ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3355|ئىنكاس: 5

تەۋبە قىلىشقا ئالدىرايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نامسىز
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 16:56:58
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!
                                                   
                                         بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
                  ( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن)
                     


               ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز شۇكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر بولسۇن؛ئۇلۇق پەيغەمبىرىمىز    مۇھەممەت    ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن،ۋە قىيامەتكىچە كەلگەن ئەر-ئايال مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!

                ئاللاھ سۇبھابەھۇ ۋەتەئەلا نىسا سۆرىسىنىڭ 17-18- ئايەتلىرىدە مۇنداق دىگەن:{ئاللاھ قۇبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سىلىپ،ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن)تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ئاللاھ ئەنە ئاشۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ،ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر .ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.  داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بىشىغا ئۆلۈم كەلگەندە ،ئەمدى تەۋبە قىلدىم دىگەن ئادەمنىڭ تەۋبىسى ،ۋە كاپىر پىتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى(يەنى ئۆلۇم ئالدىدا ئىيمان ئىيىتتتم دىگۈچىلەرنىڭ ئىيمانى )قۇبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاپ تەيارلىدۇق}.

              بىر گۇناھنىڭ ئون ئاپىتى بار:

              1-بىر ئادەم بىر گۇناھنى ئىشلەيدىكەن ئاللاھ ئۇ ئادەمگە غەزەپ قىلىدۇ (چۇنكى ئۇ ئادەم ئاللاھنى نارازا قىلغان بولىدۇ)
             2-ئاللاھنىڭ ئەشەددى دۇشمىنى بولغان شەيتانغا يېقىنلاشقان بولىدۇ.
             3-ئەڭ كاتتا بولغان ئورۇن جەننەتتىن يىراقلايدۇ.
             4-ئەڭ يامان بولغان ئورۇن جەھەننەمگە يېقىنلىشىدۇ.
             5-ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۇ ئادەمنىڭ ئەتىۋارى بولمايدۇ.
             6-ئاللاھ پاك ياراتقان نەپسىنى نىجىسقا ئايلاندۇرغان بولىدۇ(ئۇ ئادەم گۇناھنى ئىشلىگەنسىرى ئاللاھ جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامغا:مەن پالاناخۇننى بۈگۈندىن باشلاپ يامان كۆرىمەن دەيدۇ ،شۇنىڭ بىلەن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام پەرىشتەلەرگە دەيدۇ ،پەرىشتەلەردىن زىمىندىكى ئىنسانلارغا تارقايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئادەملەر ئۆزلىگىدى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ،ياخشىلىقمۇ مۇشىنىڭغا ئوخشاش تارقاپ ئادەملەر ياخشى ئىش قىلىدىغان ئادەمنى ئۆزلىگىدىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ).
            7-ئىنسانغا مۇئەككەل بولغان ھىچكىم ئازار يەتكۈزمەيدىغان پەرىشتەلەر ئازار يەيدۇ.
            8-رەسۇلۇللاھ ئۈممەتلىرىنىڭ يامان ئىشلىرىدىن قايغۇرىدۇ.
            9-ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشىغا زىمىن ،كېچە -كۇندۇز گۇۋالىق بېرىدۇ(يەنى زىمىن :مىنىڭ پالانى يرىمدە مۇنداق قىلدى دەيدۇ، كېچە- كۈندنز :پالانى ۋاختىدا ،پالانى سائەتتە :ئوغۇرلۇق قىلدى...زىنا قىلدى... ھاراق ئىچتى...قىمار ئوينىدى....نومۇس قىلماستىن قىلدى دەيدۇ).
           10-ئىنسانلارغا ۋە باشقا جانلىقلارغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ،ئىنسانلارغا قىلغان خىيانىتى:ئۇ ئادەمنىڭ ئىشلىگەن گۈناھىنىڭ قىلمىشى تۇپەيلىدىن گۇۋالىققا يارىمايدۇ(گۇۋالىققا يارىمىغاننىڭ ئۆزى ئىنسانلارغا زىيان سالغانلىق بولىدۇ)،جانلىقلارغا قىلغان خىيانىتى :ئۇ ئادەمنىڭ قىلمىشى تۈپەيلى يامغۇر ياغماسلىق ،قەھەتچىلىك بولۇش ۋە ھەر خىل ئاپەتلەر بولۇش قاتارلىق ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
          ئاللاھ قۇرئاندا يەنە:{تەۋبە قىلغۇچى ئەجەپ ياخشى بەندىدۇر}دىدى.


          سەككىز تۈرلۈك ئىشنى ئورۇندىغان ئادەم ھەقىقى تەۋبە قىلغان بولىدۇ.

          1-ئىلگىرى قىلغان گۈناھلىرىغا پۇشايمان قىلىشى كېرەك.
          2-پەرىز ئەمەللەرنى تەرىك قىلماي ئىشلىشى كېرەك.
          3-باشقىلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش كېرەك.
          4-گۇناغا قىزىقققاندەك تائەت-ئىبادەتلەرگىمۇ قىزىقىپ ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلىشى كېرەك.
          5-(يامان ئىشلارنىڭ ئەمەس )تائەت -ئىبادەتلەرنىڭ ھوزۇر-لەززىتىنى تېتىشى كېرەك.
          6-كۈلكىنىڭ ئورنىغا يىغلاش لازىم.
          7-يىمەك -ئىچمەكنى ئىسلاھ قىلىپ ھالالدىن يىيىش كېرەك.
          8-قەلىپنى ناچار ئىللەتلەردىن ساقلاش كېرەك.


            تەپسىر كاششاپتا مۇنداق دىيىلىدۇ :<<ئىيمان ئىيىتماي بىر ئۈمۇر كۈپۈرلۇق ھالىتىدە ئۆلگەن ئادەملەر بىلەن تەۋبىنى كەينىگە سۈرۈپ كىيىن تەۋبە قىلىۋالىمەن دىگىچۇلەر ئوخشاشتۇر.
              ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دىگەن:<<كىيىن تەۋبە قىلىۋالىمەن دىگەن ئادەملەر ھالەك بولدى>>. تەۋبىنى كىچىكتۇرگەن ئادەم تەۋبە قىلىدىغانغا پۇرسەت كەلگەن بولسا تەلىيى كەلگەن بولار ئىدى،لىكىن پۇرسەت كەلمەستە ئۆلۈپ كەتكەن بولسا يوقۇردىكى ئايەت ھەدىستىكى ئادەملەرنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ،بۇنداق ئىشلاردىن ئاللاھدىن پاناھ سورايمىز.


             بىر ئادەم تەۋبىنى كىيىن قىلىۋالىمەنغۇ دەپ گۇناھلارنى ئىشلەۋىرىدىكەن ئاللاھ قۇرئاندا :{ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ،ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن دىللىرى قارىيىپ كەتكەن}دىگىنىدەك دىللىرى قارداپ ھەقنى تونىماس بولۇپ قالىدۇ(تەپىپ سۆرىسى 14-ئايەت). ئاخردا ئۇلار تەۋبە قىلىدىغان پۇرسەت تاپالماي قالىدۇ.

           <<كىمكى دىخانچىلىق قىلىدىغان ۋاختىنى بىھۇدا ئۆتكۈزۋىتىدىكەن ،
              ھوسۇل ئالىدىغان ۋاختىدا پۇشايمانغا قالىدۇ.>>(ھىكمەتلىك سۆز).
(داۋامى بار)
ۋە ئاخىرۇ دەئۋانا ئەنىلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالامىن.

تېمىنى تەيارلىغۇچى:پارىس.


توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 00:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن             (تەپىپ سۆرىسى 14-ئايەت).        بۇنى ئۇقالمىدىم


مەنبەسى چۇ؟؟؟؟؟


يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 12:13:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويغاق يوللىغان ۋاقتى  2012-12-22 00:08
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن             (تەپىپ سۆرىسى 14-ئايەت).         ...

سۈرە مۇتەففىفىننىڭ 14 - ئايىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 12:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  مەرىپەت  مۇنبىرىگىمۇ  ئەزا  ئىدىم.................................غا كۆچۈرۈپ  چىقتىم   كىرىپ  باقامسىلەر؟مەرھەمەت!!http://bbs.meripetyoli.com/forum.php

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 19:34:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،چەكسىز ئەجىرلەر بەرسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-12-22 20:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاۇ ئەلەيكۇم !ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:09 , Processed in 0.042219 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش