ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 13606|ئىنكاس: 63

نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىش ھەققىدە مۇفەسسەل بايان  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
22
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-29 22:24:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللە نىڭ نامى بىلەن باشلايمەن

سۇئال:پەرھىز ناماز ئاخىردىكى زىكىر-تەسبھلارنى ئېيتىپ بولغاندىن كىيىن،قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلسا بۇلامدۇ؟نامازخان داۋاملىق قولنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلسا ئە يىپلىنەمدۇ؟بۇ مەسلىدە ئەھلى ئىلىملار ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلار بارمۇ؟

جاۋاپ:بارلىق ھەمدۇ-سانا پۈتۈن ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان اللەقا خاستۇر،رەھمەت-سالاملار پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام غا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئات،ساھابىللىرگە بولسۇن.

مەقسەتكە كەلسەك،بىز پەرھىز ناماز ئارقىسىدا قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىش مەسلىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن بۇر ۇن،بەزىلەرنىڭ پەرھىز نامازدىن كىيىنكى دۇئا،تەشەھھۇدتا ئۇقۇلغان دۇئا شۇ دىگەن دەلىللىرىگە رەددىيە بىرىپ  ئۆتەيلى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرھىز نامازلاردىن كيىن دۇئا قىلغانلىقى كۆپ قېتىم خاتىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن شەرئىي ئاساسى باردەيمىز.يەنە كىلىپ ئىمام بۇخارىمۇ‹سەھيھۇل بۇخارى›ناملىق كىتابىدا‹نامازدىن كىيىن  دۇئا قىلىش توغىرسىدا›دەپ ئالاھىدە تېما تۈزگەن.

ئىمام ئىبنى ھەجەر يۇقۇردىكى ‹ناماز› سۆزىنى ‹سەھيھۇل بۇخارى› ناملىق كىتابنىڭ شەرھىسى بولغان‹فەتھۇلبارى›ناملىق كىتابىدا‹پەرھىز ناماز›دەپ شەرھىلىگەن.

ئىمام ئىبنى ھەجەر يۇقۇردىكى تېمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،ئىمام مۇسلىمنىڭ ئابدۇللا ئبنى ھارسدىن‹ر›،ئابدۇللا‹ر›ئائىشە‹ر›دىن رىۋايەت قىلغان:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹ اللهم أنت السلام ومنك السلام تباركت يا ذ الجلال  والإكرام ›دىگەن سۆزنى دەپ بولمىغۇچە ئورنىدىن قوزغالمايتتى، دىگەن ھەدىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۋېلىپ،نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسى يوق،دىگۈچىلەرگە رەددىيە بىرىپ:سىلەر دەلىل سۈپتىدە      ئوتتۇرغا قويغان،ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن ھەدىسنىڭ مەقسىدى:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹اللهم أنت السلام  ومنك السلام تباركت يا ذ الجلال والإكرام ›دىگەن سۆزنى دەپ بولمىغۇچە ئالدىنى قىبلە تەرەپتىن باشقا تەرەپكەيۆتك-ىمىگەن ئىدى،دىگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ.چۈنكى ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئۇقۇپ بولسا،ئالدىنى ساھابىلەر تەرەپكەيۆتكەيتتى،دەپ خاتىرلەنگەن.دىمەك،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹اللهم أنت السلام ومنك السلام تباركت يا ذ الجلال والإكرام›دىگەن سۆزنى دەپ بولۇپ،ئاندىن ساھابىلەرتەرەپكە قارىغانلقى،ئۇنىڭدىن كىيىن دۇئا قىلغانلىق ئىھتىماللقى كۈچلۈكرەك،دەپ جاۋاپ بەردى.

ئاندىن ئىمام ئىبنى ھەجەر يەنە ئىبنى قەييۇمنىڭ‹الھدى›ناملىق كىتابىدىكى دۇئا توغۇرلۇق بايانلارنى ۋە بەزى ئەھلى ئىلمىلەرنىڭ ئىمام ئىبنى قەييۇمنىڭ بايانلىرىدىن‹نامازدىن كىيىنلا دۇئا قىلىشنىڭ مۇتلەق ئاساسى يوق›دەپ خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇنداق دەپ قاراشنىڭ قەتئى ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ،ئۇلارغا تۆۋەندىكى ھەدىسلەر ئارقىلىق رەددىيە بەردى.

مۇئاز ئىبنى جەبەل‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئەي مۇئاز،مەن سىنى بەك ياخشى كۈرىمەن،سەن ھەرقېتىملىق ناماز ئاخىردا،"اللهم أعني على ذكرك وشكرك وحسن عبادتك"،دىيىشنى ئۇنتۇپ قالما.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائي خاتىرلىگەن،ھاكىم ۋە ئىبنى ھەببان سەھىھ دەپ باھالىغان.

زەيد ئىبنى ئەرقەمدىن رىۋايەت قىلنىشچە،ئۇ كىشى مۇنداق دىگەن:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر قېتىملىق ناماز ئاخىرىدا"اللهم ربنا ورب كل شيء "دەپ دۇئا قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائى خاتىرلىگەن.

سۇھەيب‹ر›دىن‹مەرفۇئ ھالەتتە›رىۋايەت قىلنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئۇقۇپ بولسا،" اللهم أصلح لي ديني …"دەيتتى.بۇ ھەدىسنى تىرمىزي خاتىرلىگەن،ئىبنى ھەببان سەھىھ دەپ باھالىغان.

ئىمام ئىبنى ھەجەر يۇقارقى ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق دىدى:ئەگەر يۇقارقى ھەدىسلەردىكى‹ناماز ئاخىرى ›دىگەنلىكتىن بولغان مەقسەت ‹تەشەھھۇد›دىيىلسە،بىز ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دەيمىز:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ھەرقېتملىق نامازنىڭ ئاخىردا زىكىر-تەسبىھ ئېيتشقا بۇيرىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلمالار:‹تەشەھھۇددا زىكىر-تەسبىھ ئېيتلمايدۇ،شۇڭا بۇ يەردىكى ناماز ئاخىردا دىيىشتىن بولغان مەقسەت،نامازنى تۇلۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن دىيلدۇ›دىگەن سۆزگە بىرلىككە كەلگەن،ئۆلمالارنىڭ مەزكۇر قارارىغا نىسبەتەن دەلىللك زىت بولغان قارار كەلمىگۈچە كۈچكە ئىگە بۇلۇپ تۇرىدۇ.يەنە شۇنىڭدەك ئەبى ئۇمامەدىن رىۋايەت قىلنىشچەپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن‹قانداق ۋاقىتتا قىلغان دۇئا بەكرەك ئجابەت قىلىندۇ؟›دەپ سۇرالغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن مۇنداق دىگەن‹كىچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا ۋە ھەر قېتىملىق پەرھىزنامازلارنىڭ ئاخىردا قىلغان بەكرەك ئىجابەت بولغۇچىدۇر.بۇھەدىسنى تىرمىزى خاترلىگەن.

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئىمام ئىبنى قەييۇمنىڭ سۆزىدىكى مەقسەتنى شەرھىلەپ  مۇنداق دەيدۇ:ئىمام ئىبنى قەييۇمنىڭ‹نامازدىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي پاكىتى يوق›سۆزىنىڭ قاراتمىلىقى‹نامازنى ئۇقۇپ بۇلۇپ قبلىدىن ئۆرۈلمەي تۇرۇپلا دۇئا قىلىش ›قا قارتىلغان.ئەمما قىبلە تەرەپتىن جامائەت تەرەپكە ئۆرۈلۈپ تۇرۇپ،بەلگىلەنگەن زىكىر-تەسبىھ لەرنى قىلىپ بولسا،دۇئا قىلشتىن ئىمام ئىبنى قەييۇممۇ توسمايدۇ.ئىبنى ھەجەر نىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى قىسقارتىپ ئېلىندى.

ئىمام ئبنى ھەجەرنىڭ‹ئبنى قەييۇممۇ توسمايدۇ›دىگەن سۆزىنىڭ پاكىت-دەلىلى بولسا،ئبنى قەييۇمنىڭ:‹نامازخان نامىزىنى تۈگىتىپ،ئارقىدىنلا زىكىر(ئايەتۇلكۇرسي نى ئۇقۇش)،تەھلىل(لا الە الا اللە دىيىش)، تەسبىھ(سۇبھانەللا دىيىش)،تەھميد(ئەلھەمدۇلىللا دىيىش)،تەكبير(اللە اكبر دىيىش)دىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن زىكىرلارنى قىلىپ بولسا،نامازخانغا ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇن-سالام يوللىغاندىن كىين،ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىختىياري دۇئا قىلىشى مۇستەھەب بۇلىدۇ. ›دىگەن سۆزلىرىدۇر.

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى،نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي پاكىتى بار.لىكىن بەزى دىنى چۈشەنچىسى تۆۋەن كىشلەرنىڭ نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىشنى ۋاجىب دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن،بەزىدە قىلىپ بەزىدە قىلمىسا ھېچقانچە ئىش سانالمايدىغان ئىختىيارى سۈننەتتۇر.

دىمەك،بىز يۇقارقى بايانلاردىن نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي دەلىلى بارلىقىنى بىلۋالدۇق.ئەمما سىز دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئا قىلىۋاتقان ۋاقىتتا،قولىنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ رەببىگە يىلىنغان ۋە رەببىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ خارلىقىنى،دىلىنىڭ سۇنۇقلىقىنى،رەببىگە مۇھتاجلىقىنى ئىزھار قىلغان ھالەتتە دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسى بارلىقىنى ھەم بىلىۋېلىڭ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جامائەت ئارىسىدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەندىن باشقا دۇئالار بۇ شەرئىي ئاساسدىن چەتنەپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ.چۈنكى نامازدا،جۈمە خۇتبىسىدە،سۇ  تەلەپ قىلغاندا قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىش خاتىرلەنگەندەك جامائەت ئارىسىدا قىلغان دۇئادا قول كۈتۈرۈش خاتىرلەنمىگەن.

دىمەك،دۇئا قىلغاندا قول كۈتۈرۈشنىڭ ھەم شەرئىي دەلىلى باردۇر.بۇ ھەقتە خاتىرلەنگەن رىۋايەتلەرمۇ ھەم خېلى كۆپ،ئۇلار تۆۋەندىكى ھەدىسلەردۇر.

ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە ئۇ كىشى مۇنداق دىگەن:بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋنى سۇئېلىپ كىلىشكە بۇيرىدى،ئاندىن ئۇ سۇ ئېلىپ كەلگەندە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ سۇدىن تاھارەت ئالدى،تاھارەتنى ئېلىپ بۇلغاندا،قۇلىنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ" اللهم اغفر لعبيد أبي عامر"دەپ دۇئا قىلدى.مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئادا قۇلىنى ئىگىز كۈتۈرگەنلىكتىن ئاپئاق قولتۇقىنى كۆردۈم.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە ھەدىس كىتابلىرىمۇ خاتىرلىگەن.

ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەردىن‹ر› رىۋايەت قىلنىشچە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:بىرقېتىملىق جەڭدە خالىد ئىبنى ۋەليد قۇشۇندىكى ھەربىر جەڭچىنى ئۆزىنىڭ قولدىكى ئەسىرلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرۇپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ.ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇلقىغا يەتكەندە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ"اللهم إني أبرأ إليك مما صنع خالد"دەپ دۇئا قىلدى.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن. ئىككىنجىدىن:پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يامغۇر تەلەپ قىلغاندا قولىنى زىمىن تەرەپكە قاراتقانلىقى،نۇرمالنى دۇئادا قولىنى ئاسمان تەرەپكە قاراتقانلىقى جەھەتلەردە پەرىقلىنىشى مۇمكىن.ئىمام مۇنزىرى مۇنداق بىر نەزەرىيۋى ئۆلچەمنى ئوتتۇرغا قويغان:ئەگەر ئىككى ھەدىسنى بىر يەرگە يىغىپ(جۇغلاپ)تۇرۇپ چۈشۈنىش قىيىن بۇلۇپ قالسا،ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىسبات(بۇلۇشلۇق)تەرپى،مەنفى(بۇلۇشسىز)تەرپىدىن كۈچلۈكرەك بۇلىدۇ.(دۇئا قىلىش تەرپى، قىلماسلىق تەرپىدىن كۈچلۈكرەك بۇلدۇ).ئىمام ئىبنى ھەجەر:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرمالنى ھالەتلەردە قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى خاتىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن،قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىش تەرىپى كۈچلۈك بۇلىدۇ.ئىمام نەۋەۋى ‹ئەزكار›،‹شەرھۇلمۇھەززەب›دىگەن كىتابلىرىنىڭ ئۇمۇمى بايان قىلغان بۆلەكلىرىدە، بۇ ھەقتە مۇنزىرىلا رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر خېلى كۆپ.ئىمام بۇخارىمۇ‹شەخسى ئەدەپ-ئەخلاقلار›دىگەن تېمىدا ئەبۇ ھۈرەيرىدىن‹ر›رىۋايەت قىلنغان ھەدىسكە قارتا دۇئادا قول كۈتۈرۈش توغۇرلۇق ئالاھىدە بىر باپ تۈزگەن.ئەبۇ ھۈرەيرەدىن‹ر› رىۋايەت قىلنىشچە:تۇفەيل ئىبنى ئەمرى‹ر› پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:ئېي رەسۇلۇللاھ،ھەقىقەتەن دەۋىس قەبىلىسى ئاللاھقا ئاسى بۇلۇپ كەتتى.سىللى ئۇلارغا بەد دۇئا قىلىۋەتسىلە،دەپ تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇئان قىبلە تەرەپكە يۈزلىنىپ،قولىنى كۈتۈرگەن ھالەتتە: ئې ئاللا،دەۋىس قەبىلىسنى ھىدايەت قىلسىلا

،دەپ دۇئا قىلدى.بۇ ھەدىسنى بۇخارى خاتىرلىگەن.ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە‹قولنى كۈتۈرۈپ›دىگەن كەلىمە تىلغا ئېلىنماي خاتىرلەنگەن.

جابىر ئىبنى ئابدۇللادىن‹ر› رىۋايەت قىلنشچە ئۇكىشى مۇنداق دىگەن:تۇفەيل ئىبنى ئۇمەير‹ر›پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزى بىلەن بىللە ھىجرەتكە چىققان قېرىندىشى توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرۋىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ:ئې ئاللا ئۇكىشىنىڭ ئىككى قولىنى ئەپۇ قىلغايلا،دەپ دۇئا قىلدى.بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى‹دەرىجىسى،مەزمۇنى›سەھىھ باھالانغان،ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن.ئائىشەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنىشچە ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ:ئې ئاللا،ھەقىقەتەن مەن بولسام بىر ئاجىز بەندەدۇرمەن،دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى‹راۋى›لار ئىشەنچلىك‹سىقەت›دەرىجىسىگە يەتكەن.بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن.

ئائىشەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنىشچە،ئائىشە‹ر› مۇنداق دىگەن:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ،ئوسمان‹ر›غا دۇئا قىلۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

ئابدۇراھمان ئىبنى سەمۇرەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنىشچە،ئابدۇراھمان‹ر› مۇنداق دىگەن:مەن كۈن تۇتۇلغان ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلۋېتىپتىكەن.

ئائشەدىن‹ر› رىۋايەت قىلىنشچە،ئائىشە‹ر› مۇنداق دىگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈن تۇتۇلغان ۋاقىتتا،قولىنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلدى.

يەنە ئائىشەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنشچە،ئائىشە‹ر›مۇنداق دىگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەقيئ قەۋمىگە  قول كۈتۈرۈپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم دۇئا قىلغان.

ئەبۇ ھۈرەيرەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنشچە،ئەبۇ ھۈرەيرە‹ر›مۇنداق دىگەن:مەككە ئازات‹فەتھى›بولغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ،دۇئا قىلغان.

يۇقاردىكى ھەدىسلەر ئىمام مۇسلىم ‹دۇئادا ئىككى قولنى كۈتۈرۈش توغۇرسىدا›دىگەن تېمىدا خاتىرلىگەن سەھىھ باھالانغان ھەدىسلەردۇر.

ئەبۇ ھۇمەيد ئىبنى لەتيبە‹ر›نىڭ قىسسدە مۇنداق رىۋايەت قىلغان:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ۋىدالىشىش ھەج مەۋسۇمىدا قولنى قولتۇقىنىڭ ئاپئاقلقى كۈرۈنگۈچە ئىگىز كۈتۈرۈپ‹ئې اللە،يەتكۈزدىممۇ›دەپ قىلغان دۇئا قىلۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەردىن‹ر›رىۋايەت قىلنىشچە،ئابدۇللا‹ر›مۇنداق دەيدۇ:بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ۋە ئىيسا ئەلەيھماسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قىلغان سۆزلىرىنى دىگەچ قولنى كۈتۈرۈپ‹ئې اللە،مىنىڭ ئۈممىتىم›دەپ دۇئا قىلغان.

ئۆمەر‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە،ئۆمەر‹ر›مۇنداق دىگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھي چۈشسە قۇلاق تۈۋىدە ھەسەل ھەرىسى غۇڭۇلدىغاندەك ئاۋازلار ئاڭلىناتتى،مەلۇم بىر كۈنى ۋەھي چۈشكەندە ئۇنداق ئاۋاز ئاڭلانمىۋىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاغا قولىنى كۈتۈردى.بۇ ھەدىسنى تىرمىزي،نەسائي،ھاكىم خاتىرلىگەن.بۇ ھەدىسنىڭ مەتنىسىنى‹تىكىستىنى›تىرمىزى خاتىرلىگەن.ئۇسامە‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە،ئۇسامە مۇنداق دىگەن:مەن ئەرەفات تېغىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىنگەن تۆگىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىۋالدىم.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئاغا قول كۈتۈرۋىدى،تۆگىسى تاغنىڭ تۆۋەن تەرپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى،چۈشۈپ كىتىپ بارغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدىن تۆگىنىڭ چۇلۋۇرى چىقىپ كەتتى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قولى دۇئاغا كۈتۈرۈگلۈك ھالەت،يەنە بىر قولى بىلەن تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىغا ئالدى.بۇ ھەدىسنى تىرمىزي خاتىرلىگەن ۋە ياخشى دەپ باھالىغان.

قەيس ئىبنى سەئىددىن‹ر› رىۋايەت قىلنىشچە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ،مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان:ئې اللە،سەئد ئبنى ئۇبادەنىڭ ئائىلىسىگە رەھىم قىلسىلا.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد خاتىرلىگەن ۋە ياخشى باھالىغان.

ئەمارە ئىبنى رۇۋەيبە‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە،ئەمارە‹ر›مۇنداق دىگەن:مەن بەشىر ئىبنى مەرۋاننىڭ قولنى كۈتۈرۈۋالغانلىقىنى كۈرۈپ،ئۇنداق قىلىشىدىن توستۇم ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىمنى دىدىم.بۇ ھەدىسنى مۇسلىم خاتىرلىگەن.

بۇ ھەدىسنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەناسىغا كەلسەك،تەبەري بەزى سەلەف ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ يۈزەكى كۈرنىشىدىن دۇئا قىلغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىپ دۇئا قىلىش سۈننەت،دەپ قارىغانلىقىغا مۇنداق دەپ رەددىيە بەردى:يۇقارقى ھەدىس خۇتبە سۆزلىگۈچىنىڭ خۇتبە سۆزلىگەن ۋاقىتتا ئىككى قولنى كۈتۈرۋالماي،كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئشلەتسۇن دىگەنلىكتۇر،ھەدىستىمۇ بۇنىڭ خۇتبە سۆزلىگەندە قىلىدىغان ھالەت ئىكەنلىكى ئىنىق چىقىپ تۇرۇپتۇ،چۈنكى ھەدىستە ئىككى قولنى كۈتۈردى دىدى،ئەمما دۇئا قىلدى دەپ كەلمىدى.يەنە كىلىپ يۇقۇردىكى ھەدىسلەردىمۇ قولنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسى بارلىقى ئىنىق تۇرۇغلۇق،بۇ ھەدىسكە تاينىۋېلىپلا،قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسى يوق دەپ تۇرۋېلىش توغرا بولمايدۇ.

سەلمان فارسى‹اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن›دىن مەرفۇئ ھالەتتە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:اللە ناھايتى سېخى،داۋاملىق ھايات تۇرىدىغان زاتتۇر،ئەگەر بەندە ئاللاھدىن قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ بىر نەرسە تىلىسە،اللە ئۇنىڭ قولىنى قۇرۇق قول قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد،تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە ھەسەن باھالىغان،بۇ ھەدىس يەنە ياخشى دەپ باھالانغان.

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ‹ەتھۇلبارى› دىگەن كىتابىدىكى ھۈكۈمى ئۆز ئەينەن كۈچۈرۈپ ئېلىندى.

ھاسىلكالام،ناماز ئاخىردىكى زىكىر-تەسبىھلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كىيىن،دۇئا قىلىشنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى بار.شۇنىڭدەك دۇئا قىلغاندا قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭمۇ شەرئىي ئاساسى بار.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نامازدىن كىيىن دۇئا قىلسا شۇنداقلا دۇئا قىلغاندا قولنى كۈتۈرۈپ قىلسا شەرئىي تەرەپتىن ئەيىپلەنمەيدۇ ۋە چەكلەنمەيدۇ.شۇنداق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىمۇ ئوخشاش ئەيىپلەنمەيدۇ. يۇقاردىكى شەرئىي دەلىللەرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى مەكرۇھ دىگەن قارشىغا ئەمەل قىلىنمايدۇ.كۆپ قىسىم ئەھلى ئىلىملەر ئەگەر ئىمام ياكى ئالىم داۋاملاشتۇرغان بىرەر سۈننەتنى ئاۋام خەلىق ئۇنى پەرھىز ياكى پەرھىزنىڭ تۇلۇقلىمىللىرى دەپ ئويلاپ قالسا،ئىمام ياكى ئالىمغا شۇ سۈننەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەكرۇھ بۇلىدۇ،دەپ قارىدى.دۇئا قىلىش مەسلىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

ئەڭ توغىرسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.

تەييارلىغۇچى:مەن

تەرجىمە مەنبەسى:http://www.islamweb.net/fatwa/in ... ion=FatwaId&Id=5340

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulluk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-31 14:22  

توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 14:20:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزى مىتىرلاپ ئۇزى كىسىدىكەندە بۇ كىشى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 14:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغاق يوللىغان ۋاقتى  2012-10-30 14:20
ئۇزى مىتىرلاپ ئۇزى كىسىدىكەندە بۇ كىشى

ئۆزى مىتىرلاپ ئۆزى كەسكىدەك ھۈنىرى بولغاچقا ئۆزى كىسىدۇ.ئىسلام ئالىملىرىنىڭ سەركىللىرىدىن سانالغان كىشى.سەھىھۇلبۇخارىنىڭ  شەرھىسىنى يازغان.

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 05:50:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۇئا ھەققىدە مۇفەسسەل بايان


گۈللۈك تورداش.

دۇئا ھەققىدە مۇفەسسەل بايان دىكى <<مۇفەسسەل>>ئەرەبچە گەپ بولۇپ، ئۇيغۇرچىسى:ئېنىق،چۈشىنىشلىك،تولۇق، دېگەندەكلەرنى بىلدۈرىدۇ.شۇنداقىكەن،نامازئىچىدىكى كۈندە تەكرار ئوقۇلىدىغان دۇئالار توغرىلىق توختالماپسىز. يەنى تەكبىر تەھرىمەدىن كېيىنكى دۇئالار؛سۈرە فاتىھە قىرائىتىدىكى دۇئا؛رۇكۇدىكى دۇئا؛رۇكۇدىن كېيىنكى دۇئا؛سەجدىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا،ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى دۇئا؛تەشەھھۇدتىكى دۇئا قاتارلىق قول كۆتۈرۈپ ۋە قول كۆتۈرمەي قىلىنىدىغان دۇئالار توغرىلىق چۈشەنچە مۇنۇ يازمىدا دىيىلمىگەن. شۇڭا،ماقالىنىڭ ئەرەبچىسىدىمۇ يوق بولغان<<مۇفەسسەل>>نى ئۇيغۇرچىغا ئىزاھات بەرمەيلا قوشۇپ قويسىڭىز،ئەرەبچىدىن خەۋىرى يوق تورداشلار:ناماز ئىچىدىكى دۇئالار سۆزلەنمىگەن ماقالە <<مۇفەسسەل>> دېيىلگىنىگە قارىغاندا،ئەرەب بىدئەتچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى بەكلا تۆۋەنمۇ - نېمە؟ دەپ گۇمان قىپقالماسلىقى ئۈچۈن<<مۇفەسسەل>> دېگەن گەپنىڭ ئەسلى ئەرەبچە ماقالە بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى،ئۇنى تەرجىماننىڭ ئىزاھاتسىزلا تەۋەللۇت قىلغانلىقىنى،بۇنىڭ تەرجىمە كەسپىگە نىسبەتەن سەھۋەنلىك سادىر قىلغانلىق بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

يەنە بىرگەپ: ئىسلامدا پەرھىز ناماز دەپ ناماز نامى يوق. ماقالىدا كۆپ تەكرارلانغان، بۇنى تۈزىتىپ قويسىڭىز.

يەنە بىرگەپ:

قەيس ئىبنى سەئىددىن‹ر› رىۋايەت قىلنىشچە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ،مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان:ئې اللە،سەئد ئبنى ئۇبادەنىڭ ئائىلىسىگە رەھىم قىلسىلا.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد خاتىرلىگەن ۋە ياخشى باھالىغان.تىكى ۋە ياخشى باھالىغان نى ئەبۇ داۋۇد ياخشى دېدىمۇ ياكى ئەبۇداۋۇد نامىدىن باشقىلار قوشۇپ قويدىمۇ؟ بۇنىڭغا مۇفەسسەل چۈشەنچە لازىم.

جاۋاپ:بارلىق ھەمدۇ-سانا پۈتۈن ئالەملەرنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان اللەقا خاستۇر،رەھمەت-سالاملار پەيغەمبەر  ئەلەيھىسسالام غا ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئات،ساھابىللىرگە بولسۇن.

مەقسەتكە كەلسەك،بىز پەرھىز ناماز ئارقىسىدا قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىش مەسلىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتىن بۇر ۇن،بەزىلەرنىڭ پەرھىز نامازدىن كىيىنكى دۇئا،تەشەھھۇدتا ئۇقۇلغان دۇئا شۇ دىگەن دەلىللىرىگە رەددىيە بىرىپ  ئۆتەيلى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرھىز نامازلاردىن كيىن دۇئا قىلغانلىقى كۆپ قېتىم خاتىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن شەرئىي ئاساسى باردەيمىز.يەنە كىلىپ ئىمام بۇخارىمۇ‹سەھيھۇل بۇخارى›ناملىق كىتابىدا‹نامازدىن كىيىن  دۇئا قىلىش توغىرسىدا›دەپ ئالاھىدە تېما تۈزگەن.

ئىمام ئىبنى ھەجەر يۇقۇردىكى ‹ناماز› سۆزىنى ‹سەھيھۇل بۇخارى› ناملىق كىتابنىڭ شەرھىسى بولغان‹فەتھۇلبارى›ناملىق كىتابىدا‹پەرھىز ناماز›دەپ شەرھىلىگەن.

ئىمام ئىبنى ھەجەر يۇقۇردىكى تېمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،ئىمام مۇسلىمنىڭ ئابدۇللا ئبنى ھارسدىن‹ر›،ئابدۇللا‹ر›ئائىشە‹ر›دىن رىۋايەت قىلغان:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹ اللهم أنت السلام ومنك السلام تباركت يا ذ الجلال  والإكرام ›دىگەن سۆزنى دەپ بولمىغۇچە ئورنىدىن قوزغالمايتتى، دىگەن ھەدىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۋېلىپ،نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسى يوق،دىگۈچىلەرگە رەددىيە بىرىپ:سىلەر دەلىل سۈپتىدە      ئوتتۇرغا قويغان،ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن ھەدىسنىڭ مەقسىدى:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹اللهم أنت السلام  ومنك السلام تباركت يا ذ الجلال والإكرام ›دىگەن سۆزنى دەپ بولمىغۇچە ئالدىنى قىبلە تەرەپتىن باشقا تەرەپكەيۆتك-ىمىگەن ئىدى،دىگەنلىكنى كۆرسىتىدۇ.چۈنكى ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ناماز ئۇقۇپ بولسا،ئالدىنى ساھابىلەر تەرەپكەيۆتكەيتتى،دەپ خاتىرلەنگەن.دىمەك،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام‹اللهم أنت السلام ومنك السلام تباركت يا ذ الجلال والإكرام›دىگەن سۆزنى دەپ بولۇپ،ئاندىن ساھابىلەرتەرەپكە قارىغانلقى،ئۇنىڭدىن كىيىن دۇئا قىلغانلىق ئىھتىماللقى كۈچلۈكرەك،دەپ جاۋاپ بەردى.

ئاندىن ئىمام ئىبنى ھەجەر يەنە ئىبنى قەييۇمنىڭ‹الھدى›ناملىق كىتابىدىكى دۇئا توغۇرلۇق بايانلارنى ۋە بەزى ئەھلى ئىلمىلەرنىڭ ئىمام ئىبنى قەييۇمنىڭ بايانلىرىدىن‹نامازدىن كىيىنلا دۇئا قىلىشنىڭ مۇتلەق ئاساسى يوق›دەپ خاتا چۈشىنىۋالغانلىقىنى ۋە ئۇنداق دەپ قاراشنىڭ قەتئى ئېتىراپ قىلىنمايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ،ئۇلارغا تۆۋەندىكى ھەدىسلەر ئارقىلىق رەددىيە بەردى.

مۇئاز ئىبنى جەبەل‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:ئەي مۇئاز،مەن سىنى بەك ياخشى كۈرىمەن،سەن ھەرقېتىملىق ناماز ئاخىردا،"اللهم أعني على ذكرك وشكرك وحسن عبادتك"،دىيىشنى ئۇنتۇپ قالما.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائي خاتىرلىگەن،ھاكىم ۋە ئىبنى ھەببان سەھىھ دەپ باھالىغان.

زەيد ئىبنى ئەرقەمدىن رىۋايەت قىلنىشچە،ئۇ كىشى مۇنداق دىگەن:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر قېتىملىق ناماز ئاخىرىدا"اللهم ربنا ورب كل شيء "دەپ دۇئا قىلۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائى خاتىرلىگەن.

سۇھەيب‹ر›دىن‹مەرفۇئ ھالەتتە›رىۋايەت قىلنىشچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئۇقۇپ بولسا،" اللهم أصلح لي ديني …"دەيتتى.بۇ ھەدىسنى تىرمىزي خاتىرلىگەن،ئىبنى ھەببان سەھىھ دەپ باھالىغان.

ئىمام ئىبنى ھەجەر يۇقارقى ھەدىسلەرنى بايان قىلىپ بولغاندىن كىيىن مۇنداق دىدى:ئەگەر يۇقارقى ھەدىسلەردىكى‹ناماز ئاخىرى ›دىگەنلىكتىن بولغان مەقسەت ‹تەشەھھۇد›دىيىلسە،بىز ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دەيمىز:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى ھەرقېتملىق نامازنىڭ ئاخىردا زىكىر-تەسبىھ ئېيتشقا بۇيرىدى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆلمالار:‹تەشەھھۇددا زىكىر-تەسبىھ ئېيتلمايدۇ،شۇڭا بۇ يەردىكى ناماز ئاخىردا دىيىشتىن بولغان مەقسەت،نامازنى تۇلۇق ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن دىيلدۇ›دىگەن سۆزگە بىرلىككە كەلگەن،ئۆلمالارنىڭ مەزكۇر قارارىغا نىسبەتەن دەلىللك زىت بولغان قارار كەلمىگۈچە كۈچكە ئىگە بۇلۇپ تۇرىدۇ.يەنە شۇنىڭدەك ئەبى ئۇمامەدىن رىۋايەت قىلنىشچەپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن‹قانداق ۋاقىتتا قىلغان دۇئا بەكرەك ئجابەت قىلىندۇ؟›دەپ سۇرالغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن مۇنداق دىگەن‹كىچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرى قالغاندا ۋە ھەر قېتىملىق پەرھىزنامازلارنىڭ ئاخىردا قىلغان بەكرەك ئىجابەت بولغۇچىدۇر.بۇھەدىسنى تىرمىزى خاترلىگەن.

ئىمام ئىبنى ھەجەر ئىمام ئىبنى قەييۇمنىڭ سۆزىدىكى مەقسەتنى شەرھىلەپ  مۇنداق دەيدۇ:ئىمام ئىبنى قەييۇمنىڭ‹نامازدىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي پاكىتى يوق›سۆزىنىڭ قاراتمىلىقى‹نامازنى ئۇقۇپ بۇلۇپ قبلىدىن ئۆرۈلمەي تۇرۇپلا دۇئا قىلىش ›قا قارتىلغان.ئەمما قىبلە تەرەپتىن جامائەت تەرەپكە ئۆرۈلۈپ تۇرۇپ،بەلگىلەنگەن زىكىر-تەسبىھ لەرنى قىلىپ بولسا،دۇئا قىلشتىن ئىمام ئىبنى قەييۇممۇ توسمايدۇ.ئىبنى ھەجەر نىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى قىسقارتىپ ئېلىندى.

ئىمام ئبنى ھەجەرنىڭ‹ئبنى قەييۇممۇ توسمايدۇ›دىگەن سۆزىنىڭ پاكىت-دەلىلى بولسا،ئبنى قەييۇمنىڭ:‹نامازخان نامىزىنى تۈگىتىپ،ئارقىدىنلا زىكىر(ئايەتۇلكۇرسي نى ئۇقۇش)،تەھلىل(لا الە الا اللە دىيىش)، تەسبىھ(سۇبھانەللا دىيىش)،تەھميد(ئەلھەمدۇلىللا دىيىش)،تەكبير(اللە اكبر دىيىش)دىن ئىبارەت بەلگىلەنگەن زىكىرلارنى قىلىپ بولسا،نامازخانغا ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇن-سالام يوللىغاندىن كىين،ئۆزى ۋە باشقىلار ئۈچۈن ئىختىياري دۇئا قىلىشى مۇستەھەب بۇلىدۇ. ›دىگەن سۆزلىرىدۇر.

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى،نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي پاكىتى بار.لىكىن بەزى دىنى چۈشەنچىسى تۆۋەن كىشلەرنىڭ نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىشنى ۋاجىب دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن،بەزىدە قىلىپ بەزىدە قىلمىسا ھېچقانچە ئىش سانالمايدىغان ئىختىيارى سۈننەتتۇر.

دىمەك،بىز يۇقارقى بايانلاردىن نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي دەلىلى بارلىقىنى بىلۋالدۇق.ئەمما سىز دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئا قىلىۋاتقان ۋاقىتتا،قولىنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ رەببىگە يىلىنغان ۋە رەببىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ خارلىقىنى،دىلىنىڭ سۇنۇقلىقىنى،رەببىگە مۇھتاجلىقىنى ئىزھار قىلغان ھالەتتە دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسى بارلىقىنى ھەم بىلىۋېلىڭ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جامائەت ئارىسىدا داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەندىن باشقا دۇئالار بۇ شەرئىي ئاساسدىن چەتنەپ چىقىپ كىتەلمەيدۇ.چۈنكى نامازدا،جۈمە خۇتبىسىدە،سۇ  تەلەپ قىلغاندا قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىش خاتىرلەنگەندەك جامائەت ئارىسىدا قىلغان دۇئادا قول كۈتۈرۈش خاتىرلەنمىگەن.

دىمەك،دۇئا قىلغاندا قول كۈتۈرۈشنىڭ ھەم شەرئىي دەلىلى باردۇر.بۇ ھەقتە خاتىرلەنگەن رىۋايەتلەرمۇ ھەم خېلى كۆپ،ئۇلار تۆۋەندىكى ھەدىسلەردۇر.

ئەبى مۇسا ئەلئەشئەرى‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە ئۇ كىشى مۇنداق دىگەن:بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋنى سۇئېلىپ كىلىشكە بۇيرىدى،ئاندىن ئۇ سۇ ئېلىپ كەلگەندە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ سۇدىن تاھارەت ئالدى،تاھارەتنى ئېلىپ بۇلغاندا،قۇلىنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ" اللهم اغفر لعبيد أبي عامر"دەپ دۇئا قىلدى.مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئادا قۇلىنى ئىگىز كۈتۈرگەنلىكتىن ئاپئاق قولتۇقىنى كۆردۈم.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم ۋە ھەدىس كىتابلىرىمۇ خاتىرلىگەن.

ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەردىن‹ر› رىۋايەت قىلنىشچە ئۇ مۇنداق دەيدۇ:بىرقېتىملىق جەڭدە خالىد ئىبنى ۋەليد قۇشۇندىكى ھەربىر جەڭچىنى ئۆزىنىڭ قولدىكى ئەسىرلەرنى ئۈلۈمگە بۇيرۇپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ.ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇلقىغا يەتكەندە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ"اللهم إني أبرأ إليك مما صنع خالد"دەپ دۇئا قىلدى.بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن. ئىككىنجىدىن:پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ يامغۇر تەلەپ قىلغاندا قولىنى زىمىن تەرەپكە قاراتقانلىقى،نۇرمالنى دۇئادا قولىنى ئاسمان تەرەپكە قاراتقانلىقى جەھەتلەردە پەرىقلىنىشى مۇمكىن.ئىمام مۇنزىرى مۇنداق بىر نەزەرىيۋى ئۆلچەمنى ئوتتۇرغا قويغان:ئەگەر ئىككى ھەدىسنى بىر يەرگە يىغىپ(جۇغلاپ)تۇرۇپ چۈشۈنىش قىيىن بۇلۇپ قالسا،ئۇ ھەدىسلەرنىڭ ئىسبات(بۇلۇشلۇق)تەرپى،مەنفى(بۇلۇشسىز)تەرپىدىن كۈچلۈكرەك بۇلىدۇ.(دۇئا قىلىش تەرپى، قىلماسلىق تەرپىدىن كۈچلۈكرەك بۇلدۇ).ئىمام ئىبنى ھەجەر:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇرمالنى ھالەتلەردە قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى خاتىرلەنگەنلىكى ئۈچۈن،قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىش تەرىپى كۈچلۈك بۇلىدۇ.ئىمام نەۋەۋى ‹ئەزكار›،‹شەرھۇلمۇھەززەب›دىگەن كىتابلىرىنىڭ ئۇمۇمى بايان قىلغان بۆلەكلىرىدە، بۇ ھەقتە مۇنزىرىلا رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەر خېلى كۆپ.ئىمام بۇخارىمۇ‹شەخسى ئەدەپ-ئەخلاقلار›دىگەن تېمىدا ئەبۇ ھۈرەيرىدىن‹ر›رىۋايەت قىلنغان ھەدىسكە قارتا دۇئادا قول كۈتۈرۈش توغۇرلۇق ئالاھىدە بىر باپ تۈزگەن.ئەبۇ ھۈرەيرەدىن‹ر› رىۋايەت قىلنىشچە:تۇفەيل ئىبنى ئەمرى‹ر› پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:ئېي رەسۇلۇللاھ،ھەقىقەتەن دەۋىس قەبىلىسى ئاللاھقا ئاسى بۇلۇپ كەتتى.سىللى ئۇلارغا بەد دۇئا قىلىۋەتسىلە،دەپ تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇئان قىبلە تەرەپكە يۈزلىنىپ،قولىنى كۈتۈرگەن ھالەتتە: ئې ئاللا،دەۋىس قەبىلىسنى ھىدايەت قىلسىلا

،دەپ دۇئا قىلدى.بۇ ھەدىسنى بۇخارى خاتىرلىگەن.ئىمام بۇخارى بىلەن ئىمام مۇسلىم بىرلىككە كەلگەن ھەدىستە‹قولنى كۈتۈرۈپ›دىگەن كەلىمە تىلغا ئېلىنماي خاتىرلەنگەن.

جابىر ئىبنى ئابدۇللادىن‹ر› رىۋايەت قىلنشچە ئۇكىشى مۇنداق دىگەن:تۇفەيل ئىبنى ئۇمەير‹ر›پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئۆزى بىلەن بىللە ھىجرەتكە چىققان قېرىندىشى توغۇرلۇق سۆزلەپ بىرۋىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ:ئې ئاللا ئۇكىشىنىڭ ئىككى قولىنى ئەپۇ قىلغايلا،دەپ دۇئا قىلدى.بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى‹دەرىجىسى،مەزمۇنى›سەھىھ باھالانغان،ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن.ئائىشەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنىشچە ئائىشە مۇنداق دەيدۇ:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ:ئې ئاللا،ھەقىقەتەن مەن بولسام بىر ئاجىز بەندەدۇرمەن،دەپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆردۈم.بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغۇچى‹راۋى›لار ئىشەنچلىك‹سىقەت›دەرىجىسىگە يەتكەن.بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن.

ئائىشەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنىشچە،ئائىشە‹ر› مۇنداق دىگەن:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ،ئوسمان‹ر›غا دۇئا قىلۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

ئابدۇراھمان ئىبنى سەمۇرەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنىشچە،ئابدۇراھمان‹ر› مۇنداق دىگەن:مەن كۈن تۇتۇلغان ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلسەم،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلۋېتىپتىكەن.

ئائشەدىن‹ر› رىۋايەت قىلىنشچە،ئائىشە‹ر› مۇنداق دىگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈن تۇتۇلغان ۋاقىتتا،قولىنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلدى.

يەنە ئائىشەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنشچە،ئائىشە‹ر›مۇنداق دىگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەقيئ قەۋمىگە  قول كۈتۈرۈپ تۇرۇپ ئۈچ قېتىم دۇئا قىلغان.

ئەبۇ ھۈرەيرەدىن‹ر›رىۋايەت قىلنشچە،ئەبۇ ھۈرەيرە‹ر›مۇنداق دىگەن:مەككە ئازات‹فەتھى›بولغاندا،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ،دۇئا قىلغان.

يۇقاردىكى ھەدىسلەر ئىمام مۇسلىم ‹دۇئادا ئىككى قولنى كۈتۈرۈش توغۇرسىدا›دىگەن تېمىدا خاتىرلىگەن سەھىھ باھالانغان ھەدىسلەردۇر.

ئەبۇ ھۇمەيد ئىبنى لەتيبە‹ر›نىڭ قىسسدە مۇنداق رىۋايەت قىلغان:مەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ۋىدالىشىش ھەج مەۋسۇمىدا قولنى قولتۇقىنىڭ ئاپئاقلقى كۈرۈنگۈچە ئىگىز كۈتۈرۈپ‹ئې اللە،يەتكۈزدىممۇ›دەپ قىلغان دۇئا قىلۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.

ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەردىن‹ر›رىۋايەت قىلنىشچە،ئابدۇللا‹ر›مۇنداق دەيدۇ:بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ۋە ئىيسا ئەلەيھماسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قىلغان سۆزلىرىنى دىگەچ قولنى كۈتۈرۈپ‹ئې اللە،مىنىڭ ئۈممىتىم›دەپ دۇئا قىلغان.

ئۆمەر‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە،ئۆمەر‹ر›مۇنداق دىگەن:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋەھي چۈشسە قۇلاق تۈۋىدە ھەسەل ھەرىسى غۇڭۇلدىغاندەك ئاۋازلار ئاڭلىناتتى،مەلۇم بىر كۈنى ۋەھي چۈشكەندە ئۇنداق ئاۋاز ئاڭلانمىۋىدى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئاغا قولىنى كۈتۈردى.بۇ ھەدىسنى تىرمىزي،نەسائي،ھاكىم خاتىرلىگەن.بۇ ھەدىسنىڭ مەتنىسىنى‹تىكىستىنى›تىرمىزى خاتىرلىگەن.ئۇسامە‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە،ئۇسامە مۇنداق دىگەن:مەن ئەرەفات تېغىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مىنگەن تۆگىنىڭ ئارقىسىغا مىنگىشىۋالدىم.پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇئاغا قول كۈتۈرۋىدى،تۆگىسى تاغنىڭ تۆۋەن تەرپىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى،چۈشۈپ كىتىپ بارغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدىن تۆگىنىڭ چۇلۋۇرى چىقىپ كەتتى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر قولى دۇئاغا كۈتۈرۈگلۈك ھالەت،يەنە بىر قولى بىلەن تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىغا ئالدى.بۇ ھەدىسنى تىرمىزي خاتىرلىگەن ۋە ياخشى دەپ باھالىغان.

قەيس ئىبنى سەئىددىن‹ر› رىۋايەت قىلنىشچە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ،مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان:ئې اللە،سەئد ئبنى ئۇبادەنىڭ ئائىلىسىگە رەھىم قىلسىلا.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد خاتىرلىگەن ۋە ياخشى باھالىغان.

ئەمارە ئىبنى رۇۋەيبە‹ر›دىن رىۋايەت قىلنىشچە،ئەمارە‹ر›مۇنداق دىگەن:مەن بەشىر ئىبنى مەرۋاننىڭ قولنى كۈتۈرۈۋالغانلىقىنى كۈرۈپ،ئۇنداق قىلىشىدىن توستۇم ۋە ئۇنىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلغانلىقىنى كۆرگەنلىكىمنى دىدىم.بۇ ھەدىسنى مۇسلىم خاتىرلىگەن.

بۇ ھەدىسنىڭ ئىپادىلەيدىغان مەناسىغا كەلسەك،تەبەري بەزى سەلەف ئالىملىرىنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ يۈزەكى كۈرنىشىدىن دۇئا قىلغاندا كۆرسەتكۈچ بارماق بىلەن ئىشارەت قىلىپ دۇئا قىلىش سۈننەت،دەپ قارىغانلىقىغا مۇنداق دەپ رەددىيە بەردى:يۇقارقى ھەدىس خۇتبە سۆزلىگۈچىنىڭ خۇتبە سۆزلىگەن ۋاقىتتا ئىككى قولنى كۈتۈرۋالماي،كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ئشلەتسۇن دىگەنلىكتۇر،ھەدىستىمۇ بۇنىڭ خۇتبە سۆزلىگەندە قىلىدىغان ھالەت ئىكەنلىكى ئىنىق چىقىپ تۇرۇپتۇ،چۈنكى ھەدىستە ئىككى قولنى كۈتۈردى دىدى،ئەمما دۇئا قىلدى دەپ كەلمىدى.يەنە كىلىپ يۇقۇردىكى ھەدىسلەردىمۇ قولنى كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسى بارلىقى ئىنىق تۇرۇغلۇق،بۇ ھەدىسكە تاينىۋېلىپلا،قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي ئاساسى يوق دەپ تۇرۋېلىش توغرا بولمايدۇ.

سەلمان فارسى‹اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن›دىن مەرفۇئ ھالەتتە رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:اللە ناھايتى سېخى،داۋاملىق ھايات تۇرىدىغان زاتتۇر،ئەگەر بەندە ئاللاھدىن قولنى كۈتۈرۈپ تۇرۇپ بىر نەرسە تىلىسە،اللە ئۇنىڭ قولىنى قۇرۇق قول قايتۇرۇشتىن ھايا قىلىدۇ.بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد،تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە ھەسەن باھالىغان،بۇ ھەدىس يەنە ياخشى دەپ باھالانغان.

ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ‹ەتھۇلبارى› دىگەن كىتابىدىكى ھۈكۈمى ئۆز ئەينەن كۈچۈرۈپ ئېلىندى.

يۇقارقى مەزمۇنلا ماۋزۇدىكى سوئال بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش توغرۇلۇق مەزمۇن يوق.بۇنى قەلەم تەۋرەتكۈچى بىدئەتچى فەتھۇلبارى ناملىق كىتابتىكى نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ نامازدىن كېيىن ئەمەس، باشقا چاغلاردىكى قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس بايانلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈپ شەرىئەتنى بۇزۇشقا تىرىشىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن.

ھاسىلكالام،ناماز ئاخىردىكى زىكىر-تەسبىھلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كىيىن،دۇئا قىلىشنىڭ شەرىئەتتە ئاساسى بار.شۇنىڭدەك دۇئا قىلغاندا قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلىشنىڭمۇ شەرئىي ئاساسى بار.شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نامازدىن كىيىن دۇئا قىلسا شۇنداقلا دۇئا قىلغاندا قولنى كۈتۈرۈپ قىلسا شەرئىي تەرەپتىن ئەيىپلەنمەيدۇ ۋە چەكلەنمەيدۇ.شۇنداق قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسىمۇ ئوخشاش ئەيىپلەنمەيدۇ.

رەسۇلۇللاھ داۋاملىق قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلغان جايلاردىن باشقا ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش سۈننەت.نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلىشمۇ سۈننەت.

يۇقاردىكى شەرئىي دەلىللەرنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن بەزى ئەھلى ئىلىملەرنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى مەكرۇھ دىگەن قارشىغا ئەمەل قىلىنمايدۇ.

نېمىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى كۆپ قىسىم ئەھلى ئىلىملەر ئەگەر ئىمام ياكى ئالىم داۋاملاشتۇرغان بىرەر سۈننەتنى ئاۋام خەلىق ئۇنى پەرھىز ياكى پەرھىزنىڭ تۇلۇقلىمىللىرى دەپ ئويلاپ قالسا،ئىمام ياكى ئالىمغا شۇ سۈننەتنى داۋاملاشتۇرۇش مەكرۇھ بۇلىدۇ،دەپ قارىدى.دۇئا قىلىش مەسلىسىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش.

قايسى ئەھلى ئىلىم ۋە كىم قانداق ئويلاپ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر،ئىبادەتكە زادىلا قۇرئان كەرىم، سەھىھ ھەدىستىن دەلىل كېرەك.بولمىسا، مۇنۇ تېمىنى يازغۇچىدەك ئەھلى دەۋزىخى بىدئەتچى بوپقالىدىغان گەپ.شۇڭا،سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان، دېگەن سۆز يوق بولغاچقا، نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت يەنى شەرىئەتنى ئۆزگەرتكەنلىك.بۇنداق شەرىئەتنى ئۆزگەرتكۈچىنىڭ ئوقۇغان ناماز ۋە باشقا ئەمىلى مەقبۇل ئەمەس.

ئەڭ توغىرسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.شەرىئەتنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەننىمۇ بىلگۈچى ئەللاھ.

تەييارلىغۇچى:مەن بىلدىم.

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 05:57:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باشقۇرغۇچىلار.

ئىنكاس تەستىقلاش ھەممە تېمىدا بارمۇ؟

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 06:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qutluq يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 05:57
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، باشقۇرغۇچىلار.

ئىنكاس تەستىقلاش  ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
ياق. بۇ سەھىپىدىكى ئىنكاسلارغا تەستىق قويۇلۇپ قالغىنىدىن مەنمۇ ئەمدى خەۋەردار بولدۇم. بۇرۇن بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىگەن ئىدى...تەستىق كودىنى دېمەكچى بولسىڭىز بۇ ھەممە تېمىدا مەۋجۇت. ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋاتماقچى ئىدىم، ۋاختىم بولماي قالدى...
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 12:54:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇئا ھەققىدە مۇفەسسەل بايان دىكى <<مۇفەسسەل>>ئەرەبچە گەپ بولۇپ، ئۇيغۇرچىسى:ئېنىق،چۈشىنىشلىك،تولۇق، دېگەندەكلەرنى بىلدۈرىدۇ.شۇنداقىكەن،نامازئىچىدىكى كۈندە تەكرار ئوقۇلىدىغان دۇئالار توغرىلىق توختالماپسىز. يەنى تەكبىر تەھرىمەدىن كېيىنكى دۇئالار؛سۈرە فاتىھە قىرائىتىدىكى دۇئا؛رۇكۇدىكى دۇئا؛رۇكۇدىن كېيىنكى دۇئا؛سەجدىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا،ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى دۇئا؛تەشەھھۇدتىكى دۇئا قاتارلىق قول كۆتۈرۈپ ۋە قول كۆتۈرمەي قىلىنىدىغان دۇئالار توغرىلىق چۈشەنچە مۇنۇ يازمىدا دىيىلمىگەن. شۇڭا،ماقالىنىڭ ئەرەبچىسىدىمۇ يوق بولغان<<مۇفەسسەل>>نى ئۇيغۇرچىغا ئىزاھات بەرمەيلا قوشۇپ قويسىڭىز،ئەرەبچىدىن خەۋىرى يوق تورداشلار:ناماز ئىچىدىكى دۇئالار سۆزلەنمىگەن ماقالە <<مۇفەسسەل>> دېيىلگىنىگە قارىغاندا،ئەرەب بىدئەتچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى بەكلا تۆۋەنمۇ - نېمە؟ دەپ گۇمان قىپقالماسلىقى ئۈچۈن<<مۇفەسسەل>> دېگەن گەپنىڭ ئەسلى ئەرەبچە ماقالە بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى،ئۇنى تەرجىماننىڭ ئىزاھاتسىزلا تەۋەللۇت قىلغانلىقىنى،بۇنىڭ تەرجىمە كەسپىگە نىسبەتەن سەھۋەنلىك سادىر قىلغانلىق بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

يەنە بىرگەپ: ئىسلامدا پەرھىز ناماز دەپ ناماز نامى يوق. ماقالىدا كۆپ تەكرارلانغان، بۇنى تۈزىتىپ قويسىڭىز.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قۇتلۇق تورداش
يۇقارقى بايانلىرىڭىزغا رەھمەت.سىزدەك تەنقىدچىلەر بولغاندىلا،يازمىلارنىڭ سۈپەتلىك چىقىشىغا پايدىسى كۆپ بۇلىدۇ.بۇ جەھەتتە مەن تۈزىتەي.مەن بۇ ماۋزۇنى دۇئا قىلىش ھەققىدە مۇفەسسەل‹ئىنىق،چۈشنىشلىك،تەپسىلى›بايان دەپ قويماقچى بۇلۇپ،دۇئا ھەققىدە مۇفەسسەل بايان دەپ يېزىپ قۇيۇپتىمەن.ئەمدى سىزنىڭ ماۋۇ گىپىڭىزدىكى ‹قارىغاندا،ئەرەب بىدئەتچىلىرىنىڭ سەۋىيىسى بەكلا تۆۋەنمۇ - نېمە؟›دىگەن سۈزىڭىزدىكى‹ئەرەب بىدئەتچىلىرى›دىگەن ئاتالغۇنى چۈشەندۈرۈپ قۇيالامسىز؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 13:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qutluq يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 05:50
دۇئا ھەققىدە مۇفەسسەل بايان
گۈللۈك تورداش.دۇئا ھەققىد ...

ئىسلامدا پەرھىز ناماز دەپ ناماز نامى يوق.ئەمسە قانداق ناماز باردۇر.

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 13:36:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qutluq يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 05:50
دۇئا ھەققىدە مۇفەسسەل بايان
گۈللۈك تورداش.دۇئا ھەققىد ...

يۇقارقى مەزمۇنلا ماۋزۇدىكى سوئال بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ،نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش توغرۇلۇق مەزمۇن يوق.<1>بۇنى قەلەم تەۋرەتكۈچى بىدئەتچى فەتھۇلبارى ناملىق كىتابتىكى نامازدىن كېيىن دۇئا قىلىش ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ نامازدىن كېيىن ئەمەس، باشقا چاغلاردىكى قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس بايانلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈپ شەرىئەتنى بۇزۇشقا تىرىشىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن.<2>

سىز بۇ يازمىنى ئوبدانراق كۈرۈپ ئاندىن ئىنكاس يازسىڭىزمۇ بىرسى سىزنى قوغلىمايدۇ.ئاپتۇر سىز نەقىل كەلتۈرگەن ھەدىسلەرنى رەددىيە نۇسخىسىدا،تەپسىلىرەك بايان قىلغان.سىز يازمىنى قۇسۇر تاپىمەن،باشقىلار بىلەن ئۈزەڭگۈ سۇقۇشتۇرىمەن دەپ ئۇقۇماي،ھەقىقەتنى بىلىش مەقسىدىدە ئۇقۇسىڭىز ئاللا خالىسا ئىنىقراق بىلەلەيسىز.<1>

<بىدئەتچى>دەپ <شەرىئەتنى بۇزۇش قىلمىشى>نى يۈكلەپ ماڭا قالپاق كەيگۈزىۋاتامسىز؟سىز بۇ يازمىنىڭ تەرجىمە ئىكەنلىكىنى ئىنىق بىلىۋېلىڭ. ماڭا قىلغان بىدئەتچى،شەرىئەتنى بۇزغۇچى دىگەن ھۈكۈملىرىڭىزدىن،سىزنىڭ شەرىئەت توغۇرلۇق سۆز ئېچىش ھۇقۇقىڭىزنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.سىزگە مۇھەممەد نۇئەيم ياسىننىڭ <ئيمان>دىگەن كىتابىنى تەۋسىيە قىلاي،شۇ كىتاپتا قۇرئاننىڭ ۋارىقىنى تاشلىۋەتكەن ئادەمگە قانداق ھۈكۈم قىلغانلىقىنى كۈرۈپ ئاندىن ماڭا ھۈكۈم قىلاسىز.مۇنازىرە دىگەن ھەقىقەتنى تېپىش مەقسىدىدە بولسا،ئەجىر بۇلىدۇ،باشقىلارنى يېڭىش،مەسخىرە قىلىش مەقسىدىدە بولسا لەنەت قىلىنىدۇ.<2>

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 13:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qutluq يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 05:50
دۇئا ھەققىدە مۇفەسسەل بايان
گۈللۈك تورداش.دۇئا ھەققىد ...

رەسۇلۇللاھ داۋاملىق قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلغان جايلاردىن باشقا ئەھۋالدا قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش سۈننەت.نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرمەي دۇئا قىلىشمۇ سۈننەت.

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى،نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىشنىڭ شەرئىي پاكىتى بار.لىكىن بەزى دىنى چۈشەنچىسى تۆۋەن كىشلەرنىڭ نامازدىن كىيىن دۇئا قىلىشنى ۋاجىب دەپ چۈشىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن،بەزىدە قىلىپ بەزىدە قىلمىسا ھېچقانچە ئىش سانالمايدىغان ئىختىيارى سۈننەتتۇر.

يەنىلا ئوبدانراق ئۇقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازاسىز.

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-31 14:18:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qutluq يوللىغان ۋاقتى  2012-10-31 05:50
دۇئا ھەققىدە مۇفەسسەل بايان
گۈللۈك تورداش.دۇئا ھەققىد ...

قايسى ئەھلى ئىلىم ۋە كىم قانداق ئويلاپ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر،ئىبادەتكە زادىلا قۇرئان كەرىم، سەھىھ ھەدىستىن دەلىل كېرەك.<1>بولمىسا، مۇنۇ تېمىنى يازغۇچىدەك ئەھلى دەۋزىخى بىدئەتچى بوپقالىدىغان گەپ.<2>شۇڭا،سەھىھ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان، دېگەن سۆز يوق بولغاچقا، نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت يەنى شەرىئەتنى ئۆزگەرتكەنلىك.بۇنداق شەرىئەتنى ئۆزگەرتكۈچىنىڭ ئوقۇغان ناماز ۋە باشقا ئەمىلى مەقبۇل ئەمەس.<3>

ئەڭ توغىرسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.شەرىئەتنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەننىمۇ بىلگۈچى ئەللاھ.

تەييارلىغۇچى:مەن بىلدىم.

يازمىدىكى ھەدىسلەر يىتىشمىدىمۇ؟ياكى مەن بۇلارنى كەينىمگە ئۇرۇپلا تېپىۋالدىممۇ؟ياكى بولمىسا ماڭا بۇۋامدىن بىرەر قوليازما قېلىپ شۇنىڭدىن كۈچۈرۈپ ئالدىممۇ؟<1>

سىزگە خىزىرلىق بىرىلمىگەندۇ؟سىزگە قاچاندىن بېرى بىرنى جەننەتكە يەنە دەۋزەخكە بۇيرۇيدىغان ھۇقۇق-ئىمتىياز بىرىلدى؟دەججالنى شۇنداق قىلىدۇ دەۋاتاتتى،ھەر قانچە بولسىمۇ دەججال بىلەن تۇغقان ئەمەس بولغۇيتتىڭىز؟قېرىندىشىم دىمىگەن،چۈنكى مەن سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە<بىدئەتچى،شەرىئەتنى بۇزغۇچى،ئەھلى دەۋزەخ>بولغاندىكەن،ئىككىمىز قېرىنداش ئەمەس.بەلكىم سىزمۇ بۇ نوقتىنى بىلگەچ تورداش دىگەنغۇ دەيمەن؟شەرىئەت ئۆلچىمىدە غەيرى مۇسۇلمانغا سالام بەرمەيتتىغۇ دەيمەن،سىز سالامنىمۇ شەرىئەت ئۆلچىمىدىكى ئادەمگە قىلماپسىز،سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز شەرىئەتنى بۇزغانغا كىرەمدۇ ياكى مەن بەك چۇڭقۇر چۈشىنىۋالدىممۇ؟شۇڭا سىزنىمۇ سىزگە ئوخشاش تورداش دەي.تورداش بايامقىدەك سۆزلەرگىچۇ ھاياجانلانماي،ئالدىرىماي ئايەت-ھەدىسكە تاينىپ تۇرۇپ بەرسىڭىز،بىز ھەرگىز كىچىكىپ قالدى دىمەيمىز. <2>

ئەمسە نامازدىن كېيىن قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىش بىدئەت  دىگەن سۈزىڭىزگە سىز دىگەن سەھىھ ھەدىسلەرنى نەقىل قىلىپ،ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويمامسىز؟

قايسى ئەھلى ئىلىم ۋە كىم قانداق ئويلاپ قېلىشىدىن قەتئىينەزەر،ئىبادەتكە زادىلا قۇرئان كەرىم، سەھىھ ھەدىستىن دەلىل كېرەك.نامازدىن كىيىن قول كۈتۈرمەسلىككە توقۇلما،زەئىف شەدىد<قاتتىق ئاجىز>،ۋاھ بولمىغان ھەدىسلەردىن دەلىل كەلتۈرۈپ،مىنى ماۋۇ يازمىنى تەرجىمە قىلىپ دىننى بۇرمىلاشقا ھەسسە قوشقانلىقىم ئۈچۈن دەۋزەخكە سۇلىۋەتمەمسىز؟

ئەڭ توغىرسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر.شەرىئەتنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەننىمۇ بىلگۈچى ئەللاھ.مۇنازىرنى ھەقىقەتنى تېپىش ئۈچۈن ئەمەس،بەسلىشىش،قارشى تەرەپنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن بولغىنىنىمۇ بىلگۈچى يەنىلە اللە دۇر.

بۇ گەپلەرنى تەييارلىغۇچى:مەن بىلدىم.گە دىدىم.



يوللىغان ۋاقتى 2012-11-1 23:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلامۇ  ئەلەيكۇم.    بۇ   ھەقتە  پەتۋا  كامتىتى (پەرىز  نامازدىن  كىىين.قول  كوتەمەي.  دۇئا  قىلىش  دۇرۇس.                                        مۇناسىپ  ھەدىس  بولغانلىقى  ئۈچۈن  قول  كوترۈپ  دۇئا قىلىش سۈنەتتىن چىققانلىق.                                                                                  چۈنكى  بۇ       خۇخۇستا ھەدىس  كەلگەەنلىكىنى  بىلمەيمىز)  دەپتۇ                                                                                                                                                                                                   

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 02:35:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
astagfirulla يوللىغان ۋاقتى  2012-11-1 23:11
ئەسسلامۇ  ئەلەيكۇم.    بۇ   ھەقتە  پەتۋا  كامتىتى (پەرىز  ن ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن.مۇنازىرنى سىزدەك ئىلمىي قىلسا،ئاللا خالىسا ھەقىقەتنى تېپىش ئاسان بولغۇسى.مەن مۇشۇ مەسلىنىمۇ تەرجىمە قىلماقچى ئىدىم.ئەمما بۇ مىنىڭ تىلىم چىققاندىن بېرى تۇنجى قېتىم قىلغان تەرجىمەم بولغاچقا،تورداشلارنىڭ پىكىر تەنقىد بىرىشىنى،شۇ ئارقىلىق خاتا كەتكەن جايلىرىنى تۇلۇقلىۋالسام ئەجەپ ئەمەس دەپ ئۇنى ئەمدى تەرجىمە قىلايمىكىن دەپ تۇرغان.ئاللا ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.سىزنىڭ ئەرەپ تىلىدىن بەلگىلىك سەۋيەرىڭىز بار ئىكەن.شۇڭا تەرجىمە قىلماقچى بولغان پەتىۋانى كۆرۈپ بېقىڭ.سىز دىگەن مەسلىنى ۇفتى ئۇسەيمىن خېلى ئۇچۇق چۈشەندۈرۈگەندەك قىلىدۇ.ئاللا سىزگە توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلسۇن.

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 17:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم
بۇ تېما قېرىندىشىمىزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەرجىىمە ئەسىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە تەشۋىق قىلىش يۈزىسىدىن ئۆچۈرۈلمىدى. بىراق بۇنداق ئەسەرلەرنى يوللاش مۇنبىرىمىزنىڭ پرىنسىپىغا زىتتۇر، بۇنى بىلىپ قويغايسىز، قېرىندىشىم گۈللۈك!
ئەمما بۇندىن كېيىن بۇنداق تېما ۋە ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىڭىزنى ئۆتۈنىمەن، يوللاپ قالسىڭىز، تەستىقلانمايدۇ ۋە ئۆچۈرۈپ تاشلىنىدۇ. بۇ قۇرال پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن كۈچكە ئىگە!
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرىنى قۇرۇپ نەچچە يىلدىن بويان ماڭغۇزىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ دىنى تېمىلارنى باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىپ ۋەتىنىمىزدە تارقىتىشنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نۇرغۇنلىغان مەنپى تەرەپلىرى بولغاندىن سىرت،  «پەتىۋا» نىڭ مەنىسىگە ۋە رولىغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ قويۇشۇڭلارنى ت ۆۋەنچىلىك بىلەن ئوتۇرىغا قويماقچىمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قايسى تىلدا بولۇشدىن قەتئىينەزەر دىنى ساھەدە باشقا توربەت ۋە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنغان تېما - ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىڭلارنى ئۆتۈنۈپ سورايمىز. ئەسەر تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە خەلقىمىزنىڭ سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان، تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە، ھۆكۈم ئىپادىلىمەيدىغان، ئىنسانلارنى قايمۇقتۇرمايدىغان ئىلمى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلساق. بولمىسا يوللاپ بولغاندا خۇددى مۇشۇ تېمىغا ئوخشاش بىزنى قېيىن ئەھۋالدا قويۇپ قويىسىلەر؛ ئۆچۈرۈپ تاشلايلى دېسەم تۇنجى ئەمگەك، ئۆچۈرۈپ تاشلىمايلى دېسە مۇنبەر پرىنسىپىغا زىت!
شۇڭا ھەممە بىرلىكتە  تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ ئۆز قەلىمىمىزدىن چىقىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلساق، باشقا جايلاردىن پەتىۋا ئىمپورت قىلماستىن مۇمكىن قەدەر بىزنىڭ رايوندا ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى يەنە مۇشۇ رايوننىڭ ئوغلانلىرى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ شارائىتىمىزنى ياخشى بىلگەن كىشىلەر بولۇش سۈپىتىمىز مۇمكىن قەدەر ئۆزىمىز ئىزدىنىپ، ئۆز ئىچىدىمىزدىكى ئالىم - ئۆلىمالىرىمىزغا سوراپ مەسىلىلىرمىزنى ھەل قىلىشقا تىرىشساق، قېرىنداشلىرىم!
چۈنكى مۇنبەردە تېمىنىڭ كۆپ بولۇشىدىن بەكرەك «ئاز بولسىمۇ ساز بولۇشى» ئەھمىيەتلىكتۇر.
ئاخىرىدا ھەمىڭلارنىڭ جۈمە كۈنۈڭلارنىڭ مۇبارەكلەپ قېرىندىشىڭلار admin
www.uighurislam.net

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 19:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! ئاخىرقى توختىغان ھۈكۈم نامازدىن كىيىن قول كۆتۇرۇپ دۇئا قىلىش يوق  شۇنداقمۇ ؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 20:20:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gulluk يوللىغان ۋاقتى  2012-10-30 14:44
ئۆزى مىتىرلاپ ئۆزى كەسكىدەك ھۈنىرى بولغاچقا ئۆزى كىس ...

ساڭا ھۇنۇرى ياراپ كەتكەچ بىزگە يەتكۇزۇپسەندە  كۆپ رەھمەت ساڭا !!!



ئىمام ئالبانى  نامازنىڭ كەيدە قول كۇتۇرۇپ دۇئا قىلىشقا  سەھى  ھەدىس يوق دىگەن   بۇنى  نىمىشقا تەرجىمە قىلمىدىڭىز دامۇللام ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 22:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغاق يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 20:20
ساڭا ھۇنۇرى ياراپ كەتكەچ بىزگە يەتكۇزۇپسەندە  كۆپ رەھ ...

بىز ساڭا ئوخشاش ھېچكىمنىڭكى يارىمايدىغان،ئۆزى ئىجتىھات قىلىپ پەتىۋا چىقىردىغان مۇجتەھىد بولمىغاندىكەن،مۇھەددىس بابىدا تۇنۇلغان بۇ ئالىمنىڭكىنى تەرجىمە قىلدىم.يەنە بىر گەپ رەسۇلۇللاھدىن ئەھلى ئىلىملەرنى ھۆرمەتلەش توغۇرلۇق ھەدىسلەرنى كۆرمىگەنمىتىڭ.سەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھلى ئىلىملەرنى ھۆرمەتلەيدىغان قائىدىسىنى بىلىپ،ئۇندىن كىيىن ئەھلى ئىلىملار توغۇرلۇق گەپ قىل.نىمە بۇ يەردە ئەيىپلىگەندەك<ئۆزى مىتىرلاپ ئۆزى كىسىدىكەندە بۇ ئادەم>دەيسەن.تېخى ساڭا ياراپ كەتكەچ دەپسەن.سەن ئەرەپچە بىلسەڭ،ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ تارىخىنى ئىزدەپ كۈرۈپ ئاندىن گەپ قىلساڭمۇ كىچىكمەيسەن.ماڭا تىل تەگگۈزسەڭمۇ مەيلى ئەمما ئەھلى ئىلىملىرىمىزغا تىل تەككۈزمە.
بۇ يازمىنى ئوبدان كۈرۈپ باق،ھېچقانداق يىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەرھىز نامازدىن كىيىن قول كۈتۈرگەن ياكى كۈتۈرمىگەن دىگەن گەپ يوق.ھەم ئىمام ۋە ئالىملارمۇ نامازدىن كىيىن قول كۈتۈرۈپ دۇئا قىلمىساڭ بولمايدۇ،دىمىدى.بۇ يەردە پەقەت دۇئادا بۇلامدۇ بولمامدۇ،دىگەن مەسلىدە سۆزلەپ كىلىپ،دۇئادا قول كۈتۈرگەنلىك توغۇرلۇق ھەدىسلەردىن قول كۈتۈرسە بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.ھېچقانداق يەردە كۈتۈرمىسەڭ بىدئەت دىگەن گەپنى قىلمىدى.ئىمام ئەلبانىي بىلەن ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ گەپلىرى زىتلىشىپ قالمايدۇ،بەلكى بىز زىتلەشتۈرۈپ قۇيىمىز.ئەگەر زىت كەلدى دىگەندىمۇ ئىمام ئىبنى ھەجەرنىڭ ئۇنۋانى مۇھەددىسلىكنىڭ ئەڭ يۇقرى ئۇنۋانى ئەميرۇل مۇمىنين فيلھەديس.ئىمام ئەلبانىي نىڭ بولسا،مۇھەددىس لىك ئۇنۋانى بار.شۇڭا بۇ ئىككەيلەننى سۇقۇشتۇرمايلى.
ئەلشىر نەۋائىي نىڭ بىر سۆزى بار،مەن ساڭا شۇنى تەۋسىيە قىلاي:سەنلىگەنلەرنى سەنلىگىل،سىزلىگەنلەرنى سىزلىگىل.

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 22:31:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 17:13
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم
بۇ تېما قې ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
مەن مۇنبىرىڭلارنىڭ بۇنداق قائىدىسى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن.تېمىنى تەستىقلاش جەريانىدا بۇنداق دىگەن بولسىڭىز،تەستىقلىمىسىڭزمۇ خاپا بۇلۇپ قالمايتتىم.مەن بۇ تېمىنى پەقەت رايۇنىمىزدا بۇلۇۋاتقان چوڭلار بىلەن ياشلار ئوتتۇرسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىغان.چۈنكى چوڭلار دۇئادا قول كۈتۈرمىسەڭ ھارام،مەكرۇھ دىگەندەك پەتىۋالارنى بەردى.ياشلار بۇنىڭغا قارشى دۇئادا قول كۈتۈرسەڭ بىدئەت دىدى.بۇ ماقالىنىمۇ مۇشۇنداق بىر سورۇنغا كىرىپ قېلىپ شۇ يەردىمۇ چوڭلار بىلەن ياشلار ئىككى قىرغاق بۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن.بۇ ھەقتە بۇلارنى بىرلەشتۈرەمەن،دىگەن ئۈمۈدتە،دۇئادا قول كۈتۈرسىمۇ كۈتۈرمىسىمۇ بۇلىدىغان بۇ يولنى ئاللا ئۇچقاشتۇردى.ئەمما بەزى تورداشلار بۇ يازمىنى بىر تەرەپلىمە ھالدا چۈشىنىپ قېلىپ ياكى بولمىسا دىققىتى بىلەن ئۇقۇمايلادۇئادا قول كۈتۈرمىسەڭ بولمايدىكەن،دەپ چۈشىنىۋالدى.ئەگەر بۇ تېمام مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدا زىددىيەت پەيدا قىلدى،دەپ قارالسا،بۇ تېمامنى ھىلىھەم ئۈچۈرۋەتسىڭىزمۇ قىلچە خاپا بولمايمەن.مەن پەقەت ئسلاھ قىلىشنىلا خالايمەن.مەن مۇسۇلمانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇراي دىسەم،قايمۇقتۇرۇش تۈسىنى ئالغان دەپسىز.ئەگەر سىز دىگەندەك بۇ ئېمپورت تېما قايمۇقتۇرۇش تۈسىنى ئالغان بولسا،ئۈچۈرۋەتكەيسىز.بەلكىم سىز ياخشى دەپ قارغان نەرسە يامان بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن،سىز يامان دەپ قارىغان نەرسە ياخشى بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن..ئەڭ ئادىل ھاكىم ئاللاھدۇر.

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 22:35:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eslamuqun يوللىغان ۋاقتى  2012-11-2 19:03
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ! ئاخىرقى توختىغان ھۈك ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
ئاخىرى توختىغان ھۈكۈم نامازدىن كىيىنكى دۇئادا قول كۈتۈرسىڭىزمۇ كۈتۈرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ دىگەندە توختايدۇ.يازمىنى يەنە بىر قېتىم تەپسىلىي ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.مەن بىر ئاي ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاران چۈشەنگەن ۋە تەرجىمە قىلغان.

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-3 11:47:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسلامۇ  ئەلەيكۇم  بۇرادەرلە.  بىز  شۇ  دەرجىدە  زىلمۇ.ماقالىنىڭ  ساھىبى                                       سىزمۇ   پەرىز  نامازدىن  كىيىن  قول  كۈتۈرۈپ  دۇئا  قىلغان  غا .  باشقا  جايدىك                                كول  كوترۇپ  دۇئا  قىلغان  ھەدىسنى   دەلىللەپ  قىياس  مەئەل  پارۇق  قىلماي.                               كەل  تۈرسىڭىز  نەق    پەرىز ناماز دىن  كىيىن  قول  كوترۇپ  دۇئا  قىلغانغا  سەھىھ ھەدىس                   كەلتۈرشىڭىزنى  تەلەپ  قىلمەن   بولمىسا  ئاردا  ئارازلىق  بۇلدۇغان  گەپ                              ئاخىردا .ئىبادەتتە  ئەسلى(تەۋقىپى)دەلىل  بولمىغاندا  توختاش  دىگەن  لىك                                خىلاپىغا  چىققانلار(رۇخسەت)  مەلۇم  بىر  ئىشنى  قىلمىز  دىگەنلەر  چۇقۇم                                دەلىلل  كەلتۇرۇشى  كىرەك  بولمىسا  رىت  قىلىنىدۇ  بۇ  ئۇسۇل  نىڭ  قائىدىسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 04:27 , Processed in 0.060194 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش