ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2130|ئىنكاس: 0

(خوش-خەۋەر)ھالال رىزىق مۇنبىرى رەسمىي قۇرۇلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
83
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-26 18:11:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




ھالال رىزىق مۇنبىرى رەسمىي قۇرۇلدى



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھالال رىزىق مۇنبىرى www.riziq.cn بۈگۈندىن باشلاپ تورداشلارغا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى!
لوگو ئادېرىسىمىز:    http://riziq.cn/logo.gif


       ساختا مەھسۇلاتلار ھەممە يەرنى قاپلىغان بۇ جەمئىيەتتە، ئۆزىمىز يەۋاتقان نەرسىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدىغان، ئۆزىمىز تېپىۋاتقان پۇلنىڭمۇ ھالاللىقىغا تولۇق ئىشەنچ قىلالمايدىغان، ھەممە نەرسىدىن، ھەممە ئىشتىن بىر خىل شۈبھىلىنىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ قالاي، دېدى. ئاشخانىلاردىكى تاماقلاردىن دۇكاندىكى يىمەكلىكلەرگىچە، تاماققا ئىشلىتىۋاتقان ياغدىن يەۋاتقان گۆشكىچە... ئىسلام دىنىغا يات، ھالاللىقتىن يىراق، سالامەتلىككە تەھدىد كەلتۈرىدىغان، ئەقىلنى بۇلغايدىغان، مال-دۇنيانىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزىدىغان ئىشەنچسىز مەھسۇلاتلار ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە.  پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى كۆپەيگەنسىرى ئادالەتتىن چەتنىگەن، باراۋەرلىك بولمىغان، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتكۈزىدىغان تىجارەت تۈزۈلمىلىرى مەيدانغا كەلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن،  ھالاللىقنى، پاكلىقنى ئىزدەيدىغان قېرىنداشلىرىمىزغا بۇ جەھەتلەردە ئازراق بولسىمۇ ياردەم قىلالىساق، بۇ جەھەتتىكى بىلگەنلىرىمىزدىن ئۆز-ئارا خەۋەردار قىلىشساق، دېگەن ئۈمىدتە بۇ توربەتنى قۇرۇپ چىقتۇق.

توربەتنىڭ مەزمۇن يۆنىلىشى:
1. يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە كۆرۈلىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى بىرلىكتە تېپىپ چىقىش.
2. يېمەك- ئىچمەككە ئائىت  يېڭى ئۇچۇرلاردىن تورداشلارنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىش.
3. ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن، ئۆرپ- ئادىتىمىزگە يات بولغان، ئىنسانلارنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك نەرسىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش.
4. ئىشەنچلىك مىللىي كارخانىلىرىمىزنى ۋە مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ساختا مەھسۇلاتلاردىن، شۈبھىلىك يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىش.
5. ئادىللىقنى، باراۋەرلىكنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدىغان توغرا ئىقتىساد نىزامىنى تەشۋىق قىلىپ، سودا- تىجارەتتە، ھۈنەر كەسىپكە ئائىت  ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەرنى تورداشلارغا  يەتكۈزۈش.
6.  ھالال پۇل تېپىش يوللىرىنى،  خىزمەت ئۇچۇرلىرىنى، خىزمەتچى ئۇچۇرلىرىنى ئۆز-ئارا يەتكۈزۈش.
7. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان خىلمۇ-خىل يېڭىلىقلاردىن تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈش.
8. خىلمۇ- خىل نادىر ئەدەبىي ئەسەرلەر ئارقىلىق تورداشلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش بېسىمىنى يەڭگىللىتىش.
...

كەلگۈسى پىلانلار:
1.  يېمەكلىك ساھەسىدىكى بىر قىسىم مىللىي كارخانىلارنى زىيارەت قىلىپ  تورداشلارنى مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش
2.  بىر قىسىم كارخانىچىلىرىمىز بىلەن ئەمەلىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش جەريانىدىن،  تەجىربىلىرىدىن تورداشلارنى بەھرىمان قىلىش
...
داۋامىنى تورداشلار تولۇقلىۋەتسۇن...

شوئارىمىز:
1.  ئاللاھ بىزگە رىزىق قىلىپ بەرگەن ھالال، پاك نەرسىلەردىن يەيلى! [ 5:88]  ھارام، زىيانلىق، شۈبھىلىك، مەينەت نەرسىلەرنى يەپ جىسمىمىزنى، روھىمىزنى، نەپسىمىزنى... بۇلغىمايلى!
2. ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار) غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولايلى![ 5:90]  پاسكىنا نەرسىلەردىن ئۆزىمىزنى يىراق تۇتۇپ، ئۇنداق مەينەتچىلىكلەردىن ئادا- جۇدا بولۇپ، جىسمى پاكىز، روھى پاكىز... ئىنسانلاردىن بولايلى!
3. بىر-بىرىمىزنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت قىلىش، بۇلاش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ناھەق يول بىلەن يەۋالمايلى![ 4:29] باشقىلارنىڭ رىزقىغا چاڭ سالماي، ئۆزىمىزنىڭكىنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويماي، ئادىل، باراۋەر بولۇپ ياشايلى!
4....
5....
...
10. ھالال رىزىق تورى __ ھالاللىق ئىزدىگۈچىلەرنىڭ جەمگاھى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-5-26 12:15 , Processed in 0.018599 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش