ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3741|ئىنكاس: 9

تەۋھىد دىگەن نىمە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
94
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-19 11:20:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
ئالدىنقى بىرنەچچە كۈندە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ يازمىسىدا كۆپ ئىختىلاپلار بولدى ،مەن قېرىنداشلارغا تەۋھىد ھەققىدە سوئال قويغان ئىدىم،بىر قېرىندىشىمىزدىن باشقىلار جاۋاپ بەرمىدى،بەلكىم دىققەت قىلمىغان بولسا كىرەك.شۇڭا بۇتىمىنى يوللاش ئارقىلىق ئىيمان ھەققىدە كۆپراق بىلىم ئۆگەنسەك دىگەن ئۈمۈتتە قېرىنداشلارغا سوئال قويماقچىمەن. مەن ئىيماننىڭ ئالتە رۇكنىنى سوراشتىن بۇرۇن ،بىرىنچى رۇكنى بولغان ئاللاھغا ئىيمان ئېيتىش توغۇرلۇق سورىماقچىمەن:
سوئال.تەۋھىد دىگەن نىمە؟ئۇنىڭ لۇغەت مەنىسى نىمە؟ئۇ نەچچە تۈرگە بۈلىنىدۇ؟ئۇ تۈرلىرى قايسىلار؟تەپسىلىرەك جاۋاپ بىرىشىڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئەسكەرتىش:
تەۋھىد .ئىيماننىڭ ئاساسى،تەۋھىد بولمىسا ھېچقانداق ئەمەل قۇبۇل قىلىنمايدۇ.شۇڭا بۇھەقتە قانچىلىك ئىزدەنسەڭلار،نەچچە كىچە ئۇيقۇسىز قالساڭلارمۇ ئەرزىيدۇ.ياخشى ئىزدىنىپ جاۋاپ بىرىڭلار.

ئاللاھ ئىلمىمىزنى زىيادە قىلسۇن

توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 00:18:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم  ئەسسالام     تەۋھىد..لۇغەتتە  ئاللاھ  نى   بىر  بىلىش  ئەقائىد  ئىستىلاھ  (كەسپى  ئاتالغۇ)دا زاتى  ۋاجىبەل ۋۇجۇدنى  تۇنۇش.  ئىسپاتلاش.تەلەپقىلىش.  مەخسەت قىلىش.  تىن  ئىبارەت  . تەۋھىتنى  ئالىملار   بىرقانچە  خىلغا  بولگەن  چۈنكى  ئىستىلاھ  تا تالاش .تارتىش  يوق  بەزەنلە  3 كە بەزەنلە2 گە  بەزەنلە  4كە   1-  تەۋھىدى رۇبۇبىيەت 2-تەۋھىدى ئۇلۇھىيەت 3- تەۋھىدى  ئەسما  ۋە  سىپات   بەزەنلە2  گە  بولگەن1-  تەۋھىدى  ئىسپات ۋە  مەرىپەت(ئاللاھنى  تۇنۇشۋە  ئىسپاتلاش)2-تەۋھىدى  قەسد ۋە  تەلەپ بەزىلە4كە1-ئاللاھنىڭ  بارلىقىغا  ئىشنىش2-ئاللاھنىڭ رۇبۇبيىتىگە(پەرۋىش  قىلدىغانلىقىغا)  ئىشنىش3-ئاللاھنىڭ  ئۇلۇھىيىتىگە(ھەر نەرسىدىن  ئۈستۈن)ئىشنىش4-  ئاللاھ نىڭ  ئىسىم سۈپەتلىرىگە ئىشنىش  مدن   ئاللاھ دىن  بارلىق  قىرىنداش  لىرىمنىڭ  تەۋھىدىنىڭ  مۇستەھكەم  بۇلۇشىنى  تىلەيمەن  ئامىىن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   astagfirulla تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-20 00:21  

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 00:52:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەشمىسى1- تەۋھىدۇ  رۇبۇبىيەت. ئاللاھنى    بارلىق  پىلىلردا بىر  بىلىش  يەنى . ئولتۇردىغانمۇ.تىرىلدۈردىغانمۇ. رىزقى  بىردىغانمۇ. ئاچ قۇيدىغانمۇ يامغۇر  ياغدۇرۇپ  بىردىغانمۇ ۋە ھاكەزا بىرلا ئاللاھ2-تەۋھىدۇ ئۇلۇھىيەت.  قۇلچىلىقنى ( مەيلى  تىلبىلەن.بەدەنبىلەن قىلىندىغان.  ئاشكارا.مەخپى  ئەمەللەرنى)  بىر  ئاللاھ دىن  باشقىغا  قىلماسلىق3-تەۋھىدۇ  ئەسما  ۋە  سىپات.  ئاللانىڭ  ئىسىم سۈپەتلىرىنى    قۇرئان  ھەدىستا  قانداق كەلگەن  بولسا   ئوز  ئەينەن  ئىسپاتلاش ۋە  نەپى  قىلىش

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 10:42:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم
بۇ تىمىنىڭ شۇنچە مۇھىملىقىنى بىلگەنلەر مىنىڭچە ئاز ئەمەس،ئەمما ئىنكاسنىڭ چۆلدەرەپ قالغانلىقى مىنىڭچە بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ ھەم چۆلدەرەپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس.
مەنمۇ بەزىلەر دىگەندەك ئېمپورت كىتاپلاردىن ئۈگەنگەن چۈشەنچەم بۇينچە دەپ باقاي.
تەۋھىدنىڭ لۇغەت مەنىسى_بىر دەپ بىلىش،يەككە يىگانە دەپ بىلىش.
ئىسلان ئىستىلاھىدىكى‹ئاتالغۇسىدىكى›مەنىسى_ئاللاھنىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتلىرىنى يارتىشدا،مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشدا،ئۇرۇنلاشتۇرۇشىدا،ئۆلتۈرۈش تىرىلدۈرۈش،رىزىق بىرىش،پايدا زىيان يەتكۈزۈش ئىشلىرىدا .......ئاللاھنى يەككە يىگانە دەپ ئىتقات قىلىش،
ۋە ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلار تەرپىدىن بۇلۇپمۇ ئىنسانلار تەرپىدىن قۇلچىلىق،ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش،ئاللاھدىن ئەيمىنىش،قىلۋاتقان بارلىق ئىش پائالىيەتلىرىمنى كۈرۈپ تۇرۋاتىدۇ دەپ داۋاملىق ئاللاھدى ئەيمىنىش،بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش،ئىنسان ئۆزىنى داۋاملىق خار تۇتۇش،دۇئا قىلىش،ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى‹جەننىتىنى› ئۈمۈد قىلىش،ئازابىدىن ‹دەۋزىخىدىن›قورقۇش....... قاتارلىق ئاللاھدىن باشقا ھېچكىم لايىق بۇلالمايدىغان ئىبادەت ئىشلىرىدا ئاللاھنى يەككە يىگانە دەپ تۇنۇش،
ۋە يەنە ئاللاھنىڭ ھەممىگە قادىر،ناھايتى شەپقەتلىك،ناھايىتى مىھىربان،كۈرۈپ تۇرغۇچى،ئاڭلاپ تۇرغۇچى،ناھايىتى ئىنچىكە خەۋەردار بولغۇچى،ھەممىدىن بۈيۈك،ئۇلۇغ،كاتتىلىق ئىگىسى .............قاتارلىق ئاللاھدى باشقا ھېچكىم لايىق بولالمايدىغان،بۇلالىسىمۇ مۇتلەق ئەمەس شەرتلىك ھالەتتە بولالايدىغان ئىسىم سۈپەتلىرىدە ئاللاھنى يەككە يىگانە دەپ تۇنۇش.
يۇقۇرقى بايانلاردىن تەۋھىدنىڭ ئۈچ تۈرگە بۈلۈندىغانلىقىنى تەھلىل قىلالايمىز.يەنى تەۋھىد رۇبۇبىيەت‹ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارغا قارتا قىلغان ئىش-پائالىيەتلەردە يەككە يىگانە دىيىش› تەۋھىد ئۇلۇھىيەت‹ئاللاھنى قۇلچىلىق‹مەئبۇد›تا يەككە يىگانە دەپ بىلىش›تەۋھىد ئەسمائى سۇپەت‹ئاللاھنى ئىسىم-سۈپەتلىرىدە يەككە يىگانە دەپ بىلىش. بەزى ئۆلمالار تەۋھىدنى 2 تۈرگە ئايرىغان،يەنى  تەۋھىد رۇبۇبىيەت،تەۋھىد ئۇلۇھىيەت.بۇلارنىڭ قارشىدا تەۋھىد ئەسمائى سۇپەت يۇقارقى ئىككى تۈرگە قۇشۇلۇپ كىتىدۇ دەپ قارايدۇ.ئىككىلىسنىڭ توغرا.چۈنكى بۇ ئۈچ تۈرنى ھېچقايسىسى ئىنكار قىلمايدۇ.بۇمۇ ياراشتۇرۇشنىڭ جۈملىسىدىن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 18:17:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ،رەھمەت قىلسۇن !قېرىنداشلار!

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-23 23:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇتىمىنى كۆرگەن 353ئادەمدىن پەقەت ئىككى ئادەمنىڭلا جاۋاپ بەرگىنىدىن سەل ئېچىنىۋاتىمەن.بىز نۇرغۇن ئىشلارغا كۆڭۈل بۈلۈپ،تەۋھىدكە كۆڭۈل بۆلمىسەك بۇنى قانداقمۇ مۇئمىنلىك دىگىلى بولسۇن؟باشغا ئىشلا توغۇرلۇق شۇنچە ئىزدىنىپ ،تەۋھىد  توغۇرلۇق ئىزدەنمىسەك خۇددى قۇرۇپ قالغان دەرەختىن مىۋە تاما قىلغاندەك ئىش بولمامدۇ؟ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىنداشلار!دىننىڭ ئاساسلىرىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلسەك.

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 15:19:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ  ئەلەيكۇم تەقۋا مۆئمىن  ناھايىتى ياخشى تىما  بوپتۇ   مەنمۇ  قىسقىغىنا جاۋاپ بىرىپ  قوياي  ‹‹تەۋھىد››دىگىنىمىز : ئاللاھنى بارلىك (ئىش پائالىيەتلىرىدە) ،(ئىبادەتتە)،(ئىسىم سۈپەتلىرىدە) يەككە-يىگانە دەپ ئىتقاد قىلغان  ئاساستا ،ئەمەلىيتىدە  كۆرسۈتۈشتۇر

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 19:23:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
پەتىۋا مەسلە بولسا،بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ،خېلى سۇئاللارنى سۇراپ نەچچە بەتنى تولدۇرۋىتىمىز يۇ،ئەمما مىنىڭچە بۇ تىمىنىڭ تېمىسىنى كۈرۈپ ئاچمىغانلارمۇ،ئاچسىمۇ كۈرۈپلا يېنىپ چىقىپ كىتىدىغانلارمۇ يوق ئەمەسقۇ دەيمەن.پاشقا تېمىدىكى پەتىۋالارغا كۈچەپ كەتكەن كۈچنى كاشكى مۇشۇنىڭغا قاراتساق نىمە بولار ھە؟ مەن يۇقارقى ئىنكاسىمدىكى جاۋاپنى تېخىمۇ كۆپ يازماقچى ئىدىم،لىكىن قېرىنداشلارنىڭ قىزغىنلىقىغا قارتا يازاي دەپ دەپ ئازراق يازدىم.تەۋھىدكە دائىر چۈشۈنەلمىگەن مەسلىلەرنى ئوتتۇرغا قۇيۇڭلار،ئەگەر بەك چۈشىنىپ كەتكەن بولساڭلار بىز سۇرايلى سىلەر جاۋاپ بىرىڭلار،باشقىلارمۇ پايدىلىنىپ قالسۇن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-24 21:41:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھ قېرىندىشىم ناھايىتى ياخشى تىما بوپتۇ،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى زىيادە قىلغاي!


مەن ئۈگەنگىنىم بۇيىچە جاۋاپ بىرىپ باقاي!

ﺗﻪﯞﮬﯩﺪ ﺋﯩﻠﻤـﻰ دىگىنىمىز:
ﺋﻪﻗﻠﯩـﻲ ﯞﻩ ﻧﻪﻗﻠﯩـﻲ ﭘـﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﺘﺎ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻤـﺪﯗﺭ. ﺗﻪﯞﮬﯩـﺪ ﺋﯩﻠﻤـــﻰ ﮬﻪﺭﻗﺎﻧـــﺪﺍﻕ ﺷـــﻪﻛﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩـــﺪﯗ. ﺩﯨﻨﺴـــﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧـــﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺸــﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﮔﯘﻣــﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺋﻮﻳــﺪﯗﺭﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩــﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺗﻪﯞﮬﯩﺪ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴـﺎﻥ ﻣﯘﺳـﺘﻪﮬﻜﻪﻡ ﺋﻪﻗﯩـﺪﯨﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ. ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯗ. ﺷـﯘﯕﺎ ﺋـﯘ ﺗﻪﯞﮬﯩــﺪ ﺋﯩﻠﻤــﻰﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩــﺪﯗ



لوغەت مەنىسى:
تەھۋىد دىگەن سۆز ئەرەپ چىدىن كىرگەن بۇلۇپ ،ئۇنىڭ مەنالىرى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر قىلىش؛ بىرلىك، يەككە – يېگانىلىك،اللەنى يەككە – يېگانە يالغۇز، ھېچ شىرىكى يوق دەپ ئىتىقاد قىلىش، تەۋھىد.


تەۋھىدنىڭ تۈرلىرى:
مىنىڭ جاۋابىم بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ كىگە ئوخشىمايدىكەن،يەنى بىزگە ئۈگۈنىۋاتقاندا ئۇستازدىن سۇرىساق ئىككى تۈرگە بۈلۈنىدۇ،يەنى 1-تەۋھىدى رۇبۇبىيەت 2-تەۋھىدى ئۇلۇھىيەت.

تەۋھىدى رۇبۇبىيەت دىگىنىمىز ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلارنى رىزىقلاندۇرۇشدا،ئۇلارنى ئىدارەقىلىشتا،بۇيرۇق -پەرمان چىقىرىشتا.....دىگەندەك ئىشلاردايەككە يىگانە دەپ ئىتىقاد قىلىش.

تەۋھىدى ئۇلۇھىيەت دىگىنىمىز قۇلچىلىق قىلىشتا ،ئەمىر-پەرمانلىرىغا بويسۇنىش يەنى بىجا كەلتۈرۈشتەيەككە يىگانە دەپ ئىتىقاد قىلىش.



ﺗﻪﯞﮬﯩﺪ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯗ.

1-ﷲ نىڭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ، ﷲقا ﺷـﯧﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﺲ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ.

2-ﷲ نىڭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻼﮬﻰ ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﻪﻟـﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩـــﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸـــﯩﻨﯩﺶ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣـــﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﻩ ﺭﺍﺳـــﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﯩﺸــــﻪﻧﭻ ﻗﺎﺗــــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸــــﻰ ﺳــــﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩــــﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ؛ ﻳﺎﻟﻐــــﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺧﯩﻴــــﺎﻧﻪﺕ ﻗﺎﺗــــﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﺎﭼــــﺎﺭ ﺳــــﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ، ﺧﯘﺳﯘﺳـﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩـــﺰ ﻣـــﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮫﯩﺴﺴـــﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺴـــﯩﮕﻪ ﯞﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ.

3-ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩــﯔ ﮬﻪﺭﻗﺎﻳﺴــﻰ ﺩﻩﯞﺭﻟﯩﺮﯨــﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴــﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗــﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ  ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ.

4-ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﮔﻪ، ﭘﻪﺭﯨﺸـﺘﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋـﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ، ﺩﯗﻧﻴـﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩـﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ.

5-ﺋــــﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛـــــﯜﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸـــــﯩﻨﯩﺶ، ﷲ مـــــﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺟﻪﻧـﻨﻪﺕ، ﻛﺎﭘﯩﺮﻻﺭﻏـﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐـﺎﻥ ﺩﻭﺯﺍﺧـﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒـﺎﺭﻩﺕ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﯞﻩ ﺟﺎﺯﺍﻏﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺶ.

6-ﷲ نىڭ ﮬﯧﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸـﯩﻨﯩﺶ، ﺩﯗﻧﻴـﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗـﺪﯨﺮ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸـﯩﻨﯩﺶ ....
ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﮬﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺪﯗ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 20:36:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم؛ناھاييتىيي ياخشى بۇپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 17:30 , Processed in 0.042380 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش