ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2434|ئىنكاس: 6

بىدئەتلەر راستىنلا شاكال-شوپۇك نەرسىلەرمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
50
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:34:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بىدئەت ۋە ئۇنىڭ خەتىرى ھەققىدە سۆز بولسىلا ھامان بىر قىسىم چالا دەۋەتچىلەرنىڭ  قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ.ئۇلار بۇنداق شاكال-شوپۇك نەرسىلەرنى  ھازىر چەكلەشنىڭ  قىلچىلىك ھاجىتى يوق،بۇنداق ئاقماس گەپلەرنى قىلساق  ئىختىلاپ –زىددىيەت چىقىدۇ،ھەممەيلەن مۇسۇلمان تۇرسا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ گەپلەر ۋە ئىشلارمۇ كىتاپلاردا بۇرۇندىن بار تۇرسا ،يۈرەك كىسىلى بىلەن كارى بولماي  تەمرەتكىگە سىقماق سۈركەش –نادانلىق دەيدىغان بىر تالاي سەپسەتىلەرنى سۆزلەپ باشقىلارنىڭ  ۋە ئۆزلىرىنىڭ ۋىجدانلىرىنى ئالدىماقچى بولىدۇ.ھەمدە شۇئارقىلىق بىدئەتلەرنىڭ تېخمۇ كەڭ راۋاجلىنىشىغا قولاي شارائىت تەييارلايدۇ..ھەقىقەتەن شۇنداقمىكىن دىسە ئاشۇلارمۇ خېلى جىق ئادەملەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي  بىر قىسىم بىدئەتلەرگە قارشى تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ..بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ مەۋقەيىنىڭ تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى،بىدئەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى تولۇق بولمىغاچقا ئۆزى كۆنۈپ قالغان بىر قىسىم بىدئەتلەرنى ئاشۇنداق سەپسەتە سۆزلەپ ئاقلاپ ، ئۆزى قىلمايدىغان يەنە بىر قىسىم بىدئەتلەرنى چەكلەپ ئۆزىنىڭ ئىلغارلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن دەستەك قىلىۋالىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
شۇڭا بىزنىڭ بۇيەردە تەھلىل قىلماقچى بولغىنىمىز بىدئەت راستىنلا شاكال نەرسىلەرمۇ؟
ئارىمىزدا بىز مىڭ يىللاردىن بۇيان كۆنۈپ كەتكەن بەزى كىچىك بىدئەتلەرنى ۋە ياكى بىز كىچىك ساناۋاتقان بىدئەتلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك  قارىماقققا شۇنداقتەك كۆرۈنىدۇ..شۇنىڭ بىلەن ئۇنداق ئىشلارنى كىچىك دەپ ،شاكال دەپ مەنسىتمەي قىلىۋىرىش خاھىشى پەيدا بولىدۇ.. ئەمىلىيەتتە چوڭ-بولسۇن ،كىچىك بولسۇن بىدئەتنىڭ ھەممىسى-ھارام بولۇپ پەيغەمبىرىمىز «بىدئەتنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇق،ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسى دەۋزەختە»دىيىش ئارقىلىق بىدئەتنىڭ ھەممىسىنىڭ ھاراملىقىنى ۋە ئۇنى قىلىدىغان ئادەمنىڭ دەۋزەخكە كىرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.بۇ- ئۇسۇل فىقھى ئوقۇغانلار بىلىدىغان ئاددى بىر ساۋات.ھەمدە  دىن ئوقۇغانلارغا مەلۇمكى كىچىك گۇناھلارمۇ كىچىك ساناش سەۋەبىدىن ۋە ياكى داۋاملىق قىلىۋىرىش سەۋەبىدىن چوڭ گۇناھقا ئايلىنىپ كىتىدۇ..شۇڭا سەپسەتە سۆزلىمەي بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز  ۋە ئاۋال ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئىسلاھ قىلىشىمىز،ئىسلاھ قىلغاندىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن ئەقىدە ساھەسىنى ئىسلاھ قىلىشىمىز لازىم. ھەر قانداق ئىسلاھات توسالغۇسىز بولغان ئەمەس ۋە بولمايدۇ.شۇڭا بىدئەتچىلەرنىڭ قاۋاشلىرىغا قىلچىلىك پەرۋا قىلماسلىقىمىز لازىم.چۈنكى بىدئەت دىگەن ساختا دىن ،ساختا شەرىئەت دىگەنلىك بولۇپ بىدئەتلەرگە يول قويۇلغاندا ھەقىقى دىننىڭ ئەسلى سۈزۈك قىياپىتى ئۆزگىرىپ كىتىدۇ-دە بارغانچە تونۇغىلى بولمايدىغان قاپقارا بىر نەرسىگە ئايلىنىپ كىتىدۇ..دىمەك  بىز شاكال،شوپۇك دەپ قارىۋالغان نەرسە  ئاخىرى بېرىپ مېغىزنى كاردىن چىقىرىدۇ..ئاشۇ شاكالغا دىققەت قىلساق ئاندىن مېغىز ئاسرىلىدۇ.ئادەتتىمۇ  ھەر قانداق مېغىز   شاكالنىڭ ئىچىدە بولىدۇ..شاكال ۋە شوپۇك دىگەننىڭ قىممىتى يوق دەپ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمىسا ئاخىرى بېرىپ مېغىز ۋە مىۋە زىدە بولىدۇ.ھەتتا   پۈتۈنلەي نابۇت بولۇپ سېسىيدۇ.
يەنە بىر جەھەتتىن دىننىڭ ئىشلىرىنى شاكال ،شوپۇك ۋە ئاقماس گەپلەر  دىيىش  ئۇچىغا چىققان  ئەخلاقسىزلىق بولۇپ بۇنداق گەپنى بىلىملىك ۋە ئەخلاقلىق ئادەملەر دىمەيدۇ.
تۆۋەندە كىشىلەر شاكال دەۋالغان ئاشۇ بىدئەتلەردىن بىر قىسمىنى مىسال سۈپىتىدە كەلتۈرۈپ شاكالغا دىققەت قىلمىغانلىقنىڭ قانچىلىك ئېغىر پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىمىز.
1-ئەقىدە ساھەسىدە . ھەممەيلەنگە مەلۇمكى  ساغلام ئەقىدە ئىنسان ھاياتىنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختكە ئىرىشىشىنىڭ كاپالىتى.شۇڭا اللەتەئالا پۈتكۈل ئىنسانلارغا مىھرىبانلىق قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا ئەڭ ساغلام بولغان ئەقىدىنى  بىلدۈرىدىغان قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلدى..ئاندىن ئۇنى تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى ئەۋەتتى..شۇندىن باشلاپ ئىنسانىيەت  اللەنىڭ رەھمىتى بىلەن ئەڭ پاكىز،ئەڭ ساغلام بىر ئەقىدىدە اللەنى تونۇشقا،اللەغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى..  مازارلاردىن، ئۆلۈكلەردىن، ئەرۋاھلاردىن قورقىدىغان،ۋە ئۇلاردىن  مەدەت-ياردەم تىلەيدىغان شىرك ئىشلاردىن ياندى.. ساھابىلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەلىمىگە سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ  بىر ئۆمۈر بۇساغلام ئەقىدىنى ئۆزگەرتمەي ،بۇرمىلىماي    شۇ پىتى   ئىنسانلار ئارىسىغا تارقاتتى..شۇڭا ئۇلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلارنى «ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى » دەپ باھالاپ گۇۋاھلىق بىرىشىگە مۇشەررەپ بولدى..ئۇلارنىڭ ئىزىدا ماڭغان تابىئىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىمۇ  ئاشۇ ساھابىلارنىڭ يولىدا مېڭىپ بۇ ساغلام ئەقىدىنى شۇ پىتى ئۈممەتكە يەتكۈزۈپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ يۇقارقىدەك گۇۋاھلىقىغا ئىرىشتى..شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈممەت تەرىپىدىن  سەلەف سالىھلار (مۇنەۋۋەر ئەجداتلار) نامىغا ئىرىشتى.اللە ئۇلاردىن رازى بولسۇن ۋە ئۇلارنى رازى قىلسۇن.ئەمما   بىر قىسىم خەلەفلەر (ئەۋلاتلار) شۇنچە ساغلام ئەقىدىگە توغرا ۋارىسلىىق قىلالماي ئۇنى زىغىرلاپ ئاندىن ئۆزگەرتىپ،بۇرمىلاپ  نۇرغۇن بىدئەت ئەقىدىلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە سەۋەپچى بولدى..بۇنداق بىدئەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى اللەنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە كۆرۈندى..
مەسىلەن؛ سەلەف سالىھلىرىمىز  اللەنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە قانداق دىيىلگەن بولسا شۇنداق ئىشەندى،ئىنكار قىلمىدى،ۋە ياكى بۇرمىلىمىدى..اللەنىڭ قولى بار دىيىلگەن بولسا قولى بار دىدى..پۇتى ،كۆزى،يۈزى،بارمىقى بار دىيىلگەن بولسا دەل شۇنداق چۈشەندى،ھەم شۇنداق ئىتىقاد قىلدى .اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە دىيىلگەن بولسا شۇ پىتى ئىتىقاد قىلدى،اللە تۆۋەنكى ئاسمانغا چۈشىدۇ دىسە چۈشىدۇ دىدى.كىلىدۇ دىسە كىلىدۇ دىدى،كۈلىدۇ دىسە كۈلىدۇ دىدى.سۆزلەيدۇ دىسە سۆزلەيدۇ دىدى.. ئىشقىلىپ قۇرئان كەرىمدە ۋە ئىشەنچلىك ھەدىسلەردە نىمە دىگەن بولسا  زىغىرلىماي ،بۇرمىلىماي  شۇ پىتى چۈشەندى ھەم شۇ پىتى ئىتىقاد قىلدى..چۈنكى اللەنى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرىنى ھەرقانچە قىلساقمۇ تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس......   
« اللەنىڭ مەخلۇقلىرى ھەققىدە  تەپەككۇر قىلىڭلار،اللە ھەققىدە تەپەككۇر قىلماڭلار،ئۇنىڭغا ئىقتىدارىڭلار يەتمەيدۇ» دىيىلگەندەك  چەكلىك ئەقلىمىز بۇنداق چەكسىزلىكنى سىغدۇرالمايدۇ.
شۇڭا سەلەف سالىھلىرىمىز  « ھىچنەرسە اللەغا ئوخشىمايدۇ»« اللە ھەممىدىن بىھاجەت» ،«اللەنىڭ ھىچنەرسىگە ھاجىتى يوقتۇر» دىگەن ئايەتلەرنى اللەنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە كەلگەن ئايەتلەر بىلەن ماسلاشتۇرۇپ اللەنىڭ قولى،پۇتى،كۆزى، يۈزى ،بارمىقى... بولسىمۇ لىكىن ئۇ نەرسىلەر ھىچقانداق بىر مەخلۇقنىڭ قولىغا،پۇتىغا ،كۆزىگە، يۈزىگە   ،بارمىقىغا ئوخشىمايدۇ،بەلكى بۇنەرسىلەر اللەغا لايىق شەكىلدەدۇر،اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە قارار ئالغان بولسىمۇ،ھەر كىچىسى تۆۋەنكى ئاسمانغا چۈشىدىغان بولسىمۇ ،كىلىدىغان ،كۈلىدىغان ،سۆزلەيدىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ بۇ سۈپەتلىرىنىڭ ھىچقايسىسى ھىچقانداق بىر مەخلۇقنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ ،بەلكى اللەغا لايىق رەۋىشتە بولىدۇ،ھەم اللە ھىچنەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر دەپ شۇنداق پاكىز ،ساغلام ھەم چۈشىنىشلىك ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن ۋە بۇ ئەقىدىنى ئەۋلاتلارغا مىراس قالدۇرغان ئىدى.دىمەك  ئۇلار اللەنىڭ زاتى ۋە سۈپەتلىرى ھەققىدىكى ئايەت-ھەدىسلەرنى زىغىرلىماي ،كوچىلىماي ،بۇرمىلىماي  شۇپىتى چۈشىنىپ ھەم ئەقىدە قىلىپ ياشاپ جەننەت تامان يول تۇتقان ئىدى..(اللە ئۇلاردىن رازى بولسۇن ھەمدە ھەممىمىزنى مۇشۇ ئەقىدە بويىچە ياشاشقا مۇۋەپپەت قىلسۇن)بۇ ئەقىدە سەلەف سالىھلار ئەقىدىسى،قىسقارتىلىپ سەلەفى ئەقىدە  دەپ ئاتالدى..
ئەمما بىر قىسىم بىدئەتچىلەر بولسا سەلەفلىرىمىزنىڭ يۇقۇرقىدەك  ئىنتايىن ساغلام ھەم چۈشىنىشلىك،قىلچىلىك خاتاسى بولمىغان بۇ ئەقىدىسىنى تاشلاپ يېڭىچە بىر يول تۇتتى..ئۇلار مۇنداق دىيىشتى؛ اللەنىڭ قولى ،پۇتى،كۆزى، يۈزى ،بارمىقى بار دىسەك اللەتەئالا مەخلۇقلارغا ئوخشاپ قالىدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭمۇ قولى،پۇتى،كۆزى، يۈزى ،بارمىقى بار .. اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە دىسەك ئەرشكە ھاجىتى چۈشكەن بولۇپ قالىدۇ ، ھالبۇكى اللەنىڭ ھىچنىمىگە ھاجىتى يوق. اللە كىلىدۇ، كۈلىدۇ،سۆزلەيدۇ دىسەك ھەم مەخلۇقلارغا ئوخشاپ قالىدۇ ، چۈنكى ئىنسانلارمۇ كىلىدۇ،كۈلىدۇ.سۆزلەيدۇ. ھالبۇكى اللەغا ئوخشايدىغان ھىچنەرسە يوق دەپ ئايەت بار،شۇڭا اللەنىڭ قولى بار،پۇتى بار،كۆزى ، يۈزى ،بارمىقى بار دىسەك بولمايدۇ، اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە دىسەكمۇ بولمايدۇ دىيىشتى.شۇنىڭ بىلەن« اللەنىڭ قولى »دىگەن ئايەتنى    «اللەنىڭ قۇدرىتى» دەپ تەرجىمە قىلىشتى .«اللە كىلىدۇ» ،«اللە چۈشىدۇ»دىگەن سۆزلەرنى «اللەنىڭ رەھمىتى كىلىدۇ،چۈشىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىشتى.«اللە ئەرشنىڭ ئۈستىدە قارار ئالدى»دىگەن ئايەتنى بولسا «اللە ئەرشنى ئىگىلىدى»دەپ بۇرمىلاپ تەرجىمە قىلىشتى.ئاندىن اللە ئەرشتە ئەمەس بەلكى ھەممە يەردە بار دىيىشتى..(بۇلارنىڭ نەزىرىدە اللە ھاجەتخانىلاردىكى پوق-نىجاسەتلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ بار..سۇبھانەللا).اللە كۈلىدۇ دىگەننى بولسا اللە رازى بولىدۇ دەپ تەرجىمە قىلىشتى.  دىمەك بۇلار «اللەنىڭ قولى بار » دىسەك ھەمدە باشقا ئايەتلەرنىمۇ  سەلەفلىرىمىزدەك تەرجىمە قىلساق  اللەنى مەخلۇقلارغا ئوخشاتقان بولۇپ قالىمىز دەپ ئىھتىيات قىلىپ  يۇقارقىدەك تەرجىمە قىلدىيۇ لىكىن ئۇنداق تەرجىمە قىلغاندىمۇ يەنىلا اللەنى مەخلۇقلارغا ئوخشىتىپ قېلىشتىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى ھىس قىلالمىدى..چۈنكى مەخلۇقلارنىڭمۇ قۇدرىتى،رەھمى،رازىلىقى  بار ئىدى..مەخلۇقلارمۇ بىر نەرسىنى ئىگەللىيەلەيتتى..بۇ جەھەتتىن يەنىلا اللە مەخلۇقلارغا ئوخشاپ قالغان بولاتتى..دىمەك ئۇلارنىڭ بۇنداق ئەخمىقانە  ئۇرۇنۇشلىرى ھىچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمىدى..   
تېخىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى  بۇلارنىڭ بىر قىسمى  شۇ دەرىجىگە يەتتىكى ھەتتا « اللەنى بار دىسەكمۇ  دىسەكمۇ بولمايدۇ،بۇنداق دىسەكمۇ اللە مەخلۇقلارغا ئوخشاپ قالىدۇ،چۈنكى مەخلۇقلارنىمۇ بار   دىگىلى بولىدۇ،شۇنداقلا  اللە -يوق دىسەكمۇ بولمايدۇ،،شۇڭا اللەنى بارمۇ دىمەيمىز،،يوقمۇ دىمەيمىز...دەپ بىلجىرلاشتى.سۇبھانەللاھ...اللە ئۇلارنىڭ بۇنداق گەپلىرىدىن پاكتۇر..
قاراڭ،بىدئەتكە يول قويىلىۋەرسە    ئاقىۋەتتە  ئادەمنى مانا مۇشۇنداق ئىپلاس قىلىۋىتىدۇ.ساغلام ئەقىدىنى بولسا ئىنتايىن چۈپرەندە بىر نىمىگە ئايلاندۇرۇۋىتىدۇ....
مانا شۇنداق زەھەرلىك ئىدىيەلەر ھىلىھەم ئارىمىزدا تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ.دەرس قىلىنىۋاتىدۇ.شۇنداقلا سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ يۇقۇرقىدەك ساغلام ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلغانلار كافىر،ۋاھھابى،بەدمەزھەپ،بەدبەخت ...دەپ ھاقارەتلەر قىلىنىۋاتىدۇ..اللە ئۇلارنىمۇ ھىدايەت قىلسۇن!!!
اللەنىڭ قولى ،پۇتى،كۆزى، يۈزى ،بارمىقى بار دىگەنلىك اللەنى مەخلۇقلارغا ئوخشاتقانلىق بولامدۇ؟ ئاددى بىر مىسال ئالايلى،،
ئادەمنىڭ كۆزى،كالىنىڭ كۆزى،بېلىقنىڭ كۆزى،پاشىنىڭ كۆزى،ئاپاراتنىڭ كۆزى، ئۈزۈكنىڭ كۆزى....دىگەن سۆزلەردە دىيىلگەن كۆزنىڭ ھەممىسى ئوخشاشمۇ؟ ئەلۋەتتە ئەقىللىق ئادەم بۇ كۆزلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئەسلا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ..دىمەك  كۆز دىگەن ئىسىم ئوخشاش بولغان بىلەن ئىگىسىنىڭ ئوخشىماسلىقا قاراپ كۆزمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ..ئاددىسى مەخلۇقلارنىڭ كۆزىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان يەردە اللەنىڭ كۆزى،قولى، يۈزى ،پۇتى،بارماقلىرى...قانداقمۇ مەخلۇقلارنىڭكىگە ئوخشىسۇن..ئىسىمنىڭ ئوخشاپ قالغانلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ماھىيەتتىمۇ ئوخشاشلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ..بۇ- قىل سىغماس ئاددى بىر ھەقىقەت..اللەنىڭ زاتىمۇ ھىچنەرسىنىڭ زاتىغا ئوخشىمىغانىكەن ئۇنىڭ سۈپەتلىرىمۇ ھىچنەرسىنىڭ سۈپەتلىرىگە ئوخشىمايدۇ..پەقەت ئىپادىلەش  ۋە چۈشەندۈرۈش ئىھتىياجى ئۈچۈن ئاشۇنداق ئوخشاش ئىسىملار ئىشلىتىلگەن..ھەم  ئايەت –ھەدىسلەردە ئوچۇق دىيىلگەندەك اللە  ئەرشنىڭ ئۈستىدە دىگەنلىك «اللە- ئەرشكە مۇھتاج، اللە- ئەرشتىن كىچىك» دىگەنلىك بولمايدۇ.. ئاسمانمۇ بىزنىڭ ئۈستىمىزدە بولسىمۇ لىكىن ئۇ ھەرگىزمۇ بىزگە مۇھتاج ئەمەس ھەم بىزدىن كىچىك ئەمەس..پەقەت اللەتەئالا ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە بۈيۈك بولغاچقا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ ئۈستىدە قارار ئالغان..مەخلۇقلىرىنىڭ ئاستىدا تۇرۇش اللەنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كاتتىلىقىغا لايىق كەلمەيدۇ..شۇڭا اللەتەئالا بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئۆگزىسى بولغان ئەرشنىڭمۇ ئۈستىدە تۇرىدۇ..ئەرشنىڭ ئاستىغىلا جەننەت ئورۇنلاشقان...
جەننەتتىكى ئۈزۈم،خورما،ئانار،ئەنجۇر،بانان ...قاتارلىق مىۋىلەرنىڭمۇ ئىسمى ئوخشىغان بىلەن لىكىن بۇ دۇنيادىكى ئۈزۈم،بانانلارغا ئوخشىمايدىغانلىقى ھەر بىر مۇسۇلمانغا قۇياشتىنمۇ ئېنىق...  قوينىڭ قولى بار دىگەنلىكمۇ ئۇنىڭ قولى ئادەمنىڭ قولىغا ئوخشايدۇ دىگەنلىك ئەمەس..
اللەنىڭ سۈپەتلىرىنىمۇ مۇشۇنداق تەھلىل قىلساق سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ تۇتۇپ ماڭغان يولىنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى كەسكىن بىلەلەيمىز..مۇشۇنچىلىك بىر توغرا تەپەككۇرغا ئىگە بولالمىغانلىق تەپەككۇردىكى قەھەتچىلىك ۋە نامراتلىق بولۇپ بۇنىڭدىن ئەپسۇسلانماي تۇرالمايمىز...
بىدئەتلەرنى شاكال -شوپۇك دەپ يول قويغاندا يۇقارقىدەك  ئىپلاس ۋە چۈپرەندە گەپلەر مەيدانغا كىلىۋىرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس دىنىمىزنىڭ مېغىزى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ تونۇغىلى بولمىغىدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كىتىدۇ..
ئىتىقاد ساھەسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چۈپرەندە بىدئەتلەر خېلى بار بولۇپ ھەممىسىنى مىسال كەلتۈرۈش قولايسىز..پەقەت سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ ئەقىدىسى ھەممىدىنمۇ ساغلام ۋە چۈشىنىشلىكتۇر..بۇنىڭغا بارلىق ئالىملار ھەتتا خەلەف ئالىملارمۇ بىردەك پىكىردە..شۇڭا ئەقىللىق ۋە قەلبى ساغلام ئادەم سەلەف ئەقىدىسىنىلا تاللىسا قىلچە خاتالاشمايدۇ..ئاشۇ سەلەف سالىھلىرىمىزنى  جەننەتكە ئەكىرەلىگەن ئەقىدە بىزنىمۇ جەننەتكە ئەكىرەلەيدۇ..سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ ئەقىدىسىنى ياراتمىغان ئادەم بىر ئۆمۈر  ئەنە شۇنداق چۈپرەندە گەپلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ..اللە ھىدايەت قىلمىسا بىكار...   
شۇڭا ھەقىقى ساغلام ئەقىدىنى بىلەي دىگەن دوستلارغا   مۇشۇ ئەسىردە ياشىغان  شەيخ ئىبن باز،مۇھەممەد ئىبن سالىھ ئۇسەيمىن،سالىھ ئىبن فەۋزان  قاتارلىقلار يازغان ئەقىدە كىتاپلىرىنى   تەۋسىيە قىلىمىز. بۇلارنىڭ كىتاپلىرى شۇنداق چۈشىنىشلىك ھەم بەكمۇ ساغلام.  تېخىمۇ تەپسىلى بىلەي دىگەن دوستلارغا شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىييەنىڭ  «ئەقىدە ۋاسىتىييە»دىگەن كىتابىنى مۇھەممەدسالىھ ئۇسەيمىن ھەزرەتلىرى يازغان شەرھىسى بىلەن قوشۇپ ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

كىيىنكى ئىنكاسىمىزدا  ئەمەل ساھەسىدە بىز شاكال دەپ قارىۋالغان بىدئەتلەرنىڭ مېغىزنى قانچىلىك زىدە قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە مىسال كەلتۈرىمىز.
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:07:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن! بۇناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ . ھەقىقەتەن بىز ھازىر ئىسلام ئەقىدىللىرىنى چۇشەنمىگەنلىكىمىز ھەم بۇجەھەتتە ئىزدەنمىگەنلىكىمىز بىزنىڭ بىدئەتلەرگە يول قۇيىدىغان ۋە بىدئەتلەرنىڭ بىزنىڭ ئىچىمىزدە گۇللىنىدىغان،شۇ بىدئەتلەرنى سۇننەتتىن ئايرىيالمايدىغان ھالەت شەكىللەندى . شۇنىڭ ئۇچۇن سىز تىلغا ئىلىپ ئوتكەندەك بىز ئەڭ ئاۋال ئەقىدىمىزنى توغۇرلىشىىمىز كىرەك !سىزتىلغا ئالغان‹‹شەيخۇلئىسلام ئىبن تەيمىييەنىڭ  «ئەقىدە ۋاسىتىييە»دىگەن كىتابىنى مۇھەممەدسالىھ ئۇسەيمىن ھەزرەتلىرى يازغان شەرھىسى ››نى بولسا يوللاپ قويسىڭىز ! ئاللاھ ئىلمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:45:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىندىشىم ! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم !
دىننى ساغلام دىندارلاردىن ساغلام ئۈگەنمەي ئاتا-ئانىسىدىن ياكى  ئۆزىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىغا ۋە ياكى تەرجىمە كىتاپلارغا تايىنىپلا ئۈگىنىۋالىدىغان،تېخى تۈنۈگۈن مۇسۇلمان بولۇپلا بۈگۈن دەۋەتچى بولۇپ قوپىدىغان ئادەملەرگە نىسبەتەن توغرا بىلەن خاتانىڭ،سۈننەت بىلەن بىدئەتنىڭ،سۈننى بىلەن شىئەنىڭ پەرقى يوق بىلىنىدۇ..پەقەت اللەنى بار ۋە بىر دەپ بىلىسىلا ئۇنىڭ باشقا ئىشلىرىنى خاتا دىيىشكە بولمايدۇ ..ئۆزىمىزنىڭكىنىلا توغرا دەپ باشقىلارنىڭكىنى خاتا دەۋالساق مۇتەئەسسىپلىك قىلغان بولىمىز...دەيدىغان بىر تالاي قۇرۇق گەپلەرنى سۆزلەپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ..تېخى بۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كەڭ قورساقلىقى دەپ چاغلىشىدۇ..
ئەمما ھەدىسلەرگە قارايدىغان بولساق رەسۇلۇللا بۇنداق دىيىشكە ئۇنىمايدۇ..
مەسىلەن رەسۇلۇللا ئۈممىتىنىڭ 73 فىرقىگە بۆلۈنۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئۇلاردىن پەقەت بىر پىرقىدىن باشقىسىنىڭ دەۋزەختە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ئۇ بىرسى كىم؟ دەپ سورالغاندا «مەن ۋە مىنىڭ ساھابىلىرىم ماڭغان يولدىكىلەر»دىگەن..
بۇ ھەدىستىن ئايانكى ساھابىلارنىڭ ماڭغان يولى رەسۇلۇللانىڭ يولى شۇ..رەسۇلۇللانىڭ ماڭغان يولىنى ساھابىلارنىڭ ماڭغان يولىدىن پەرق ئىتەلەيمىز..ھەر قانداق بىر ئادەم بۇنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋەتسە 72پىرقىدىن بولۇپ كىتىدۇ.
ئاشۇ 72بىدئەتچى پىرقىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خاراكتىرى شۇكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنى رەسۇلۇللانىڭ يولىدا ماڭىمىز دەپ دەۋا قىلىدۇ.ئۆزلىرىنىڭ خاتا سۆز-ھەركەتلىرىگە قۇرئان كەرىمدىن ۋە ھەدىسلەردىن دەلىل سۆزلىشىدۇ..ئەمما ئۇلارنىڭ ماڭغان يولىنى ،ئىدىيەلىرىنى ۋە سۆز-ھەركەتلىرىنى ساھابىلارنىڭ ماڭغان يولىغا سېلىشتۇرساقلا ئۇلارنىڭ زادى قايسى پىرقىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالالايمىز..
ئاددى بىر مىسال ئالساق شىيەلەر تاھارەت ئالغاندا پۇتلىرىنى يۇماي مەسىھ قىلىدۇ.ھەمدە    «پۇتلىرىڭلارنى ئىككى ئوشۇققىچە يۇيۇڭلار»دىگەن ئايەتنى مەسھى قىلىڭلار دەپ تەرجىمە قىلىپ ھازىرغىچە كىتاپلىرىدا شۇنى تەشۋىق قىلىدۇ..دىمەك ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قارىشىدا قۇرئانغا ئەمەل قىلغان بولىدۇ..ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەرجىمىسىنى ساھابىلارنىڭ يولىغا سېلىشتۇرساقلا ئۇلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئېنىق بىلەلەيمىز..چۈنكى ساھابىلارنىڭ ھىچقايسىسى بۇ ئايەتنى ئۇنداق تەرجىمە قىلمىغان ھەم ئۇلاردەك تاھارەت ئالمىغان..رەسۇلۇللامۇ چالا تەرەت ئالغانلارغا خىتاپ قىلىپ « تاپانلارغا ئوتتىن ۋاي! » دىگەن.. پۇتقا مەسھى قىلسا توغرا بولىدىغان بولسا تاپىنى يۇيۇلماي قالغانلارغا ئۇنداق دىيىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ قۇرئان كەرىمنى رەسۇلۇللا ۋە ساھابىلار بەكرەك چۈشىنەرمۇ ياكى كىيىنكىلەر بەكرەك چۈشىنەرمۇ؟ ئۇستا كۆرمىگەن شاگىرت ھەر ماقامدا يورغىلايدۇ دىگەندەك   قۇرئانغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ئېزىپ كەتكەن ئادەملەر ھەممىدىن بەك شۇئار توۋلايدۇ.ئۇلارنىڭ «قۇرئانغا ئېسىلساقلا ئازمايمىز » دەيدىغان يالتىراق شۇئارلىرىغا گول بولىدىغان نادان ئادەملەر ھەر زاماندا ،ھەر يەردە بار.. . ئۇلارنىڭ ئەجەللىك خاتالىقى  رەسۇلۇللانىڭ يولى بىلەن ساھابىلارنىڭ يولىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋىتىپ قۇرئان كەرىمگە ئۆزى بىلگەنچە تەتۈر تەرجىمە قىلىۋالغانلىق.. بىدئەتمۇ ۋە بىدئەت ھەققىدىكى نۇرغۇن ئىختىلاپلارمۇ دەل مۇشۇ سەۋەپتىن چىقىدۇ.
ئەمما ئاتالمىش كەڭ قورساق ۋە ئىلغار ئادەملەرگە نىسبەتەن ئۇلارنى خاتالاشتى دىيىش ئۆزۈمنىڭكىنى راس دىگەنلىك بولارمىش..چۈنكى ئۇلارمۇ مۇسۇلمان ھەمدە ناماز ئوقۇيدىغان ئادەملەرمىش... جەننەتكە كىرىدىغان ئادەملەرنى بىز بەلگىلىۋالغان ھەمدە شۇنچە كەڭرى جەننەتنى بىز تارايتىۋالغان بولارمىشمىز...مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئەسلىدە سۈننەتنىڭ ۋە بىدئەتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن كىلىپ چىققان پاجىئە..يەنە يۇقارقى ھەدىسنى توغرا چۈشىنەلمىگەنلىكىدىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەت..
بىدئەتچى پىرقىلەرنى دەۋزەختە بولىدۇ دىيىش ئۇلارنى مەڭگۈ دەۋزەختىن چىقالمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس..پەقەت بۇ ئۇلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزدۇر.بىدئەتچى پىرقىلەرنىڭ ئىچىدە تەقدىرنى ئىنكار قىلىدىغان قەدەرىييەلەر،اللەنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغان جەھمىييەلەر،اللەنى مەخلۇقلارغا ئوخشىتىدىغان مۇشەببىھەلەر قاتارلىقلارنىڭ كافىر بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالىملارنىڭ بىرلىكى بار..ئەمما يەنە نۇرغۇن بىدئەتچى پىرقىلەرنىڭ كافىر ئەمەسلىكى ھەققىدىمۇ ئالىملارنىڭ بىرلىكى بار..ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدۇ..ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىۋالىدىغان ئادەم بىر بولسا مۇسۇلماننىمۇ كافىر دەيدىغان بىدئەتچى بولىدۇ ۋە ياكى خاتانىمۇ توغرا دەۋالىدىغان ئاتالمىش «كەڭ قورساق سۈننەتچى» بولىدۇ. ھەر ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىدىن جىق پەرقى يوق..
يەنە بىر قېتىم رەسۇلۇللا بىردانە تۈز سىزىق سىزىپ مانا بۇ اللەنىڭ يولى دىگەن.ئاندىن ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىگە بىرنەچچە سىزىقلارنى سىزىپ مانا بۇلار شەيتاننىڭ يوللىرى،بۇ يوللارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇنىڭغا چاقىرىدىغان بىردىن شەيتان بار دىگەن..
دىمەك شەيتاننىڭ يوللىرى دىگەنلىك پەقەت كۇفرى ۋە شىرك ئەمەللەرنىلا كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى ئىسلامعا سۇقۇنۇپ كىرىۋالعان بىدئەت ئىشلارنىمۇ كۆرسىتىدۇ..
دىنىمىز مۇكەممەللىشىپ بولغان دەپ تۇرۇپ يەنە ئاشۇ دەۋردە يوق ئەقىدە-ئەمەللەرنى مەيدانغا ئاچىقىش ماھىيەتتە دىننىڭ چالا قالغانلىقىنى ئىتىراپ قىلىشتۇر...دىننىڭ قانداق مۇكەممەللەشكەنلىكىنى  شۇ دىننى بىزگە ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبىرىمىز تەربىلىگەن ھەمدە ئەڭ ياخشى ئىنسانلار دەپ باھا بەرگەن حەلىپىلەر ۋە  ساھابىلار بىزگە يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇلار سۆز-ھەركەتلىرى ئارقىلىق بىزگە دىنىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ.ئۇلاردىن كىيىن ھەرقانداق بىر ئادەم قۇرئان كەرىمنى ئۆز ئالدىغا تەرجىمە قىلىپ بۇرۇن يوق ئەقىدە ۋە  سۆز-ھەركەتلەرنى پەيدا قىلىۋالسا گەرچە ئۇنىڭ ئاغزىدىن قۇرئان ۋە ھەدىس تۆكۈلۈپ تۇرسىمۇ يەنىلا دەۋزەخكە كىرىدىغان 72 پىرقىنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ.73 پىرقىنىڭ ھەدىسى بۇنىڭ دەلىلى ھەمدە شىيەلەر بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ھەم جانلىق مىسالى..

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 17:24:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-ئەمەل ساھەسىدە بىز شاكال دەپ قارىۋالغان بىدئەتلەرنىڭ مېغىزنى قانچىلىك زىدە قىلغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بىر نەچچە مىسال كەلتۈرىمىز..
قۇرئان كەرىم بولسا دىنىمىزدا ئەڭ مۇقەددەس كىتاپ سانىلىدۇ..چۈنكى ئۇ پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان  اللەنىڭ كالامى ۋە بىزلەرگە دۇنيا –ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت يوللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان نۇرلۇق مەشئەلدۇر. ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن  مۇقەددەس ۋە بۆيۈكلۈكى دەل شۇيەردە..اللەتەئالا ئۇنى بىزلەرگە يول كۆرسىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇشىمىز ئۈچۈن نازىل قىلغان..ئەپسۇسكى ئارىمىزدا ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى پايخان قىلىدىغان بىدئەتلەر سان-ساناقسىز..
مىسالغا ئالساق قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگىنىش شۇنچە ئاسان بولسىمۇ  ئارىمىزدا قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلار كۇرمىڭ.( قۇرئان ئوقۇشنى بىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئۆلچەملىك تەجۋىد بىلەن ئوقۇيالايدىغانلار ئاز..تەجۋىدسىز قۇرئان ئوقۇشمۇ قۇرئاننىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋىتىدىغان قەبىھ بىدئەتلەردىن بىرىدۇر.) ئارىمىزدا قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغان مۇسۇلمانلار نىمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ؟چۈنكى چاقىرسىلا قۇرئان ئوقۇپ بىرىپ پۇل تاپىدىغانلار ئارىمىزدا نۇرغۇن..شۇڭا ئۇنى ئۈگىنىمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە باشقا تىللارنى ئۈگەنسە ياكى  تىجارەت قىلسا نۇرغۇن پۇل تاپقىلى بولىدۇ.تاپقان پۇلنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمىنى لىتاپقا سېلىپ ئالدىغا قويۇپ قويسا قارىملارنىڭ ئاغزى قۇلىقىغا يىتىپ ئۇنىڭ 70 پۇشتىغا ئۇزۇندىن –ئۇزۇن دۇئا قىلىشىدۇ...مانا بۇ بىدئەت سەۋەبىدىن  ئادەملەر پايدا-زىياننى ئاشۇنداق سېلىشتۇرۇپ كۆنۈپ قالغان..سەلەف سالىھلىرىمىز ھىچقاچان ئۆزلىرى قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگەنمەي قارىملارنى ئۆيلىرىگە چاقىرتىپ ئۇلارغا  قاپاقتىكى ھەرىدەك قۇرئان ئوقۇتۇپ ئالدىغا پۇل قويۇپ ساۋاپ ئالىدىغان ئىشنى قىلمىغان..
بىرەر ئادەم ئۆلۈپ كىتىپ بولغىچە ئۇنىڭ قەبرىسىنىڭ بېشىدا ئوتتۇز پارە قۇرئان تەييار قىلىنىدۇ..دەفنىدىن بىكار بولغىچە ئوقۇغان ياسىن ياكى تەبارەك سۈرىلىرىگە قانائەت قىلماي  شۇ يەردىلا قۇرئاننى بىر قېتىم خەتمە قىلىۋەتمىسەك كۆڭلىمىز ئارام تاپمايدۇ..چۈنكى شۇنداق قىلساق ئازاپ پەرىشتىلىرى مېيىتنى ئازاپلاشتىن توختاپ قالارمىش....ھېلىقى مېيىتنىڭ قۇرئانغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغانلىقى،ئەمەل قىلىدىغان ياكى ئەمەل قىلمايدىغانلىقى بىلەن ھىساپلاشمايمىز..ھەتتا شۇ كىچە قەبرىستاندا قونۇپ كىچىچە چىراقلارنى يېقىپ قۇرئان ئوقۇيدىغان،ناۋادا ھېلىقى مېيىت كىشى قارىلارنى تەربىلەيدىغان ئۇستاز بولسا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى  بىرەر ھەپتىگىچە  ئۇستازىنىڭ قەبرە بېشىدا قۇرئان ئوقۇپ ساداقىتىنى بىلدۈرىدىغان ئىشلارمۇ بار..بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي كەچتە يەنە مېيىتنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ  ئاز بولسا يەنە بىر قېتىم قۇرئان خەتمە قىلىۋەتمىسە ئۇنىمايدىغان ئىشلار ئومۇملاشقان. (جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا دىگەندەك ئەسلىدە ئۇلارنىڭ مەقسىتى پۇلدا..بولمىسا قېنى كانۋىرت قويماي بېقىڭ نىمە ئىشلار يۈز بىرىدىكىن؟).مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى  شەرىئىتىمىزدە چەكلەنگەن ،ۋە ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى بولغان ساھابىلار ۋە بىزنىڭ سەلەف سالىھلىرىمىز ئەسلا قىلىپ باقمىغان بىدئەت ئىشلاردۇر..بىز بۇنداق ئىشلار ئارقىلىق ئاشۇ سەلەفلىرىمىزدىنمۇ ياخشىراق ئادەم بولالارمىزمۇ ۋە ياكى بىدئەتچى بولارمىزمۇ؟مانا بۇ بىدئەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەنلىك بولارمۇ ياكى دەپسەندە قىلغانلىق بولارمۇ؟..قۇرئان كەرىم زادى نىمە ئۈچۈن نازىل قىلىنغان؟..ئاشۇنداق جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى بولۇش ئۈچۈنمۇ؟  
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەنمۇ بىر قېتىم بىر دوستىمىزنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئۇنىڭ تونۇشىنىڭ ئۆيىگە قۇرئان ئوقۇغىلى باردىم. بۇ يىغىلىش بىر يىل ئىلگىرىكى  مۇسىبەت سەۋەبىدىن  بولۇپ ھەممەيلەن خۇددى قاپاقتىكى ھەرىدەك گۇڭۇلداپ قۇرئان ئوقۇدۇق..بۇچاغدا ساھىپخان قېشىمىزدا ئولتۇرمىدى..ئارىدا مەن سىرتقا چىقسام ساھىپخاننىڭ ئايال ۋە قىزلىرىنىڭ يالاڭۋاشتاق ،يېرىم يالىڭاچ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم..بىر ئۆيدىن ناخشا –مۇزىكىنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى..قارىغاندا ساھىپخان يەنە بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ تىلىۋىزور كۆرۈۋاتقان ئىدى..بىز قۇرئاننى خەتمە قىلغاندىن كىيىن ساھىپخاننى چاقىرتىپ كىردۇق..تاماقتىن كىيىن ئالدىمىزغا بىردىن لىتاپىدا پۇل قويدى..يانچۇقىمىزغا سېلىپ قايتىپ چىقتۇق...كۆڭلىمىزدە بولسا بۇ پۇل بىزنىڭ قۇرئان ئوقۇغان ئىش ھەققىمىز ئەمەس بەلكى ساھىپخاننىڭ كۆڭلى ھەم بىزگە قىلغان ھەدىيەسى دەپ پەتىۋا تېپىپ ۋىجدانىمىزنى ئالدىدۇق..
ئەمما ئۇ ساھىپخاننىڭ بىزنى قەتئى تونۇمايدىغانلىقىنى،بۇندىن كىيىنمۇ تونۇمايدىغانلىقىنى ،پەقەت قۇرئان ئوقۇغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىزگە پۇل بەرگەنلىكىنى ئويلاشنى خالىمىدۇق..چۈنكى ئۇنداق ئويلىساق ئۆزىمىزنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقىمىزنى،قۇرئان ئوقۇپ پۇل تاپقانلىقىمىزنى  ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولاتتۇق..شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆيدە قۇرئان   ئوقۇپ كەسپدارلىق قىلىپ بىدئەت ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ ۋە دىنىمىزنى دەپسەندە قىلىپ قايتىپ چىقتۇق. .كىيىن بۇنداق بىدئەت ئىشلارغا ئەسلا قاتناشمايدىغان بولدۇم..
ئاڭلىشىمچە چوڭ شەھەرلەردە ھەتتا مەخسۇس قۇرئان ئوقۇپ پۇل تاپىدىغان شىركەت-گورۇھلار بولۇپ ئۇلار كارتا تارقىتىپ تىلىفۇن قىلغان ھامان ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدىكەن.. سودىلىشىپ پۈتۈشكەندىن كىيىن قۇرئان خەتمە   قىلىپ بىرىدىكەن..مۇشۇنداق ناكەسلەرمۇ موللا ،قارىم ئاتلىق كىشىلەر. بىچارە، نادان كىشىلەر بۇنداق قىلىشنىڭ بىدئەتلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا تىل تەككۈزەلمەيدۇ.(پەقەتلا ئۇلارنىڭ كەينىدىن  ۋە ياكى ئىچىدە غوتۇلدايدۇ).شۇنىڭ بىلەن ئاشۇنداق دىنى كەسپدارلارنىڭ  قۇرئان ئارقىلىق جان بېقىشىغا ناھايىتىمۇ ئوبدان بازار چىقىدۇ..
قۇرئان كەرىم نىمە ئۈچۈن نازىل قىلىنغان؟ ئاشۇنداق قەبرىستانلىقلاردا ئۆلۈكلەرگە،نەزرىلەردە رەسمىيەت ئۈچۈن ئوقۇشقا نازىل قىلىنغانمىتى؟ ئاشۇنداق جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى بولۇش ئۈچۈنمۇ؟ بىزنىڭ سەلەف سالىھىلىرىمىز ئاشۇنداق چۈپرەندە ئىشلارنى قىلغانمۇ-يوق؟ شۇچاغدا دىن بولمىغان بىر ئىش ئەمدى بۈگۈنگە كىلىپ دىن بولۇپ قالارمۇ؟ يۇقارقىلار بىز شاكال دەپ قارىۋالغان بىدئەتنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋىتى. مانا بۇ بىدئەتلەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئىناۋىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەنلىك بولارمۇ ياكى دەپسەندە قىلغانلىق بولارمۇ؟....
يەنە تېخى مېيىتنىڭ مەيدىسىگە جاۋاپنامە دەيدىغان بىر نەرسىنى قويۇپ قويىدىغان بىدئەتمۇ بار..خۇددى مۇنكىر-نەكىر سوراق قىلغىلى كىرگەندە «بىرىدىغان جاۋابىم مۇشۇ قەغەزدە يېزىقلىق،شۇنى ئوقۇۋېلىشسىلا تەقسىرلىرىم» دەپ قۇتۇلغىلى بولىدىغاندەك..
مانا بۇ بىدئەتمۇ شاكال نەرسە ئەمەس بەلكى دىنىمىزغا ھاقارەت ئېلىپ كىلىدىغان ئىپلاسلىقلاردىن بىرىدۇر.ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇنداق  ئىپلاس بىدئەت بىر قىسىم موللا ئاتلىق كىشىلەر تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلۇپ قەغەزلەرگە جاۋاپنامىلەر بېسىلىپ نەپسانىيەتچى سودىگەرلەر تەرىپىدىن ھازىرغىچە سېتىلماقتا. ئاشۇنداق چۈپرەندە بىر نىمىلەرنى سېتىۋالىدىغان گالۋاڭ  ھەم خۇراپى مۇسۇلمانلار ھېلىمۇ خېلى نۇرغۇن..بۇنى بىدئەت دىگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ۋاھھابى ،بەدمەزھەپ....دەپ  قالپاق كەيدۈرىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ..
ئاندىن مېيىتنى يەرلىكىگە قويۇپ بولغاندا ئۇنىڭغا يېقىن كىلىپ «رەببىڭ كىم؟ دىسە اللە دىگەيلا،دىنىڭ نىمە ؟ دىسە ئىسلام دىگەيلا.......»دەپ مۇنكىر-نەكىرنىڭ سوئالىغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى ئۈگىتىدىغان ئىشلار ھېلىمۇ خېلى جىق يۇرتلاردا بار..تېخى مۇشۇنداق قەبىھ بىر بىدئەتنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر قىسىم كىتاپلارمۇ بار.شۇنىڭ بىلەن بىسمىللاسى بار، ئېقى قەغەز،قارىسى سىيا ئەرەپچە ياكى پارسچە ۋە ياكى تۈركچە خەتلەرنىڭ ھەممىنى دەلىل دەپ ئويلايدىغان نەپسانىيەتچى چالا موللىلارغا بۇنداق كىتاپلار ناھايىتىمۇ ئوبدان دەستەك بولۇپ بەرگەن.مانا بۇ بىدئەتمۇ دىننى خېلى ئوبدانلا ئويۇنچۇققا ئايلاندۇرۇپ قويغان..
يەنە تېخى رايونىمىزنىڭ مارالۋېشى ئەتراپلىرىدا تاھا سۈرىسىنىڭ باش قىسمىنى بىر كىسەككە ئويۇپ ئاندىن ئۇكىسەكنى مېيىتنىڭ بېشىغا قويۇپ قويۇپ پۇل تاپىدىغان ئىپلاس ئىشلارمۇ بار..بۇنىمۇ نەپسانىيەتچى ،بىدئەتچى موللىلار پەيدا قىلغان ۋە شۇنداقلارنىڭ ۋارىسلىرى ھازىرمۇ  قىلىۋاتىدۇ..
يەنە   مېيىتنىڭ قەبرىسىگە ئەزان –تەكبىر توۋلاپ قويىدىغان، مېيىتنىڭ ئايالىنى كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ قەبرىنىڭ  ئۈستىدە ئوڭغا يەتتە قېتىم،سولغا يەتتە قېتىم تاۋاپ قىلدۇرىدىغان چۈپرەندە ئشلارمۇ بار..
سەكراتتىكى كىشىنىڭ بېشىدا قۇرئان قويۇپ قويىدىغان ، مېيىتنىڭ مەيدىسىگە  قۇرئان قويۇپ قويىدىغان،
جىنازىنىڭ ئۈستىگە ئايەت يېزىلغان يوپۇقلارنى ياپىدىغان ،جىنازىنىڭ پۇتىغا قوي باغلاپ ئاچىقىپ ناماز چۈشۈرگەن ئادەمگە ھەدىيە قىلىدىغان ،ۋە ياكى جىنازىغا بىرەر پارچە رەخت ئارتىپ چىقىپ ناماز چۈشۈرگەن ئادەمگە ھەدىيە قىلىدىغان بىدئەت ئىشلار ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ..مانا بۇ ئىشمۇ جىنازا نامىزىدىن ئىبارەت بىر ئىبادەتنى ۋە اللەنىڭ ئايەتلىرىنى چۈپرەندە بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئىپلاسلىقتۇر..
بۇنىڭدىنمۇ قەبىھرەكى شۇكى جىنازا نامىزى ئوقۇشنىڭ ئالدىدا مېيىتنىڭ ئوقۇيالمىغان ناماز،تۇتالمىغان روزىلىرىنى ھىساپلاپ چىقىپ ئاندىن ئىھتىيات ئۈچۈن ئۇنىڭغا ناماز پەرز بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ گەدىنىگە چۈشكەن بارلىق نامازلىرى  ۋە روزىلىرىنى بىركۈنمۇ ئادا قىلمىغان دەپ ھىساپلاپ  بۇنىڭ ئۈچۈن فىديە بىرىۋەتسەك مېيىت گۇناھتىن خالاس بولىدۇ دەپ 80 ياشلىق بىر ئادەمنىڭ 70 يىللىق ناماز ۋە روزىسى ئۈچۈن بىرىشكە تىگىشلىك فىديىسىگە مېيىتنىڭ ئائىلىسىدىن ۋە ياكى ئۇنىڭ خوشنىلىرىنىڭ ئۆيىدىن بىر كالا ياكى تۆگىنى ئاچىقىپ ئۇنىڭغا ئۇزۇن بىر ئارغامچا چېتىپ جامائەتنىڭ ھەممىگە بىرقېتىمدىن تۇتقۇزۇپ ئاندىن ئۇنى ئەكىرىپ كىتىدىغان ئىپلاس قىلىقلار دىيارىمىزدا بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا خېلى كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئەۋج ئالغان.(بۇنى ئىسقات قىلىش ۋە دەۋرە قىلىش دىيىلىدۇ) ئاشۇ بىدئەتچى موللىلارنىڭ دىيىشىچە ئاشۇ كالىنىڭ ئارغامچىسىنى بىر ئادەمگە تۇتقۇزغىنىمىز ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭغا بىر كالا سەدىقە قىلغانلىق بولىدىكەن،ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇۋېلىپ يەنە بىر ئادەمگە تۇتقۇزساق ئىككى كالا سەدىقە قىلغانلىق بولىدىكەن،شۇنداق قىلىپ ئاشۇ مەيداندىكى يۈز ئادەمگە تۇتقۇزساق يۈز كالا سەدىقە قىلغان بولىدىكەنمىز،شۇنىڭ بىلەن مېيىتنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە تۇتالمىغان روزىسى،ئوقۇيالمىغان نامىزىنىڭ گۇناھى تۈگەيمىش....بۇنداق ئىپلاس ئىشنىڭ  ئالدامچىلىق ۋە بىدئەت بولىدىغانلىقىنى ،اللەنى بۇنداق قىلىپ ئالداشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرگەنلەرنى بولسا ۋاھھابى،بۆلگۈنچى،،ئىختىلاپچى دەپ قالپاقلار كەيدۈرۈلۈۋاتىدۇ.. تەخمىنەن ئوتتۇز يىلدىن بىرى مۇشۇنداق ئىپلاسلىققا قارشى كۈرەش قىلىپمۇ  نەپسانىيەتچى ۋە بىدئەتچى چالا موللىلارنىڭ دەستىدىن تېخىچە يوقۇتالمايۋاتىمىز..سۆزلەپ كەلسەك بۇنداق ئىشلار نۇرغۇن.
سوفىزمدىن ئىبارەت بۇ چۈپرەندە بىدئەتنىڭمۇ خەلىقىمىزنى قانداق بالايى-ئاپەتلەرگە تىققانلىقىنى ئەقلى سەگەك،ئىمانى ئەركەك ھەر بىر ئۇيغۇر بىلىدۇ..
..قېنى سىز دەپ بېقىڭ! يۇقارقىدەك ئىپلاس بىدئەتلەر قارشى تۇرۇشقا ئەرزىمەيدىغان شاكال ۋە ئاقماس نەرسىلەرمۇ؟ بىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەجداتلىرىمىز مۇشۇنداق ئىپلاس قىلىقلارنى قىلىپ باققانمۇ؟ ئاشۇنداق ئىللەتلەرنى تۈزەتمەي تۇرۇپ مىللىتىمىز گۈللىنەرمۇ؟ دىنىمىزغا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان بۇنداق ئىپلاسلىقلارغا   قارشى چىقىش -ئىختىلاپ تۇغدۇرۇپ مۇسۇلمانلارنى بۆلۈۋەتكەنلىكمۇ ۋە ياكى دىنىمىزنى قوغدىغانلىقمۇ؟
ئاپتورى: سايرام      

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 23:53:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sayram يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 17:24
2-ئەمەل ساھەسىدە بىز شاكال دەپ قارىۋالغان بىدئەتلەرنىڭ ...


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ! نىمانداق مەن ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەر جىق بۇنىڭدا بۇيازمىنى ئۇقۇپ خېلى كاللام سەگەكلەشتى مېنىڭ ! يەنىمۇ كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز ! بولسا 1-تىلغا ئالغان كىتابنىڭ پ د ف نۇسخىسىنى تاپالىسىڭىز يوللاپ قويسىڭىز !   ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن !

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eslamuqun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 23:58  

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 00:03:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ناھايتى ئۇرۇنلۇق گەپ بوپتۇ.
ئاللاھ كوپ  رەھمەت قىلسۇن
دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنى ھەقنى  ھەق بىلىپ ئەمەل قىلغىلى ،بىدئەت باتىلنى باتىل بىلىپ قارشى تۇرغىلى ئاللاھ نىسىپ قىلسۇن.!
ھەرخىل مەخسەتلەر بىلەن بىدئەتلەرنى تارقىتۋاتقان ،قۇللاۋاتقان ،ئادەملەرنى ئاللاھ  ھىدايەت قىلسۇن .
دىنمىزغا ئاشكارە ،يۇشۇرۇن دۇشمەنلىك قىلغانلارغا ،مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلۋاتقانلارغا ،ھەق دەۋەت ئېلىپ بارغانلارنى قەستلەپ ،ئۇزنىڭ باتىل يۇللىردىكى ساختا ئابرۇيلىرنىڭ يۇقلىشدىن ئەنسىرەپ ياكى مەلۇم مەخسەتتە  زالىملارغا چېقىپ يۇقتىۋاتقان سىياقى مۇسۇلمان ،تىلى مۇسۇلمان،قەلبى تۇڭگۇز يالاقچىلارغا ئاللاھ ئۇزى كۇپايە بۇلسۇن.!!!!!

ئىنشا ئاللاھ  خەلقىمىز ھەق دىننىڭ ئەسلى بىلەن ئۇچراشقۇسى ،شۇكۇنلەردە بىدئەت لەر بىلەن ئوتكەن كۇنلىرنى  ئەسكە ئالغانلىردا ئۇزنىڭ شۇ ھەقىقەتلەرنى يەتكۇزگەن كىشلەرگە قىلغان مالامەت -بۇھتانلىرنى خىجىللىق بىلەن ئەسلەپ ئۇلارنىڭ ھەققىگە دۇئاغا قۇل كۇتۇردۇ .[ھازىر ئابدۇ قادىر دامۇللام،سابىت دامۇللام ،مەمتىمىن ھەزرەت ...........لەر ئۇچۇن دۇئا قىلغىنىمىزدەك]
ئەمما ئۇچاغدا ئۇكىشلەرنىڭ كۇپى ھەرخىل ھالەتلەردە رەببىگە ئۇچراشقاندۇر.

بىركۇن كىلەر باھار ئېچىلار گۇللەر
بىزنى تاپالمايسىز  سىز ئاشۇ كۇندە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:36 , Processed in 0.033364 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش