ ھەدىسنى ئېيتىمىزكى ، رۇسۇللاھ مۇنداق دېگەن : سىلەر پادىچىغا ئوخشايسىلەر ، ئۆزۈڭلارنىڭ پادىلىرىڭلارغا مەسئۇل بولۇڭلار ، ئەمىر پۇقرالىرىنىڭ پادىچىسى ، ئۇ پۇقرالارغا مەسئۇل بولىشى كېرەك . ئەرلەر ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پادىچىسى ، ئۇمۇ ئائىلە ئەزالىرىغا مەسئۇل بولىشى كېرەك . خىزمەتچىلەر خوجايىنلىرىنىڭ مال - مۈلۈكلىرىنىڭ پادىچىسىدۇر . ئۇمۇ مال - مۈلۈكلەرگە مەسئۇل بولىشى كېرەك. بىلىڭلاركى ! سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى . ئۆزۈڭلارنىڭ پادىلىرىغا مەسئۇل بولۇڭلار ......

ئاللاھ ھەممىمىزگە بىلگىنىمىزگە ئەمەل قىلغۇدەك ئېتىقادى جاسارەت ، ئىمانىي قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن ! تەقۋالاردىن بولۇشقا ، ئاخىرقى ھېسابتا مەريەم ئوغلى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا يىتەكلەش بىلەن جىمى پەيغەمبەرلىرىگە ۋە جىمى كىتابلىرىغا ، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ  پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدىغانلىقىدەك دىنىي ۋە ئىسلامىي ئىشىنىشمىزگە ، ئاللاھنى كۆرمەي ئاللاھنى چۈشىنىمىشگە ۋە ئاللاھنى خۇددى ئىلگىركى كۆرگەندەك تۇيغۇغا ، ياكى ئاللاھنى چۈشىنىشتە پەقەت ئاللاھنى بىر قېتىم كۆرمىگەن يىرىمىزلا قالغاندەك ھالەتكە كەلتۈرىشىنى ، ھەر ۋاقىت ئاللاھدىنلا تىلەشكە ۋە شەكسىز تەلەپ قىلىشقا ، ئالدىمىزغا قانداقلىكى تەقدىر كەلگەن بولسا ئۆزىمىزنى ، نەپسىمىزنى ئاللاھنىڭ بىر تەرەپ قىلىشقا قويىۋېتىش بىلەن پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقىلا تىۋىنىشتەك ئىمتىيازغا كېلىشكە نىسىپ قىلسۇن !

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !!!

مەنبە : قەلەم !
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-4 19:03:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
س :
« ئىسلام ھېچ پۈتۈنلىكتە بولمىغان »دىگەن بىر جۈملە سۆز بىتئەتچلىلەرنىڭ ئىسلامدا كەمچىللىك بار دىگەن نوقتى نەزىرىنى ئىسپاتلاپ قويمامدۇ.




ج :
ئىسلام ئەسلىدىن پۈتۈن دىگەن دىنىي نوقتىغا ئورانغۇچىلار ھەقىقەتتە ئىسلامنى پۈتۈن چۈشىنىپ بولالمىغانلاردۇر ۋە ئىلگىركى ياكى بۈگۈنكى دىنىي قورغىنىنى پۈتۈن دەپ قاراپ ئىلگىركى دىن كىشىلىرىدەك بىر نوقتىدا تۇرۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ بىزلەرگە نىسبەت قىلغاندىكى  ئىسلام ئەلمىساقتىلا پۈتۈپ بولغان . ئەمما بۇ پۈتۈنلۈكنى ھېچ ئەھەدى بىلىگەن ۋە تەكتىگە يەتكەن ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن گەرچە ئاللاھنىڭ بىزلەرگە نىسبەت قىلغان ئىسلامى پۈتۈن بولغان ئىكەن ، چوقۇم بىز شۇ پۈتۈنلۈكنى قوغلىشىپ ئاللاھ قاچانىكى بىر شەيئىنى ياراتقان بولسا چوقۇمكى ئۇنى قۇبۇللاپ مېڭىشىمىز كېرەكتۇر . شۇ ۋەجىدىن ئىسلام بىزئۇمۇمىي ئىسنانىيەتكە پۈتۈندۇر . لېكىن ئىلگىركى ياكى بۈگۈنكى كىشىلەرگە يەتكەن ئىسلام ھېچ پۈتۈن ئەمەس . چوقۇمكى ھەممە ئاللاھ ئەسلى ئىرادە قىلغان پۈتۈنلۈككە قارىتا ھەمىشە سىلجىشى كېرەكتۇر ! قۇرئاندىكى ئىلگىركىلەرنىڭ قىسسىلىرى بىزلەرنى ھەر ۋاقىت دىندا پاك بولۇشقا ، ئىسلامدا ھەر ۋاقىت تىرىشىشقا ، تىرىشىشنىڭ نەتىجىسى ھەر ۋاقىت ئاللاھقا مۆئمىن بولۇشقا چاقىرىق قىلىدۇ .

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-5 11:57:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزنى كۆرگەندىن كىيىن، چۇشەنمىگەن يەرلەرنى سورغۇم كىلىدىكەن.  كۆڭلىڭىزنى ئاغرىتىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ. ئەمدى ئۆزۈمنى سورايمەن.  لىكىن ........




سىزدىن بەكمۇ خاپا بولۇپ كەتمىدىم . مېنىڭ ھېچ كىشىدىن رەنجىيدىغان ھوقوقۇم يوق . ئەمما ھېلىقى گىپىڭىزچە بولغاندا سىزدىن بەكلا ئەنسىرەپ قالدىم . شۇڭا مەن ي ي غا كىرمەي تۇرۇشنى قارار تاپقان ئىدىم .   
كوچىدىكى ھاراقكەشنىڭ ، بەڭگىنىڭ ئۆمرىدىن ئاللاھنىڭ ئايىتىگە قارشىلىق قىلغان ۋە بايان قىلىنسا ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ . شۇڭا مەن سىلەرنىڭ شۇ خىل مەۋقەيىڭلار بويىچە سىلەردىن ئايرىملىسام بولمايدۇ . سىلەرنىڭ ئۆمرۈڭلارنىڭ قىسقىراپ كېتىشىنى خالىمايمەن . مېنى سەل تەرسا دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن . ئەمما مەن ئۇنچە تەرسا ئەمەس . سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولساممۇ ياخشىلىق ئۈستىدە بولۇشنى خالايمەن . سىلەردىن قايتساممۇ پەقەت سىلەرگە ياخشىلىق بولسۇن ئۈچۈنلا قايتىمەن . ھەقنى تۇنىغاندىن كىيىن مۇشۇنداق ئۆزەڭلەرنى تەكشۈرۈپ ھەقنى قۇبۇل قىلساڭلار سىلەردىن بەكلا خۇش بولىمەن . ھەممىمىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 17:37 , Processed in 0.035764 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش