ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2855|ئىنكاس: 0

بىر ئانىنىڭ يۈرەك ساداسى (مۇراجەت نامە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پىشقەدەم ئەزا

ئاللاھنىڭ قۇلى

簽到
60
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 00:20:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ، ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ، ئاللاھ تىنىڭلارنى سالامەت ئىشلىرىڭلارنى ئاسانىشلىق قىلىپ بەرگەي .
مەن ساخاۋەتچىلەر تورنىڭ تۇنجى قېتىملىق  خەيىر- ساخاۋەت پائالىيىتىدەيىغىلغان . ئازغىنە 1450 يۈئەن پۇلنى قەيەرگە ئىشلىتىشنى بىلمەي تۇرغان ۋاقتىمدا، باشقىلاردىن  ئاقسۇ شەھەر شايار نايە قايلۇر يېزىسىدىكى 15 ياشلىق شېر ئەلى جاننىڭ 2011- يىلى 5- ئايدا تۇيۇقسىز بېشى ئاغرىپ يىقىلىپ چۇشۈپ تەكشۈرۈتكەندىن كىيىن ئاق قان كىسلى بۇلۇپ چىققانلىقىن،ى  بۇنى ئۇققان  شىرئەلى جاننىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى ئائىلىدىكى پۈتۈن بىساتنى سېتىپ داۋالاتقانلىقى،  داۋالىتىش جەريانىدا ئىقتسادىي يىتىشمەي ئولتۇرۋاتقان ئۆينى شۇنداقلا بىردىن- بىر تىرىكچىلىك مەنبەئىي بولغان 9.2 مو يىرنىمۇ ساتقانلىقى، ھەم جەميەت ۋە ھەرقايسى ساھادىكى ساخاۋەتچى كىشلەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقى ( ئاقسۇ شەھەرلىك ساخاۋەتچى ئانىلار كوللىكتىپى 30.000 يۈئەن ، شۇنداقلا ئۈرۈمچى ئاتلان تىل تەربىلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ) قاتارلىق كىشلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا( 2 -دوختۇرخاندا) 11 ئاي ئىچىدە 9 قېتىملىق خىميىلىك داۋالاش ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق قان پىلاسمىسنىڭ ياخشىلنىپ قايىتقانلىغىنى . بۇقېتىم  2012-يىلى 9- ئاينىڭ 6 -كۈنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا( 2 -دوختۇرخانغا)يەنە قان ئالماشتۇرۇپ خىميىلىك داۋالىنىش ئۇچۇن كەلگەنلىكىنى ئۇقۇپ  ئۇلاردىن ئەھۋال سۇرىغاچ ئازراق كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈش  ئۇچۇن شېرئەلى جاننى يوقلاپ چىقتۇق .
بىزكىرگەن ۋاقىتتا شىرئەلى جاننى ھەقىقەتەن خىميىلىك داۋالاۋاتقان بۇلۇپ ئانىسى  ھۆرىنسا ھەدىمىز بالىسىنى داۋالىتشى ئۇچۇن تارتقان ئەرزىيەتلەرنى سۆزلەپ كۆزگە ئىسسىق ياش ئالدى .
بۇ ھۆرىنسا ھەدىمىزنىڭ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا قىلغان ئىلتىجاسى
سۈرەتلىك فىلىمنى بۇيەردىن كۈرۈڭ http://static.video.qq.com/TPout.swf?auto=1&vid=k04021b10jj

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،بىز ھەمىمىز قېرىنداشمىز جانابى ئاللاھ ھىچكىمنىڭ زەررەچىلىك ياخشىلىغىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . بۈگۈن ئاللاھ بىزلەرنى سالامەت قىلىپ باشقىلارنى مۇھتاج قىپتۇ،  بىزنى سالامەت قىلغىنى ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئىلتىپاتى . باشقىلارنى بىزلەرگە مۇھتاج قىلغىنى بولسا ئاللاھنىڭ بىزگە بىرگەن سىنىقى بۇلىشى مۇمكىن  . بولسا تورداشلارنىڭ ئاشۇ بىچارە قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۇمۈت قىلىمىز .

تۆۋەندە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بىر ھەددىسى سىلەرگە سوۋغا قىلنىدۇ .

ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: قانداق بىر مۇسۇلمان يالىڭاچ قالغان يەنە بىر مۇسۇلمانغا كىيىم ئېتىپ بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەننەتنىڭ يېشىل تونلىرىدىن كىيىم ئېتىپ بېرىدۇ، قانداق بىر مۇسۇلمان ئاچ قالغان يەنە بىر مۇسۇلمانغا تائام بەرسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە جەننەتنىڭ مىۋىلىرىدىن تائام بېرىدۇ، قانداق بىر مۇسۇلمان ئۇسسۇز قالغان يەنە بىر مۇسۇلماننى سۇ بىلەن سۇغارسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى جەننەتتە رەھىيقۇلمەختۇم دىيىلىدىغان پىچەتلەنگەن شاراپ بىلەن سۇغۇرىدۇ، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى توپلىغان، ئەلبانى زەئىپ دىگەن،

شېرئەلى جانغا ياردەم قۇلىنى سۇنۇشنى خالايدىغان قىرىنداشلار ئۇچۇن .

شىرئەلى جاننىڭ ھازىرقى ئورنى :ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى( 2 -دوختۇرخانا)جىددى قۇتقۇزۇش بىناسى 7  -قەۋۋەت 25- كارۋات

شىرئەلى جان ۋە ئاپىسىنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرى : 13619914385

يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نۇمۇرى: 6228480890687152912    ئىسمى :شىرئەلى رېيىم  西热艾力·热依木  

سودا سانائەت بانكا كارتا نۇمۇرى :6222023002021121713 ئىسمى :  ھورىنسا لوقمان  玉尔尼沙·罗合曼   

كىسەللىك ئىسپاتى

تۈنۈگۈن 00:26 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (66.33 KB)



تۈنۈگۈن 00:26 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (56.85 KB)



يىلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى

تۈنۈگۈن 00:26 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (63.7 KB)



شىرئېلى جان ۋە ئانسىنىڭ كىملىك  نۇمۇرى

تۈنۈگۈن 00:26 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (21.49 KB)



تۈنۈگۈن 00:26 چىقىرىش
چۈشۈرۈش (16.99 KB)





كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-24 21:42 , Processed in 0.128994 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش