ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 1920|ئىنكاس: 0

قۇرئان ئەھكاملىرى‹ئۇيغۇرچە خەتلىك كارتون› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
22
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-2 10:58:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زامانىمىزدىكى ئىسلام ئەخلاقلىرىنىڭ تار،دۇگما چۈشەنچىللىرىدىن قۇتۇلۇپ كەڭرى،ئۇچۇق بولغان ئىسلام ئۇقۇملىرىدىن خەۋەردار بۇلاي دىسىڭىز،تۆۋەندىكى فىلىملەرگە قاراڭلار.

راستچىللىق ۋە ۋەدىگە ۋاپا قىلىش

بۇ فىلىمدە بىر كىچىك بالىنىڭ ئانىسىنىڭ قىلغان راست سۆزلەش-ۋەدىگە ۋاپا قىلىش دىگەندەك نەسىھەتىنى ئىسىدە چىڭ ساقلاپ،قاراقچىلارنىڭ ئالدىدا جېنىنىڭ خەۋپكە ئۇچىرشىدىن قورقماي راست گەپ قىلىپ قاراقچىلار ئاتامانىنى قايىل قىلغانلىقى تەسۋىرلەنگەن،كىيىن قانداق ئىشلار بۇلۇپ كەتكەندۇ؟قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز بۇ فىلىمدە بولسۇن.http://player.youku.com/player.php/sid/XMzY5ODU0ODgw/v.swf

يىتىمنىڭ ھەققى

بۇ فىلىمدە بىر دادىسى ئۈلۈپ كەتكەن بالىنى تاغىسى بېقىۋېلىپ،ئۇنىڭ دادىسىدىن مىراس قالغان زىمىنىدىن چىقىدىغان ھۇسۇلنىڭ پۇلىنى ئۈزىنىڭ قىلىۋېلىپ،ئۇ بالىغا تويغۇدەك تائام بەرمەيدىغانلىقى ھەتتاكى كىيىملىرى كونىراپ يىرتىلىپ كەتسىمۇ كارى بولمىغانلىقى،ئاندىن ئۇ كىشىنىڭ دوستلىرى كىلىپ ئۇنىڭغا تەربىيە بىردىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن،تاغىسى ئۇ يىتىم بالىنىڭ ھەققىنى بىرەمدۇ-يوق؟قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز فىلىمدە بولسۇن.

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzY5ODU4NzQ0/v.swf

ئىسراپچىلىق

بۇ فىلىمدە بىر ئائىلە تەسۋىرلەنگەن،ئۇ ئائىلىدىكى ئائىلە ئايالى ئۆيىگە ئايدا-يىلدا ئىھتىياجلىق بولمايدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ ئىشلەتمەي تاشلاپ قۇيىدۇ ۋە يەنە يىمەكلىكلەرنى ھەددىدىن زىيادە تەييارلىۋېلىپ ئۇنى يەپ بۇلالماي تاشلىۋىتىدۇ.ئاندىن ئۇ ئايالنىڭ ئىرى ئۇ ئايالغا چىرايلىق تەربىيە قىلىدۇ.ئۇ ئايال تەربىيەنى ئاڭلامدۇ يوق؟بۇنىڭغا قىزقسىڭىز يەنىلا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى فىلىمدە بۇلىۋەرسۇن.

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzY5ODUzMTky/v.swf

جاسوسلۇق(باشقىلارنىڭ نىمە دىيشىېاتقانلىقىنى تىڭ-تىڭلاش) ۋە ئۇرۇنسىز گۇمان قىلىش

بۇ كارتون فىلىمدە 2 بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ساۋاقدېشىدىن ئۇرۇنسىز گۇمان قىلىپ،ئارقىغا چۈشكەنلىكى،شۇ ئارلىقتا بايقىلىپ قېلىپ ئۇرۇنسىز گۇمان قىلماسلىق ۋە باشقىلارنى پايلىماسلىق توغىرسىدا نەسىھەت قىلىنىدۇ.

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzY5ODU4ODI4/v.swf

سۇخەنچىلىك

بۇ كارتون فىلىمدە بىر بالىنىڭ ئىككى يېقىن دوستنىڭ ئامراقلىقىغا ھەسىتى تۇتۇپ،ئۇلارنىڭ ھەر بىرسىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر-بىرسىگە قارشى گەپ قىلىپ،ئۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا ئاداۋەت سېلىپ قۇيىدۇ،كىيىن ھېلىقى بالا ئۈزىنىڭ خاتالىقىنى ئىتىراپ قىلىپ،ئۇ ئىككىسىنى ياراشتۇرۇپ قۇيىدىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

http://player.youku.com/player.php/sid/XMzY5ODU2NDM2/v.swf

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 04:40 , Processed in 0.048807 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش