ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 8519|ئىنكاس: 42

سېھىر كىتابى توغرىسىدا .... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
199
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 13:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ ....
                                                ( 1 )

نۆۋەتتە توختۇلىدىغىنىمىز سېھىر توغرىسىدا بولۇپ ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر نەپسىنىڭ قۇلى بولىشى بىلەن بىرلىكتە ، دەل بۇ خىل مەۋقەگە كىرىشتە يەنىلا شەيتاننىڭ دامىغا چۈشۈپ دۇنيالىقنى تىلەش ۋە كىشىلەرنى ئەسلى توغرا بولغان ئىلىمگە ئۆزلىرىنىڭ پاساتى سەۋەبلىك قارشىلىق قىلىپ قويۇشقا ياكى ھېچ چۈشەنمەستىن ئىنكار قىلىپ قويۇشقا سەۋەبچى بولۇشتەك سېسىمچىلىقىدا ئۆتكەن ۋە ئۆتىۋاتقانكى يامانلىقلىرى ئۈستىدە بولۇپ ، زادى بۇ سېھىر دىگەن قانداق نەرسە ؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى نەدىن نەگىچىلىكىنى قۇرئان - ھەدىستىن ۋە كۆرگەن ، ئىشەنچىلىك كىشىلەردىن ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق بېرىكتۈرۈشتىكى نەتىجىلەرنى تاقىتىمنىڭ يېتىشىچە چىقىرىپ بەرسەم .  
يەنىلا ئاۋۋال ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئان كېېىمدىن چۈشىمىز ئەلۋەتتە !
ئاللاھتائالا شۇنداق دەيدۇ : ئۇلار ( يەنى سېھىرنىڭ دۇنيالىقتىكى ماھىيىتىگە ، قىممىتىگە ئىشىنىپ شۇنىڭ بىلەن رازى بولۇشنى تەيىن تېپىشقانلار ) سۇلەيماننىڭ ( سېھىر ئالىمى كۈچەيتىلگەن ) پادىشاھلىق زامانىدىكى ( سېھىرگە ئالدىنىپ دۇنيالىقنى تىلەشكەن ۋە تىلەشلىرىدە پەقەت نەپسىنىڭ خۇشلىقىغا ئەگەشكەن ھەقىقەتتىن ئازغۇچى ۋە كىشىلەرنى ئازدۇرغۇچى ) شەيتانلارنىڭ ( سېھىرگەرلىككە ئائىد ) سۆزلىرىگە ئەگەشتى ( چۈنكى ئاللاھنىڭ سۆزلىرى قارىماققا ئىنساننىڭ تىلىدەك قىلغان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇ سۆزلەرنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ماھىيەتلىرىدە شۇنىڭدەك سېھرى كۈچ ھەم مۇجەسسەملەنگەن ئىدى ) . ( سېھىرمۇ ئەمەلىيەتتە بىر كەڭ ئالەمى كىتاب بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەنمۇ ھەم بەزى شەيئىلەرنى تىزگىنلەپ تۇتۇپ تۇرۇشتا مەلۇم قىممىتى بولۇپ ، ئۆز ۋاقتىدا سۇلەيمەن ئەلەيھىسسالامغا بۇ خىل سېھرى ئىمتىياز بېرىلگەن بولۇپ ، سۇلەيمان جىن ۋە باشقا كۈچلۈك قىممەتكە ئىگە جانلىقلارنى ئەنە شۇ خىل سېھرى بىلەن تىزگىنلەپ تۇتۇپ تۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق توغرا رەۋىشتە جازا بېرىشتەك ھوقوقنى ئىجرا قىلغان ئىدى . ئەمما شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى ) سۇلەيمان ( شۇ خىل ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ يامانلىقلارنى قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىقىپ ) كاپىر بولغىنى يوق ، لېكىن ( ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تۇنىمايدىغان ، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ دۇنيالىققا ئالدانغان ، ئالدىنىشتا ئازغان ۋە ئېزىشىدا باشقىلارنىمۇ ئازدۇرۇشتا بولغان ) شەيتانلار ( ئۆزلىرىگە مۇلاقات بۇلۇنغۇچى شەيتانى ماھىيەتكە ئورانغۇچى ، دىنىي قىممىتى ئىنتايىن سۇس بولغان ، نەپسىگە چاپسانلا ئالدىنىپ كېتىدىغان ئادىمىيلىكى ۋە ئىنسانىي قىممىتى زەئىپ بولغان ) كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى ( چۈنكى بۇنىڭدەك كىشىلەرگە قانداقلىكى بىر ئامانەت بېرىلمىسۇن ، ئۇلار ھامان جەمىيەتتە پاسات تېرىيتتى ۋە ھامان شۇنداق بولۇپ كەلدى . شۇنىڭدەك ، كىملەركى جەمىيەتكە بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلارنى تەربىيلەپ قويىۋېتىدىكەن ، ئەنە شۇ سەۋەبلىك << تەربىيلىگۈچى >> نىڭ كاپىر بولۇش نىسپىتى كۈچلۈك بولغۇسىدۇر ) . ئۇلار ( يەنى ئۆز زامانىدا گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتى پىسخىكىسىنى چۈشىنىش قىممىتى سۇس بولسىمۇ ، ئەمما سېھىر ئىلمىسىگە ۋارىس بولغۇچىلار ) بابىلدىكى ھارۇت - مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان ( يەنى تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ سېھرى قىممىتى بىلدۈرۈلگەن ) سېھىرنى ئۆگىتەتتى . ( بۇ ئىككى پەرىشتە ۋە كىيىنكى بۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر ئۆزلىرىدىن سېھرى ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى كىشىلەرگە ئاۋۋال ) بىز كىشىلەرنى ( مۇشۇ خىل ئاساستا دىنغا مايىل قىلىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكلىرىنى ھىس قىلدۇرۇش - ئىشەندۈرۈش ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاللاھىنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تەستىق قىلغانغا قەدەر ئىلىم بىرىپ شۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلسۇن ، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ياخشىلىقى ياكى يامانلىقى ئۈچۈن قىلىدىغانلىقلىرىغا قارىتا ) سىنايمىز ( شۇنىڭدەك ئىلىم  ۋە ئىمتىيازلار بىلەن نېمىلەرنى تىلەيدۇ ؟ ئۆز ھالىغا قويىۋېتىمىز . كىيىنكى نەسىھەتلىك مەۋقەيىمىز شۇكى ، ئەمما بۇ خىل ئامانەتلەردىن يامانلىقلارنى تىلەپ دۇنيالىققا ئالدانمىغىن ۋە يامان كىشىلەرگە بۇ ئامانەتنى بىرىپ قېلىشتىن يىراق بولۇپ ) كاپىر بولمىغىن ، دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى . ( ئەمما ) ئۇلار ( يەنى دۇنيالىقنىڭ شەھۋىتىگە ئەگىشىدىغانلار سېھىر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان پايدىلىق نەرسىلەرنى قىلالايدىغان ، ۋە شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتلىكنى تىلىيەلەيدىغان قىممەتكە كىلىشكە يېقىن قىلىدىغان تەرەپلەرنى تاشلاپ ) بۇ ئىككىسىدىن ( ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى . ( ئەمما ئۇلار نېمىنى ئۆگەنمىسۇن ۋە ئۆگەنگەنلىرى ئارقىلىق نېمىلەرنى قىلمىسۇن ) ئۇلار ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى . ھالبۇكى ، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار ، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى . ( سېھىر قىممەت قۇرئان نازىل قىلىنىشتىن ئىلگىرى تەۋراتتا كۈچلۈك ئىمتىيازدا ئىدى . ئەنە شۇ ئىمتىياز بېرىلگەن ) يەھۇدىيلار ( شۇنىڭدەك ئۆز جەمىيىتىنى بۇزغۇچى ۋە ئۆزلىرىنى ھالاك قىلغۇچى شۇنىڭدەك سېھىرنىڭ مەينەت تەرىپى بولغان نېرىپنى بۇزغۇچى قىسمىتى بولغان ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە ( ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن ) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى ( چۈنكى بۇ خىل رەۋىشتە پاساتچىلىق كىشىنىڭ ئەقلى ، روھىيىتىنى ئىنتايىن زەئىپلەشتۈرۈپ ، پەقەت شۇنىڭغىلا ئىشىنىش ئىچىدە ئۆز رەببىگە تەۋەككۇل قىلىشتىن تۇسۇپ قويۇشتا بوشاڭلىق قىلمايتتى . بۇنىڭدەك كىشىلەر ئاقىۋەتتە ھامان زىيانكارلىقتا بولاتتى - خالاس ) ، ئۇلار ( بۇ خىل كىيىنلىكلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ھەمدە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان پۇرسەتلىك ) جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى ( 102 )  بەقەر

ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېھىرلەنگەن بولۇپ ، ئۇ خۇددى ئاياللار بىلەن بىرگە بولمىسىمۇ ، بىرگە بولغاندەك ھىس قىلىدىغان بولۇپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن رۇسۇللاھ ماڭا مۇنداق دېدى : << ئى ئائىشە ! ئاللاھدىن پەتىۋا بېرىش تەلەپ قىلىغان ئىش مېنىڭ پەتىۋا بېرىشىمگە رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى بىلەمتىڭ ؟ ئىككى ئەر كىشى مېنى كۆرگىلى كەلدى ، بىرسى باش تەرىپىمدە ئولتۇردى ، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇردى . باش تەرىپىمدىكى ئاياغ تەرىپىمدىكىگە : بۇ ئادەمنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟ دېدى . ئاياغ تەرىپىمدە ئولتۇرغان كىشى : سېھىرلىنىپتۇ ، دېدى . باش تەرىپىمدىكى يەنە سورىدى : كىم سېھىر قىپتۇ ؟ دېدى . يەنە بىرى : لوبەيت ئىبنى ئەئسەم سېھىر قىپتۇ ، لوبەيت زۇرەيف قەبىلىسىدىن بولۇپ ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ دوستى، مۇناپىقتۇر . باش تەرىپىمدىكى يەنە سورىدى : نېمە بىلەن سېھىرلەپتۇ ؟ يەنە بىرى : بىر تارغاق ۋە بىر ئاز چۈشۈپ كەتكەن چاچ بىلەن سېھىرلەپتۇ . باش تەرىپىمدىكى يەنە سورىدى : ئۇنى قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن ؟ يەنە بىرى : زەرۋان قۇدىقى ئاستىدىكى ئەركەك جىنىسلىق خورما چېچىكىنىڭ پايىسى ئىچىگە يوشۇرغان >> .
ئائىشە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى  : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېلىقى قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ ، بىر ئامال قىلىپ ھېلىقى نەرسىلەرنى تاپماقچى بولۇپ ، بارغاندىن كىيىن مۇنداق دېدى : << بۇ ماڭا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن قۇدۇقتۇر . ئۇنىڭ سۈيى قىزارغان ھالەتتە . ئۇنىڭ يېنىدىكى خورما دەرىخى خۇددى شەتاننىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ >> . رۇسۇللاھ بىر كىشىنى ئۇ نەرسىنى ئېلىشقا بۇيرىدى . مەن رۇسۇللاھتىن سورىدىم : سىلى نېمىشقا ئۇ كىشىگە سېھىر ئارقىلىق تاقابىل تۇرمىدىلا ؟ رۇسۇللاھ مۇنداق دېدى : << ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ، مەن ئاللاھقاچان ساقايدىم ، باشقا ھەر قانداق ئادەمگە زىيان سېلىشنى خالىمايمەن >>

ئەمما ، سىلەر كۆپچىلىك ئۇزۇن قەلەمنى گەرچە پايدىلىق قىممىتى كۆپ بولسىمۇ ، ئەمما ئوقۇماسلىقىڭلار ۋە بەزىڭلار قىسقا قىلىپ بىر قانچە بۆلەكلەرگە بۆلۈپ يوللىشىمنى ئېيتقانلىقتىن ، سىلەرنىڭ مەۋقەيىڭلار بۇيىچە بۇ تېمىنى ۋە مۇشىنىڭدەك ئۇزۇن بولغان تېمىلارنى مۇمكىن قەدەر بىر قانچە بۆلەكلەرگە ئايرىپ يوللاشنى تەيىن تاپتىم . بەرىبىر مەن قەلىمىمنى مەتبۇئاتلاشتۇرۇش ئۈچۈن يازمىغاندىكىن ماڭا بەرىبىر بولغاچ ، مۇمكىن قەدەر تېخىمۇ چۈشىنىشنى يۆگىگەن ھاللاردا ئېلىپ بارماقنى ، ئىلىمدە يۇقىرى - تۆۋەن ھەممەيلەننىڭ ئورتاقلىشىشىمىز كۆزدە تۇتۇلدى . داۋامى ( ئاللاھ خالىسا ) داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 07:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمە تۇللاھى ۋەبەر كاتۇھۇ  ئاللاھ رازى بولسۇن كېرىندىشىم  ئىنتايىن ياخشى بولغان ھەم مۇھىم بولغان چۇشەنچىلەنى  ئوتتۇرغا  قۇيۇپسىز ئىنتايىن  خوشال بولدۇم ئۇلۇق ئاللااھ ئىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادا قىلسۇن  ھەم ئىككىلا دۇنيادا ئەزىز قىلسۇن ئەمىين،،،

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:15:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                     ( 2 )

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم .
ئاللاھتائالا شۇنداق دەيدۇ : ...... زالىملار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ ، ئۇنىڭ ئەگرى بولىشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ >> ( 45 ) ئەئراف

ئالدىنقى قىسمىمىزدا ھەقتىن تۇسۇپ يامان ئەمەللىرى ئارقىلىق كىشىلەرنى توغرىلىقتىن توسقۇچىلارنى شەيتانلار دەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدۇق . ئەمدىكى نۆۋەتتە زالىم توغرىسىدا توختۇلىمىز . زالىم دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى كۆپ ماھىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ ، نۆۋەتتە ئۇنى تۆۋەندىكى شەرھىيدىن چۈشەندۈرىمىز .

بۇ تور دۇنياسى مەۋھۇم دۇنياسى بولۇپ ، گەرچە قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنى ئەمەس بەلكى خېتىنىلا كۆرىدىغان بولساقمۇ ، ئەمما ئەنە شۇ خەتنىڭ ئىچكى ماھىيىتىدە كىشىلەرنى ھەقتىن توسقۇچى ياكى ھەققە دەۋەت قىلغۇچى مەنالار بولىدۇ . شۇ ۋەجىدىن گاھ ھەقىقەتلەر ئاشكارا ئوتتۇرغا ئاتتۇرۇلسا ، گاھىدا پىتنە - پاساتلار ،  يالغان يا پەداق سۆز - ھەركەتلەر ئاتتۇرۇلۇپ دىندا ئاجىز ، ھەق ئىلىمگە قارىتا چۈشەنچىسى سۇسلارنى چاپسانلا ھەق - ناھەق ئۈستىدە گاڭگىرتىپ قويۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ئەقىدە مەيدانلىرىنى ھامان تۇرغۇن ھالەتكە قىستاش بىلەن بۇزغۇنچىلىقتا بوشىشىپ قالمىغۇسىدۇر . زالىم ئەنە شۇنىڭدەك پىتنىگە يولۇقۇشتا باشقىلارنىڭ << ۋاي ، سىلەر مۆئمىن بولمىساڭلار كىم مۆئمىن بولىدۇ ؟ دەل سىلەر مۆئمىن ! >> دەپ گەرچە ھەققە قارشى ئىسيانكار بولىۋاتسىمۇ ئۇلارنى ماختىغۇچى كاتىۋاشلار ۋە خۇدىنى يوقۇتۇپ ماختالغۇچى ئەبگالار ھېچ بىر ئىلىمسىز ھاللاردىلا ، شان - شەرەپ ، ئۇنۋان ، ۋە باشقا بارلىق ئۈستۈنلۈكتىكى << ئات >> نىڭ ئۈستىگە چىقىشقا ھېچ سالاھىيىتى ، قىممىتى يوقلا چىقىپ قېلىش بىلەن ئاقىۋەتتە ھەقسىز رەۋىشتە ئۈستۈنلۈكتىكىلەرنىڭ چاپىنىغا ئورىنىش بىلەن ، ئورنى - سۈپىتى ھېچ قىممەتسىز ھاللاردىلا سۇيئىستىماللىقتا بولۇش بىلەن كۇپايىلەنسىمۇ ، كىيىنكى ھەقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلارنىڭ ئەسلى قىممەتسىز سۇيئىستىماللىقنى تاشلاپ ھەققە قايتىش توغرىسىدا ئېيتقان دەلىلى جاۋابلىرىنى ، قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىكى تىلاۋەتلەرنى بايان قىلىش بىلەن << ئات >> نىڭ ئۈستىدىن چۈشۈشكە ، ئەسلى قىممىتى ھالىتىگە چۈشۈپ تىگىشلىك تاقىتى يېتىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا قىستالغاندا ، ئىلگىركى نوچىلىقى ، كىبىرىگە ئالدىنىش ئىچىدە ھېچ << ئات >> تىن چۈشمەستىن يەنىلا شىلتىڭ ئېتىش بىلەن ھەقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلارنى دۈشمەن كۆرۈش ، ئۇلارنى كۆرەلمەسلەر ، بىزگە ھەسەت قىلغۇچىلار ، بىزنى بۇ ماھىيەتكە ئىمان ئېيتقىنىمىزدىن كىيىن ئىماندىن ياندۇرۇپ كاپىر قىلغۇچىلار ....... دەپ ھېچ كىشىگە ئىشەنمەس ۋە ئىشەنسىمۇ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئازغۇچىلار ، گۇمراھلىقنى تىلىگۈچىلەرگە ئىشىنىش بىلەن شۇلارنى بىردەك قېرىنداش تۇتۇشتەك قەلىبداشلىقىدا بولغۇسىدۇر . ئۇلارنىڭ مانا بۇ ھالاكەت مەۋقەسىگە يېتىشكە دەل زالىملىقىدا ئۇچىغا چىققان ، يۈزەكىنە ئەقلى ۋە يۈزەكىنە ئىلىمىسى بىلەن نادانلىقىدا خۇدالىق دەۋاسى قىلغۇچى ، ئالىم بولغان ۋە شۇ ھالىتىدە مۇستەبىت بولۇش بىلەن زامانغا قارشى تونۇشىدا  مەبۇدلۇق دەۋاسى قىلغۇچى كىشىلەرنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ھېچ چۈشەنمىگەن ھاللاردا ئەنە شۇلارنىڭ ئازدۇرىشىغا بىرىلىپ كېتىش بىلەن يەھۇدىي - ناسارالار ئارىمىزغا كىرىپ قىلالمىغان يامانلىقلارنى ئۆز ئىچىمىز كىشىلىرى بىزنىڭ چاپنىمىزغا ئورىنىپ ، ياكى ئۇلارنىڭ بىزنىڭ تىللىرىمىزنى ئۆگەنگەندىن كىيىنكى بىر ۋاقىتلاردا توردىن ئىبارەت مەۋھۇملۇقتىن پايدىلىنىپ بىزنى ئەتەي دىندىن توسۇش ، ھەققە قارشىلىق قىلىشلارغا كۈشكۈرتۈش قىلىش بىلەن ئۆتكەن ياۋلارنىڭ ھىيلىلىرىگە ئالدىنىش قىلىشتەك قىززىق قانلىق تەرەپلىرىدىن ھامان تۈرلۈك يوللارغا ، پىرقىلەرگە ئايرىلىشتەك ، بىر - بىرلىرىمىزگە ئىشەنمەسلىكتەك مەۋقەگە كېلىپ قالدۇق . مانا بۇ پەقەت ۋە پەقەت ھەر كىشىنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا ئېسىلىۋالغانلىقلىرىدىن بولدى . كۆپىنچە كىشىلەر تاقەتنىڭ يېتىش - يەتمەسلىكىنى پەقەت جىسمانىي تەرەپلىك كۈچكىلا باغلىۋېلىش بىلەن كىيىنكى ئازغۇنلۇقنىڭ يىلتىزىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇپ ئەقىدە - ئېتىقادلىرىنى ، ئەقلى ، ھىسسىي ، روھىي قىممەتلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش بىلەن تولىمۇ ئالدىنىش ئىچىدە بولۇشتى . ئاقىۋەتتە كۆپلىگەن ئايەتلەتگە قارشى كاپىرلىق قىلىش بىلەن ھەقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلارغا << سىلەرچە بىزنىڭ دىللىرىمىز سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى چۈشىنىشتىن پەردىلەنگەنمۇ ؟ >> دەپ كىنايە تىللىرى بىلەن تېخىمۇ قارشى تەرەپلەرنى مەسخىرە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشماقنى تىلەشتى . قولۇقۇڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا ! ھەقنى تەۋسىيە قىلغۇچىلار ھېچقاچان باشقىلارنى مەسخىرە قىلمايدۇ ۋە ئۆزىگە ئىتائەت قىلمايدىغان ، ھېچ بەيئەتسىزلەرنى ئەتەي بىرگە ئۇدۇل ھاللاردا ، ياكى كۆپچىلىك بار يەرلەردە ھەقنى ئاشكارا پۇرلاپ ئاتمايدۇ . پەقەت ۋەز - نەسىھەت ئالغۇچىلارنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن بىر تۇتاش سۆزلەيدۇ . شۇ بىر تۇتاشتا ھەممىگە ئورتاق يەتكۈزىدۇ . كىم - كىملەرنىڭ قايسىلىرىنى تاللىشى ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش ! سېنىڭ دىلىڭ ياكى قەلبىڭ ۋەياكى كۆڭلۈڭ پەردىلەندىمۇ - يوق ؟ سەن ئۈزەڭنى ئۆزەڭ ئايەت - ھەدىسلەر ۋە ئۇنىڭ تىلاۋىتى بۇيىچە نەقلەشتۈرگەن ھاللاردا ئىسلاھ قىلىسەن . گەپ شۇ ! بىز ئەمدى سېنىڭ تىل - دەشناملىرىڭنى كۆتۈرەلمەيمىز . ئىلگىرى سېنىڭ ئاراڭدا بىزنىڭ كىيىنكى قېرىنداشلىرىمىز بارلىقىدىن ، ئەنە شۇلارنىڭ پىكىر قىلىشى ، ھەقنىڭ قانداقلىقى ، مۆئمىن بىلەن فاجىرنىڭ قانداقلىقىنى تۇنىسۇن ۋە پىكىر قىلسۇن ئۈچۈن شۇ سېسىق تىل ئوتۇڭنىڭ ئارىسىدا كۆيۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدۇق . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئۇ ئوتلىرىڭ بىزنى كۆيدىرىشتىن تۈگۈل ھەتتا سېنىڭ ھەقىقەتەن ئازغۇچى ئىكەنلىكلىرىڭنى چىن تەستىقلاتقۇزۇش ۋە يەنىمۇ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ئىمتىيازىمىزنى كۈچەيتتى .  ئەمدى بۇنىڭ نېسىغا ھەق - ناھەق بارا - بارا ئۆزىنى ئاشكارلىغۇسىدۇر . كىم نېمىنى توغرا تاپسا شۇنى تاپسۇن ! چۈنكى دىندا زورلاش يوق . ئاللاھتائالا ئەنە شۇ زالىملارنىڭ دەستىدىن بىر ئۈممەتنى يەتمىش ئۈچكە بۆلىمەن دېسە ، بىز ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان قىلىشنى توغرا كۆرمەيمىز . چۈنكى ئاللاھ مەن مۇنداق قىلىمەن دېسە ، كىملەر ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىدىكەن ، ئاقىۋەتتە ئۇ نادان بولسا خۇدالىق دەۋاسى ، ئالىم بولسا مەبۇدلۇق دەۋاسى قىلغان بولىدۇ . ئەمدىكى گەپ ھەممىلەرنىڭ نېمە - نېمىلەرنى تاللىشى ، نېمە - نېمىلەرنى تىلىشىدا قالدى .
خوش ! نۆۋەتتە تېمىمىزغا قايتىپ كەلسەك ، ئاللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى بۇيىچە ئۆزىنى شۇنداق جاكارلىغانكى : << بەندەم ماڭا قانداق مۇلاقات بولسا ، مەنمۇ بەندەمگە شۇنداق مۇلاقات بولىمەن ! >> . شۇنداق ئىكەن ، بەندىگە نېمىلەرنىڭ بىرىلىشى ۋە بىرىلمەسلىكى ، نېمىلەرنىڭ تەقدىر - قىسمەت قىلىنىشى شۇ بەندىنىڭ ئۆزلىرىگە نېمىلەرنى ھالال ياكى نېمىلەرنى ھارام قىلغىنىدىن ، نېمىلەرگە ئىمان - ئېيتىش ۋە نېمىلەرگە كاپىر بولۇشلىرىدىن ، نېمىلەرنى تەستىقلاش ياكى نېمىلەرگە كۇفرى بىلەن قايتىش ، نېمىلەرگە شۈكرى ئېيتىش ۋە نېمىلەرگە كۇفرىلىق قىلىشلىرى ........ دىن بولغۇسىدۇر ! شۇڭلاشقا ئاللاھ تەقۋالىق قىلماسلىققا ۋە ياخشى ئەمەل قىلماسلىققا ، كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرمەسلىككە قارىتا قەسەم قىلىش يولى ئارقىلىق ئاللاھنى ( شۇ خىل قىسمەتلەرنى سىلەرگە ئىرادە قىلىشدىن ) توسالغۇ قىلماڭلار ... دەپ ئاھلاندۇرۇش بەرگەن . ئەمما قۇرئانغا ئىشەنمەيدىغان ، نەپسى خاھىشىغا ئالدانغانلار ھامان تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بېرىلىۋېلىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلىشىپ كەلدى . بۇ زۇلۇملارنىڭ ئىچىدە سېھىر ۋە جىندىن ئىبارەت بولغان بۇ ئامىللار تەڭكەش ماڭغان بولۇپ ، گەرچە بەزى كىشىلەر جىننى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن بولۇپ << كۆردۈم >> دېسىمۇ ، زالىملارنىڭ << كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ >> دېگەنكى ئايىتىگە قىستۇرۇپ { جىننىمۇ ھەم كۆرگىلى بولمايدۇ } دەپ پاسات تارقاتسا شۇلارغا ئىشىنىپ كېتىش بىلەن ھەم بىردەك جىننىڭ ئىنساننىڭ كۆزىگە كۆرۈنىدىغانلىقىدەك قىممەتلەرنى ئۆزلىرىگە ئەسلا ھارام قىلىۋېلىش بىلەن ، شۇنىڭدەك قىسمەتنىڭ ئۆز ھاياتىغا كېلىشىنى ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا شۇ قىسمەتنى ئۇلاشتۇرۇپ بېرىش بىلەن بىر دەلىللىك جاۋابقا ئىگە قىلىشىنى ھارام قىلىۋالغانلىقتىن ، ھامان بۇ خىل تۇنىشىدا تۇرغۇن بولۇپ كەلدى ياكى قاتتىق قارشىلىق قىلىپ ئۆزلىرى بىلمىگەن ئىشلار ئۈستىدە چات كېرىپ ئولتۇرىۋېلىپ ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەرنى ئىزدىنىش يولىدىن توسۇپ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ داغدام يولىنى تەتۈرسىگە كۆرسىتىپ زالىملىقنى تىلەشتە بولدى . << ئېيتقىنە ، ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىسى ساڭا ئوخشاش زالىم بولامدۇ ؟ ( ئاتالمىش مۆئمىنلىكىڭدىن چۈشە ! ) سېنى شۇ ھالىتىڭدا كىملەر مۆئمىن دەيدىكەن ، سەن ئاللاھقا ئەمەس بەلكى شۇ كىشىگە مۆئمىن ! >>  تىرىكلىكتە چاپاندارلىق قىلىپ ئۇنى - بۇنى قىلىپ قويغانغىلا مۆئمىن بولۇپ كېتىدىغان بولسا ، بىزمۇ نېمە قىلىمىز ساڭا ئوخشاش دۇنيالىق بىلەن خۇرسەن بولۇش بىلەن كۇپايىلەنمەي .....
يەنە بەزى كىشىلەر بار ، جىن بەندىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ۋە تىلىدا پەقەت پالانى موللىنىڭ تىلىدا ئېيتقان ، ياكى قۇرئاندا جىن سۈرىسى بار ۋە جىنلارنى تىلغا ئالغانلىقىغا قارىتالا تەستىقلاشتا بولىدىغان . چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەككى ، بىر نەرسىنى تەستىقلاپ قويۇش ئىمان ئېيتقانلىق ئەمەس ، ياكى ئۇنىڭغا چىن ئىشەنگەنلىكمۇ ئەمەس . تەستىقلاش بەلكى ياكى ئىشىنىش - ئىمان ئېيتىشقا ئېلىپ بارىدۇ ۋە ياكى شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ئۇچىراپ كېتىش بىلەن ناگاھان كۇفرىلىققا ئېلىپ چىقىدۇ . مۇنداقچە ئېيتقاندا ، تەستىقلاش ئەقىدە قىلىشقا تۇتاشسا ، ئىشىنىش ئېتىقاد قىلىشقا تۇتىشىدۇ . ئېتىقاد بولسا تاغ مىسالى زېمىنغا قېقىلغان قۇزۇقتۇركى ، ئۇ زېمىننى تەۋرەتكۈچى زىلزىلىلەرنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ . ئەقىدە بولسا قارىماققا كىچىك ، پەس بولغان ھالدا تاغقا ئوخشاپراق كېتىدىغان ، ئەمما ئەسلى ئۇ بىر دۆڭدىن ئىبارەت بولغان زىلزىلىدىن بىخەۋەر زېمىنغا تازا شاپائەتكە ئەسقاتمايدىغان شەيئىدۇر.
ئەقىدە مىسالى يىراقتىن كۆرگەن شەيئىدۇركى ، تاكى كىشى ئۇنى تۇتمىغۇچە ئۇنىڭدا ئىشىنىش ھاسىل بولمىغۇسىدۇر . ئىمان بولسا تۇتقان نەرسىسىنى قويىۋەتمىگەن ۋە ئۇنىڭ قىممىتى - ماھىيىتىنى تېتىغاندىن كىيىنكى قۇۋۋەتتىن ھاسىللانغان نۇردۇر !
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئىشەنگەن تەرىپىدىن نېمەت ئاتا قىلغۇسىدۇر . شەك كەتۈرىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغان تەرەپتىن نېمەت بەرمەيدىغىنى شۇكى ، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولىشىغا رازى بولمايدۇ . كاپىر دېگەن بىر نېمەتكە ئىشەنگەندىن كىيىن ئىلگىركى ھالىتىگە قايتىۋالغان ، قولىدىكى زىل ئىلىمنى كوزۇر قىلىۋېلىش بىلەن ئاجىزلارنى تەربىيلەپ چىقىپ ، كىشىلەرنى ھەقتىن توسۇپ ئازدۇرغۇچى شەيتانلارنى كۆپەيتكەن مەۋقەسى بىلەن ئاقىۋەتتە يەتكەن سۈپىتىدۇر ! زالىملار ئەنە شۇنىڭدەك ئاقىۋەتكە ئىشەنمەيدۇ . شۇنداق ئاقىۋەتلەرگە قالسىمۇ ئۇنى ئۆز قىلمىشىدىن ئەمەس بەلكى شەيئىلەردىن ، باشقا مەخلۇقاتلاردىن دەپ چۈشىنىدۇ . ئاقىۋەتتە ئۇلار قاتتىق ئېزىشتا ئاللاھقا باشقا ئىلاھلارنى ، مەبۇدلارنى شېرىك قىلىۋېلىش بىلەن تېخىمۇ كۇفرىلىقلارغا قايتىدۇ . ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر !

ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇ يەردە توختۇلۇپ تۇرۇشساق ، بۇلارنى قىستۇرماي تۇرۇپ كىيىنكى قىسىملاردىكى قورغانلارغا ئۇلىشىش سەل قىيىنغا توختۇلۇپ قالغانلىقتىن ، بۇ ۋەز نەسىھەتلەرنى مەۋقەلىمەي بولمىدى . توغرا چۈشىنىپ تۇرغايسىلەر ۋە قۇلاقنى ياغاچ قىلماي بېرىلىپ ئاڭلاشتا بولغايسىلەر . شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى قىسمىمىز ئاياغلاشتى .
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 13:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                             ( 3 )

ئاللاھتائالا شۇنداق دەپ بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش قىلىدۇكى : دۇرۇس ، ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم كەلدى . سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ ، بۇيۇنتاۋلىق قىلدىڭ ، ( ئەنە شۇ جاھىللىقىڭدا ئاقىۋەتتە ) سەن كاپىرلاردىن بولدۇڭ ( 59 ) قىيامەت كۈنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن ، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ ؟ ( 60 ) زۇمەر

ئاللاھ ئېيتقاندەك ، ئاللاھ مەيلى ئۇ قايسى بىر ئىنسان ۋە جىن بولسۇن ، ئۆزىگە كاپىر بولۇپ كېتىشىدىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم پۇرسەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتتى . ھېچ قاچان بىر بەندە كاپىر ھالەتتە تۇغۇلغان ئەمەس ھەم كاپىر يارىتىلغان ئەمەس . ئەمما بەندە ئۆزىنى ئۆزى كاپىر قىلىدۇ ياكى مۇشرىك . ياكى شۈكرى ئېيتىدۇ ۋە ياكى كۇفرىلىق . ئاللاھ ئېيتقاندەك ، بەندە تۇغۇلىشىدىن ئۇ ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالدا دۇنياغا كېلىدۇ . قايسىنى تاللاش ئىختىيارلىقى ئۇنىڭ تاللىشى ، تىلىشىگە باغلىق بولۇپ ، كىمكى ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمەيدىكەن ، ئاللاھ ئۇنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ . گەپ بۇ يەرگە يەتكەندە كىشى ئېيتىشى مۇمكىن . - ھېچ نەرسىنى بىلمەس تۇغۇلغان بالا قانداقسىگە ئۆزلىرىنى ئۆزگەرتىشتە بولالىسۇن ؟ دەپ . توغرا ، ئۇ خىل رەۋىشتە كىشىلەر راستىنلا ھېچ ئىش قىلالمايدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ ئىش قىلىشى ھاجەتسىز . چۈنكى مېھرىبان ئاللاھ ھېچ كىشىگە تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەكلىپ قىلغان ئەمەس . شۇنداق ئىكەن ، ئۇنىڭ تېنى بىر ئىش قىلىپ تىلەشتە بولالمىسىمۇ ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئۈمىد قىلغان تەرەپلىك مەۋقەسىگە قارىتا ھەم ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارلىق ئورنىدىكى ئەسلى كەشپىياتچىلىقىدا بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ خىتاب قىلىپ ئېيتىدۇكى : < ئىنسان ئۆزىنىڭ نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇنكى ، ئۇ بەچچىدانغا تۆكۈلىدىغان ئاجىز مەنىي ئەمەسمىدى ؟ > . ئىنساننىڭ مەنىيلىك ھالىتىدە ئۇنىڭ قانچىلىك ئىمتىيازى بولىدۇ ؟ ئۇنىڭ پەقەت ئارزۇ قىلالايدىغانلا ئورنى - سالاھىيىتى بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ توختىماي باشقا ھاياتلىقلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش بىلەن بەنچچىداندىكى ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ . چۈنكى ئۇ تۇپراقتىكى ۋاقتىدا ئۆز ئىلاھىغا ئۆزىنىڭ ھاياتلىققا چىقىشتىكى نىداسىنى ئىشتقان ئىدى . شۇ ۋەجىدىن كەرىملىك ئاللاھ ئۇنىڭغا بەچچىداندا باشقا ھاياتلىقنى بويسۇندۇرىدىغان قۇۋۋەتنى ئاتا قىلىدۇ . ئاخىرىدا گەپ شۇكى ، ئاللاھ ھېچ بەندىسىگە ، ھېچ بىر مەخلۇقاتلىرىغا ئەسلا تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەكلىپ قىلغان ئەمەس ۋە ھېچ تەكلىپ قىلىدىغان ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن جىمى بەندە مەيلى ئۇ قايسى قىمەتلىك قورغان ئىچىدە بولمىسۇن ، ئۇ شۇ قورغاندىن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك نېسىۋىسىنى تېپىشقا ئۇرۇنسۇنلى ، ئەسلى ئاللاھ ھەممىلەرنىڭ مەيلى قايسى بىر ئائىلە ، مەھەللە ، يېزا - شەھەر بولمىسۇن ، ئىقلىم ۋە دۆلەتتە بولمىسۇن ، مادامىكى ، ئۇنىڭدا جانلا بولىدىكەن ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىشلەشكە ، تىرىشىشقا تىگىشلىك ئەسلى خىزمىتى ، قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللىرى بولىدۇ ھەمدە ئەسلى تىگىشلىك بولغان ھاياتلىقتىكى ئىمتىيازى بولىدۇ . ئەمما ئەنە شۇ ئەسلى ئىمتىيازىنى بىلمەسلىك ، ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبلەردىن ھامان شۇ خىل بەندىلەر ئازغۇنلۇقتا ، ياكى زالىملىقتا بولۇش بىلەن ئۆزلىرىگە ۋە باشقىلارغا يامانلىقنى تىلەپ سالىدۇ . مانا بۇ زور گۇمراھلىقتۇر .
ئاللاھ ھېچقاچان ھېچ بىر بەندىسىگە تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلغان ئەمەس . ئەمما قاچانىكى كىملەر بولمىسۇن ، ئۆزلىرىنى چۈشەنمەستىن دەل تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئارلىشىۋالىدىكەن ، ئەنە شۇ بەندىلەر ھامان ئازابقا ئۇچىراپ كەلگەندۇر . ئەمما ئاقىۋەتكە ئىشەنمەيدىغان ، ياخشلىقنى ئاللاھدىن ، يامانلىقنى ئۆزىنىڭ قىلمىشى سەۋەبلىك بولىۋاتقانلىقلىرىغا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرلا ھامان گۇمراھلىقنى تىلەشتە بولۇپ كەلگەن . چۈنكى ئۇنىڭدەك كىشىلەردە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش بولمايدۇ . پىكىر قىلىش قىممىتى بولمايدۇ . پىكىر قىلسىمۇ پەقەت شەھۋانىي نەپسىگە بېرىلىشتا پەقەت گۇماندىن باشقىسىنى قىلمايدىغان ، شەيتانى ۋەسۋەسىگە ئەگىشىدىغانلاردىن بولىدۇ ياكى ئىنسانىي تەپەككۇر بىلەن ھەممىنى ھەل قىلىشنى تىلەيدىغانلاردىن بولىدۇ . مەگەر ئەنە شۇ خىل مەۋقەلام بولىدىكەن ، ئۇ كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ، شۇ خىل مەۋقە ھامان شۇ كىشىنى ھالاك قىلماي قالمايدۇ . چۈنكى سۆز ئېغىزدىن چىقىشتىن ئىلگىرى سۆزنى شۇ سۆزنىڭ ئىگىسى باشقۇرىدۇ . ئەگەر قاندانلىكى بىر سۆز قانداقلىكى بىر كىشىنىڭ ئېغىزىدىن چىقىدىكەن ، شۇ سۆز شۇ كىشىنى باشقۇرىدۇ . ئەگەر كىشى سۆزىگە بويسۇنمايدىكەن ، ئاقىۋەتتە ئاللاھ ئۇنى ئېيتقانلىرىغا ياكى يۇقىرى تەرەپتىن ۋە ياكى تۆۋەن تەرەپتىن بولمىسۇن ، ھامان بويسۇنۇشقا قىستايدۇ .
مەيلى كىشى قايسى ئۇنۋان ، شەرەپ ، ئاتاقتا ، قۇۋۋەتتە بولمىسۇن ، ھامان ئۇنىڭ ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان ئەمەللىرى ، ئەسلى سۈپەتدارلىق ئىمتىيازى بولىدۇ . ئەمما كىملەر سۆزىدە بىر خىل ، ئەمەلىيىتىدە بىر خىل بولىدىكەن ، ئاتاقتىكى ، تىلىدىكى ئورنىغا مۇناپىق بولغان بولىدۇكى ، ئۇلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرى تىلغا ئېلىنىۋاتقان ئىككى يۈزلىمىچى بولىدۇ . ۋەھالەنكى ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋە ئۆزگىلەرنى چۈشەنسۇن - چۈشەنمىسۇن ، ئۆزلىرىنى ماختاپ ئۇچىرىۋەتكەن ، نادان - ھاماقەتلەرنى ئۆزلىرىنىڭ يالغان يا پەداق سۆزلىرىگە ئاتالمىش ئۇنۋانى ، ئورنى - سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ ئىشەندۈرىۋالغان تەقدىردىمۇ ؟!!!
ھەقىقەت ھامان ھەقىقەتتۇركى ، كىملەركى ئاتىسى ئادەمگە ئەگىشىپ چەكلەنگەن مېۋىنى يەيدىكەن ، ھامان ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى << كىيىم >> لىرى سېلىنىپ كەتكۈسىدۇر . ئەمما ئىلگىركى يەھۇدىي - ناسارالاردەك ئىسلام قايتا روياپقا چىققان ۋە ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى دىيىشىۋاتقان ، ھالبۇكى ئۆزلىرىدىكى كىيىملىرىنىڭ ھەقىقەت تەرەپتىن سېلىنىپ كەتكەنلىكلىرىنى تۇيمايۋاتقان ، سۆزىگە غاپىل ھەتتا سۆزىگە يالغانچىلىقتا بولىۋاتقانلارنىڭ كىيىملىرىنىڭ ئەسلى سېلىنىپ كەتكەنلىكلىرىنى تۇنىشى ئۈچۈن ، ئۆزلىرىنى قايتا بىر ئىسلاھ قىلىنىشى تەكلىپ قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتلاردا يەنىلا ئىلگىركى توغرا دىندىن ئىبارەت << جەننەت >> نىڭ دىنىي سۈپەتدارلىقتىن ئىبارەت لىباسىدىن ئىبارەت << يۇپۇرماق >> لىرى بىلەن سەترى ئەۋرەت قىلىپ ئورۇنۇشقا كىرىشكەن تەقدىردىمۇ ؟ ئەنە شۇ تىلەشلىرىدە پەقەت كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى يەنىلا موللا - ئالىم دەپ ئاتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ ، ھامان ھەقىقەت ۋە ھەقىقەتنى تۇنيدىغانلار ۋە شۇ خىل ھەقىقەت تەرەپبازلىرى << ئەقىل ئىگىلرى ، ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرى >> نىڭ نەزىرىدە ھامان ئۇلار << كىيىم >> سىز يالاڭاچلاردىن ئىبارەتلەردىن خاستۇر !
ئاللاھ ھېچ قاچان ھېچ كىشىگە تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى ، كۈچلەرنى ، ماددى - مەنىۋىيەتلەرنى يۈكلىگەن ئەمەس . مەيلى قايسىكى بەندىلەر بولمىسۇن ، مەيلى قايسىكى بىر يامانلىقلاردىن نابۇت بولىدىكەن ، زىيانكارلىقتا ..... بولىدىكەن ، ئۇنىڭ شۇ تەرەپتىن ئەسلى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئەگىشىۋالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . بىرەيلەن ماتۇرلۇق ۋاستە ئارقىلىق زىيانكارلىققا ئۇچىرىغان بولسا ، ئۇ شۇ ۋاستىنى ئەسلى ئۆزىنىڭ تاقىتى يەتمەيدىغان تىزلىككە چىقىرىۋاتقانلىق ، يول مەۋقەسىنىڭ تىزلىكىگە بويسۇنماسلىق ، ئاجىزلارغا شۇ ئارقىلىق ياردەمدە بولماسلىق ، شۇ ئارقىلىق ياخشىلىقنى تىلىيەلمەسلىك ۋە شۇ ئارقىلىق پەخىرلىنىشتەك بىر تالاي زىلزىلە پەيدا قىلىدىغان دولقۇنلارغا بەرداشلىق بىرەلمىگەنلىكتىن ئاقىۋەتتە ئەنە شۇ تەرەپلىك ئۆزلىرىگە زىيانكارلاردىن بولىدۇ . شۇ كىشىنىڭ ئەسلى تىگىشلىك بولغان پايدىلىنىش ۋاستىسى بار بولغان بولىدۇ . ئەمما ئۇ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئارلىشىۋالغانلىقتىن ، ھامان ئۆزىگە شۇنىڭدەك يامانلىقنى ، زىيانكارلىقنى تىلەپ سالىدۇ . ئاقىۋەتتە تىگىشلىك ئاقىۋەتكە ئۇچىرايدۇ . شۇنىڭدەك ، كىملەركى قانداقلىكى بىر يامانلىققا ، زىيانكارلىققا ئۇچىرايدىكەن ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان گۇناھى ، يامانلىقى ، ئۆزىگە ئۆزى شۇنىڭدەك زۇلۇم قىلغانلىقلىرى سەۋەبلىكىدىنلا بولىدۇ - خالاس ! مانا بۇ ئاشكارا زىيانكارلىقتۇر .
شۇنىڭدەك ، ھەر قانداقبىر بەندىلەرنىڭ ئەسلى ئىشلەشكە تىگىشلىك بولغان ئەمەللىرى ، ئىش - ھەركەتلىرى ، تاقىتى يېتىدىغان كۈچ - قۇۋۋىتى بولىدۇ . كىملەركى ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشەنمەيدىكەن ، ھامان زىيانكارلىقتا بولىدۇ - خالاس ! شۇنىڭدەك ، بەندە مۇنداقلا كاپىر بولۇپ قالمايدۇ ياكى مۇشرىك بولۇپ قالمايدۇ . ئۇنىڭ ئاقىۋەتتىكى شۇنىڭدەك ئىماندىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئىلگىرىدىن ئىشلەپ تاپقان ساۋابلىرىنى بەربات قىلىۋېتىشى دەل ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ، قىلسا ، ئېرىشسە قەتئى بولمايدىغان شەكىللەرگە ئورۇنۇش ، ماددىلارغا چىقىۋېلىشلار بىلەن بولىدۇ . كىشى دوزاخنى ئەنە شۇنىڭدەك قارىماققا ياخشىدەك ، ئەمما ئۆزلىرىگە زىيانلىق كەلتۈرىدىغان شەيئىلەرگە ئېرىشىش بىلەن ، تاقىتى يەتمەيدىغان ئامانەتكە ئېرىشىش بىلەن بولۇپمۇ قالىدۇ . كىشى مادامىكى ئۆزلىرىنى ھەر ۋاقىت ئىسلاھ قىلالمايدىكەن ، ئۇ مەيلى موللا - ئالىم بولمىسۇن ، ئۇ ئۆزىنى ئەنە شۇ ئۇنۋان بىلەن دوزاخقا ئىشتىدۇ . ياكى ئەسلى ئىشلىتىشكە تېگىشلىك بولغان ئىقتىدارىنى ئىشلەتمەي نادان ، ھاماقەتلىكتە بولمىسۇن ، ئەنە شۇ نادانلىق ياكى ھاماقەتلىك ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھەم دوزاخقا ئىشتىدۇ . ئۇ مەيلى باي بولسۇن ياكى گاداي بولسۇن ، ئىش شۇ ئىشنىڭ ئەھلىگە تاپشۇرۇلمايدىكەن ، كىشى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئەھلىلىك ئورنىنى تاپالمايدىكەن ، ئۇنىڭ ئەنە شۇ ئاجىزلىقى ئۇنىڭغا زىيانكارلىقنى ئېلىپ كېلىدۇ .
كىشى ئۆزىنى مۇسۇلمانلىقتا ئاتايدۇ دە ، ئۇنىڭغا مۇسۇلمانلىققا قارىتا سۈپەتدارلىق تەكلىپ قىلىنىدۇ . كىشى ئۆزىنى مۆئمىنلىكتە دەپ ئاتايدىكەن ، ھەم ئۇنىڭغا مۆئمىنلەرگە خاس سۈپەت تەكلىپ قىلىنىدۇ . مەيلى ئۇ قايسى بىر ئىشنىڭ ، ئىمتىيازلىقنىڭ ئىگىسى دەپ ئاتايدىكەن ، ئۇنىڭ ئەنە شۇ ئاتىشى ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ ئەنە شۇ خىل ئاتىقىغا قارىتا تەقدىر قىلىنغان بىر ئىش سەۋەبلىك ياكى قىسمەت ئىچىدە ئېيتقانلىرىنى ئۇرۇندامدۇ - يوق ؟ ياكى ئۇرۇندىيالامدۇ - يوق ؟ ئۇرۇندىسىمۇ ئەسلى چىنلىقتىكى قىممەتتە بەرپا قىلىنالامدۇ  - يوق ؟ مانا بۇ ئەسلى ماھىيەتلىك تەكلىپلەر تىللىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ ، جاكارلانغۇچىلارنىڭ ھاياتىغا تەقدىر - قىسمەتلەر ئارقىلىق كىرىشتۈرۈلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۆچ كۆرىلىدىغان ئىش ، دەل كىشىنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دىيىشلىرى . چۈنكى بەندە بىر ئىشنى قىلىمىز دەپلا تىل ئىشتقان ئىكەن ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شۇ تىل ئىشتىشىگە قارىتا تەقدىر - قىسمەت ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ . ئۇلارنىڭ تىلىدا ئېيتقانلىرى سەۋەبلىك ئاللاھنىڭ بىر بۆلۈك ھېكمەتلىرىگە ئارلىشىپ قالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە تولىمۇ زىيانكارلىقتا بولۇپ قالىدۇ .
ئاللاھتائالا شۇنداق دەپ بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش قىلىدۇكى : دۇرۇس ، ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم كەلدى . سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ ، بۇيۇنتاۋلىق قىلدىڭ ، ( ئەنە شۇ جاھىللىقىڭدا ئاقىۋەتتە ) سەن كاپىرلاردىن بولدۇڭ ( 59 ) زۇمەر
مانا بۇ ئايەتتە ئەنە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرى ، ئەۋلىيا - ئەنبىيالىرى ، توغرا يولدىكى مۇسۇلمان بەندىلىرى دەپ ئاتىشىۋاتقان بىر ۋاقىتلاردا ئويلىمىغان يەردىن ئەسلى ئاللاھ تەرىپىدىن بولغان ئىمان ئېيتىشقا زورلانغان ئايەتلەر ( يەنى قۇرئاندىكى بىر ئايەت دەپ بۆلۈپ بەرگەن ئايەتلا خاس ئەمەس بەلكى ، ئاللاھنىڭ قايسى بىر شەيئىسىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى قايسى رەۋىشتە ئايان بولىدىكەن ۋە ئەسلى قىممىتى ئاشكارلىنىدىكەن ، ئەنە شۇ بىر ئايەتتۇر . ئايەت ھەم بىر ئىلىمدۇر . ئىلىم بىر شەيئىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى قىممىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قورغانلىق پايدىلىق لۇقمىدۇر . مانا بۇ لۇقمىلار ) ئاللاھ خالىغان بىر بەندىلەرنىڭ ئاغزىدىن ياكى قەلىمىدىن بارپا قىلىنىپ كەشىپ قىلىنغۇسىدۇر . كىشى ئەنە شۇنىڭدەك تىل ئىشتىشى بىلەن ئاللاھنىڭ  ئۇنىڭ تەقدىرىگە مۇلاقات قىلىپ بېرىشى بىلەن ياكى ئىنكار قىلىدۇ ۋە ياكى قارشىلىق قىلىپ ئىسيان قىلىدۇ . مانا مۇشۇ مەۋقە دەل ئىگىسىگە ، ئول كىشىگە توغرا رەۋىشتە تەكلىپلەنگەن بولسىلا ، شۇ كىشىنىڭ شۇ ئايەتلەرگە كاپىرلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . كاپىر دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى لوغىتى ، شۇنىڭدەك ھەقىقەتكە تەكلىپ قىلىنسا قارشىلىق قىلغۇچى ، ياكى ھەقىقەتنى يوقاتماق ئۈچۈن تىرىشقۇچى دېگەن بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، بىر ئوبدان ھۈنىرىنى قىلماي خىزمەت قىلدىم دەپ ، ئۆزلىرى بىلمەيدىغان ھەقىقەتكە خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن دەپ قارشىلىق قىلىپ ، << پىرئەۋن >> لەرگە ئەگىشىش بىلەن ئۆزىنى ئۆزى ئەتەي كاپىرلىققا ئورىغۇچى  ھاماقەتلەرمۇ كۆپ ئارىمىزدا . خۇددى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ ئىلگىركى موللا - ئۆلىمالىرىدەك ، ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالماق ئۈچۈن ھەقىقەتكە بويسۇنماي ۋە ھەقىقەتكە قارشى ئىسيانكار بولۇشتەك ، ھەقىقەتتىكىلەرنى ياكى ھەقىقەتكە مايىللىشىۋاتقانلارنى توغرا يولىدىن ئەتەي توسقانلىقتىكى مەۋقەلىرى بىلەن كاپىرلىقنى تىلىگۈچى موللا - ئۆلىمالارمۇ كۆپ ھەم بۇندىن كىيىن زامان مۇشۇنداقلا ماڭسا تېىخمۇ كۆپەيگۈسىدۇر !
شۇنىڭ ئۈچۈن دىن بىلەن ئالاقىسى بولمىغان كىشىلەر ئەسلى ھالىتى بىلەن دىننى چۈشىنىشكە قارىتا ھاياتلانمىغى لازىمدۇر ! ئۇنداق بولماي يۇقىرى تەبىقىدىكىلەرگە تەكلىپلىك << مۇسابىقە >> گە كىرىۋالىدىكەن، چاپسانلا رەسۋا بولىدۇ ۋە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ ھەتتە ئۆز غورورىنى يوقۇتۇش بىلەن ، ۋە ياكى پالانى << مۇسابىقە >> گە قاتناشقان دېگەنكى ئۇنۋان بىلەن پەخىرلىنىپ ئۆزىنى يوقۇتۇشتەك ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشتىن توسۇلۇپ ، شۇ شەرەپ بىلەن پەقەت نادانلارنى ئۆزلىرىگە ئىشەندۈرۈشتەك مەۋقەدە تۇرۇش بىلەن تولىمۇ زىيانكارلىقنى تىلىگەن بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى چۈشىنىشىمىزگە ۋە ئۆزگىنى چۈشىنىشكە قارارلىنىشتا بولىشىمىز كېرەكتۇر ! ھېكمەت پالانى موللا - ئالىمدىلا بولمايدۇ ، بەلكى ئاللاھ ئالاھىدە ئاتا قىلغان ، ئىرادە قىلغان كىشىلەردە ، كۆكسى ئىسلام ئۈچۈن ھەقىقەتەن كەڭ قىلىنغان كىشىلەردىلا بولىدۇ . ئەنە شۇ ھېكمەت بېرىگەنلەرلا  كىشىلەرنى يىتەكلەشتە << تېرنېر >> لاردۇر . ئىزدەڭلەركى ، ئىزدەپ تاپساڭلار بەيئەت قىلىڭلاركى ، ئەنە شۇ ئەھلى ئىش ئىگىسى بولغان << تېرنېر >> لارنى . ئۇلار چوقۇمكى ھەر بىر كىشىلەرنىڭ ئورنى ، سالاھىيىتى ، ئەسلى كىملىكىنى تۇنۇيدۇ ۋە ئىسلامدىن ئىبارەت تۈز سىزىق تاناسىپلىق قىممىتى بېرىلگەن بولۇپ ، سىلەرنى ئەنە شۇ تاناسىپ بۇيىچە يىتەكلەپ ئۆز زامانىڭلاردا دەۋىر قىلىپ تۇرۇشتا تۇتقا قىلىدىغان ، ھامىي بولىدىغانلاردىن بولسۇن !
ئەلۋەتتە ، بۇنىڭغىمۇ كۆپ ئىلىم ۋە كۆپ تەۋەككۇلچىلىق قۇۋۋىتى ، تەقۋالىقتىكى ئىمتىياز كېرەك بولىدۇ . بۇ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ، ئارزۇ قىلغانلارغا ئەمەس بەلكى تىرىشىپ تىلىگەنلەرگە ، ھېچ بولمىسا ئۈمىد قىلغانلارغا مەنسۈپتۇر !
داۋامى بار !

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 11:17:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                 ( 4 )

ئايەتتە ئېيتىلغاندەك : {  ئۇلار ( يەنى سېھىرنىڭ دۇنيالىقتىكى ماھىيىتىگە ، قىممىتىگە ئىشىنىپ شۇنىڭ بىلەن رازى بولۇشنى تەيىن تېپىشقانلار ) سۇلەيماننىڭ ( سېھىر ئالىمى كۈچەيتىلگەن ) پادىشاھلىق زامانىدىكى ( سېھىرگە ئالدىنىپ دۇنيالىقنى تىلەشكەن ۋە تىلەشلىرىدە پەقەت نەپسىنىڭ خۇشلىقىغا ئەگەشكەن ھەقىقەتتىن ئازغۇچى ۋە كىشىلەرنى ئازدۇرغۇچى ) شەيتانلارنىڭ ( سېھىرگەرلىككە ئائىد ) سۆزلىرىگە ئەگەشتى } . چۈنكى شەيتانلار يەنە ئايەتتە ئېيتىلغاندەك : {  ئۇلار ( يەنى ئۆز زامانىدا گەرچە كىشىلەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتى پىسخىكىسىنى چۈشىنىش قىممىتى سۇس بولسىمۇ ، ئەمما سېھىر ئىلمىسىگە ۋارىس بولغۇچىلار ) بابىلدىكى ھارۇت - مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان ( يەنى تەۋراتتىكى سۆزلەرنىڭ سېھرى قىممىتى بىلدۈرۈلگەن ) سېھىرنى ئۆگىتەتتى . ( بۇ ئىككى پەرىشتە ۋە كىيىنكى بۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر ئۆزلىرىدىن سېھرى ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى كىشىلەرگە ئاۋۋال ) بىز كىشىلەرنى ( مۇشۇ خىل ئاساستا دىنغا مايىل قىلىش ئۈچۈن ۋە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكلىرىنى ھىس قىلدۇرۇش - ئىشەندۈرۈش ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئاللاھىنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىنى تەستىق قىلغانغا قەدەر ئىلىم بىرىپ شۇنىڭدىن كىيىن قانداق قىلسۇن ، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ياخشىلىقى ياكى يامانلىقى ئۈچۈن قىلىدىغانلىقلىرىغا قارىتا ) سىنايمىز ( شۇنىڭدەك ئىلىم  ۋە ئىمتىيازلار بىلەن نېمىلەرنى تىلەيدۇ ؟ ئۆز ھالىغا قويىۋېتىمىز . كىيىنكى نەسىھەتلىك مەۋقەيىمىز شۇكى ، ئەمما بۇ خىل ئامانەتلەردىن يامانلىقلارنى تىلەپ دۇنيالىققا ئالدانمىغىن ۋە يامان كىشىلەرگە بۇ ئامانەتنى بىرىپ قېلىشتىن يىراق بولۇپ ) كاپىر بولمىغىن ، دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى . ( ئەمما ) ئۇلار ( يەنى دۇنيالىقنىڭ شەھۋىتىگە ئەگىشىدىغانلار سېھىر ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان پايدىلىق نەرسىلەرنى قىلالايدىغان ، ۋە شۇ ئارقىلىق ئاخىرەتلىكنى تىلىيەلەيدىغان قىممەتكە كېلىشكە يېقىن قىلىدىغان تەرەپلەرنى تاشلاپ ) بۇ ئىككىسىدىن  ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنەتتى  }

مەن ئون ياش ۋاقتىمدا شۇنىڭدەك بىر ئورۇنغا كىرىپ قېلىشقا مۇستەسنا بولغان ئىدىم . ئۇنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى .
بىر تەرىپى تۇتماس بىمار كاڭدا ياتاتتى . گەرچە ئىلگىرى نۇرغۇنلىغان دوختۇرخانىلارغا ئاپارغان بولسىمۇ ، ئەمما ھېچ بىر ئامال قىلىپ ياخشىلىنىش بولمىغان ۋە ئاخىرىدا دوختۇرلارمۇ پەقەت ئامالنىڭ يوقلىغىنى ئېيتىپ باللىرى ھەم قايتۇرۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى . ئەمما كىشىلەرنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن باللىرى بىرقازاقنى تېپىپ كەلگەن بولۇپ ، ئەنە شۇ قازاق بىمارغا بىر مۇنچە ھۈنەرلىرىنى چىقىرىپ داۋالىماقنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى . قازاق بىر قانچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللانغان . بۇنىڭ بىرى دەل ئۇنىڭ قولىغا ئاق كەپتەرنى قان قىلىپ شۇ بۇغۇزلانغان پېتىلا تېڭىشتىن ئىبارەت ئىدى .
قازاق ئۇنىڭ باللىرىغا ئاق كەپتەردىن بىرنى تېپىپ كېلىشكە بۇيرىدى ۋە كەپتەر تېپىلىپ كېلىندى . شۇ ئارىدا قازاق بىر نىمىلەرنى قىلغاچ ئىچىدە بىر نىمىلەرنى ئوقۇيتتى . شۇ ئەسنادا بالىلارنىڭ بىرى قازاققا كەپتەرنى ئۇنىغا بەردى . قازاق ئۇنى شۇ تۇرقىدىلا بىمارنىڭ ئاغرىق تەرىپىگە قارىتىپ قويۇپ بەردى . ئەمما كەپتەر پاراسلاپ قانات قېقىپ ئۇچۇشقا باشلىدى . كەپتەر ئۆينى ئايلىنىپ ئۇچاتتى ، ئۇچاتتى . ئاخىرى ھاردى بولغاي تامغا قېقىلغان گېلەمنىڭ ئۈستىگە قونىۋالدى . بىمارنىڭ چوڭ ئوغلى قازاققا كەپتەرنى تۇتۇشقا ئىزنى سورىدى . قازاق تازا بىر نىمىلەرنى ئوقۇغاچ ۋە بىرنىمىلەرنى قىلغاچ ئۇنىڭغا خالىسا شۇنداق قىلىشىنى ئېيتتى . شۇ ئەسنادا بىمارنىڭ باللىرى كەپتەرنى تۇتۇشقا كىرىشتى . بىر ھازادىن كىيىن شاش كەپتەر تۇتۇلدى ۋە قازاققا ئەكىلىپ بېرىلدى . قازاق بۇ نۆۋەتمۇ كەپتەرنى تازا ئېرەنسىمىگەن ھالدىلا يەنىلا كەپتەرنى باياقىغا ئوخشاش تاشلاپ قويدى . كەپتەر يەنە ئۇچتى ، ئۇچتى . يەنە ھېلىقى گېلەمنىڭ ئۈستىگە قوندى . بۇ نۆۋەت بالىلارنىڭ چوڭى قازاقتىن كەپتەرنى تۇتۇشقا ئىزنى سورىدى . ئەممە قازاق بۇ نۆۋەت بولدى قىلىشقا بۇيرىدى . شۇنداق قىلىپ قازاق بىرنىمىلەرنى قىلاتتى ۋە بىر نىمىلەرنى ئوقۇيتتى . بىر ۋاقىتتىن كىيىن كەپتەر ئۆزلىكىدىنلا گېلەمنىڭ ئۈستىدىن پەسكە چۈشتى ۋە ئاستا - ئاستا بىمارنىڭ ئاغرىق تەرىپىگە يېقىنلاشتى ھەمدە قازاقنىڭ ئالدىدا توختىدى . قازاق قولىنى ئۇزىتىۋېدى كەپتەردە ھېچقانداق قارشىلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى ۋە قازاق بىمارنىڭ ئاغرىق تەرىپىگە ( قولىغا ) كەپتەرنى ئۆلتۈرۈپ شۇ پېتىلا تاڭدى ۋە شۇ كېچىسى تۈن قاراڭغۇدا زېرەتكارلىقنىڭ قاق ئوتتۇرسىغا ئاپىرىپ كۆمۈشكە بۇيرىدى . ئەمما كەپتەر ئۇ سۈر باسقان ئۆلۈكلەر شەھەرچىسىنىڭ يان بىر تەرىپىگىلا كۆمۈلدى ( ئەممە مەن كۆمۈلگەن يەردە يوق . كىيىن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدىم ) .
مەن بۇ ئالامەتلەرنى كىچىكىمدىلا كۆرگەچ ، شۇنىڭدەك << موللام >> ئاتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەن بەزى غەيرىي قىممىتىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتىم . كىيىن چوڭ بولدۇم ۋە ئون سەككىز ياشقا كىردىم . بۇ ۋاقىتلاردا ئەل - ئاغىينىلىرىممۇ كۆپەيگەن بولۇپ ، ناگاھان بىر پەيتتە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرسى توساتتىن يۈرىۋاتقان مۇھەببىتىگە ئاشىق بولۇپ چاقۇرغۇ قىلسا تېلىفۇننى بىر ئۇرىۋالسا بىر سائەت ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ۋاقىت پاراڭلىشىپ يەنە قانماي بەزىدە تېلىفۇننى قويۇپ بىز بىلەن خوشلۇشۇپ ئۇدۇل ئۇنىڭ ئۆيىگە چاپىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . بۇ ۋاقىتلاردا تازا بۇ توغرىسىدا ئويلىنىش قىلماپتۇق . بارغانچە بۇ ھالىتى كۈچىيىپ ئاخىرى قەھرىتان قىشتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان  ، سائەت ئون ئىككىدىن ئاشقان بىر ۋاقىتلاردىمۇ ھەم موتوسىلىكىتتا ھەم ئەتىگىچە چىدىمىغان ھاللاردا يورغىلايدىغان بولۇپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ ھالەت بىزنىڭ ، بولۇپمۇ مەن ھېلىقى كۆرۈنۈشنى كۆرگەن ۋە دائىم شۇنداق گەپلەر بولۇنسا قۇلاق تۇتىدىغان ھەمدە شۇنداق گەپلەرنىڭ بولىشىنى كوچىلايدىغان مەننىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن باللا بىلەن بۇ توغرىسىدا پىكىرلىشىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىپ باقىدىغان بولدۇم ۋە بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم ۋە شۇ خىل ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر يىپ ئۇچى چىقىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ گەپ كوچىلاپ تۇرىۋالدىم . گەپ تازا چېڭىغا چىققاندا بولسا ئۇ مېنىڭ قەستەن مۇھەببىتىنىڭ ئۇنى قەستلىگەن ، ئىسىتقۇ قىلغانلىقى توغرىسىدا كۈچلۈك ەۇمان قىلغانلىقىمنى چۈشەندى ۋە شۇنىڭدىن كىيىنكى سۆھبەتنىڭ بولماسلىقىنى تىلىدى . مەن ئۇنىڭغا ئۇنىمىدىم . چۈنكى ئاشىقنىڭ كۆزى قارغۇ بولۇپ ، قارغۇ ئۇنىڭ ھېچ يامان يېرىنى كۆرۈش ئېھتىماللىقى بولمىغان بىر ھالغا چۈشۈپ قالاتتى . بۇ تەرەپلەرنى ھەم ئۇنىڭغا تەپسىلى چۈشەندۈردۈم . ئۇ ئاخىرى شۇنداق ئىشلارنىڭ بار - يوقلىقى توغرىسىدا ئىلگىركى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقىتلاردىكى بىرەر يۇچۇقنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئېسىگە ئېلىپ باقىدىغان بولدى . شۇنىڭ بىلەن سۆھبەتنى باشقا ياققا يۆتكىدۇق . كىيىنكى كۈنلەردە يەنە بۇ توغرىسىدا تىل ئىشتتىم . ئۇنىڭ بىلەن يەنىلا تازا گەپ بىر يەردىن چىقماي ، ھەتتا ئۇ بۇندىن كىيىن ئۇنداق گەپ قىلماسلىققا ، بولمىسا ھەقىقەتەن مەندىن يامانلايدىغانلىقىغا قارىتا تىل ئىشتقانمۇ بولدى . ئۇنىڭغا ئۇنداق ئىش بولۇپ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىلسە يامان ئاسارىتى قېلىپ ، قەست ئۇستخانغا ئۆتۈپ كەتسە كىيىن ياندۇرماق تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ، ھەمدە بۇ خىل ئىسىتقۇنىڭ ئوغۇل بالىنىڭ ھەر تەرەپلىك قىممىتىگە يامان تەسىر قىلىپ ھەتتا ئۇنىڭ غورۇرىنى ، كىيىنكى ئەقلى ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتىم ۋە ئاخىرىدا ئۇنى سۆزۈمگە ئىشەندۈردۈم . ئۇ يەنىمۇ ئويلىنىپ باقىدىغان بولدى .
كىيىنكى نۆۋەت يەنە ئىككىمىز ئۇنىڭ ئۆيىدە بولۇپ قالدۇق ھەم نۆۋەتتە يەنىلا شۇ گەپنىڭ داۋامىنى تېشىشكە تەرەتدۇتلاندۇق ھەمدە ئاستا - ئاستا ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىدۇق . ئۇ كىيىن يادىغا ئالغان بىر يىپ ئۇچىنى چىقىرىشى بىلەن سىر مانامەن دەپلا ئۆزىنى ئاشكارا قىلدى . ئۇنىڭ دىيىشىچە ، بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا شۇ ھاياجان ئىلكىدە بارغان ۋاقىتتا ھاماقەت قىز بىر تال قوپالراق ئۈزۈككە ئوخشاش بىر نەرسىنى كۆرسۈتۈپ << مۇشۇ نەرسە بولمىغان بولسا بۈگۈن سەن بۇ يەرگە كەلمىگەن بولاتتىڭ >> دەپتۇ . يىگىت ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن تىل ئىشتقان بولسىمۇ ، ئەمما قىز زادىلا ئۇنىڭغا بەرمەپتۇ ۋە << بۇ نەرسە مەندە تۇرسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ >> دەپ ئۇنىڭغا زادىلا بەرگىلى ، ھەتتا قايتا كۆرسىتىشكىمۇ ئۇنىماي قويۇپتۇ . بۇ ئۆزىگە تەلۋىلەندۈرگەن ئاشىق بولسا كۆزى شۇ ھالەتتە كورلۇقتىن ئۇنىڭ بىلەن تازا كارى بولماي بولدى قىپتۇ ۋە ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن خۇشلۇق تېپىپ يەنىلا خۇرسەن بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ . كىيىن ئۇ شۇ خىل ئىش توغرىسىدا ئويلىنىش قىلغاندا بولسا توساتتىن يادىغا كەپتۇ ۋە بۇنى ماڭا ئېيتقۇسى كەپتۇ . ئەھۋال بۇ يەردە بولغاندىكىن مەن ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان ، ھەتتا ئىلگىرى شۇ قىزنىڭ ئاغزىدىن << ئەگەر تاماقتا شۇنداق قەست بولسا تاماقنى يىيىشتىن ئىلگىرى ئازراق بىر نەرسىلەر - سەي قاتارلىق نەرسىلەردىن تاشلىۋېتىپ يېسە ھەر قانچە كۈچلۈك قەست بولسىمۇ تەسىر قىلمايدۇ >> دەپ ئاڭلىغان ھەمدە باشقا كىشىلەرنىڭ شۇ خىل توغرىسىدا بولۇنغان سۆزلىرىنى مۇجەسسەملىگەن ھاللاردا ئۇنىڭغا قەستنى چوقۇم يوقۇتۇش توغرىسىدا بىر ھازا لىكسىيە سۆزلىدىم ۋە ئۇنى قايىل قىلدىم . ئاخىرىدا تاكى قەست تۈگەپ سالامەت بولغۇچە لايىقىغا ئېيتماسلىقنى تاپىلىدىم . ئۇ ماقۇل بولدى ۋە شۇنىڭدەك بىر كىشىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدى . بۇ مېنىڭ جەمىيەتتىكى ۋاقتىم ۋە دىن توغرىسىدا پىكىر قىلىۋاتقان ، رەببىمدىن ھىدايەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقان بىر ۋاقتىم بولغاچ ، بەزى ھۆكمىلىرىم شۇنىڭدەك زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش توغرا دەپ بېكىتىلەتتى . مىنىڭ تىلىم ۋە پۇت - قۇلام شۇ خىل قارارىم بۇيىچە ماڭاتتى . مۇنداقچە ئېيتقاندا مېنىڭ تىلىگىنىم ئەنە شۇنىڭدەك بولاتتى .

يىگىتنىڭ كىيىنكى قەدەمنى قانداق باسقانلىقىغا قىزىققان بولسىڭىز كىيىنكى قىسىمغا دىققەت قىلىڭ !

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 11:51:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                         ( 5 )

شۇ ئارلىقتا ھەپتە ئۆتكەن بىر كۈنى يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم بىللە بوپ قالدىم ۋە ھېلىقى ئىشلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ، موللا ( مەن ئۇ ۋاقىتتا ئىسىتقۇ قىلىدىغاننى باخشى ، ياندۇرىدىغاننى موللا دەپ تۇنۇيتۇم ) تاپقان - تاپمىغانلىق توغرىسىدا سورىدىم . ئۇ توساتتىنلا مىنى ھەيران قالدۇرۇپ يېقىنلىرىدىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ يېقىنلا بىر يەردىن بىر ئايالنى تاپقانلىقىنى ئېيتتى ۋە مۇشۇ پەيشەنبە كېلىشىنى ، ئاندىن ئۇنىڭ ئەھۋالىغاقاراپ ھەر پەيشەنبە داۋا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . گەپ شۇنچىلىك بولدى ۋە مېنىڭ داۋاملىق تاپىلايدىغىنىم شۇ ئىدىكى ، بۇ ئەھۋاللارنى ئۇ قىزغا ھەرگىز ئېيتماسلىققا ، ئېيتىپلا قويسا قايتىدىن يەنە ئىسىتقۇزۇپ ئۇنى يولىدىن توسۇپ قويۇشقا ھەركەتكە كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قۇلىقىغا قۇيىۋەتتىم ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ۋاقىت ئۆتۈپ قايتىشتۇق .

ئۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەت كۆرۈشكەندە بولسا مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى . چۈنكى ھېلىقى ئايال باخشى پال سېلىپ ، ئۇنى - بۇنى قىلىپ بېقىپ كۈن چىقىش تەرەپتىن بىر قىز ، بۇغداي ئۆڭ قىز ، بۇيى ئىگىزمۇ ئەمەس ، بەك پاكارمۇ ئەمەس بىر قىز ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ئىسىتقۇ قىلىپ ئۆزىگە قاراتقانلىق خەۋىرىنى بېرىپتۇ ھەم ئۇنىڭغا بىر بۆلۈك پەيشەنبىنىڭ سانىنى دەپ ، ھەر پەيشەنبە قېلىدىغانغا ۋە ھەر كەلگىنىدە ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ قەستنى ياندۇرىدىغانغا كېلىشىم پۈتۈشۈپتۇ . ئۇمۇ ماقۇل بوپتۇ . ئەمما بۇ دۆت بۇ ھەقىقەت ئىچىگە پاتماي شۇ كۈنى ئۇدۇللا بېرىپ ھېلىقى قىزغا بۇ ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە ئېيتىپ ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ، ئۆزىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسە ھەم ئۇمۇ ھەقىقى ياخشى كۆرسە ئاندىن مۇھەببەت ساپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر مۇنچە ئازارلىشىپ قايتىشىپتۇ . ئەمما مەن بىلەن كۆرۈشكەندە بولسا ھېلىقى ئاچچىقىدىن ئەسەر يوق << بولدى قىلايياۋە ئاداششەۋە ، نېمە ئەدەم ئۇنداق ئادەملەرنىڭ يېنىغا بېرىپ كىلىپ ، نېمىلا بولسا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي ، بەلكىم ئۇ ئۇنداق ئىشنى قىلمىغاندۇ ، بىز پەقەت گۇمان قىپلا ئۇنىڭغا يالغان تۆھمەت قىلغاندىمىز ، بولدى مۇشۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى ! >> دەپ ئاخىرقى قارارىنى ئېيتىپ مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىۋەتتى . شۇئان كاللامغا بۇ ئىشلارنى ئۇ قىزغا ئېيتقانلىقى كەلدى دە ، ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى ئۇ قىزغا ئېيتقانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن ئەتىدىن باشلاپ شۇ قارارىدىن يانغانلىقىنى دېدىم . ئۇ مەن بىلەن بىر مۇنچە تاكاللاشقاندىن كىيىن ئاخىرى بۇ ئىشلارنى بىر باشتىن ئېيتىپ بەردى ۋە ئەمدى ئۇندان يەرگە بارمايدىغانلىقىنى ، ھېچ ھەم بېرىش خىيالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى . بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ ئۇ قىزنىڭ ھەقىقەتەن رەزىل قىز ئىكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىسىتقانلىقى توغرىسىدىكى ئىسپات باخشى ۋە ئۇ قىزنىڭ يېنىدىن قايتىپ كەتكەندىن كىيىنكى ئىشلار بىر بۆلۈپ ئەمەلىيلىشىپ راستىغا چىققاندىن كىيىنكى كوزۇرۇم كۈچلەنگەنلىكتىن ، ئۇنى چاپسانلا قايىل قىلىشقا كۆزۈمنىڭ تامامەن يېتىدىغانلىقىنى جەزىم قىلدىم ۋە سۆزۈمنى بىر باشتىن ئېيتىپ كەلدىم .
- ئاداش ، ماڭا قاراڭلە ! سۆزۈمگە ئوبدان قۇلاق سېلىڭلە ! مەن ھېلىقى موللا ئايالنى تۇنۇيمەنمۇ ؟
- ياق !
- دېمەك ، مەن سىلنىڭ بۇ ئىشلارنى ئۇنىڭغا دېمىگەنلىكىم راست شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق !
- ئۇ موللا ئايالغا سىلىمۇ ئۇ قىز توغۇرلۇق سۆزلەرنى قىلمىغان ۋە ئۇ ئايال ئۆزىدىكى شۇنىڭدەك ئىلىم بىلەن بۇ ئىشلارنى پال سېلىش ئارقىلىق تاپقان ، شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق !
- ئەمدى بۇ ئىشلاردىن سىلىنىڭ مۇھەببىتىڭلە ھەر قانچە مەن ئۇنداق ئىشنى قىلمىدىم دەپ تېنىۋالغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ يالغان ئېيتقانلىقى ئىسپاتلاندى ، شۇنداقمۇ ؟
- ...........
- ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭكىنى راستقا چىقىرىش ئۈچۈن ، شۇنىڭدەك قىستالغاندا قولىدىكى سىلىدەك بايلىقتىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ھەر نىمىلەرنى دەپ كېتىدۇ ۋە يالغان ئېيتىشقا ، ئۆزىنى ئاقلاشقا تۇتىنىدۇ . بولۇپمۇ سىلنىڭ مۇھەببىتىڭلىدەك قارشى تەرەپنى يولىدا ، ھەقىقىي چىنلىقتا ئەمەس بەلكى زوراۋانلىق ، تەلۋىلىك ئىچىدە قولغا كەلتۈرمەكنى تىلەيدىغان ، قولغا كەلتۈرۈشتە مۇشىنىڭدەك يامان يول ئارقىلىق بولسىمۇ ھېچ ۋاستە تاللىمايدىغان كىشىلەر شۇنداق كېلىدۇ . مۇشۇنداق زور دەلىل پاكىت تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا ئۇ ئۆز گېپىنى راستقا چىقىرىمەن دەيدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتەن ئەڭ پەسلەردىن بولغان بولىدۇ .....
بۇ گەپنى قىلىشىم بىلەن ئۇنىڭ چىرايى ئاچچىقتىن ماڭا تىكىلىپ ئۆزگىرىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ شۇ تاپتا ماڭا قارشى ئىسيان قىلىشى توغرا ئىدى . چۈنكى ئۇ چىنلىقتا بولمىسىمۇ ئەمما قار ھالەتتە بولسىمۇ << ئاشىق >> ئىدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ نۆۋەت ئۇنىڭغا چىرايلىق سۆز قىلىشقا باشلىدىم .
- مېنىڭ ئۇنى پەس دىيىشىم ئۇنىڭ تىگى - تىگىدىن شۇنداق دىگەنلىكىم ئەمەس . بەلكى ئۇ تېخى 17 ياشلاردا بولغاچ كەم ئەقىللىق قىلىپ قويغان يەرلىرى باردۇ ؟ ئۆزەڭلىمۇ بىلىسىلە ، بۇ ۋاقىت ھەممىمىزنىڭ تازا تەلۋېلىشىدىغان ۋاقتى . ئۇمۇ بەزى قىز - ئاياللارنىڭ مۇشۇ خىل يول ئارقىلىق بولسىمۇ قولىغا كەلگەن ئامەتنى چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن مۇشۇ يولدا بولسىمۇ تۇتۇپ قېلىشنى تىلىگەنلىك تەرىوىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت سوراپ مۇشۇ يولنى تاللىغان بولىشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە بۇ ىىل ئىشنى قىلىش ۋە قىلدۇرۇش ھەقىقەتەن ئەڭ پەس كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى . مۇھەببىتىڭلە بۇنىڭ قانداق يامان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەچكە سىلنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ شۇنداق ئىشنى قىلىپ سالغان بولىشى مۇمكىن . شۇڭا پۈتۈن گۇناھنى ئۇنىڭغىمۇ ئارتىپ قويساق بولمايدۇ . ئاۋال سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ سىلدىكى بۇ مەينەتچىلىكنى يوقۇتايلى ، ئاندىن قالدى ئىشلارنى كىيىنچە قىلىپ مۇھەببىتىڭلىنى بۇ ناچار يولدىن تارتىۋالايلى ھەم بۇنىڭ ئەڭ قەبىھ ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەيلى !  ............................
شۇنداق قىلىپ ئۇنى قايىل قىلغان بولدۇم ۋە ئۇ بۇ نۆۋەت مۇھەببىتىگە ھەرگىزمۇ دىمەستىن تاكى ساقايغۇچە مەخپىي تۇتىدىغان بولدى . ئەمما ھېلىقى باخشى ئايال پەيشەنبە دېگەن بىلەن ، ئۆزىمۇ تېخى ياش بولغانلىقتىنمۇ ، ئەيتاۋۇر ، ۋەدىسىدە تازا تۇرالماي قەست ياندۇرۇشنى كەينىگە تارتىپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى قىپتۇ . كىيىن كۆرۈشكەندە بۇ ئەھۋاللارنى دېگەندىن كىيىن يەنە باشقا ، بولسا يامانلىرىنى تېپىش توغرىسىدا مەسلىھەت بەردىم . گەرچە مەن بۇ ئىشلارنىڭ بارلىقىغا تەستىق قىلساممۇ ، ئەمما ئۇنداق ئىشلارنى قىلدۇرۇپ باقمىغاچ ۋە ئۇنداق يەرگە بېرىپ باقمىغاچ ئۇنداق كىشىلەرنى بىلمەيتتم ۋە تۇنىمايتتىم . شۇ ۋەجىدىن ئۇنىڭغا تولۇق ياردەمدە بولالماي قالغان ئىدىم . ئۇ يەنە تىرىشىپ باقىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئاخىرى قوشئېرىقتا بىر يامان موللىنىڭ بارلىقى ئاڭلاپ ئۇنىڭ يېنىغا بارىدىغان بوپتۇ ۋە قانداق بېرىشنى يول كۆرسەتكەن كىشىلەردىن سوراپتۇ . كىشىلەر دەپتىكى ، 14 - يولنىڭ ئابتۇبۇسىغا چىقىپ پالانى موللىنىڭ ئۆيىگە باراتتىم دىسەڭلىلا بېلەت ساتقۇچى ئايال ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ دوقمىشىغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئاندىن شۇ يەردىكى كىشىلەردىن سورىساڭلا ئۇ كىشىنى تۇنىمايدىغان ئادەم يوق ، ھەممىسى تۇنۇيدۇ دەپتۇدەك . نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىزنىڭ دەموللامنىڭ ئارقىدىن ئۆسەك سۆز تارقاتقان نائەھلى شۇ بولىشى مۇمكىن ! ( ئەمما مەن شۇ دېمىدىم . سۆزىدە شۇ يەرنىڭ نامىنى تىلغا ئالغان ئىدى )  دەموللاممۇ مۇشۇ ئىش ئۈستىدە توختۇلۇپ بىر جۈمەدە قايناپ كەتكەن ئىدى . مەن بار يەردە شۇنداق بۆھتان سۆزىنى قىلسا ، مەگەر مۇمكىنلا بولسا گېلىغىلا قوياتتىم دە ئۇنداق گۇينىڭ . بىر ھارام يەيدىغان باخشىنىڭ ، ساپلا شەيتاندىن دوست - قېرىنداشلىرى بولغان باخشىنىڭ مەينەت ئېتىقادى ، پەس تىنى ، ئۆزىدىنمۇ پەس جىنلىرىنىڭ سۆزلىرى قاپلىغان مەۋقەسىدە تۇرۇپ يۇقىرىدىكى ، ئەسلا ئۇقۇرى يەتمەيدىغان ، ھەتتا ئۇنىڭ جىنلىرى يېقىنلىشىپ قەدەم باسالمايدىغان كىشىلەر ئۈستىدىن ، پەقەت ۋە پەقەت يىراقتا تۇرۇپلا گۇمان قىلغىنىنى ، ھەسەتخور جىنلىرىنىڭ ئېچىتىپ ئېيتقانلىرى بۇيىچە تىل ئىشتىشى ئۇنىڭ ئۇچىغا چىققان كاپىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا بۇنىڭدەك پەسلەرنىڭ سۆزىنى ئەسلا ئېتىراپ قىلمايمىز . ئەمما ھەتتا پات - پات يالغان سۆزلەپ قويىدىغان ، ئېيتقان سۆزلىرىگە ئىگە بولمايدىغان ، ئاڭلىغاننىلا ئېيتىدىغان كىشىلەرنىڭ شۇنىڭدەك بەزى يۇچۇن سۆزلىرىگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كېتىشكە قەتئى بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىز دەلىلگە ئاساسلىنىدۇكى ، ھەرگىز شۇنىڭدەك پەسلەرنىڭ ، بىر تەرەپنىلا كۆرىدىغان ، ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان بىر كۆزلۈك ھاماقەتلەرنىڭ تارقاتقان پىتنە - ئېغىۋالىرىغا ئىشەنمەيمىز . بۇلارغا پەقەت تۈپى ئۆزىدىن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن توختىغان ، پەقەت نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىلەرلا ئەگىشىدۇ . ئاقىل ئەنە شۇ ئەگىشىشتىن توغرا - خاتانى ئايرىيدۇ . بۇ توغرىسىدا مۇشىنىڭدەك ئىپى كەلگەندە يەنە توختۇلارمىز !
شۇنداق قىلىپ ئۇ شۇ موللىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ ۋە موللا ئۇنىڭغا دېمىدە قىلىپ بېرىپ ، ئۇنى تاكى ئىددىتى ( يەنى يەتتە كۈن ، قىرىق بىر كۈن ، قىرىق توققۇز كۈن ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان ... كۈن ) تۈگىگىچە ئىچىپ ھېچ ئۇبۇرنىغا سىيمەسلىك توغرىسىدا ئېيتىپتۇ ۋە ئۇمۇ شۇنداق قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇچىراشتۇق .  كىيىنچە ئاستا - ئاستا ئۇنىڭدىكى ھېلىقى << ئاشىق >> لىقتىكى مەۋقە سۇسلاشتى ۋە ھەقىقىي بىر يىگىتكە ئوخشىدى .
بۇ قىسسەنى مۇشۇ يەردە توختىتايمۇ دېگەن ، ئەمما كىشىلەرگە پايدىلىق قىممىتى بارلىقتىن كىيىنكى تەرەپلەرنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغان بولدۇم . ئەمدى يەنىلا ئۇ ئىككىسىنىڭ قانداق بولۇشقانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز كىيىنكى قىسمغا دىققەت قىلغايسىز !

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 11:33:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                     ( 6 )


سېھىر ئەنە شۇنىڭدەك نېرىپنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ، ئىنسان ۋە شۇنىڭدەك ھايۋانلارنىڭ ئىرادىسىنى ھەر خىل رەۋىشتە سۇندۇرىدىغان ، ئەنە شۇ سۇنۇشتا كىشى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى قايسى تەرەپكە ئېلىپ بارسا ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزىنىڭ شۇنىڭدەك تىلىگىنى بۇيىچە ياراتقۇچى شۇنىڭدەك بىر تەرەپ قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەچكە ، ھەمدە كىملەركى قايسى بىر قىسمەتكە يولۇقۇپ ، شۇ قىسمەتنىڭ پايدا - زىيىنىغا ئويلانماستىن يەنىلا غاپىللىقنى تىلەيدىكەن ، ئاللاھ ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش يۈزىسىدىن كىيىنكى ئازابتىن ئىلگىركى يېقىنقى يىنىك ئازابنى تېتىتىدۇ . ئەمما ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار ھامان ئۆز قىلمىشىدىن كۆرمەيدۇ بەلكى تەبىئەتتىن ، مەخلۇقاتتىن كۆرىدۇ ۋە بۇنداق بولۇش دېگەن پەقەت تەبىئىيلىك دەپ چۈشىنىدۇ . ئەنە شۇلار تىللىرىدا گەرچە ئاجايىپ تەقۋادارلاردەك ، ئۆلىما - ئالىملاردەك تەسىر بېرىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئىماندىن كۇفرىغا ئەڭ يېقىنلىقىنى قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئېيتىپ بېرىدۇ . ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ پەقەت چۈشىنىشلىك قىلىپ تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتى باردۇر . كىيىنكىسى ئاللاھقا تاپشۇرۇلغۇسىدۇر . ھەمدە ئاللاھ ئىش ئۈستىدىكىلەرگە دارىتمىلاپ ئېيتىدۇكى : كۇفرىغا ئۆزىنى ئاتىغانلار سېنى غەمكىن قىلمىسۇن ، ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ . ئاللاھ ئاخىرەتتە ئۇلار ھېچ بىر نېسىۋە بەرمەسلىكنى خالايدۇ ؛ ئۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ ( 176 ) ئىماننى كۇفرىغا تىگىشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ ( 177 ) ئال ئىمران

ھەممىمىز بىلىمىزكى ، ئاللاھتائالا ئۆز ۋاقتىدا يەر يۈزىدە يەر يۈزىنىڭ خەلىپىسىنى يارىتىمەن دېدى ۋە زېمىندا قايسى ئالەمنىڭ ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇ ئەسنادا ئادەم ئالىمى بۇ ئامانەتكە تازا لايىق بولمىسىمۇ ئېلىشقا تىل ئىشتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە قانداقلىكى بىر نىدا توغرا رەۋىشتە ئىچكى قەلىبتىن خىتابلانسا ، قارشى تەرەپنى ھېچ قۇرۇق ياندۇرمايدىغان رەببىمىز ئاللاھ دەل بىز ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى نىداسىنى قۇبۇل قىلدى ھەمدە ھەر بىرلىرىمىزگە تىگىشلىك بولغان زامان ، ماكان ، تەن ۋە تۇرمۇش ، ئائىلە - جەمەت ھەتتا قايسى ئاتا - ئانىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكلىرىدىن تارتىپ ، ھەمدە كىيىنكى ھالىتىمىزگە قارىتا نېمىلەرنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكلىرىنى يارىتىپ بېرىشتەك ، بىزلەر نېمىلەرنى تىلىسەك ياكى مادارىمىز يەتمەي ئۈمىد قىلساق  پەرۋەردىگارلىق سۈپىتى بولغان ھامىيلىقى بىلەن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ، بىزلەرگە ئەڭ پايدىلىق نەرسىلەرنى تەييارلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھالدا بىزلەرگە ئىنسان ۋە جىنلىق تەن ۋە تىگىشلىك قۇۋۋەت ئاتا قىلىش بىلەن بىر بۆلۈك ئامانەتلەرنى بېرىش ھەمدە شۇ ئامانەتلەر بىلەن ئۆز قىممىتىنى ۋە ئۆزگە تاقىتى يېتىدىغانلىكى ماددى - مەنىۋىيەتلەرنى تۇنۇش ، ئۆز زامانىنى ۋە كىيىنكى زامانغا خاس ئىبادەتلەردە بولۇشتەك ..... ئۆز سالاھىيىتى تۇنۇش ۋە قوغداش ، ھەمدە ئۈزلۈكسىز سىلجىتىش قىلىشىنى تىلىدى . ئىنسانغا ئىسلامىي دېڭىزدىن ئىبارەت كەڭ ئالەملەردىكى شەيئىلەردىكى ئەسلى ئاللاھ ئىرادە قىلغان يېڭىلىقلارغا قارىتا پىكىر قىلىپ ئۆز كىملىكىنى ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ << قايسى قەۋم ئۆزلىرىنى  ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ >> دېگەنكى ئەسلى ھۆكمى ئىرادىسى ئىچىدە ئۆز قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن كەشىپ قىلالايدىغان تەپەككۇرنى ۋە باشقا چوڭ - كىچىك بولغان ئامىللىق قىممەتلەرنى ،  جىنلارغا بولسا ئۇلارنىڭ كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرىنى يادىدا چاپسان تۇتىۋېلىشتەك قىممەتلەرنى بەرپا قىلىپ بېرىش بىلەن تەن ، جان ، ئەقىل ، روھتىن ئىبارەت بىر بۆلۈك نېمەتلەرنى بىرىش بىلەن ئۆزىنى تۇنىشى ۋە ئەسلى قىممىتىنى قوغدىشىنى تىلىدى . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ھېچ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ، ماددى - مەنىۋىيەتلەرگە ئەگىشىۋېلىش ۋە ئەسلى بىلىشكە ، تۇنۇشقا تېگىشلىك بولغان ، ئەسلى ئۆزىگە جەۋھەر قىلىشقا تىگىشلىك نەرسىلەرنى تەرك ئېتىش بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىشتى . ئالدىدىكى قىسىمدا ئېيتقاندەك ، بەندە مەيلى قايسىكى بىر ۋاقىتتا ئۆز رەببىگە يۈزلىنىشتىن توختاپ قالىدىكەن ، ئۇنىڭغا چىن ئىبادەت قىلىشتىن تۇسۇلۇپ قالىدىكەن ، چوقۇمكى ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ماددى - مەنىۋى نەرسىگە ئېرىشكەن دۇنيالىققا ئالدانغانلىقىنى ھەمدە نەپسىگە بېرىلگەن - ئالدانغالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا ، يەنىلا ئۆز كىملىكىنى تۇنىمىغان ۋە ئۆز كىملىكىنى يوقاتقان بولىدۇ . چۈنكى قانداقلىكى بىر جېنى بارلىكى مەخلۇقتا بولسۇن ، چوقۇمكى نەپسى بار بولغان بولىدۇ . كىملەركى بەپسىگە قۇل بولىدىكەن ، ئۇ ھامان ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن ، ئۆزىلىرىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان نېمەتلەردىن تېنىپ چىقىپ كەتكەن بولىدۇ . چۈنكى ئاللاھ ھېچ بىر مەخلۇقنىڭ ئىچىدە ئىككى يۈرەك ياراتقىنى يوق . يۈرەك دەل نەپسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، نەپسى ئۆز كىملىكىدە بار بولغان جىمى قۇۋۋەتكە تەيىن قىلىنغان بولۇپ ، نەپسىنىڭ پاك بولىشى ياكى بۇزۇلىشى دەل ئۇنىڭ روھىيىتىنىڭ قىممىتى بىلەن بولىدۇ . ئىنسان ۋە جىنلاردا بولىدىغان جىمىكى مەنىۋىيلىك دەل ئۇنىڭ روھىيىتىگە مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ . روھىيەتكە ئالاقىدار قايسىكى بىر سېستىما بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدىكەن ، شۇ كىشىدە ئەسلى قىممەتكە مۇناسىپ بولمىغان يىتەرسىزلىكلەر ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ . ئاللاھ بىز ئىنسان ۋە جىنلارنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتقان . ئەمما قايسىكى بىر ئىنسان ۋە جىن ئۆز رەببىگە دائىم ، ھەر ۋاقىت ئىبادەت قىلىشتىن تۇسىلىدىكەن ، قانچىلىك ئىتائەتسىزلىك قىلسا دەل شۇنچىلىك ئۇنىڭ روھىيىتىدىن چاتاق چىققان بولىدۇ . روھىيىتىدىن چاتاق چىقتى دېگەنلىك ، ئول كىشى نەپسىگە ئەگەشتى دىگەنلىك بولىدۇ . نەپسىگە قانچىلىك ئەگەشكەن بولسا شۇنچىلىك رەۋىشتە رەببىگە ئىتائەت قىلىشتىن ، ئۇنىڭغا يۈزلىنىشتىن ۋە دائىم ئەسلەپ زىكرى قىلىشتىن توختىغان بولىدۇ . مانا بۇ ئەسلى بولۇشقا تىگىشلىك بولغان قىممەتكە بىر بۆلۈك روھىيەتكە باغلىنىشلىق مەنىۋىيەتلەر ۋە ئۇلاردىكى ئەسلى خۇسۇسىيەتلەر توغرا رەۋىشتە تەل بولىشى لازىم بولىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە دىن ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ . چۈنكى روھىيەتنى پاكلاشتا پەقەت دىنغا باغلانمىغان كىشى ھەقىقەتەن بىكارلا ئاۋارە بولغان بولىدۇ . چۈنكى دىن ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئەسلى قىممىتىنى ، ئەسلى ماھىيىتىنى ساقلاشقا ۋە تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ئېلىپ بارىدىغان بىردىن بىر ئەڭ كۈچلۈك ئامىلدۇر ! دىننىڭ ئاساسلىق تەرىپى مەنىۋىيەتتۇر ، ئىسلامنىڭ ئاساسلىق تەرىپى بولسا مەنىۋىيەتنى ئىچىگە ئالغان ھالدا ماددىۋىيەت ، جىسىم ، تەبىئەتتۇر . مەنىۋىيەت پەقەت ماددىۋىيەتنىڭ ئىچكى قىممىتىنى قۇبۇللايدىغان ئامىل بولغاچ ، روھىيەت قانچىكى بۇزۇق بولسا شۇنچىكى ماددا بىلەن مەنىۋىيەتنى بىر - بىرىگە باغلىغىلى ، ماددىنىڭ ئىچىدىكى مەنىۋىيەتنى ئۆزىگە قاراتقىلى ، ئۆزىگە بويسۇندۇرغىلى ، ئۆزىگە مۇجەسسەملىگىلى بولمايدۇ . مۇنداقچە ئېيتقاندا تاش بىلەن تاياقنى ، تەن بىلەن روھنى ، ماددا بىلەن مەۋھۇمنى بىر - بىرىگە مايىللاشتۇرغىلى ، كىرىشتۈرىۋەتكىلى بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن كىمدە كىم ئىسلامدىن ئايرىلىدىكەن ، ئۇنىڭدا توغرا دىن بولمىغان بولمايدۇ . توغرا دىن ھەر ۋاقىت دىنىي ئامىللاردا راستچىللاردىن بولۇش ، ئۆز رەببىگە ھەر ۋاقىت تەقۋادار بولۇش ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىش ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشىنىش ، تىل ۋە تېرە جەھەتتىن تېتىش ، سەزگۈلۈركتىن ھىس قىلىش ، پۇراقنى پۇراش ، توغرا جاۋابقا ئېرىشىش ھەمدە توغرىلىقنى قۇبۇللاش ، ئەمما بۇلارنى ئاللاھنىڭ << مۇسۇلمان بولۇڭلار ، مۇسۇلمان ھالىتىڭلار بىلەنلا ئۆلۈڭلار >> دېگەنكى تەۋسىيەسىگە چۈشۈش ئۈچۈن شۇ خىل قىممەتنى تاكى جان چىققۇچە ئېلىپ ئاخىرقى پەللىگە يەتكۈزمەك لازىمدۇر! شۇنىڭ ئۈچۈن بەندە ھەر ۋاقىت تېنىنى ، روھىيىتىنى بۇزۇق يېمەك - ئىچمەكتىن ، كۆرۈش - ئاڭلاش ، ئويلاشتىن ، بارلىق تېنىگە ۋە روھىيىتىگە تەسىر قىلىدىغانلىكى يامان مەۋقەلىك شەيئىلەردىن قوغدىشى كېرەكتۇر !

شۇنداق قىلىپ بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئېنىق بولدىكى ، قىز ئۆز رازىلىقى بىلەن ئەمەس ، ئەمما ئۈمىد قىلغان ئاساستا دادىسىنىڭ بىللە ئېلىپ بېرىشى ئارقىسىدا دەرۋەقە ئىلگىرىدىن شۇنىڭدەك ئىسىتقۇ قىلىدىغان ئاتالمىش موللا ، ئەمەلىيەتتە باخشى بولغان جىنكەش ياكى سېھىركەش بولغان كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ، ھېلىقى چاغدا قىز كۆرسەتكەن نەرسىگە قىزىتقۇچى سېھىرنى پۈتۈپ ، قىز قاچان ئۇنى كۆرگىسى كەلسە شۇ نەرسىنى ئوتقا تاشلاپ قىزىتىدىغان ، شۇ نەرسە قىزىتىلغاندا بولسا يىگىتنىڭ نېرىپى پەقەت شۇنىلا تارتىدىغان ، سېھىرنىڭ دەستىدىن ئۇنىڭ ئىرادىسى بوشاپ پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن ۋە ئۇنى كۆرۈش بىلەن خۇشاللىق تاپىدىغان ھالەتكە كەلگەن . ئاللاھتائالا بۇ قىسمەت - ھالەتنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىغا ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈچۈن سۈرە فەلەق بىلەن سۈرە ناس تا شۇندا دەيدۇ :
ناھايتتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
<< مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن ، قاراڭغۇلىقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن ، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن ، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۇبھىنىڭ پەرۋەردىگارى ( ئاللاھ ) غا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن >> دېگىن ( 1 - 5 ) فەلەق
ناھايتتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىناب ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
<< ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى ، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى ، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى ( ئاللاھ ) غا سېغىنىپ ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يۇشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن >> دېگىن ( 1 - 6 ) ناس
بۇلاردىكى جىنلارغا مۇناسىۋەتلىك يەرلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن جىن سۈرىسىگە مۇراجەت قىلىمىز ! ئاللاھ جىنلار توغرىسىدىكى بايانىنى جىنلارنىڭ تىلى ئارقىلىق بايان قىلىپ چۈشەندۈرىدۇكى : بىزنىڭ ئىچىمىزدە ياخشىلارمۇ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغانلارمۇ بار ، بىز تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈندۇق ( 11 )
ئاللاھ بۇ ئايىتىدە جىنلارنىڭ تۈرلۈك يوللارغا بۆلۈنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ . بۇلارنىڭ ئارىسىدا دەل ئىنسانلارغا مايىل بىر بۆلۈكلىرى بولۇپ ، ئۇلار ئىنسانلار بىلەن بىللە ياشاشنى ، بەزى ئىشلاردا بىرلىكتە ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ ۋە ئۈمۈدىگە ئىنسانلار ئارقىلىق  بىرلىكتە يېتىشنى مەقسەت قىلىشىدۇ . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا شۇنداق دەيدۇ : ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر جىنلاردىن بولغان بەزى كىشىلەرگە ( ئۇلار بىلەن بەزى شۇنىڭدەك سېھىر ۋە جەمىيەتتە نېمىش بولىۋېتىپتۇ ياكى بەزى كىشىلەرنى چۈشىنىشتە خۇددى تېلىفۇننىڭ ئورنىدا ئورتاقلىشىشنى مەقسەت قىلىپ ) سېغىناتتى ، شۇنىڭ بىلەن ( بۇ ئىرادىسى ، ئەقلى ، نەپسى ئاجىز يارىتىلغان ۋە شۇلار ئارقىلىق ئۈمۈدىنى ئىشقا ئاشۇرماقنى خالىغان ) جىنلار تېخىمۇ تەكەببۇرلىشىپ كەتتى ( 6 ) ئۇلار ( يەنى شەيتانلىقتا ئۇچىغا چىققان ئازدۇرغۇچىلار ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ << بىزنى ئاللاھ ئەسلىدىنلا كاپىر ، مۇسۇلمان قىلىپ ياراتقان >> دەپ كۇفرىلىقتىكى ئەقلى ، بەندىچىلىكتىكى ئاجىز گۇمانىغا ئاساسلىنىپلا ) ، سىلەرگە ( يەنى شۇلارغا ئوخشاش گۇمان بىلەن ھۆكۈملىنىپ يامانلىقنى ئاشكارا قىلىشقا ئۆتكەن ئىنسانلارغا ) ئوخشاش ، ئاللاھ ھېچ ئادەمنى ( ھەقىقەتتىن تۇسۇلۇپ ، گۇناھلارغا چۆمۈپ ئۆزىگە ئاسىي بولۇپ كەتكەندىن كىيىن ، تەۋبە قىلسا تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ھىدايەت بېرىپ كۇفرىلىقتىن ھىدايەتكە نۇر بېرىپ ) تىرىلدۈرمەيدۇ ، دەپ گۇمان قىلدى  ( ئەنە شۇ گۇمان ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئاشكارا گۇناھىي مەئىسىيەتلەرنى ئىشلەشكە قىستاپ قويدى ۋە ئۇلار ئەنە شۇ مەۋقەسىدىن رازى بولۇشتى . ئەمما ئۇلار ھەقىقەتتە ئالدانغان ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشقان ئىدى . ئەنە شۇ زۇلۇمىدا ئاللاھقا ئاشكارا خۇسۇمەت قىلىشقان ئىدى . ئەنە شۇ سەۋەب جەمىيەت ھەقىقەتەن بىر تۈرلى مەئىسىيەتكە پاتتى ) >> ( 7 ) جىن
مۇشرىكلار ( مۇ ئەقلى تەپەككۇر قىلىدۇ . ئەمما ئۇ ھاللاردا قىلىنغان ئىزدىنىش پۈتۈنلەي توغرا بولمايدۇ ۋە ھەقىقەتەن توغرىلىقنى ئىچكىرلىيەلمەيدۇ . ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى شۇ بولىدۇكى ) : << مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ، بىز ۋە بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئاللاھنى قويۇپ ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلمىغان بولاتتۇق ، ئاللاھ ھارام قىلمىغان ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمىغان بولاتتۇق >> دېدى . ....... ( 35 ) نەھل
قۇرئان مىسالى غەيرىي مەخلۇقتۇر . قارىماققا ئۇ جىم تۇرغاندەك قىلغان بىلەن ، كىشى قايسى رەۋىشتە كەلسە شۇ خىل رەۋىشتە نېمەت تاپىدۇ . ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسىنى توغرىلىققا چىقىرىشتا جاۋاب ئالالايدۇ . ئەمما تاكى ئۇ تاقۋادارلارنىڭ يېتەكچىسىدۇر ، ئۇلارنىڭ ئۇستازىدۇر ، توغرا جاۋابنى بەرگۈسىدۇر . چۈنكى ئۇ قۇرئان نۇردۇركى ، ئاللاھ ئۆز كەرىمى بىلەن نۇر ئاتا قىلمىسا ھېچ كىشى ئۇنى توغرا رەۋىشتە مىنەلمەيدۇ ، تۇتقا قىلالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئاللاھدىن باشقا ھېچقانداق مەبۇدىمىز ، ھامىيلىقتا ئىشەنچىلىك پەرۋەردىگارىمىز ، پەقەت توغرىلىققا سالغۇچى ، بىزلەرگە ئەڭ پايدىلىق شەيئىلەرنى تەقدىر قىلىپ بېرىدىغان ۋە يامانلىقلاردىن ساقلايدىغان ئىلاھىمىز يوقتۇر !!!

مېنىڭمۇ ئەنە شۇنىڭدەك زالىم نېمە ، كاپىر ، مۇشرىك ، مۇناپىق ، مۇسۇلمان ۋە مۆئمىن ....... دېگەندەك قىممەتلەرنى توغرا چۈشىنەلمەيدىغان ، يولىدا ئايرىيالمايدىغان ، ھەقىقەت نېمە ، گۇمراھلىق نېمە ؟ ھېچ تۇنىماي خۇددى ئورىدىكى پېتىق لايدەك ۋاقتىممۇ بولغان . ئۇ ۋاقىتلاردا مۆتىۋەررەراق بىرەسى بىر نېمىلەرنى دېسە ، قايسى بىر كىتابتا ئوقۇغۇنۇم يادىمغا كەلسە چاپسانلا ئىشىنىپ كېتىۋېرەتتىم ۋە ئۇلار بۇيرىغان ئىشلارنى قىلىۋېرەتتىم . ھەتتا مېنىڭ بەزى سىرلىق ئىشلارنى بىلىش ئۈچۈن غەيىبتىن ، مەيلى جىن بولسا بولسۇن بەزى دوستۇمنىڭ ، سىردىشىمنىڭ بولىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان يەرلىرىم بولغان . ئەنە شۇ مەۋقەيىمگە ئاللاھ كىيىن قۇرئاننى ئۇرۇپ بەردى . مېنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك سىردىشىمنىڭ بىرى دەل قۇرئان بولدى ۋە قۇرئاننى مەڭگۈگە ( ئەگەر ئاللاھ بىلەن سىردىشىش مۇمكىن بولۇپ قالسا ، شۇ خىل ماقامغا يەتكۈچە ) سىرداش تۇتماق تىلىگىنىم بولدى .

قېنى ئەمىسە يۇقىردىكى ئايەتلەرنى بىر - بىرىگە باغلاپ باقايلى ! باغلانغان نەتىجىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز داۋامىغا مەرھەمەت قىلىڭ !

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 18:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                    ( 7 )

يۇقۇرىدىكى ئايەتلەردە شۇ ئېنىقكى ، جىنلارنىڭ بەزى يوللارغا بۆلۈنگەنلىرى ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قىلشىىش ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىدىكى سېھرى ۋە باشقا تەرەپلىك بىر - بىرلىرىگە ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى بەس - بەستە كۆز - كۆز قىلىشلىرى ئۈچۈن ياخشىلىرى ۋاستە تاللىسىمۇ ، ئەمما يامانلىرى ، ئەسكىلىرى ھېچ ۋاستە تاللىماستىن پەقەت مەقسىدىگە يېتىشنىلا تىلەشكە ئۆتكۈسىدۇر . زېمىننىڭ خەلىپىسى ھوقوقى جىنلار ئەمەس بەلكى ئىنسانلاردۇر . شۇ ۋەجىدىن تەپەككۇرمۇ جىنلارغا بېرىلمىگەن . تەپەككۇر بېرىلمىگەن ئىكەن ئۇلاردا تەرەققىيات بولمايدۇ . تەرەققىيات بولمىغان ئىكەن ، ئۇلاردا يۈكسەكلىككە ، ئۆزگىچە يېڭى  شەكىللەرگە ئورىنىش بولمايدۇ . يەنىلا ئىلگىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدا قانداق بولغان بولسا ھازىرمۇ پەقەت شۇ خىل ئىمتىيازدا بولغۇسىدۇر . ئۇلارنىڭ تىنى ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىرى ئىنسانلارغا قارىغاندا سەل تۆۋەن بولغانلىقتىن ياخشىلىقتىن بەكرەك يامانلىقنى تۇنۇيدۇ . چۈنكى ئەقىل قانچە ئاجىز بولسا كىشىنىڭ نەپسى شۇنچە كۈچلىنىپ كەتكۈسىدۇر ! نەپسىنى كۈچلەندۈرىۋەتكەنلەر ھامان ھەقىقەتتىن شۇنچە يىراقلاشقان بولىدۇ . ئەقلى ئاجىزلار بولسا مەيلى ياخشى - يامان بولسۇن قانداقلىكى بىر ساھەدە ھامان يۇقىرى ، مەرتىۋېلىك كىشىلەر نېمە دېسە شۇلارنىڭ كەينىدىن چاپىدىغان مەۋقەدە ساقلىنىشتا بولغۇسىدۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ھەرەمدىن قايتقان ھاجىلارنى ئۇنۋانىغا قاراپلا پەتىۋا دېگەننى راسا پىچىپ ئۆز زېمىنىغا قايتقاندىن كىيىنكى زېمىنىدىكى ئاجىزلارنى ھەقىقەتتىن تۇسۇپ پاسات تېرىيدىغانلىقىنى ، تېخى روھىيەت ۋە ئەقلىيەت ۋايىغا يېتىپ ئىنسانىيلىققا يەتمىگەن ، تۇرقىدا ھايۋاندىن ھېچ پەرقى بولمىغانلارنىڭ ئىنسانلىقتىكى يىتىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ئۇلارنىڭ << قۇلاق >> لىرىنى يىرىپ قارىماققىلا كىيىنكى بىر قەۋم ھالاك قىلىنىدىغانلار ئارىسىدا بولۇشقا تەيىنلەپ يىرىپ << بەلگە >> سېلىۋېتىشتەك مەۋقەدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان . شۇنىڭ ئۈچۈن كونىلاردىن تارتىپ ئېيتىلىپ كەلگەن ياشلىق ، بەڭۋاشلىق - دەپ . ھەقىقەتەن كىشى ئىنسانلىق ماقامىغا ھەقىقىي رەۋىشتە يەتمەيدىكەن ، ئۇ ھامان بەڭۋاشتۇر . ئۇ ھامان ناداندۇر . ئۇ ھامان ھاماقەتتۇر . ئۇ ھامان ئۆزىنىڭ كۈچى ، ئىرادىسى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى باشقىلارنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلغۇسىدۇر !
گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك ، جىنلار ئەنە شۇنىڭدەك ئاجىزلىق تەرەپلىك چاپسانلا نەپسىنىڭ قۇلى بولۇپ كېتىشكە ئالدىراپ كېتىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ئۈستۈندىكى ئۆزلىرى ئەيمىنىدىغان ھەقتىن چىققۇچى زالىملار ، ھەقنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان ۋە ھەققە قارشىلىق قىلغۇچى كاپىرلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىلىرىگە قارشى توقۇلمىلىرىغا چاپسانلا ئىشىنىپ كېتىپ ئاقىۋەتتە ئىلگىركى جىنلاردەك تاكى ھەقنى تۇنىغۇچى ، چۈشەنگۈچە ئۆزلىرىنىڭ قايمۇقۇشىدا يۈرىۋېرىدۇ .
بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئەخمەق ( ئىبلىس ) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ كاتتىلىقىغا نالايىق سۆزلەرنى قىلدى ( 4 ) بىز ( يەنى ئاخىرەتلىكنى تىلىگۈچىلەر ) ، ئىنسانلار ۋە جىنلار ئاللاھقا يالغاننى چاپلىمايدۇ ، دەپ ئويلىغان ئىدۇق ( 5 ) جىن
دەپ ھەقنى چۈشەنگەنگە قەدەر شۇنىڭدەك گۇمراھلىقنى تىلەيدۇ . چۈنكى گۇمراھلىقنى تىلىگۈچىلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ قاياشىنى ، قارارىنى توغرا تۇنۇيدۇ . چۈنكى ئاللاھ جىمى ئۈممەتلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتكەن .
جىنلار ئەنە شۇنىڭدەك ئۆزلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ نېرىپىنى قالايمىقغانلاشتۇرۇشقا ، تىنىگە كىرىۋېلىشكە ، تۇمۇرىنىڭ ئارىسىدا ئەسلى ئىنساننىڭ تىنىگە تەئەللۇق بولغان قۇۋۋەتكە ھەمشېرىك بولۇشتەك ، سېھرى سەۋەبلىك بەزى بىر كېسەللەرگە مۇپتىلا قىلىشتەك ۋە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان تەرەپلىك ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانلاردىن بەزى كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىچكى - تاشقى قۇيۇن ئارلىشىپ نەپسىنىڭ خۇشلىقىنى ، كۈنلىرىنىڭ كۆڭۈللىرىدىكىدەك مەنىلىك ئۆتۈشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تىلەيدۇ . شۇ ۋەجىدىن بۇ خىل يولنى تاللىغان ئىنسانلار ۋە جىنلار بىر - بىرلىرىدىن پايدىلىنىش بەدىلىگە پەقەت زالىملىقنى ، شەيتانلىقنى ، ئاخىرەتتىكى دوزاخ ئازابىنى تىلەيدۇ . شۇنىڭدەك ئىبلىسنىڭ قۇشۇنلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە تەبئىتى شۇكى ، باشقىلارنىڭ ، ئۆزلىرىدىن تۆۋەن دەپ قارالغان جامائەلەرنىڭ ئالدىدا ئىلگىركى شان - شەرىپىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى ساقلاپ قالماقلىقنى ئىرادە قىلماقتۇر . ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنىڭدەك بىر مەۋقەگە يەتكەن بىر ۋاقتىدا ئاندىن ئاللاھ ئىنسانلاردىن ۋە جىنلاردىن بەزىلىرىنى دوزاخقا يېقىلغۇ قىلىپ يارىتىدۇ . يەنى ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ، ئەقىدە - ئېتىقادىنى ، قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ شۇنىڭدەك تىلىگەن ۋە رازى بولغانلىقلىرىغا قارىتا دوزاخقا تۇتۇرۇق بولۇش ئۈچۈن بېكىتىۋېتىدۇ . ئەمما ئۇچۇق بولسۇنكى ، ئۇلارنىڭ تىلىغا تەۋبە كەلمەيدۇ . قارىماققا تەۋبە قىلىۋاتقاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە ھېچ قىلمىشلىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۈپىتى شۇكى ، كىبىر ۋە ھەسەتكە تولغان ھالدا تەۋبىگە تىلى كەلمەس تاقاقلارغا ، كىشەنلەرگە مۇسەللەت قىلىنىپ كېتىلىنىدۇ ، ئورۇلۇپ كېتىلىدۇ . چۈنكى ئۇلار ئىمان ئېيتىپ تەۋبە قىلغان ، ئاندىن كۇفرىغا قايتقان ، ئاندىن يەنە ئىمان ئېيتىپ تەۋبە قىلغان ، ئاندىن يەنە كۇفرىغا قايتىپ كاپىر بولغان ، ئاندىن يەنە تەۋبە قىلىپ ئىمان ئېيتقان ، ئاندىن يەنە كۇفرىغا قايتىپ كاپىر بولغان ، ھەمدە شۇنىڭدىن كىيىن زالىملىقىدا تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلاردۇر . بۇ نوغرىسىدا ئاللاھ شۇنداق ئېيتىدۇ : شۈبھىسزكى ، ئىمان ئېيتقاندىن كىيىن كاپىر بولغانلار ، ئاندىن كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانلارنىڭ تەۋبىسى ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ . ئەنە شۇلار گۇمراھلاردۇر ( 90 ) ئال ئىمران
شۈبھىسزكى ، كاپىر بولغانلار ۋە ( كىشىلەرنى ) ئاللاھنىڭ توغرا يولىدىن توسقانلار ھەقىقەتەن قاتتىق ئازدى ( 167 ) شۈبھىسىزكى ، كاپىر بولغانلار ۋە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھ مەغپىرەت قىلمايدۇ ، توغرا يولغىمۇ باشلىمايدۇ ( 168 ) نىسا
شەك - شۈبھىسىزكى ، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا ( يېقىلغۇ ، ئۈندىگۈچى ، دەۋەت قىلغۇچى قىلىپ ) ياراتتۇق ، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ . ئۇلار كۆزلىرىنى بولغىنى بىلەنمۇ ، ئۇ ئارقىلىق ( ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى ) كۆرمەيدۇ ، ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ ، ئۇ ئارقىلىق ( ھەق كالامنى ) تىڭشىمايدۇ . ئۇلار گۇيا ھايۋانغان ئوخشاشتۇر ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر ، ئەنە شۇلار غاپىللاردۇر ( 179 ) ئەئراف
ئۇلار سىلەرنىڭ ئۆزلىرىدەك كاپىر بولۇشۇڭلارنى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىدۇ ، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ( ھەققە ، توغرىلىققا قارىتا نەپسى ۋە شەكلىنى ئۆزگەرتىپ ) ھىجرەت قىلمىغۇچە ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار ، ئەگەر ئۇلار ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە ، ئۇلارنى قەيەردە تاپساڭلار شۇ يەردە تۇتۇپ ئۆلتۈرۈڭلار ، ئۇلارنى دوستمۇ تۇتماڭلار ، ياردەمچىمۇ قىلماڭلار ( 89 ) نىسا
سىلەر تۇتىۋېلىشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا ، بىلىڭلاركى ، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ، ناھايتتى مېھرىباندۇر ( 34 ) مائىد
سىلەر ( ئى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچى بەندىلەر ! ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىڭلار ، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار ، ئاللاھ سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە ئۇبدان بەھرىمەن قىلىدۇ ، ياخشى ئىش قىلغۇچىغا قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى بىرىدۇ ، ئەگەر ( ئىماندىن ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ) يۈز ئۆرۈسەڭلار ، سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىنىڭ چوڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن ( 3 ) ھۇد
مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرۇلۇق سورىسا ( ئۇلارغا ئېيتقىنكى ) ، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن ( يەنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە سۆزىنى بىلىپ تۇرىمەن ) ، ماڭا دۇئا قىلسا ، مەن دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىقابەت قىلىمەن ، ئۇلار توغرا يول تېپىش ئۈچۈن مېنىڭ دەۋىتىمنى قۇبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن ( 186 ) بەقەر
ئەمما ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنىڭ شۇنچە كەڭلىكىگە قارىماي كۆپىنچە كىشىلەر يەنىلا ئىلگىركى قايمۇقىشىدا يۈرۈشنى خالايدۇ . چۈنكى مەئىسىيەتنىڭمۇ خۇددى ئاق تاماكىغا ئوخشاش خۇمارى باردۇر . ئىلگىرى جىنلار ئىنسانلارغا سېغىنىپ ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلاشقۇچە ، ھەمدە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە ، ھەمشېرىكلىكىگە خۇمار قىلغۇچە يالغان يا پەداق ، شىرىن - شېكەر سۆزلەرنى قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا مۇھتاجلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە بىلدۈرىدۇ ، يالۋۇرىدۇ . ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ بىر ئەمەس بەلكى بىر قانچە يۈز ھەتتا بىر قانچە مىڭ ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتىپ ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك بىر قەۋم ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتىشىدۇ .  ئەمما بۇ ھىيلىگەرلەر ئەنە شۇ سۆزلىرى ، ئالداشلىرى بىلەن ئۆزلىرىگە كۆندۈرىۋالغاندىن كىيىن ئاندىن ئاستا - ئاستا ھاكاۋۇرلىشىشقا باشلايدۇ . ئاقىۋەتتە گۇناھقا ھەمكارلىقتىكى ئىنسان بۇ ئىشتىن ۋاز كېچىشنى تىلىگەندە بولسا ، جىن بۇنىڭغا قېتىلماسلىق بىلەن ئۇنىڭغا تولىمۇ ھەيۋە قىلىش ، كېچە ئۇيقۇ بەرمەي كانىيىنى سىقىپ ۋە باشقا تەرەپلىك ئارام بەرمەسلىكلەر بىلەن ئىلگىركى ھالىتىگە قايتىشىغا قىستايدۇ . ياكى جىن شۇنى ئىرادە قىلسا ئىلگىركىلىكنى تىلەيدىغان ئىنسانلار ئۇلارغا زورلۇق قىلىش بىلەن ئۇلارنى قىينايدۇ . ئىنسانلارنىڭ جىنلارنى مەجبۇرلىشى شۇنىڭدىندۇركى ، باخشى جىن دوستىنى ، ھەمشېرىكىنى چاقىرماقچى بولغاندا ئۇلار بەندلەنگەن ئايەت ياكى باشقا سۆزلەرنى ئوقىۋەرگەندە جىن مەيلى قەيەردە بولمىسۇن ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ ئۇنى كۆرمىسە ۋە ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشمىسا ئىچى سىقىلىپ چىدىيالماي قالىدۇ . خۇددى تېمىدىكى يىگىتتەك ، تۈگۈنچەكنى ئوتقا سېلىپ قىزىتقاندا بولسا شۇ كۈنى بىر قېتىم كۆرمىسە ، ئاۋازىنى ئاڭلىمىسا ، قېنىپ بىر سۆيمىسە ھېچ ئارام تاپمايدۇ ، كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىگەنگە ئوخشاش جىنلارنىڭ ھالىمۇ ئەنە شۇنىڭغا ئوخشايدۇ .
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىزدىگۈچىلەرگە ئىشتىپ ئېيتىدۇكى : ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى ، ئاراڭلاردا مۆئمىنلەرمۇ بار ، ( قارىماققا شەكلى بولسىمۇ ، ئەمما ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى ) كاپىرلارمۇ بار ، ( سىلەر پەقەت ئاللاھقىلا تەقۋادارلىق قىلىڭلار ۋە پەقەت ئاللاھدىنلا ھىدايەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىڭلاركى ) ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ( يەنى ، شۇنىڭدەك سىلەر نېمىنى تىلىسەڭلەر ، نېمىنى خالىساڭلار ئاللاھمۇ سىلەرگە شۇنى تىلەيدۇ ۋە شۇنى خالايدۇ . چۈنكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئالدىنلا بەلگىلەنگەن بولۇپ ، قايسى قەۋم ئۆزلىرىنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتىپ قويمايدۇ . كىملەركى ئاللاھقا قايسى رەۋىشتە مۇلاقات بولسا ، ئاللاھمۇ ئۇلارغا شۇ خىل رەۋىشتە مۇلاقات بولغۇسىدۇر ! شۇنداق ئىكەن ، سىلەر چوقۇم ئاللاھنىڭ << ئىنسانلار ۋە جىنلارنى پەقەت ئۆزەمگە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم >> دېگەنكى ئىرادىسىگە چىن بويسۇنغان ھاللاردا نېمىلەرنى قىلماڭلار پەقەت ئاللاھنىڭ رىزالىقى ، رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىڭلار !
يىگىت نۆۋەتتە قىز بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتقان . ئىقراركى ، ئۇ باشقىلارنىڭ ، بولۇپمۇ بۇ خىل يولنىڭ تەمىنى خېلىلا تېتىغان دادىسىنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن چاپسانلا ماقۇلغا كەلگەن قىز دادىسى ۋە باخشىنىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىش ۋە چىن رازىلىق بىرىشتە ئۇلارغا ئەگەشكەن . ئاقىۋەتتە باخشى بىلەن دادىنىڭ زەھىرىنى قىز ئەكىلىپ يىگۈزگەن ھالدا يىگىتنىڭ نېرىپىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ ئۇنىڭ يىگىتلىك ۋە ئەرلىك غورۇرىنى شۇنىڭدەك ئۇسۇلدا قاتتىق دەپسەندە قىلغان .
ئەمما يىگىت ئۇلارنى پۈتكۈللى كەچۈرىۋەتكۈسى ، ئىلگىركى ئىشلارنى توققا چىقىرىۋەتكۈسى بار . ئەمما مەن ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىپ ئۇلارنى ئايرىماقچى بولىۋاتقان بىر ۋاقتىمدا بىزگە پايدىلىق ، ئەمما ئىنتايىن ئەجەبلىنەرلىك بىر ئىش يۈز بەردى .  بىر كۈنى بىر سۇرۇندىن يېنىپ كەچلىك بازاردا ئولتۇرغىنىمىزدا باشقىلارنىڭ ھەممىسى مەس - ئەلەس ئۆزلىرىنىڭ گىپىنىلا قىلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا يەنە بىر گەرچە بەك يېقىن بولمىسىمۇ ئەمما كۆرسەك ھالىمىز قالمايدىغان بىر دوستۇم يېنىمغا كېلىپ توساتتىنلا يۇقىرى ئاۋاز گەپ قىلىشقا باشلىدى . - ئاداش ھېچ ! ماۋۇ گۇيلا .......
ئۇنىڭ چوقۇم بىر ئىچىگە پاتمايۋاتقان بىر گېپىنى دىيەلمەيۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
- ھە قايسى گۇيلا ئۇ ؟ .....
ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ئالدىمىزدا ئۈچ مىتىرچە نېرىقى 4 - 5 قىزلار تامامەن ئاڭلىغۇدەك قىلىپ - ۋاي ماۋۇ ئاغىينە گۇيلىنى دەيمە ، ساپ مېنىڭ ئىلگىركى ئاشنىلرىمنى ئاشنا قىلىۋاپتۇ ئاداش .......
بۇ گەپ ھەقىقەتەن نېرىپىمغا تەگدى . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ سۇرۇندىكى باللانىڭ يۈرىۋاتقان قىز دوستلىرى ، مۇھەببەتلىرى ئىدى . ئۇنىڭ ئىچىدە ھېلىقى قىزمۇ بار ئىدى . بۇ گەپنى ئۇلارمۇ ئاڭلىغانلىقتىن زادى بۇ گەپنىڭ راست - يالغانلىقىنى ئېنىقلاشتۇرىۋېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئاڭلتىپ تۇرۇپ مەنمۇ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
- ئۇنداق ئەمەستۇ ، ۋاي مۇشىنىڭ ھەممىسىما ؟
- ۋاي شۇ ئەمەسمۇ ئاداش ، ئىشەنمەمسىلە ؟....
ئەلۋەتتە ئىشەندىم . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ سۆزلىرىمىزنى ئاڭلىغان بولۇپ ، ھەممىسىنىڭ بېشى تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋە بىر نەچچىسى چىدىماي شۇ ئارلىقتا يۈزى قىزارغان ھالدا ئورنىلىرىدىن تۇرۇپ كېتىشكەن ئىدى . ( ۋاي بۇ ئادەمنىڭ كاللىسى كوچىلىسا ھەر نېمە چىقىدىكەنوي ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بۇنچە يۇچۇن ئىشلارمۇ بىر - بىرلەپ چىققىلى تەگدىغۇ ئەمدى . ئۇلارنى سىلەر تۇنىمىغاندىكىن دەلەۋەردىمغۇ ھە .... ) جەمىيەت شۇنچىۋالا بۇزۇلۇپ كەتكەن بىر ۋاقىت ...... مەن بەزىدە << ئى رەببىم ! ئەگەر ئۇزۇن ۋاقىت ھاياتلا بولسام ماڭا نىكاھ بەرمەي قويمايسەن . مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەت.ى نەزەر مەن ئۇنى تۇنىمايمەن . سەن جىمى غەيىبلەرنى بىلگۈچىسەن . ماڭا كىمنىڭ ئايالىم بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق بىلىسەن . ئۇ بەرىبىر ماڭا ئايال بولغان ئىكەن ، سەندىن ئۆتۈنۈپ تىلەيمەن . ئۇنىڭغا كەڭ رەھمەتلەرنى قىلغىن ! ئۇنىڭغا كېلىدىغان قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرىۋەتكىن ، ئەگەر كەلمىسە بولمايدىغان قىيىنچىلىقلارغا قارىتا سەۋىرنى بەرگىن ۋە قىيىنچىلىقلارنى تېىىمۇ ئاسايىشلاشتۇرۇپ بەرگىن . چۈنكى كىيىن ئۇ ئۆتكەن كۈنلىرىدىكى ئېغىر كۈنلىرىنى ئېيتسا مەن ھەقىقەتەن ئازابلىنىشىم مۇمكىن ، دىللىرىم ئېغىر ئېغىشى مۇمكىن . شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ مېنىڭ ئايالىم بولغۇچىغا كەڭ رەھمەت قىلغىن ! ئۇنىڭ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغىن ! ئۇ ماڭا مەن خالايدىغان ۋە شۇنىڭدىن رازى بولىدىغان ئەركىلەشلىرىنى ، مەن بىلەن ھەقىقىي ساپ ھالەتتە مۇھەببەتلىشىدىغان كۆڭۈلگە نىسبەتەن بالىلىقىنى ئېلىپ كەلسۇن ! سەن بىزگە رەھىم قىلغىن ! مېنىڭ كىيىنكى بەختىمنى ، ھەقىقىي غورۇرلۇق بولغان ، كىشىلەر ئارىسىدا ئەرلىك كۆكرىگىمنى كېرىپ يۈرگىدەك ساپ ھالەتتىكى قىممىتىمنى قوغداپ بەرگىن !!! ................... >> دېگەنگە ئوخشاش دۇئالىرىمغا نىسبەتلىك ، قىزلاردىمۇ << رەببىم ! مېنىڭ نازاكىتىم ، كىيىنكى پەخرىم ، كەلگۈسۈمدىكى بەختىمگە ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پەزىلىتىمگە ئاساسلىق تۈرتكە بولىدىغان ، كىيىنكى يولدۇشۇمنىڭ غورۇرىغا تاقىشىدىغان ، ئۇنىڭ جان پىدالىق بىلەن ھۆرمەتلىشىگە ۋە قوغدىشىغا ، شۇنىڭدىن كېلىدىغان ھەقىقىي بەختىمگە ۋاستە بولىدىغان پاكلىقىمنى ، ساپلىقىمنى قوغداش يولىدا ماڭا كۈلپەتلەرنى ئىرادە قىلمىغىن ! مېنى تاكى ئۆمۈرلۈك يولدۇشۇم بولىدىغان بەندەڭگە ئۇلاشتۇرغۇچە يامانلىقنى تىلىگۈچى بەندىلىرىڭدىن ساقلىغىن ، ئۆزەڭ مېنى قوغدىغىن !!! ................... >> دىيەلىگۈدەك ئېتىقاد بارمىدۇ ؟ ئەگەر شۇنىڭدەك بىر بەخىتكە بىز بولغان يىگىتلەر ئېرىشەلىسەك ، ھەمدە شۇنىڭدەك قىزلار بىزگە ئۇلىشالىسا ، ھەقىقەتەن مۇشىنىڭدەك ئابزاسلارغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتلاردا ئاللاھقا ھەقىقەتەن كۆپ شۈكرىلەرنى ئېيتىشقا ، تېخىمۇ ئىتائەتتە بولۇشقا تىرىشقۇسىمىزدۇر !!!
تولىمۇ ئەپسۇس ، نۇرغۇنلىغان ياخشى ئائىلىلەر چوڭلارنىڭ ۋە دوست - بۇرادەرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي ۋە بىر نەچچە بالىنىڭ كۆزىگە قارىماستىن ئاجىرىشىشنى خالاپ قالىدۇ ۋە ئاجىرىشىپ كېتىدۇ . بۇلارنىڭ بەزىسىنىڭ بىر تەرىپى دەل مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك كۆڭۈل كۆتۈرەلمەسلىك ، بەزىلەرنىڭ مەسخىرە كۈلۈشلىرىگە چىدىيالماسلىق ، شۇنىڭدەك تەرەپلىك باشقا كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان تەرەپلەر چوڭىيىپ كېتىشلەر ........ خوتۇن شۇنداق ياخشى . ئەر ئوتقا كىرسە ئوتقا ، سۇغا كىرسە سۇغا كىرىشتىن يانمايۋاتقان ، ئەمما ئەردە شۇنداق گۇمان بولىۋاتقانكى ، ئەگەر ئۇ ماڭا شۇ ھالىتىدە كەلمىگەن بولسا شۇنچىۋالا قىلامتى ؟ بۇ پەقەت ياسالمىلىق ، مېنى قويىۋەتمەسمىكى ، شۇ ئىشنى يادىمغا سالماسمىكى دەپ ئەتەي شۇنداق قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن !!!!........ مانا بۇ ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنىڭ بىرىدۇر !......

كىيىن ۋاقىت چىققان بىر كۈنى ئۇ ئاغىينەم بىلەن يەنە ئايرىم ئولتۇرۇپ قالدىم ۋە ئۇنى چوقۇم ئۇ قىز بىلەن ئايرىشنى قەستلەپ سۆز باشلىدىم . مېنىڭ شۇ سۆزلىرىمگە قىزىقسىڭىز كىيىنكى داۋامىغا مەرھەمەت قىلىڭ !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 11:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                      ( 8 )

- گەرچە ئۇنىڭ چېچى قىسقا بولسىمۇ كونىلاردىن ئايال كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن ، ئەقلى قىسقا دىيىلىپ كەلگەن . شۇنداق ئىكەن ئۇ قىلمىشىنى تۇنىغان ئىكەن چوقۇم ئۇنى كەچۈرىشىم كېرەك . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز كىچىك ئارلاشقان ......
- توغرا ، ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن كىيىنلىكنى بىرگە ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ !
- نېمىشقا ؟ ئۇنىڭ مېنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقى ئۈچۈنلىما ؟ ئۇ مېنى ياخشى كۆرمىگەن بولسا ئۇنداق قىلمايتتى . بولدى ئەمدى بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن . ئەمدى ئۇ خاتالاشمىسىلا ئۇنى كەچۈردۈم .
- ئەمما ئۇنىڭ دادىسى بار . ئۇ ھەقىقەتەن قېينى ئاتا بولۇشقا ھېچقانداق سالاھىيىتى يوقىلا دادا ئىكەن . ھېلىلەتتىن قىزىغا ئۇنداق ئىشلارنى ئۆگۈتۈپ يۈرسە كىيىن نېمىلەرنى قىلمايدۇ ، قىلدۇرمايدۇ . قىزدىنمۇ بەك قورقۇنۇچلۇق ئۇنىڭ دادىسى . كونىلاردىن ئاتا - ئانىنى كۆر ، قىزىنى ئال دېگەن . سىلىغۇ قىزنى ئەيۋەشكە كەلتۈرىۋالاسىلە ، ئەمما ئۇنىڭ شۇنداق ئىشنى كوزۇر قىلىۋالغان ھالدا بىر ئىش قىلىپ جان باقىدىغان ئاتا ( سۆھبەتتىن ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ شۇلارنىڭ سۆزى بۇيىچە يول تۇتۇپ چاپسانلا بېيىپ كەتكەنلىكى ئايدىڭ بولغان ئىدى . سېھىر تەرەپلىك قەلەم تۈگىگەندە ھېلىقى قىزنىڭ دادىسى دەپلا گەپ باشلايمەن . شۇ ۋاقىتتا بۇ سۆھبەتنىڭ مەنبىيى چىقىدۇ - ھە ! ) قانداقمۇ ياخشى ئاتا ۋە قانداقمۇ ياخشى قېينىئاتا بولالايدۇ ؟ بۇنىڭدەك ئادەملەر جەمىيەتنىڭ پارازىنت قۇرۇتلىرى خالاس ! ھازىرغۇ ئۇ شۇ كىشىلەرنىڭ سىزىقى بۇيىچە ماڭىدىكەن ، كىيىن ئۇ ئۆزى شۇنىڭدەك ئىشنى قىلسا ياكى ؛ ئادەم دېگەننىڭ بېشىغا ھەر قانداق ئىش كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ . بېشىڭلىغا بىرەر ككڭۈلسىزلىك يەتسە ئەنە شۇنىڭدەك ۋاقىتتا ئۇنىڭ شۇ تەرەپلىك تەدبىرى سىلىگە ياقىدۇ - دە ، ئاقىۋەتتە سىلىنىمۇ شۇنداق ئىشلارنىڭ ئىچىگە تارتىپ ئەكىرسە ، سىلىمۇ ئىشىڭلىنى شۇ تەرىقىدە بىر تەرەپ قىلىشقا چۈشۈپ كەتسەڭلە ، ئەگەر ئىش شۇنىڭدەك بولىدىغان بولسا ، سىلى بىلەن ئارلاشقىلى بولمايدۇ جۇما . ئارلاشساق كىيىن بۇ پاسات بىزگىمۇ ، ھەتتا ماڭىمۇ يۇقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلاردىن بىراقلا ۋاز كېچىڭلە !
- گەرچە ئۇنىڭ دادىسى ئۇنداق بولغىنى بىلەن مەن قىزىنى كەچۈرىمەن . ئۇنچىلىك ئىش ئۈچۈنلا ئۇنى بىراقلا تاشلىۋاتسام ھەقىقەتەن ناچارلىق قىلغان بولمامدىمەن . قېنى مەن ساقلاپ باقاي ! تېخى ئاز كۈن ئۆتمەي ھەممىسى بىراقلا تۈزۈلۈپ كېتەمدۇ تېخى ؟!
- تۈزەلمەيدۇ ! - دېدىممەن ئۇنىڭغا سەل قوپالراق تېگىش بىلەن . ئاخىرى شۇ سۆزنى قىلىشقا مىنى قىستاپ قويدۇڭلە ، شۇ سۆزنى دەپ بىرەي ئەمىسە - دەپ ، ھېلىقى دوستىمىزنىڭ كىملىكىنى چىقارماستىن بولغان سۆزنى دىيىشكە مەجبۇر بولدۇم ۋە دېدىم .
- ماۋۇ گەپ راستمۇ يا ؟ كىمكە ئۇ ئۇنى دەڭلە !
- ياق ، مەن ئۇنى دېمەي . سىلە بەك ئۇققىڭلە بولسا مابىتىڭلىدىن سوراڭلە ! ياكى ئۇنىڭدىن كىملىكىنى سورىيالمىساڭلە شۇ كۈنى شۇنداق بىر سۆزنىڭ چىققانلىقى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىڭلە ، بۇ گەپنى ماڭا دېگەن يەردە ، ئۇ ىېلى - خېلى يەردە دەپ يۈردى بولغاي . مېنى شۇنداق دېدى دىمەي ، شۇ سۇرۇندا بىر مۇنچە باللا ئاڭلاپتۇ دىسەڭلە بولىدۇ ..... خېلى كۆپ كىشىلەر شۇنداق ياخشى ئۆتىۋېتىپلا ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا ئاجىرىشىپ كېتىۋاتىدۇ . بۇلارنىڭ سەۋەبىنىڭ بىرى دەل مۇشۇ تەرەپتىن ! ھېلىما بۇ سۆزلەرنى مەن ئاڭلاپتىمەن . بولمىسا سىلىمۇ كىيىن ياكى قورساقنى كۆپۈك قىلىپ باشنى ئىچىڭلىگە تىقىپ ياشاش ياكى بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجىرىشىشتىن بىرىنى تاللايسىلە ، ئۇ چاغدا قانداق قىلىسىلە ؟ تازا ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭلە ، كىيىنمۇ ھەقىقەتەن ئۇنى كەچۈرەلەيمەن دېسەڭلە مەن ئارلاشمايمەن ، مەن پەقەت دەيدىغاننى دېدىم . ئۇمۇ بىز تۇنىمايدىغان ۋە تۇنۇشمايدىغان بىرسىگە تىگىۋالسۇن . ئۇمۇ ۋىجدان ئازابىدىن قۇتۇلسۇن ، سىلنىمۇ ۋىجدان ئازابىغا قويمىسۇن . ئۇمۇ بەخىتلىك تۇرمۇشنى ئويلىسۇن ، سىلىمۇ شۇنى ئويلاڭلە !
ئۇ باياتىن ئىچ - ئىچىدىكى ئاچچىقتىن كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ، نېمىلەرنىدۇ ئويغا كىرىشىپ كەتكەن ھالىتىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ ئېيتتى .
- مەن بۇ توغرىسىدا چوقۇم قاتتىق ئويلىنىمە ! بەلكىم بۇ سەۋەبلىك ئۇنىڭ بىلەن مەيلى قانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئايرىلىشىم مۇمكىن . ئەمما سىلە ئۇنىڭ كىملىكىنى دەڭلە ، كىمكەن ئۇ ؟
- ئۇ ئىش قىلىپ بىز بىلەن خېلى ياخشى ئۆتىدىغان بىرسى . بۇنى مەندىن سورىماڭلە . ئەگەر راستلا بۇنى بىلگىڭلە بولسا مابىتىڭلىدىن سوراڭلە ، ئەمما ئۇ بۇنىڭدىنمۇ تېنىۋالىمەن دەيدىكەن ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئوتتۇرغا چىقىمەن ۋە ھېلىقى دوستىمىزنى ئەكىلىمەن ۋە ئەكىلالايمەن !
- ئەمما ............ گە زىيان بولدى دە ، ( شۇ كۈندىن بۇ كۈنگىچە دەرۋەقە ئارىسىدىن بىرسى توي قىلىشقان ئىدى ) ، ئاپلا ئۇمۇ ئىچىگە تىنىپلا قالغاندۇ ھە ؟
- ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېغىر كەلمەيدۇ ھە قاچان . توي بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئايالىنىڭ قورسىقىنىڭ تومپۇيۇپ چىققانلىقىنى كۆرمىدىڭلىمۇ ؟! دېمەك ، ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلىمىسىلا چوقۇم ئۆيى - ئۆي بولۇپ كېتىدۇ . قارىغاندا شۇ مەستلىكىدە چاتاق چىقىرىشقان ئوخشايدۇ . بولدى ئۇ بولسىمۇ بەخىتلىك بولۇپ كەتكەي . مۇمكىن بولسا ئامال بار ئۇ گەپنى ھېچ كىشىدىن ئاڭلىمىغاي ئىلاھىم !!!

نېمىدىگەن پەسلىك بۇ ھە ! بىر يىگىت بىلەن بىللە بولغاندىن كىيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن تۇرۇقلۇق ، يەنە نېمە بار ئىلگىركى يىگىتىنىڭ ياكى ئاشنىسىنىڭ ئاغىينىلەر توپى ئارىسىدا يۈرگىنىگە دەيمەندە ؟! توساتتىن شۇنىڭدەك ياخشى يىگىتتىن بىرى چىقىپ قالىدۇ ۋە يۈرۈپمۇ قېلىشى مۇمكىن . ئاقىۋېتى قانداق بولىدۇ ؟ بۇ نېمىدىگەن ئىپلاسلىق ، نېمىدىگەن زەھەرخەندىلىك ؟ بۇ ئېنىقلا ئاۋال شاپاقچىلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىشىپ ، كىيىن يىگىتلەرنىڭ غورۇرى بىلەن ئويناشقانلىق بولمامدۇ ؟ بۇ دەل شاپاقچى كۆڭۈللۈكلەرنىڭ جىمى كىشىلەرنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش كۆرۈپ بىر تاياقتا ئۇرغانلىق بولماي نېمە ؟ ھەممە چوقۇم كىچىكلىكتە ئازغان ئىكەن ، چوقۇم ئۇنى كەچۈرىۋېتىش كېرەك دەيدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە مەنمۇ ھەم بار . ئەمما ئۆز ئىرى بولغۇچىنىڭ غورۇرىنى دەپ بولسىمۇ شۇنىڭدەك ئاشنىلىرىنىڭ ئىرىگە تەگمەسلىكى ، ئۇلار ھەر قانچە يالۋۇرۇپ تەلەپ قويغان بولسىمۇ ئەتەي ئۆزىنى تارتىشى ھەمدە پەقەت بولمىسا يۇشۇرۇن ئىشنى ئۇچۇق دېيىشى كېرەكتۇر . بولمىسا كىيىنكى بەختىنى ئۆزىنىڭ قولىدا ئۆزى خازان قىلغان بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئى قىز ۋە بارلىق قىزلار سىزنىڭ پەقەت بىر توپ ئاغىينىلەر توپى ئىچىدە پەقەت بىرىگىلا پۇرسىتىڭىز بار بولغان بولىدۇ . گەرچە ھېچ ئىش يۈز بەرمىسىمۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ ئاغىينىسىگە كۆز تاشلىشىڭىز تۈپتىن خاتادۇر . چۈنكى قىزنىڭ دوستى يوق ، ئەمما يىگتنىڭ باردۇر . سىز ئەرگە تەگدىڭىز ، ئىلگىركى قىز دوستلىرىڭىز بىلەن بەلكىم ئۈزۈلۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن . ئەمما ئوغۇللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنداق قىلالمايدۇ . گەرچە ئىرىڭىز ئىلگىرى بىرەر ئاغىينىڭىز بىلەن يۈرۈپ كىيىن سىزنى ئېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ ، بىر سۇرۇندا بولۇپ قېلىشى بەكلا تەس . ئەمما سىز ئىرىڭىزنىڭ ئاغىينىسى بىلەن يۈرۈپ كىيىن ئۇنىڭغا تەككىنىڭىز بىلەن جەزمەن بىر سۇرۇندا ، بىرەر يىغىلىشلاردا ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدە ئۇچىرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن . ياكى ئىرىڭىز ئىلگىرى يۈرگىنىڭلارنى بىلىپ قېلىشى ياكى سېزىپ قېلىشى مۇمكىن . ئەگەر ئېرىڭىز ھەقىقىي ئەركەك بولسا ، بۇ ئىشلار ئىچىگە سىغمايدۇ . ھامان بىر كۈنى پارتىلاپ چىقىدۇ . چۈنكى ھەقىقىي يىگىتنىڭ كۆكسى بىلەن سىز قىزلار - ئاياللارنىڭ كۆكسى ھەرگىزمۇ ئوخشىمايدۇ . چۈنكى ئاياللارنىڭ كۆكسى مۇھەببەت ئۈچۈن ، ئەرلەرنىڭ كۆكسى بولسا قەيسەرلىك ئۈچۈن يارالغان ! شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار ئۆچكە يېغى ، ئانچىكى شىرىن گەپلەرگە چاپسانلا ئېرىپ كېتىدۇ . ئەمما ئەرلەرنىڭ ئۇنداق ئەمەس . ئاياللار مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسۇللاھ ئاياللار توغرىسىدا توختۇلۇپ ، ئەگەر ئىككىنچى بىر مەخلۇققا سەجدە قىلىشقا بولىدىغان بولسا ، مەن ئاياللارنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرىغان بولاتتىم ، دېگەن . دېمەك ، ئاياللار ئەسلىدىنلا ئىرىگە ئىتائەت قىلىشقا ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا يارىتىلغان . ئەمما موللىلىق قىلىپ كوچىغا چىقىۋېلىشقا ، ئانچىكى بىلىمگە ئېرىشىۋېلىپ مۇنبەرمۇ - مۇنبەر پەتىۋا كېسىپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشقا چۈشۈپ كەتكەن بىر بۆلۈك ئاياللار جامائەسى باردۇر . ئۇلار شۇ تۇرقىدا خېلى - خېلى ئەرلەر كېسەلمەيدىغان مەنالارغا تىل ئىشتىپ جەمىيەتنى تېخىمۇ قالايمىقان قىلىشىۋاتماقتا ! ھەتتا ئاللاھ پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىنى ئۆيدە ئولتۇرۇشقا ، پەقەت رۇسۇللاھ بىلەن بىرگە ئۆتكەنكى ۋاقىتلاردىكى سۈننەتنى ئېسىگە ئېلىشقا ۋە شۇلارنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان ئىدى . ئەمما كىيىن ئائىشە ئانىمىز ھالىغا باقماي ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىساسىنى ئالىمەن دەپ بىر بۆلۈك قىرغىنچىلىق تۈسىنى ئالغان ئۇرۇشقا سەۋەپ بولغان ، ئاخىرى شۇ ئۇرۇش چىققاندىن كىيىن بىر مۇنچە تالاپەتنىڭ قىساسىغا قالغاندىن كىيىن ، تەۋبە قىلىپ ئۆيىدىن چىقماسلىق قارارىغا كەلگەن ئىدى . دىنىي ئېتىقاد ، ئىسلامىي ئېتىقاد ئۇنچە ئاسان بولىدىغان بولسا ، فىقھى مەسىلىلەرنى ۋە باشقا ئەڭ نازۇك ۋە خەتىرى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى سەن خەققە تاشلاپ قويۇپ ، بىر چەتتە خۇددى ھاراق سۇرۇنىدا ئاياللارنى ساقىي قىلىپ قويسا ھاراقنىڭ كەيىپى باشقىچە خۇشلۇقتا تۇتارمىش . سېنىمۇ شۇلارغا ئوخشاش دىنىي ئىشلاردا ھەم ساقىي قىلىپ قويۇپ تاماشايىڭنى كۆرمەمتۇق دەيمە !!! ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشىپ مۇناپىق بولمىغان كىشىلەرنى مۇناپىق ، كاپىر بولمىغان كىشىلەرنى كاپىر دىيىشىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشنىلا تىلەيدىغان ، ھايۋان بولمىغان كىشىلەرنى ھايۋانلىققا ئوراپ ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ھايۋانلىقىنى جاكارلاپ تەشۋىق قىلىشىۋاتقان ، ئۆزىنى ھېچ تۇنىمايدىغان ۋە تۇنىشى ئۈچۈن ۋەز نەسىھەت قىلغۇچىلارنى يامان كۆرىدىغان بىر بۆلۈك بۈۋىلەر كۆپىيىپ قالدى ھازىر. سېنى رەببىڭ ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىش ئۈچۈن ياراتقاندىكىن ، ئەرلىرىڭنىڭ ئىتائىتىنى قىلساڭ بولمامدۇ ، ئۇنچە ئۆزەڭگە زۇلۇم قىلغۇچە ....
تەپەككۇرى جايىدا بولغان ، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك بولغان ، تەقۋادارلىقى ھەر ۋاقىت بولغان ئەرلەر ھەتتا نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرەلمەيۋاتقان ، جاۋاب بەرسە پەقەت گۇمانى قىياسقا بىرىلىپ كېتىشىۋاتقان ۋاقىتتا ، شۇنچە ئاسانمىكەن جاۋابىنى بېرىۋەتمەك ؟ مىسرانىمدا بىر بۈۋى ئوخشۇتۇشتىكى ئانچىكى مەنالىق سۆزۈمنى چۈشىنەلمەي ماڭا قارشى ئۆكتە قوپۇپتۇ . ئۇ بۈۋى ياراتمايدىغان بىرەيلەن ئۇنىڭ شۇ چۈشىنەلمىگەن سۆزى مەنىسى يىشىپ بېرىپتۇ . ئۇ تولىسىغا پىكىر قىلمايدىغان ، سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغانلار ھايۋانلاردۇر دەپ خىتاپ قىلىدىغان بولغاچ ، شۇ كاللىسى بىلەن مېنى مۇشرىكلىققا ، ئوقۇپ يەيدىغان جان باقالىققا چىقىرىپ ھۆكۈم كېسىۋېتىپتۇ . ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا ، ۋاي سېنىڭ ھالىڭغا !!!
شۇڭا دەججالنى ۋە دەججالنىڭ پىتنىسىگە ئورۇنۇپ كەتكەنلەرنى ، شۇ پىتنە چاپانغا ئورىنىۋالغانلارنى ئەقلى جايىدا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چاپسانلا تۇنۇيدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇرقىغا قارىلىدۇ . ئۇلارنىڭ تۇرقى كىشىلەرگە ئاجايىپ تەقۋادەك كۆرۈنىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىنىدۇ . سۆزىدىن چىقىدۇكى ، ئۇلار پەقەت تامغا يۆلەپ قويۇلغان چىرىپ كەتكەن ياغاچقا ئوخشايدۇ . ئۇلار سۆز ۋادىسىغا دائىم تېڭىرقاپ يۈرىشىدۇ . ھېلى قىلغان ھۆكمىسىنى ھېلى ئىنكار قىلىشىدۇ . يەتتە ئۆلچەپ ئەمەس ھەتتا بىر ئۆلچەپلا كېسىشكە ئامراق كېلىدۇ . شۇ كېسىشلىرىدە ھەق - ناھەقنى ئوڭتەي - توڭتەي قىلىۋاتىدۇ . ئۇلارغا ھەر دەم ۋاي سىلىنىڭ راست دەپبەرمىسە ، ئاغزىنىڭ بۇزۇقلىقىدىن جان باقماق ، مۇنبەردە تۇرماق تەسكە چۈشىدۇ .
تۇرۇپ بەزىدە ئاللاھنىڭ قەھرىنىڭ بارلىقىغا گۇمان قىلىپ سالىمەن . چۈنكى شۇنچە زالىملىق قىلىشىۋاتقان ، كىشىلەرنى ھەق يولدىن ، دىننى ۋە ئىسلامنى سۇيئىستىماللىق ئەمەس ، بەلكى ھەقىقىي قىممىتىدىن تۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن يىتەكلىنىۋاتقان يولىدىن ئازدۇرۇپ دوزاخقا تۇتۇرۇق قىلىش ، ئىمانىدا مۇناپىق ، دىنىدا يالغانچى ، ئىسلامىي ئەقىدىلەردە بۇزۇق ھالەتلەرگە قىستاپ قويىۋاتقان تۇرۇقلۇقمۇ ئۇلارغا ھېچ جازا بەرمىگەنلىكلىرىگە قاراپ .... ئەمما ئاللاھنىڭ << قايسى بىر قەۋم زالىم بولمىغۇچە بىز ئۇلارنى ھالاك قىلغۇچى بولمىدۇق >>  دېگەنكى سۆزى پات ئارىدا تارىم ۋادىسىدا چوڭ بىر قىرغىنچىلىق بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇرۇپ تۇرماقتا ! ئەمما زالىملار قاچان ئاخىرەتكە ئىشەنگەن دەيسىز . ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنسە ئىدى ، ئۆزلىرىگە يېتىۋاتقان دىشۋارچىلىقلاردىن ، رەسۋاچىلىقلاردىن ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بەزى ئىشلاردا خاتا قىلىشىۋاتقانلىقلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىشقان بولاتتى . ئەمما ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈك ئىلاھىي باردۇر. ئەنە شۇلار مامدامدا بىر يامانلىقلارنى ئىرادە قىلىپ ئۇلارنى تەتۈر قىيناۋاتقاندۇر . ئۆزلىرىنىڭ قۇرئاندىن سىرت تۇتقا قىلغان يولىغا قارشىلىق قىلىۋاتقاندۇر . ئەنە ئۇلار ئاتالمىش قۇرئاننىڭ ۋارىسلىرىدۇر !

داۋامى بار !!!

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 13:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                       ( 9 )

تۆۋەندە تورداشلارنىڭ بەزى سۇئاللىرى قىسمەن جاۋابلارنى بېرىپ ئۆتۈشىمىزگە قىستاپ قالدى .

1.يەل گۇمپىسى ئارقىلىق يېقنلاشماي تۇرۇپ باشقا جىسمغا تەسىر كۆرسىتىپ،ئوت كۆيدۈرۈش،مىدىرلىتىش ،ئاندىن مىخلارنى يۈتۈپ قۇسۇش قاتارلىق تەبىئى قانۇنىيەتكە زىت ھادىسلەرمۇ سىھىرنىڭ دائىرىسىگە كىرەمدۇ؟

ج : ئاللاھتائالا مۇنۇ ئايىتىدە شۇنداق دەيدۇ ۋە شۇنداق دىيىش بىلەن بەندىلىرىگە نۇرغۇنلىغان سىر - ھېكمىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ . يەنى : ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئېكىنزارلىقتۇر ، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار ، ئۆزەڭلەر ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار ، ئاللاھدىن قورقۇڭلار ، بىلىڭلاركى ، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولىسىلەر ، مۆئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن ( 223 ) بەقەر
ئاللاھتائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بىزگە شۇنى ئېيتىدۇكى : << پەرۋەردىگارىم ! يەر - يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن ( 26 ) ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ ، شۈبھىسىزكى ، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ تاپقان باللىرىمۇ پەقەت فاجىر ، كاپىر بولىدۇ ( 27 ) نۇھ

ئايەتتە ئېيتىلغاندەك ، ئايال كىشىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ئەرلەرگە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت . ئەرلەرنىڭ بولسا پۈتكۈل ياخشىلىق - يامانلىقتىكى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەتتۇر ! ئايال كىشى ئېكىنزارلىققا ئوخشاش بولۇپ ، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوقۇم ھايا ، ئىپپەت ، ئاياللىق نازاكەت بىلەن ۋە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ھەمدە ئىرىگە ئىتائەت قىلىش بىلەن ئۆتىشى كېرەكتۇر . ئۇلارنىڭ ئېسىلى ھەقىقەتتە مۇنبەت زېمىن بولغانلىرىدۇر ! ئۇلارنىڭ قىممىتى ئەنە شۇ مۇنبەتلىكىدىن ئايرىلغۇسىدۇر . ئەمما ئەرلەرنىڭ بولسا ھەقىقەتتە شۇ مۇنبەتكە ياكى قاغجىراق زېمىنغا نېمىنى تېرىسا شۇنى ئالىدىغان دېھقانلاردىن ئىبارەت بولۇپ ، بالىنىڭ ، ئەۋلاتلاردىكى ئېتىقادى خارەكتېرىنىڭ قانداق بولىشى ئەرگە باغلىقتۇر . ئەۋلاتنىڭ مىجەزى ئەقىدىسىنىڭ ياخشى - يامان بولىشى ئانىغا باغلىقتۇر ! شۇڭلارشقا كونىلار ئېيتىدۇكى ، دادىسى ساراڭنىڭ بىرى ساراڭ ، ئانىسى ساراڭنىڭ ھەممىسى ساراڭ دەپ . ھەقىقەتتە كۈزىتىپ باقساق دەرۋەقە شۇنداق چىقىۋاتىدۇ . دادىسى زەھەرخەندە بولۇپ ، ئايالى ياخشى بولسا ، باللىرى بەش - ئالتە بولسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى دادىسىنى تارتىپ قالىدىغان ، ئەمما دادىسى ياخشى بولۇپ ، ئانىسى زەھەرخەندە بولسا ، باللىرىنىڭ ھەممىسى ئانىنى تارتىدىغان ئىشلار ......  مانا بۇلار دەل ئۈستىدىكى ئايەت ۋە شۇ ئايەتتىن كەلتۈرۈلگەن تەمسىلنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ .
نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ، موللا - ئالىملاردا ئىسلام دىنىدا بولمىغان ۋە ھېچ دىندىن خەۋىرى بولمىغان كىشىلەرنى ئاشكارا كاپىر دەيدىغان ئىشلار نۇرغۇندۇر . ئۇلارنىڭ ئۇلارنى كاپىر دىيىشى ھەقىقەتمۇ ياكى ئاللاھنىڭ ئۇلارنى كاپىر دېمەسلىكى ھەقىقەتمۇ ؟ قايسى قايسىلىرىغا بۆھتان چاپلىدى ؟ ئاللاھ ئەنە ئايەتتە كاپىرنىڭ تاپقان بالىسى ياكى كاپىر بولىدۇ ياكى فاجىر بولىدۇ دەۋاتسا ، بۇ كاززاپلارنىڭ كاپىر دىيىشىۋاتقان كىشىلىرىنىڭ تاپقان باللىرى ئارىسىدىن ئىسلام دىنغا ئۇنىڭ ھەق دىنلىقىنى تۇنۇپ كىرىۋاتقان ۋە ئىبادەتلىرىدە ئىخلاس بىلەن يۈرىۋاتقان تۇرسىمۇ ، ئۇلارنى كاپىر ياكى فاجىر دەيدىغان نېمە ئاساسى بار ؟ ياكى شۇ كاپىر دىيىشىۋاتقان خەنسۇلارنىڭ باللىرىنى بېقىۋېلىپ ئىسلامدا تەربىيلىنىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆزلەر كۆرمەيۋاتامدۇ ؟ ياكى ئۇلارنى يەنىلا كاپىر ياكى فاجىر ( يەنى شەكلى بار ، ئىچكى ئىمانى يوق ) دىيىشەمدۇ ؟ ئەگەر يەنىلا شۇنداق ئەقىدىدە ئېتىقادىنىڭ راستىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولسا بۇلارغا قارشى دەلىل قويسا بولىدۇ . ئۇنداق قىلالمىغان ئىكەن ، ئۇلار قۇرئاندىكى ھۆكۈمگە ئىشەنسۇن ۋە بۇنىڭغا كۆنسۇن ۋە ئىمان ئېيتسۇن ! بۈگۈن بۇ خىل خاتا ئەقىدىڭىز << جارت ! >> چۈنكى ئەھلى كاپىر دېگەن ، ئايەتتە ئېيتىلىۋاتقاندەك ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دىيىشىۋاتقان ۋە توغرا خاتالىقلاردا نۇرغۇنلىغان ئىختىلاپلارغا قالغان بىر قەۋملەر ئارىسىدا  ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچى بەندىلەر ئەۋەتىلگەن بىر ۋاقىتلاردا ئاندىن ھەقىقەتەن ئاشكارا ئايرىلغۇسىدۇر ! شۇنىڭدەك ، كاپىرلارنىڭمۇ تىگىشلىك بولغان سۈپىتى باردۇر . ھېچقانداق بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن ھەمدە ھېچ بىر ئىنسانلىق بىلەن كارى بولماي ھېچ ياخشى ياماننىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن كارى بولمىغان ھاللاردا پەقەت ھايۋانلاردەك ئىشلەش بىلەنلا ئۆتىدىغان ، قارىماققا تىنى ئىنسان ، ئەمما ئىچكى قىممىتى پەقەت ھايۋاندىن ئىبارەت كىشىلەرنى يەنىلا كاپىر دىيىش ، ھايۋانلارنى ھەم كاپىر دىگەنلىك بىلەن ئوخشاشتۇر ! ھەتتا ئىنسانىيەت ئىچىدە ھايۋاندىنمۇ بەتتەر كىشىلەر باركى ، ھەتتا ھايۋانچىلىكمۇ پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان ........ پەقەت تاۋۇشىنى ئاڭلايدىغان ، ئەمما ئىچكى مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان .....

ئاللاھ ئايىتىدە ئېيتقاندەك ، بالىدىكى خۇسۇسىيەتنىڭ قانداق بولىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبنى ، يەنى بالىنىڭ قىز - ئوغۇل بولىشى ، ئۇنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادىنىڭ قانداق بولىشى ، يىغىپ ئېيتقاندا شۇ پەرزەنت ئۇرۇقنىڭ قايسى ئۇرۇقتىن بولىشى پەقەت ئاتىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . ئاندىن شۇ ئۇرۇقنىڭ قانداق يېتىلىشى زېمىنغا - ئانىغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .
جەمىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق ، ھەقىقەتەن ھەر خىل خۇسۇسىيەتلىك كىشىلەرنى كۆرىمىز . ئۇلارنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ئاللاھ كۆرسۈتۈپ ئېيتىدۇكى << ...... ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار ، ئۆزەڭلەر ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار ، ( ياخشى ئەمەل تەييارلىدىم دەپ بەزى ئەسلى يامان بولغان ئۇرۇقلۇق قىممىتىنى توغرا سانىماڭلاركى ) ئاللاھدىن قورقۇڭلار ، بىلىڭلاركى ، سىلەر ( مەيلى قايسى خىل ھالەتتە بولماڭلار ، چوقۇمكى شۇ ھالىتىڭلاردا ) ئاللاھقا مۇلاقات بولۇسىلەر ... >> دىيىش بىلەن ، ھەقىقەتتە بۈگۈنكى ھەر بىر ئۆزگىچە ھاياتلىقنىڭ ئەسلى قانداق تېرىلىشتىن ئىبارەت خۇسۇسىيىتى ، يولى بارلىقىنىڭ سىرلىرى بارلىقى جاكارلىنىدۇ . ئەنە شۇ ئۇرۇققا قايسى ئاتىلارنىڭ قايسى رەۋىشتە كېلىشى ، شۇ ئۇرۇقلاردىن قايسىلىرىنى تاللىشى ئىختىيار قىلىنىدۇ . مەيلى ئۇلار شۇ ئۇرۇقلارغا قارىتا ئىلىمگە ئىگە بولۇش بولماسلىق ، توغرا يولىدا تۇنۇش ياكى ئەگىشىپ قېلىش بىلەن ھەر خىل سورتلۇق ياكى سورتسىز ئۇرۇقلارغا مۇلاقت بولۇپ قالىدۇ ، ئاندىن دەل بۈگۈنكى پەرزەنتىنىڭ ھالى ئەھۋالى ئەنە شۇ ئۇرۇقنى تۇنجى تۆككەن كۈنىدىكى مەۋقەگە باغلىق قىلىنىدۇ . بۈگۈنكىدەك زور ئىختىلاپقا تولغان بىر زاماندا ھەتتا بىر مۆئمىن ئەتىگىنى مۆئمىنلىك ھالىتىدە چىقىپ كېتىپ ، پىتنىنىڭ دەستىدىن كەچتە كاپىر ھالەتتە ئۆيىگە كىرىپ ، شۇ مەۋقەسىدە ئايالىنىڭ بۇيىدا قالسا ، نەق كاپىر ياكى فاجىرنىڭ ئاتىسى بولىدۇ دېگەن گەپ ! بىر كاپىر ئەتىگىنى ئۆيىدىن كاپىرلىقىدا چىقىپ كېتىپ ، ئاللاھنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن ناگاھان بىر ۋەز - تەبلىغ بىلەن ھەقىقەتنى ئاڭلاپ ئىمان ئېيتىپ مۆئمىن بولىدۇ دە ، شۇ كۈنى شۇ مەۋقەسى بۇيىچە ئايالىنىڭ يېنىغا بېرىپ ، ئايالىنىڭ بۇيىدا قالىدىكەن ، ئەنە شۇلارغا ئايەتتە ئېيتىلغاندەك ، خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ . ئەنە شۇلار تەبىئىي دىنغا ، تەقۋالىققا ھېرىسمەن چىقىدۇ دە ، كىيىنكى زاماننىنڭ قۇرغۇچىلىرى ئەنە شۇلارنىڭ قولىدا ، ئەمگىكى ئاستىدا بولىدۇ . ئەمما كاپىرلىق ، زالىملىق ھالەتتە تېپىلغان باللا بولسا ، دەل ئەنە شۇ زاماننى قۇرغۇچىلارغا ئەشەددىي پۇتلىكاشاڭ بولۇش بىلەن ئۆزىنى ئۆزى كاپىر قىلىدۇ ياكى ئۇلارغا ئەگىشىپ قالسا سىياقى بار ، ئەمما ئىچىدە ئىمانى يوق فاجىر بولىدۇ . ئەنە شۇ فاجىرلار يەنىلا كىيىنكى دىن دولقۇنىدىن سالامەت چىقىپ بولالماي مولا - ئالىملىق ئۇنۋانى بىلەن يەنىلا ھەققە قارشىلىق قىلىپ قويۇش بىلەن ، ئەھلى ئىش ئىگىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ، يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش ۋە ئۇلارغا قارشى پىتنە - پاسات تارقىتىش بىلەن ھامان يامانلىقنى زىيادە قىلىدۇ . ئەنە شۇلارنى پىلانلاۋاتقان كۈنىدىن باشلاپلا ئۇلار ھەقىقەتتە كاپىرلىق قالپىقىنى كىيگەن بولىدۇ . شۇڭا بۈگۈن ۋە كىيىن بىر قورقۇنۇچلۇق ئامىلنىڭ بىرى ، دەل موللا - بۈۋىلەرنىڭ پىتنىسىدۇر ! ئۇلارنىڭ ھەقىقەتكە قارشى زالىملىقىدۇر ! شۇڭا تىلىدا لائىلاھە ئىللاللاھ  دەۋالغانغىلا ، پالانى موللا - ئالىم دەپ ئۇنۋانغا ئېرىشكەنگىلا ئۇ كاتتىلاردىن بولۇپ كەتمەيدۇ . شۇ ئۇنۋانى ، ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ ھەقنى ئىنكار قىلسا ۋە يىگىرمە - ئوتتۇز يىلنىڭ ئالدىدىكى تەقۋادار ، شۇ زامانغا ئالىم بولغان ھالىتىدە بۈگۈنكى زامانغا ھەم ئالىم ، ئىش ئىگىسى بولىمەن دەيدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتتە نۇرغۇنلىغان يېڭىلىلارغا ، ھەقىقەت ئىلمىسىگە قارشىلىق قىلىپ بۈگۈنكى زامانغا كاپىر بولۇپ قالىدۇ ۋە شۇ ئۇنۋانى بىلەن ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ئېتىقادىنى پېتىغداپ ھەققە قارشى ئىسيانكار قىلىپ چىقىدۇ . مانا بۇ ھەقىقىي زىيانكارلىقتۇر !
شۇنىڭ ئۈچۈن تارىختىن بۇيان شەھەر ئاھالىسى ئەڭ ئاۋال ھالاك قىلىنغان . چۈنكى شەھەر ئاھالىسىغا نۇرغۇنلىغان نېمەتلەر بېرىلگەن ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن ھەر خىل يوللار ئاسانلاشتۇرۇلۇپ بېرىلگەن . ئەمما كۆپىنچىسى غاپىل ، غەپلەت ئىچىدە ياشاپ كەلگەن . ئاقىۋەتتە ئەنە شۇ غەپلەت باسقان ۋاقتىنى بىكار ، بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۇنىڭ خۇنىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش تەكلىپ قىلىنغاندا ، ھېلىقى كاتتىلىقى ، ئۇنۋانى ، ئالغان ئانچىكى بىلىمى بىلەن ئۆزلىرىنى بىر ، سايىسىنى شىر چاغلىشىپ ئاقىۋەتتە ئىلگىركى خاتا ئەقىدىلەرنىڭ توغرىسى بايان قىلىنغاندا بولسا <<ئاتا - بوۋام شۇنداق دېگەنتى ، سەن نېمىتىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا .... >> دىيىشىپ زامانغا خاس ھەقىقەتنى بايان قىلىپ خاتالىقلارنى تۈزىگۈچىلەرنى ، ھەتتا ئەنتاكىيە شەھىرىدە كەينى - كەينىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنى ئىنكار قىلىشىپ ، ئۇلارنى يالغانچىغا چىقىرىشپ ، ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋېلىشىپ ئۆزلىرىگە ئاشكارا زۇلۇم قىلىشىدۇ .
موللىنىڭمۇ تىگىشلىك ئورنى ، سۈپىتى قىممىتى بولىدۇ . ئۇلارمۇ بىر قانچە يۇلتۇز دەرىجىلىك ، ئاي ۋە قۇياش دەرىجىلىك دەپ بېكىتىلىدۇ . شۇ ئىمتىيازىدا ناھىيەنىڭ يېزىلىرى ۋە بازىرىدا ، شەھەرنىڭ يېزىلىرى ھمەدە بازارلىرىغا خاس كېلىدىغان ئورۇنلىرى بولىدۇ . ئەمما قايسى بىر موللا ئۆز قىممىتىدىن ئۆرلەپ يۇقىرىغا يامىشىدىكەن ۋە يۇقىرى شەھەرگە كىرىشىپ پەتىۋاچى ، خۇتبىچى  بولىشىدىكەن ، ئەنە شۇلار توغرىغا باتىلنى ، ھەققە ناھەقنى ئارلاشتۇرۇپ قويۇش بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلىمگەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا قارشى مەزمۇندا سۆزلەش بىلەن ئۆز زامانىغا خاس ھەقىقەتلەرگە ئىمان ئېيتقۇزۇلغان كىشىلەرنى ، چوڭ موللىنىڭ ئاغرىق ، قېرىپ كېتىشى ياكى بىر مەھەل ئۇلارغا ئىشىنىپ خۇتبىگە چىقىشىغا ئىجازەت بەرگەنكى ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ يېڭىدىن ئېنىقلىنىۋاتقان شەيئىلەرگە قارىتا چوڭ موللا يەتكۈزگەن ھەققە قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارنى بېرىپ زاماندا ھالال قىلىنغان ، بەرپا قىلىنغان شەيئىلەرنى يوققا ، ھارامغا چىقىرىش بىلەن تولىمۇ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشىدۇ . بۇ توغرىسىدا سۆزلىسەك خېلى ئۇزاپ كەتكۈدەكمىز . مۇمكىن بولسا كىيىنچە يەنە ئايرىم توختۇلارمىز !
شۇنىڭدەك ، كىملەركى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئارلىشىۋالىدىكەن ، ئۇ ھەقىقەتتە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ، باشقىلارغا زالىم بولغان بولىدۇ . ھەقىقەتتە ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ . ئىلگىركى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ موللىلىرىدەك ئۆز يولىنى ، شۇ ۋاقىتتىكى دىنىنى توغرا تاپىدۇ ۋە ئكز زامانىغا قارىتا غاپىلچىلىقتا ھەققە قارشىلىق قىلىشىۋاتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى يەنىلا ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرى دەپ ئاتىشىدۇ . ئۇ ۋاقىتلاردا دىن ئايرىمچىلىقى بولغان ئەمما مۇھەممەا ئالايھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى ، يىغىپ ئېيتقاندا بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسى دىن ئايرىمچىلىقىدىن يات . ئەمما ھەممىلەر تاكى باشقا دىندىكىلەرگە ، يولدىكىلەرگە قارىتا ئەگىشىپ ماڭغىنىغا قارىتا ، قايسى قەۋم ئىچكى ، ئەسلى ماھىيەتتە كىملەرگە ئوخشىۋالىدىكەن ، ئەنە شۇلار ئۆزلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىغا قارىتا پىرقە ھالىتىدە ئايرىلغۇسىدۇر . ئەنە شۇنىڭدەك ، موللىلارمۇ زامانغا خاس ھەقىقەت نەتىجىلەرنى ئىنكار قىلىشىپ ئۆزىنىڭ تونىشىنى يۈكسەكلىككە چىقىرىش بىلەن مەيدانىنى بېكىتىدىكەن ، ئەنە شۇلار ئايرىم بىر پىرقە بولۇپ ، قۇرئاننى تۇتقا قىلغان بارلىق يولدىكىلەر ، قۇرئاننىڭ ئىچىدىكى بارلىق يوللار ، ئايرىم خۇسۇسىيەتلىك ئىمتىيازدىكىلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا ، خىلى خىلىنى تېپىشىپ نەق 73 پىرقە ئۆزىنىڭ يولىنى توغرا تەيىنلىشىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دىندا زورلاش يوق . كىم نېمىلەرنى تاللىسۇن ، ئۇ ئىختىيار قىلىنىدۇ . كىشى زەررىچە ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن ، ئۇ ئىشلىگەن نەتىجىسىنى كۆرىدۇ . ئەگەر زەررىچە يامانلىق قىلىدىكەن ھەم ئۇنىڭ زىيىنىنى تارتىدۇ . ئىسلام دىنى تىلىدا ، كىيىمىدە ئۆزىنى بېزىگەنگە كەلمەيدىغان دىندۇر ! ئىلگىركى ئۇنۋان ، موللا - ئالىملىق بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ . كىملەركى ئۆز نۆۋىتىدە ئىسلام دىنىدىن ، يەنى ھەر ۋاقىت ھەر خىل شەيئىلەر ئاشكارلىنىپ تۇرىلىدىغان دېگەنكى ئىسلامنى تۇتقا قىلغان ، مەن شۇنىڭ ئەزاسى دەپ جاكارلىغان ، ۋە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ بەندىسى دەپ تۇنىغانكى دىندا دەپ ئويلايدىكەن ، چوقۇمكى ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى ئىمتىيازى ، ئىلىمدار ، زاماندار بولۇشلىرى لازىم بولىدۇ . ئۇنداق بولماي ھەر ۋاقىت ئاسمان ئۆرۈلسا تىگىدە ئولتۇرۇپ مانتا يەيدىغان مەۋقەدە تۇرىۋالىدىكەن ، ئۇ ماھىيەتتە ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ، شۇ زۇلمىسىنى باشقىلارغا ئىشتىدىكەن ، ئۆزىنى زالىم قىلغان بولىدۇ .
مانا بۇ 73 پىرقىنىڭ ئەسلى بىر ئۈممەت قىلىنىپ يارىتىلغان قىممىتى بار . چۈنكى جىمى پەرزەنت ئىسلامنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ . ئەمما بۇلارنىڭ 72 سى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئەگىشىۋىېلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشىدۇ ، ئەسلى ھالىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ . جىمى ئىنساننىڭ ئەسلى ئىسلامدىن نېسىۋىسى بولىدۇ . ئىسلامدا ھەممىلەرنىڭ ئەسلى ئورنى ، قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەللىرى ، تىكى ، كۆزى ، قۇلىقى بولىدۇ . ماڭىدىغان پۇتى ، تۇتىدىغان قولى بولىدۇ . ئەمما ئەنە شۇ 72 پىرقە ھاياتلىقتىكى  ئەسلى ماھىيىتىدىن چەتنەپ چىقىپ كېتىدۇ . گەرچە ھەممىلەر ئۆزگىچە خۇسۇسىيەتلەردە تۇغۇلغان بىلەنمۇ !!!
شۇڭا ، مۇسۇلمان ئاممىسى ئەسلى بىر ئۈممەت ئىدى . ئەمما ئەنە شۇ تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا ئارلىشىۋالىدىغانلارنىڭ دەستىدىن نۇرغۇنلىغان پىرقىلەرگە، مەزھەپلەرگە ئايرىلدۇق . ئىلگىركى زالىملارنىڭ پىتنىسىگە كىيىنكى نادانلار ، ھاماقەتلەر قالدۇق . قارىساق ھەممىلەرنىڭ تىلىدا ئاشۇ بىر سۆز << لائىلاھە ئىلاللاھ ، مۇھەممەدۇن رۇسۇللاھ >> ئەمما ھەممە ئۆزلىرىنىڭ يولىنى توغرا دىيىشىدۇ . دېسە دېمەمدۇ ، دىندا زورلاش يوق . بۇلار << ئاسمىنىم كۆپكۆك ئاسماندۇر دەيدىكەن >> دەيدىغىنىمىز شۇ << مېڭىۋە دۇچۇ ، مۇشۇنداق ماڭساڭ تىلىكىڭگە يېتىسەن !!! >>
گەپ ئۇزىراپ كەتتى . شۇنىڭدەك ، بارلىق خۇسۇسىيەتنىڭ ئەسلى شۇنىڭدەك ياخشى - يامان نىسبەتلىك ئۇرۇقى بولىدۇ . بەزىلەر شۇ ئۇرۇقنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى تېپىپ تۇرۇپ تېرىيدۇ . بەزىلەر ئەگىشىپ تۇرۇپ . بەزىلەر ئىشىنىپ تۇرۇپ تېرىسا بەزىلەر شۇنداق ( تەقدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشى بىلەن ) ئۆزلىرى چۈشەنمىسىمۇ ، ئەمما شۇنداق بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىپ تېرىپ قالىدۇ . ئەنە شۇ تېرىشتا شۇنىڭدەك بەزى غەيرىي خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ قالغانلارمۇ تېرىلىپ قالىدۇ . تېرىلغان ئىكەن ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى ئاشكارلىماي قالمايدۇ . خۇددى قۇربان ، ئۆمەر ۋە باشقا شۇلارنىڭ جۈملىسىدىكى كىشىلەردەك .......
بۇلاردا سېھىرى كۈچ ، شۇنىڭدەك قۇۋۋەت تەبىيئىيلا بار بولغان بولىدۇ . ئەمما ئۇلارغا بېرىلگەن ئامانەت شۇ كۈچنى توغرا يولىدا ئىشلىتىش . ئەمما ھازىر تەۋبە قىلدىمۇ يوق ، تېۋىپ بولىۋالغان قۇربان << مەن مەككىنىڭ پادىشاھىنىڭ كۆزىنى داۋالاپ ئاچتىم >> دېگەنكى ئىلاھلىق دەۋاسى قىلغۇچى مەۋقەلىرىدىن . بۇلارنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق تۇزكورلاردىنمىدۇ ؟ دەپمۇ قالغان ئىدىم ئەمما بۇلتۇر ئاللاھ ئالدىمغا شۇنىڭدەك خۇسۇسىيەتلىك بىر ئوتتۇرا ياشتىن سەل كىچىكرەك بىر كىشىنى ئۇچىراشتۇردى . ئۇ توغرىسىدا كىيىنچە يەنە تەپسىلى توختۇلۇپ بىرىمەن . شۇ كىشى << مەندە شۇنداق بىر خۇسۇسىيەت بار ئىكەن . سىلاپ قويسام كېسەللەر ئاللاھنىڭ شىپالىق بېرىشى بىلەن ساقىيىپ كېتىدىكەن . مەن گەرچە ناماز ئوقۇپ بولالمىساممۇ ، ئەمما چوقۇم ئوقۇشقا تىرىشىۋاتىمەن . سىلەردەك كىشىلەرنى كۆرسەم خۇش بولىمەن >> دېگەن ئىدى . دېمەك ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا قۇرباندەك تۇزكور ، ئۆمەردەك غاپىل بولمايدىكەن . سىزنىڭ سورىغىنىڭىز ئەمەلىيەتتە ئىنسەنىيەت ئالىمىدە ھەقىقەتەن بار ئىشلار . ئاللاھنىڭ بۇنىڭدەك كىشىلەرنى چىقىرىشى سېھىر كۈچنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكى ، ۋە بۇنىڭ بىلەن خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈندۇر .
بۇنىڭدەك كىشىلەر تىۋىپلىققا مۇسەللەت قىلىنسا ، تىۋىپلىقنىڭ قىممىتى ئاشقۇسى !
بۇنىڭدەك كىشىلەر تەنھەركەتكە مۇسەللەت قىلىنسا ، تەنتەربىيەنىڭ قىممىتى ئاشقۇسى !
بۇنىڭدەك كىشىلەر قىمارغا مۇسەللەت قىلىنسا ، قىمارنىڭ قىممىتى ئاشقۇسقى !
بۇنىڭدەك كىشىلەر سېھىرگرلىككە مۇسەللەت قىلىنسا ، سېھىرگەرلىكنىڭ قىممىتى ئاشقۇسى !
بۇنىڭدەك كىشىلەر جىنكەشلىككە مۇسەللەت قىلىنسا ، ھەقىقەتەن جىنكەشلىكنىڭ قىممىتى ئاشقۇسى !
بۇنىڭدەك كىشىلەر ...............................................

داۋامى بار !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 13:47:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.


                                                    ( 10 )

9-قسىمىنى ئۇقۇپ مۇنداق سۇئال پەيدا بۇلۇپ قالدى:  
ئاللاھتائالا مۇنۇ ئايىتىدە شۇنداق دەيدۇ ۋە شۇنداق دىيىش بىلەن بەندىلىرىگە نۇرغۇنلىغان سىر - ھېكمىتىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ . يەنى : ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئېكىنزارلىقتۇر ، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار ، ئۆزەڭلەر ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار ، ئاللاھدىن قورقۇڭلار ، بىلىڭلاركى ، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولىسىلەر ، مۆئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن 
1. بۇ ئايەتنى بۇرۇنقى يازمىلىرىدىڭىزدىمۇ تەپسىرى بىلەن نەقىل كەلتۈرگەن ئىدىڭىز.....ھازىرمۇ كۈرۈپ مۇنداق تۈگۈن پەيدا بولدى ،يەنى:بەندىنىڭ بۇلۇپمۇ ئۇرۇق تېرىغۇچى (ئەر)نىڭ ،ئۆز ئايالى بىلەن بىرگە بولغان چاغدىكى(پەيتتىكى) قەلبىنىڭ ياخشى -يامانلىققا مايىل بۇلۇشى ،ياكى ئىمانىنىڭ ئاجىز-كۈچلۈك ياكى يوق بۇلۇشى،ئۆز نۆۋىتىدە شۇ ۋاقىتتا تۆرەلگەن پەرزەنتنىڭ كەلگۈسىگە باغلىق بۇلۇشىنى ئويلىسام.....بىزنىڭ قانداق بۇلۇشىمىز دادىمىزغا باغلىق بۇلۇپ قالىدىغانلىقى چىقامدۇ قانداق؟ئەگەر دادىمىز ھەرھالدا ياخشى ئادەم بۇلۇپ....ئايالى(ئانىمىز)بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردىكى قىسقىغىنە پەيىتتە قەلبىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەنلا..تېپىلغان بالا شۇنىڭغا ماس ھالدا تۆرەلسە..ئاشۇ قسقىغىنە پەيتتىكى(ياكى شۇنىڭ ئالدى كەيندىكى مەلۇم كۈنلەردىكى) ئىش-ئەمەلى،قەلبىگە ئاساسەنلا،دادىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئۇزاق مەزگىللىك ياخشىلىقلىرى،نۆلگە تەڭ بۇلۇپ كەتسە،يەنى دىمەكچى ئاز،قسىقا مەزگىللىك ئەمەل،جىق،ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىنى بېسپ كەتسە بۇ ئادىلسىزلىق بۇلۇپ قالمامدۇ؟



ج : ئاللاھتائالا مۇنۇ ئايىتىدە مۇسا بىلەن خىزىر بەندىلىرى ئوتتۇرسىدا بولغان دىئالوگنى قىسسە قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيدۇ : << ئۆلتۈرۈلگەن >> بالىغا كەلسەك كەلسەك ، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى مۆئمىن ئىدى . ( ئەمما ئۇ بالا ئاتا - ئانىسى ھىدايەتكە ئېرىشكۈچە ئارلىقتا بەزى كۇفرىلىقلىرى سەۋەبىدىن دىنغا مايىل بولالماسلىقتەك ، چوقۇم ئۇ ئىسلامنى نۆلدىن باشلايدىغانلار قاتارىدىن يارىتىلىپ قالغاچقا ، ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى چۈشەنمىگەن بەندىلەر ئۆز پۇشتىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى ، ئىمتىيازى بۇيىچە تەربىيلەيدىغان بولغاچقا ، بۇ مۆئمىن بەندىمۇ بۇ پەرزەنتىنى چوقۇمكى ئۆزلىرى نېمىنى توغرا كۆرسە شۇ يولدا تەربىيلەشكە تۇتۇنۇش قىلاتتى . ئەمما بۇ خىل رەۋىشتە پەرزەنتلەرنى بىردەك مۆئمىنلىكتە تېپىلغان بالىلارغا ئوخشاش تەربىيلەش قىلغاندا كۆپىنچە ئېتىقادى مەسىلىلەرنى يادقا ئېلىۋېلىش ئۈستىدە سۇيئىستىماللىقنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇش بىلەن دىندا شەكىلۋازلىقنى توغرا تاپىدىغانلاردىن بولۇپ قالاتتى . كىيىن ئاتا - ئانىسىنىڭ ھېكمەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ئىشلىگەن نەتىجىلىرىگە قارىتا ئاخىرەتتە ) ئۇنىڭ گۇمراھلىق بىلەن كۇفرىنى ( سىلەر ھېكمەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ياكى مەن ۋە ئۆزەڭلەرنىڭ كىملىكىدە ھېكمەت بېرىلگەن كىشىلەردىن سورىماستىن مېنىڭ مۇشىنىڭدەك ئاقىۋېتىمگە قېلىشىمغا ئاساسلىق سەۋەپ بولدۇڭلار ، دەپ ) ئاتا - ئانىسىغا تېڭىشىدىن قورقتۇق ( 80 ) شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ ( شۇ خىل رەھمەت بولغان تەقدىرلەرنى پۈتكەن )  پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارغا ئۇ بالىغا قارىغاندا ( ئۇلارنىڭ يىتەكلىشىگە قارىتا مۆئمىنلىك ئىمتىيازىدا تېپىلىدىغان ) پاك ۋە كۈيۈمچان پەرزەنت ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق ( 81 ) كەھف

يەنە جاۋاپ شۇكى ، سۇئال سوراش ياخشى . ئەمما مۇشىنىڭدەك ئىچكىرى تەقدىرگە قارىتا سورالغان سۇئالغا قارىتا سورالغان سۇئاللار بەزىدە مۇشىنىڭدەك يامان مەۋقەنىڭ كېلىشىنى چىقىرىدۇكى ، سورالدى . ئەمما ئېيتىلدى . سورالغۇچى قۇبۇل قىلالامدۇ - يوق ؟ چۈشىنەلەمدۇ - يوق ؟ ئىمان ئېيتالامدۇ - يوق ؟ گەپ ئەمدى ئۇنىڭ ئۆزىدە قالدى . ئەمما ئەتىراپتىكىلەر سورالغۇچىدەك بەكمۇ ئەندىشە قىلىپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ . چۈنكى سورالغۇچىغا بۇ تەقدىر قىلىندى . ئەتىراپتىكىلەرگە قىسمەت قىلىندى . قىسمەتتىكىلەر ئويلىنىش ئۈستىدە سۈكۈت قىلىشقا ، ھەتتا بۇ قىسمىتىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ھوقوقلۇق . ئەمما سورالغۇچى چوقۇمكى بىر مەۋقەگە ، يەنى قۇبۇل قىلىش - قىلماسلىقتەك ، ھېچ بولمىسا ھاياتىدا بىر قېتىم بولسىمۇ چوقۇم بىر مەۋقەگە كېلىشى كېرەك بولىدۇ . سورالغۇچىغا ئامانەت ، ئەتىراپتىكىلەرگە دەرسلىك بولدى خالاس !

ئاللاھتائالا يەنە شۇنداق دەيدۇ : كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ ( 7 ) كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ ( 8 )

ئاللاھ قۇرئانىدا شۇنداق بولىدۇ دەپ پۈتكەن ئىكەن ، ئۇ چوقۇم شۇنداق بولىدۇ . قۇرئانغا ئىشەنگەن كىشىلەر ئەنە ئاللاھنىڭ سۆزى ، ھۆكمىسى بۇيىچە يول كېزىدۇ ۋە چىن ئىشىنىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىمانى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا يىتەكلەيدۇ ۋە قىستايدۇ .
ئاللاھ يەنە قۇرئانىدا ، ئەسلى ئەزەللىيسى ھۆكمىسىدە بەزى بەندىلەرنىڭ ئىشلىگەن ئەمەللىرى سەۋەبلىك ئېرىشكەن ساۋابلىرىنىڭ نەتىجىسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرۈش ئۈچۈن دۇنيالىقنى تىلەيدىغانلىقى ، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا دۇنيا ياخشىلىق ئاتا قىلىشىنى ۋە ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلىشىنى تىلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . دەرۋەقە ئاللاھ ئالدىنقى ئايىتىدە ئېيتقاندەك كىمكى مەيلى قايسى تەرەپتىن بولمىسۇن ، زەررىچە بىر ياخشىلىق قىلىدىكەن ، چوقۇمكى ئۇنىڭ نەتىجىسىنى مۇشۇ دۇنيادا ياكى ياخشى تەرەپتىن ياكى يامان تەرەپتىنى كۆرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . كىشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرگەن ئىكەن ، چوقۇمكى ئۇنىڭغا ياكى ياخشىلىق يېتىدۇ ۋە ياكى يامانلىق يېتىدۇ . چۈنكى بەندە مەيلىكى قانداقلا بىر ئەمەلنى قىلمىسۇن ، ئۇ شۇنى تىلىگەن بولىدۇ . تىلەشتە ياكى ئۇ چۈشىنىپ تىلەيدۇ ياكى چۈشەنمەي قارىسىغىلا ئىشلەپ تىلەيدۇ .
تىلەش : بىر ئىشقا يەنى ئۇ مەيلى قانداقلا بىر ئىش بولمىسۇن ئۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشقا قارىتا ئاۋال نىيەت قىلماق + ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭغا يەتمەك ئۈچۈن شۇ ئىشنى قىلماق ۋە + ئاقىۋېتىدە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەك = تىلەش - دۇر !
بەندە تىلىدا پەقەت سەندىنلا تىلەيمەن دەپ دۇئانى يادقا ئېلىۋالغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە گەپ ئۇنىڭ تىلىدا ئەمەس بەلكى ئەمەلىدە ! تىلىدا ئاجايىپ دۇئالارنى قىلىۋاتقان ، ئەمما ئەمەلىيتىدە باشقا ئەمەللەرنى قىلىپ يۈرگەن كىشىلەر ، ئەمەلىيەتتە تىلىدىكىسىنى پاراڭ قىلىۋېلىش بىلەن ، ئەمەلىيەتتە دىلىدىكى ، نىيىتىنى ، نەپسىنى ئاساسلىق تۇتقا قىلغان بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسۇللاھ ئېيتىدۇ : سىلەر ئىجابەت بولۇشقا چىن ئىشەنچ قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار ، بىلىڭلاركى ، ئاللاھتائالا دىلىنى غەپلەت باسقانلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلمايدۇ .
يەنە شۇنداق دەيدۇ : شۈبھىسىزكى ئاللاھتائالا ھايالىقتۇر ، سېخىيدۇر . كىشى ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ئىككى قولىنى كۆتۈرسە ئاللاھ ئۇنىڭ ئىككى قولىنى قۇرۇق ، ئۈمىدسىز قايتۇرۇشتىن خىجىل بولىدۇ .
شۇنىڭدەك ، دۇئا ئول نېمەتكە يەتمەك ئۈچۈن نىيەت قىلغان ، شۇ نېمەت ئۈچۈن قەست قىلغان ۋە ئۆز پەرۋەردىگارىغا قەلبىدە ئۇدۇل بولغان ھالدا يۈزلەنگەن ھالدا قىلىنغاندا ئاندىن ھەقىقىي دۇئا بولىدۇ . ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى ئەنە شۇ دۇئانى كۆزدە تۇتىۋاتىدۇ . ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر بۇ خىل رەۋىشتىسىزلا تىلدىكى پاراڭ بىلەن ھېچ بىر مەۋقەسىز ھالدىلا ئۆزلىرىنى ھېچ ئىسلاھ قىلماستىنلا دىنىي ئورنىنىڭ قانداقلىقى بىلەن ھېسابلاشماستىن شۇئارىزىملىقنى دەستەك قىلىۋېلىپ ، دىنىي ئېھىتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ ۋە شۇ پەسلىكى بىلەن مۆئمىنلەرنى ئۆزلىرىنىڭ يولى ، تۇنىشىغا تەۋسىيە قىلىپ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئالدىماقچى بولىشىدۇ . ئەمما ئاقىۋەتتە ئۇلار تۇيماستىن ئۆزلىرىنىلا ئازدۇرىدۇ - خالاس !
ئاللاھ قۇرئانىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشانىسىدە بەلگىسى بار بولغان ۋە ئەسلى قىممىتى ، مۆئمىنلىك ئىمتىيازى بار بولغان  ئۈممەتلىرىگە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئاتىسىغا قىلغان بىر دۇئاسىنى ، يەنى << ئى ئاتا ! سەندىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمايمەن >> دېگەنكى دۇئاسىنى كۆتىرىۋېلىشتىن توسۇيدۇ . چۈنكى بۇ خىل ئىمتىيازغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ئاتىلىرى گەرچە كىيىن ھەقىقەت ئىسلامدىن چىقىپ كەتكەن بەزى موللىلارنىڭ پىتنىسىگە نادانلىق ۋە ھاماقەتلىكتىن كىرىپ كەتكەن ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىنى شۇلارنىڭ يولىغا دەۋەت قىلغان ، ئاندىن پەرزەنتلىرى ئۇلارنىڭ نادان ۋە ھاماقەتلەرچە قىلغان تەۋسىيەسىگە قۇلاق سالماي ئاللاھنىڭ مۇنۇ تەۋسىيەسىگە ئەگىشىشكە قىستىلىنىدۇ :   ئەگەر ئاتا - ئاناڭ سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا ( يەنى سەن مېنىڭ پەرۋەردىگارلىقىمغا ، مەبۇدلىقىمغا چىن ئىشىنىپ كىيىنكى يولىڭدا ماڭىلا تەۋەككۇل قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ، سېنىڭ شۇ ئىمتىيازىڭ پەقەت ماڭىلا خاس ئىبادەت قىلىش ، نېمىلا بولمىسۇن مەندىنلا تىلەشتەك قىممەتكە يەتكەن تۇرۇقلۇق ، يەنىلا ئاتاڭ ۋە يۇرت بېشى << ئاتاڭ >> سېنى ئۆز قىممىتىگە سېلىش مەقسىتىدە يەنىلا ھامىيلىقتا كىتاپ ۋە باشقا موللا - ئالىملارنى تۇتقا قىلىشتەك ئارقىڭغا ياندۇرۇشقا زورلىسا ) ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن ، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن ، ماڭا ئىتائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن ، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر ، سىلەرگە قىلمىشڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن ( 15 ) لوقمان
مۇنۇ ئايەتكە مۆئمىن بولغانلارنىڭ ئاتىلىرى ئۇلارغا ھەقىقەتتە چىن دىلى - قەلبىدىن خەيرىلىك دۇئا قىلغان ، ئەمما ئۇلارنىڭ نەپسىدىكى ماقام ئۆزلىرى توغرا دەپ تۇنۇيدىغان زاماندىن قالغان موللىلار بولۇپ ، ھەتتا زامانغا ئىلگىركى موللا- ئۆلىمالار بولۇپ ، ئۇلارغا ئەگەشكەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ پىتنىسىگە ئۇچىراش بىلەن ئۆز پەرزەنتلىرىنى شۇلارغا ئىتائەت قىلىشقا ، يەنى باشلانغۇچ ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىلگىرىكى توغرا يوللۇق موللا - ئۆلىمالارنىڭ يىتەكلىشىدە لاياقەتلىك پۈتتۈرۈپ ، ئەمدى باشقا تەرەپتىن خىتاب قىلىنغان زامانغا خاس ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئەگىشىشكە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئالىي مەكتەپلىك دەرسلىكىگە ئىمتىياز بېرىلگەن بولۇپ ، ھاماقەتلەر ، ئىلگىرى توغرا رەۋىشتە يول تۇتقۇچى قۇياش ۋە ئاي دەرىجىلىك موللا - دەموللاملارغا ئىتائەت قىلىنىش بىلەن ، ئۇ ۋاقىتتا غاپىل ۋە غەپلەت باسقان ھاللاردا << جۈمە >> لەردە بولۇپ ، ئۆز نۆۋىتىنى دۇنيالىققا ، مەنسەپكە ئالدىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان غاپىل ئۆلىمالارنىڭ ، كىيىنكى ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئىلگىركى ۋاقتىنى غەپلەتتە ئۆتكۈزگەن كىشىلەرگە قارىتا ئۇنۋان ، مەرتىۋېگە ئولتۇرۇشتەك ئىمتىيازىغا قارىتا ئۆز زامانىغا قارىتا مۆئمىنلەرنىڭ ئاتىلىرى بۇ خىل رەۋىشتە ھېكمەتنى شۇ موللا - ئۆلىمالىرىغا ئوخشاشلا چۈشەنمەستىن ، ئىلگىركى زامانغا خاس تەكلىپلەرگە زورلاش قىلغىنىدا ، چوقۇمكى ئۇلارغا ، جۈملىدىن بىردەك ھەممىگە ئىتائەت قىلماسلىققا بۇيرۇيدۇ . ئەمما بۇ ۋاقىتتا مۆئمىنلەرنى ئاتىسىدىن بىراقلا ۋاز كېچىشكە بۇيرىمايدۇ . بەلكى << ئى رەببىم ! ئاتام ھەقىقەتەن ھېكمەتنى بىلمەيدۇ ۋە سېنىڭ ئىرادەڭنىڭ باسقۇچلىرىنى چۈشەنمەيدۇ . گەرچە ئۇنىڭ مەن توغۇرلۇق ساڭا قىلغان دۇئالىرى توغرا بولغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ كۆرگىنى خاتالىقتا بولغىنىدىن ، ھەقىقەت ئاشكارا بولغۇچە ئۇنىڭغا ئۆمۈر ئاتا قىلغىن ! ئۇنى كىيىنكىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلغۇچىلار قاتارىدىن قىلغىن ! >> دېگەنكى دۇئالىرىغا ئوخشاش ، خۇددى ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئايالى ھاجەر بىلەن ئوغلى ئىسھاققا قارىتا خەيرىلىك دۇئا قىلىپ ئاللاھقا تاپشۇرغىنىدەك ، ئۇلارنىمۇ ھەم شۇنىڭدەك دۇئالار بىلەن قويۇشقا قىستايدۇ .
ئەمما باشقا تۆۋەندىكىلەر بۇ رەۋىشتىسىز ھەقىقەتتىكىلەرگە ئۇلاشقان بولۇپ ، يەنىلا ئاتىلىرى خەيرىلىك دۇئا قىلمىغان ، ھەمدە كۆرگەندىكى يالغانغا مەجبۇرلاش بىلەن زالىملارغا ئىتائەت قىلىشقا قىستىسا ، يەنىلا ئۇلاردىن گەرچە ئۇ خىل رەۋىشتە دۇئا قىلىش ئىمتىيازى بولمىسىمۇ ، گەرچە شۇنداق دۇئا قىلسۇن - قىلمىسۇن ، ئاتىلىرىدىن چوقۇم ئايرىلىشى كېرەكتۇر !
ئاللاھ ئېيتقاندەك ، بەندە مەيلىكى قانچىلىك ياخشى بىر ئىش قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى چوقۇم تېتىيدۇ . 73 پىرقە دەل << فۇرات دەريا >> سى ئېچىلغان بىر ۋاقىتتا ھەقىقىي رەۋىشتە ئايرىلغۇسىدۇر . چۈنكى بۇ ۋاقىتتىكى نېمەت دەل دىندا ۋە ئىسلامدا ۋە باشقا بارلىق ئەمەللەر - خىزمەتلەردە دۇنيالىقنى تىلىگۈچىلەرگە تولۇق بېرىلىشى ئۈچۈن ئېچىلغان بولىدۇ . بۇ دەريا دەل شۇ قەۋمنىڭ ئۆز قەۋمىدىن سەدىقە بېرىش ئۈچۈن ئادەم تاپالمىغان بىر ۋاقىتقا ئۇدۇل كېلىدۇ . ( بۇنىڭغىمۇ ئۇنچە ئۇزۇن قالمىدى )

سۇئالدا ئېيتىلغاندەك ، كىشىنىڭ قىلغان ھەر قانداقلىكى بىر ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى ھېچقاچان كېمەيتىلمەيدۇ ۋە ئاشۇرىۋېتىلمەيدۇ . چۈنكى ھەممىلەرنىڭ تىگىشلىك بولغان ئورنى ۋە ھەسسىسى باردۇر !
رۇسۇللاھ يەنە شۇنداق دېگەنكى : ھەر قانداق ئادەم ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ بىرەر دۇئانى قىلسىلا ئۇنى ئىجابەت قىلىدۇ ، ياكى ئۇنىڭ دۇئاسىنى مۇشۇ دۇنيادىلا ئىشقا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ ، ياكى ئۇنى ئاخىرەتكە قورامىساق قىلىپ قالدۇرىدۇ ، ياكى ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ مىقدارى بۇيىچە ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ ، مادامىكى ئۇنىڭ قىلغان دۇئاسى گۇناھ ئىشلارنى ياكى سىلە رەھىمنى ئۈزۈپ قويۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسا ياكى بۇ ئادەم پەرۋەردىگارىمغا دۇئا قىلدىم ، دۇئايىمنى ئىجابەت قىلمىدى دەپ ئالدىراپ كەتمىسە .

بۇ قىسىم مۇشىنىڭ بىلەن ئاياغلاشسا . مۇنۇ ئاياقتىكى ھەدىستە يەنە بىر مۇنچە مەنالار يۇشۇرۇلغان . بۇنى يەنە ۋاقىت چىقسا ۋە ئۇدۇل كەلسە ، ماۋۇ ئارماندەك دۈمبىسى قىچىشقان بىرەسى سوراپ قالسا يەنە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇرى بولىمىز .

داۋامى بار !
.

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 16:24:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                  ( 11 )

سورىغۇچى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن...سۇئال سوراش ئارقىلىق پەقەت ۋە پەقەت توغرا ئىلىم ئېلىشنى مەقسەت قىلىشنى ۋە بىرىلگەن ھەق جاۋاپنى قۇبۇللىيالايدىغان ئىمانى قەلىبنى تىلەش بىلەن يەنە بىر سۇئال سورىماقچى: 
«ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن ئېكىنزارلىقتۇر ، ئېكىنزارلىقىڭلارغا خالىغان رەۋىشتە كېلىڭلار ، ئۆزەڭلەر ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار ، ئاللاھدىن قورقۇڭلار ، بىلىڭلاركى ، سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولىسىلەر ، مۆئمىنلەرگە خۇش خەۋەر بەرگىن»
بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدىن يەنە،كىشىنىڭ «ئۇرۇق» سېلىشتىن ئىلگىرىكى پەزىلەتلىرىنىڭ(ۋاپادارلىق،سەمىمىيەت،ئاچكۆز،بەدنىيەت،شەھۋەتخور.....)ھەم ئىرسىيەت بىلەن بالىغا مىراس قالىدىغانلىقى چىقامدۇ؟ ئالا قۇيرۇقنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دىگەندەك..........

ج : ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم . كۈزۈتۈپ باقساق ھەقىقەتەن بىر قانچە بالىلىرى بار چوڭ ئائىلىدىكى بالىلارنىڭ خۇي - پەيلى ، مىجەزى ... قاتارلىق بىر قانچە تەرەپلىكلەر تولا ئائىلىلەردە ئوخشاش سالماقنى ئىگىلەيدىكەن . يەنى ، ئىلگىرى كونىلارنىڭ دەۋرى ھەقىقەتەن ساپ جىنىسلەر ۋە مۇھەببىتى ، ھىسىياتى ، شەھۋىتى پاك بولغاچ ، ئۇلارنىڭ ئۇزۇن يۈمىگەن ھاللاردىلا توي قىلغانلىقلىرىدىن تولا ئائىلىلەرنىڭ چوڭ بالىلىرى ئاساسەن ئېغىر بېسىق ، كەم سۆز ، ئىچكى مىجەز ، ھايالىق دېگەندەك بىر قاتار خۇسۇسىيەتلەرگە ئورىنىدىكەن . ئەر - ئاياللى مۇناسىۋەتنىڭ يىلدىن - يىلغا ئۇزىرىشى بىلەن بالىلارنىڭ مىجەزى قىزىق قان ، تىلى ئىتتىك ، مىجەزى يىنىك ۋە چاپسانلا شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرىشىغا بېرىلىپ كېتىدىغان ، تەنتەكراق .... چىقىپ قالىدىكەن . شۇڭل؛اشقا مۇشۇ خىل سېلىشتۇرۇشقا ئاساسەن بىر كىشىنىڭ بالىنىڭ چوڭى ، ئوتتۇرانجىسى ياكى كەنجىسى دېگەندەك ھۆكمى قاراشلار كۈچلۈك نىسبەتنى ئىگىلەپ ، تولىسى توغرا چىقىپ قالىدىكەن . ھەم بۈگۈنكى بالىلارنىڭ كىچىك تۇرۇپلا بۇزۇلىشى ..... ھەر تەرەپلىمىلىك ھايانى ، ئەقىلنى ، غورۇرنى ، ئېتىقادنى .... كېسىدىغان شۇم نەرسىلەرنىڭ ، شەيئىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە باغلىق بولۇپ ، كۆپىنچە ساددا قىزلارنىڭ ئۈستى ( يەنى زىنا قىلمىسىلا قالغان تەرەپ ) ئوننىڭ ، ئاستى ( يەنى قىزلىق ) بىرنىڭ دەيدىغان داپشاقلارچە ھۆكمىلىرى ، يۇرۇش - تۇرۇشلىرىنىڭ ئەينەن جاۋابىنىڭ دەلىلىدۇر . شۇنداقلا ھەتتا بۇنىڭدىنمۇ پەسلەشكەن پاسكىنىچىقلىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر !
ئىلگىرى يەھۇدىيلاردا بىر دىنىي كۆز قاراش بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ ئەر كىشى ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كېلىپ ، شۇ ھالىتىدە ئايالىنىڭ بۇيىدا قالسا بالىسى ئالغاي چىقىپ قالىدۇ ، دەيدىغان . بۇ سۆز رۇسۇللاھقا يەتكەندە ھەقىقەتتە شۇنداقلىقىنى تەستىقلىغان ھەمدە بەزى ساھابىلارنىڭ ئايالىنىڭ كەينى تەرىپىدىن كەپ قالغانلىقى ئېتىلغاندا ، شۇ ھالىتىدا ئايالىنىڭ بۇيىدا قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىىشىنى ئېيتقان ئىدى .
ھازىر كۆپىنچە مۇسۇلمانلىرىمىز ئەر - ئاياللىق مۇناسىۋەتتە ياز كۈنى تۆشەكتىن چىقىۋېلىشتەك يامان ئادەتنى يىتىلدۈرىۋاپتۇ . ئۇلارنىڭ ئاددىيغىنە بىر كۆز قارىشى بولۇپ ، ئۇ بولسىمۇ بىز ياكى تالاغا چىقىۋالمىساق ، بىزمۇ ھايا قىلىپ ئۆينىڭ ئىچىدە ۋە چىراقنى ئۆچۈرگەن تۇرۇقلۇق يەنە نېمە جاپا ئۇ ھېرىپ ، تەرلەپ ... دەپ پەقەت بىر تەرەپنىلا كۆزدە تۇتىۋېلىپ . ئۇلارنىڭ دېگىنىمۇ توغرا ، ئەمما ئېتىقادى ، ئىمانى بارلىكى كىشىلەرنىڭ يېنىدا مۇنتىزىم تۇرىدىغان ياكى بېرىپ - كېلىپ تۇرىدىغان جىنلار بولىدۇ . ئەنە شۇ جىنلار كىشىلەرگە دائىم ئەگىشىۋالىدۇ . ئۇلار قەيەردە بولسا شۇ يەردە تۇرۇشنى خالايدۇ . ئۇلارنىڭ بىر قىممىتى شۇكى ، كېچىسى خۇددى بىز كۈندۈزى كۆرگەندەكلا كۆرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ ، گەرچە بىر ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان ۋە چىراقنى ئۆچۈرىۋالغان ھالەتتىمۇ ، مەگەر شۇ جىن شۇ ۋاقىتتا ئۆيىمىزدىلا بولىدىكەن ، مانا تاماشا ........ چوقۇم بۇ تەرەپلىك ھەم ساقلىنىشىمىز لازىمدۇر ! چۈنكى جىنلارمۇ ئىنسانلارغا يېقىنچىلىق قىلالايدۇ . ئەنە شۇ پاساتچىلىقتىن جىنلار ئىنسانلارغا ئاشىق بولۇشتەك ئىشلار كۆپىيىۋالىدۇ . بۇنىڭدەك ئىشلار ھازىر تېخىمۇ كۆپىيىپ ھەتتا جىنلار ئىنسانلارنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، ئەر ئىنسانغا كۆيگەن جىن ، ئەرنىڭ ئايالىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، ئايالنىڭ ھىسىياتىنى ئۆزىگە كونتىرول قىلىۋېلىش بىلەن ئايالنى لەززەتسىز قويۇشتەك، ئەر - ئايال بىرگە بولۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇخلىغان ۋاقىتتا شۇ ھاياسىز تۇرقىدا ياكى ئەركەك جىن ئايال ئىنساننى ، ئايال جىن بولسا ئەرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ قۇچاغلاپ يېتىشتەك ئەھۋاللار مەۋجۇتتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇبۇرنىغا كىرگەندە ‹‹ پەرۋەردىگارىمغا سېغىنىپ ئەركەك ۋە چىشى جىنلارنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن ›› دەپ كىرىش ، چىققاندا تېنچ ئامان بوشانغىنى ئۈچۈن ‹‹ شۈكرى ئەلھەمدۇلىللاھ ›› دېيىش ، ئۆيگە كىرگەندە چوقۇم ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم دەپ كىرىش ۋە دائىم قۇرئان ئوقۇپ تۇرۇش كېرەك . ئەر - ئايال بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئاللاھنى يادىغا ئېلىپ بىسمىللاھ دېيىش ، ۋە چوقۇم شەيتاندىن پاناھ تىلەپ ئەئۇزۇبىللاھىمىنەششەيتانۇرەجىم  دەپ كېلىش كېرەك . يۇيۇنۇشتىن ئىلگىرى ھەم شەيتاندىن پاناھ تىلەش كېرەك . بولمىسا يېنىمىزدا تۇرۇپ يەنىلا ھەممە قىلىق ، ھەركەتلەرنى كۆرۈپ تۇرقىمىزدىن ھۇزۇر ئالىدۇ . ئىنسان ۋە جىنلاردىن ئىبارەت شەيتانلارنىڭ بەندىچىلىكتىكى ئورنى ئىنتايىن زەئىپ بولىدۇ . ئۇلار تۈپى ئۆزىدىن ئازغۇچى ۋە كىملەركى ئۇلارغا مۇلاقات بولسا ئۇلارنى ئازدۇرغۇچى بولغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقنى ئۇنتۇشتەك ۋە يامانلىقنى ياخشى كۆرۈشتەك تەرىوى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ . بولۇپمۇ جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنىڭ ئەقلى ، بەندىچىلىكى ، ئادىمىيلىك قىممىتى ئىنتايىن پەس تەرەپلىك بولۇپ ، ئۇلار پۇرسەت تاپسىلا نەپسىنى خۇش قىلىشنى تىلەيدۇ . ئۇلار بۇنىڭدەك ۋاقىتتا پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتمەيدۇ . بۇ ۋاقىتتا تېپىلغان بالىلار ، ئەنە شۇ كۈچلەرنىڭ تاماسى ، تاماشاسى ئاستىدا تېپىلغانلىقتىن يەنىلا پاسىقلىققا مايىلراق چىقىپ قالىدۇ . شۇڭا ئايەتتە ئېيىلغان مۆئمىن بولسا ، مانا مۇشۇ ئەقىدە ۋە ئېتىقادى تەرەپلىك ، جىنسىيەتتىكى يۇقىرىلىق ۋە پەسلىك تەرەپلىك ھەممە ئىشلارغا تەقۋادار بولغانلار كۆزدە تۇتىلىدۇ . ئەنە شۇلارغا خۇش بىشارەت بېرىلىدۇ . ئەنە شۇلارنىڭ پۇشتىدىن تۇغۇلغان بالىلار ئىنسانىيەتنىڭ دېھقانلىرى ، كىيىنكى زاماننىڭ قۇرغۇچىلىرى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئۈلگىلىرى بولغۇسىدۇر . گەرچە ئۇلار ئىسمائىلدەك چۆل - جەزىرىلەرگە قىسمەن كىشىلەرگە ئامانەت قىلىنىپ بېرىۋېتىلگەن ھاللاردا تاشلىۋېتىلگەن بولسىمۇ ، زامان ۋە ماكان ئەنە شۇلار ئۈچۈن دەۋىر بولغۇسىدۇر ! چۈنكى قايسى كىشى زېمىننىڭ ئەسلى خەلىپىسى بولىدىكەن ، بارلىق شەيئى ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇسىدۇر ! ئەمما قايسى بىر موللا - ئالىمنىڭ پۇشتىدىن توغرا رەۋىشتە تېپىلماي ئاقىۋەتتە ئىش ئۈستىدىكىلەردىن بولۇپ قالىدىكەن ، ئەنە شۇلار ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر ، ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىگە قارشى كاپىرلاردۇر ! چۈنكى كىشىنىڭ نەپسى ياكى شۇ كىشى دوزاخقا لايىقلاشتۇرىدۇ ياكى بولمىسا جەننەتكە لايىقلاشتۇرىدۇ . نەپسىنى تۇتۇپ تۇرغۇچى روھىيەتتۇر . روھىيەتنى تىزگىنلىگۈچى دىنىي مەۋقەنىڭ ياخشى - يامان بولىشىغا باغلىقتۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن دىننى ئۇيۇن - كۈلكە قىلىۋالغانلارنى تەرك ئېتىشىمىز تەلەپ قىلىنىدۇ . چۈنكى دىننى ئۇيۇن قىلىۋالغانلارنىڭ ئاقىۋېتى سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئەتىراپىدىكى ئۆلىمالاردەك ، چىشى تۆگىنى بۇغۇزلاش چىرايلىق كۆرۈنگۈسىدۇر . ئەنە شۇنىڭدەك چەكلەنگەن تەرەپلەرگە ھەم ئۆزلىرى خۇش بولىدىغان پەتىۋالارنى پىچىشىپ ھەقىقەتتە ھەققە قارشىلىق قىلغۇچى كاپىرلاردىن بولۇپ كېتىدۇ . ئاللاھ ھېچ بىر بەندىنى ئۆزىگە قارشى كاپىر قىلىپ ياراتقان ئەمەس ۋە ھېچ ياراتمايدۇ . كىمكى ئاللاھ بەندىسىنى كاپىر قىپ يارىتىدۇ دەيدىكەن ، ئۇ ئاشكارا ئاللاھقا بۆھتان چاپلىغان بولىدۇ . بەندىلىرىنىڭ كاپىر بولىشىنى ھېچ خالىمايدىغان ئاللاھقا ، بەندىسىنى كاپىر قىلىپ ياراتتى دىيىش ، ھەقىقەتەن شۇ كىشىنىڭ گەرچە رەببىم ! رەببىم ! دەپ نىداسى ۋە خىتابى يۇقىرى بولغىنى بىلەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆز رەببىنىڭ بۇ تەرەپلىك سۈپىتىنى چۈشەنمەيدىغانلاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
ئەنە شۇ خىل قىسمەتلەردىن ئەنە ئۇ ئاللاھ تىرىك ( ئالىم ، موللا ) دىن ئۆلۈك ( ئىمانسىز ، شەرەپسىز ) نى چىقىرىدۇ . ئۆلۈكتىن ( يەنى قارىماققا نادان ، ھاماقەتتەك كۆرۈنىدىغان ، ئەمما بىلگىنىگە ئەمەل قىلىدىغان كىشىدىن ، ئۇلارنىڭ ياخشى تەقدىر - قىسمەتلەرگە مۇلاقات بولغىنىدىكى مەۋقەدىن تەقۋالىققا مايىل ) تىرىكنى چىقارغۇسىدۇر !

يەنە سورىشىڭىز مۇمكىن . ( ئۈستىدىكى قەۋەتتە سورىغۇچى دەيمەن دەپ سورالغۇچى دەپتىمەن ) ئۇنداقتا بالىنىڭ شۇنىڭدەك تېپىلىشىنىڭ بارلىق مەسئۇلىيىتى دادىلارنىڭ بولامدۇ ؟ - دەپ . جاۋاپ شۇكى ، جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ھەر بىر شەيئىنى ئۆزلىرىگە خاس شەكىلدە ياراتقۇچىدۇر ۋە جىمى مەخلۇقاتلىرىغا ئۆزلىرىگە خاس تەقدىر - قىسمەت يارىتىپ بەرگۈچى ئاللاھ جىمى ئىش قىلسا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇسى بولغانلىقتىن ، بارلىق ياخشى - يامانلىقلارغا ، ھەتتا زەررىچە تەرەپلىكلەرگە قارىتا ئەسلى تېگىشلىك بولغان جاننى ھەر بىر بەندىلەرگە لايىق رەۋىشتە مۇلاقات قىلغۇسىدۇر . ئەمما ئاتا بولغۇچى چوقۇم ئۆزلىرى مەيلى قايسى تەرەپلىك تاپقان بالىلىرى بولسۇن ، چوقۇم ئۇلارغا توغرا يولىدا ھامىي بولىشى كېرەكتۇر ! قالدىسىنى تەپەككۇر قىلىپ كۆرگەيسىلەر !

داۋامى بار !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىزچى0996 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-5 16:25  

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 18:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم !ئۇلۇق ئاللااھ ئىلمىڭىزنى تىخىمۇ زىيادا قىلسۇن!ئامىن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 13:19:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                ( 12 )

   
2.  9-قسىمدا تىلغا ئېلىنغان...ھەرقانداق كىسەلنى قۇلى بىلەن بىرنى سىلاپ ھۈرۈپ قويسا ،شىپا تاپىدىغان ھېلىقى بالا....دىمەك ئۇ بالا ناماز ئۇقۇمايدىكەن..ئەمما شۇنىڭغا مايىل ئىكەن،بۇنىڭدىن بۇخىل سىھرى كارامەتلەرنىڭ مەلۇم خىل دىن بىلەن ئالاقسى يوقلىقى چىقىدىكەن شۇنداقمۇ(ياكى ئسىلام،بۇددا،خرىستىئان دىگەنلەردەك دىن بىلەن ئالاقسى يوق،،،ئاللاھ خالىغان قەۋمنىڭ مەلۇم كىشسىگە بۇ خىل ئىقتىدارىنى بىرىۋىرىدۇ)؟،ئاندىن بۇ بالىنىڭ قۇلىدا ھەرقانداق كسىەل شىپا تاپامدىكەن؟ بۇ خىل سىھرى كارامەتلەرنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ(تەقدىم) قىلىپ بەرگىلى بۇلامدىغاندۇ؟ يەنى پالانىدىن ئۇدۇم ئالغان دىگەندەك گەپلەرمۇ بارغۇ،شۇنىڭغا ئاساسەن دەيمەن.

ج : سىزنىڭ سۇئالىڭىزغا پەقەت شۇنداق دەپلا جاۋاب بېرىشكە ھەقلىقمەن . چۈنكى بۇ خىل قىممەتكە ئىگە بولۇش ھېچ بىر دىن توقۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس . ئەمما بۇ خىل خۇسۇسىيەت دىنسىزلاردىمۇ مەۋجۇتمۇ بۇنىسىنى بىلمەيمەن . چۈنكى جۇڭگۇدا بۇنىڭدەك كىشىلەر ھەر مىللەتتىن كۆپ ئىكەن . خەنسو بولغاچقىلا ھەممىنى دىنسىزغا ، كاپىرغا چىقىرىش ھەقىقەتتە توغرا ئەمەس . چۈنكى بۇتدىستلارمۇ مەلۇم دىنىي قىممەتكە ئىگە ! ئۇلارمۇ گەرچە ئاللاھنىڭ بارلىق كىتابلىرىغا ئىشەنمىسىمۇ ، ئەمما بەزى بىر قىسىم كىتابلىرىغا ئىشىنىدۇ ۋە شۇ بۇيىچە يول تۇتىدۇ . ( بۇ توغرىسىدا كىيىنچە ئايرىم توختۇلىمىز )
ئەمما بۇ ىىل خۇسۇسىيەتتىكى كىشىلەر ناسارالارنىڭ ئىچىدە كۆپ بولۇپ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سېھىرنىڭ سېھىرگەرلىك تەرەپلىرىگە بەكرەك ئارلىشىش بىلەن ، ئۇلارنىڭ قەۋمىنىڭ كۆپىنچىسى شۇنىڭدەك ئىشلارغا تولىمۇ ھېرىس بولغانلىقتىن ، شۇ خىل قىلمىشلارنى كۆپىنچە تۇتقا قىلىۋالىدىكەن . قىسقا فىلىمدىمۇ كۆردۇق ، بىر سېھرىگەر - شۇنىڭدەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بىر چەتئەللىك ئايال ئېرى بىلەن ئىلگىرى قايتا - قايتا سىناق ئېلىپ بېرىش بىلەن توغرا لىنىيەنى بېسىپ ئاقىۋەتتە سەھنىدە ۋە نەق مەيداندا ئۆز ئېرىنىڭ ھارداپ ئۆلتۈرىشىگە قىستىلىنىپ قالدى . ئۇلارنىڭ ھالى شۇكى ، ئەسلى ئۇ ئايال شۇنىڭدەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ ، قارشى تەرەپتىن ئۆزىگە قارىتا شۇنداق كېسىشنى تەلەپ قىلىدۇ . مەگەر ئۇنىڭدا بىر ئىللىقلىق سېزىملا بولسا ، ئۇنىڭ شۇنىڭدەك قىسمەتلەرگە - يەنى پارچىلىنىش ۋە ئەسلى ھالىتىگە كېلىش قىلىشتا بەزى شۇنىڭدەك قىممىتى روياپقا چىقالايدۇ . ئەمما ناگاھان ئۇنىڭ قۇۋۋىتى يوقاپلا كەتسە ، ھەتتا تىكەن چاغلىق نەرسىمۇ ئۇنىڭغا پېتىپ تىشىۋېتىدۇ . ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، ھەرە ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بوينىنى كېسىپ تاشلىۋېتىدۇ . ئەنە شۇ كۆرۈنۈش راست بولسىمۇ راست ، ئەمما يالغان بولسىمۇ راست . چۈنكى شۇنىڭدەك ئىش ھەقىقەتەن مەۋجۇت ! ئەمما ئىسلام ھەرگىزمۇ بۇلارنىڭ ئۇيۇنىنى قىزىقىپ كۆرۈشكە ۋە مەھلىيا بولۇشقا تەكلىپ قىلمايدۇ بەلكى شۇنداق بولۇشنى قاتتىق چەكلەيدۇ . چۈنكى بۇنىڭدەك كىشىلەر گەرچە شۇنىڭدەك غەيرىي خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسىمۇ ، ئەمما بۇلارنىڭ دىنىي قىممىتى ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ . مەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىكى شۇنىڭدەك كىشىلەرنىڭ تولىسى جىرىڭ - جىرىڭ بولماستىن ، ئىنكاسى تۆۋەن ، چاپسان توغرا - خاتالىقنى ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىن يىراق ، 70 - 80 ھەتتا 60  پىرسەنت دېگەندەك ئىنسانىيلىق ئىمتىيازىدا بولىدىكەن . بۇنىڭدەك كىشىلەر مىڭ ئىبادەت قىلسىمۇ ھېچ تەقۋادار بولالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئاتىسى بولۇشتىن چەكلەيدۇ . شۇڭا ئاللاھنىڭ شۇ ئايىتىدە ‹‹ ئاللاھدىن قورقۇڭلار ، چۈنكى سىلەر ئاللاھقا مۇلاقات بولىسىلەر ›› دىيىش بىلەن ئۇرۇق ئىشىدا ھەرگىزمۇ يامان تەرەپنى ئويلاشقا ، شۇنى تىلەش ياكى ئۈمىد قىلىشتىن چەكلەيدۇ . گەرچە شۇنىڭدەك كىشىلەر شۇ خىل ىۇسۇسىيەتلىك ھاياتىدىن پەخىرلەنسىمۇ .... ھالبۇكى ، بىز بۇتخانىدىكى راھىبلارنىڭ ، ھەتتا ئىپتىدائىيلىقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەم ئۆز قىلمىشىدىن چىن رازى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنىلا ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىزمۇ ؟
ھېلىقى تاش چاقىدىغان ئۆمەر كورلىدىن بولغاچ ئۇنى خېلى تۇنۇيمەن . ئۇنىڭ شۇنچە تىز ماۋۇلارغا سىڭىشىپ كەتكەنلىكى ، دەل ئۇنىڭ دىنىي قىممىتىنىڭ ئىنتايىن سۇسلىقىدا ۋە مىللىي ئۆرىپ - ئادەتنىڭ يوقلىقىدا ، ھەمدە ئۇنىڭ ئەسلى ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان ئاتىلىشىدىكى مەقسەتنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىش قىلالماسلىقىدا . گەرچە ئۇ باي بولسىمۇ ، شۇ خىل خۇسۇسىيىتىدىن مەمنۇن بولسىمۇ ......  بۇنىڭدەك كىشىلەر پەخىرلىنىشكە ، ئالاھىدە قوللاشقا ، ئالاھىدە ماختاشقا مايىل بولۇپ ، كىملەر ، قايسى قەۋم ئۇنى ئۆز ئاتا - ئانىسىدىنمۇ بەك ماختىسا شۇلار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكۈسىدۇر . بۇنىڭدەك كىشىلەر كۆپىنچە ئىسلام رادىكاللىرى تەرىپىدىن كۆپىنچە كەمسىتىشلەرگە ئۇچىرايدۇ . ئەمما دىنسىزلار تەرىپىدىن ئىنتايىن ئالقىشقا ئۇچىرايدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇلار چاپسانلا دىنسىزلارنىڭ ۋە دىننى ئۇيۇن قىلىۋالغانلارنىڭ تارتىش كۈچىگە مايىللىشىپ كېتىدۇ . ئاقىۋەتتە قۇرباندەك چاپسانلا ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىشقا ، ھەتتا ھېچ خىجىل بولماستىن ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋېلىك موللىلارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ شىلتىڭ ئېتىپ ئۇلارنى كۆزگە ئىلماي قويىدىغان مەۋقەگە پېتىپ قالىدۇ . دىنسىزلار ۋە دىننى ئۇيۇن قىلىۋالغانلارنىڭ سېنى كۆتۈرىشى بىلەن تولىمۇ پەخىرلىك ھىس قىلىشىپ ئاقىۋەتتە شۇلارنىڭ بىر نېمىلىرىڭنى يوغانتىۋېتىشى بىلەن توغرا يوللۇق موللارنىڭ ئالدىدا ئۇلارنى مەنسىتمەيدىكەنسەن ، ھامان ياخشى سۆز ئاڭلىمايسەن ۋە لەنەتكە قالىسەن . چۈنكى ئۇلارغا يامان تەرەپلىك مۇلاقات بولۇشۇڭ ، سېنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھقا پاتقانلىقىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بۇ پەقەت ساڭىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل جاھىللارغا ، ھەققە قارشى كاپىرلارغا قارىتا سۆز ! ئىلگىركى قىيامەتكە يولۇققۇچى زالىملارمۇ دەل ساڭا ئوخشاش زالىملار ، ئۆز ئەسلىنىڭ سېسىقلىقىدىن ئۆز كىملىكىنى تۇنىماستىن ھەققە قارشى مەۋقەلەردە بولۇپ ، ئاقىۋەتتە دەلىل بولسۇن ئۈچۈن ھەقىقىي ھەقنىڭ تۈگىنى بولغان كىشىلەرگە يامان تەرەپلىك مۇلاقات بولىسەندە ، ئاقىۋەتتە ئەنە شۇلار ئاخىرەتتىكى سېنىڭ كاپىرلىقىڭغا ، زالىملىقىڭغا دەلىل بولۇشقا توغرىلانغان كىشىلەردۇر ! چۈنكى مەھشەر كۈنىدە ھېچ بىر بەندىلەرگە ھېچ بىر ئۆزرە يوقتۇر . پەقەت مېنىڭ مۇشۇ كۈنگە قالغىنىم ھەقلىق ئىكەن دېيىشتىنلا ئىبارەت بولىدۇ خالاس !
ئاللاھ قۇرئاندا ئىلگىركى ئۈممەتلەرگە شۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ‹‹ سىلەر ئەگەر ئەھلى كىتابتىن بىر پىرقىگە ئىتائەت قىلساڭلار ، سىلەر مۆئمىن بولغىنىڭلاردىن كىيىن سىلەرنى كاپىر قىلىپ قويىدۇ .››چۈنكى ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى ، دىنغا شەك كەلتۈرگۈچى ، ئاللاھنىڭ ۋەدىلىرىگە ، ئايەتلىرىگە ئىشەنمىگۈچىلەرگە كىملەر ئەگىشىدىكەن ۋە ئۇلاردەك بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ، ئەنە شۇ ئۈمىد ئاقىۋەتتە ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ . ھالاك شۇكى ، توكۇرلارنىڭ دىنىي گىلادىئاتۇرلۇق جەڭ مەيدانىغا كىرىپ قېلىشىدۇر . ئۇلار بىر مەرتە بىلەنلا ئىلگىركى ‹‹ تېرىك ›› لىكىدىكى ئىمتىيازىدىن قالغۇسىدۇر . يەنى ئۆلۈم بىلەن ئۇچىراشقۇسىدۇر ! سەن كۇپپارلارنىڭ ، مۇشرىكلارنىڭ ۋە كاپىرلار ، مۇناپىقلار ھەمدە پاسىقلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكىنىڭدەك ، بىزدىنمۇ شۇنى تەلەپ قىلىدىكەنسەن ، بىز ئۇلار ئەمەس !
بۇلارنىڭ خۇسۇسىيىتى شۇكى ، يازغۇچىلاردا كۈچلۈك بىر ئىلھام كەلگەندەك ، ئىلھامنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئىچىدە بىر كۈچلۈك ھارارەتنىڭ پەيدا بولىشىدەك ، ئۇلارنىڭمۇ شۇ خىل ئىشلارنى قىلىشىۋاتقانلىرىدا ئىچكى قەلبىدە شۇنىڭدەك كۈچلۈك ھارارەت پەيدا بولغانلىقىدۇر . ئەنە شۇ ھارارەت بولمايدىكەن ، ئۇلار خۇددى توك كەتكەندە ئېلىكتىر ئۈسكىنىلىرىدە كارغا كەلمىگەندەكلا قىسمەتكە قالىدۇ . مەيلى ئۇلار نېمىلەرنى قىلمىسۇن ، دەل ئۇلارنىڭ ئىچكى قىممىتىدىكى ھارارەتنىڭ بولغانلىقىدا . ھېلىقى بوينى كېسىۋېتىلگەن ئايال شۇ ۋاقىتتا ئېرىنىڭ خىزمەتتىن توختىشى توغرىسىدا ھەقىقەتەن كۈچلۈك تەۋرىنىش قىلىدۇ . ئەمما ئۇنىڭ پۇت - قولى باغلاقلىق ، ئاغزى ئېتىكلىك ۋە سەھنىدە كۈچلۈك مۇزىكا ئاۋازى بارلىقتىن ھەمدە ئېرى بۇ ۋاقىتتا سەھنىدىكى كۈچلۈك زىلزىلىگە يولۇققان بولغانلىقتىن ، ھېچ نەرسە كۆزىگە كۆرۈنمەستىن ، ئايالىنىڭ پىغانلىق ئانچىكى بولسىمۇ ھەركەتلىرى دىققىتىنى تارتالماي ئاقىۋەتتە ئۆز ئايالىنى ئۆزى پارچىلىۋېتىشتەك تەقدىرگە يولۇقىدۇ . بۇ پاجىئە شۇنىڭدەك خۇسۇسىيەتلىك بولغان ، ئەمما تولىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ بىر نېىلىرى يوغىناپ كەتكەن چۈپرەندىلەرنىڭ مەۋقەسىنى پەسكويغا چۈشىشىنى ۋە ئادەتتىكى ئورۇن بىلەن سەھنىدىكى ئورۇننىڭ ئوخشاش ئەمەلىكىنى تونۇشىنى تىلەيدۇ . ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تاقىتى يېتىدىغان ئىشلارنى ئىشلەشكە قىستاپ قويىدۇ . ئۇلارنىڭ شۇنچە ئېچىنىشلىق پاجىئەسى نېمىنى كۆرسىتىدۇ دېگەندە ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتتە چوڭ تەۋەككۇلچى ئىكەنلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئەمما بىزنىڭ ئارىمىزدىكى شۇ خىل خۇسۇسىيەتتىكىلەرنىڭ تولىسى جان باقارغا ، شان - شەرەپكە يېتىشكە ، مەدھىيلىنىشكە ئىنتىزار بولغۇسىدۇر ! شۇ ۋەجىدىن ئۇلارنىڭ ئىشلەيدىغىنى ئانچىكى قۇۋۋەت كۆپ كەتمەيدىغان ئىش - ھەركەتلەر بولۇپ قەغەزنى پۇلغا ، گۆشنى تاشپاقىغا ، ئۇنى - بۇنىڭغا ئۆزگەرتىشتەك ، قىمار ئويناپ قەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىشتەك ، تاش چېقىش ، تۆمۈر يېيىش ، ھاۋا بوشلىقىدا لەيلەش ، چىرايلىق ئايارللارنىڭ ياكى ئەرلەرنىڭ كىيمى تۇرسىمۇ كىيىمسىز يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرۈپ ھۇزۇر ئېلىشتەك ، ئورنىدىن قىمىرلىماي سىرتتىكى شەيئىلەرنى كۆرۈپ باشقىلارنى ھەيرەتتە قالدۇرۇش ، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىگە قارىتا سېھر ئىلمىسىدىن پايدىلىنىپ ئىسىتقۇلىقلارنى ، بۆرىكىدە تاش بولۇش ، قان قېتىش ، بەدىنىگە جىن كىرىۋېلىش ، ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆلگەنلىرىنىڭ بەزىلىرىنى شۇ خىل خۇسۇسىيەتلەر بىلەن سىلاش  ................  ئارقىلىق بىر تالاي ئىشلىرى بىلەن ئۆز كۈچىنى كۆز - كۆز قىلىپ نامايەن قىلىش بىلەن خۇرسەن بولۇشنى تىلىشىدۇ .
سۇئالدا سورالغاندەك ، ئۇلار بۇ خىل خۇسۇسىيەتنى باشقا بىرىدىن ئۇدۇم ئالمايدۇ . بەلكى ھاياتىدا بىر ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ شۇنىڭدەك بىر خىسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تۇنۇشتەك قىممىتىنى چۈشىنىدۇ . بۇ خىل خۇسۇسىيەت بەلكىم ئۇنىڭ بالىلىق ھالىتىدىن ھالقىپ ئۇنىڭدا شەھۋەت پەيدا بولغان بىر ۋاقىتلاردا ئاندىن پەيدا بولىشى مۇمكىن دېگەن قارىشىم كۈچلۈك . چۈنكى شەھۋەت بولمىسا ئۇنىڭدا ئىجتىھاد كۈچى ، ھەقىقىي ئەرلىك كۈچى ، جاسارىتى ، سېھىر كۈچى ، ئەقىل كۈچى يېتىلمەيدىكەن . شۇڭا نارسىدە - يەنى شەھۋىتى بولمىغان بالىلار گەرچە ئالاھىدە ئىلىمگە ، قۇرئان ئايەتلىرىگە ئىگە بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ سېھىر ۋە باشقا تەرەپلىك ئەسلى قىممەتتىكى ئورنى بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ئۇلارغا ئىقتىدا قىلغىلى ۋە ئۇلارنى يول باشچى قىلغىلى بولمايدۇ . شۇڭا بولۇپمۇ ئەرلەردە شەھۋەت كۈچى ئالاھىدە ئارتۇق بولۇش ئۇنىڭ ھەقىقەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى ھەر ۋاقىت تۇتقا قىلىپ مېڭىشتەك ئىمتىياز بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭلاشقا رۇسۇللاھقا ئېغىرلىق تۇيۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن خوتۇنلىرىنى كۆپەيتىپ بەرگەن . شۇنىڭدەك ، كىمكى رۇسۇللاھنىڭ ئۈممىتى بولۇپ ، ئۇ باسقان يولنى باسىدىكەن ۋە بېسىشقا قىستىلىنىدىكەن ، ئۇنىڭ ھەم شەھۋىتى كۈچلۈك بولىشى شەرت قىلىنىدۇ . شەھۋەت ئادەتتىكى تەندە كۈچلىنەلمەيدۇ . شۇڭا ئاللاھ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىدۇ : ‹‹ ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلغان بولساق ، سەن ئۇلارنىڭ ئېرىپ كەتكەنلىكىنى ، باش ئەگكەنلىكىنى كۆرەتتڭ ›› . شۇنىڭدەك ، قۇرئانغا ئىشىنىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىشەنگەن ھالدا ئۇنى مەيلى يادقا ئالغان ھالدىمۇ مەزمۇت تۇتۇپ تۇرۇش ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس . تۇڭگانلارنىڭ تېنى ئاجىز . مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۇراپتەك قارىي بار ئىكەن دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم . گەرچە ئۇنىڭدەك ئاجىز تەنلىكلەر قۇرئاننى يادقا ئالغان بولسىمۇ ، كۈچلۈك بىز ئالتە ئايدا بىر قېتىم تەكرار ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش بىكەن ساقالاپ قالغان قىممەتنى ، ئۇلار ئاز دېگەندە ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ تۇرىشى شەرت قىلىنىدۇ . دىننىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىشى روھىيەتكە باغلىق نەرسە . روھىيەت قانچىكى دىنغا باغلىنالىسا ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىشىنەلىسە ھەمدە ئىشەنگەن ئايەتلەرگە ئۆز ئورنىدا ئىماندىن يانماي مەزمۇت تۇرالىسا ئاندىن دىننىڭ قىممىتىگە ، شۇ ئايەتنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ . ئاندىن شۇ كىشىدە ئىماننىڭ نۇرى پەيدا بولىدۇ . ئاللاھ ئەنە شۇ باسقۇچلارنى توغرا باسقان كىشىلەرنى ھىدايەت قورغانىغا ئەكىرىدۇ ۋە ئەكىرىشنى خالايدۇ .
سېھىر ئىلمىسى ، سېھىر كىتابى گەرچە كىشىنىڭ روھىيىتىنى كۈچلۈندۈرۈپ دىنىي قىممىتىنى ئاشۇرسىمۇ ، ئەمما تەن ۋە ئەقىل قىممىتى چوقۇم يۈكسەكلىككە يەتمىسە يەنىلا ئول كىشى ئازغۇنلۇققا قالىدۇ ۋە ھېچ تىلىدىكى مۇھەممەدۇررۇسۇللاھ دېگەنكى شۇئارىنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە يېتەلمەيدۇ .
بۇ خىل تەرەپلىك ئامىللار يەنە كۆپ ئىدى . ئاللاھ خالىسا تېمىمىزدا كېتىۋېتىپ نەق ئورنى كەلگەندە قىستۇرۇپ ئۆتەرمىز !

داۋامى بار !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:16:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                              ( 13 )



2.مۇشۇ سىھىرلەش ئارقىلىق مەلۇم كىشگە ئىسسىتقۇ،سۇۋۇتقۇ ئوقۇتسا...بەزى كىشلەرگە تەسىر قىلمايدىكەن بۇنى «ئۇستامنىڭ» ھۈنىرىدىن كۆرىمىزمۇ ياكى شۇ ئۇقۇلغۇچى كىشىدىن كۆرسەك بۇلارمۇ؟  

ج : بۇنىڭغا بېشىمدىن ئۆتكەن بىز قانچە قىسمەتلەر بار . شۇنى چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ ، ئەلۋەتتە .
ئۆتكەن يىلى بىر تۇغقىنىم مېھماندارچىلىققا چاقىردى ۋە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم .توغقانلارمۇ خېلى بار . ئەمما مەن ئۆيگە كىرىپ بىر ئازدىن كىيىن مېنىڭ روھىيىتىمنى مەينەت بىر كۈچلۈك بېسىم قاپلىۋالدى . گەپقىلسام تولا كېكەچلەپ ۋە سۆزلىرىم بەكلا قولاشمايلا بولۇپ كېتىمەن . روھىيىتىم بەكلا زەئىپ ، خۇددى باشقا بىر پىلانىتقا چىقىپ قالغاندەك ۋە بىر يەردە تۈرۈپ قېلىپ ئايلىنىپ يۈرگەندەك بولۇپ قېلىپ تولىمۇ دىشۋار ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم . ھېلى سىرتقا چىقىپ باقىمەن ، ھېلى كىرىپ باقىمەن . شۇنىڭدىن نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇ ئۆيگە كىرگەن ۋە خېلى ئۇزۇن تۇرساممۇ ئۇ ۋاقىتتا مەندە ئۇنداق ھالەت شەكىللەنمىگەن ئىدى . ئەمما بۇ نۆۋەت نېمىشقىدۇركى ، ھالىم ئەنە شۇنداق بولدى . ئاخىرى مېھماندارچىلىقمۇ تۈگىدى ۋە سىرتقىمۇ چىقتۇق . ئەمما مەندە ھېلىقى تۇيغۇ يەنىلا مەۋجۇت ئىدى . تاكى يولدا كېتىۋېتىپ سەل ئوڭشالغانغا ۋە ( ئۇ ۋاقىت كۈندۈز ئىدى ) تاكى كەچ بولۇپ ھەتتا ئەتىسى بامداتقا ئويغانغىچە مېنى بېسىۋالدى ۋە شۇ ۋاقىتتا ئاندىن مەندە ھېچ ئۇنىڭدىن ئەسەر يوقلىقىنى بىلدىم . تاكى مەن شۇ كۈنى ئۇخلىغۇچە ئاستا - ئاستا مەندىن كۆتۈرۈلۈپ باراتتى . مەن تېخى شۇ ئۆيدە ( شۇ ئۆيگە تويدىن كىيىن بىر كىشى ئاينىغان بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا شۇنداق سېزىم بوپتىكەنكى ، قاپقارا بىر جىننىڭ بارلىقىنى سېزىپتىكەن ) مەينەت بىر جىننىڭ ئۇۋا تۇتقانلىقىنى جەزىم قىلغان ۋە بارلىق شۇ ھالىتىمنى پەقەت ۋە پەقەت شۇ جىنغىلا نىسبەت بېرىپ ئۇ ئۆيگە شۇنىڭدىن كىيىن ئاياغ باسمىغان ئىدىم . كىيىن شۇ سۇرۇندىكى يەنە باشقا بىرەيلەن بىلەن پىكىرلىشىۋېتىپ ، توساتتىنلا شۇ كۈنى شۇ سۇرۇندا بىر ئايالنىڭ ھەقىقەتەن سېھىر ئىلمىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ئۇ تولىمۇ دۆت ئايال ۋە قورقۇنچاق بولغىنى سەۋەبلىك سېھىرنى ئۆزىنىڭ باللىرىغا ئىشلىتىپ يۈرگەن ئىكەن . شۇ ئەسنىدا ئۇ ( قېرى ، 70تىن ئاشقان ) ئايال كىم كۆزىگە چىرايلىق ۋە ئىللىق كۆرۈنسە سېھىرنى شۇنىڭغا ئىشلىتىپ يۈرگەن بىر ۋاقىتتا ، دەل شۇ سۇرۇندا ھەقىقەتەن ماڭا ئاتقان ئىكەن . شۇ كۈندىكى مەندىكى شۇ خىل ئەھۋال ئەمەلىيەتتە شۇ ئايالنىڭ ماڭا ئاتقان سېھىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئىكەن .
شۇ ۋاقىتتا مەندە ھېچ ئىلھامدىن ۋە جەسۇرانە ھالەتتىن ، ئىمانىي قۇۋۋەتتىن ، ھىسسىي جەھەتتىكى قىممەتتىن تولىمۇ پەسلىكتە تۆۋەنلەپ كەتكەن ۋە ھەتتا بەزىسى يوقاپمۇ كەتكەندەك ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى . سېھىرلەنگۈچىنىڭ ھالى ئەھۋالى ئەنە شۇنىڭدەك ۋە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولغان تەرەپلىمىلىك ھالەتلەردە كىشىگە تەسىر قىلغۇسىدۇر !
ئەلۋەتتە ، سېھىر قىلغۇچىنىڭ سېھرى قۇۋۋىتى ئۇنىڭ شۇ خىل قىممەتنى چىڭىتىشى ، كۈچەيتىشى بىلەن كۈچلۈك ۋە ئاجىزلىقتا بولىدۇ . ھەمدە سېھىرنىڭ كۈچلۈك ياكى سۇس ھاللاردا تەسىر قىلىشى شۇ كىشىنىڭ تەن ۋە ئېتىقادى ، ھەمدە ئىمانىي تەرەپلىمىلىك قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىز ھەم كۈچلۈك بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ بولىدۇ . بۇ توغرىسىدا رۇسۇللاھ بىر جاينىڭ نامىنى ئېيتىپ ، شۇ يەرنىڭ خورمىسىدىن ( 4 تالمۇ ياكى 7 تالمۇ ئېسىمدە قالماپتۇ ) يىگەن كىشىگە شۇ كۈنى سېھىر تەسىر قىلمايدۇ ، دېگەن .


3.ئىسستقۇ،سۇۋۇتقۇ يەنە قانداقتۇر بىرنىمىلەرنىڭ تەسىر قىلغىنى،زادى قەيەردىن كەلگەن كۈچ؟باخشىملارغا «ئىشلەيدىغان» جىنلار(شەيتانلار) ئادەمنىڭ تۇمۇرىدا ماڭالىغانلىقتىن، بولغان تەسىرمۇ ياكى باشقا كۈچتىن كەلگەن تەسىرمۇ(ئۈنۈممۇ؟) تۇلىسى پسخىكىلىق ھادىسلەرگە ئوقۇلىدىكەن(ياخشى كۆردۈرۈش،ئۆچ قىلىش،ساراڭ قىلىش....تەك)بەزىلىرىدە ئۈلۈپ قېلىشىمۇ مۆمكىنكەن بۇ زادى قانداق ئىش؟

ج : ئاللاھتائالا شۇنداق دەيدۇ << شۈبھىسىزكى ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ، ئۇنى ئەرەبچە قۇرئان قىلىپ نازىل قىلدۇق ( 2 ) يۈسۈف >>
گەرچە قۇرئان كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ، ئۇنىڭ ئەسلى قىممىتىدىن چۈشۈپ تەۋھىد ۋە ئىماندىن ئىبارەت ئىمانىي نۇر ھەمدە ھىدايەت قىممىتى بولۇش بىلەن چەكلىنىپ قالغان فۇرقان دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇلغان ، ھەمدە ئۇ ھېچ بىر تىللارغا تولۇق تەرجىمىگە چۈشمەيدىغان ، چوقۇمكى تەپسىرلىنىپ ، تەتقىق قىلىنىپ شۇنىڭ نەتىجىسى قېتىلغان ھاللاردا روياپقا چىقىرىلىدىغان قىممەتكە ئىگە بولغاچقا ، بىز تۇنۇشلۇقتا بولىۋاتقان قۇرئان ھەرگىزمۇ بۇنداق ئەمەس . ھەتتا ئەرەبلەرمۇ ئوقۇۋاتقان قۇرئان ئۇلارنىڭ ئوقۇغىنىدەك ئۇنچە ئاددىي چۈشەنچىدە ، قۇرۇلمىدا ئەمەس . چۈنكى قۇرئان ئاجايىپ بىر قۇرئانكى ، ئۇ تەتقىق قىلىنىدىغان ۋە ئول كىشى قايسى بىر ئايەتكە ئىمان ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرسە ، ئۇنىڭغا شۇ خىل ئايەتنىڭ قورغانى تەقدىر - قىسمەتلىرى كەلتۈرۈلگۈسىدۇر . پەقەت تەقۋادارلارلا ئەنە شۇ قورغانغا كىرەلەيدۇ ۋە ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بىرەلەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى چىققۇچە خۇددى بىر فىلىم كۆرگەندەك تولۇقى بىلەن كۆرگەچكە ھەمدە ئۇلار پان تەن ، پاك دىل ، پاك ئەقىل ، پاك روھىيەت بىلەن تۇرغاچقا ئەتىراپىدىكى ئىشلارنى توغرا كۈزىتەلەيدۇ ۋە ھەر بىر جەرياندىكى قىسمەتلەر تەقدىر قىلىنغاچقا ، ھەر بىرلىرىنى تولۇقى بىلەن تېتىپ چىقىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك بىر قورغانى قىممەتتىن چىققاندا بولسا ، ئاندىن ئول كىشى ئاللاھنىڭ ئايىتىگە ھەقىقىي ئىشىنەلەيدۇ ۋە ھەق ئىكەنلىكىگە چىن تەستىلايدۇ ۋە ھەر ئايەتلەرنىڭ ھۆكمىلىرىگە ئىشەنچ ئىچىدە ماڭالايدۇ . ئەگەر ئۇنداق بولماي قۇرئاننىڭ سۆزلىرىگە يادقا ئېلىۋېلىش ، ئوقۇۋېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدىن غاپىل بولىدىكەن ، ئاقىۋەتتە ئەنە شۇ غاپىللىق ئۇنى ھەققە قارشىلىق قىلىشقا ، ھەقنى بايان قىلغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى ئورنىغا ھەسەت قىلىش بىلەن ياكى كىبىرلىك قىلىش بىلەن ئاقىۋەتتە ئۆزىنى كاپىر ياكى زالىم قىلىش بىلەن چەكلەندۈرۈپ قويىدۇ . ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، قاچانىكى ئاللاھ بىز ئۇيغۇرلارغا ئەرەب تىلىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشقا ئىرادە قىلىدىكەن ، ئەنە شۇ زامان بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بۈگۈنكى غاپىللارنىڭ كۆپ قىسمى ھەققە قارشىلىق قىلىپ سالىدۇ . چۈنكى ئاللاھ قايسى بىر قەۋمگە قايسىكى بىر نېمەتنى ، ئامانەتنى بەرگەن ئىكەن ياكى تەڭلىگەن ئىكەن ، ئەمما ئۇلار بۇلارنى ئېلىشتىن باش تارتىدىكەن ، ئۇلار ئىلگىركى زاماندىكى ھالىتىدىلا ناگاھان ئۆز ئورنىدا قېتىپ قالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە دىنىي توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ . چۈنكى ئەرەب تىلى ئىرادە قىلىنىدىكەن ، شۇ جەمىيەتنى ، شۇ زامان ئىگىلىرىنى قۇرئاننى ئەسلى قىممىتىگە ، ئەسلى ئىرادە قىلىنغان دىنىي ۋە ئىسلامىنىڭ ماھىيىتىگە سىڭىشقا ۋە ئۆزلىرىنى چوڭقۇر ئىسلاھ قىلىشقا قىستىلىنىدۇ ۋە شۇ زاماندىكى << ئىبراھىم >> لار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەن  مۆئمىنلەر ئەسلى زامانىدىكى شەيئىلەرنى قۇرئانغا ئاساسلانغان ھاللاردا ئىچكى مەدەنلەرنى ئاتتۇرۇپ چىقىرىدۇ . ئەنە شۇ مەدەنلەر شۇ زاماندىكى دىندارلارنى ، شۇ زاماندا << مانا بىز ئاللاھنىڭ توغرا يولدىكى بەندىسى ، رۇسۇللاھنىڭ ھەقىقىي ئۈممىتى >> دېگەنكى سۆزىدە راستچىللىقنى سىناش ۋە قۇبۇل قىلامدۇ ياكى ئىنكار قىلامدۇ ؟ ۋە ياكى سۈكۈت قىلامدۇ ۋە ياكى بۇ مەۋقەدىن قېچىپ رۇسۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچە يېزىلار ۋە قىشلاقلارغا ئۆزىنى تارتامدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئىىتىيارلىقىدىكى ئىش بولىدۇ . بىر زامان ئاللاھنىڭ خۇدالىق قىممىتىگە ، ئۇنىڭ ھەقىقەتتە بارلىقىغا ئىمان ئېيتىشقا قىستالسا ، ئىلگىركى زاماندىكىلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ئىمان ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن ھەم كىيىنكى زاماندىكى ئەۋلاتلار بولسا ئاللاھنىڭ ئەسلى سۈپىتىگە ئىمان ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ . بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز يىل مابەينىدىكى دىنىي ۋە شەرئىتى ئورنىمىز ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىق سۈپىتىگە ئىمان ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىنىش . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى خۇدالىق قىممىتىگە ئىمان ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىدۇق . ئەمدى ئالدىمىزدا ئەرەب تىلى بېرىلگەن بىر زاماندا ، ئاللاھنىڭ ئەسلى سۈپىتىگە ئىمان ئېيتىشىمىزغا تەكلىپ قىلىنىمىز . ئاللاھنىڭ ئاللاھلىق ئىمتىيازىغا ئىمان ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىنىش بولسا ، قۇرئان بارلىق شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئەسلى ماھىيىتىدە ئېيتىپ بىرىدۇ، بارلىق شەيئىنىڭ قىممەت نەتىجىسى قۇرئاننىڭ ئەسلى تەتقىقاتىدا باردۇر . ئەمما بىزنىڭ بۈگۈنكى زامانىمىز ئۇنچە قىممەتكە تېخى تاقىتىمىز يەتمىگەچكە ، ئېتىقاد ۋە ئىمان جەھەتتە بەزى كەمتۈكلۈكلەر بولسىمۇ ، بىز ئۆزرىلىكلەرمىز . ئەمما چوقۇم تىرىزمىساق ۋە بۈگۈنكى زامانغا خاس ئىلىملەرنى سېستىمىمىزغا قېتىپ تولۇقلاپ ماڭمىساق ، ئاقىۋەتتە بىراقلا ھېچ سىنىپ دەرسلىكىنى ئۆگەنمەيلا ئالىي مەكتەپكە چىقىپ قالغان ياكى جەمىيەتنىڭ مەۋقەسىگە چىققاندەكلا چىقىپ قالغاندا بولسا ، زاماننىڭ بىر قىسىم قىممىتىگىلا ئىمان كەلتۈرەلەيدىغان ، ئەمما كۆپىنچە تەرەپلىك قىممەتنى ئىنكار قىلىپ سالىدىغان ھالەتكە يېتىپ قالىدۇ . بۇ ھالەتتە ئول كىشىدە زالىملىق ۋە كاپىرلىق ، مۇشرىكلىك ھېچ بولمىسا پاسىقىلىق ، مۇناپىقلىق ئالامەتلىرى ئەڭ يېقىنلىشىپ قالغان بولىدۇ .
ھېلىھەم نۇرغۇنلىغان ئۆزىنى مەن مۆئمىن دىيىشىۋاتقان نوچىلارنىڭ تونىشى ئېتىقادى يۈز يىلنىڭ ئىلگىركى زامانىمىزغا لايىق زامانغا خاس تەكلىپ ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ . خۇدالىق ( يەنى دۇنيانىڭ يارىتىلىشى ۋە بىزگە تەكلىپ قىلىنغان قورغاننى ئۈچكە بۆلسەك ، بىر بۆلىكىگە ئىمان ئېيتالىغۇدەك ئىمتىيازدا بولغان ) بولغان تونۇشىدا بولىۋاتىدۇ . بۇ خىل تۇنۇش يۈز يىلنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرلار جەمىيىتىگە يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇش ۋە شۇ تەرەپلىك يول ئىزدەشكە تاقەت يەتكىنىچە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى . ئەمما بۇلار بۈگۈنكى پەرۋەردىگارلىق ( يەنى ھېلىقى ئۈچنىڭ ئىككىسىگە ئىمان ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىنغانلىق ) زاماندىمۇ ھەم خۇدالىق تونۇشى ئېڭىدا تۇرىۋېلىش مەۋقسىدە بولىۋاتىدۇ ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشىۋاتىدۇ . ھەتتا بۈگۈنكى زاماندىن ھالقىيدىغان ۋاقىتقا ئاز قالدۇقكى ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ئاللاھلىق ( يەنى بارلىق شەيئىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ۋە بارلىق شەيئىلەرگە توغرا رەۋىشتە ئىمان ئېيتىشقا تەكلىپ قىلىنغان بىر زاماندا خۇدالىق تونۇشى ئېتىقادتىكىلەر شەھەرگىلا كىرىدىكەن ، ھامان دىندا زالىملىق ، كاپىرلىق ياكى مۇشرىكلىق ياكى مۇناپىقلىق قالپىقىنى كىيگۈسىدۇر . ئەمما پەرۋەردىگارلىق قىممىتىگە ئىماندارلارغا بىر مەھەل پۇرسەت بېرىلگۈسىدۇر . ئەمما ئەنە شۇ كەلكۈن كېلىشتىن ئىلگىرى راۋرۇس توغان سالمىساق ، بىزنى ھەم ئۆرىۋېتىدۇ . شۇڭا دىن ۋە ئىسلام يالغانچىنى ، شۇئارىزىمچىلارنى ، سۇيئىستىمالچىلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ . ئەنە شۇلار دىننىڭ ۋە ئىسلامنىڭ پاساتچىلىرىدۇر . ئەنە شۇ پاساتچىلارنى روياپقا چىقارغۇچى بارلىق زالىملارنىڭ ئاقىۋېتى كاپىرلىقنى تىلىگۈچىلەردۇر . بىرىنچى قىسمىمىزدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئاياتنىڭ ھۆكمىسى بۇيىچە شەيتانلارنى تەربىيلەپ چىققۇچى كارخانا بولغان ئىلىمدارلار ، بىلىمدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ زالىملىقى سەۋەبلىك ئاقىۋەتتە كاپىرلىق قالپىقىنى كىيىش بىلەن چەكلەنگۈسىدۇر . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا شۇنداق دەيدۇ : ئىبلىس ئۇلارنى ( ئازدۇرۇشتىن ئىبارەت ) گۇمانىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى . چۈنكى بىر تۈركۈم مۆئمىنلەردىن باشقا ھەممىسى ئىبلىسقا ئەگەشتى ( 20 ) ئىبلىسنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشى پەقەتبىزنىڭ ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتقۇچىلار بىلەن ئۇنىڭغا شەك كەلتۈرگۈچىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈندۇر ، پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر ( 21 ) سەبەئ
شۇنىڭدەك ، ئىسلام دىنى ھېچ بىر ئوينىشىپ باقىدىغان دىن ئەمەس . ئىلگىرى يەھۇدىيلار سۈننىي مەزھەپنى تۇتقا قىلىپ بېقىپ . دۇنيادىكى ئەڭ پەسلەر قاتارىدىن بولۇپ قېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى شۇ خىل پەسلىكتىن ياداپ كەتكەنلىكتىن ، << كۆتە ! ئۇنىڭدەك جەمىيەتنى ، بىر مىللەتنى بىر - بىرىگە دۈشمەن قىلىدىغان ، ھېچ جودا قۇرىمايدىغان ، قاچانلا بولسا ئىىتىلاپلىشىپلا ئۆتىدىغان قورغاننى >> دەپ ، رۇسۇللاھنىڭ ۋاقتىدىن باشلاپ ئىسلامدىن يۈز ئۆرىۋەتتى . ناسارالارنىڭ بۈگۈنكى ئىمتىيازىمۇ ھەم شۇنداقتۇر . ئەمما ناسارالاردا ئىسلامغا يېقىن بولغان مەۋقە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا زىنانى ، ھاراقنى ھالال قىلمىسا ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى خۇدا ۋە پەرۋەردىگار دەپلا تۇنىمىسا ئىسلامغا ئۇلارنىڭ يولى داغدام ئېچىلىشىدەك قىممەت ساقلىنىپ قالغان . شۇ ۋەجىدىن يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا دىنىي جەھەتتە ھېچ توقۇنۇش يوق . چۈنكى ئۇلارنىڭ بوۋىلىرى تەۋراتنىڭ ئەسلى قىممىتىنى يوقۇتۇپ ، ئۇنىڭ زامان بەرپا قىلىنىدىغان مەنىسى ئېنىق بولمىغان ئايەتلەرنى يوقۇتۇپ ، خۇددى مۇتەپەككۇرلارنىڭ يازغان ئەقلىيە سۆزلىرىگە ئوخشۇتۇپ قويۇشقان ۋە دۇنيالىقلىرى ئۈچۈن ھېچ ۋاستە تاللىمايدىغان ،  غورور ، ئىنساپ دېگەننى ئۇنتۇش بىلەن يەنىلا ئۆزلىرىنى يەنىلا كاتىلاردىن ھېسابلىشىدىغان ھالەتكە يېتىپ قالغان .
بىر دىندىكىلەرنىڭ ياكى بىر دىنىي يولدىكىلەرنىڭ ماھىيىتىنىڭ قانداق بولىشى ، دەل ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىدىغان كىتابىدا ، دەستۇرىدا بولىدۇ . قايسى بىر مۇسۇلمان ئاممىسى خار - زەبۇنلۇقتا بولىدىكەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تۇتقا قىلغان كىتابى خاتالاشتۇرۇلغان بولىدۇ . گەرچە قۇرئان بىر بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىن ھۆكۈم ئالىدىغان موللا - ئۆلىمالار قانچىلىك خاتالىقلارنى سادىر قىلىدىكەن ، ئەنە شۇ خاتالىق شۇ جەمىيەتتىكى كىشىلەرنى نۇرغۇنلىغان قىممەتتىن ، ئەسلى ماھىيەتتىن توسۇپ ، ئەنە شۇ خىل خارلىققا پاتتۇرۇپ قويغان . بەزى كىشىلەر ئىسلام ئەڭ پاك ۋە ئەڭ توغرا دىن ، ئەمما بىزنىڭ << شىنجاڭ >> غا بۇ دىن خاتاسى بىلەن كىرىپ قالغان دېگەندەك تونۇشقا كېلىپ قالغان ۋە ھەر يەردە شۇ خىل تونۇشىنى داۋراڭ سېلىشىۋاتقان . توغرا ، ئىسلام دىنى مىسالى ئەڭ مۇكەممەل ، ئەڭ پاك ۋە ئەڭ كۈچلۈك ، ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان بىر تەنگە ئوخشايدۇ . بۇ تەنگە ئېرىشكەنلەر مەيلى قايسىكى بىر دۆلەتتىكى <<  گىلادىئاتۇر  >> مەيدانىغا چۈشىدىكەن ، ئۇنىڭغا ھېچ بىر تەڭ كېلىدىغان تەن بولمايدۇ . ئەمما بۈگۈنكى ھەر قايسى ئىسلام دىنىدىن ئىبارەت << تەن >> لەر خىرىستىئان ۋە ھەتتا يەھۇدىيدەك نىجىس بولغان بىر قەۋم ئۈستىدىن غالىپ كېلەلمەي ۋە بىر - بىرلىرىگە ياردەمدە بولالماي ھەممە جان باقارلىق ئورنىنى ئېلىشتەك پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ، ئۇنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ دەل ئىسلام دىنى بولغان << تەن >> نىڭ نۇرغۇنلىغان تەرەپلىرى پالەچ ئورۇندا قويۇشتەك مەۋقەگە چۆككەنلىكىنىڭ دەلىلى ! ئەسلى قۇرئان ئەنە شۇ پاك ۋە ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر تەننى روياپقا چىقارغۇچى ۋە شۇ خىل قىممەتنى بەرپا قىلغۇچى دەستۇردۇر ! ئەمما سەن ئۇ ھالەتتىن يىراق ئىكەنسەن ، ياكى سېنىڭ ئەگەشكەن بەزى دىندا جان تومۇرى بولدىغان ئايەتلەرنى خاتا تەشۋىق قىلىدىغان موللا - ئالىمىڭدىكى چاتاق ، ياكى سېنىڭ نېمىلەرنى تىلەش - تىلىمەسلىكىڭدىكى ۋە نېمىلەرنى قۇبۇل قىلىش - قىلماسلىقىڭدىكى چاتاق ! شۇنىڭدەك ، سەن بىردىن بىر بولغان ئەسلى رەببىڭ ، ئەسلى پەرۋەردىگارىڭ ، ئەسلى مەبۇدىڭ ، سېنىڭ بىر دىن بىر ھىمايىچىڭ ، ھامىي تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان ئاللاھىڭغا تېۋىنمەيدىكەنسەن ، ياكى سەن ئۆزەڭنىڭ پۇتىغا ئۆزەڭ پالتا چاپىسەن ، ياكى بولمىسا ئەنە شۇ موللا - ئالىمىڭغا چاپتۇرىسەن . ئاللاھ نېمە دېگەن ؟ << ئەگەر سىلەر مۆئمىن بولساڭلار ، غەلبە ئاللاقاچان سىلەرگە كەلدى >> دېگەنمىدى ؟ سەن نېمىلەردە غەلبە قىلدىڭ ؟ ئىبرەت ئالىدىغانلار بارمۇ ؟       ئى ئاللاھ بىزگە رەھمەت قىلغىن !!!
گەپ ئۇزىراپ كەتتى ، شۇنىڭدەك قۇرئان ئەسلى ئەرەبچىدۇر ، ئەگىرىلىتىن خالىيدۇر . ئۇنىڭ ئەسلى قىممىتى ۋە سېھرى قۇۋۋىتى ئەرەب تىلىدىدۇر . ئەگەر بىر كىشى نامازدا سۈرە فاتىھەنى مىڭ قېتىم ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بىر رەكەتنى تاماملىغان بولسا ، ئۇنىڭ ئەسلى گەرچە تەجۋىدسىز بولسىمۇ بىر قېتىم ئەرەبچە ئوقۇسا ، ئۇنىڭدىكى سېھرى قىممەت ئەنە شۇ بىر قېتىملىق ئەرەب تىلىدا كۆرىلىدۇ . چۈنكى قۇرئاننىڭ سېھرى كۈچى پەقەت ئەرەب تىلىدىلا مەۋجۇتتۇر . شۇڭا قايسى بىر تەربىيلەنمىگەن ۋە يېشى چوڭىيىپ كەتكەن بولسۇن ، نامازدا ھېچ ئەرەب تىلىگە تىلى كەلمىسە ، سۈرىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئەمەس ، چوقۇمكى ئۇ ھېچ بولمىسا لائىلاھە ئىللاللاھ دېگەن كەلىمىنى بولسىمۇ مەلۇم بىر ئىددەتلىك سان بۇيىچە توشقۇزۇپ ئوقۇسۇن . ئەمما نامازدا چوقۇم ئۆزى ئىمان ئېيتقان ئاللاھىغا ، ياراتقۇچىسىغا تەلپۈنسۇن ! قارىيلىق ۋە تەجۋىدلىك ئىمتىيازى بىلەن ھېچ ئاللاھقا يۈزلەنمەي ئوقۇغان مىڭ رەكەت نامازدىن ، ئەنە شۇ خىل رەۋىشتە ئۆز رەببىگە تەلپۈنۈپ ئوقۇغان بىر رەكەت نامازنىڭ دەرىجىسى ئۈستۈندۇر ! چۈنكى ئانىڭدەك مىڭ رەكەت ناماز شۇ كىشىگە مەنپەت قىلمايدۇ . ئەمما ئاۋۇ ئاللاھقا تەلپۈنگەن ھالدا ئوقۇلغان ناماز شۇ كىشىگە مەنپەت قىلىدۇ . گەپ ھەممە پەقەت تىلدىلا ئەمەس بەلكى دىلدا ۋە قەلىبتە بولىدۇ . بۇنداق دېسە دىلغىلا ئېسىلىۋېلىش زالىملىق . چوقۇمكى تاقەتنىڭ يېتىشىچە شەكلى ۋە ئەمەلىي ۋە ئېتىقادى ، ئىمانىي تەرەپلىك ئىبادەتلەردە بولىشىمىز كېرەك ! ئەمما كىملەر قايسى بىر ئۈستۈنلۈكلەردە شەكىلگە ، تىلغا ، نامغا ئالدىنىدىكەن ، ئۇ شەكسىز ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر ، ئۇنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسىلا چوقۇمكى باشقىلارغا زالىم بولغۇسىدۇر . چۈنكى كۆپىنچە كىشىلەر بىرەر مەسىلىدە چوقۇمكى نامى بار ، ئاتىقى بار ۋە << سەللە >> سى بار كىشىلەرنى ئىزلەيدۇ . موللا بولۇشقا بەكمۇ ئىشتىياقىڭ بار ئەمەسمىتى ؟ ئالە موللىلىقنى ساڭا بەردۇق !!!
يەنە گەپ ئۇزىراپ كەتتى . شۇنىڭدەك ، سېھرى كۈچ ئەرەب تىلىدا بولىدۇ . ھەم ئۇنىڭ ئىددىدىتىنى قانچە كۈچلۈك رەۋىشتە توشقۇزغانلىقتا ھەمدە ئۇنىڭ تەندىكى كۈچ - قۇۋۋىتى ، شۇ سېھرى قۇۋۋەتنى ھەر جەھەتتىن كۈچلەندۈرگەن ۋە باشقا تەرەپلىك ئىمتىياز بىلەن تېخىمۇ كۈچلىنىشى بىلەن بولىدۇ . تەبىئىتىدە سرھرى قۇۋۋەت تەبىئى بولغان كىشىلەردە ھەتتا كىشىلەرنىڭ تىنىگە جىن كىرىۋالسا ، جىن كىرىۋالغان كىشىنىڭ قولى ، تۇمۇرىنى بىردەملا تۇتسا جىن چىدىماي قېچىپ چىقىپ كېتىدىكەن . ھەمدە ئۇلار سېھىرلەنگەن كىشىلەردىكى قەستنى قولى بىلەن ئازراقلا سىلاپ قويۇش بىلەن كۆيدۈرۈپ تاشلايدىكەن . ھېلىقى كىشىنىڭ قولى ماڭا ئۇنىڭ ياخشى نىيىتى بىلەن ئازراق تىگىپ قالدى . ئەمما ئۇ مېنى ئوقمىدى دەپ ئويلىدى . ئەمما مەن بىلىپ قالدىم . چۈنكى ئۇنىڭ قولى ئانچىكى تەگكەن بولسىمۇ ، تەگكەن جاي ۋىل - ۋىل - ۋىل قىزىپ كەتتى . ھەتتا ئۇلار بەزى كېسەللەرگە قولىنى تەگكۈزسە ، خۇددى دەزمال ياققاندەكلا قىززىق تېگىدىكەن . ئەمما ئۇلار ئەنە شۇ سېھرى قۇۋۋىتىنى باشقىلارغا ئاتالامدۇ يوق ، بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ . ئەمما ھېلىقى ئون ياش ۋاقتىمدىكى قازاق بىر كىشىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر قارا سومكا بارلىقىنى ۋە ئۇنى ئېلىپ كېلىشنى تاپىلىغان . ئۇ كىشى قازاقتىن ئۇ سومكىنىڭ قانداق جايدا ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ئۇنىڭ بېرىۋېرىشىنى ، ئۇنىڭ تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئەمما ئۇ بارغاندا ئۆينىڭ تېمىدا ئىككى سومكا بارلىقىنى ، ئەمما ئۇنىڭ بىر سومكىغا ئالاھىدە كۆڭلى تارتقان بولۇپ ، شۇ سومكىنى ئېلىپ كەلگەن ، ئاقىۋەتتە توغرا ئېلىپ كەلگەن ئىكەن . ئەمما ئۇ سېھىركەش ۋە جىنكەش بولغانلىقتىن ، سۇئالدا ئېيتىلغان سېھىرنى باشقىلارغا ئۇدۇم قىلغىلى ياكى بىرىپ تۇرغىلى بولىدىغان - بولمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن . چۈنكى جىنلار ئىنسانلارنىڭ دىلىدا ۋەسۋەسە قىلالايدۇ ، نېرىپىنى باشقۇرالايدۇ . شۇنداق ئىكەن ، قازاقنىڭ ئۆيىدىكى جىن ئۇنىڭ شۇ خىل كۆڭلىنى توغرا سومكىغا توغۇرلىيالايدۇ . بۇ يەردە سەۋەپ ئىككى بىسلىق بولغانلىقتىن ، مەن دەررۇ سېھىرنى قازاق ئۇ كىشىگە ئاتقان ۋە ئۇ شۇ سېھىر ئارقىلىق سومكىنى توغرا تاپقان دەپ كېسەلمەيمەن . چۈنكى مەن ئۇ كىشى ئەمەس . ئەگەر مەن شۇ كىشى تېتىغان شۇ قىسمەت جەريانىنى تېتىغان بولسام ، ئاندىن بىر نېمە دىيەلەيتتىم . ئەمما مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۇنداق << تاماق >> نى تېتىپ باقمىدىم .

داۋامى بار !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 12:20:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                           ( 14 )



4.ھەدىستە دىيىلدى...مۇھەممەت ئەلەيھسالامغا  بىر تارغاق ۋە بىر ئاز چۈشۈپ كەتكەن چاچ بىلەن سېھىرلەنگەن دەپ.....ئەمدى زامانىمىزدا مىنىڭ ئاڭلىغانلىرىم يالغۇز تارغاقلا ئەمەس....بەلكى يەنە...تېرىققا ئوقۇپ ئارىغا ئاداۋەت سېلىش،توخۇمغا ئوقۇپ ئوتتا قىزىتىپ ئۈزىنى ئەسلىتىش،لازىغا ئوقۇپ بىرنىمە قىلىشتەك...ھەرخىل نەرسىلەرگە ئوقۇلىدىكەن....بۇ خىل نەرسىلەرنىڭ تاللىنىشىنىڭ ئاساسى بارمىدۇ ياكى ئاشۇ باخشىملار خالىغانچە بەلگىلەپ بىرەمدىغاندۇ؟  

ج : ئادەتتە قەستلەنگۈچى ئەقىللىق ۋە زېرەك بولسا ، قەستلىگۈچى ئەقىللىق كىشى بولسا ، ئۇنىڭغا بىر نەرسە يىگۈزۈپ قەست قىلمايدۇ . چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر ئۆزىدىكى شۇ كۈندىن كىيىن ئۆزگەرگەن ئەھۋاللاردىن ياكى ئۆزى تەھلىل قىلىپ ياكى شۇ خىل ھالدىن كىيىن باشقىلارغا بايان قىلىپ بىرىشتىن ئاقىۋەتتە كىمنىڭ ئۆزىگە قەست قىلغانلىقىنى بىلىۋالىدۇ . شۇڭا ، بۇنىڭدەك كىشىلەرگە ئاغزىدىن يىگۈزۈپ قەستلەيدىغان ئىشلارنى قىلىش خۇددى توخۇدەكلا ، بېشىنى تىقىۋېلىپلا مۆكتۈم دەپ ئويلىغان كىشىلەرنىڭ مەۋقەسىدۇر . شۇڭا سېھىركەش ياكى جىنكەش بولسۇن ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئاقىۋېتىنى چۈشەنگەن ئەقىللىقلىرى بۇ تەرەپتىن سۈرۈشتۈرگەن ۋە ئۆزى يۇلتۇز ئىلمىسىگە ئالىم بولسا شۇ تەرەپتىن بىلگەن ھالدا تەدبىر قىلىدۇ . ئەمما نادان ، ھاماقەتلىرى يەنىلا چاپسانلا ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل چاۋىسىنى چاپسانلا سورىۋېتىدۇ .
بۇ خىل قەستنى ئاغزىدىن يىگۈزىۋېتىش بولسا ئاجىز سېھىركەش ۋە جىنكەشلەرگە قارىتا ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر . ئەمما يۇقىرى قۇۋۋەتلەرگە ئىگىلەرگە بولسا ئەنە شۇنىڭدەك قارشى تەرەپ قەستلەنگۈچىنىڭ چېچىنى ، كىيمىنى ، ئىشلىتىدىغان نەرسىلىرىنى ، چۈشكەن سۈرەتلىرى ھەتتاكى قەدىمىدىكى توپىسىنى ئېلىۋېلىپ بولسىمۇ شۇ تەرەپلىك نەرسىلەرگە دەم سېلىش بىلەن زىيانكەشلىك قىلىشىدۇ .


5.يۇقىردىكىسى بىز مىللەتتكىلەرنىڭ ئىشلىرى،ئىشقىلىپ قۇرئاننىڭ ئايتىنى ئوڭ ئوقۇمدۇ تەتۈرمۇ...بىر نىمىلەرنى ئوقۇيدۇ...ئەمدى باشقا مىللەتلەردىمۇ بار بۇ باخشىملار..بۇلارنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق ئۇسۇللىرى...ھەم ئۈنۈملىرى بۇلىدىكەن..بۇنىڭغا قارىغاندا سىھىرىگەر بۇلۇشتا يولنى تاپسىلا..بۇلغىلى بۇلۇدىغان ئوخشىمامدۇ؟

ج : ئىلگىركى ۋاقىتلاردا تەۋرات بىلەن زەبۇرنىڭ سېھرى كۈچى يۇقىرى بولۇپ ، شۇ ۋاقىتتا داۋۇت ئەلەيھىسسالام زەبۇرنى ئوقۇغان ۋاقىتتا ، ئۇ ئوقۇغان ئاۋازىنىڭ ھېچرى تەپتىدىن ئۇچۇپ كېتىۋاتقان قۇشلار ۋە جىنلا خۇدىنى بىلىشمەي ئۇ ئاۋازغا باغلىنىپ قالاتتى ھەمدە ئۆز رەببىگە مايىل بولغانلار بىرلىكتە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىشاتتى . قۇشلارنىڭ كۆپىنچە تۈرلىرىدىكىلەر بولسا ئۆزلىرى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان ئاۋازلارنى ئەينەن ياكى ئاھاڭ جەھەتلەردىن دوراش خۇسۇسىيىتىگە ئىگىدۇر . جىنلار بولسا ئەنە شۇنىڭدەك سېھىرى كۈچى بولغان ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭدىن تەپچىپ چىقىۋاتقان سېھرى قۇۋۋەت ئىچىدە ئولتۇرىۋېلىشقا ئامراق كېلىدۇ . چۈنكى جىنلارنىڭ تىنى گەرچە ئاجىز بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىدىكى سېھرى كۈچ بىلەن يەنىلا ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولىشىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ( ئاللاھ مەلۇم بىر ۋاقىتتا ھەر ئۈممەتتىن ئالاھىدە دىنىي قىممەتكە ئىگە كىشىلەرنى چىقىرىدۇ . ئەمما سۈننىي مەزھەپتىكى توغرىلىقتىن باشقا ھەر قانداق يول تۇتقۇچى بۇ خىل نېمەتنى بۇزۇق ھاللاردا ئىستىمال قىلىشىۋالىدۇ ياكى ئىنكار قىلىشىدۇ بۇ تەرەپلىك ئىلىملەرنى كىيىنچە بايان قىلىمىز ئاللاھ خالىسا ، ) ئەنە شۇنىڭدەك ھەر زامان ھەقىقەتنى بايان قىلغۇچى ، ھىدايەتكە يىتەكلىگۈچى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئارىسىدىكى ، ئاللاھ ئۆزى ئالاھىدە ئىرادە قىلغان ، پەقەت ئاللاھنىڭلا ئىتائىتىدە بولىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ھەر خىل رەۋىشتە بىلدۈرگەن ئىلىملەرنى بايان قىلغۇچى << ئابدۇللا >> يەنى ئاللاھنىڭ قۇلى ئاتالغانلار قاچانىكى ئىبادەت قىلىشقا تۇرغاندا ئەنە شۇنىڭدەك سېھرى قۇۋۋەتكە مۇھتاج جىنلار ئۇلارنى ئۇلارنىڭ كۆپلىكىدىن ۋە ئۇنىڭ ئىبادەتتىكى ھالىتىدىن تەپچىپ چىقىۋاتقان سېھرى قىممەتكە ئورىنىۋېلىشقا ، ھىدىنى سۈمۈرىۋېلىشقا ، ئاۋازىنى ئاڭلىۋېلىشقا قارىتا يۇپۇرۇلۇپ كېلىپ  بېسىۋېلىشقا تاس قالىدۇ . بۇ خىل بەندىلەر ئەنە شۇنىڭدەك بەندىلەر ھەم ئۆزلىرىگە تەلپۈنىۋاتقان بىر ۋاقىتلاردا كېچە نامازلاردا قىرائەتلىك ياكى ئاۋازسىز ناماز ئوقۇش بىلەن ياكى قۇرئان ئوقۇش بىلەن ئۇلارنىڭ ھەم ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا بولىدۇ . شۇ ۋەجىدىن رۇسۇللاھنىڭ كېچىدىكى قىيامى ئەڭ ئۇزۇن بولاتتى . چۈنكى ھەتتا شۇ خىل تەلپۈنىۋاتقان جىنلارغىمۇ كۈيىنەتتى . ھەم يەنە ئەنە شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ قۇللىرى ۋەز - نەسىھەت قىلىۋاتقان خۇتبە ياكى باشقا سۇرۇن ۋە ياكى قەلەم تەۋرەتكەن قەغەز ئۈستىدە ياكى مۇنبەر ئۈستىدە بولمىسۇن ، بىر قىسىم جىنلار ھامان ئۇلارنىڭ يېنىدا ھازىر بولىدۇ . سەييارە ئايلىنىپ يۈرىدىغان پەرىشتىلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئەتىراپىغا جەم بولىشىدۇ . ھەتتا بۇلار سېھىر قۇۋۋەتنىڭ لەززىتىدىن قۇرئان ئوقۇغۇچى سالىھ بەندىلەرنىڭ ئاغزىغا ئاغزىنى يېقىشىپ كېتىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەر مەيلى قايسى يەردە بولمىسۇن قۇرئان ئوقۇغاندا ياكى ئايلىنىپ ماڭغاندىمۇ، ھەتتا قەبرىستانلىقتىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ قىممىتى سەۋەبلىك ئازاب پەرىشتىلىرى ئەمەللىرىدىن توختايدۇ . ئەنە شۇ خىل كۈچ سەۋەبىدىن ئازابلىنىۋاتقان ، ھېچ ساۋابى بولمىغان كىشىلەرگە قارىتا ئازابىنى يىنىكلەتكۈچى ۋە ساۋابىنى كۆپەيتكۈچى تەرەپلىك قىممەت ھازىر بولىدۇ . ئەنە شۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھىد ، تىنىق سۇغا ۋە توپىغا ھۈرۈلگەندە تەبىئىيلا دىمىدە بولىدۇ . ئۇنى ئىچسىمۇ ، يۇيۇنسىمۇ ، مەلۇم جايغا سەپسىمۇ ، ئادەتتە قەبرىگە قويۇلغان جەسەتنىڭ ئەتىراپىغا سىيپىپ قويىدۇ . بۇ تەرەپلىك شۇنداق بىر ھەدىس بار . جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇل ئۆلۈپ كېتىپ ، ئۇنى يەرلىككە قويىدىغان چاغدا ، رۇسۇللاھ كېلىپ ئۇنى كۆردى . شۇنىڭ بىلەن مېيتنى چىقىرىپ ، دەم سالغاندىن كىيىن ، ئۆزىنىڭ كۆڭلىكى بىلەن مېيتنى يۆگەپ قويدى .( ئۈ.مارجانلار 1766 ) مۇمكىن بولسا ئەنە شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە كىشىلەر ئەسلى مىيىتقا دەم سالىدۇ . مۇمكىن بولمىسا دۇئا قىلىدۇ . ئەگەر مۇمكىنلا بولسا جەمىيىتىمىزدىكى ئاتا يولىدىكىلەردەك ئىخلاس توپىسى قىلىپ ئۇنىڭ يەرلىكى ئىچىگە سىيپىلىپ قويۇلىدۇ . بۇ خىل دەم سېلىش ئۇلارنى جەننىتى قىلالمايدۇ ھەمدە ئۇلارغا ئىرادە قىلىنغان ئازابنى توسۇپ قالالمايدۇ . ئەمما ئازاب خۇددى تەنگە مورفىن ئۇرۇلغاندەك تەندىكى ياكى تەن ئىچىدىكى ئادەمنىڭ ئۈستىدىكى ئازابىنى يەڭگىللىنىدۇ . ھەمدە گۆرلۈك مىيىت قويۇلۇشتىن ئىلگىرى جىنلارنىڭ كىرىپ چىققان ياكى بۇزۇقچىلىق قىلغاندىكى مەينەتچىلىكى ، پاسكىنا جىنلار بىر جايدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە ، شۇ جايدا ئۇلارنىڭ قورقىقى قېلىپ قالىدۇ . بۇنىڭدەك قورقاقنى رۇسۇللاھ قايتۇرۇشقا بۇيرىغان . مادامىكى ، شۇ خىل ئىمتىيازغا ئىگە كىشىلەر تاقىتىنىڭ يېتىشىچە قارشى تەرەپكە شاپائەت قىلىشقا تىرىشىدۇ . ھەتتا رۇسۇللاھمۇ مۇناپىقلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەسلىك توغرىسىدا ئايەت كەلگەندىمۇ چۈشۈرۈپمۇ سالغان . ئۇلارغا مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلماسلىققا ئايەت نازىل بولغاندىمۇ دۇئا قىلغان . ھەتتا 70 قېتىم قىلسىمۇ بەرىبىر ئىكەنلىكى ئېيتىلغاندىمۇ 70 قېتىمدىنمۇ ئارتۇق مەغپىرەت تەلەپ قىلغان . ئاقىۋەتتە ھەقىقەتەن ئۇنىڭدەكلەرگە ھېچ پايدا يەتمىگەنلىكتىن ، ئاللاھنىڭ ھۆكمىسىگە چىن پۈتكەن ھەمدە ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئىمان ئېيتقان . شۇنىڭدەك ، شۇ خىل كىشىلەر بىرەر يۇچۇقلا بولسا ھامان شۇ تەرەپتىن ياخشىلىقنى ئىشتماي قالمايدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن سىز بۇ خىل قىممەتلەرگە تېخى ئىمان ئېيتقۇدەك قىممەتكە يەتمىسىڭىز ، چاپسانلا ئىنكار قىلماي سۈكۈت قىلىڭ ! دىندا سىز ئويلاپ باقمىغان ھەر خىل غايىباتلار مەۋجۇتتۇر ! ئىسلام دىننىڭ 30% تى ماددا بىلەن ، 70% تى بولسا مەنىۋىيەت بىلەن باغلىنىشلىقتۇر . شۇڭا دىن ئاساسەن روھىيەتكە سىڭىشىدىغان ئامىلدۇر ! نېمىمۇ قىلارسىلەر ئۆزەڭلەر بىلمەيدىغان ، تېخى تېتىپ باقمىغان نەرسىلەر ئۈستىدە تىل ئىشتىشىپ ھالالنى ھارامغا ، بارنى يوققا چىقىرىشىپ ئۆزەڭلەرگە زۇلۇم قىلىشىپ . سىلەر ئاللاھقا قايسى رەۋىشتە مۇلاقات بولساڭلار ، ئاللاھمۇ سىلەرگە شۇ خىل رەۋىشتە مۇلاقات بولىدىغان تۇرسا ، سىلەر تىلىڭلاردا ئېيتىپ تۇرىسىلەرۇ ، ئەمما نېمىشقا ئىمان ئېيتمايسىلەر ؟ سىلەر ئۆزەڭلەرگە بىر نەرسىنى ھارام قىلساڭلار ، سىلەر ئۆزەڭلەرنى شۇ خىل ھاراملىققا ئورىغانلىقتىن ، ئۆزەڭلەرنى ئۆزەڭلەر شۇنىڭدەك بار نېمەتنى ئىنكار قىلىشتەك ئۆزگىرىشتە بولغانلىقتىن ، ئاللاھ سىلەرگە قارىتا تىلىگىنىڭلارنى بىرىپ ئۆزگەرتىشتە بولمامدۇ . سىلەرنىڭ ئالىملىقىڭلار ، دانىشمەنلىكىڭلار ، ئىماندارلىقىڭلار ئاقىۋەتتە شۇنىڭدەك تىلىڭلاردا ئېيتقانلارغا غاپىل بولۇشقا ، ھەقنى ئىنكار قىلىشقا ، بىلىمىگەن نەرسىلەرنى تىلىڭلارغا ئېلىشقا قىستامدۇ ؟ ئېيتىڭلارچۇ ، ئىمان سىلەرنى ئاللاھقا قارشى تۇغ تىكىشكە قىستامدۇ ؟ ئىمان سىلەرنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدىغان قىسمەتلەرگە يىتەكلەمدۇ ؟ بۇ ھەقىقەتەن ئادىل بولمىغان باھا بولۇپ قالدى . ئالدىنقى قىسىمدا ئېيتىلغاندەك ، قۇرئان ۋە ھەدىس بىر . ئەمما ئۇنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش ھەر خىل . شۇڭا سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇكەممەل بولغان << تىنىڭىز >> نى ياكى ئۆزىڭىز چاپىسىز ، ياكى بولمىسا ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى موللا - ئاخۇنۇملىرىڭىزنىڭ چېپىشىغا تۇتۇپ بېرىسىز ! گەپ شۇ !
باشقا مىللەتتىكىلەرنىڭ ئوقۇيدىغىنى قانداق مەن تازا چۈشۈنۈپ كەتمەيمەن . ئەمما قۇرئاننىڭ ھەر بىر ھەرىپىگە مۇئەككەل قىلىنغان پەرىشىتىلەر باردۇر . ئەنە شۇ پەرىشىتىلەر ئاللاھنىڭ شۇنىڭدەك ئايىتىنىڭ قىممىتىگە ئىشەنگەن ھاللاردا شۇ ئايەتلەرنىڭ مەلۇم ئىددىتى ( قۇرئاندا ھەم بارلىق يولدىكىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىغا قارىتا مەلۇم چەكلىك ئىددىتى بولىدۇ . خۇددى باياقى 70 قېتىم مەغپىرەت قىلساڭمۇ ، ئاللاھ ھەرگىز ئۇلارنى مەغپىرەت قىلمايدۇ دېگەنكى ئايەتتە ، مەغپىرەت تەلەپ قىلىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكى 70 ئىكەنلىكىدەك ئىددەت ( مەلۇم چەكلىك سان ) بولغىنىدەك ، ھەر نامازدىن كىيىن سۇبھانەللاھ نى 33 ، ئەلھەمدۇلىللاھنى 33 ، ئاللاھۇ ئەكبەر نى 33 ئېيتقانلىقىدەك ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەپلىمىلىك ئىددەتلەر بولغىنىدەك ،  ھەر بىر يولدىكىلەرنىڭ ۋە ھەر ئىشلارنىڭ پۈتىشىدە چوقۇمكى بىر قورغانى ۋاقىت ، سان بولىدۇ . ئەگەر سىز بىرەر ئىلىم ئەھلىگە بەيئەت قىلسىڭىز ، ئۇ سىزنى بەزى تەسبىھلەرنى ئېيتىشقا كۈنىگە مەلۇم ئىددەتنى توشقۇزۇشقا بۇيرىسا ، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغان ئاساستا ئۇنى ئورۇنلاڭ ! ئەگەر ئۇنداق قىلالمىسىڭىز ھېچ بىر مەۋقەسىز ھالدا تۇرغۇن بوپ تۇرۇپ پەقەت ۋە پەقەت ئىلىم ئۆگىنىش بىلەنلا ۋە كىشىلەرنى ، باشقا شەيئىلەرنى كۈزىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ تۇرۇڭ ، بولامدا ؟
شۇنىڭدەك ، مۇسۇلمان سېھىركەشلەر ياكى سېھىر ئارقىلىق پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغانلار بەزى ئايەتلەرنىڭ شۇنىڭدەك ئىددىتىنى توشقۇزۇش بىلەن شۇ ئايەتنىڭ كۈچىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇش قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . ئۇلارنىڭ ئوقۇيدىغىنى يەنىلا قۇرئان ئايەتلىرىدۇر ، ئەرەبچە قىممىتىدۇر . قۇرئاننىڭ ئەرەبچە قىممىتىدە تەتقىق قىلىدىغانلارنىڭ كۆزىگە ئەرەبچە قۇرئان بۇغداي كۆرۈنسە ، تەرجىمىسى بولسا خۇددى سامانلا كۆرۈنىدۇ . ئەنە شۇ تەتقىقاتچىلار قۇرئاننىڭ قانداق كىتاب ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشىنىدۇ . ئەنە شۇلارغا كىتاب بېرىلگەن بولۇپ ، ئەنە شۇلار كىيىنكى ۋە بۈگۈنكى ئىش ئۈستىدىكىلەرنى ، مەريەم ئوغلى پالانى - پوكۇنىلارنى نەق تونۇيدۇ . چۈنكى ئۇلار بايا ئېيتىلغاندەك ، ئاللاھنىڭ قۇللىرى دۇر !
ئايەتلەرنى تەتۈر ئوقۇمايدۇ . ئەمما بەزىلەر ئايەتلەرنى شۇنىڭدەك ئوقۇغاندا ھەققە قارشى ئىش ئۈچۈن يامانلىقنى تىلەپ ئوقۇيدۇ . بەزىلەر بولسا شۇ ئايەتنىڭ كۈچىدىن پەقەت ياخشىلىقنى تىلەش ، شۇ ئارقىلىق تىنىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ، ئىمانىنى قوغداش ئۈچۈن ھەم يەنە شۇ خىل تەرەپلىك نۇرغۇنلىغان قىممەتلەرگە يەتمەك ئۈچۈن ئۆگۈنىدۇ . نادان ، ھاماقەتلەر بۇ خىل ئىلىمگە يېڭى كىرگەندە ، ئۇلاشقاندا بولسا باشقا كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ۋە دىنىنى ھەقىقەتەن ئىنتايىن پۈچەك ھېسابلايدۇ . ئەنە شۇ چورتنى بەكلا خاتا سوقۇپ قويۇش ، سوقۇشتىمۇ ئالاھىدە كىشىلەرگە ھەم قارشى تىل ئىشتىپ قويۇش ، ئۇلارنىڭ كىيىنكى دىنىي ۋە ھاياتىي مەۋقەسىنى يامانلاشتۇرىۋېتىدۇ ، خاراپلاشتۇرىۋېتىدۇ . تىنى ، ئېتىقادى ۋە ئىرادىسى ئاجىزلار بۇ خىل كۈچلۈك قىممەتلىك ئامانەتكە ئۇلىشىپ قالسا ھامان بۇنىڭ بىلەن نەپسىنى خۇش قىلماق ئۈچۈن زىنا - زالالەتكە ، خۇمسىلىشىپ ھەتتا خوشنىلىرىنىڭ ئاياللىرىغا ياكى ئەرلىرىگە سېھىر ئىشلىتىپ يۇشۇرۇن ئاشنا ئوينايدىغان ، تاپقان بالىلارنىڭ ھارامدىن بولغان بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ . بۇنىڭدەك كىشىلەر بۇ خىل ئۆتكەلدىن مەڭگۈ ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن . ئاللاھ شۇنداق دېگەن : كىمكى ( كىشىلەر ئارىسىدا ) ياخشى ( ئىش ئۈچۈن ) شاپائەت قىلسا ، ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ ؛ كىمكى بىر يامان ( ئىش ئۈچۈن ) شاپائەت قىلسا ، ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ . ئاللاھ ھەممە ئىشقا قادىردۇر ( 85 ) نىسا
ئەنە شۇ خىل قىلمىش دەل شۇلارغا ئىلىم بەرگەن كىشىلەرنىڭ ئاقىۋەتتە كاپىر بولىشىغا ، تېخىمۇ گۇناھكار بولىشىغا تۈرتكە بولىدۇ . شۇڭا بۇنىڭدەك ئامانەتنى ئېلىش ۋە بېرىشمۇ ئەڭ خەتەرلىك يوللارنىڭ بىرىدۇر . چۈنكى ھەتتا بۈگۈنكى مانا مەن دېگەن كىشىلەرمۇ ھەقىقەتەن بۇ خىل سېھرى قۇۋۋەتنىڭ كۈچىگە تايىنىۋالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ئىنسانىيلىقى ۋە دىنىي قىممىتىنى زەئىپلەشتۈرىۋالىدۇ  . بۇنىڭدەك كىشىلەردە تەقۋالىق بولمايدۇ . تەقۋالىق ھەر ۋاقىت قانداقلا بىر ئىش بولمىسۇن ، ئاللاھقىلا تىۋىنىشقا ۋە ئاللاھنىڭ رەھمەت قىلىشىغىلا تەۋەككۇل قىلىپ ئىشىپ تۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئەمما باشقا خىل شۇنىڭدەك سېھرى ، مال - دۇنيا ، جەمەتنىڭ ، شان - شەرەپنىڭ ۋە باشقا تەرەپلىك << پەقەت سەندىنلا تىلەيمىز >> دېگەنكى مەۋقەنى سۇسلاشتۇرىدىغان ، خۇنۈكلەشتۈرىدىغان كۈچلەرگە تايىنىۋالىدىغان كىشىلەر قانداقمۇ تىلىدىكى سۆزلىرىگە ئىمان ئېيتالىسۇن ۋە ھەقىقىي ئىشىنەلىسۇن . تىلدىكى پاراڭ ھېچقاچان ئىمان دەپ ئېيتىلمىغان . ھەم مانا مەن دېگەن مۆئمىنلەر ھەتتا پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، ئىرادىسى كەلگۈچە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە شەكمۇ كەلتۈرۈپ قويغان ، ھەتتا قاتتىق سىلكىنىشكە ئۇچىرىغان يەردە ، ماۋۇ گۇپپاڭچى ، پاراڭچىلاردىن ئىمانىدا مەزمۇت تۇرۇشقا ئۈمىد باغلاش ھەقىقەتەن ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بۇ توغرىسىدا ئاللاھ خالىسا كىيىنچە يەنىمۇ ئىچكىرى توختۇلىمىز .

داۋامى بار !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:43:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ( 15 )







باخشملار توغىرسىدا جىقراق سۆزلەپ قويدۇم......سىھىر دىسە كۆپرەك شۇلار يادىمىزغا كىلىدىكەن...قالغىنى ئىزچىمۇ بىلگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ قۇرئان-ھەدىس دەلىلى بىلەن كىڭەيتىپ جاۋاب بىرىپ باقسۇن....ئىزچىمۇ ئەمدى باخشىم بولۇپ كىتىدىغان بولدى-زە..بۇنىڭغا جاۋاپ بىرىمەن دەپ......


ج : سۇئال سورىغاننىڭ ھېچ زىيىنى يوق ، ئەمما مادامىكى ، شۇ كىشى ئىزدىنىش جەريانىدا كاللىسىغا توقۇناق كەلگەن تەرەپلىك سورالسا ... ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر سۇئال سوراشنى ئۇيۇننىڭ ئورنىدا قىلىۋالىدۇ . بىر كىمنىڭ دىنىي جەھەتتە قانداقلىقىنى ئۇلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا قارىتا چۈشەنگىلى بولىدۇ . ئەمما ئۇيۇنچىلار ھامان ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىش بىلەن سورايدۇ يۇ ، ئەمما ئەمەل قىلمايدۇ . سورىغان ئىكەن ، چوقۇمكى ئەمەل قىلىشى كېرەك بولىدۇ . بولمىسا كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەك بولۇشنى تىلىگەن بولىدۇ . ئۇنداقلار ئاقىۋەتتە ئىش ئۈستىدىكىلەر تەرىپىدىن ئىشەنچىسىز دەپ قارىلىپ ھىدايەتكە يېتەكلەش قىلمايدۇ . چۈنكى ھەق ئىلىم ئۇيۇنچىلارغا بىرىلمەيدۇ . ھىدايەتنىڭ ئۈستىدىكىلەر ئەنە شۇ شەيتانلارغا ئىلىم بەرمەيدۇ . ئەگەر بەرسىمۇ ئۇلارنى چوقۇمكى بىلگىنىگە ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ۋە شۇنىڭغا قىستايدۇ . ئەگەر ئۇ ئەمەل قىلمىسا كىيىنكى قەدەمدە ھېكمەت ئىگىلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن يىراق بولىشى توغرىسىدا ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ . چۈنكى ئاللاھ كىمنىكى ھىدايەت قىلىدىكەن ، شۇ كىشى ئىلىم ئەھلىگە بەيئەت قىلىدۇ . بەيئەت قىلغان ئىكەن ، ئۇنىڭ بارلىق ئەمىرلىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ . ھېكمەت بىرىلگەن كىشىلەرگە ئىتائەت قىلمايدىغان كىشىلەر يۇلۇققان بولسا ، ھەقىقەتتە ئۇلار ئېزىپ - تېزىپ كېلىپ قالغان بولىدۇ . ئەنە شۇلار ئاقىۋەتتە قۇرئاندا ئېيتىلغاندەك << ئىست ، قۇرئان بىزگە كەلگەندىن كىيىن پالانى بىزنى ئازدۇرۇپتۇ >> دەپ ھەقىقەتكە سۇگۇشۇپ كەتكەن ھالەتلىرىدە ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ، ھەق ئىلىمنىڭ ، ئىسلامنىڭ نېمە ئىكەنلكىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ئاقىۋەتتە ئەنە شۇنىڭدەك چوڭ پۇشايمانلىق ھەسرىتىگە قالىدۇ . مانا بۇ ئەڭ چوڭ زىيانكار بولغانلارنىڭ بىر قىسمىدۇر !
شۇنىڭدەك ، ئىلىم ئەھلىلىرى كىشىنىڭ سورىغان سۇئالىدىن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن سورىغانلىقىنى ، يەنى ھەقىقەتەن ئىزدىنىش جەريانىدا كەلگەن سۇئالمۇ ، ۋە ياكى كىشىلەر ئارىسىدا مۇنازىرغا قېلىپ سورىغان سۇئالمۇ ۋە ياكى باشقىلار تەرىپىدىن سوراشقا ئەۋەتىلگەنمۇ بۇنى تۇيۇپ تۇرىدۇ . شۇ ۋەجىدىن ئۇلار بەزى سۇئاللاھغا جاۋاب بىرىپ بەزىسىگە ھەم جاۋابمۇ بەرمەيمۇ قويىدۇ . خۇددى ئاللاھ ئېيتقاندەك << سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دەتالاش قىلىشقان ئىش ئۈستىدە ھۆكۈم بەرسەڭمۇ ۋە ياكى رەت قىلساڭمۇ بولىدۇ . چۈنكى ساڭا ئۇچۇق دەلىل ئاتا قىلدۇق >> دېگەنكى ئىمتىيازىدا ئەسلى ئىش ئۈستىدىكى ھۆكۈما ، ئاللاھنىڭ قۇلى ، زاماننىڭ تۈگۈنى بولغان خەلىپە ( ئەمما بۈگۈنكى خەلىپىلەرنى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر غارنىڭ ئالدىدىكى ئىتلارنىڭ پۇتىنى سوزۇپ يېتىۋالغانلىقىدىن قورقۇپ ئىنكار قىلسىمۇ ياكى ئېتىراپ قىلمىغان تەقدىردىمۇ ) ، ئەنە شۇنىڭدەك كىشىلەردە ئالاھىدە قىممەت ئىمتىيازى بولىدۇ . ئەنە ئۇلار ۋە ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر بۈگۈنكىدەك ئۆزلىرىگە ھېچ بىر پايدىسى بولمىغان سۇئاللارنى سوراپ ئۆزلىرىگە زالىم بولۇشنى تىلەيدىغانغانلارغا ياكى ئىشنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان ھاماقەتلەرگە جاۋاپ بەرمەي جىم تۇرىۋالسىمۇ ، ھەقىقەتتە ئەنە شۇ جىم تۇرغىنىنىڭ ئۆزى بىر ئىبادەت ! بەزى ئىلىمنى گەرچە بىلسىمۇ ئېيتماي جىم تۇرىۋېلىش ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا پايدىلىقتۇر . تاكى ئۇ ئىلىمنىڭ چىقىرىلىدىغان كىشىسى ، ئورنى چىققانغا قەدەر !
بەزى زامانلاردا ئاللاھ بەزى كىشىلەرگە بەزى بىر قىسىم ئىلىمنى ۋە ھېكمەتنى بېرىدۇ ۋە ئۇلاردىن چىن ئەھدە ئېلىۋالىدۇ . ئەھدە شۇكى ، تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەنە شۇ يۇچۇن ئىلىملەرنى تەستىق قىلىدىغان ۋە چىن ئىشىنىدىغان ، تەقۋالىق لىباسى تاشقى ۋە ئىچكى جەھەتتىن قېلىن يىپەكتىن ئىشلەنگەن قورغانى بىلەن ئالدىدا ياكى ئاشكارا بەيئەت قىلىپ ۋە ياكى يۇشۇرۇن بولسىمۇ بەيئەت قىلىپ كەلگەن ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەۋەتكەن ، شۇ ئىلىمنىڭ ئەلچىسىگە ياردەم قىلىش توغرىسىدا قىلىنغان بولىدۇ . كىمكى ئىلىمگە ۋە ھېكمەتكە ئىگە بولۇپ ۋە ئاللاھنىڭ شۇ خىل رەۋىشتە ئىلمىسى بىلەن ئاللاھنىڭ خىتابىنى قۇبۇل قىلىپ تۇرۇپ ، بۈگۈنكىدەك پىتنىنىڭ پەللىسى كۆتۈرۈلگەن زاماندا ياردەم بېرىشتىن باش تارتقان بولسا ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ ئۆزى ئازاب بېرىشنى ئىرادە قىلىدۇ . ئەنە شۇلار موللا - ئالىملار ئارىسىدىكى يۇشۇرۇن زالىملاردۇر ! گەرچە ئۇلار شۇنىڭدىن كىيىن ئىلگىركى قىلىشلىرىغا قارىتا قاتتىق تەۋبە قىلماستىن يەنىلا ئىلگىركى موللىلىقىدا ئولتۇرۇشنى تىلەيدىكەن ، ھەقىقەتنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . گەرچە بۈگۈنكى موللىلار << بەندىنىڭ قەلبىدىكى لىپاكنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدۇ >> دەپ ھەققە قارشى سۆز قىلىۋاتقان تەقدىردىمۇ ، ئاللاھنىڭ << بىز ئۇلارنىڭ قەلبىگە كەچكەن نەرسىلەرنى بىلىمىز >> دېگەنكى << بىز >> نىڭ ئىچىدە ئەنە شۇ خىل ئىلىمگە ئىگە پەرىشتىلەردىن سىرت ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئەنە شۇ << بىز >> ھەم بار ! گەرچە بەزى موللىلار بۇ خىل ھەقىقەتكە تىلىنى ئەگرى - بۈگرى قىلىپ سۆزلىگەن ۋە كىشىلەرنى ئۆز قاياشىغا سېلىۋاتقان بولسىمۇ .....
مۇشۇنداق تەرەپتىن مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم دەل ئېرىگە ئىتائەت قىلمايدىغان خوتۇن ۋە قۇرئان ئىلمىسىگە تۇيۇنمىغان موللا - ئالىم ! مەن شۇ تاپتا جىندىن ۋە ئىنساندىن بولغان شەيتانلاردىن ئەنسىرىمەيمەن . بارلىق دەججاللاردىن ئەنسىرىمەيمەن . ئەمما مانا مۇشۇ ئىككى خىل يۇشۇرۇن شەيتانلاردىن ئەنسىرەيمەن . چۈنكى ئۇلار دىنىي ۋە ئىنسانىي تەرەپلىك غورورۇمدىن ، چىن ئىشىنىپ ئېيتقان ئىمانىمدىن ، مەزمۇت ئېتىقادىمدىن ياندۇرۇپ مېنى ئىلگىرى ئېيتقان ئىمانىمدىن ياندۇرۇپ ، ھەققە قارشى كاپىر قىلىشنى تىلەيدۇ . ئەمما ئۇلار كاپىر ئەمەس . ئۇلار يۇشۇرۇن ئىلىملەرنى چۈشەنمىگەنلىكتىن شۇنىڭدەك ئالاتاغىل سۆزلەپ بىزنى ئۇلار كۆرمىگەن شەيئىلەرنى كۆرۈپ ئىشەنگەن ئىمانىمىزدىن ياندۇرۇشنى تىلەيدۇ ياكى ئارزۇ قىلىدۇ . شۇڭا ئاللاھ ئېيتىدۇ << ساڭا ھەق ئىلىم كەلگەندىن كىيىن ( ئەنە شۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن ) ئىماندىن يېنىۋالىدىغان بولساڭ ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىسەن .  سېنى ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئازابتىن قۇتۇلدۇرغۇچى بولمايدۇ . ....... >>
مەن يۇشۇرۇن بەيئەت قىلغان ، قۇرئان ئىلمىسىگە تۇيۇنغان ئىلىمگەر ، بۈگۈنكى ۋە تۈنۈگۈنكى زامانىي شەرىئەتنىڭ تۈگۈنچىسى ، كورلا خەلقىنىڭ دىنىي جەھەتتە ھەقلىق ۋە ھوقوقلۇق بولغان << ئاتا >> سى ، دىنىي جەھەتتە نۇرلۇق چىراق بولغان ئابدۇغۇپۇر دەموللام خۇتبىگە چىقمىغانسېرى ، ئىلگىركى قارارلاشقان ئەقىدە ۋە ئېتىقاد جەھەتتىن ، قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھەق قىممىتىگە باشقىلار تەرىپىدىن بەكلا بوزەك قىلىنىپ كېتىۋاتىمەن . ئىستىخاردا رەببىمدىن شۇ مۇھىتتىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدىم . ئەمما يەنىلا سەۋىر قىلىشقا قىستالدىم . كۈنلەر مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا كىيىنچە كۈن ئالمىقىممۇ بەكلا تەسكە چۈشۈپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ . شۇ ۋاقىتتا ئىستىخارىمدىن ماڭا بېرىلگەن ئىلىم بۇيىچە دىنىي جەھەتتىكى << كەبە >> گە يۈزلىنىش توغرىسىدا ھىجرەت قىلىش خىتابلانغۇچە ، راستىنلا يىتىم ئوغلاق بولۇپ قالغۇدەكمەن جۇما ... << ئى رەببىم ! مەن سېنىڭ شۇ كۈچلۈك ۋە قۇۋۋەتلىك مېۋەڭگە ھامىلدار بولغان  << خورما دەرىخى >> نى مۇشۇ رەۋىشتە يەنە ئۆز تەرىپىمگە ئېرغىتاي ، يەنە يېڭى پىشقان خورمىلاردىن بۇلتۇرقىدەك ۋە ئىلگىركى يىللىرىدىكىدەك تۆكۈپ بېرەمسەن ؟! مەن خۇرسەن بولاي ! مەن ھەقىقەتەن بىر كۈچلۈك تۈۋرۈككە ، مېنى قوللىغۇچى ۋە ماڭا ياردەم بەرگۈچى كۈچلۈك رەۋىشتە بىر ئاقىل ئاتىغا تولىمۇ مۇھتاج بولدۇم . ئىلگىرى مىنى دىنىي جەھەتتىن تۇنۇيدىغان ۋە ياردەم بىرەلەيدىغان چوڭ ئاتامنى ئېلىپ كەتكىنىڭدە ، سەندىن << ئەمدى ماڭا كىم ياردەم بېرىپ مىنى قوللايدۇ ؟ >> دەپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم . دىنىي جەھەتتە ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان شۇ خورما دەرىخىڭنى ئويلىمىغان يەردىن ئاتا قىلغان ئىدىڭ . ئەمما ئۇ دۇنيادىن كەتمەي تۇرۇپ ئۇنى مەندىن يەنە تارتىۋېلىۋاتىسەن . بەلكىم كىيىنكى يېتىملىكىمدە قانداق قىلىشتىكى مەۋقەيىمنى كۈچلەندۈرىۋاتقانسەن . ئەمما مەن بەكلا چارچاپ كەتتىم . بىر قانچە ھەپتە ئويغانماي ئۇخلىۋالسام دەيمەن .  ..... >>


گەپ ئۇزىراپ كەتتى ھە ، . ئارمان توردىشىمىز چاخچاق قىلىپ ئېيتقاندەك ، مەن ئىزدەنگەنگە باخشى بولۇپ كەتمەيمەن . ئەمما بىر توردىشىمىز بۇ تېمىلارنى ئوقۇپ  << سىز شۇنداق ئىشلارنى قىلىدىكەنسىز . بولمىسا بۇ ئىشلارنى قانداق بىلەتتىڭىز ؟ >> دەپ بىر مۇنچە سۆزنى قىلدى . تولىمۇ ئەپسۇس ، ...... بىر كىتاب ئاشكارا بولغان ۋە ئۇنىڭ قىممىتى توغرا - خاتا رەۋىشتە ئاشكارلىنىپ چىققان تۇرۇقلۇق ، يەنە شۇ كىتاب توغرىسىدا تەتقىق قىلىپ چۆكۈش بىزدەكلەرنىڭ ئىشى ئەمەس . سېھىر ۋە يۇلتۇزنى تەتقىق قىلىش زامانى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن يۈز يىل ئىلگىركى زامانىغا توغرا كېلىدۇ . ئەگەر مەن شۇ ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئىزدىنىشتە بولغان بولسام ، چوقۇمكى شۇ ئىلىملەرنى تەتقىق قىلىش ئىجتىھاتىدا بولغان بولاتتىم . ئەمما ھازىر بۇ توغرىسىدا ئىجتىھاد قىلىش ھاجەتسىز . پەقەت شۇ كىتابلارنىڭ ۋە كىتابخانىلارنىڭ ئىش - ئىزلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپلا ، تەقۋالىقتا چىڭ تۇرۇپ تەۋەككۇلنى يۈزەكى ئېلىپ ماڭغان ھاللاردا جەمىيەتتە سەيئى قىلساقلا كۇپايىدۇر ! چۈنكى ئاللاھ بۇنىڭدەك كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە ئىمانىي سەۋەبىدىن ھەر جەھەتتىن خۇددى تۈڭلۈكتىن تاشلاپ بەرگەندەك رەۋىشتە توكۇلدۇتۇپ تۆكۈپ بەرگۈسىدۇر ! ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر ئىسلامنى ۋە دىننى ھەمدە ئاللاھنىڭ تەقدىرى - سىرلىرىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشنى چاپسانلا تىلەپ نۇرغۇن قىممەتلەرنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلىۋالىدۇ . ئاقىۋەتتە ھەق بار نەرسىنى ئىنكار قىلىش ، يوق نەرسىنى بار دەپ جۆيلۈش ، بارنىڭ ئورنىنى تاپالماستىن قارىسىغا چوقۇنۇش ، يوقنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىش بىلەن ئۆزلىرىگە تولىمۇ زالىم بولىشىدۇ . بۇ توغرىسىدا ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ .
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىمنى پەرۋەردىگارى بىر قانچە ئەمىرلەر بىلەن سىنىدى ، ئىبراھىم ئۇلارنى بەجا كەلتۈردى ، ئاللاھ ( ئۇنىڭغا ) : << سېنى چوقۇم كىشىلەرگە ( دىندا ) پىشىۋا قىلىمەن >> دېدى ، ئىبراھىم : << مېنىڭ بىر قىسىم ئەۋلادىمنىمۇ پىشىۋا قىلساڭ >> دېدى . ئاللاھ : << مېنىڭ ئەھدەمگە زالىملار ئېرىشەلمەيدۇ >> دېدى ( 124 ) بەقەر
شۇنىڭدەك ، كىم بولمىسۇن ، پالانى موللامنىڭ ، دەموللامنىڭ ، پوكۇنى پەيغەمبەرنىڭ پۇشتىمەن ، ئەۋلادىمەن دەپ ئاتا - بوۋىسىنى پەش قىلىپ ياكى ئىلگىركى ئالىملارنىڭ ئىقتىھادى ئىچىگە كىرىۋېلىپ ، بۈگۈنكى زامانغا خاس ئىجتىھادنىڭ نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىش ، ياكى بىلگىنىگىمۇ سۆزلەش ھەمدە بىلمىگىنى ئۈستىدىنمۇ تىل ئىشتىپ خىيالىدا توغرا قىلغان ، ئەمەلىيەتتە باتىلغا ئەگەشكەن ياكى ئۆزلىرىگە شۇنىڭدەك توغرىلىقتىن چىقىپ كەتكەن ھاللاردا زۇلۇم قىلىپ ئانچىكى ئەقلىگە ، بىلىمىگە تايىنىپلا تېخى زامانى كەلمىگەن ئايەتلەر ئۈستىدىن ياكى غەپلەت باسقان كۆزلىرى تېخى ئۇيقۇدىن ئويغۇنالمايلا ھەقنى ئىنكار قىلىپ قويۇشتەك زالىملىقلىرى تۈپەيلى ، بەزى بۇزۇقچىلىقلارغا ئادىتى سەۋەبىدىن بارلىق شۇ يولدىكىلەرنى ، شۇ خىل ئىلىم ئۈستىدىكىلەرنى تىلىدا ياكى قولىدا قىرغىن قىلىپ زالىملىقنى تىلەيدىكەن ، ئول كىشى ۋە ئول قەۋم قۇرئاننىڭ بىر قىسمىنى ، يەنى ئۆزلىرى توغرا دەپ تۇنىغان يەرلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغان ، ئەمما ئەقلى . كۆزى يەتمىگەنلىرىنى چاپسانلا ئىنكار قىلىپ تەتقىقات تەرىپىگە ئۆتمىگەن ھاللاردا << بىزنىڭچە مۇنداق بولىشى مۇمكىن ، بىزنىڭچە ئۇنداق بولىشى مۇمكىن >> دېگەنكى ئۇنۋانىغا ئىشىنىپ كېتىشتەك ئورۇنلىرىدا تىل ئىشتىدىكەن ، ھەقىقەتتە ئۇلار نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئارقىنى قىلغان بولىدۇ . ئەنە شۇ خىل نېمەتلەرنى ئۆزلىرىگە ھارام قىلىۋالغان بولىدۇ . ئاللاھنىڭ ، كىمكى ئاللاھقا قايسى رەۋىشتە مۇلاقات بولسا ، ئاللاھمۇ شۇ كىشىگە شۇ خىل رەۋىشتە مۇلاقات بولىدۇ دېگەنكى ئالدىن پۈتۈلگەن ھۆكمىسى ئەزەللىيسىدە پەقەت زىياننىلا تىلىگەن بولىدۇ . ئاقىۋەتتە دىندا تۇرغۇنلۇقنى ، ئىسلامدا كەمتۈكلۈكنى تىلەيدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ئىلگىركى يەھۇدىي - ناسارالاردەك ئىلگىركى زاماندىكى ئىسلامنىڭ دىنىي مەۋقەسى بىلەن توختاپ قېلىش ، ئەمما كىيىنكىسىگە ئۇلىشالماسلىقتەك ھالاكەت مەۋقەسىگە ئورۇنۇپ قالغۇسىدۇر !
مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى دەل ، ئول كىشىلەرنىڭ تىلىنى يىغمىغان ، قىلمىشى ھەددىدىن ئاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى ! مانا بۇ دەل زالىملىقتۇر . مانا بۇ زالىملار ئاللاھ ھەتتا<< ئىبراھىم >> دەك بەندىلىرىنىڭ دۇئاسى ئارىسىدا قىلمىسا ، چىن شىخۇاڭنىڭ ئەۋلاتمۇ ئەۋلات ساقلىنىپ نېمە قىلسا قىلىۋېرىدىغان ئالتۇن يەكتەكتەك تونغا ئىگە بولۇشنى تىلەمدۇ ؟ ۋەياكى شۇنى ئۈمىد قىلامدۇ ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس . ئاتا - بوۋاڭنىڭ تونىغا ئورۇنۇپ نېمە قىلساڭ شۇنى قىلىدىغانلار چىن شىخۇاڭنىڭ دەۋرىگە قايت ياكى شۇنىڭدەك بۈگۈنكى ئاتىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان كىيىنكى ئەۋلات يەكتەكچىلەر بارلىققا كەلگەندە ئالاھىدە ئىمتىيازلار بېرىلىدۇ . شۇ ۋاقىتتا شەھەرلەردە كېزىپ يۈرۈشكە ئىجازەت بېرىلىدۇ . شۇ ۋاقىتتا تازا ئويناپ كۈلىۋالاسەن . ياق مەن ئۇنداقلاردىن بولمايمەن دەيسىزكەن ، نېمىلەرنى چۈشىنىسىز ؟ نېمىلەرگە ئىشىنىسىز ؟ نېمىلەرنى ھەقىقەتلەپ ئۆتكۈزدىڭىز ؟ ئەنە شۇ تاقىتىڭىز يېتىدىغان ئىشلار ، تاقىتىڭىز يېتىدىغان سۆزلەر ، تاقىتىڭىز يېتىدىغان ئەمەللەرگە قارىتا تىل ئىشتىپ ، ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈڭ . ئۇنداق بولماي ھېچ قارارىڭىز بولمىسا جىم تۇرۇڭ !!!

داۋامى بار !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 13:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                        ( 16 )



10.بىر كشى بىر ئىلىمگە تەستىق قىلدى،ئاندىن ئىمان ئېيىتتى(تەستىقلاش بىلەن ئىمان ئېيتىشقا دىققەت قىلايلى ھە دوستلار)،ئاندىن ئۇ ئىلىمگە ئېيتقان ئىماندىن يېنىۋالسا.....ئۇ شۇ ئىلىمگىلا كاپىر بولغان بولامدۇ ياكى ئاللاھقا پۈتۈنلەي كاپىر بولغان بۇلامدۇ؟

ج : تەستىق قىلىش بىلەن ئىشىنىش ئوخشىمايدۇ . تەستىق قىلىش دېگەن : ئۇنىڭ راستلىقىغا جىمى خەلىق قوللىغان ۋە ئۇنىڭ ئاساسىي نەتىجىسى بولغان ، مەلۇم كىشىلەر ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىغا قارىتا رازىلىق بېرىش دىگەنلىكتۇر . خۇددى يەھۇدىي - ناسارالار قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ . ئەمما قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ . پەقەت ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىگىلا ئىشىنىدۇ . خۇددى ئۆزلىرىدىكى كىتابنىڭ ھەم بىر ياراتقۇچى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىگە ئىشەنگەندەك . بۇ خىل ئىشىنىش كىشىنى ھەقىقەتكە ئۇلاشتۇرالمايدۇ ۋە ھېچ ھىدايەتكە ئېلىپ بارالمايدۇ . بەلكى شۇ ئىشەنگەن كىتابنىڭ ھەر بىر ھۆكمىگە چىن ئىشەنگەن ۋاقىتتا ئاندىن قايسىنىڭ ھەق ياكى باتىل ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ .
بىز مۇسۇلمانلاردىمۇ قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ، چۈشۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلار ياكى باشقىلارغا بۇلۇشۇپ تەستىقلىشىدىغانلار بار . ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ قارارىدىنلا ئۇلارنى قۇرئانغا ئىشىنىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىش ھاماقەتلىك . قۇرئانغا ئىشىنىمەن دىگەن ئىكەن چوقۇم ئۇنىڭ ھەر بىر قانۇنلىرىغا چۈشىشى ۋە ئۇنى ئات قىلىپ مىنىشى ، ئۇنى چىن دەستۇر قىلىشى كېرەك بولىدۇ . ئەنە شۇنىڭدەك قىلالىغاندىلا ئاندىن ئول كىشىنىڭ قۇرئانغا ئىشەنگەنلىكى ئايان بولىدۇ . مانامەن دېگەن كۆپىنچە تەقۋا چىراي مۇسۇلمانلاردىمۇ قۇرئانغا ئىشىنىش قىممىتى بەكلا سۇس ھەم يوق دىيەرلىك . پەقەت باشقىلارغا ئوخشاش تەستىقلاپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىۋالىدۇ .
ئىشىنىش : ئۆزى قارار ئالغان بىر ئىشقا قارىتا بىر لوغەتلىك ماددىي ۋە مەنىۋى بولغان شەيئىنىڭ ھەقىقەتەن كۈچى ، قىممىتى بارلىقىغا تەستىق قىلىش + ئاندىن شۇ ئارقىلىق مۇددىئاسىغا يەتمەك ئۈچۈن ئۇ ئارقىلىق پەللىگە يەتمەكنى نىيەت قىلماق + ئاندىن شۇ بۇيىچە يول تۇتماق ۋە شۇ ئامىلنى تۇتقا قىلىپ ئۆزى تەلەپ قىلغان ئىشلارنى قىلىش + ئاقىۋەتتە نەتىجىسىگە ئېرىشىش = ئىشىنىش دېمەكلىكتۇر !
خۇددى ، بىزلەر سېھىرنىڭ ۋە جىنكەشلىكنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى تەستىق قىلىمىز . ئەمما مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇقىرى پەللىلىك ئۈممىتى ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز ، يەنى ئۇ خىل ئىشلار ئارقىلىق مۇددىئايىمىزغا يېتىشنى قەستمۇ قىلمايمىز ۋە ئۇ يول - لىنىيەنى باسمايمىز . بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << كىمكى رەمبالنىڭ قېشىغا كېلىپ ، ئۇنىڭدىن بىر ئىشنى سوراپ ئۇنىڭغا ئىشەنسە ئۇنىڭ 40 كۈنلۈك نامىزى قۇبۇل بولمايدۇ >> شۇنىڭدەك ، بىرەر پالچى بولامدۇ ياكى يۇلتۇز ئىلمىسىگە چوقۇنغۇچى بولامدۇ ۋە ياكى جىنكەش بولامدۇ ئۇلار نېمىلا دېمىسۇن ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولغانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قەتئى ئىشەنمەسلىكى كېرەك . چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادلىق يوللىرى بىلەن بىزلەرنىڭ يوللىرىمىز ئوخشىمايدۇ . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ دىنى ئىبراھىمنىڭ دىنى ، يەنى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىدىغان ، ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىدىغان ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ يولى دەل مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر ! بىر كىشى لائىلاھەئىللاللاھ  دەيدىكەن ، ئۇ ئىبراھىمنىڭ دىنىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ . شۇ كىشى ئۇنىڭدىن ھالقىپ مۇھەممەدۇررۇسۇللاھ دەيدىكەن ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تەكلىپ قىلىنىدۇ . ئۇنىڭغا بۇلارغا چىن ئىشىنىش ، يەنى چىن مۇشۇ يولدا ئەقىدە - ئېتىقادتا مەزمۇت بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ . كىملەركى بۇ خىل قورغانى يولدىن باشقا ئەقىدىن چەتنەپ چىقىپ كېتىدىكەن ، تىلى باشقا ، ئەمەلىيىتى باشقا ، ھەم باشقا يولدىكىلەرنىڭ ، يەنى يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچى ، پەرىشتىلەرگە چوقۇنغۇچى ، مەجۈسىيلەرنىڭ ياكى يەھۇدىي - ناسارالارنىڭ يولىغا سىڭىىپ كېتىدۇ . ئاقىۋەتتە ئۇ ئازغۇچىلاردىن بولىدۇ .
شۇنىڭدەك ھەممىلەرنىڭ مەلۇم ئېتىقادتا ئىشىنىدىغان چەكلىك قورغانى مەيدانى بولىدۇ . ئىنسانىيەتنىڭ ئارىسىدا بۇ قورغانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغان ۋە ئىشەنسىمۇ ھېچ توغرا رەۋىشتە ساقلانمايدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن نۇرغۇن . بۈگۈن ھەم ئۆزىنى مۆئمىن دەپ ئاتايدىغان كۆپىنچە كىشىلەر ھەم باشقا يولدىكىلەرنىڭ ئەقىدە - ئېتىقادلىرى ئارىسىدا قېلىپمۇ ، يەنىلا تىلىدىكى زۇۋاندارلىقىغا ئالدىنىپ ئۆتىۋاتىدۇ . مانا بۇلارنىڭ ئىشىنىش ۋە تەستىق قىلىشلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرىنىڭ تىلىغا غاپىل ھاللاردا نېمە دىيىشىۋاتقانلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر !
ئىسلام دىنىغا ئىنسان ۋە جىنلارنىڭ ئادىمىيلىك جەھەتتىن ، ئەقىل جەھەتتىن ۋە روھىيەت جەھەتتىن ئۈستۈنلۈك شەجەرىسىگە يەتكەن پاك كىشىلەرلا دائىم ئۇلىشىپ ماڭالايدۇ . ئەنە شۇلار پېشانىسىدە مۆئمىن دەپ بەلگىسى بار ۋە بەلگىگە لايىقلىشالايدىغان كىشىلەردۇر !
ئىمان ئىشەنچتىن قولغا كېلىدۇ . چۈنكى كىشى بىر نەرسىگە ئىشەنسە ، ئۇنىڭ قىممىتىگە يەتمەك ئۈچۈن تىرىشالايدۇ . تىرىشقان ئىكەن ، ئۇنىڭ قىممىتىگە يىتەلەيدۇ . يەتكەندىن كىيىن تېتىقاندا ئاندىن ئۇنىڭدا مەنىۋىيەتلىك كۈچ ، قۇۋۋەت پەيدا بولىدۇ . ئەنە شۇ قۇۋۋەت ئىمان دەپ ئاتىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىماندار بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىش تەلەپ قىلىنىدۇ . كىشى بىر قىممەتكە تەستىقلىغاندىن كىيىن ھەقىقىي ئىشەنسە ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا يەتسە ( شۇ ئەقىدىگە ئېتىقادلانماق ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قارىماققا زىيانلىق بولغان ماددى - مەنىۋى جاپالار بولىدۇ . ئەنە شۇ قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئاخىرقى پەللىگە ئۇلاشقىچە بەرداشلىق بېرەلىسە ) ئاندىن ئاللاھ رازى بولىدۇ دە ، ئول بەندە ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدۇ . ئاللاھ رازى بولغانلارغا مۇكاپات بېرىدۇ . ئەنە شۇ مۇكاپات دەل قەلىبنىڭ نۇرلىنىشىدۇر . ئەنە شۇ نۇر كىشىنى توغرىلىققا يېتەكلەيدۇ . ئەنە شۇ نۇرغا ئىگە كىشىلەر تەقۋالىققا چۆككەن ۋە تەۋەككۇلنىڭ چوڭىنى قىلغان ھاللاردا  روھىيىتىنى ئاللاھقىلا تاپشۇرىۋېتىش بىلەن پۇتى تايغان ، بېشى قايغان تەرەپكە كىرىپ كېتىۋېرىدۇ دە، ئاقىۋەتتە كىرگەن قورغانىدىكى ھەق ئىلىمگە ئۇلىشالايدۇ . چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارىغا شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان بولۇپ ، ئۆز بېشىغا قانداقلىكى قىسمەت ئۇلاشمىسۇن ، ئاقىۋېتىنىڭ چوقۇم توغرا رەۋىشتە روياپقا چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ . ئاقىۋەتتە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدەك ئوتقا تاشلانسىمۇ ، زامانىي ئوتلاردا كۆيمەيدۇ . بۈگۈنكى زامانىي ئوت دەل پىتنە - پاساتتۇر ! قۇرئانغا ئىشەنگەنلەر ئۈستىدىن قۇرئانغا ئىشەنمەيدىغانلار تەرىپىدىن قىلىنىدىغان قۇرۇق تۆھمەتتۇر ! تالا مۈشىكى ئۆي مۈشىكىنى قوغلىماقلىقىدۇر ! ئىسلامدىكىلەرنىڭ ئىسلامسىزلارنىڭ تاپا - تەنىسىگە قېلىشىدۇر ! ھەق مۆئمىنلەرنىڭ سۇيئىستىمالچىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىشىدۇر ۋە ھاقارەتلەنمەكلىگىدۇر .... ! قايسى ھەقنى بايان قىلغۇچى ھەق ئىلىم ئوق قولى بىلەن خاتا ئەقىدىلەر بۇتلارنى چاقىدىكەن ، ئەنە شۇلار شۇنىڭدەك پىتنە - پاساتقا قالىدۇ ، ئەنە شۇ خىل ئوتقا تاشلىنىدۇ . چۈنكى بۈگۈن مۇسۇلمانلار ئەقىدە - ئېتىقاد جەھەتلەردە ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن بەكلا چەتنەپ كەتكەن ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن ھەم خېلىلا چەتنەپ كەتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئەقىدىسى باشقا يولدىكىلەرنىڭ ئەقىدىسى بىلەن چاڭلىشىپ كەتكەن . ئەنە شۇ چاڭلىشىپ كەتكەن تەرەپنى دەلىل ئوڭ قول بىلەن ئۇرۇپ چاققاندا ، شۇ خىل خاتالىققا ئورانغۇچى موللىلارنىڭ بۇيرىقى بۇيىچە ئۇلارغا قارغۇلاچە ئەگىشىدىغان كاللا كېسەر جاللاتلارنىڭ ئاللاھقا ئەمەس ئەنە شۇ كىشىلىرىگە ئىبادەت قىلىپ كېتىشتەك مەۋقەلىرىدە قان چاچىرتىشلىرىدىن بولىدۇ . ئەنە شۇ پاساتى دەل ئوتتۇر . قۇرۇق تۆھمەت بولسا ئۇتۇندۇر . بۇ ئىككىسى بىرلەشسە مۆئمىنلەرگە كۈن يوقتۇر . ئاقىۋەتتە مۆئمىنلەر يۇرتىدا ، جەمىيىتىدە ئەڭ ئاجىزلار بولۇپ قالغۇسىدۇر . مەريەم ئوغلى ئىسا دەل ئەنە شۇ ئاجىزلارنىڭ يېنىدا غەمگۇزار بولۇپ روياپقا چىققۇسىدۇر ! زامان شۇ ۋاقىتقا يەتكەندە ، ھەر بىر مۆئمىننىڭ شۇلار تەرىپىگە يۆتكۈلۈپ ھىجرەت قىلمىقى پەرزدۇر ! جان بولسا جاھان دەپ ، شۇ ۋاقىتتا مەن ئاراڭلاردا بولسام شۇ خىل ئىلىملەرنى بايان قىلىمەن . ئەمما مەن بولمىسام ئاللاھ بىرەر ئىلىمگەرنى بېرىدۇ . ھەق ئىلىمگەرلەرنى ھەر بىر مۆئمىن تۇنۇيدۇ . ھالبۇكى ، دەججالنى تۇنىغان مۆئمىننىڭ كۆزى ئىلىمگەرلەرنى ۋە مەريەم ئوغلى ئسانى تۇنىماي قالارمۇ ......؟!!!
ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتى بىلەن توختايمىز : شەيتانغا ( ۋە بۇتلارغا ) چوقۇنۇشتىن يىراق بولغانلارغا ، ئاللاھقا ( ۋە ئۇنىڭ ئىبادىتىگە ) قايتقانلارغا ( جەننەت بىلەن ) خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ ، سۆزگە قۇلاق سېلىپ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگىشىدىغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن ، ئەنە شۇلار ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر ، ئەنە شۇلار ( ساغلام ) ئەقىل ئىگىلىرىدۇر ( 17 - 18 ) زۇمەر

سۇئالنىڭ داۋامىغا قايتىپ كەلسەك ، كاپىرلىقنىڭ دەرىجىسى بولىدۇ . ھەقىقىي ۋايىغا يەتكەن كاپىرلىق شۇكى : ھەققە قارشى ياخشىلىقتىن توسقۇچى ، ھەددىدىن ئاشقۇچى ، ( دىنغا ) شەك كەلتۈرگۈچى ، ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلغۇچى ھەر بىر كاپىرنى دوزاخقا تاشلاڭلار ، ئۇنى قاتتىق ئازابقا تاشلاڭلار >> ( 24 - 26 ) قاف
مانا مۇشۇ تۆت سۈپەت قايسىكى بىر بەندىدە بولىدىكەن ، ئۇنى نەق ئاللاھنىڭ كاپىر بەندىسى ، زېمىننىڭ ئەڭ زور دۈشمىنى دەپ كېسىمىز . ئۇ گەرچە پالانى موللا - ئالىم ئاتالغان تەقدىردىمۇ .... چۈنكى بەزى بىر دىنىي دولقۇنلاردا ياكى جەمىيەتنىڭ دولقۇنلىرىدا ناگاھان بىر كېچىدە بىر موللا مۆئمىنلىكتىن بىراقلا كاپىرلىقتا قالىدىغان ئىشلارمۇ باردۇر ! بۈگۈن جەمىيەتتە تاشقى جەھەتتىن ۋە ئىچكى مۇسۇلمانلىق جەھەتتىن مۇشىنىڭغا چۈشىدىغان ئۇيغۇر ، خەنسۇ ... لاردىن بولۇپ نۇرغۇنلىرى دەلىللىك ۋە ئۈلگىلىك ھاللاردا ۋايىغا يەتكەن كاپىرلىق قىممىتىگە يەتكەنلەر ئىنتايىن كۆپتۇر ....
كىملەردە مانا مۇشۇ خىل تۆت سۈپەتنىڭ بىرى تېپىلىدىكەن ، ئۇنىڭغا ۋايىغا يېتىدىغان كاپىرلىقنىڭ بىر سۈپىتى بولغان بولىدۇ . ھەتتا دىققەت قىلمىسا ئۈچى ۋە تۆتى بىر نۆۋىتىدىلا بەرپا بولۇنۇپ كېتىدۇ دە ، ئۇنىڭ شۇ ھالىتىدە تېپىلغان بالىلارغا دىققەت قىلىنىدۇ . ئۇ ھامان ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى زالىملىققا مايىل چىقىدۇ . ئۇنداق كىشىلەر بۈگۈنكى ۋە كىيىنكى زامانلاردا ھامان كاپىر بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۆزىمىزنى ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزنى ۋە تىلىمىزدىن ، قەلىمىمىزدىن چىقىۋاتقان بايانلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىشىمىز كېرەكتۇر !

بىر نەرسىنى تەستىق قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن يېنىۋالسا ئۇ ئىماندىن يانغان بولمايدۇ بەلكى ھەققە كۇفرىلىق قىلغان بولىدۇ . ئىمان ئالدىدا بايان قىلغاندەك ، ئىشىنىشتىن كەلگەن قىممەتتىن يېنىۋېلىش ھەققە ئارقىنى قىلغۇچى كاپىرلىق  بولىدۇ . مانا مۇشۇ كاپىرلىق ۋايىغا يەتكەن كاپىرلىققا يىتەكلەيدۇ . چۈنكى ئىماندىن يېنىۋالغۇچىنىڭ قەلبى داتلىشىدۇ ، قاساۋەتلىشىدۇ . چۈنكى  ئىمان ھاسىل بولسا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ، نىداسى قەلىبنى قاپلايدۇ . ئەمما قەلىب شۇنىڭدەك نۇرغا قاپلانغاندىن كىيىن كىشى زالىملىقىدىن نۇرنى ئىشتىپ چىقىرىۋاتسا ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ ئورۇنغا جىندىن بولغان شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىسى ماكانلىشىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە شەيتانلار كېڭەيتەلمىگەن قەلىبنى ئالاھىدە ئورۇن قىلىپ زالالەتلىك ئەقىدىلىك تونۇشلارغا قىستايدۇ . ئىماندىن يانغۇچى چاپسانلا شەيتانلارنىڭ ئازدۇرىشىغا سىڭىشىپ كېتىدۇ . شۇڭا ئاللاھ بۇنداقلارغا قارىتا ئۈچ قېتىم پۇرسەت بېرىدۇ . ئەمما يەنىلا كىيىنكى نۆۋەت كاپىرلىقتا زالىملىقتا ئەزۋەيلەيدىكەن ، ئاقىۋەتتە ئاللاھ ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ .
بۈگۈنكى كاپىرلىققا ئورانغۇچىلار دەل ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ۋە ئۇنى قانداق ساقلاشتىن غاپىل بولغان بىلەرمەن موللا - ئالىملارنىڭ شاتىراقلىرىغا تېيىلىپ كەتكەنلەردۇر .
بۇ توغرىسىدا يەنە كىيىنچە باشقا مەزمۇندا توختۇلارمىز .



   ئاللاھنىڭ ئىزنىسز قىل تەۋرىمەيدۇ،ئائىلسى بار ئادەمنى ياخشى كۈرۈش ياكى ئائىلسى بار تۇرۇپ باشقىلارنى ياخشى كۈرۈش مۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەنمۇ

ج : ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ۋە لەنىتى كاپىر ئىبلىس ئاللاھدىن بەزى ئىمتىيازلارنى تەلەپ قىلغاندا شۇنداق پۈتۈشكەن  : ئىبلىس : << ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە ، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى ( ئازدۇرۇپ ) تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىمەن ( يەنى ئۇلارنى خالىغانچە يېتىلەيمەن ) >> دېدى ( 62 ) ئاللاھ ( ئىبلىسقا ) ئېيتتى : << بارغىن ( ساڭا مۇشۇ ئىمتىيازىڭ بىلەن مەلۇم ۋاقىتلىق مۆھلەت بەردىم ) ، ئۇلاردىن ( يەنى ئىنسان ۋە جىنلاردىن ) كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن ، ( جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا ) بېرىلگەن تولۇق جازادۇر ( 63 ) ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادەمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن قوزغاتقىن ، ئاتلىق ۋە پىيادە قۇشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن ، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن ، ئۇلارغا ( يالغان ) ۋەدىلەرنى بەرگىن - شەيتاننىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسى پەقەت ئالدامچىلىقتۇر ( 64 ) شۈبھىسىزكى ، مېنىڭ ( ئىخلاسمەن ) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن ، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يىتەرلىكتۇر >> ( 65 ) بەنى ئىسرائىل ( <<  ئۇيغۇر >> )

ياخشى كۆرۈشمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بولىدۇ . ئەمما ياخشى كۆرسىتىۋېلىش ۋە شۇنىڭدەك گەرچە بۇزۇق يوللار ئارقىلىق ياخشى كۆرسىتىۋېلىنغان بولسىمۇ ، بۇزۇق ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ئەنە شۇنىڭدەك جىندىن ۋە ئىنساندىن بولغان ئازغۇچى ۋە ئازدۇرغۇچى بولغان شەيتانلارنىڭ پاساتىدىن بولىدۇ . گەرچە قايسى بىر ئەر ياكى ئايال ئاللاھقا تەقۋالىق قىلغان ۋە تەۋەككۇل قىلغان ھاللاردا ھەممىنى قىلسا ئاللاھ قىلىدۇ ، نېمىنى قىلمايدىكەن ئاللاھ قىلمايدۇ دەپ ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىپلا ئىشىپ تۇرىۋالىسىكەن ، ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتى سەۋىر قىلغان ۋە ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەرگە بولىدۇ . بەزىدە شەيتاننىڭ قولى ئارقىلىقمۇ ئاللاھ بەزى بەندىلىرىگە بەزى ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىپ ھىدايەتكە چىقىرىۋېتىدۇ . شۇڭا ھەر ۋاقىت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدىن چەتنەپ چىقىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك !!!

داۋامى بار !
              

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 13:09:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                 ( 17 )


6.سۇلايمان ئەلەيھىسالام قسسەسىدىكى:سۇلايمان مەسچىدىنى جىنلارغا ياستىش،ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسالامنىڭ ھاسسغا تايىنىپ تۇرغان چاغدا ۋاپات تاپقانلىقى،ئەمما جىنلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى كىشىنىڭ(سۇلايماننىڭ) ئۆلگەنلىكىدىن ئىبارەت «يېقندىكى» غەيىپتىن بىخەۋەر ئىشلەۋەرگەنلىكى،ئاخىرى قۇرت ھاسسىنى يەپ سۇندۇرۋەتكەندە،جەسەتنىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىدىنلا جىنلارنىڭ ئاندىن سۇلايماننىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىنى بىلىپ،قاچقانلىقىدەك بايانلار بار.
مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ : پالچى رەمباللار توغىرلىق سۆزلەنگەن ھەدىستە،ساھابىلارنىڭ:«پالچىلارنىڭ بەزى سۆزلىرى راسىت چىقىپ قالىدىغۇ؟»دىگەن سۈزىگە،پالچىلارنىڭ جىندىن بولغان دوستلىر بىر راستقا مىڭ يالغاننى قۇشۇپ سۆزلەيدۇ دىگەنلىكى بايان قىلىنغان.  
ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم:سۇلايمان زامانىدىكى جىنلار «يېقىندىكى»كىشىنىڭ (سۇلايماننىڭ )ئۆلگەنلىكىدىن ئىبارەت غەيپىنى بىلمەيدۇ ،ئەمما  يۇقارقى ھەدىستە بولسا پالچىلارنىڭ جىندىن بولغان دوستلىرى ئازراق بولسىمۇ«بىر راست»نى(غەيپنى) بىلۋالىدىكەن.بۇ ئىككى خىل باياندىن ،جىنلارنىڭ سۇلايمان زامانىدا غەيپ خەۋەرلىرىنى ئاڭلاش(ئاسمانغا چىقىش)ئىمتىيازى بىلەن مۇھەممەت ئەلەيھىسالام زامانىدىكى ئىمتىيازىدا پەرىق بارلىقى چىقامدۇ قانداق؟   
بۇ سۇئالىم قارىماققا جىنلار توغىرسىدا بولسىمۇ...ئەمما سىھىرىگەرلىكىنىڭ ھەممسىنىڭ جىن بىلەن ئالاقىسى باردەكلا بىلىندۇ ماڭا..شۇڭا سورىدىم.


ج : ئاللاھتائالاھ جىن سۈرىسىدە جىنلارنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېيتقان سۆزىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دىيىش ئارقىلىق جىنلارنىڭ قۇرئان نازىل بولغاندىن كىيىنكى ئىمتىيازىنى ئېيتىدۇ : << بىز ( ئاسمان ئەھلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ) ئاسمانغا ( چىقىشنى ) تىلىدۇق ، ئاسماننىڭ كۈچلۈك مۇھاپىزەتچىلەر بىلەن ۋە ( كۆيدۈرگۈچى ) يۇلتۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدۇق ( 8 ) ( شۇ بايقاشتىن خەۋەركى ، بىزنىڭ ئەمدى ئىلگىركىدەك ئىمتىيازىمىز يوق بولدىكى ) بىز ھەمىشە ئاسماننىڭ ئولتۇرۇشقا بولىدىغان جايلىرىدا ( پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىنىدىغان ئورۇندا ئۇلارنىڭ زېمىننىڭ كىيىنكى ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا ئېيتىلىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن )  ئولتۇراتتۇق ، كىمكى ئەمدى ( ئوغۇرلۇقچە ) ئاڭلاشقا ئۇرىنىدىكەن ، ئۇنى كۈزىتىپ تۇرغان كۆيدۈرگۈچى يۇلتۇزلارنى بايقايدۇ ( 9 ) بىز ( جىنلار جامائەسى شۇنىڭدىن كىيىن ) زېمىندىكىلەرگە يامانلىق ئىرادە قىلىندىمۇ ياكى پەرۋەردىگارى ئۇلارغا ياخشىلىق ئىرادە قىلدىمۇ ؟ بىلمەيمىز ( 10 ) سۈرە جىن
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << پەرىشتىلەر بۇلۇتقا چۈشۈپ ، ئاسماندا ھۆكۈم قىلىنغان ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ ، شەيتان ئوغرىلىقچە ئاڭلاپ ئۇنىڭغا 100 يالغاننى قوشۇپ كاھىنلارغا دەپ بېرىدۇ >>
ئاللاھتائالاھ يەنە شۇنداق دەيدۇ : ئاللاھ پەرىشتىلەردىنمۇ ، ئىنسانلاردىنمۇ ( خالىغان ئىلىمنى خالىغان رەۋىشتە خالىغان بەندىلىرىگە يەتكۈزۈش ، بىلدۈرۈش ئۈچۈن ) ئەلچىلەرنى تاللايدۇ ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر ( 75 ) ھەج
بۇ ئايەت ۋە ھەدىسنى كىرىشتۈرگەندە جىنلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئەگەشكۈچى بەندىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . چۈنكى جىنلاردا تەپەككۇر يوق . تەپەككۇر بولمىغان كىشىلەردە ئاللاھنىڭ شەبرى قەدىر كېچىسى پۈتكەن بىر يىل ياكى بىر قانچە يىللىق تەقدىرلەرنى بىلىشكە ئىقتىدارى يەتمەيدۇ . ئەمما جىنلارنىڭ ، بولۇپمۇ شەھۋەتكە ئەگەشكۈچى جىنلارنىڭ بىر تەرىپى ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن ئالاھىدە كۆرسىتىش ئۈچۈن پەخىر ھىس قىلىشلىرى ئارقىلىق باشقىلار تەرىپىدىن ئارتۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن جەمىيەتتە يېڭىچە ئىلىملەرنىڭ باشلىنىش تەرىپىدىكى نوقتىسىغا ئالدىن يېتىشكە تىرىشىدۇ ۋە شۇ يەردىن ئاڭلىغان يېڭىچە ئىلىملەرنى ئەتىراپىدىكىلەرگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش ۋە باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئالاھىدە باھالارغا ئېرىشىش ئۈچۈن يۇقىرىلىقنى تىلىشىدۇ . ئاللاھ ئەنە شۇ قىممىتىگە قارىتا ئىنسان ۋە پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئېيتىلىدىغان ، يېزىلىدىغان يېڭىچە ئىلىملەرگە شۇلارنىڭ بەزىسىنى مۇلاقات قىلىش ئارقىلىق خالىغان ئىلىملەرنى زېمىندا يايىدۇ . ئەنە شۇ توغرا ئىلىملەرنى يايدۇرۇشتا شۇنىڭدەك پەرىشتىلەردىن ۋە ئىنسانلاردىن خالىغان بەندىلەرگە ئۆزى خالىغان ئىلىملەرنى بىلدۈرىدۇ .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ : << يەرگە بىر نەرسىلەرنى جىجاپ ، غەيىبتىن ( يەنى ئالدىن پۈتۈلگەن ئەمما تېخى ۋۇجۇتقا چىقمىغان كەلگۈسىدىن ) خەۋەر بېرىش ، يامان پال ئېلىش ۋە قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن ياخشى - يامان پال ئېلىش بۇتپەرەسلىكتۇر >>
ئاللاھتائالاھ مۇنداق دەيدۇ : ( قۇرئاندا ئاللاھ تەرىپىدىن ) ئالدىنئالا بىرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار ، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر ( 67 ) ئەنئام
رۇسۇللاھ شۇنداق دەيدۇ : << ھەقىقەتەن سىلەردىن ئىلگىركى ئۈممەتلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتائالا كۆڭلىگە سېلىش بىلەن سۆزلەيدىغان كىشىلەر بار ئىدى . ئەگەر مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىچىدە بىرەر ئادەم مۇشۇنداق بولسا ، ئۇ شەكسىز ئۆمەردۇر >> . (  ئۆمەر ئەينى ۋاقىتتا ئابۇبەكرىنىڭ زاكات بەرمىگەن مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئۇرۇش قىلغىنىدا ، بۇ ئۇرۇشنى ئاللاھ ئابۇبەكرىنىڭ دىلىغا ساپتۇ دېگەن ! شۇنىڭدەك ، ئاللاھ بەزى بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە كۈچلۈك ئىلھاملارنى ۋە ھېچ ئىنساننىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ، ئىلگىركىلەر پەقەت قىياس قىلىپ خاتالىق ئۈستىدە بولۇپ قالغان ، ئەمما توغرا جاۋابىنى خالىغان ۋاقىتتا چىقىرىشنى خالىغان ئىلىملەرنى ئاللاھ ئۆز نۆۋىتىدە چىرىشقىمۇ ھەم قادىردۇر ! )
ئاللاھ يەنە شۇنداق دەيدۇكى : ئاللاھ غەيىبنى بىلگۈچىدۇر ، ئۆزىنىڭ ( ئەڭ يۇشۇرۇن بولغان ) غەيبىدىن ھېچبىر ئادەمنى خەۋەردار قىلمايدۇ ( 26 ) پەقەت ئاللاھ ئۆزى مەمنۇن بولغان پەيغەمبىرىگىلا ( بەزى غەيىبنى بىلدۈرىدۇ ) ، ئۇنىڭ ئالدىغا ۋە ئارقىسىغا كۆزەتچى ( پەرىشتە ) سېلىپ قويىدۇ ( 27 ) ( ئۇنىڭ ئارقىسىغا كۈزەتچى سېلىپ قويۇشى ) ئۇنىڭ ( ئۇ ئارقىلىق ئاسماندىكى پەرىشتىلەرنىڭ شۇنىڭدەك ئىلىملەرنى يەنى ) ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرىشى ئۈچۈندۇر . ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆز - ھەركەتلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر ، ھەر شەيئىنىڭ سانىنى تولۇق ئىگەللىگۈچىدۇر >> ( 28 ) جىن
بۇ ئايەتلەر ۋە ھەدىسنى كىرىشتۈرگىنىمىزدە ۋە رۇسۇللاھنىڭ ئۆز ۋاقتىدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئاسمانغا ئۆرلىگەن ۋە جىبرىئىلنىڭ ئاسماننىڭ ئىشىكى ئالدىدا دىيىشكەن سۆزلىرىدىكى - يېنىڭدىكى كىم ؟ - پەيغەمبەر مۇھەممەد . - ئۇ دۇنياغا كەلدىمۇ ؟ - شۇنداق ؟ ........ دېيىلگەنكى نوقتىلاردىن پەرىشتىلەرنىڭ بەزى ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغان ئىلىملىرىنى زېمىندىن ئالىدىغانلىقىدەك ئورۇنلاشتۇرىشى باردۇر . ئەنە شۇ ئورۇنلارشتۇرۇشتىن بەزى ئىنساندىن بولغان بەندىسىگىلا بەزى يۇچۇن غەيىبلەرنى بىلدۈرىدىغانلىقى ، ئاندىن شۇ ئىلىمنى پەرىشىتىلەرنىڭ ئاسمانغا ئۆرلەپ باشقىلارغا تارقىتىدىغانلىقى ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇلۇت ئۈستىدە چۈشۈپ پاراڭلاشقاندىكى بىر ئۇچىرىشىشىدىن بەزى جىنلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە ئاڭلايدىغانلىقى چىقىدۇ . ئەمما ئايەتتە تەرجىمىدىكى ئۇنىڭ يەتكۈزگەنلىكىنى ئاللاھنىڭ بىلىپ تۇرىشى ئۈچۈن دەپ قىستۇرۇپ قويۇشى ئاللاھقا قىلىنغان تۆھمەت . بارلىق ئالاىمىنىڭ ھەر بىر نىداسىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ ئالاھىدە كۆز تىكىپ تۇرىدىغان بەندىسىنىڭ ئىشلىرىنى پەرىشتىلەردىن بىلىپ تۇرىشى ئۈچۈن دەپ قىستۇرۇپ قويۇش ئاللاھنىڭ سۈپىتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويىدۇ ۋە بۇ قىستۇرما ھېچ ئەقىلگە ، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەقىدە << جارت ! >>
ئايەتتىن يەنە شۇنداق مەزمۇنلار چىقىدۇكى ، يەرگە شەيئىلەرنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن جىجىش رۇسۇللاھ ئېيتقاندەك بۇتپەرەسلىكتۇر . ئەمما قۇرئان تاكى ئىنسانىيەت ئالىمى ئاياغلىشىپ تاكى مەھشەر كۈنىگىچە ھەم جەننەت - دوزاختىكى ئىشلارغىچە ھەممىنى تولۇق رەۋىشتە بايان قىلىدۇ . ئاللاھ قۇرئاننى ئەنە شۇ ھېكمەت بۇيىچە نازىل قىلغان . شۇڭا قۇرئان تەرەپلىك زامان - ماكاننىڭ ۋە ئۆز نۆۋىتىدىكى توغرا - خاتا - ياخشى - يامان كىشىلەر ، بارلىق دىن ۋە دىنلار ئارىسىدىكى پىرقىلەرنى تېپىشتا توغرا لىنىيە قىلىش ھېچ بىر بۇتپەرەسلىك ئەمەس . بۇ ئىلىملەرنى خالىغان كىشىلەرگە بىلدۈرىدۇ . ئاللاھ ھېچ بىر بەندىسىگە بىلدۈرمەيدىغان بەش غەيىبنىڭ ئىچىگە بۇ ئىزدىنىش كىرمەيدۇ . يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ . ئەمما ئۇنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى ، قانداق كىشىلەرنىڭ ، قايسى زېمىننىڭ ئۈستىگە كېلىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرەلەيدۇ . بۇ لىنىيەنى بويلاپ ئالغا چاپە !!! يامغۇرنىڭ قاچان ياغىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ . ئەمما ئۇنىڭ قايسى زېمىنغا ياغىدىغانلىقى ۋە بۇلۇتلارنىڭ يۆلۈنىشىدىكى ئىلىم ھاسىلاتلارنى بىلىش ئۈچۈن ئالغا چاپ !!! قورساقتىكى بالىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ . يەنى تۇغۇلغىچە ئۆلەمدۇ - ئۆلتۈرەمدۇ ؟ ساق تۇغۇلامدۇ - مېيىپمۇ ؟ بۇنىڭغا پەقەت ياخشى - يامان پال ئالالايدۇ خالاس ! كىشى ئۆزىنىڭ شۇ يىلى ئۆلىدىغانلىقىنى ۋە ھەتتا قايسى كۈنى ئۆلىدىغانلىقىنى بىلەلىگەن ، سەزگەن تەقدىردىمۇ ، ئەمما قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ . ئەمما ئۆزى ياقتۇرغان يەرنى خۇددى رۇسۇللاھدەك ئۈمىد قىلالايدۇ . ( بۇ توغرىسىدىكى ئىلىملەرنى كىيىنچە ئەتىراپلىك يېزىشقا تىرىشىمىز ، ئاللاھ خالىسا ! ) يەنە بىرى ئەتە نېمە ئىش يۈز بىرىدىغانلىقىنى ھېچ كىشى بىلمەيدۇ . ئەمما كىيىنكى ئۆزگىرىشلەرنى توغرا تەھلىل قىلالايدۇ . مانا بۇ بەش ئىنساننىڭ قۇۋۋىتى يەتمەيدىغان تەرەپلىك قورغاندىن باشقا ھەممە تەپەككۇر قىلىشقا تىگىشلىك يوللاردۇر ، ئىلىملەردۇر ! ئى موللا - ئالىم ، ئۆزەڭنىڭ ۋە ئۆز قەۋمىڭنىڭ تەپەككۇر قىلىش يوللىرىنى قويىۋەت ! نېمە قىلىسە ، ئۆزەڭگە زالىملىقنى تىلەپ ؟ كىيىن شۇنداق كىشىلەر ئىش ئۈستىلىككە ھەقىقىي رەۋىشتە چىقىدۇكى ، خۇددى ساددام ھۈسەيىندەك مۇستەبىت بۇزغۇنچى ئۇنسۇرلار ھاكىمىيىتىنى قۇرغۇچىلىرى .... بۇلار دىنغا شەك كەلتۈرىدۇ . قىلمىشلىرىدا ھەددىدىن ئاشىدۇ . كىشىلەرنىڭ ئۆز زامانىي ۋە ئاللاھنىڭ زامانىغا ئۇلىشىش جەريانىدىكى قىممىتىگە قارىتا  ھەققە قارىتا ياخشىلىقتىن ھەم توسىدۇ . ئاللاھقا باشقا مەبۇدنى شېرىك قىلىدۇ . مانا بۇ تۆت سۈپەتكە قايسىكى مۇستەبىت موللا - ئالىم ، سىياسىئۇن نەق چۈشىدىكەن ، ئەنە شۇلارنىڭ بېشىغا ھامان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ ھاكىمىتىنىڭ ئاياغلىشىدىنىغىنىدەك قىيامەتنىڭ كېلىدىغانلىقى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان . كىيىن مەريەم ئوغلى ئىسا ئەنە شۇ ھاكىمىيەتنىڭ بەربات بولىدىغانلىقىغا ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ . تىرىكلا بولساق شۇ كۈننى كۆرىمىز ، ئۆلمىگىنىمىز !!!
گىپىمىزگە كەلسەك ، جىنلار شۇنىڭدەك يۇشۇرۇن ئىشلاردىن بىخەۋەردۇر . يۇشۇرۇن ئىشلارنى بىلىش تەپەككۇرغا خاس . تەپەككۇرسىز ھالدا جىنلارغا چوقۇنىدىغانلار ، يەنى ئۆزلىرىنى جىنلارغا وخشاش تەپەككۇرسىز قويغۇچىلار شۇنىڭدەك يۇچۇن ئىلىملار ئۈستىدە دەتالاش قىلىشمىسۇن . ئەنە شۇ دەتالىشىشى ئاقىۋەتتە ئۇلارنى زالىم قىلىپ قويىدۇ . ھەممە تاقىتى يېتىدىغان ئىش ئۈستىدە توختالسۇن ! ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلمىسۇن !
جىنكەشلەرنىڭ بەزى تەرەپلىرى جىنلارنىڭ راستىنلا غەيىبلەرنى بىلىدىغانلىقىدەك تۇيغۇغا قىستاپ قويىدۇ . ئاللاھ خالىسا بۇ تەرەپلىك ئىلىملەرنى ھەم بايان قىلىپ ئۆتىمىز .

داۋامى بار !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 14:18:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                                       ( 18 )



پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : << كىمكى يۇلتۇزغا قاراپ پال ئېلىشتىن ئىبارەت مۇنەججىملىكتىن بىر نەرسە ئۆگەنسە سېھىرگەرلىكتىن بىر شاخچە ئۆگەنگەن بولىدۇ . مۇنەججىملىكىنى قانچە ئۆگەنسە ئۇنىڭ سېھىرگەرلىكىمۇ ئېشىپ بارىدۇ >>
رۇسۇللاھ كېلىشتىن ئىلگىرىلا قاراڭغۇلۇقتا ، يەنى دىندىن ۋە تەقدىردىن ئىبارەت روھىيەت ئالىمىگە قارىتا ئىلىم بىر مىللەتنى ياكى بىر قەۋمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىۋالغان بىر ۋاقىتتا چوقۇمكى ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن ئاللاھ ئېيتقاندەك ، ئۇلار يۇلتۇزلار ئارقىلىق يول ئىزدەپ دىن ۋە تەقدىر توغرىسىدىكى ئىلىمگە قارىتا ئىشەنچكە ئېرىشىشى كېرەك بولىدۇ . ئەقىل ئىگىسىنى ئالدى بىلەن دىنغا باغلايدىغان نەرسە چوقۇمكى تەقدىردۇر ۋە غەيرىي ئېلمىنت بولغان سېھىر ئىلمىسىدۇر . ئىنسان ئاللاھنىڭ تەقدىرىدىن قانچىكى ئىچكىرى كىرىپ ئۇنىڭ ھېكمەتلىرىنى چۈشەنگەنسېرى ئۇنىڭ دىنغا بولغان ۋە بىر ياراتقۇچىغا بولغان چۈشەنچىسى شۇنچە يۇقىرىلىشىپ بارىدۇ . تەقدىرگە ئىشەنمىگەن كىشىلەر ياراتقۇچىنىڭ ئەزەللىي پۈتىۋەتكەن ھەق ئىلىمدىن ئىبارەت ئىسلامىنى چۈشەنمەيدۇ . چۈنكى تەقدىر شۇ شەيئىنىڭ ئەسلى پۈتىۋەتكەن ئەسلى قىممىتى بولۇپ ، ئىزدەنگۈچى مەيلى شۇ بىر شەيئىنىڭ ھەقىقىتىگە يېتىش ئۈچۈن قايسىكى بىر قارشى ئەمەللەرنى ئىشلىسۇن ، ئۇ ھەرگىزمۇ توغرا چىقمايدۇ . ئەنە شۇ توغرا چىقمىغانلىق ئىزدەنگۈچىلەرنى تېخىمۇ تىرىشىشقا ، ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى قېزىشقا ئىنتىلىدۇ . ئاقىۋەتتە ھەر بىر شەيئىنىڭ توغرا جاۋابى ئاشكارلانغاندا بولسا ، كىشى تەبىئىيلا ھەققە مايىللىشىدۇ . ئول كىشى قانچىكى ھەققە مايىللاشسا ئۇنىڭ ئىسلامىي قىممىتى شۇنچە يۇقىرىلىشىپ بارىدۇ . كىملەركى ھەقتىن قانچىكى ئاداشسا ، ئىسلامدىن شۇنچە ئاداشقان ، يىراقلاشقان بولىدۇ . ئىنسانلار ئارا دىنىي يوللار ئىنتايىن كۆپتۇر . ھەر بىر دىندا ھەم شۇنچە بىر - بىرلىرىگە ئوخشاشمايدىغان سۈپەتتىكى پىرقىلەر كۆپتۇر .
دىندا زورلاش يوقتۇر . ھەقىقەت ئاشكارىدۇر ، ھەققە قارشى يالغانمۇ ئاشكارىدۇر . كىملەركى ئىسلامغا يۈزلىنىدىكەن ، ئۇ توغرا يول ئىزلىگەن بولىدۇ . ئەمما ھازىر جەمىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق ، پىتنە - پاساتقا ، بۇزۇق ئەقىدىلەرگە بېرىلىپ كېتىۋاتقان ياتلار ئەمەس بەلكى ئۆزلىرىنى ئىسلامدا ۋە توغرا دىندا ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى دىيىشىۋاتقان مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا ئىنتايىن كۆپتۇر . بۇ نېمە ئۈچۈن ؟ دەل شۇ كىشىلەرنىڭ دىننى ۋە ئىسلامنى چۈشەنمەستىن ۋە باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ، تاپا - تەنىسىگە ، ئاتا - ئانىسىنىڭ تىل - دەشنىمىغا قالماسلىق ئۈچۈن ۋە ياكى باشقىلارغا قاراپ ھەۋەس ئۈچۈن ئۈچۈن مۇسۇلمان بولىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكى ۋە ئۇلارنى چالا موللىلارنىڭ << ۋاي سىلەر مۆئمىن بولماي ئەمىسە كىم مۆئمىن بولماقچىتى ؟ !!! >> دەپ جەمىيەتتە بەزى مەلۇم مەقسىتىگە يەتمەك ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كۈچىدىن ، ئۇلارنىڭ كۆپلىكىدىن پايدىلانماق ئۈچۈن ۋەز ئېيتىپ ئىش ئۈستىدىكىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىشىدىن بولىۋاتقان ئىشلاردۇر . ئاللاھ پۈتۈن بىر مىللەتنى ياكى پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارنى دىن ئۈستىگىلا ، ياكى توغرا دىنغا قارىتا مەجبۇرى ياراتقان ئەمەس . بەلكى ئىختىيارى ياراتقاندۇ - يەنى تاللاش ئىختىيارلىقى ئۈستىدە قىلىپ ياراتقاندۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن دىندا زورلاش يوق ۋە دىندىن سىرت كىشىلەرنى كەمسىتىش يوق . كىملەركى بۇ خىل سۈپەتتە دىنىي تونغا كىرىۋېلىپ ۋەز ئېيتىدىكەن ، ئۇ خۇدالىق دەۋاسى قىلغۇچى دەججالدۇر . چۈنكى ئاللاھ ئەسلى ئىرادە قىلمىغان قورغاننى كۆتۈرۈپ چىقىش ۋە ئۇنى تەشۋىق قىلىش ئەڭ چوڭ پىتنىدۇر ۋە ئەڭ چوڭ بىدئەتتۇر - يەنى ھەققە قارشى يالغان - يا پەداق نەرسىلەردۇر ، كۆز بويامچىلىقتۇر ! كىملەركى قۇرئاندىن چەتنەيدىكەن ، ئۇنىڭ ئازغىنى ئازغاندۇر ۋە ئازدۇرغىنى ئازدۇرغاندۇر . ئاللاھ بۇ توغرىسىدا شۇنداق ئېيتىدۇ : ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى ، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ( ھەقنى ، ئۆز كالامىدىن خەۋەردار قىلىپ ) ئاڭلىتاتتى ؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرىگەن ھالدا باش تارتاتتى ( 23 ) ئەنفال
ئاللاھ ھېچ كىشىنى ئۆزىگە قارشى ۋە ئۆزىگە قارشىلىق قىلغۇچى كاپىر قىلىپ ياراتقان ئەمەس ۋە ھېچ بىر بەندىسىنىڭ ئۆزىگە كاپىر بولىشىنى تىلىگەنمۇ ئەمەس ۋە كاپىر بولىشىغا قىستىغانمۇ ئەمەس . ئەمما << قايسى بىر قەۋم ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتمىگۈچە ، ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ >> دېگەنكى ئەزەللىي ھۆكمىسىگە قارىتا بەندىلىرىنىڭ مەيلى ياخشى - يامان بولىشى ، تەقۋادار ياكى فاجىر بولىشى ، مۆئمىن ياكى كاپىر بولىشىنى ھەممىلەرگە ئىختىيارلىق بەرگەندۇر . ھەر بىر بەندە مەھشەر كۈنىدىكى ھەر بىر ئورنى - قىممەتلىرىنى مۇشۇ دۇنيادا ئۆزلىرى ئۆز تىللىرى ، ئۆز نىيەت - ئىقباللىرى ، تىرىشىش نەتىجىسى بىلەن رازىلىق ئىچىدە تىلىگەندۇر . ئاللاھنىڭ شۇنىڭدەك ئەزەللىي ھۆكمىسى پۈتۈلۈپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا بەندە ئاللاھنىڭ شۇنىڭدەك ئەسلى قورغانى مەيدانىي دىنىدىن ، يولىدىن چىقىپ كېتىپ ، ھەمدە ئەقلى - تەپەككۇرى ئارقىلىق توغرىلىقنى ئىزدىمەستىن نەپسىگە ، شەھۋىتىگە بېرىلىپ كىتىش بەدىلىگە دۇنيالىقنى تىلىگەن بولۇپ ، ئاقىۋەتتە ئىنسانىي قىممىتىگە ئاسىيلىق قىلىش ۋە ئۆز رەببىنىڭ شۇنچە نېمىتىگە ، ھەتتا مۇسۇلمان ئۈممىتى ئىچىدىن چىقارغان ۋە ئەقلىنى ، روھىيىتىنى ھەمدە تېنىنى پاك قىلىپ جىمى مىللەت ۋە دىندىكىلەردىن پاك ئۈستۈنلۈكتە ياراتقانلىقىدەك نېمىتىگە كۇفرىلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىش بەدىلىگە ئاقىۋەتتە ھېچ ئۆزرىسىز ھاللاردا ھەقلىق رەۋىشتە دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشتەك ئەھۋاللاردا قالغۇسىدۇر . مانا بۇلار ھايۋانغا قاراپ يول ئالغان كۇپپار ۋە كۇپپار يارىتىلغان ئادىمىي ھايۋانلارنىڭ تۇرقىغا قاراپ ، ئەسلى شۇلارغا ئۈلگە بولسۇن ئۈچۈن يارىتىلغان ئىنسانىي قىممىتىنى مۇكەممەل ياراتقان ھالدا زېمىندىكىلەرنىڭ خەلىپىسى قىلىپ ياراتسا ، ئۆزىدىن يۇقىرىدىكىلەردىن ئۈلگە ئېلىپ شۇ خىل تۆۋەندىكىلەردىن ئىبرەت ئالماستىن ئۇلارغا بېرىلىپ نەپسىنىڭ خۇشلىقىغا بېرىلىپ كېتىشتەك ئەھۋال ئاستىدا ئۆزلىرىگە ھايۋانلىقنى تىلىگەنلىكنىڭ ئاقىۋېتى !!!
ئۆز ۋاقتىدا يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك دەرىجىدە موللا - ئالىملىرى بار ئىدى . ئەمما ئۇلارغا بېرىلگەن ئامانەت بولسا كىبىرلىك قىلماسلىق ، ئۆز - ئارا ھەسەت قىلىشماسلىق ۋە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن كىتاب ئىلمىلىرىنى توغرا رەۋىشتە يەتكۈزۈش ئىدى . ئەمما ئۇلار ئاقىۋەتتە موللا ئىبلىسنىڭ كىيىنكى ئەگەشكۈچىلىرى قاتارىدىن كىيىنكى ئىز باسار << ئادەم >> لەرگە ئىقتىدا قىلىپ << سەجدە >> قىلمىغانلىق تۈپەيلى خۇددى ئىبلىسقا قىلىنغاندەك لەنەت قىلىندى . مانا بۇ ئىسلام دىنى بىلەن ۋە ئاللاھ بىلەن ئۆز ئارا ۋەدىلىشىشنى ئۇيۇن قىلىۋالغانلىقنىڭ ، كىشىلەرنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ ، ئاز بولمىغان كىيىنكى جەننەتنىڭ پايدىسىدىن قايتۇرۇپ زىيانكارلىق ئۈستىدە قىلىپ قويغانلىقىنىڭ ئاقىۋېتىدۇر . مانا بۇ خىل تەقدىرلەرگە ، ئاقىۋەتلەرگە ئىشەنمەيدىغان بۈگۈنىمىزدىكى شۇنىڭدەك چالا موللىلار ئۇلارنىڭ ھەم ئەگەشكۈچىلىرى بولۇشۇپ يېتىلىشتى ۋە داۋاملىق ھەردەم ئۇلۇشۇپ يېتىلىشىۋاتماقتا ! ( ئى قەۋمىم ! ئىبرەت ئالغۇچىلار بارمۇ ؟ ) مەنە شۇ موللىلارمۇ قېرىندىشى موللا ئىبلىسنىڭ كىبىرلىك ۋە ھەسەت جەھەتتىن لەنىتى بولۇپ كەتكەنلىكى ئۈستىدە ۋەز ئېيتاتتى . باشقىلارنى ئۇنىڭغا ئوخشاپ قېلىشتىن تۇساتتى ۋە ھەزەر قىلىشقا ئۈندەيتتى . ھالبۇكى ئۆز نكۋىتىدە قېرىندىشى ئىبلىسمۇ ھەم كىبىرنىڭ ۋە ھەسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك ئاقىۋەتتە قايسى ھالغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . ئەنە شۇنىڭدەك ، كىيىنكى ئىبلىسلارمۇ كىبىرنىڭ ۋە ھەسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سۆزلەۋاتسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ھىس قىلىشالماي ئاقىۋەتتە ئىلگىركى تەقدىر قايتىلاندى . ھەم يەنە شۇنىڭدەك تېراگىدىيە بۈگۈنمۇ ۋە بۇندىن كىيىنمۇ يەنە قايتىلانغۇسى !
مەنمۇ ئىلگىرى كىبىرنىڭ ۋە ھەسەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي رەۋىشتە بىلمەيتتىم . تاكى ئىسلامغا كىرىپ ھەقنى چۈشەنگۈچە ! مەن پەقەت شۇنىڭدەك ئاغىينىلىرىمغا قارىتا مىجەزى سەل غەلىتىلىكلا ھىس قىلاتتىم . پەقەت مەنمەنچىلىكى كۈچلۈك دەپلا ئادەتتىكىدەك كۆزدە قارايتتىم . ئەمما كىيىن بىلسەم ئۇ خىل خارەكتېر مۇتەكەببىرلىكنىڭ ئۆزى ئىكەن . كىيىن بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى ھىس قىلدىم ۋە رەببىمگە مېنى ئىسلامغا سېلىشتىن ئىلگىرى بەزى شۇنىڭدەك ئاغىينىلىرىمدىن ۋە بەزى ھەسىتى ئىنتايىن كۈچلۈك ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمدىن نېمە ئۈچۈن ئايرىۋەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ چۈشەندىم . ئۇ ۋاقىتلاردا رەببىمنىڭ ھەر بەندىسىگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ھەر تەقدىر - قىسمەتلەرنى يارىتىدىغانلىقىنى چۈشەنمىگەچكە ، شۇلار بىلەن قايتا يارىشىۋېلىشنى ئۈمىتمۇ قىلغان ئىدىم . ئەمما كىيىنكى تۇنۇشۇم ئاللاھنىڭ بۇ رەھمىتىگە شۈكرى ئېيتىشىمغا قىستىدى . ئاللاھنىڭ ئەنە شۇ ئىرادىسىگە ۋە پەزلىگە ئىمان ئېيتقانلىقىم سەۋەبىدىنمۇ ئاقىۋەتتە گاڭسا - موسامۇ بولۇپ كەتتىم . ئەنە شۇ ئىمانىم مېنىڭ بۈگۈنكى ئادىمىيلىك ۋە ئىنسانىيلىق ئىمتىيازىمغا تۈرتكە بولدى . چۈنكى ماڭا نېمىلەر ئىرادە قىلىنمىسۇن << رەببىم ! >> دەپلا خۇشلۇق ئىچىدە ( بەزىدە ئۇنىڭغا ماڭا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساممۇ ، ئەمما يەتكەن قىسىنچىلىقلارغا قارىتا چىداپ بولالماستىن ئىسيان قىلىپ كەتكىنىمدىن سىرت ) رازىلىق بەردىم . ئەنە شۇ تەقۋالىق ئىچىدىكى تەۋەككۇلۇم ئاقىۋەتتە ھەر بىر بەندىلىرىنىڭ ئۆز رەببىدىن دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن نېمىلەرنى ، قانچىلىك تىلەيدىكەن ، ئول كىشى چوقۇم ئۆز نۆۋىتىدە  شۇنچىلىك رەۋىشتە بەدەل تۆلەيدىغانلىقىدەك مەجبۇرىيەتنى چۈشەندىم . مانا بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئىجرا قىلىۋاتقاچ بۇ لىنىيەگە دىنىي ۋە ئىسلامىي ، ئادىمىي ۋە ئىنسانىي جەھەتلەردىكى ھەر بىر زامانىغا يەتمەككە قارىتا ئول كىشىدە نېمىلەرنىڭ ئاۋۋال ھاسىل قىلىنىشى ، ئاندىن بۇ لىنىيەگە ئات سېلىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تۇنۇپ كەتتىم . بۇ تۇنۇشۇمدىن كىيىن ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن دىندا زورلاش يوق دېگەنكى خىتابىنى چۈشىنىپ كەتتىم ھەمدە ئاللاھنىڭ ھېچ كىشىگە تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارنى تەكلىپ قىلمايدىغانلىقىدەك پەزىلىتىنى ، رەھمىتى ، مېھرىبانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتتىم . ئەمما كىملەركى تاقىتى يېتىدىغان ئىشلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە پە باشقىلارغا پايدىلىق يېتىدىغان ئىش - ھەركەتلەرنى ، ئەمەللەرنى قىلمايدىكەن ، ئەنە شۇلار ئۆزلىرىگە ئىنتايىن زۇلۇم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئەنە شۇ تاقىتى يېتىدىغان ئەمەللەر توغرىسىدا ئىشلىگەن - ئىشلىمىگەن ئەمەللىرىگە قارىتا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندىم . مەن ھەم شۇنداق دەيمەنكى ، ئى ئىنسان ! ئاللاھ سېنىڭ بايلىقىڭغا ، ياكى نامراتلىقىڭغا ، ئالىملىقىڭغا ۋە ياكى نادانلىقىڭغا ، سەت ياكى چىرايلىقىڭغا ، چوڭ ياكى كىچىكلىكىڭگە ، كەيگەن تون ياكى جەندەڭگە قارىمايدۇ ، بەلكى سېنىڭ شۇلارغا ئۆز نۆۋىتىدە شۈكرىلىك قىلدىڭمۇ ياكى كۇفرىلىقمۇ ، شۇلار ئارقىلىق نېمىلەرنى قىلغىنىڭغا قارايدۇ . شۇنىڭدەك ، ھەر بىر بەندىلەرگە ھەر بىرلىرىنىڭ تىگىشلىك رەۋىشتە بېرىلگەن سۈپەتدارلىقى ، ھاياتلىقتىكى بارلىق ئىمتىيازى ئۈستىدە تىگىشلىق خۇسۇسىيىتى ، ئەسلى قىممىتى ۋە قولىغا ئالغان ئامانىتى بار بولۇپ ، بۇلار ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقىتتىلا سېنىڭ نەپسىڭنى يىتەكلىگۈچى روھىيىتىڭگە تۈگەللەنگەن بولۇپ ، سەن شۇنى تاپىسەن ۋە تېپىشقا ئۇرىنىسەن . ھەمدە شۇ قولۇڭدىكى ، ئۆزەڭدىكى نىسبەتلەنگەن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىكى نەرسىلەر ئۈچۈن سۇئال سوراق قىلىنىسەن ! سېنى مەھشەر كۈنى سېنىڭ بۈگۈنكى ۋە ئەتىدىكى قىممىتىڭ بىلەن قىلغان ھەر بىر ياخشى - يامان ئەمەللىرىڭ ياكى جەننەتتە قىلىدۇ ياكى بولمىسا دوزاختا قىلىدۇ . سېنىڭ يەتكۈزگەن ئىلمىڭ ياكى ئوقۇغان قۇرئانىڭ ۋە ياكى شۇنچە يىل قىلغان ئىبادەتلىرىڭ ، ئەمەللىرىڭ ھېچ قانچە شاپائەت قىلالمايدۇ ، ئەمما مادامىكى ، شۇ ئىمتىيازىڭ بىلەن ئاللاھنى رازى قىلالىساڭ ، ئاللاھ مۇشۇ دۇنيادا قورغان قىلىپ بەرگەن ئۆزىگە مۆئمىنلىكتىن ئىبارەت قېلىپنىڭ ئىچىدە بولالىساڭ ......
كىشىنى دىندا ۋە ئىمانىدا مەزمۇت قىلىشى دەل ئۇنىڭ ئۆز رەببىنىڭ تەقدىرلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەنلىرى ۋە توغرا يولىدا شۇ خىل قىممەتنى قۇبۇل قىلغانلىقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئول كىشى چوقۇم ئەڭ ئاۋال تەقدىرگە ئىمان ئېيتىشتىن خالى ئاچارچىلىقىدا ، ئۆلۈكلىكىدە ھېچ بىر ۋاستە تاللىماستىن ئۆز رەببىنى چۈشىنىشكە ئاتلىنىشى كېرەكتۇر . چۈنكى ئاللاھ مۆئمىن بەندىلىرىگە چوشقا گۆشىنى يىيىشنى ھارام قىلدى ۋە چەكلىدى . كىملەركى تېگىشلىك رەۋىشتە ئۆز رەببىنى تونۇپ مۆئمىن بولغان ئىكەن ، شۇ خىل قىممىتىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىلەردىن چەكلىنىشى كېرەك . ئەمما بۇ ماھىيەتنىڭ قىممىتىدىن خالى قالغاندا بولسا چوقۇمكى ، ئاچارچىلىقتا شۇ خىل نەرسىلەردىن پايدىلىنىش قىلىشى كېرەكتۇر . ئەگەر ئاللاھ چوشقا يەيدىغان كىشىلەرنى ياراتمىغان بولسا ، چوشقىنى ياراتمايتتى . ئۇنىڭمۇ تېگىشلىك رەۋىشتە مەنپەتلىنىدىغان كىشىلەر باردۇر . شۇنىڭدەك ، ھەر قانداق بىر شەيئىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە پايدىلىنىشقا ، ئىستىمال قىلىشقا تىگىشلىك كىشىلىرى ، ئىگىلىرى باردۇر . ئاللاھتائالا شۇنداق دەيدۇ : شۈبھىسزكى ، مۆئمىنلەر ، يەھۇدىيلار ، ناسارالار ( ئارىسىدىن ) ۋە پەرىشتىلەرگە ، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن ئاللاھقا ، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئۆز ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ . ئۇلارغا ( ئاخىرەتتە ) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ يوقتۇر ( 62 ) بەقەر
شۇنىڭدەك ، ئەسلى ئاللاھ ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئاساس قىلغان يوللار تۈرلۈكتۇر . ھەممىلەرنىڭ تېگىشلىل ئىزدىنىشتىكى ئورنى ، مەيدانى ۋە يوللىرى باردۇر . ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر . مادامىكى بەندە قايسىكى بىر يولدا بولمىسۇن ، ئىزدىنىشتىلا بولىدىكەن ، ئۇلارنى ۋايىغا يەتكەن كاپىرلىقتا سۈپەتلەش شۇ كىشىنىڭ دىنىي چۈشەنچىسىنىڭ ھەقىقەتەن پۈچەك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ . باشقىلار ئاتا - بوۋىلىرىنى شۇنىڭدەك كاپىرلىققا قويغان بولسا قويىۋەرسۇنكى ، مېنىڭ بۈگۈنۈم ئۈچۈن ئاتا - بوۋام نەچچە يۈز يىل مابەينىدە دىنىي تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ۋە ھەر ۋاقىت ئۈزلۈكسىز داۋان ئېشىپ بارغاچقا مەن ھەقىقەتتە مەن بولالىدىم ! ئەگەر ئۇلار شۇ يولنى بېسىپ ئۆتمىگەن بولسا ، مېنىڭ تەبىئىي ئېتىقادىم ۋە ئۆز ۋاقتىدا يامان مۇھىتتىمۇ ئۆز ياراتقۇچۇمنى ئۇنتۇپ قالمىغان ۋە ئۇنىڭغا شۇ ھالىتىمدە خىتابلاپ نىدا قىلالمىغان بولاتتىم . ئەنە شۇ ئېتىقاد ، بۈگۈنكى ئىمان ئەنە شۇلارنىڭ ئالدىنقى كۇچىلاپ بەرگەنكى ئىزناسىدىن بولغاندۇر ! مېنىڭ ئېرسىيەت تارىخىمدا ئەنە شۇ خىل دىنىي كۇچىلاش بولمىغان بولسا ، مېنىڭ كىيىنكى بۈگۈنۈمگە خاس بولغان ئەۋلادىم ئۈچۈن كۇچىلىشىم كېرەك ئىدى . شۇڭلاشقا مەن ئۇلارنىڭ قەدىمىنى چىن ئېتىراپ قىلغۇچىمەن ۋە ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆز زامانىدا ئىشلىگەن ئەمەللىرىنى ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان بولاتتىم ۋە رازىلىق بىلەن ئىشلىگەن بولاتتىم . چۈنكى ئىسلام ۋە بۈگۈنكى مېنىڭ ئېرىشكىنىم دەل ئىلگىركى زامانغا خاس قىلىنغان ھاللاردا ئىشلەنگەن كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچىدۇر . كىشى ئۆزىدىكى قىممەتنى ئىزدەنگەندە ئۇ تەبىئىيلا تارىخىغا قايتىدۇ . ئاتا - بوۋىسىنىڭ قانداقلىقىنى ئول كىشىنىڭ بۈگۈنى ئېيتىپ بېرىدۇ ! ئول كىشى بۈگۈنىنى ھەق ئىلىمگە ئاساسلانغان ھالدا تەتقىق قىلسا ئۆز كىملىكىنى چۈشىنىدۇ ۋە چۈشەنگەن ئىكەن ئۆزىنىڭ نېمىلەرگە تاقەتلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ . ئەسلا زالىملىقنى تىلىمەيدۇ . شۇ ۋەجىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى يولىغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى چوقۇمكى بىر بۆلۈك باسقۇچلار بولۇپ ، كىشى ئۆزى ياكى بىر قانچە ئەۋلات شۇ باسقۇچنى باسماي ئەسلى رۇسۇللاھنىڭ ئۈممىتى بولالمايدۇ . ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى بىر يارتقۇچىنىڭ ياراتقانكى ئورنىنى بىلمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسۇللاھ سېھىر ئىلمىسىدىن توسقان ئەمەس ئەمما سېھىرگەرلىك قىلىشتىن چەكلىگەن . چۈنكى سېھىر ھارام ئەمەس ئەمما ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پاسات قىلىش ھارامدۇر . يۇلتۇز ئىلمىسى ھارام ئەمەس ئەمما تەقۋالىقتا ئۇنىڭغا ئاساسلىنىۋېلىش بولسا ئول كىشىنى ھەقىقەتتىن توسۇپ قويىدۇ . ئاقىۋەتتە ئاللاھنىڭ ھەقىقىي مەبۇدلىقىنى چۈشەنمەيدۇ ۋە بۇ خىل قىممىتىگە ئىمان ئېيتالمايدۇ .

داۋامىي بار !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:27 , Processed in 0.047897 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش