ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 4548|ئىنكاس: 16

ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قانداق ئىسپاتلايمىز ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ۋاقتىمىزدا ئاتا-ئانىمىزدىن<< مەن قانداق پەيدا بولغان>> دەپ سورايتۇق ؛
ئانىمىز << سىنى مەن تۇققان >> دەپ جاۋاپ بېرەتتى ؛
بىز ئۇلاپلا << سىزىنى  كىم تۇققان >> دەپ سورايتۇق ؛
شۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىردا ئاتا-ئانىمىز << دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئاللاھ ياراتقان >> دەپ جاۋاپ بېرەتتى ؛
بىز يەنە ئۇلاپلا << ئاللاھنى كىم ياراتقان ؟ >> دەپ سورايتۇق ؛
بۇسۇئال ئېغىزىمىزدىن چىققان ھامان ئاتا-ئانىمىزنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ ، ئاچچىقتىن تىترىگەن ھالدا << ۋۇ گۇينىڭ بالىسى ، ئاغزىڭنى يۇم ، دوزاققا تۇترۇق بۇلاي دەمسەن >> دەپ تىللاپ كىتەتتى .  شۇنىڭدىن كىيىن بىز بۇ سۇئالنى قايتا سوراشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدۇق .
شۇنىڭ بىلەن << ئاللاھنى كىم ياراتقان ؟ >> دىگەن بۇ سۇئال جاۋاپسىز ھالدا قەلبىمىزنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىغا چۈشۈپ كەتتى .
كىيىن قارىسام ئاكام-ئاچامنىڭ باللىرىمۇ ئاتا-ئانىسىدىن مۇشۇ سۇئالنى سوراۋاتىدۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ئىرىشكىنىمۇ ئوخشاشلا دەككە-دەشنام بولدى .
مىنىڭچە بۇ ھەر بىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ھەربىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا كىلىدىغان سۇئال ئىكەن .
بۇ سۇئالغا ئىنىق ،قايىل قىلارلىق جاۋاپ تاپمىساق بىزنىڭ ئىتىقادىمىز شۇنداقلا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىتىقادى گۇمان ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىتىقاد بۇلۇپ قالىدۇ . گۇمان ئۈستىگە قۇرۇلغان نەرسە مۇستەھكەم بولمايدۇ شۇنداقلا ئاسانلا باشقا شەيئىلەر تەرپىدىن ئاغدۇرلىۋېتىلدۇ .
       كىچىكىمدىن كاللامدىن ئۆتمىگەن ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئىسىمدىن چىقىراممايدىغان ، ئۇنىڭ جاۋابىنى تاپقىم كىپلا تۇردىغان ئادىتىم بار ئىدى . شۇڭلاشقىمىكىن << ئاللاھنى كىم ياراتقان ،ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قانداق ئىسپاتلايمىز ؟  >> دىگەن سۇئال پات -پات كاللامغا كىلىۋالىدۇ ، جاۋابىنى تېپىشقا ئۇرىنىمەن ،  لىكىن تاپالمايمەن .
مەن ئىسلام دىنىغا ئىشىنىمەن ، لىكىن بۇ ئىشەنىچ ،بۇ ئىتىقاد مۇكەممەل ئەمەس . چۈنكى مەن ئاللاھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئۈزۈمنى قايىل قىلغۇدەك دەلىل تاپالمىدىم ،ئۈزۈمنى زورمۇ-زور ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇندۇم ، لىكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بۇنىڭغا دەلىل تەلەپ قىلىپ تۇرۋېلىپ ، ئاللاھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئۈزۈمنى  ھەقىقى ئىشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدۇردى . چۈنكى كىچىكىمدىن كاللامدىن ئۆتمىگەن نەرسىنى ھەرقانچە قىلساممۇ قۇبۇل قىلاممايدىغان مىجەزىم بارئىدى .
ئەگەر پەرزەنتلىرىمز ياكى باشقىلار<<  ئاللاھنى كىم ياراتقان ؟ >> دەپ سورىسا قانداق جاۋاپ بېرىمىز ؟
دىنغا ئىشەنمەيدىغانلار  ياكى دىنغا ئەمدى قىزىقىۋاتقان ،دىننى ئەمدى چۈشۈنۈشكە باشلىغانلار ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىشىمىزنى تەلەپ قىلسا ، بىز قانداق ئىسپاتلايمىز ؟
مەن ئۆز قەلبىمنى ئاللاھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى ، لىكىن بۇ قەلىب << بۇ دەريادىكى كۆۋرۈك ئۆزلىكىدىن پەيدا بۇلۇپ قالغان ، ئۇنى ھىچكىم ساملىغان دىسە ئىشىنەمسىز ؟ >> دىگەندەك تېيىز پىكىرلەر بىلەن قايىل بولمايدۇ . شۇڭا ئاللاھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە  ئادەمنى  ھەقىقى قايىل قىلغۇدەك چۇڭقۇر دەلىل-ئىسپاتلار بولسا بەرسەڭلەر !
ئادەم تىللايدىغان ، تېيىز پىكىرلەرنى بىردىغانلار ئەڭ ياخشىسى پىكىر يوللىماڭلار !




توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 17:25:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەندىكى سۇئاللارغا «ھەئە»دەپ جاۋاپ بىرىشنى ئەقلىڭىز ۋە قەلبىڭىز قۇبۇل قىلالىسا،ئاللاھىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ دەلىلى چىقىدۇ.
ئاۋال ئاددىيراقىدىن باشلاپ چوڭقۇرلاشتۇرايلى:
1.كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇتلۇق ئۆزلىكىدىن پەيدا بولمىغان ،ياراتقۇچىسى بار شۇنداقمۇ؟ (ھەئە)
2.بۇ بارلىق مەۋجۇتلۇق ماددى(ئاسمان ،زىمىن،ھايۋان،تۇرمۇش بۇيۇملىرى) ۋە مەنىۋى(فىزىئولوگىيلىك،پىسخىكىلىق ئىھتىياچ ۋە ھېسسى تۇيغۇلار) تەرەپتىكى مەۋجۇداتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،شۇنداقمۇ؟(ھەئە)
3.ئۇنداقتا مۇشۇنداق زور بىر كائىناتنى شۇنچە زىچ قائىدە-قانۇنىيەتلەر،سەۋەپ-نەتىجىلىك باغلىنشىلاردا ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان دىيىش ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس،شۇنداق بولغانكەن بۇ كائىناتىنى ياراتقۇچى،بىز ھازىر بىلگەن ۋە بىلمىگەن بارلىق قۇدىرەتلىك كۈچلەردىن،ھىس-تۇيغۇلاردىن ئۈستۈن ۋە كۈچلۈك،چۈنكى كىشى ئۈزىدە بار بولمىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلالمايدۇ،ئۇنداقتا مۇشۇنداق سىرلىق كائىناتنى ياراتقۇچى  چوقۇمكى بۈيۈك يۈكسەكلىككە ئىگىدۇر،بۇ بۈيۈك يۈكسەكلىكىنىڭ ئىگىسى پەقەت بىردۇر،يەنى ئاللاھدۇر،قۇشۇلامسىز؟(.........)
4.ئەگەر بۇ كائىناتىنى ياراتقۇچى بىردىن كۆپ ئىلاھ بولغان بولسا...چوقۇمكى ئۆز-ئارا يۇقىرى-تۆۋەنلىك ۋە ھوقۇق تالىشىش يۈز بىرەتتى.بۇ خىل تالاشلاردا كائىنات بەلىكم ھازىرغىچە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالماستى؟قۇشۇلامسىز؟(ھەئە)
5.ئۇنداقتا ئاللاھ قانداق پەيدا بولغان؟ ئاللاھ پەيدا بولمىغان ئىپتىداسى(باشلىنىشى) ۋە ئىنتىھاسى(ئاخىرلىشىشى) يوقتۇر. ئەگەر ئاللاھ باشقىلار تەرىپىدىن يارىتىلغان بولسا،ئۇ ھالدا بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسى دىگەن سۈپەتكە نالايىق بۇلۇپ قالىدۇ،چۈنكى ئاللاھ يارىتىلغان بولسا،ئۇ يارىلىشقا ئىھتىياجلىق بۇلۇپ قالىدۇ.ھەم 2-سۇئالدا دىيلگەندەك بارلىق مەنىۋىيەت(يارىلىش)نى ياراتقۇچى،ئەمدى كىلىپ ئۈزى يارىتىلسا،بىرلا ۋاقىتتا ھەم ياراتقۇچى ھەم يارالغۇچى بولمايدۇ.بۇ خىل كىم ياراتقان دىگەن سۇئالنىڭ ئاخرى ھەم چىقماستۇر.
6.ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس،تۇغۇلغانمۇ ئەمەس.سەۋەبى: ئاللاھ بالا تاپتى دىسەك ئۇھالدا ئاللاھىنىڭ جىنسىنى ئايرىش زۆرۈر،ئەرمۇ-ئايالمۇ دەپ،بۇخىل ئەر ياكى ئايالغا ھەم بالىغا بولغان ئىھتىياجنىمۇ ئاللاھ ياراتقان،بايا دىگەندەك ئاللاھ ئەرياكى ئايال بولسا،بالىسى بولسا(يەنى بۇنىڭغا ئىھتىياجى بولسا)ئۈزى ئىھتىياجلىق نەرسىنى يارىتالمايدۇ.
تۇغۇلغانمۇ ئەمەس،چۈنكى:تۇغۇلۇشنىمۇ ھەم ئاللاھ ياراتقان فىزىئولۇگىيلىك ھادىسە ۋە ئىھتىياج،ھەم شۇنداقلا ئاللاھ ئەگەر تۇغۇلغان بولسا،ئۇنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى بۇلۇشى كىرەك.ئاللاھ ئاتا-ئانىغا ئىھتىياجلىق ئەمەس.
7.يۇقارقى سۇئال-جاۋاپلاردىن ئاللاھىنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقى، بارلىق ئىھتىياجلاردىن خالى ئىكەنلىكى چىقتىمۇ؟

يۇقارقىلار قايىل قىلارلىق بولدىمۇ يوق بىلمىدىم،ئەمما ئاۋال ئۈزىڭىز قايىل بۇلۇڭ...شۇندىلا بالىلارنىڭ ئەقلى قۇبۇل قىلغىدەك جاۋاپلارنى بىرىشكە چىن قەلبىتىن تىرىشالايسىز....بالىلارنى قانداق قايىل قىلىمىز دىگەننى مەنمۇ ئويلاپ باقماپتىمەن...بىرلىكتە ئىزدىنەيلى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 17:31  

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 18:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
   
        ئادەمنىڭ كاللىسغا تۈرلۈك تۈمەن خىياللار كىلىپ تۇرىدۇ، يوقۇرقى قېرىندىشىمىز ئوتتۇرىغا قويغان خىياللار يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا كەلگەن بولۇشى مۇقەررەر. ‹ئاللاھنى كىم ياراتقان › دىگەن خىيالنىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىغا كىلىپ قېلىشى ئىمان ئىتىبارى بىلەن ئېيىتقاندا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ئىبارەت. ئىنسانننىڭ ئەركىن تەپەككۇر ئىتىبارى بىلەن ئىيىتقاندا ئىنساننىڭ خىيالىدىن كېچىپ باقىدىغان بىر سۇئال خالاس.
       مەن گەرچە چوڭقۇر پىكىرلىك كىشى بولمىساممۇ، ئەمما ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرىدىغان بۇ قەلبىم، ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بۇ تىما ھەققىدە ئىمانىم بىلەن بىر ئىككى ئېغىز سۆز قىلىشىمغا قىستىدى.
       بىز ئۆزىمىز يارالغۇچى مەخلۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ياكى بىر شەيئىنىڭ يەنە بىر شەيئىگە تەسىر قىلىشى ئارقىلىق يەنە بىر خىل يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكى بىلەن ۋەياكى ئىنسان قولى ئارقىلىق بەزىبىر تۇرمۇش مەۋقۇلاتلىرىنىڭ ۋۇجۇتقا چىققانلىقى بىلەن، بىر نەرسىنى چوقۇم يەنە بىر نەرسە ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ ياكى يارىتىدۇ، ئۇنداق بىر مەيدانغا كەلتۈرگۈچى بولمىسا ھېچ نەرسە مەيدانغا كەلمەيدۇ دەپ تەپەككۇر قىلىمىز، ھەم بۇ خىل ئۇقۇم كاللىمىزغا چوڭقۇر ئۇرناپ كەتكەن، مانا بۇ ئىنسانى تەپەككۇر. شۇڭا ئىلاھ بىزنى ۋە ئالەمنى ياراتتى، ئىلاھنى كىم ياراتقاندۇ؟ دىگەن خىيال كاللىمىزغا كىلىپ قالىدۇ.  ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە ئىنسانلارغا ناھايتى ئازلا ئىلىم بىرىلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. شۇنداق بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز ناھايتى ئاز ۋە يۈزە بولغاچ چوقۇم بىر شەيئىنى بىر شەيئى مەيدانغا كەلتۇرىدۇ دىگەن خىيال بىزنى چىرمىۋېلىپ،  ئەزەلدىن مەۋجۇت بولۇش نەزىرىيىسى دىگەن ئۇقۇم كاللىمىزغا كەلمەيدۇ ياكى كەلسىمۇ  ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىنسانى تەپەككۇرىمىز ئۇنى چەتكە قاقىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەلۇم نەرسىلەر باشقا نەرسىلەرنىڭ تەسىرىسىز ئەزەلدىن مەۋجۈت. ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر. ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەم چەكسىز قودرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاددى ئىنسان تەپەككۇرى ئويلاپ يىتەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەققىدە تەپەككۇر قىلغىنىمىزدا چوقۇم يارىتىلىش دىگەن ئۇقۇمدىن، ئەزەلىي مەۋجۇت دىگەن ئۇقۇمغا ئوتۇپ تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا تەپەككۇرىڭىز پەقەت تەگسىز ھاڭغا شوڭغۇپ كېتىدۇ.
       ئەمدى گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ئاللاھنىڭ ئەزەلى ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈپ، پەيغەمبىرىمىز ئۆگەتكەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن قوتۇلۇش چارىلىرى بويىچە ئىش كۆرۈپ، پەرۋەردىگارىمىزدىن ئىمانىمىزنى سالامەت قىلىشنى تىلەيلى، خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ئاللاھ گۇناھىمنى مەغفىرەت قىلغاي، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئىمانىمىزدا مۇستەھكەم ھەم راستچىللاردىن قىلغاي، امىن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 18:25:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار!سىز ناھايىتىمۇ ياخشى سۇئال سوراپسىز،بىز ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى بىلىش يولىدا قانچىلىك ئىزدەنسەك ئاللاھ تائاللاھ بىزگە شۇنچە كۆپ ئەجىر بىرىدۇ،ئىنشائاللاھ ....ئەمدى گىپىمىزگە كەلسەك ....مەن بۇ توغرىسىدا ئىزدىگەنلىرىم ۋە كىتاپتىن ئوقىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچى قىرىنداشلار كەمچىلىكى بولسا تۈزۈتۈپ بىرەسىلە ..........
   ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
رەب دىگەن سۆزنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى : ياراتقۇچى،باشقۇرغۇچى،ئىگىدارلىق قىلغۇچى،رىزىق بەرگۇچى،تىرىلدۈرگۈچى،ئۆلتۈرگۈچى بولۇپ ؛بىزنى ۋە كائىناتنى ياراتقان پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ ھەق سۈنھەنەۋەتەئەلا بىزنىڭ رەببىمىزيەنى بىزنى ياراتقۇچى،دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقاتلار رەببىمىز ئاللاھ تەرەپتىن يارىتىلغان؛
ئەمدى ئويلاپ باقايلى بىز يارىتلىلغۇچىدا ئۈچ خىل كەمچىللىك بار يەنى :ئاجىزلىق،مۇھتاجلىق،چەكلىكلىك؛
ئاجىزلىق :ھەرقانداق ئىنساندا ۋە ياكى مەخلۇقاتتا ئاجىزلىق بولدۇ مەسلەن:ئاسماندا شۇندا ئۇچقىمىز بار لىكىن ئۇچالمايمىزقاتارلىق....
مۇھتاجلىق :ئىنسان سۇغا ،يىمەكلىككە مۇھتاج....
چەكلىكىلىك: ئىنساننىڭ ئۆمىرى چەكلىك بولىدۇ ،يەنى باشلىنىش ئاخىرلىنىش نۇختىسى بولىدۇ .....
ئەمدى ئويلاپ باقايلى قىرىنداشلار ،بىزدە باركەن بۇ كەمچىللىكلەر لىكىن ئاللاھتائاللادا بارمىدۇ؟ !ياق ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس بىزنى ياراتقان ئىگىمىز رەببمىز تۇغۇلمىغان ۋە تۇغمىغان پۇتكۇل ئالەمگە باقى بولغان ھەق پادىشاھتۇر !!!! دىمەك ئاللاھ تائاللاھ تۇغۇلمىغان يارىتىلمىغان بەلكى بىزنى ياراتقان .................  
ئاللاھ تائاللاھ نى تۇنۇشنىڭ ئىككى يولى بار بىرى ئەقىل بىلەن تونۇش يەنە بىرى ‹دىن ›يولى بىلەن تونۇش ....بۇ ھەقتە ‹ئىمان›،‹ئەقىدەتۇل مۆمىن› قاتارلىق كىتابلاردا چۈشەندۈرۈلگەن ،مەن تەپسىلى توختالمىدىم ...........
قىرىندىشىم ئاخىرىدا يەنە سۇئاللىرىڭز بولسا سوراسىز ....مەن گەپنى مۈجمەل قىلىپ قويغان بولسام .مەن تەۋسىيە قىلغان كىتاپلارنى ئوقۇڭ.....مۇشۇنچىلىك ئىزدەنگىنىڭىز ئۈچۈن ئاللاە رەھمەت قىلسۇن  ئامىن ..............

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 03:34:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ياراتقۇچى بار دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم بولغىنىدەك، يوق دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم.
ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ يۇقلۇقىنى ئىسپاتلاش بارلىقىنى ئىسپاتلاشتىنمۇ قىيىن.
مەسىلەن: بىر ئايال ھامىلدار بولدى دەيلى، ئۇ ئايال ۋاقتى سائىتى كېلىپ توغدى. بالا توغۇلۇشى بىلەنلا ئۇنىڭدا سۈت پەيدا بولىدۇ. بوۋاقنىڭ قورسىقى ئېچىپ يىغلىغان ھامان ئانىسىنىڭ كۆكسىدىنمۇ بالىنى ئەمگۈزۈش ئۈچۈن سۈت تەييار تۇرغان بولىدۇ. بۇ ئىشنى ئۇ ئايال ئۆز ئىختىيارى، ئۆز ئىرادىسى بىلەن قىلالامدۇ؟ ئانا سۈتىنىڭ تەركىۋىنى، ئىچىدە قانداق ماددىلار بارلىقىنى ئانىسى بىلەمدۇ؟ ئانا شۇ سۈتنى ئۆزى تەڭشىيەلەمدۇ؟ بوۋاق بالىنىڭمۇ شۇ سۈت مۇنداق بولسۇن دەپ سۈتكە تەسىر كۆرسىتىش ياكى باشقۇرۇش كۈچى بارمۇ؟ بۇ يەردىكى شۇنداق مېھرىبانلىق بىلەن مۇكەممەل ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىر قانۇنىيەتنى يوق دېگىلى بولامدۇ؟ شۇنداق ئاجىز بوۋاقنى ئانىسى نېمىشقا مېھرىبانلىق بىلەن، ئەڭ ياخشى غىزا بىلەن باقىدۇ؟ بۇ يەردە تاساددىپيلىق بارمۇ؟ ئەگەر بىر ئانىنىڭ شۇنداق قىلىشىنى تاساددىپىيلىق دېسىڭىز، ئۇنداقتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بۇ قانۇنىيەتنى يەنە تاساددىپىيلىق دەپلا ئىنكار قىلغىلى بولامدۇ؟
ئەگەر بۇلارنى تاساددىپىي ھالدا شۇنداق توغرا كېلىپ قېلىش دەپ قارىساق، بۇنىڭدا بىرەر قانۇنىيەت بارلىقىنى ئىنكار قىلساق، ئۇ چاغدا ئىنسانلارغا ئورتاق بولغان نۇرغۇن قانۇنىيەتلەر، مەسىلەن، پالانى كېسەلگە پۇستانى دورىنىڭ پايدا قىلىشى، كېچە-كۈندۈزنىڭ قانۇنىيەتلىك ئالمىشىشى قاتارلىق كائىناتتىكى مۇكەممەل قانۇنىيەتلەرنى ھەممىنى ئىنكار قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىنكار قىلىش بىلەن ئۇ قانۇنىيەتلەرنى يوق قىلىۋەتكىلى بولمايدۇ.
ئاللاھنى يوق دېيىش ئۈچۈنمۇ ئىسپات لازىم. كائىناتتا ھېچبىر ئىنتىزام ياكى قانۇنىيەت يوقلۇقىنى ئىسپاتلاش لازىم. ھالبۇكى بۇنى ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. ئاددىيسى كائىناتتىكى ھېچبىر نەرسە سەۋەبسىز، مەنبەسىز مەيدانغا كەلمەيدۇ.
مەسىلەن: تەشتەكتىكى گۈلنى سۇ ياكى تۇپا ياراتقان دېگىلى بولامدۇ؟ سۇ ئۆسۈملۈك يارىتالامدۇ؟ تۇپا يارىتالامدۇ؟ تۇپراقنىڭ مۇشۇنداق قابىلىيىتى بارمۇ؟ گۈل ئۇرۇغى ئۆزلىگىدىن گۈل بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟ ئۇنىڭغا مەلۇم كۈچ تەسىر قىلمىسا، تۇپىدا، مۇۋاپىق ھاۋارايى ۋە نەملىكت  قانداقمۇ ئۆزلىگىدىن بىخ تارتىپ ياشىرىپ چىقالىسۇن؟ ئىنسانلارمۇ مۇشۇ قانۇنىيەتكە رىئايە قىلغان ئاساستا گۈل يېتىشتۈرەلىسۇن؟ گۈل ئۇرۇغىدىكى گېندا مۇشۇ قانۇنىيەت ياكى پروگرامما بېكىتىلگەن، ئوخشاش كۆرۈنۈشتىكى ئۇرۇغدىن ئۆنۈپ چىقىدىغان گۈلنىڭ رەڭگى، پۇرىقى، شەكلى پەرقلىق بولىدۇ، بۇ پەرق ئۇرۇغدىكى گېن تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن دېسىڭىز، بۇ گېننى كىم ياراتقان؟ ئۇنىڭدىكى ئىنچىكە ماتېماتىكىلىق ھېسابنى، فورمۇلانى كىم يازغان؟ ياق، بۇ تاساددىپىي بولغان دېسىڭىز، ھازىرقى زاماندا بىرەر ئادەم كومپىيوتېر پروگراممىلىرىنى تاساددىپىي تۈزەمدۇ؟ ئۇنىڭدا ماتېماتىكىلىق ھېساب، لوگىكىلىق فورمۇلا، مەلۇم بىر كومپىيوتېر تىلى يوقمۇ؟
ئۆيىڭىزدىكى لامپا يانغاندا سىز ئېلېكتىر سىمىدا توك بارلىقىنى بىلەلەيسىز. ئەگەر توك يوق دېسىڭىز، سىزنىڭ نورمال ئەقلىڭىز يوق دېگەنلىكتۇر.
لامپىنىڭ يانغانلىقى توك سىمىدا توك بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. توكنىڭ شەكلى، رەڭگىنى كۆرەلمەيسىز، ئەمما مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىنكار قىلالمايسىز. مۇشۇ توك نەدىن كەلگەن؟ گېنىراتوردىن كەلگەن دەڭ. گېنىراتورنى كىم ياسىغان؟ قانداق ياسىغان؟ ئادەم ياسىغان، مەلۇم بىر قانۇنىيەتكە ئاساسەن ياسىغان. توكنىڭ قانداق كۈچى بار؟ يۇرۇقلۇق، ئىسسىقلىق، ھەرىكەت كۈچى بار. ئۇنداقتا توك جانلىق نەرسىمۇ؟ ياق، جانسىز نەرسە. ئۇ بىر ئېنېرگىيە. بۇ ئېنېرگىيە تۈگەمدۇ؟ تۈگەيدۇ! دېمەك، بۇ توك، ئېنېرگىيە بىر يارىتىلغان نەرسە. ئۇنى ئىنسان يوقتىن بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. پەقەت بار نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلاپ، ئېھتىياجى ئۈچۈن پايدىلىنالايدۇ.
ئىنسان، دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق بىر مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن جىمى شەيئىلەرنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. ئىنسانغا نۇرغۇن نېمەت ۋە ئىقتىدار بېرىلگەن. ئاددىيسى، قىشتا ئۈستىڭىزگە لەپىلدەپ چۈشكەن قار ئەگەر ئۇنداق يۇمشاق چۈشمەي، ناندەك چوڭلۇقتا، قاتتىق مۇز ھالىتىدە توروكلاپ ئۈستىڭىزگە چۈشسە، چوقۇم باش كۆزىڭىز يېرىلىپ كېتىدۇ. تاساددىپىيلىق قارىشى بىلەن ئېيتقاندا، قارمۇ ئۇنداق يۇمشاق بولماسلىقى كېرەك.
نەپەس ئېلىۋاتقان ھاۋادىكى ئوكسىگېن، ھېدروگىن قاتارلىق گازلارنىڭ نىسبىتىدە ئازىراق ئۆزگىرىش بولغان ھامان، دەرھال سىزنىڭ ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىدۇ. گازلارنىڭ تەركىۋىدىكى تەڭپۇڭ نىسبەت دەل سىزنىڭ بەدىنىڭىزدىكى ئېھتىياجىڭىزغا ماس كېلىدىغان نىسبەتتە تەڭشەلگەن. بۇنى كىم تەڭشىگەن؟ بۇنى پەقەت سىزنى ياراتقۇچى ۋە ھاۋانى، دۇنيانى ياراتقۇچى بىر زات تەڭشىگەن، ئورۇنلاشتۇرغان، ئەگەر سىزنى ياراتقۇچى ئايرىم، ھاۋانى تەڭشىگۈچى ئايرىم بولسا، ئۇنداقتا، سىز نەپەسلەنگەن ھاۋا سىزنىڭ ئۆپكىڭىزدىكى سىستېمىغا دەل ماس كېلىشى ناتايىن.  
ئىنسان ھەر قانچە ماھىر ياسىغۇچى بولسىمۇ ھېچقانداق نەرسىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ. ھەر نەرسىنىڭ بار بولۇشى بىر سەۋەبكە، بىر مەنبەگە باغلانغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە مەنبەسى قۇياش دېسىڭىز، قۇياشمۇ كېچىسى كۆرۈنمەيدۇ. ئۇنىڭمۇ مۇئەييەن بىر ئۆمرى بارلىقىنى فىزىكا ئالىملىرى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ئەگەر سىز ياراتقۇچى يوق، دۇنيادا قانۇنىيەت يوق دەپ چىڭ تۇرسىڭىز سىزگە باشقا گەپ يوق.
ئەگەر دۇنيادا قانۇنىيەتنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ قانۇنىيەتكە ئاساسەن، دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە، سەۋەبسىز، مەنبەسىز مەيدانغا كەلمىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ھەممىسىنىڭ بىر مەنبەسى بار. بۇ مەنبە ياراتقۇچىدۇر.
ياراتقۇچىنىڭ قانداقلىقىغا كەلسەك، ئاددىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەندە، بىر ناۋاي نان ياققان بولسا، بۇ نان ناۋاينىڭ زاتىنى بىلەلەمدۇ؟ نان ناۋاي ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگىمۇ؟ ياكى بىر كىيىم ئۆزىنى تىككۈچى سەيپۇڭنى تولۇق بىلەمدۇ؟ نان ناۋاينى، كىيىم سەيپۇكنى تولۇق بىلەلمىگىنىدەك، ئىنسانمۇ ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسىنى مۇكەممەل رەۋىشتە بىلەلمەيدۇ. لېكىن ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى،  مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. دېمەك، يارىتىلغۇچى ئىنسان ئۆزىنىڭ بىر يارالغۇچى ئىكەنلىكىنى، ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ.
ياراتقۇچى ھەققىدىكى تەپەككۈر بىلىنگەن نەرسىلەردىكى ئىزنالارغا قاراپ بىلىنمىگەنگە قارىتا يول ئېلىپ ئىلگىرلەش جەريانىدا چوڭقۇرلىشىدۇ. (گېئومېتىرىيە، ئالگېبىرا دەرسىدىكى بەزى ئىسپاتلاش ئۇسۇللىرى ئېسىڭلاردا بارمۇ؟)
ياراتقۇچىنىڭ كىملىكى، سۈپەتلىرى، ئىسىملىرى ھەققىدە ئەڭ تولۇق ۋە توغرا بىلىمنى قۇرئاندىن بىلىمىز.
قۇرئاننى ساۋاتسىز پەيغەمبەر ئۆزى ئىچىدىن چىقىرىپ يازغان دېگەننى ئىسپاتلاش تېخىمۇ قىيىن ئىش. ئەڭ ئاسان بولغىنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغانلىقىنى قوبۇل قىلىش. بۇ مەنتىققە ۋە ئەقىلگە تېخىمۇ ئۇيغۇن.
دېمەك، قۇرئاننىڭ ئىنسان تەرىپىدىن توقۇلغان ھېكايە كىتاپ ئەمەس، ئاللاھ ۋەھيى قىلغان كائىنات قوللانمىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدىڭىز. بۇنى ئېتىراب قىلغانلىقىڭىز، ئاللاھنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان 99 ئىسىم سۈپىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ئاللاھنى كىم ياراتقان دېگەن سوئالغا جاۋاب چىقىدۇ. 112-سۈرە ئىخلاستا جاۋاب بار: «ئاللاھ بىردۇر، ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر، ئاللاھ توغۇلغانمۇ ئەمەس، ئاللاھنىڭ بالىسى بولغانمۇ ئەمەس، ھېچكىم ئاللاھقا تەڭداش بولالمايدۇ.»
يەنە 50-سۈرە قاف 16-ئايەتتىكى «ئاللاھ ئىنسانغا ئۇنىڭ جان تۇمۇرىدىنمۇ يېقىن» دېگەننى ئەستىن چىقارماي، قۇرئاندا 114 يەردە تەكرارلانغان بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيىم ئايىتىدىكىدىكى «راھمان»، «رەھىم» سۈپىتىنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەندە، كاللىدىكى تۈگۈنلەرگە جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ.
(ئالدىراشچىلىقتا يازدىم، رەتلەشكە ئۈلگۈرەلمىدىم، ئەپۇ قىلىڭلار، سوئال بولسا داۋاملىق سوراڭلار، بىرلىكتە ئۆگىنەرمىز.) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilara تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-20 03:41  

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 19:54:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amina310 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-19 18:25
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار!سىز ناھايىتىمۇ ياخشى س ...

سىز دىگەن بۇ كىتانبلارنى مەن ئىزدەپ باقاي ، تاپقىلى بۇلامدىكىن

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 20:18:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ تور بېتىدە ئالاھنىڭ مەۋجۇتلىقى توغىرىسىدىكى بىر پارچە ماقالىنى كۆرگەن ئىدىم ، مەن مۇشۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن كۆڭلۈمدە ئاللاھقا نىسبەتەن مۇئەييەن دەرىجىدە چۈشۈنۈش بولغان . لىكىن بۇ بىر ماقالە بىلەنلا ئۈزۈمنى تۇلۇق قايىل قىلىپ بۇلاممىدىم .

مەن ئاللاھنىڭ يوقلىقىنى ئەمەس بەلكى ئۆز قەلبىمنى ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقىغا تۇلۇق ئىشەندۈرمەكچى .
قارىغاندا مەنمۇ داۋاملىق ئىزدەنسەم بولغۇدەك ، سىلەرمۇ چۇڭقۇر ، قايىل قىلارلىق پىكىر بولسا بەرسەڭلار !


يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ogluk يوللىغان ۋاقتى  2012-9-20 19:54
سىز دىگەن بۇ كىتانبلارنى مەن ئىزدەپ باقاي ، تاپقىلى ب ...

email ئادىرىسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز مەن ئەۋەتىپ بىرەي

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-22 18:00:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!   قېرىندىشم،ھازىرىقى زامان فىزىكىسنىڭ ئېسپاتلىشچە ،بىز ياشاۋاتقان ئالەم ،بوشلۇق ،ماكان ،ۋاقىت ۋە ئېنرگىيەدىن ئىبارەت تۆت خىل ئاساسنى چۆرىدىگەن ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇردىكەن ،قايسى بىرسى كەم بولسا بىزنىڭ ھازىرقى ماددى مەۋجۇدلىقىمىزدىن سۆز ئاچالمايمىز .(توغىرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچىىدۇر) ،بىزنىڭ ھازىرىقى پانى ئالەمدىكى ھالىتىمىزگە نېسپەتەن ماددى مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە تەپەككۇرىمىز يۇقارقىى تۆت ئاساس ئىچىدە تۇرىدۇ ۋە شۇندىلا مەنىگە ئىگە بولىدۇ.
ئاللاھ ،جىسمىمىزنى ۋە ھېس-تۇيغۇ تەپەككۇرىمىزنى  يۇقارقى تۆت ئاساس ئىچىدە ياراتقانلىقى ھەمىمىگە مەلۇم بولۇپ كەتكەن ئۇقۇم . شۇ سەۋەپ سىز تىلغا ئالغان سۇئالغا جاۋاپ تېپش ئۈچۈن ،تەپەككۇرنى ھېچقانداق يارالمىش بولمىغان بىر ھالەتكە يۆتكەشكە توغرا كىلىدۇ ،بوشلۇق ،ماكان ،ۋاقىت ۋە ئېنرگىيەلەرمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتلغان يارالمىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن (زېىمندىكى ۋە ئاسماندىكى،يەنى پۈتكۈل كائناتتىكى بىز بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەمىمىسنى ئاللاھ ياراتقاندۇر ) ،تەپەككۇرنى بوشلۇق،ماكان،ۋاقىت ۋە ئېنىرگىيە دىن ئىبارەت بۇ تۆت مەۋجۇتلۇق ئاساسدىنمۇ يۆتكەپ چىقشقا توغرا كىلىدۇ ،ئويلاپ بېقڭ ! بىز ئاجىز ئىنسانغا نېسپەتەن ئەگەر بۇ تۆت ئاساس بولمىسا ،بىزنىڭ مەجۇتلىقىمىزمۇ بولمايدىغان تۇرسا ،تەپەككۇر قانداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىسۇن! مۇشۇنداق بىر ھېچنىمە يوق ھالەتنى تەپەككۇر قىلىپ ئويلاش ئەمەس ،تەسەۋۇر،پەرەز ۋە قىياسلارنى قىلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. يىغىپ ئېيتقاندا ،بۇ ئىنسان ئەقلىدىن زور دەرىجىدە ھالقىغان سۇئال بولۇپ قالماستىن ،بەلكى ئنساننىڭ پانى ئالەمدىكى مەۋجۇتلىقى ۋە ئەقلى قانۇنيتىگە زىت  سۇئالدۇر.(توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچى)
قۇرئاندا ئىنساننىڭ بىلىش دائىرسنىڭ ئاللاھ ئنسانغا بىلدۇرگەن ،ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۇگەن نەرسىلەر بىلەن چەكلىندىغانلىقى توغۇرلۇق ئايەتلەر بار (ئەسىلدە قايسى سۈرە ،قايسى ئايەت ئېنىق دەپ بەرسەم بولاتتى )   .شۇڭا تەۋسىيە شۇكى ،ئىسلام تەرەپ-تەرەپتىن ھاقارەتلىنۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھەلقۇم ۋەزىيەتتە ،ئسلام ياشلىرى يەنى ئۈممىتى مۇھەمىمدىيە بولمىش بىزلەر ،كاللىنى سەگەك تۇتۇپ ،دۇنيا كۇففارلىرنىڭ كىنو ،كومپىيۇتېر ئويۇنلىرى قاتارلىق ھەرخىل ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ساپ تەۋھىد ئەقىدىمىزگە تاجاۋۇز قىلىشغا سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك . يەنى دىننى- پەنىنى بىلمىلەرنى ياخشى ئۆگنىپ ئىمانى بىخەتەرلىكىمىزنى ياخشى قوغدىشىمىز،ئەڭ مۇھىمى رەسۇلۇللاھ سەللالىلاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قۇرئان ۋە سۈننەتتكە ئەمەلى رەۋىېشتە چىڭ ئېسلىشىمىز لازىم .
ئنسان ھەقىقەتەن ئاجىز يارىتلىغان ئىكەن ،شەيتان ھەرخىل سۇئاللارنى يادىمىزغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق بىزنى ئازدۇرماقچى بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنى دېيەلەشتە بىز دەلىل-پاكتىقا تايىنىشمىز كېرەك ، ئىمان ئېيتقان ئنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ،دەلىل-پاكىتنى ئالدى بىلەن قۇرئان ،ئىشەنچىلىك ھەدىستىن ئالىمىز ،بۇنىسى ئېنىق .
ناھايتى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ،ھېكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ سۇبھانە ۋە تائاللاھ بىزنىڭ  ئاجىزلىقلىرىمىزنى ئۆزىمىزدىنمۇ بەك ياخشى بىلگۈچدۇر.
شۇڭا ئاللاھ تائاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاندىن جاۋاپ ئىزدەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،يۇقارقى مەسىلە ھىەقىقىدە كەلگەن  سەھى، مۇتۋاتىر ھەدېسلەرگە مۇراجەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

«ھەدىسى قۇددۇس ۋە ئىشەنچىلىك مۇتىۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى» دىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   عبد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-22 19:49  

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 13:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
assalamu alay kum kirin dax la buyah xi timabup ibrahim alay hisalam nig kisisini ukusagla bunig ha inik jawap tapisilar

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 20:44:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۈمنڭغۇ ئانچە قايىل قىلالمىدىم ،  بۇ ۋاقتىنچە تۇرۇپ تۇرسۇن ،  لىكىن بالىلارنى قانداق قايىل قىلىمىز ؟
سىلەر قانداق قايىل قىلغان ياكى قانداق قايىل قىلماقچى ؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 23:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ogluk يوللىغان ۋاقتى  2012-9-24 20:44
ئۇزۈمنڭغۇ ئانچە قايىل قىلالمىدىم ،  بۇ ۋاقتىنچە تۇرۇپ  ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىز قاملاشمىدى .بالىلارنى قايىل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .ئۇلارغا ئاللاھنى ھېچكىم ياراتمىغان .ئاللاھ ئەزەلدىن بارتى. بەلكى بارلىق مەخلۇقلارنى ئاللاھ ياراتقان دەڭ .ئۇلار سەل چوڭ بولۇپ ئەقىل تاپقاندا ئاللاھ ھېدايەت بەرسە  شەكسىز ئېشىنىدىغان بولىدۇ.يەنە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى :ئاللاھنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا ئىقرار بولۇپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ.ئۇنىڭغا يەنە شەرىئەتكە مۇناسىپ ئەمەل يانداشقان بولىشى كېرەك .بولمىسا بىر كىشى دادىسىنى بۇ مېنىڭ دادام دەپ ئىقرار قىلىپ قويۇپ دادىسى بىلەن كارى بولمىسا ياخشى ئوغۇل ھېساپلانمىغاندەك بولۇپ قالىدۇ،يۇقىردىمۇ دەپ ئۆتۈلدى .ئاللاھنىڭ زاتى توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىش ياخشى ئەمەس .مەسىلەن ئاللاھنىڭ شەكلى قانداقتۇ؟پۇت قولى بارمىدۇ ؟دىگەندەك خياللارنى قىلماسلىق كېرەك .بۇنىڭغا بىزنىڭ ناقىس ئەقلىمىز يار بەرمەيدۇ.ئاللاھ قۇرئاندا< ھېچ شەيئى ئاللاھقا ئوخشاش ئەمەستۇر>دىدى.شۇڭا بىز ئاللاھ بىزگە قۇرئاندا ۋە پەيغەمبېرىنىڭ تىلى ئارقىلىق بىلدۈرگەن بىلىملەرنىلا بىلىمىز .باشقا ئىلىملەر توغرىسا زىيادە زورۇقۇشنىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق.
ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن :كىمىكى ئاللاھنىڭ قانداقلىقىنى خيال قىلىشنى تاشلىسا مۇناپىقلىقتىن بىر ئىللەتنى تاشلىغان بولىدۇ.(مەنبەسى ئېسىمدە قالماپتۇ.كەچۈرۈڭلار)
شۇڭا تىما يوللىغان بۇرادەر .سىز ئاۋۋال ئاللاھتىن مۇستەھكەم ئىمان ،ئىشەنچ تىلەڭ .بىلىڭكى ھەقىقى ئىمان، ئىشەنچ دىگەن ھەرگىزمۇ نەقلى ۋە ئەقلى دەلىللەرنىڭ قايىل قىلىشى بىلەن پەيدا بولمايدۇ،بەلكى ئاللاھنىڭ ھېدايەت قىلىشى بىلەن بولىدۇ.ئۇنداق بولمىغاندا ئىدى يەر يۈزىدە بىرمۇ كاپىر قالمىغان بولاتتى .بۇرۇنقى پەيغەمبەر قېرىنداشلىرىمىز كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا پولاتتەك پاكىت بولىدىغان ھەرخىل مۆجىزىلەرنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى كاپىرلار يەنىلا ئىمان ئېيتماي ئەكسىچە كۇفرىدا تېىىمۇ ئەزۋەيلىگەن.
ياق يەنىلا پاكىت كېرەكتى دىسىڭىز -قۇرئان كەرىم ئاللاھنىڭ بارلىقىغا بىرلىكگە ئەڭ چوڭ دەلىلى بولالايدۇ.شۇڭا سىز قۇرئان كەرىمنى باشتىن ئاخىر بىر ئوقۇپ چىقىڭ.ئەرەپچە بىلمىسىڭىز تەرجىمىسىنى ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 13:29:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم سىزنىڭ كاللىڭىزدىن ئۈتمىگەن ئىشلارنى ئەستىن چىقارمايدىغان ھەم جاۋابىنى تاپمىغۇچە بولدىقىلمايدىغىن ئادىتىڭىز مەندىمۇبار...لىكىن سىز ئەتىراپىڭىزنى ئانچە كۈزەتمەيدىغان ئوخشايسىز مەنسىز گە ئەڭ ئاددى ئۇسۇلنى ئۈگىتىپ قوياي.سىزنىڭ قۇرئان كەرىمدىن ساۋادىڭىز باريوقلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.لىكىن سىز ئاۋال چوققۇم قۇرئان يىزىقىدىن ساۋادىڭىزنى چىقىرىڭ ھەم كىچىدە بىرئاز ھەرىكەت قىىلغاچ ‹ئەل ئەفەسى› دىگەن بىر كىشىنىڭ قىرائىتىنى تىلافۇنىڭىزغا ياكى باشقا ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىگەچۈشۇرۋىلىپ كىچىدە ماڭغاچ ئەتىراپىڭىزدىكى دەلدەرخلەرنى ۋەباشقا شەيئىلەرنى كۈزۈتۈپ مىڭىڭ ئەتتىگەنلىرى بولسى قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇڭ ھەمدە ئاشۇ ئوقۇغىنلىرىڭىزنى ئەستەتۇتىۋىلىپ ئەتىراپىڭىزنى كۈزىتىڭ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى قۇرئان كەرىمدىكى كەلىمىلەر دەل سىزنىڭ تۇرمىشىڭىزدا مەۋجۈتتۇر.ئاندىن سىز 4ئىمام نىڭ بەزى مەسىللەرگە بەرگەن دەلىل لىرىنى ئوقۇپ دەلىلنى قانداق بىرىدىغانلىقىنى كۈزىتىڭ ھەمدە قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى كۆپ ئۇقۇپ تەپەككۇر قىلىڭ.تەپەككۇر قىلىش جەريانىدا سىزچۇققۇم بىرنىمىنى بايقايسىز.لىكىن بايقىغان نەرسىڭىز ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىۋەتمەڭ ھەم چۇققۇم مۇشۇنداق دەپ جەزىملەشتۇرىۋاتمەڭ چۈنكى سىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ھوقوقىڭىزبولغىنى بىلەن پەتىۋا بېرىش ھۆكۈم چىقىرىش ھوقوقىڭىز يوق.لېكىن بايقىغان نەرسىڭىزنى ئەتىرەپىڭزدىكى ئىلىملىك كىشىلەرگە ئىلىملىك داموللا ،ئىمام لارغا ئېيتىڭ ئۇلار سىزنىڭ بايقىغان نەرسىڭىنىڭ توغرا ياكى ناتوغرا ئىكەنلىكىگە جاۋاپ بېرىدۇ ئەگەرسىزنىڭ بۇ بايقىغان نەرسىڭىز .ئاشۇ ئىلىملىك كىشىلەرنى قىززىقتۇرۇپ قالسا ئۇلارمۇ ئۆزىدىن ئىلىملىك كىشىلەردىن سورايدۇ.شۇنداق قىلىپ قۇرئاننىڭ سىرلىرى ئاللاھنىڭ كاتتا رھمىتى بىلەن قىيامەتكىچە يىشىلىپ بولىدۇ.سىز دەل مۇشۇنداق قىلىش جەريانىدا ئىمانىڭىز ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن كۇچىيىدۇ ۋە يىگانە ئاللاھ نىڭ مەۋجۇتلىقىنى كاللىڭىزدىن ئۆتكىزەلەيسىز.ھەم ئەۋلاتلارغىمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ .بۇپەقەت مىنىڭ ئىمان .ئېيتىش جەريانىدا بايقىغانلىرم خالاس. قىنى سىناپ كۆرۈڭ كاللىڭىزدىن ئاللاھ خالىسا چۇققۇم ئۆتىدۇ. ‹100مەشھۇر سەخىس›دىگەن كىتابنى ئوقۇپ بېقىڭ شۇنىڭ دىكى 1رىنجى شەخىس دەل بىر ئاللاھنىڭ مەۋجۈتلىقىنى 23يىل تەرغىپ قىلغىان پەيخەمبەرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدۇر.2جى شەخىسمۇ ھەممە ئادەم تونۇيدىغان ئىلىمپەننى يوقىرى چەككە يەتكۇزگەن نىيوتوندۇر.نىىيوتون مۇ ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىدا ‹بۇدۇنيانى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان بىر تاشقى كۈچ بار›دىگەن ئەنە ئاشۇ دىنسىزمۇ بىر ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلەلىگەن يەردە سىزمۇ چوققۇم بىلەلەيسىز قېرىندىشىم. بۇ ئىنكاسنى ئاران تەستە قىيلىنىپ يازدىم چۇققۇم ئوقۇڭ جۇمۇ!!!  ئاللاھ سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولسۇن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 21:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tuprak01 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-25 23:18
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىز قاملاشمىدى . ...

بالىلارنى قايىل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .ئۇلارغا ئاللاھنى ھېچكىم ياراتمىغان .ئاللاھ ئەزەلدىن بارتى ....
مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن بالىلارنىڭ<<مەن قانداق پەيدا بولغان ؟>> دىگەن  سۇئالنى سورىغانلىقىنى ئاڭلىدىم ،بىرەرسىمۇ ئاللاھنى كىم  ياراتقان  دىگەن  سۇئالنى سورىماي قالمىدى .
بۇرادەر  ئەتىراپىمىزنى  كۈزۈتۈپ  باقتىڭىزمىكىن  ؟
مىنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بار ئىدى ، بىر داموللامنىڭ يېنىدا  تۆت  ئەتىراپىدا  بىلىم  ئالغان ، قۇرئاننى ئاساسى جەھەتتىن يادىلاپ بولغان ، لىكىن ئۇ ھازىر دائىم بىر توپ مەيخانا ، دىسكوخانىلاردىن  چىقاممايدىغانلار بىلەن بىرگە  يۈرىدۇ .
    بۇنى مەن پەقەت چۈشىنەلمەيۋاتىمەن ، سىزچە بۇنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟
تۆت-بەشەيلەن بىر مەزگىل بىر ئويدە تۇردۇق ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بەش ۋاخ نامازنى دەل ۋاقتىدا ئۇقۇيدۇ ، ئۇخلىغاندىن باشقا ۋاقىتتا ئاساسەن قۇرئان ئۇقۇيدۇ ياكى بولمىسا باشقا دىنى كىتابلارنى ئۇقۇيدۇ .  بىر كۈنى خۇپتەننى ئۇقۇپ  بولغاندا ئارىمىزدىكى بىرسىگە تېلفۇن كەلدى ، ئۇ قىسقىغىنىلا پاراڭلىشىپ  چىقىپ  كەتتى . ئەتىسى ماڭا ئىرى بار ئايالنىڭ قېشىغا بارغانلىقىنى ئېيتتى .
نامازنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كىتىشتىن شۇنچە قورقىدىغان ، بىكار بولسىلا دىنى كىتاپ ئۇقۇيدىغان بىرسىنىڭ  ئىرى بار ئايالنىڭ قېشىغا بېرىشى كاللامدىن پەقەت ئۆتمىدى .  سىزچە ئىرى بار ئايالنىڭ قېشىغا بېرىش  كىچىك  گۇنامۇ ؟
يازاي دىسەم مەن چۈشىنەلمىگەن بۇنىڭغا  ئوخشاش ئىشلار ئاھايتى كۆپ ،  ئاۋال مۇشۇ ئىككىسىگە چۈشۈنچە بەرسىڭىز !







يوللىغان ۋاقتى 2012-10-3 21:28:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لەببەي! يوللىغان ۋاقتى  2012-9-30 13:29
قېرىندىشىم سىزنىڭ كاللىڭىزدىن ئۈتمىگەن ئىشلارنى ئ ...

ئىنكاسنى نىمىشقا  قىيلىنىپ تۇرۇپ  يازغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم ،   لىكىن سىزنىڭ  بۇ  ئىنكاسىڭىز  ماڭا خېلى ئەسقاتىدىغاندەك  ، مەن سڭزنىڭ دىگىنىڭىز بۇيىچە قىلىپ باقاي .
رەخمەت سىزگە !

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 14:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مىنىڭ خەت بىسىشىم ئىنتايىن ئاستا شۇڭا قىيلاندىم...

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 22:42:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ogluk يوللىغان ۋاقتى  2012-10-3 21:21
بالىلارنى قايىل قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .ئۇلارغا ئاللاھن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم.
ھەرئىككىلى سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى بىرلا ئۇ بولسىمۇ -ناماز شۇ كىشىلەرنى قەبىھ گۇناھلاردىن توسالمىغان ئىكەن ،ئۇلار ناماز ئوقۇماپتۇ.ناماز ئوقۇمىغان كىشىلەرنىڭ قانداق ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىسىز بەلكىم.
سىزنىڭ نىمىشقا بۇنداق سورىغىنىڭىزنى مەن مۇنداق چۈشەندىم. ئىسلامنى چىن قەلبىدىن چۈشەنمەي ،چىن قەلبدىن ئىشەنمەي تۇرۇپ،قارىسغا مۇسۇلمان بولغانلارنىڭ  ئەھۋالى ئەنە شۇ. بىز نىمىشقا تەپەككۇر قىلمايمىز؟نىمىشقا بىزنى ياراتقان ئاللاھنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشكە تىرىشمايمىز؟دەپ ئويلىغان بولىشىڭىز مومكىن .توغرا .ئاللاھ بىزنى قۇرئاندا كۆپ قېتىم تەپەككۇر قىلىشىمىزنى بۇيرىغان.مەسىلەن :بىز نىمشقا يارىتىلدۇق؟،ئاللاھ بىزدىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟،نىمىدىن توسىدۇ؟،ئاللاھقا يېقىلىشىشنىڭ توغرا يولى قايسى؟..دىگەندەك مەسلىلەرنى تەپەككۇرقىلىش كېرەك .ئەمما ئاللاھنىڭ راستىنلائىككى قولى بارمۇ ياكى ئۇ قۇدرەت قولىمۇ؟..روھنىڭ ماھىيتى نىمە؟دىگەنگە ئوخشاش بىرقىسىم سۇئاللارنى بىز تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇلمىغان .ھەم ئۇلارنى تەپەككۇر قىلىشقا ئەقلىمىز يار بەرمەيدۇ.
بىز بۇ جەھەتلەردە ساھابىلاردىن ئۈگەنسەك بولىدۇ.ئۇلار پەيغەمبېرىمىز بۇيرىغان ئىشلارنىڭ بەزىسىنى(غەيپ ئىلىملىرىنى) سەۋەبىنى سورىماستىن ئەمەل قىلاتتى.بەزىسىنى تولۇق چۈشەنگىچە سوراپ ئەمەل قىلاتتى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:53 , Processed in 0.043659 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش