ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 14658|ئىنكاس: 14

خوشخەۋەر: قۇرئانى كەرىم DVD پلاستىنكىسى نەشىردىن چىقتى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
56
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 16:22:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خوشخەۋەر: قۇرئان كەرىم DVD پلاستىنكىسى نەشىردىن چىقتى!




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم

بۈگۈن سىلەرگە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى ئەلچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا 23 يىلدا پەيدەرپەي نازىل قىلغان ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ئاخىرقى كىتابى، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى دۇنيالىق رەھبىرى، يولباشچى، ھاياتلىق رەھبىرى...قۇرئانى كەرىمگە ئالاقىدار يېڭى ۋە نۇرغۇن ئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە بىر مەھسۇلاتنىڭ خوش-خەۋىرىنى بەرمەكچىمىز.
بۇ مەھسۇلات  قۇرئانى كەرىم خەتمى DVD پلاستىنكىسىدۇر.
بۇ پلاستىنكىنىڭ ئاساسى خۇسۇسىيەتلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:
1-  بۇ پلاستىنكا 4 dvd دىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇ 4 پلاستىنكىنىڭ ھەممىسى بىر مۇقاۋىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2-  قانۇنلۇق ھالدا نەشىردىن چىقىرىلغان.
3- قۇرئانى كەرىمنى ئاۋازلىق ئوقۇغان كىشى تۈركىيەدە ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەن قارىيلاردىن ئىسھاق دانىش ئىسىملىك كىشى.
4-  ئېكراننىڭ ئۈستى تەرىپىدە قۇرئانى كەرىمنىڭ ئەرەبچە تېكىستى چىقىپ تۇرىدۇ. ئوقۇلىۋاتقان كەلىمىنىڭ ئۈستى قىزىلغا بويىلىپ ماڭغاندىن سىرت كەلىمىنىڭ ئاستىدا ئوق ئىشارىتى مېڭىپ تۇرىدۇ. ئېكراننىڭ ئاستى تەرىپىدە بولسا ئوقۇلىۋاتقان ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىقىپ تۇرىدۇ.
5-  قۇرئانى كەرىمنىڭ ئەرەبچە تېكىستى ئۈچۈن ئېنىق ۋە ئوقۇلۇشى ئاسان بولغان ئەخمەت خۇسرەۋ خەتتى بىلەن يېزىلغان قۇرئانى كەرىم نۇسخىسى قوللىنىلدى.
6-  قۇرئانى كەرىم تىلاۋىتى بەك تىزمۇ ئەمەس، بەك ئاستىمۇ ئەمەس؛ ئوتتۇراھال تىزلىكتە يەنى "تەدۋىر" ئۇسۇلى بىلەن تىلاۋەت قىلىنغان.
7-  قۇرئانى كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە، ئاساسەن مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تەييارلىغان تەرجىمە ئىشلىتىلدى.
8-  قۇرئانى كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ئەرەپچە تىلاۋىتى بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىىڭ توغرا ۋە بىردەك چىقىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىندى.
9-  بۇ DVD پلاستىنكىسى ئاساسى مۇندەرىجىسى، پارا، سۈرە ۋە بەتلەر بويىچە ئېچىپ ئوقۇغىلى بولىدىغان ھالەتتە چۈشىنىشلىك قىلىپ ھازىرلاندى.
10- ئېكراننىڭ ئۈستى تەرىپىدە مەككىدە نازىل بولغان سۈرىلەردە كەبىنىڭ سۈرىتى، مەدىنىدە نازىل بولغان سۈرىلەردە مەسجىدى نەبەۋىينىڭ يېشىل قۇببىسى كۆرۈنىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى.
ئەمدى مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ مۇقاۋا ۋە ئىچكى كۆرۈنۈشلىرىدىن بەھرىمەن بولۇڭ:







































قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 20:31:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ئاللاھ  ئەجرڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم ، باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىسەك بولامدۇ ؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-18 20:40:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
‏ئەلۋەتتە بولىدۇ، قانچە كۆپ مۇنبەر ۋە تورغا ئېلان بىرىپ قويسىڭىز شۇنچە ياخشى، ئەمما ئاخىرىدا ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، ئاللاھقا ئامانەت بولۇڭ.
http://www.qurankerim.com/qk/uy/viewarticle.php?id=39
admin@qurankerim.com

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-22 03:49:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
قارىغاندا بۇ خوشخەۋەرنى ئانچە ياقتۇرمىدىڭلارمۇ-نېمە؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-23 21:33:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىن تايىن ياخشى خوش خەۋەر كەن ،،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ،،مۇشۇنداق ياخشى خوش خەۋەر لەنى يوللاپ تۇرشىڭىزغا تىلەك تاشمەن

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-25 16:57:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
،،،
بۇ پىلاستىن كىنى نەدىن سىتۋالدىكەنمىز،بازارغا ساپتىمۇ`
بوسا مۇشۇتوغۇرلۇق ئىنىق  چۇشەنچە بەرگەن بۇسىڭىز تىخمۇ ياخشى بۇلاتتى،،قانچە تىزبۇسا شۇنچە ياخشى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 15:50:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم   بۇ پىلاستنكىنى قانداق سېتىۋالىمىز؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 00:15:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.  بۇ ئىنتايىن ياخشى خىوش خەۋەر بوپتۇ .ئاللاھ سىزگە كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن قېرىندىشىم . مۇمكىن بولسا كۆپچىلىككە پىلاستىنكىنى سېتىۋىلىش ئادرىسىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز .                                                                   سىزگە كوپتىن كوپ تەشەككۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 20:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
ۋاختىدا جاۋاب قايتۇرالمىغانلىقىم ئۈچۈن قېرىنداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن.
پلاستىنكا قانۇنلۇق چىقىرىلغان بولسىمۇ، كىتاپخانىلاردا قويۇپ تارقىتىش مۇمكىن بولمىدى.
شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ئادرېس ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.
admin@qurankerim.com

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 23:05:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ,بەك ياخشى بۇلۇپتۇ !

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-10 20:15:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
ئاللاھ ھەممىمىزگە كۆپلەر ئەجىرلەر بەرسۇن.
تېخىمۇ ياخشى خىزمەتلەرگە مۇۋەففەت قىلىنىشىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇشلىرىغا تىلەكداشمىز.

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-13 10:51:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىكەت باشلىقى قېرىندىشىم مەن سىزگە ئىلخەت يوللىغان ئىدىم

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-28 17:30:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىلەر؟ بۇنى قانداق سېتۋالىمەن؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 10:32:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياخشى !

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-19 22:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھ
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار
مەزكۇر DVD نى قولغا كەلتۈرمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز admin@qurankerim.com ئادرېسىغا ئىسىم، فامىلە، ئېنىق ئادرېس ۋە تېلېفون نۇمۇرلىرىنى تەلەپلىرى بىلەن بىرلىكتە يوللىسا ئامالىنى قىلىشقا تىرىشىمىز.
ھۆرمەت بىلەن ماددى-مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىڭلارغا مۇھتاج قېرىنداشلىرىڭلار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-5-23 03:32 , Processed in 0.030577 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش