ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2171|ئىنكاس: 8

(شېئىر)كىلىڭ دوستلار ئەسلى دىنغا قايتايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
50
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 13:48:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە  اللە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.

سۈرە رەئد 11-ئايەت.

پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن: ئەين سودىسى* قىلىشساڭلار،كالىنىڭ قۇيرۇقلىرىغا ئېسىلىۋالساڭلار ۋە تېرىقچىلىققا رازى بولساڭلار (دۇنياغا دۈم چۈشسەڭلار)....اللە ئۈستۈڭلەرگە شۇنداق بىر خارلىقنى ئەكىلىپ قويىدۇكى دىنىڭلارغا قايتمىغىچە سىلەردىن ئۇنى كۆتۈرۈۋەتمەيدۇ...**

( بۇ ھەدىس ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ بىر تىما يازماقچى  بولۇپ ئويلىنىۋاتقاندا ئىلھامىم قوزغىلىپ تۆۋەندىكى مىسرالارنى دوستلارغا سۇندۇم)



ھەر بىر مىللەت تۈزەتمىسە ئۆزلىرى،

ئۆزىدىكى ناچار ئىللەت،ئادەتنى.

ھەرگىز روناق تاپماس،

ئوقۇڭ بولمىسا،

سۈرە رەئدە ئون بىرىنچى ئايەتنى.





پەيغەمبەرگە اللە تەلىم بەرگەنكەن،

ئاسارەتنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرۈپ.

داۋاسىنى ھەمدە ئوچۇق دىگەنكەن،

دىنىڭلارغا قايتىڭلار-دەپ كۆيۈنۈپ.





پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىگە بوي سۇنۇپ،

كىلىڭ دوستلار  ئەسلى دىنغا  قايتايلى!

پەرىز،سۈننەت،ھارام، بىدئەت، مەكروھقا،

ئايرىپ قويماي  تولۇق دىققەت قىلايلى!





ئىناقلىقنى  دەستەك قىلىپ ئەزەلدىن ،

ئىسلاھاتقا دۈشمەن بولغان  بىدئەتچى.

ياشاۋەرسەك بىدئەتلەرگە كۆمۈلۈپ،

بولارمىشمىز  پاراسەتلىك سۈننەتچى.





گوللاپ كەلگەن ۋىجدانىنى ئۇلارنىڭ،

شەيتانلىرى تەلىم بەرگەن سەپسەتە..

قانداق جاۋاپ بىرەلەيمىز مەھشەردە-

خوش تەقسىر !دەپ ياشاۋەرسەك غەپلەتتە..





ئارغامچامغا ئېسىلىڭلار ھەممىڭلار،

بۆلۈنمەڭلار-دىگەن اللە قۇرئاندا.

خاتا ئىشقا سۈكۈت قىلساق قانداقمۇ

ئەمەل قىلغان بولارمىز بۇ پەرمانغا؟





جۆيلۈشلەرگە پەرۋايىمىز پەلەكتۇر،

ئىسلاھ قىلىش دىننى-چىقىش يولىمىز.

ئايەت،ھەدىس- دەلىلىمىز پولاتتەك،

غەيرى ئۇسۇل –خاتا ھەمدە ئۈنۈمسىز.





ئەسلى دىنغا  قايتىپ كەلسەك چۈشىنىپ،

سۈرۈلگۈسى قاباھەتلىك تۇمانلار.

ئىشقا ئېشىپ ۋەدىلىرى اللەنىڭ،

كىلەر چوقۇم سائادەتلىك زامانلار..



ئاپتورى:سايرام

=======================================================


*ئۆزى   نىسى ساتقان مالنى ئەرزان باھادا نەخ پۇلغا سېتىۋالىدىغان سودا ئەين سودىسى دەپ ئاتىلىدۇ




**سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 11-ھەدىس..ئەبۇداۋۇد 3462-مۇسنەدئەھمەد4825 –ھەدىس.بەيھەقى «سۈنەن كۇبرا»、5※316  ،تەبەرانى« كەبىر» 13583-ھەدىس)


توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 16:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك سايرام قېرىندىشىم
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، ئەقلىڭىزگە كۇچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن!
مۇناسىۋەتلىك ئايەت-ھەدسنى شۇنداق ياخشى يۇغۇرۇپ شېئىرلاشتۇرۇپسىز. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى خۇسۇسى بىر ئىلھام بوپتۇ. مۇشۇنداق ئىلھاملىرىڭىز زىيادە بولغاي.
تېمىلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى تىلەپ قېرىندىشىڭىز ئادمىن!
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:31:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟قېرىندىشىم.ئوبدان چىقىپتۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:25:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم ناھايىتى ئسىل چىقىپتۇ......

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 12:30:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن .

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 12:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن .

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 00:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ   قەلىبتىن چىققىنى قەلىبكە باردۇ  دىگەن شۇ دە .قىنى  يەنە  بامۇ؟!

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 08:32:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 16:03:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-12-9 06:44 , Processed in 0.037148 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش