ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2440|ئىنكاس: 4

ئۇنتۇمايلى! بىز دىگەن- مۇسۇلمان.. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
50
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:36:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئىچىم شۇنداق ئاچچىق بولدى.تىلىفۇنچىلىق قىلىدىغان بىر دوستىمىزنىڭ دۇكىنىغا ئىككى دوستۇم بىلەن بىللەكىردىم.دۇكاندا قىسماق ساقال قويۇۋالغان مەندىن چوڭراق كىلىدىغان سالاپەتلىك  بىر ئادەم، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا ئىگىز بويلۇق ، رەسىدە بولغان بىر قىز ئولتۇراتتى .. قىزنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپلا   خۇيۇم تۇتتى.. قىز بېشىغا  نىپىز ھەم كىچىك ياغلىق سېلىۋالغان بولۇپ  بويۇن ۋە مەيدىلىرى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.. كاسىسىنى ئاران ياپىدىغان كوپتا كىيىپ  كۆينەك كەيمىگەن ئىدى،تار نىيۇزەي شىم كىيىۋالغاچقا سۆڭگەچ ۋە يوتىلىرى    چىڭقىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ چىرايىدىن مۇسۇلمانلىقى چىقىپ تۇرسىمۇ ئەمما قىزىنىڭ تۇرقى بولسا ھېلىقىدەك ئىدى..بۇنداق  ناكەس مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ھەر بىرىگە دەل ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمىگەچكە  غەزىپىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ دوستلىرىمنىڭ ئىشى تۈگىگىچە ئولتۇردۇم.دۇكانچى دوستۇم ئۇ ئادەمنى ئۇزاتقاندا ھاجىم! دىگەندەك قىلىۋىدى مەن بۇ قىز كىم بولىدۇ؟ دەپ سورىدىم.ئۇ بۇقىزنىڭ مەلۇم شەھەردە يەنە بىر دوستىمىزنىڭ قىزى بىلەن ئوقۇيدىغانلىقىنى دەپبەردى..مەن تېخى ئۇنى بىرەر گۈزەل –سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن..ئۇلارغا ئىككى ئېغىز گەپ قىلالمىغانلىقىمغا كۆڭلۈم غەش ھالدا دۇكاندىن يېنىپ چىقتىم.قايتقىچە بىللە كەلگەن دوستلىرىمدىن سورىسام ئۇلار بۇقىزنىڭ دىنى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى دىۋىدى بۇگەپ مىڭەمگە چىقىپ دەرھال بۇ قىز قايسى دىندا ئوقۇيدىغاندۇ؟ دەۋىتىپتىمەن.ئەمما سوئالىم ئارتۇقچە ئىدى..تېخىمۇ ئىچىم سىقىلدى..چۈنكى دىنىمىز رەسىدە بولغان قىزلارنىڭ بۇنداق يۈرۈشىگە يول قويمايتتى. بەلكى  ئۇلارنىڭ  بۇنداق يۈرۈشىنىڭ ھاراملىقى بارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئورتاق قارىشى ئىدى. بىز بىلمەيدىغان يېڭىچە ئىسلام دىنى مەيدانغا كەلگەنمىدۇ؟ توۋا ! بۇ قانداق دادا ،نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ قىزىنى دىندا ئوقۇتىدۇ،لىكىن قىزىنىڭ قانداق يۈرۈۋاتقانلىقى، قايسى دىنغا ئەمەل قىلىۋاتقانلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ؟ بۇ قىز قانداق قىز؟ ئۇ شۇنچە  نۇرغۇن بەدەل تۆلەپ ئوقۇيدۇ-يۇ باشقىلارغا ھەقىقى مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلمىغاننىڭ ئۈستىگە دىنىمىزدا قىزلارنىڭ بىلىشى ھەم ئەمەل قىلىشى پەرز بولغان ئاددى  بىر ساۋاتنى بىلمەيدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىپ قىلچىلىك خىجىل بولماي مەغرۇر يۈرىدۇ ؟ ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئۇستازى ئۇلارنىڭ كىيىم كىچىكى ۋە يۈرۈش تۇرۇشى بىلەن كارى بولمامدىغاندۇ؟ قىزلارنىڭ يۈزىنى ۋە ئىككى قولىنى ئوچۇق قويۇشىنىغۇ رۇخسەت دەپ تۇرايلى! ئەمما بويۇن ۋە مەيدىلىرىنى ئېچىپ، نىيۇزەي شىم كىيىپ كۆينەك كەيمەي كاسىلىرىنى دۇتاردەك چىقىرىپ ئەرلەرنىڭ ھەۋەسلىرىنى قوزغاپ يۈرۈشلىرىگە نىمە تۈرتكە بولدى؟ قانداق مۇسۇلمان  ئاتا بۇنداق ئىشقا رازى بولىدۇ؟  ھەر قانچە ئويلىساممۇ مۇقەددەس دىنىمىزدا بۇنداق نۇمۇسسىزلىققا يول قويىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.

جەمىيىتىمىزدە بۇنداق ناكەس دادىلار نۇرغۇن..ئۇلار چوڭ گەپلەرنى قىلىپ ماختىنىشقا ئامراق.تېخى ئىمام ياراتماي جۈمە نامىزىنى ۋىلايەت ئاتلاپ ئوقۇپ كەلگەنلىكىنى پەش قىلىشىپ ۋاھ! بۈگۈن پالانى ئىمام ئاجايىپ بەلەن سۆزلەپ بەردى جۇما !جۈمە دىگەننى ئاشەگە چىقىپ ئوقۇماي... دىيىشىدۇ. نىمە دەپ بەردى؟ دەپ سورىساڭ ئون ئېغىز گەپنى دەپ بىرەلمەيدۇ.( بۇ ئىشلار پەقەت بىر مودىغا ئايلىنىپ قالدى .ئەمەل قىلىش مەقسەت ئەمەس).يەنە بەزىلەر بولسا بالىلىرىدىن بىرەرنى ئانچە-مۇنچە ئوقۇتۇپ قويغانلىقىنى دىنىمىز ئۈچۈن تاغدەك ئىش قىلىپ بەرگەندەك بىلىدۇ..شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى كاتتا ئەۋلىيا چاغلاپ كىرىلىپ يۈرىدۇ..

دۇرۇس،بۈگۈنكى كۈنىمىزدە نۇرغۇن بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلارغا چىداپ بىرەر پەرزەنتىنى دىندا ئوقۇتۇش ھەقىقەتەن تەس.. بۇ جەھەتتىن ئۇلارنى قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ..

ئەمما ئويلاپ باقايلى! بىز نىمە ئۈچۈن پەرزەتنلىرىمىزنى ئوقۇتىمىز؟ پەرزەنتلىرىمىز نىمە ئۈچۈن ئوقۇيدۇ؟ نام –ئابروي ئۈچۈنمۇ؟ دىنىمىزغا ئەمەل قىلماي ئوقۇپلا قويغانغا ئىش پۈتەمدۇ؟ مانا بۇ ھەر بىر ئاتىلارنىڭ ۋە  دىندا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئويلىنىپ بېقىشى زۆرۈر بولغان مەسىلىلەر.. ساپ ھەم مۇستەھكەم ئەقىدىنىڭ ئىنساننىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىق  بەختىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىدە قىلچىلىك شۈبھە يوق تۇرسا قېنى ئاشۇ ئاتىلارنىڭ قايسىسى ئۆزىنىڭ دىنىنىڭ  ئەقىدىسى ھەققىدە بىرەر پارچە كىتاپنى تۈگىتىپ ئوقۇپ ۋە ياكى بالىلىرىغا ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ كاللىسىدا ساپ ھەم مۇستەھكەم بىر ئەقىدە  تىكلىدى؟ قانچىلىكى قۇرئاننى  ئۆلچەملىك تەجۋىدبىلەن ئوقۇيالايدۇ؟ تەجۋىد بىلەن ئوقۇلمىغان قۇرئاننىڭ خاتا مەنا بىرىدىغانلىقىنى ھەرقايسى ئىلىم ئەھلىلىرى شۇنچە تەكىتلەۋاتسىمۇلىكىن بۇنىڭغا ئەھمىيەت بىرىدىغانلار قانچىلىك؟كۈندە بىر سائەت ۋاقىت ئاجراتسا تەجۋىد دىگەننى ئۇزاق بولسا بىر ئايدا ئۈگەنگىلى بولىدۇ..ئەمما پۇل تېپىشقا ،چاي ئويناش ۋە  چايخانىلاردا بىھۇدە پاراڭ سېلىپ  كۆڭۈل ئېچىشقا ۋاقىت چىقارسىمۇ شۇنچە مۇھىم ئىشقا  ۋاقىت ئاجرىتىدىغان ئاتا-ئانىلار يوق.تېخى قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان مۇسۇلمان ئاتا-ئانىلار كۇرمىڭ. گەپ قىلسا يوغان يەردىن چۈشىدۇ..

  دوستلار! دىنىمىزا ھىچقاچان ئوقۇپلا قويسا ۋە ياكى پەرزەنتىنى ئوقۇتۇپلا قويسا جەننەتكە كىرىدۇ دىيىلمىگەن.بەلكى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممە يېرىدە ئىمان ئېيتقانلار ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ جەننەتكە كىرىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.ئەمەل قىلماي ئوقۇغاننىڭ ۋە ئوقۇتقاننىڭ  ھىچنىمىگە ئەھمىيىتى بولمايلا قالماي ئۇنىڭ ئىلمى ۋە ئاڭلىغان تەبلىغلىرى  ئۆزىنىڭ زىيىنىغا پاكىت بولىدۇ.. ئۆزى ئەمەل قىلمايۋاتقان دىننى پەرزەنتلىرىگە ئۈگەتكەننىڭ قانچىلىك ئەھمىيىتى بولسۇن؟ اللەتەئالا قۇرئان كەرىمدە « ئۆزەڭلارنى ۋە ئائىلەڭلارنى دەۋزەختىن ساقلاڭلار ،ئۇنىڭ يېقىلغۇسى ئادەملەر ۋە تاشلاردۇر...»دەۋاتىدۇ..ھارام ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قەلبى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرگەننى پەيغەمبىرىمىز ئەڭ ئاجىز ئىمان دەۋاتىدۇ.. ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىنى ئۆتكۈزەلەيدىغان ئۇنىڭ ئۈستىگە دىندا ئوقۇتۇۋاتقان قىزىنى ھارام ئىشتىن توسمىغاننىڭ ئۈستىگە قىلچىلىك خىجىل بولماي ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن،دىندا ئوقۇپ تۇرۇپمۇ ھارام ئىشنى قىلىپ يۈرگەنلىكىدىن خىجىل بولماي  يۈرگەن ئادەمنى نىمە دىسەك بولار؟ شەرىئەتكە ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىمۇ بولسا  بويسۇندۇرمىغان بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىكى چوڭ گەپلەر پەقەت رىياخورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ اللەنىڭ نەزىرىدە نۆلگە تەڭ.خۇددى سۈيدۈك بىلەن تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇغاندەك پەقەت ئۇلارنىڭ ۋىجدانىغا ئازراقلا تەسەللى بىرەلەيدۇ خالاس..

ئاشۇنداق زامانىۋى مودا  مۇسۇلمانلارنىڭ دەستىدىن ھازىر سۈننەتچى مۇسۇلمان ئەر-ئاياللارغا  كۈن يوق بولۇۋاتىدۇ.
ـ«مىسىر،تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللارمۇ   ھەرخىل موداكىيىملەرنى،نىيۇزەي شىملارنى كىيىپ ،چاچلىرىنى ھەرخىل بوياپ،ياساپ،يېرىم يالىڭاچ يۈرۈپمۇ،ئەرلىرى ساقال قويمايمۇ  مۇسۇلمان بولۇپ ياشىيالايدىكەن،سەنلەر نىمىشقا ئاشۇلاردەك مۇسۇلمان بولۇشمايسەن؟»دەپ ھازىركوچا-دوقمۇشلاردا«گۈزەللەشتۇرۈش قۇرۇلۇشى» ئېلىپ بېرىپ قىز-ئاياللىرىمىزنى «گۈزەللەشتۈرۈۋاتقان»لارنى  دەل ئاشۇنداق يېڭىچە ئىسلامنىڭ زامانىۋى مۇسۇلمان مودا خېنىملىرى پاكىت ۋە ماتىرىيال  بىلەن تەمىنلەپ چەت ئەللىكلەرنى دەستەك قىلىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇۋاتىدۇ..
ئاتالمىش«گۈزەللەشتۈرگۈچىلەر» مۇ تېخى يۈزىنى ياپمىغانلا بولسا كىيىم-كىچەكلىرى بىلەن كارى يوق..شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ مۇسۇلمان مودا خېنىملىرىمىز ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىنمۇ ئاشۇرۇپ خېلى ئوبدانلا ماسلىشىپ ئۇلارغا ئەقىل ئۈگىتىۋاتىدۇ.. ئۇنداق قىلمايلى دوستلار، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يۈزلىرىنى ياپقۇزالمىساقمۇ ھىچبولمىسا ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى،بويۇن ۋە مەيدىلىرىنى ياپقىدەك چوڭراق ياغلىق ئەپبىرەيلى! سىرتقا چىققاندا ئۇلارنىڭ ئىسلامچە ياغلىق سالغان –سالمىغانلىقىغا دىققەت قىلىپ قويايلى! ئۇلارنىڭ نىيۇزەي شىملارنى،دەنكۇ ئشتانلارنى كىيىشىگە يول قويمايلى! يات ئەركەكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ كاسىلىرىغا قاراپ ھەۋەسلىرىنىڭ قوزغىلىشىغا دەللاللىق قىلىپ  بەرمەيلى! دىنىمىزنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇلارغا قېلىن(بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالمىغىدەك )، ئۇزۇنراق ھەم كەڭرەك  كىيىم-كىچەكلەرنى كەيدۈرەيلى!
بولمىسا بارغانچە مۇشۇنداق كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ «گۈزەللەشتۈرىدىغانلار» پەيدا بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بارا-بارا غەربلىكلەردەك يالىڭاچ يۈرىدىغان «مۇسۇلمان»لار مەيدانغا چىقىدۇ ..
  روپاش ئانىلارنى،ساقاللىق «ھاجىم» دادىلارنى قولتۇقلاپ كىتىپ بارغان يالاڭ پاچاق،يالاڭباش ۋە ياكى كالتە ئىشتان (دەنكۇ) كىيگەن رەسۋا  قىز-ئاياللارنى  كۆرگىنىمدە شۇنداق نەپرەتلىنىمەن. بۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمانلىنىمەن.. مۇسۇلمانلىقىدىن  تېخىمۇ  گۇمانلىنىمەن.قىزىنىڭ تۇرقىدىن ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى كۆرگەندەك بولىمەن. ئۆزىمىزنىڭ ھېلىمۇ مۇشۇنچىلىك كۈن كۆرۈۋاتقىنىمىزنى غەنىمەت بىلىمەن. «گۈزەللەشتۈرگۈچىلەر»نىڭ ھېلىمۇ قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ يۈزلىرىنى ئېچىش بىلەنلا بولدى قىلماي ئۇلارنىڭ ئىشتان –كۆينەكلىرىنى سالدۇرۇپ،ياغلىقلىرىنى يىرتىپ  ھەر بىرىگە بىردىن تار  نىيۇزەي ئىشتان ۋە ياكى دەنكۇ ئىشتانلارنى كەيگۈزۈپ يولغا سەپقويمايۋاتقانلىقىغا  شۈكۈر دەيمەن..(مۇشۇ پىتى كىتىۋەرسەك بۇمۇ يىراق ئەمەس) اللەدىن ئاشۇ ئاتا-ئانىلارغا ئىمان،  غۇرۇر ۋە ۋىجدان تىلەيمەن... ئۇنتۇپ قالمايلى! بىز دىگەن مۇسۇلمان..

ئاپتورى: سايرام     
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 18:00:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زاماندا مىللىتى ئەرەپ، تۈرك بولۇپ قالسىلا كامىل مۇسۇلمان بولىشى ناتايىن، خەقنىڭ مىللىتى، تۇرۇشلۇق ئورنىغا قاراپلا ، ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىۋالساق بولماس.

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 09:34:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم ! ناھايىتى ياخشى تېما بوپتۇ ! خۇددى سىز ئېيتقاندەك ئېغزىدامۇسۇلمانلىقنى دەۋا قىلىدىغان لىكىن ئەمەلدە ئەينى زاماندىكى مەككە مۇشرىكلىرى بىلگەنچىلىك ئىسلام ،تەۋھىد دىگەنلەرنى قىلچە چۇشەنمەيدىغان ئاغزاكى مۇسۇلمانلار پەيدا بولدى ! خۇددى سىزگە ئوخشاش ھازىر بىر دەۋەتچى ئالدىدا بۇلىۋاتقان ھارام ئىشلارغا كۆڭلىدە نارازى بۇلۇش بىلەن توختاپ قېلىشى مۇسۇلمانلارنى چۇشكۇنلۇككە باشلاۋاتىدۇ مەن ئويلايمەن بىز ھەرقانداق ھارام ئىشنى توسالىغۇدەك ئىمان بۇلۇشى كىرەك ! بۇنچىلىك ئىمان بولمايدىكەن بىزنىڭ بىر -ئىككى كىشىنىڭ ھىدايىتىگە سەۋەپ بۇلالىشىمىز تەس ! يەنە سىزدەپ ئۆتكەندەك بالىلارنى ئۇقۇتىمىز يۇ ئۇلارغا ئۇقۇشنىڭ مەقسىتى ياكى غايىسىنى دەپ بەرمەي مەجبۇرى ئوقۇتىمىز ! لىكىن بۇنداق ئۇقۇتۇشتا ئۇلار ھېچقانداق ئىسلامى ئاڭغا ئىگە بولمايدۇ بۇنىڭدىن ھازىرقى ئاتا-ئانىلار ۋە ئۇستازلارنىڭ پەقەت شۇ باللىرى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ئۆزئالدىللىرىدىلام كۆزبۇيامچىلىق قىلىپلا ئانچە-مۇنچە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانسىلام بولدى دەپ قارىغانلىقى ، ئۇلارنىڭ مەنىۋىيتىگە سەل قارىغانلىقىدۇر! ئەمدى گەپ قىلماي كىيىن يەنە پىكىرلىشەرمىز ئاللاھقا ئامانەت !

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 22:31:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  ۋاي مۇشۇنداق  مەيدىسى ئۇچۇق ،ئالدى -كەينى ئىگىز -پەس  يەرلىرنىڭ ھەممىنى بازارغاسەپ يۇردىغان .كىيمىنىڭ نىپىزلىكى بىلەن يۇزدىن باشقا تىرلىرنىڭ رەڭگنى بىلگىلى بۇلدىغان ،تار نىپىز كىيىم كىچكى بىلەن ئانسىدىن تۇغۇلغان چاغدىكى ھالىتىنى ئىپادىلەپ يۇردىغان مۇسۇلمانلىق تونىغا ئۇرنۇ ۋالغان  ناكەسلەر  سىزگىمۇ ئۇچراپتۇ ھە ؟
......ئىسىت.........111
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئويغاق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-12 22:43  

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:33:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،جەمىيىتىمزدە دىننى دەستەك قىلىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدىغان ،مۇسۇلماننىڭ مەنىسىنى ھەقىقى بىلمەيدىغان ،باشقىلار ئۇنى ھاجم ياكى شۇنىڭدەك قارى ،داموللام تەخۇللىسى بىلەن ئاتىشنى چوڭ بىلىدىغان ،يەنى شەكىلگە ئەگىشىپ ئاللاھنى ھەقىقى تۇنۇماي ئۈزى بىلگەنچە ئىش قىلدىغان كىشلىرىمىز نۇرغۇن ،ئاتا-ئانا شۇ ئۆينىڭ تۈۋرىكى يولباشچىسى ،توغرا -خاتانى بىلدۈرگۈچى ،پەرزەنىتكە ئۈلگە بولغۇچى ،،،،ئاتا-ئانىلىرمىزنى ئسلام يولىدا ھەقىقى مېڭىشقا نىسىپ قىلغاي ،ئامىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:42 , Processed in 0.028233 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش