ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ئەسسەلامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار،يېقىندا خوشنا ۋىلايەتتىكى داڭلىق بىر قاراجىمنىڭ جۈمە خۇتبىسىدە ۋەز ئېيتقاندا« اللەنى خۇدا دىسە بولمايدۇ،ھەتتا بۇنداق دىگەن ئادەم مۇشرىك بولىدۇ» دىگەن غەلىتە ھەم بىمەنە پەتىۋاسىنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئالدىراقسانلىق بىلەن چىقىرىلغان بۇ ھۆكۈمدىن ئىنتايىن بىئارام بولدۇم.ناۋادا بۇنداق گەپنى ئاددى ئادەملەردىن بىرەرسى دىسە ھىچقانچە تەسىرى بولماسلىقى مۇمكىن.ئەمما نۇرغۇن ئادەملەر سۈننەتچى ئالىم دەپ ئىخلاس قىلىپ تەبلىغىنى ئاڭلاش ۋە كەينىدە ناماز ئوقۇش ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلىپ ۋىلايەت ئاتلاپ چىقىۋاتقان بىر كاتتا ئادەمنىڭ ئاغزىدىن مىڭلىغان جامائەتنىڭ ئالدىدا چىققان بۇنداق خاتا گەپنىڭ قانچىلىك تەسىرى بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان...شۇڭا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرىشكە توغرا كەلدى.. كىشىلەرنىڭ گەپلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.چۈنكى ھازىرقى ئادەملەرنىڭ ئەستە تۇتۇش ۋە گەپ چۈشىنىش قابىلىيىتى ناچار بولغاچقا ئاڭلىغان گەپلەرنىڭ ھەممىسىنى توغرا نەقىل قىلالىشى تەس.شۇڭا ئۇ قاراجىمنىڭ «اللەنى خۇدا دىسە مۇشرىك بولىدۇ»دىگەنلىكىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ...ئەمما«اللەنى خۇدا دىسە توغرا ئەمەس »دىگەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ..ھەم بۇنداق گەپلەرنى ئەتراپىمىزدىكىلەردىنمۇ ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ تۇرىمىز...شۇڭا تۆۋەندە اللەنى خۇدا دىسە بولامدۇ –بولمامدۇ؟ دىگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىمىز... خۇدا دىگەن سۆز پارسچە سۆز بولۇپ ئەرەپ تىلىدا ئىلاھ دىيىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا تەڭرى دىيىلىدۇ..ئەمما تىلىمىزدا خۇدا دىگەن ئاتالغۇ تەڭرى ئاتالغۇسىدىن كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ... ئىلاھ،خۇدا،تەڭرى دىگەن سۆزلەر ئېنىق قاراتمىلىقى يوق سۆزلەر بولۇپ بۇ گەپنى تىلغا ئالغۇچى ئۆزىنىڭ ئىتىقادىدىكى مەبۇدىنى ئاشۇ سۆزلەر بىلەن ئاتايدۇ..شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ خۇدا دىگىنى اللەنى كۆزدە تۇتسا ،ئاتەشپەرەسلەرنىڭ خۇدا دىگىنى ئوتنى،بۇتپەرەسلەرنىڭ خۇدا دىگىنى بۇتنى كۆرسىتىدۇ...ئەمما اللە دىگەن ئاتالغۇ پەقەت ئاسماندىكى، ئەرشنىڭ ئۈستىدىكى يەككە-يىگانە،تەڭداشسىز،قۇدەرەتلىك بولغان ھەقىقى مەئبۇدنىلا كۆرسىتىدۇ..شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ خۇدا دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا اللە دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشى ئەۋزەل...ئەمما بۇنداق دىگەنلىك خۇدا دىيىشكە بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس....چۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ خۇدا دىگىنى ھەرگىزمۇ باشقا ساختا مەبۇدلارنى ئەمەس پەقەت اللەنىلا كۆرسىتىدۇ.. مۇسۇلمانلارنىڭ خۇدا خالىسا،خۇدا بۇيرىسا دىگىنى خۇدايىم (اللە) خالىسا ،خۇدايىم (اللە) بۇيرىسا دىگىنى بولىدۇ.. خۇددى ئۆيگە كىرسىلە دىگەنلىك ئۆيۈمگە كىرسىلە دىگەن مەزمۇننى ئىپادىلىگەندەك... اللەنى خۇدا دىسە بولمايدۇ دىگەنلىك خۇددى اللەنى ئىلاھ دىسە بولمايدۇ ۋەياكى اللەنىڭ ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتسە بولمايدۇ ،پەقەت ئەرەپچىلا ئاتاش كىرەك دىگەنلىك بولىدۇ..شۇنىڭ بىلەن اللەنى پەرۋەردىگارىم،شەپقەتلىك،مىھرىبان،پادىشاھىم...دىگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاشقىمۇ بولمايدۇ دىگەنلىك بولىدۇ... ئازراق ئىلمى بار ئادەم بۇنداق گەپنى قىلمايدۇ.ئۇنداقتا اللەنى ئىلاھ (خۇدا)دىسە راستىنلا بولمامدۇ؟قۇرئان كەرىمگە قارايدىغان بولساق نۇرغۇن ئايەتلەردە اللەنى ئىلاھ (خۇدا) دەپ ئاتالغان..مەسىلەن: «يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىتىڭلار؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئوغۇللىرىغا«مەندىن كىيىن نىمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟ دىدى.ئۇلار دىدى «سىنىڭ خۇدايىڭغا،ۋە سىنىڭ دادىلىرىڭ ئىبراھىم،ئىسمائىل،ۋە ئىسھاقنىڭ خۇدايىغا،بىر خۇداغا ئىبادەت قىلىمىز.....»(سۈرە بەقەرە 133-ئايەت) ئۇ (اللە) ئاسماندىمۇ خۇدادۇر،زىمىندىمۇ خۇدادۇر.(سۈرە زۇخرۇف 84-ئايەت) سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بىر خۇدادۇر،ئۇنىڭدىن باشقا خۇدا يوقتۇر (سۈرە بەقەرە 163-ئايەت) ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى ،ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى ،ئىنسانلارنىڭ خۇداسى (اللە)غا سېغىنىپ.....(سۈرە ناس1-3-ئايەت) ھەزرىتى خۇبەيب رەزىيەللاھۇئەنھۇمۇ مۇشرىكلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۆۋەندىكى شىئىرنى ئوقۇغان .(1) خۇدانىڭ يولىدا ئۆلدۈم ،ئەگەر ئۇ خالىسا شەكسىز، ئورۇن ئالغاي بۇ قىينالغان ۋۇجۇدۇم باغى رىزۋاندىن. يۇقارقىلاردىن ئايان بولىدۇكى اللەتەئالامۇ ئۆزىنى خۇدا سۆزى بىلەن ئاتىغان..شۇڭا خۇدا دىسە بولمايدۇ دىيىش قىلچىلىك ئاساسى بولمىغان پەتىۋادۇر.ھىچقانداق بىر ئايەت ياكى ھەدىستە اللەنى خۇدا دىسە بولمايدۇ دەيدىغان چەكلىمە يوق..شەرىئەتنىڭ ئىشىدا ھىچكىمنىڭ ئۆز رەئيى بىلەن گەپ قىلىش ھەققى يوق..قېرىنداشلارنىڭ ھەرقانچە ئۇلۇغ ئادەم بولسىمۇ ئۇنىڭغا مۇتەئەسسىپلەرچە چوقۇنۇپ كەتمەي، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەرقانداق گەپكە قارىغۇلارچە ئەگىشىپ كەتمەي ،ھەر بىر ئادەمنىڭ خاتالىشىپ قېلىش ئىھتىمالى بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماي ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرىنى قۇرئان ۋە ھەدىسكە توغرىلاپ توغرا يەرلىرىدىن پايدىلىنىشىنى،خاتا يەرلىرىگە سەمىمىلىك بىلەن تۈزىتىش بىرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز ،تەبلىغچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ ھەر بىر پەتىۋادا يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن گەپ قىلىشىنى،بىر مەسىلىنى بىردىن ئايرىم مۇھاكىمە قىلىپ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى سەلەف سالىھلىرىمىزنىڭ چۈشەندۈرگىنى بويىچە چۈشىنىپ تولۇق مۇلاھىزە قىلىپ ئاندىن ئېغىز ئېچىشىنى، ئالدىراقسانلىق بىلەن پەتىۋا پىچىپ خاتا گەپلەرنىڭ تارقىلىپ كىتىشىدىن قاتتىق ھەزەر قىلىشىنى،پەقەت سۈننەت نامازلارنى ئوقۇيدىغانلا سۈننەتچى بولماي كىشىلەرنى ئەسلىدىكى ساپ ھەم بۇلغانمىغان دىنغا دەۋەت قىلىدىغان،بىدئەت- خۇراپاتلارغا ئىككىلەنمەي قارشى تۇرىدىغان ۋە تۈزىتىدىغان سۈننەتچى بولۇشىنى سەمىمى ئۈمىت قىلىمىز.... ئاپتورى: سايرام
(1)سەھىھۇلبۇخارى.ئۆلۈم ئالدىدا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇغان ئادەم ھەققىدە سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى.ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.مىللەتلەر نەشرىياتى 380-بەت) |