ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3833|ئىنكاس: 0

ھىجاپ ئۇچۇن ھەمشېرەم،يىلىنمىغىن،كادىرغا.... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
46
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 01:21:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھىجاپ ئۈچۈن ھەمشىرەم،يېلىنمىغىن كادىرغا

               ئارمان شئېرى                                                        
                                                                           

ھىجاپ ئۈچۈن ھەمشىرەم يېلىنمىغىن كادىرغا،
قانون بىلەن ئويناشقان يوغان قورساق بادىرغا،
ياغلىقىڭنى ساتماقچى بىر ئاپقۇر مەي،دادىرغا،
يالۋۇرمىغىن بەردەم بول،ئوخشاپ نۇزۇك،سادىرغا،
پەقەت يىغلاپ دۇئا قىل،ئۇلۇغ ئىگەم-قادىرغا.

كىتابىمىز قۇرئاندا ھىجاپلان دەپ خىتاپ بار،
دىن ئىتىقاد ئەركىن دەپ قانوندىمۇ بىر باپ بار،
ئىماملارنىڭ قولىدا دۆلەت بەرگەن كىتاپ بار،
شۇ كىتاپتا چېن گۇاڭيەن دەپتۇ:دىندا ھىجاپ بار،
شۇنداق تۇرۇپ نېمىشقا ئۇنى چەكلەر<< ئەرباپ >>بار؟

قىزلار يۈرسە يوتقاندىن چىققاندەكلا يالىڭاچ،
شەھۋەتخورلار  مۈشۈكتەك قاراپ كەتسە  نەپسى ئاچ،
ئەخلاقسىزنى توسىماي،دەيدۇ نىچۈن :ئەۋرەت ئاچ،
مۇسلىمەگە ئەۋرەتقۇ ئاپئاق بويۇن،سۇمبۇل چاچ،
ھىجاپ ئۈچۈن ھەمشىرەم،يۈرىكىڭدىن ئاقار ياش.

ھىجاپ دىگەن ئەسلىدە ئىماننىڭ بىر پارچىسى،
خۇراپىيلىق دەر بىراق جاھىلىيەت جارچىسى،
زامانىۋى بولارمىش تەخەي بولسا بارچىسى،
تەييار ئۇنى كېسىشكە مۇناپىقنىڭ قايچىسى،
كىچىك كۆرمە لاتا دەپ ئۇ اللە نىڭ رىشتىسى،
مۇسلىمەنىڭ قالقىنى،دوزاق ئوتىنىڭ دالدىسى.

بەزى بۇزۇق قانجۇقلار بولۇپ ساختا ھىجاپلىق،
بولاڭچىلىق قىلغاندەك قاراقچىلار نىقاپلىق،
چۈمبەل تارتىپ خىلۋەتتە قىلىپ يۈرگەچ جالاپلىق،
ئەرەپلەرگە خاس دەپ ھەم پەتۋا بەرگەچ مۇناپىق،
ئۇۋال بولۇپ ھەمشىرەم،غەمگە پاتتى ئازاپلىق.

كىيىم دىگەن ئەزەلدىن ئەخلاق -ھايا پەردىسى،
ئەخلاق بىلەن ئەل كۆكلەپ،پارلاق بولار كەلگۈسى،
ھىجاپ قاچان بوپقالدى جىنايەتنىڭ بەلگىسى،
ئەيىپلىكمۇ ھىجاپلىق مۇسۇلماننىڭ ھەممىسى،
شۇ كادىرنى ئوقۇتقان ياغلىق چەگكەن ئانىسى.

نىڭشىيالارغا بارسىڭىز مۇسلىمەلەر ھىجاپلىق،
مەكتەپلەردە ئىسلامدىن تەلىم ئالار ئەتراپلىق،
بىزمۇ جۇڭگو پۇقراسى،ئەي كادىر بول ئىنساپلىق.
ئېتىقادنى چەكلىشىڭ قانونغا زور خىلاپلىق،
مۇقىم بولسۇن جەمىيەت ،ئىشقا ئاشسۇن ئىناقلىق.

                *   *   *    *     *     *    *
ئەۋرەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلىرىڭغا مۇبارەك،
ئىپپەت ئۈچۈن قاينىغان قانلىرىڭغا مۇبارەك،
ھەقىقەت دەپ ئۆرتەنگەن ۋىجدانىڭغا مۇبارەك،
شەيتان بىلەن جەڭ قىلغان ئىمانىڭغا مۇبارەك،
جەننەتلەرگە پايانداز ھىجابىڭغا مۇبارەك!!!

2012-9-18-كۈنى يېزىلدى


مەنبە     


http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=10738



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:09 , Processed in 0.018085 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش