ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3649|ئىنكاس: 7

دىيارىمىزدىكى بىدئەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
123
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 04:07:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.


ئاللاھ ئىنساننى يارتىپ ئۇنى  ئەلۋەتتە   تەكلىپسىز  تاشلاپ قۇيمىدى ،ئىلاھى يارتىشنىڭ  ھىكمىتى ۋە تەقەززاسى بىلەن  ئىنسانىيەتكە  [ دىن ] دىن ئىبارەت بۇ بۇيرۇق ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا بىر  ناھايتى  توغرا  سىزىلغان ئىلاھى يول خەرىتىسى بىرىلدى ،يەنە ھەم ئىنسانىيەتنىڭ  ئاجىزلىقى نەزەرگە ئېلىنىپ شۇ يۇل خەرىتىسنى چۇشەندۇرۇپ تۇرۇشقا يەنە شۇ ئىنسانلار ئىچىدىن بىر تۇركۇن كىشلەر چىقىرىلدى .
ئىنسانلار  قاچانىكى شۇ  يۇل خەرىتىسى كۆرسەتكەن  لىنىيە بۇيىنچە ماڭسا ياكى شۇخەرىتىنى چۇشەندۇرۇشكە مەسئۇل كىشى چۇشەندۇرگەندەك ماڭسا ياكى ئەرگەشسە ئەلۋەتتە مەنزىلگە بىخەتەر ،تىز ،جاپاسىز،يىتىپ بارالايدۇ ،ئۇنداق بۇلمايدىكەن چۇقۇم زىيان تارتىشى  مۇقەررەر .چۇنكى ئىنسانىيەتنى يۇقتىن بار قىلغان ئاللاھ  شۇ ئىنسانلارنىڭ قانداق ماڭسا ياخشى بۇلىدىغانلىقىنى ناھايتى ياخشى بىلگەچكە شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىدى .
دىمەك  ئاللاھ چۇشۇرگەن بۇ دىننى تۇغرا تۇتۇپ مىڭىشتا  پەقەت ۋە پەقەت  ئاللاھنىڭ  ئاخىرقى ئەلچىسى  مۇھەممەد  ئەلەيھىسسالام  كۆرسەتكەن ،بۇيرىغان ،ئۇزى قىلغان ،ۋە باشقىلار ئۇ كىشنىڭ ئالدىدا قىلغاندا يۇل قۇيۇلغان ئىشلارنى چىڭ تۇتۇش بىلەنلا بىز توغرىنى تاپالايمىز .  توغرا ھىچكىم ئوزنىڭ ماڭغان يۇلىنى خاتا دىمەيدۇ ،ئوغرى ،زىناخۇر،بۇلاڭچى ،زالىم ،مۇناپىق ،خائىنلار ھېچ قايسسى ئۇزنىڭ قىلغىننى خاتا دىمەيدۇ ،شۇنداقلا بۇلارنىڭ  توغرا دىيشىگە ھەم [يىتەرلىك ئىسپاتلىرى بار]يەنى ئۇز ئالدىغا بىردىن توغرا خاتانى ئايرىيدىغان ئۆلچەم قۇيۋېلىشقان .يەنى بۇئۇلچەم ئۆزگۇرۇپ تۇردىغان  زامانغا بىقىپ ئۆزلىرى تەڭشىۋالىدىغان ئۆلچەمدۇر .
بىز ئەھلى ئىسلام نىڭ ھەم بىر ئۆلچىمىبار ئۇبۇلسىمۇ كىتاب ۋە سۇننەتتۇر ،بۇئۆلچەم ئۆگەرمەستۇر .بۇئۆلچەم زاماننىڭ ھەرقانداق دەۋرىگە ماس ئۆلچەمدۇر بۇئۆلچەم ياماندىن قۇرقۇپ قىسقىرايدىغان ياۋاشقا ئۇزارمايدىغان ئۆلچەمدۇر .
دىمەك ئەۋۋەل ئۇزىمىزنى بۇئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرشىمىز،ئاندىن مۇشۇ ئۆلچەمگەئۇيغۇن بۇلغانلار كىم، نەچچە  بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇ بىر تەندۇر بىر جەسەد تۇر .
ئۇزنى ئەھلى ئىسلامغا نىسبەتلەپ تۇرۇپ ئەسلا ئىسلام ئىماندىن بۇلمىغان ئىشلارنى قىلىپ يۇرگەن كىشلەر ھەم دىيارلىرمىزدا  مۇسۇلمان ئاتالدى خىمۇ يامىنى شۇكى ئختىلاپلاشماسلىق  قالپىقى ئاستىدا ھېچكىممۇ بۇنۇڭ ئاشكارە ئازغۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قۇيالمىدى ،ئوتتۇرغا قۇيغانلارنى بۇلسا جەدىدچى ،ۋاھابى ،بۇلگۇنچى،ھەتتا ئازغۇن كاپىرغا چىقىرىشتى،قەسلىنىپ ئۆلتۇرۇلگەنلەرمۇ بۇلدى.[بۇنۇڭدىنپايدا ئالغىنى دىن دۇشمەنلىرى بۇلدى ]
بۇلۇپمۇ بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئىچىدە يامراپ كەتكەن  بىدئەت خۇراپاتلار دىن دۇىشمەنلىرى تەرپىدىن پەرۋىشلەپ ئۆستۇرۇپ ئاينىتىلدى ،ھەرخىل يۇللار بىلەن بۇلارغا شۇلارنىڭ[رايىچە ئىسلام ]ئۇگۇتۇلدى شۇنۇڭ بىلەن بۇ كىشلەر ئارغامچىسى بوينىغا ئارتىپ قۇيۇلغان ئۇكۇزدەك نە سۇننەت  نەبىدئەت لەرگە پەرۋاسىز ئۇزىمۇ بىلمەيدىغان نامەلۇم يۇلۇنىشكە قاراپ مېڭىشتى ھەتتا كۆپ جاپادا مىڭىشتى ئەمما بۇبىچچارىلەر شۇنچە قىينىلىپ ماڭغان يۇنىڭ ئاخىردا ئۇزنى كۇتۇپ تۇرغىنى ئەجىر  جەننەت ئەمەس بەلكى  خارلىق ئازاب ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى .
بىدئەتنىڭ شۇنچە يىرگنىشلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى  پەقەت شۇ بىدئەت نىجاسەتلىردىن تازلىنىپ ساپ ئىسلام ھاۋاسىدا سۇننەتنىڭ خۇش ھىدلىرنى پۇرغان ئادەملەرلا ھىسقىلالايدۇ.


پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  زامانىدا بىر تۇكۇم ئىمانغا باي مالغا كەمبەغەللەر ئۆتكەن ئىكەن ،بۇلانى  ئەھلى سۇففە دەپ ئاتايتى ،بۇلانىڭ ئىمان ئىسلامغا بۇلغان خىزمىتى ،ساداقىتى ،رىياسىز خالىس ئەمەللىرى ساپ  پەزىلەتلىرى بىلەن قىيامەتكىچە تىلللارغا ئېلىندىغان كىشلەر بۇلۇپ قالغانئىدى.ئەۋۋەل ئىسلامدا تۇكۇلگەن قانلار بەدىلىگە فەتىھ بۇلغان دىيارلار كۇپۇيۇپ مۇسۇلمانلار كۇچۇيۇپ كۇپۇر ھەيۋىسى سۇنۇپ تۇرغان مەزگىللەردە مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىچە بۇرلۇش ياساپ شۇ ئەھلى سۇففەلەرنىڭ ئىبادەت شەكلىگە قايتىشتى .بارا  بارا  فەتىھ زىمىنلىرى قۇلدىن كەتتى ھەتتا مۇسۇلمانلار  مۇنقەرىز بۇلدى ،بۇنۇڭ زىينى نەچچە يۇز يىلدىن كىيىنكى بىزلەرگە ھەم بۇلۋاتىدۇ .........
شۇنداق قىلىپ شۇ سۇففە ئۇقۇمى بىزنىڭ دەۋىرگە كەلگەندە تۇپتىن ئۆزگۇرۇپ شىرىك ،بىدئەت ،خۇراپات ئىشلارنىڭ بۇشىكىگە ئايلاندى ،ھازىرقى ۋاقىتتا سۇپى ھەزرىتىم ،ئىشان ھەزرىتىم دەپ يۇرگەن ئادەملەر  نە  دىندا  سەھى تارىقتا قىلىنمىغان  نەرسىلەرنى   دىن  نامىدىن قىلپ يەنە نۇرغۇنلارنى ئازدۇرۋاتىدۇ

ئەسكەرتىش:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم
تېمىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىگە قېتىلمىغانلار شۇنچە كۆپ، ھەممە مۇسۇلمانلارغا ھوجۇم قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۆز ئارىمىزدا بىر-ىبىرىمىزنى سۆكەپ ئولتۇرۇشنى توغرا دەپ قارىمايمەن. باشقىلارنىڭ بولمىغۇر تەرەپلىرىنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى چىتقا يېيىپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنىغا دىنىمىزنى قۇرئان-ھەدىسقا ئاساسەن ئەڭ توغرا، ئەڭ گۈزەل شەكىلدە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشايلى، قېرىندىشىم.
ھۆرمەت بىلەن مۇنبەر نامىدىن: admin


توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 13:05:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم . تېما كىمنىڭ ؟ ئەسكەرتىش كىمنىڭ بولۇپ كەتتى ؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 14:09:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوپىلارنىڭ تۇتقان يولىنى قەتتى چۇشەنگىلى بولمايدۇ،بەزەنلىرى ئۇزىنى ئەۋلىياچاغلايدۇ تېخى.توختىماي بىركۈن زىكىرتەسبىھ بىلەن شۇغۇللىنىپ قۇرئان ئوقۇپ پۇل ئېلىشنى كەسىپ قىلىۋالىدۇ.مانابۇ ئازغۇنلۇقتۇر.

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 15:57:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزچى0996 يوللىغان ۋاقتى  2012-10-13 13:05
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم . تېما كىمنىڭ ؟ ئەسكەرتىش كىمنىڭ بو ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
تېمىنى كىمنىڭ يوللىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ئەمما ئەسكەرتىشنى مەن يازغان. بىراق كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەسكەرتىشىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، قېرىندىشىم!
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-13 19:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالالمۇ ئەلەيكۇم.قېرىندىشىم رەھمەت.

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-15 08:24:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!قېرىنداشلار !مىنىڭچە تىما دەل  جايىدا بوپتۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-17 22:27:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھەقىقەتەن ئايىقى بولغان بولسا بەك كۆڭۇل ئېچىشقۇدەك گەپلەر چىققىدەككەنتۇق ! قانداقلا بولمۇسۇن يەنىلام تېمىڭىزغا ئاپرىن !

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-21 15:16:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتىكەن...
دىمىسىمۇ بۇ ئىشلار كۆز ئالدىمىزدا نۇرغۇن ئەمەسمۇ...
ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشى يولغا باشلىغاي........... ئامىن..........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:12 , Processed in 0.029437 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش