ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3967|ئىنكاس: 1

ئىنجىل مېنى ئىسلامغا قانداق ئېلىپ كىردى؟ (جوشا ئېۋانس) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
30
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 15:50:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

ئامېرىكىلىق سابىق خرىستىئان دىنىي زات جوشا ئېۋانس Joshua Evansنىڭ نۇتقى:
تېمىسى: How the Bible Led me to Islam
تىلى: ئېنگلىزچە
خېتى: ئۇيغۇرچە
ئۇزۇنلۇقى: 81 مىنۇت
ھەجىمى: 261 مىگابايت
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://pan.baidu.com/share/link?shareid=329187&uk=1661944459
كۆرۈش:

http://static.video.qq.com/TPout.swf?auto=1&vid=b04059qhcmw

قىسقىچە مەزمۇنى:

دىندار خرىستىئان ئائىلىدە قويۇق دىنىي تەربىيىدە يېتىشىپ چىققان ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامېرىكا جەنۇبىي كارولىنا شىتاتىدىكى بوب جونىس خرىسىتىئان ئىلاھىيات ئۇنىۋېرسىتېتىغا دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن جوشا ئېۋانس تەۋرات، ئىنجىلنى پىششىق ئوقىغاندىن كېيىن، ياراتقۇچىنىڭ يەككە-يېگانە، بىر ئىكەنلىكىگە قايىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما تەۋراتتا بايان قىلىنغان نوھ پەيغەمبەرنىڭ مەسلىكى، لوت پەيغەمبەرنىڭ قىزى بىلەن زىنا قىلىشى، داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ قول ئاستىدىكى بىر ھەربىي قۇمانداننىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغاندىن كېيىن، بۇ قۇمانداننى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى، ئىيسا پەيغەمبەر ئىنجىلدا ئۇچق ھالدا "مەن شەرىئەتنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن كەلدىم" دېگەن تۇرۇغلۇق، پائۇل (پاۋلۇس)نىڭ بۇ شەرىئەتكە بۇيسۇنماسلىقنى تەرغىپ قىلىشى..... قاتارلىق نۇرغۇن زىددىيەتلىك مەسىلىلەرنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇنى ئىديىسىدىن ئۆتكۈزەلمەي، بوب جونىس ئۇنىۋېرسىتىدىكى خرىستىئان پروفېسسوردىن سەۋەبىنى سورايدۇ. پروفېسسور ئۇنىڭغا ئىنجىلنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت ئەمەسلىكى، بۇ كىتابنىڭ خاتالىقلار بار بولغان نوقسانلىق كىتاب ئىكەنلىكى، بىراق بۇ كىتابقا ئىمان ئېيتسىلا، نوقسانلاردىن خالىي بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇنى جوشا "كونا ئەبجەق ماشىنىنى ئەڭ نوچى ماشىنا دەپ ئويلاپ، بۇنىڭغا ئىشەنسە، بۇ ئەبجەق ماشىنا نوچى ماشىنىغا ئۆزگىرەمدۇ؟ ياق، ئۇنداق بولمايدۇ!" دەپ ئويلايدۇ-دە، قايىل بولمايدۇ. سوئال سوراۋېرىپ ئاخىرى خرىسىئان دىنىدىن چىقىپ كېتىدۇ. باشقا دىنلار ھەققىدە ئىزدىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ھەققىدە ئىنتايىن بورمىلىنىپ يېزىلغان بىر كىتابنى ئوقۇيدۇ، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ناچار دىن بولامدۇ؟ دەپ ئىسلامنى دىن بولۇش سالاھىيىتىگىمۇ ئىگە ئەمەسكەن دەپ، دىنلار تىزىملىكىدىن چىقىرىپ تاشلايدۇ. ئەمما بىر كۈنى.........

داۋامىغا قىزىقسىڭىز، فىلىمنى كۆرۈڭ. ياكى بۇ يەردىكى تېكىستنى ئوقۇڭ

ماقالە فورماتىدىكى تېكىستى مانا:

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 15:51:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىنجىل مېنى ئىسلامغا قانداق ئېلىپ كىردى؟

سابىق ياش پوپ جوشا ئېۋانسنىڭ ھېكايىسى


ئىنجىل مېنى ئىسلامغا قانداق ئېلىپكىردى؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ.ئالەملەرنىڭرەببى ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلىسىگە ۋەساھابىلىرىگە سالاملار بولسۇن.گۇۋاھلىقبېرىمەنكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ بىردۇر، شېرىكى يوقتۇر.يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئۇنىڭ ئالەملەرگەرەھمەت قىلىپ ئەۋەتكەن ئەلچىسى ۋە بەندىسىدۇر. ياخشى ئاقىۋەت شۈبھىسىزتەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر.

سىلەرگە بىر چاغلاردا  خرىستىئان پوپ ئىدىم، ئەمدى قانداق بولۇپمۇسۇلمان بولغانلىقىمنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. خىلى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى پوپ ئىدىڭ،ئەمدى مۇسۇلماندەك كۆرۈنۈۋاتىسەن دېيىشىڭىز مۇمكىن،ئەمما ئۇزۇن بىر ھېكايەم بار.ھىكايەمدىن دەرس ئېلىشىڭلارنى ۋە نەتىجىدە مېنىڭ نېمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنىچۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. چۈنكى مېنىڭ مەقسىتىم ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا سىلەرگەبىر ئۇچۇرنى، ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر. ئەگەر پەقەتلا ھېكايەمنىئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇنيانى ۋە ئامېرىكىنى ئايلانغان بولسام ۋاقتىم ئىسراپ بولغان بولىدۇ،چۈنكىبۇ ھېكايە دۇنيادىكى ھەر قانداق كىشى كۆرەلەيدىغان يۇتۇيب تورىدىمۇ بار.

ئاللاھ خالىسا ھېكايەمنىڭ ئەڭبېشىدىن باشلايلى.

كارولىنا شىتاتىنىڭجەنۇبىدىكى گرىنۋىل ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆستۈم. مېنى مومام ۋە بوۋام بېقىپ چوڭقىلدى. چۈنكى كىچىك ۋاقتىمدا ئانام مېنى تاشلىۋىتىپتىكەن. دادام بولسا ئىككى يەردەخىزمەت قىلاتتى. بوۋام-موماملار ئەنئەنىدە چىڭ تۇرىدىغان تىپىك جەنۇپلۇقخرىستىئانلار ئىدى. ئوي-پىكىرلىرىدە بەكلا مۇتەئەسسىپ ئىدى. مۇئەييەن قائىدىلەررامكىسىدىن ھەرگىزمۇ چىقىپ كەتمەيتتى. بىز بەكلا دىندار ئىدۇق، ھەر يەكشەنبە كۈنىۋە كەچ تەرەپتە چېركاۋغا باراتتۇق ۋە چارشەنبە كۈنىمۇ چېركاۋغا باراتتۇق،خرىستىئانلاردا بۇ ئىنتايىن تەقۋادار دىندار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ھەر يەكشەنبەكۈنى چېركاۋغا بېرىشىمىز ۋە مومامنىڭ مېنى ئۇ يەرگە ئاپىرىشى قىيىن ئەمەستى، مەنكىچىك بولغاچ مېنى ئاپىرىشقا مەجبۇر ئىدى. چۈنكى چېركاۋ ئۆيىمىزگە بەكمۇ يىقىنبولۇپ، پەقەت ئىككى ئۆي نېرىسىدا ئىدى. مۇشۇ سەۋەپتىن ھەر يەكشەنبە كۈنى مېنى ئۇيەرگە ئىلىپ بېرىشى ئاسان ئىدى. كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىچېركاۋنى يامان كۆرەتتىم. بىر پروتەستان (خرىستىئان دىنىنىڭ بىر مەزھىپىنىڭ) پوپىكېلەتتى. ۋە بىلەمسىلەركىن بىلمىدىم، پىروتەستان پوپ تولىمۇ سۈرلۈك بولۇپ چېركاۋداخالىغانچە ئۈنلۈك گەپ قىلالمايتتۇق. پوپنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلايسىز، ئاندىن ئورۇندىنتۇرۇپ ناخشا ئوقۇيسىز يەنە ئولتۇرۇپ پوپنىڭ ۋەزلىرىنى ئاڭلايسىز، ئاندىن ئورۇندىنتۇرۇپ ناخشا ئوقۇيسىز، ئاندىن كىيىن ئولتۇرىسىز. قىلىدىغان بىردىنبىر ئىشىڭىزمۇشۇ.

ۋە قاتتىق ياغاچ ئورۇندۇقلاربولۇپ، ئۇ يەردە ئولتۇرىۋىرىشتىن چارچاپ قالاتتىڭىز.

مومام ماڭا بەرگەن ۋەچېركاۋغا ئىئانە قىلماقچى بولغان پۇللارنى ئوينايتتىم  بالىلىقتىكى چېركاۋ ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىممۇشۇلار. ئەمما چېركاۋ ھەققىدە سۆيۈنگىدەك ئەسلىمەم يەكشەنبىلىك مەكتەپ ئىدى.يەكشەنبىلىك مەكتەپنى ياخشى كۆرەتتىم، چۈنكى رەسىم سىزاتتۇق. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىكېمە ياساۋاتقان، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قىزىل دېڭىزنى ئىككىگە بۆلۈۋاتقان ھالەتتەسىزاتتۇق. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىنى بىلسىەڭلار، مىسىردىن چىققاندا قىزىلدېڭىزنى قانداق ئىككىگە بۆلگەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر. نۇھ ئەلەيھىسسالام ۋەكېمىسىنى، داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە جالۇتنى بىلەلەيسىلەر. يەكشەنبىلىك مەكتەپتە بۇگۈزەل ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىمىز. خرىستىئان دىنى ھەققىدە بىردىنبىربىلدىغىنىم پەيغەمبەرلەرنىڭ ھېكايىلىرى ئىدى، چۈنكى چېركاۋدا پوپنىڭ گەپلىرىگەپەقەت قۇلاق سالمايتتىم. سىلەرگە ئائىلەمنىڭ مۇتەئەسسىپلىكلىرىدىن سۆزلەپ بىرەي.

مەسىلەن، 12-13-14 ياشلىرىمداقىزلارغا دېققەت قىلىشقا باشلىغىنىمدا ئەمدى ئۇلارنى قېچىشقا تېگىشلىك كىشىلەرئەمەس دەپ قارىغىنىمدا ئۆيۈمگە بىرەر قىزنى چاقىرماقچى بولغىنىمدا، بۇ ئەھۋالمومام ئۈچۈن شۈنچىلىك مۇھىم ئىدىكى، ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن ئىجازەت ئېلىشىم كېرەك.بۇ قىزنىڭ ئۆيگە كېلىدىغانلىقىدىن مومامنى خەۋەردار قىلىشىم كېرەك ئىدى.مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرىشىمىز كېرەكتى ياكى مومام بىز بىلەن بىر ئۆيدە ئولتۇراتتىياكى بىز ئولتۇرغان ئۆينى ئۇدۇل كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاشخانىدا تۇراتتى. بىزنىڭ ئۆيدەمانا مۇشۇنداق ئىدى، قىزلار بىلەن يالغۇز قالالمايتتىم. مومام ۋە بوۋام ھەم قاتتىققول ھەم مېھرىبان كىشىلەر ئىدى، ئەمما مۇقىم پرىنسىپلىرى بار ئىدى ۋە بۇپرىنسىپلار قەتئىي ئۆزگەرمەيتتى. مەن مانا مۇشۇنداق چوڭ قىلىندىم.

13-14يېشىمدىنباشلاپ چېركاۋدىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان دىنىي مۇراسىملارغاقاتنىشىشقا باشلىدىم. بۇ خىل دىنىي مۇراسىملار 12 ياشتىن يۇقىرىلار ئۈچۈن ئىدى.تەنتەربىيە زاللىرىدا ئۆتكۈزۈلەتتى ۋە چېركاۋدىكىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى.ۋاسكىتبول، ۋالىبول، مۆكۈشمەك، توپ ۋە ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە ئويۇنلىرىئوينايتتۇق.

پىزا، پېچىنە-پرەنىك، تورت ۋەكەمپىت قاتارلىق تاتلىق تۇرۇملارنى يەيتتۇق، ئىشقىلىپ بالىلار ياخشى كۆرىدىغاننەرسىلەر بار ئىدى. كېيىن ھېلىقى مېنىڭ ئۇدۇل خوشنام ياش پوپ بولدى، ئۇ چاغدا مەن14  ياشتا، ئۇ 17 ياشتا ئىدى. ئۇياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پوپى بولۇپ بىزگە 30 مىنۇت دەرس بېرەتتى، خرىستىئان دىنىنى ۋەتەڭرىنى چۈشەندۈرەتتى. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرى مانا مۇشۇنداقئۆتەتتى. بۇ يىغىلىشلاردا باشقا يىغىلىشلارغا بارىدىغانلار بىلەن تونۇشتۇم،كارولىنانىڭ جەنۇبىدىكى باشقا خرىستىئانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە تەكلىپقىلىندىم. ئۇلار بىلەن بىللە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە، دالا سەيلىسىگە قاتنىشىشقاباشلىدىم. مانا مۇشۇنداق ئۆز خاھىشىم بويىچە قىينالماستىن خرىستىئانبولدۇم،خرىستىئان بولۇشقا مەجبۇرلانماستىن ئۆزەم خالاپ بولدۇم. ئارزۇيۇم مۇشۇئىدى، بۇنى ئۆزۈم قارار قىلغان ئىدىم. 15 يېشىمدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقاباشلىدىم. مەن تولۇق ئوتتۇرىنى ئەمدى باشلىغاندا ئەڭ ياخشى دوستۇم بولغان ياش پوپتولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدا ئىدى.

بىر بىرىمىز بىلەن بەكمۇيىقىن ئىدۇق، ھەر كۈنى مەكتەپكە ئۇنىڭ ماشىنىسىدا باراتتىم، چۈنكى مېنىڭ تېخىپىراۋام يوق ئىدى. مەن ئۈچۈن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئاخىرقى يىللىقىدىكى بىرەيلەن بىلەنمەكتەپكە بېرىش ئىنتايىن چوڭ ئىش ئىدى ۋە ماشىنىسىمۇ مەن كىچىك چاغدىن باشلاپھەۋەس قىلىدىغان مۇستاڭ ماركا ئىدى. مانا مۇشۇنداق تولىمۇ يېقىن ئىدۇق،ئىككىلىمىزنىڭ دادىلىرىمىزمۇ بەكلا ئوخشايتتى، بىزنى قاتتىق باشقۇراتتى. كۆپۋاقىتلىرىمىزنى بىللە ئۆتكۈزەتتۇق. مەن تولۇق ئوتتۇرا ئىككىنچى سىنىپقا چىققاندائۇ ئوقۇش پۈتتۈردى ۋە بوب جونىس ئۇنىۋېرسىتىغا ئوقۇشقا كىردى. بوب جونىسئۇنىۋېرسىتى كارولىنانىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ داڭلىق ۋە دىندار خرىستىئانئۇنىۋېرسىتىدۇر. چۈنكى ھازىرغىچە مەن كۆرگەن ئەڭ مۇتەئەسسىپ دىندار ئۇنىۋېرسىتئىدى. باشقا ئۇنىۋېرسىتلارمۇ بار، ئەمما بۇ يەر شۇنداق مۇتەئەسسىپ ئىكەنكى، تويقىلمىغان ئەر-ئايالنىڭ بىر ھۇجرىدا تۇرۇپ يالغۇز پاراڭلىشىشى چەكلەنگەن. مەكتەپمەيدانلىرىدا قىز-ئوغۇللارنىڭ قول تۇتۇشۇپ مېڭىشى چەكلەنگەن ۋە ئوغۇللارنىڭكۆينەكلىرى ئىشتىنىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەكتى. قىزلار بولسا ئىشتانكىيەلمەيتتى، تاپىنى بىلەن تەڭ ئۇزۇن يوپكا ۋە ئۇزۇن يەڭلىك كوپتا كىيىشكە مەجبۇرئىدى.

بۇلار بوب جونىسئۇنىۋېرسىتىنىڭ قائىدىلىرى ئىدى. دوستلار ئولتۇرۇشى ۋە ھاراق ئىچىش دېگەندەك ئىشلاربوب جونىس ئۇنىۋېرسىتىدا يوق ئىدى. دوستۇم ئۇ مەكتەپتە ئوقۇشقا باشلىدى، كەسپى:تەۋرات، ئىنجىلنى تەپسىر قىلىش ئىدى. تەۋرات ئىنجىلنى تەپسىر قىلىشنىڭ نېمەئىكەنلىكىنى تەپسلىي چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئايرىم بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشقا توغراكېلىدۇ. ئەمما سىلەرگە قىسقىچە ئىزاھات بېرەي.

بۇ دەرسنى ئۆگەنگۈچى تەپسىرچىكىشى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بار بولغان ئىنجىل تېكىستلىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئىبرانىيچە،يۇنانچە، ئارامىيچە ۋە لاتىنچە ئۆگۈنۈشى كېرەك، چۈنكى ئىنجىل تېكىستلىرى بۇتىللاردا يېزىلغان. پەرقلىق ئىنجىللارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، ئوخشاشتېكىستلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن:ئىنجىل مەتتانىڭ 6 تىلدا 5000 خىل پەرقلىق نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەبلەرتۈپەيلى ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ، ئىنجىل تېكىستلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىدىنمۇشۇنچىۋالا زور پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك ۋە قايسىسىنىڭ ھەقىقىئىنجىل ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك ئىدى. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس، چۈنكى ئەڭ قەدىمقىتېكىستلەرنىمۇ ھەقىقى ئىنجىل دېيەلمەيسىلەر، چۈنكى ئىنجىلنىڭ ھەقىقى ئەسلى نۇسخىسىمەۋجۇت ئەمەس. قولىڭىزدىكى ئىنجىل تېكىستى باشقا ئىنجىل تېكىستلىرى ئارىسىدىكى ئەڭقەدىمقىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇمۇ ئىنجىل كۆچۈرۈلمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنىڭكۆچۈرۈلمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىنىڭ خاتالىق بىلەن تولۇپ كەتكەن كۆچۈرۈلمىسى بولۇشىمۇمكىن. قولىڭىزدىكى يىڭى تېكىست بولسا ھەقىقى ئىنجىلنىڭ كۆچۈرۈلمىسى ۋە ياكىتۇنجى كۆچۈرۈلمىسىنىڭ كۆچۈرۈلمىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپلىك ئەڭ يىڭى تېكىستىئەڭ قەدىمقى تېكىستىدىنمۇ ھەقىقى بولۇشى مۇمكىن. چۈشەنگىنىڭىزدەك بۇتەپسىرشۇناسلىق كەسپى ئاسان كەسپ ئەمەس ئىدى. ئاغىينەم تەۋرات، ئىنجىللارنى تەپسىرقىلىش كەسپىدە ئوقۇشقا باشلىشى بىلەن ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولغىنىم ئۈچۈن مەنمۇئۇنىڭ دەرسلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. قاچان تاپشۇرۇق ئىشلىسە ياكى ئىزدىنىش ئېلىپبارسا ھەر دائىم يېنىدا بولاتتىم. تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولغاندا مېنىڭمۇ ئوقۇپبېقىشىمغا رۇخسەت قىلاتتى. تەتقىق قىلغان قەغەزلىرىنى، كىتابلىرىنى تۈگەتسەھەممىسىنى ماڭا بېرەتتى.

ئازراق يۇنانچە بىلەنئىبرانىچە ئۆگىنىشكە باشلىدىم. شۇنداق قىلىپ ئاستا-ئاستا ئىنجىل تېكىستلىرىتەتقىقاتچىسى بولۇشقا باشلىدىم. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىدا بون جونسئۇنىۋېرسىتىغا ئىلتىماس قىلدىم،چۈنكى قوبۇل قىلىنىش مۇددىتى 3 يىل بولاتتى.

ۋە 16 ياشقا كىرگىنىمدەدوستۇم مەندىن ئىلگىرى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان بىر سۇئالنى سورىدى.

- ئىنجىلنى ئوقۇپباقتىڭمۇ؟_دەپ سورىدى.

-ياق، چېركاۋدا ئوقۇيتتۇق، مانا ھازىر ئىچىپ كۆرۈپ قويىۋاتىمىز.- دىدىم.

-قاتناشقان پروگراممىلاردا بىر نەچچە ئابزاس ئوقۇيتتۇق، كېيىن ئوقۇغانلىرىمىزھەققىدە پاراڭلىشاتتۇق.

-ياق، باشتىن-ئاخىرى كىتاب ئوقۇغاندەك ئوقۇدۇڭمۇ؟-دەپ سورىدى.

مەن ۋە مەن تونۇيدىغانكىشىلەر ئىنجىلنى باشتىن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ باقمىغانتى.

ئىنجىلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭسۆزى ئىكەنلىكى ۋە يەر يۈزىدە بىزگە يول كۆرسەتكۈچى تەلىماتلار ئىكەنلىكىئۆگىتىلىۋاتىدۇ.

-ئۇنداقتا بىز نېمىشقا تولۇق ئوقۇپ باقمىدۇق؟_دېدى.

-بۇ بەكمۇ ياخشى سۇئال بولدى دېدىم.

ھەر ئىككىلىمىز ئىنجىلنىڭيارىتىلىش قىسمىدىن باشلاپ ئاخىرىغىچە تولۇق ئوقۇيلى دەپ ئۆز ئارا بەسلەشتۇق. ئىنجىلنىئوقۇيلى ۋە تەڭرىنىڭ بىزگە نېمە دېگىنىنى كۆرۈپ باقايلى دېيىشتۇق. چۈنكى بۇتەڭرىنىڭ بىزگە يول كۆرسىتىش ئۈچۈن بىر ئىنسانغا ۋەھيى قىلغان سۆزلىرى ئىدى. مۇشۇسەۋەپلەر بىلەن تەڭرىنىڭ بىزگە نېمە دېگىنى كۆرۈپ باقايلى.

ئەگەر تەڭرى پوپقا بۇ كىتابۋاستىسى بىلەن گەپ قىلغان بولسا، ماڭىمۇ نېمىشقا گەپ قىلمىغۇدەك.

-دېگەنلىرىڭ ئورۇنلۇق، راست دەيسەن، ۋاقتىممۇ كۆپكەن.

-نېمىشقا ئوقىمىغاندىمىز؟ قېنى ئەمىسە ئوقۇيلى - دېدىم.

كىچىك ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپئوقۇش ۋە ئۆگۈنۈشنى ياخشى كۆرەتتىم شۇنداق قىلىپ ئىنجىل ئوقۇشنى باشلىۋەتتىم. يارىتىلىشقىسمىدىن باشلاپ ئوقۇشنى قارار قىلدۇق ۋە ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا خىرىستىيانلىقھەققىدىكى بىز بىلىدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئويلىماستىن ئوقۇشنى قارار قىلدۇق. خۇددىبۇ كىتابنى چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تېپىۋالغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، بىزگە نېمەدېگەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز. بىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك ئوقۇماقچىمىز. باشلىۋەتتۇقۋە بەزى ۋاقىتلاردا بىللە ئوقۇيتتۇق، كۆپىنچە ئۆزەم يالغۇز ئوقۇدۇم.

چۈنكى بەكمۇ تىزئوقۇيدىغانلىقىم سەۋەپلىك ئۆزەم يالغۇز ئوقۇدۇم ۋە ئىنجىلنى ئوقۇغانسىرى ھېلىقىيەكشەنبىلىك مەكتەپتە ئاڭلىغان ھېكايىلەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم.

ئادەم ئەلەيھىسسالام، ھاۋائانا، مۇسا، نۇھ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەممىسى مەن بىلىدىغان ھېكايىلەر. ئەمما يەكشەنبىلىك مەكتەپتە ئۈگەنگەنپەيغەمبەر قىسسىلىرىنى ئىنجىلدائوقۇغانسىرى ھەيران قالدىم.مانا بۇ ئاللاھنىڭ بىزلەرگە ئارىلاپ پەيغەمبەر ئەۋەتىشىنىڭ ۋە ئىسلامنى قۇرئان بىلەن مۇكەممەلقىلىنغان ھەق دىن قىلىپ ئەۋەتىشىنىڭسەۋەبى.ئىنجىلدا نۇھ پەيغەمبەرنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇساڭلار، ئىنسانلارنى تۇپان بالاسىدىن قۇتقۇزغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنىكۆرەلەيسىلەر . ئەمما بۇ قىسسىنىڭپەقەتئىنجىلدىلا بايان قىلىنغان، باشقا ھېچقانداق يەردە تىلغا ئېلىنمىغان بىر تەرىپى بار.ئىنجىلدا نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ھاراقئىچىپ مەست بولغانلىقى بايانقىلىنغان.ئىنجىلنۇھنى مۇشۇنداق تەسۋىرلەيدۇ.ئىنجىل ئۇنىڭ ھاراق ئىچكەنلىكى، مەست بولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ.مەن پىسخولوگىيەئوقىغان. كەسپىم: نېرۋا كېسەل ساھەسى ئىدى، مەست بولۇشمۇ بىر خېل نېرۋا كېسەللىكى دائىرىسىگە كىرىدۇ.مەستئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىيېقىن دوستلىرىمنىڭ ھاراقكەش ئاتا-ئانىسىدا تېخىمۇ ئېنىق كۆرگەن ئدىم . مەست بولغان بىر ئادەم قانداقمۇ ھەيۋەتلىكبىر كېمە ياساپ ئىنسانلارنى قۇتقۇزالىسۇن؟بۇغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئاددىيسى مەكدونالنىڭ پىزىسى، ھامبورگ پىشۇرۇشمۇ تەس كېلىدۇ ئۇنىڭغا.

مۇشۇ يەردە توختاپ قالدىم، بۇمېنى بىئارام قىلدى. چۈنكى كۆڭلۈمدەدېدىمكى ؛ - ئەگەر نۇھ ئەلەيھىسسالام مەست بولسا، تەڭرىنىڭ ئۇنىڭغا سۆز قىلغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ؟ چۈنكى مەنمەستلەرنى بىلىمەن، ئالدىنقى كېچە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەلمەيدىغان بىر مەست، ئەتىگەندە قوپۇپ ئاللاھبىلەن پاراڭلاشقانلىقىنىقانداق ئېيتالىسۇن؟. بۇ ماڭا پەقەت مەنتىقلىق بىلىنمىدى. خۇددى كوچىلاردا مەست-ئەلەس يۈرگەن بىرىنىڭ مەنئاللاھ بىلەن پاراڭلاشتىم دېگىنىگە ئوخشاش بىر ئىش ئىدى . بۇنداق ئادەم ھېچكىمنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس ئەمەس،ھېچكىم ئېتىراپ قىلمايدۇ . بۇ ئىشدېققىتىمنى تارتتى، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم . چۈنكى خرىستىئان دىنىدا قىلىشىڭىز زۆرۈر بولغانبىر ئىش بار. بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنىبىر دەمدىن كېيىن ئېيتىپ بېرىمەن. لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسىگە كەلگەندە - بۇ ھېكايىنى ھەممەيلەن بىلىمىز، ئەممائىنجىلدا بۇ ھېكايىنىڭ ئويدۇرۇلغان بىربۆلىكى بار.

لوت ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزلىرىنىڭ بىر كۈنى ئۇنىمەست قىلىپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەنجىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەنلىكى يېزىلغان . (ئاللاھ ساقلىسۇن) ئىنجىل ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى مانا مۇشۇنداقتەسۋىرلەيدۇ . بۇ پەيغەمبەر،ئائىلىسىنى سودومدىكى بەچچىۋازلاردىن قۇتقۇزغان كىشى . ئىنجىلدىكى ھېكايە مۇشۇنداق يېزىلغان . بۇ يەردە يەنەتوختاپ قالدىم . ناچار ئىشلارقايتا-قايتاداۋاملىشىۋاتاتتى . تىز-تېز داۋاملاشتۇرۇپ، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى ئوقۇماقچى بولدۇم . يەنە باشقاقىسسىلەر بار، ئەمما بۇ قىسسىلەرنىڭبەزىلىرىياش چەكلىمىسى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قىسسىلەرنى باشقىلارغا ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ. سىزگە ئېيتىپ بېرىشىم ئۈچۈن 18ياشتىن يۇقىرى بۇلىشىڭىز كېرەك .

ئىنجىلدا مېنى ھەيرانقالدۇرغان، ھەمدە مەن ئەڭ ياقتۇرغان قىسسە بولسا داۋۇت ئەلەيھىسسالام ۋە جالۇت توغرىسىدىكى قىسسە. ئىنجىلدا داۋۇتئەلەيھىسسالامنىڭ پاكار، جالۇتنىڭئېگىز ئىكەنلىكى يېزىلغان ئىدى، بۇ ماڭا يېقىپ قالدى، چۈنكى مېنىڭمۇ بويۇم پاكار ئىدى. بالىلىقىمدىن مۇشۇنداق پاكار ئىدىم. بۇپسىخىكىنى يېڭىپ چىقىش ئۈچۈن بۇقىسسە مەن ئۈچۈن ياخشى بىر ئۆرنەك ئىدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئىنجىلدا ھەقىقەتەن ناھايىتى ياخشى قىسسىلەر بار.ئەمماداۋۇت ئەلەيھىسسالامتوغرىسىدىكى بىر قىسسە مېنى ھەيران قالدۇردى. بۇ قىسسىدە ئۈچ كىشى بار. داۋۇد ئەلەيھىسسالام، باتشەبا ۋە ئۇرىياھ.داۋۇد ئەلەيھىسسالام شۇ دەۋرىنىڭئەڭگۈزەل ئاياللىرىدىن بولغان باتشەبا ئىسىملىك بۇ ئايالنى كۆرىدۇ.بۇ ئايال داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوماندانى ئۇرىيا بىلەنئۆيلەنگەن. ئەمما داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇ ئايال بىلەن بىرگە بولۇش گۇناھىدىن ساقلىنالمايدۇ. شۇنداق قىلىپئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىپ سالىدۇ ۋە گۇناھىنى يېپىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قوماندانلىرىغا خەت يازىدۇ. ۋە ئۇرۇشنىڭ ئەڭشىددەتلىك ۋاقتىدا چېكىنىپ ئۇرىياھنى يالغۇز تاشلاپ قويۇشنى ئېيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇرىياھ ئۆلتۈرۈلسۇنۋە باتشەبا ئاسانلا ئۇنىڭبولۇپ كەتسۇن. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت ئەلەيھىسسالام جالۇتنى ئۆلتۈرگەن قەھرىمان كىشىدىن - زىناخور، ئاغدۇرمىچى، قاتىلبىر كىشىگە ئايلىنىدۇ.

دەل مۇشۇ يەردە توختىدىم ۋە بىر خاتالىق بار دېدىم.چۈنكى مېنىڭ خىيالىمدا پەيغەمبەرلەرئۈلگەقىلىنىدىغان ۋە ئۇلارغا ئەگىشىلىدىغان ئىنسانلار دەپ قارايتتىم. ھەممىمىزدىن ياخشى بۇلىشى كېرەك ئىدىكى، ئۇلارغا ئەگىشىپماڭاتتۇق. ئەمما بۇ ئوقۇغان قىسسىلەرگە قارىغاندا، بۇلار ئامېرىكىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋەھشىجىنايەتچىلەردىنمۇ ناچار ئىنسانلارئىدى. ئىنجىلدىن داۋۇت ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا ئۆگەنگەنلىرىمگە قارايدىغان بولساق. ئۇ كىشى بىلەن يولدائۇچرىشىپ قالساق، دەرھال كەينىمگە يېنىپ ساقچى چاقىراتتىم. بۇ ئادەم ھېچقانداق ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىئەمەسكەن دەپ ئويلاشقا باشلىدىم. توغرا،جالۇتنى ئۆلتۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇرىياھنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىش ئۈچۈن، ئۇرىياھ ئىسىملىك كىشىنىمۇئۆلتۈردى.


خرىستىئان دىنىدىكى چوڭ گۇناھنى قىلىشقا باشلىدىم، يەنى سوئالسوراشقا باشلىدىم. خرىستىئان دىنىداقىلسابولمايدىغان ئىشلاردىن بىرى، تولا سوئال سوراش . سوئال سوراشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ بۇ خىل تېمىلاردا. ئۆتمۈشكە قايتىپ، سوئال سوراشقاباشلىدىم، نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ دېدىم.ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ تەكرارلانغان ناچار خۇيلىرى بار، بۇ نېمە ئىش؟.


مەنپاراڭلاشقان ھەرخىل مەزھەپلەرنىڭ پوپلىرى خۇددى بىر قېلىپقا چۈشكەندەك، ھەممىسى ئوخشاش جاۋاب بېرەتتى. قوللىرىنىمۈرەمگە قويۇپ تۇرۇپ، مۇنداق دەيتتى: -«قېرىندىشىم جۇشا، ئازراق بىلىمنىڭ ئىمانىڭنى يوقىتىپ قويۇشىغا يول قويما. چۈنكى سېنى پاكلايدىغىنى، ئىلىمئەمەس، ئىمان " - دەيتتى. ۋە ماڭا ئىنجىل ئوقۇپ بېرەتتى. " ئىيسانى ئىمانى پاكلىدى. پائۇلنىئىمانى پاكلىدى ... " ھەرۋاقىتماڭا بۇ تېكىستنى سۆزلەپ بېرەتتى. خۇددى بۇرۇن بىر قېلىپقا سېلىپ قويغاندەكلا. خۇددى پوپلار مەكتىپىدە،كىشىلەرنىڭ بۇ سوئالنى سورايدىغانلىقىنى ھەمدە بېرىلىدىغان جاۋابنىڭ بۇ ئىكەنلىكىنى ئۆگەتكەندەك ئىدى.پوپقا :



-  بىلمىدىم، ئەمما غەلىتەكۆرۈنۈۋاتىدۇ -دېدىم.

- ماڭا ئېيت - دېدى پوپ:

- سېنىڭ ئوقۇغىنىڭ بۇرۇنقى تەۋرات -كونا ئەھدە، يەھۇدىيلارنىڭ ئىلاھ بىلەنكېلىشىم تۈزگەنلىكىيېزىلغان. ئۇلار بىر ئاز پەرقلىق كىشىلەردۇر. ناھايىتى تەرسا ۋە ساراڭ. نېمىشقا ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى ئوقۇشقا باشلىمايسەن؟ ئىنجىل-يېڭىئەھدىدە تۈزگەن كېلىشىم ئىيسانىڭپەيغەمبەرلىكى ئاستىدا ئىدى. ئۇنى ئوقۇساڭ، بۇ ئىش ھەل بولىدۇ. تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ - دېدى. مەن:


- بولىدۇ، - دېدىم ۋە ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنىئوقۇشقا باشلىدىم. ئېچىپئوقۇشقا باشلىدىم.


ئەمماتەۋرات-كونا ئەھدىدىن ئۆگەنگەن باشقا نەرسىلەرمۇ بار ئىدى. ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى ئوقۇشقا باشلىغاندابۇلارنى ئەستە ساقلىۋالماقچىئىدىم. تۇنجى بولۇپ، ئاللاھنىڭ تەڭداشسىز ۋە بىر ئىكەنلىكىنى ئۆگەندىم. تەۋرات-كونا ئەھدىدىن ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق، يېگانەئىكەنلىكىنى ئۆگەندىم.ئىنجىلدا بۇ تەكرار، قايتا - قايتا سۆزلەنگەن، ئىنتايىن ئېنىق، ئاللاھ بىردۇر.تەۋرات-كونا ئەھدىدىمۇ بۇ ناھايىتىئوچۇق. تەۋراتتىكى تەڭرى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلىشىنى خالىمايتتى. ھەمدە يەھۇدىيلارشۇنداق قىلىپ قالسا، ئۇلارنىقاتتىق جازالايتتى ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا چەكلىمە قوياتتى.ئۆگەنگەنلىرىمئارىسىدا بۇ مەزمۇنلار بار ئىدى. بىلىشىمچە، يەھۇدىيلار تەڭرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلمىغاچقا جازاغا ئۇچرىغاندەكقىلاتتى.



بۇ مىسالنى ياقتۇرمايمەن، ئاللاھ ساقلىسۇن، ئارىمىزدىنبىرىنىڭ چىقىپ بانكا بۇلىغانلىقىنىمىسالقىلساق: بانكا بۇلىسىڭىز، ئۇزۇن مەزگىل تۈرمىدە ياتىسىز. ھەر كۈنى ئويغانغىنىڭىزدا ئۇ تۈرمىنىڭ سىزگە ھىلتونمېھمانخانىسىدەك بولىدىغانلىقىئويلامسىز؟مەن ئۇنداق ئويلىمايمەن. ئېھتىمال قاراڭغۇ، سوغۇق، ناچار يېمەكلىك، ناچار ھەمراھ بار بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭسەۋەبىنى پىسخولوگىيەدىن بىلدىمكى، بۇ كىشىگە ھەر ئويغانغىنىدا - سەن تۈرمىدىسەن دېگەن بىر ئەسكەرتىشبولۇشى كېرەك. ئۇلارغا ھەر كۈنى - سەن تۈرمىدە،چۈنكى سەن جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭ دەپ ئەسكەرتىشى كېرەك ، ۋە بۇ يەرنىباشقۇرىدىغىنى بىز، سەن ئەمەس.تۈرمىدىكى كىشىگە بىلدۈرۈلمەكچى بولغىنى دەل مۇشۇ نوقتا. بۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئاللاھقا قارشىچىققاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتىغاچەك قويۇلدى. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى يەھۇدىي دىنىدا كۆرەلەيسىز. يېمەكلىك ھەققىدىكىھۆكۈملەرگە كەلسەك، بىز مۇسۇلمانلاريېيەلەيدىغانياخشى نەرسىلەر مەسىلەن: گۆشنىڭ ياخشى جايلىرى، ئۇلارغا چەكلەنگەن.بۇلار ئۇلار ئۈچۈن چەكلەنگەن، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا ھەركۈنى مەن ئاللاھمەن سىلەرنىڭرەببىڭلار مەن، ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك، بۇ زېمىننىڭ ئىگىسى مەن، سىلەر ئەمەس دەيتتى. تەۋرات-كونا ئەھدىنى ئوقۇغاندايۇقارقى نوقتىنى چۈشەندىم، بۇئۇقۇمنى ھېس قىلدىم.

شۇنداق قىلىپ مەتتا، ماركوس،يۇھاننا ۋە لۇقادىن تەركىبتاپقان ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى باشلىدىم.ۋە بۇ ئىنجىلنى باشلىغاندا مۇنداق قىلدىم، سىز كىتاب ئىشكاپىدىن كىتابنىئالغاندا تۇنجى نەگە قارايسىز؟.كىتاب ئىسمىغا قارايسىز، ئاندىن ئاپتورىغا، كىتابنىڭ ئىسمى ۋە كىمنىڭيازغانلىقىغا. ئىنجىلنىڭ ھەر بىر كىتابىغابۇ سىناقنى قويسىڭىز، ماۋزۇسى چىقىدۇ، ئەمما كىمنىڭ يازغانلىقىنى تاپالمايسىز. يازغۇچىسى يا مەجھۇل ۋە ياكى يازغۇچىسىپۇستانى كىشى بولۇشى مۇمكىنياكى ئېھتىمال پالانى يازغۇچىنىڭ يازغىنىدىن ئېلىنغان نەقىل بولۇشى مۇمكىن دېگەندەك.

مەسىلەن: مىسىردىن چىقىش(تەۋرات-كونا ئەھدە 2-كىتاب)نى مۇسائەلەيھىسسالامنىڭيازغانلىقى ئېيتىلغان.ئەمما مىسىردىن چىقىشنى ئوقۇسىڭىز، كۆرىسىزكى، ھەممىسىنى ئۇ يازغان ئەمەس، چۈنكى، مىسىردىن چىقىشنىڭئاخىرقى بۆلۈمىدە مۇسائەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈمى، يەرلىككە قويۇلۇشى ۋە يۇشا ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقۇرۇشنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆلگەندىن كېيىنبىرنەرسە يازمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا ھەرگىز بۇنى ئۇ يازمىغان. ۋە مەتتا، ماركوس، يۇھاننا ۋە لۇقاغا كەلسەك، مەتتا كىم؟ ماركوسكىم؟ يۇھاننا كىم؟ لۇقا كىم؟ بىلگۈمبارئىدى.چۈنكى مەتتا ئىنجىل دەپ قارىلىدۇ. ئەڭ يامىنى شۇكى، ھېچكىم بىلمەيدۇ. ، چۈنكى بۇ كىتابلارنى يازغۇچىلار ئىسىملىرىنى يازمىغان. ھېچقانداقبىر ئالىم، سىزگە ئېنىق قىلىپمەتتانىڭ بۇنى يازغانلىقىنى، ماركوسنىڭ.بۇنى يازغانلىقىنى، يۇھەننانىڭ بۇنى يازغانلىقىنى بىلىمىز دېيەلمەيدۇ. بۇلارنىكىملەرنىڭ يازغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزئېنىق. ئاللاھ ئىنسانلارغا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن نازىل قىلغان ۋەھىينى يازغانلارنىڭ نەسىلدىن نەسىلگە يەتكۈزۈشنىداۋاملاشتۇرغانلارنىڭ ئىسمىنىيازمىغانلىقىنىمېنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

قانداقلا بولمىسۇن، ئوقۇشقا باشلىدىم ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگەتكەنلىرىتوغرىسىدا بەزى ئىشلارنى چۈشىنىشكەباشلىدىم.بۇلارنىڭ ھېچبىرىنى مەن چېركاۋدا ئۆگەنگەن ئەمەس. ئىيسا ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەندە ئاللاھنىڭ قانداقئىكەنلىكىنى تىلغا ئالاتتى ۋە تەۋرات - كونا ئەھدىدەتىلغا ئېلىنغان ئاللاھ بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالام نەچچە قېتىم ئاللاھنىڭ يېگانە ئىكەنلىكىنى، شېرىكىيوق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ھەتتائىبرانىچە«ئىلاھىڭلار يېگانىدۇر» دېگەن. ئەڭ بۈيۈك ئەمىرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۇنىڭدىن سورالغاندا - ۋەمۇسۇلمانلارمۇ بۇ ئىككى ئىشنى چۈشىنىۋېلىشى كېرەك، بۇ سىلەر ئۈچۈن يېڭى بىر ئىش ئەمەس - ئەڭ بۈيۈك بۇيرۇقبولسا، رەببىڭنى چىن كۆڭلۈڭدىن، پۈتۈنۋۇجۇدۇڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيۈشتۇر. ئاندىن كېيىن، خوشناڭنى ئۆزۈڭنى ياخشى كۆرگىنىڭدەك ياخشى كۆرۈش.قالغىنى بۇلارغا باغلىق - دېدى.

ئىسلامدا ياراتقۇچىنىڭ ھەقلىرى بولغاندەك،يارالغۇچىنىڭمۇ ھەقلىرى بار، بۇنى بىلىمىز. يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆگەتكىنىمۇ بۇ ئىدى. ۋە يۇھاننا ئىنجىلى17-باب 3-ئايەتتە ئېيتقانلىرى. بۇمەن ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشتىن ئېنىقراق. مەڭگۈلۈك ھايات، ھەقىقىي ۋە يېگانە بولغان ئاللاھنى ۋە ئەلچىسى ئىيسائەلەيھىسسالامنى تونۇشتۇر. ئەگەر يۇنانچە ياكى ئارامىچە ئىنجىلغا قارايدىغان بولسىڭىز بۇنىڭ "لا ئىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇنرەسۇلۇللاھ " بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ھازىر ئەرەبچە بىلگەنلىكىم ئۈچۈن بۇنى چۈشىنىۋاتىمەن. بىر-بىرىگەئىنتايىن ئوخشايدىغانبايانلار.ئەلۋەتتە، مەۋھۇم بايانلارمۇ بار، ئەگەر ئۇ بايانلارنى تەتقىق قىلىدىغان بولسىڭىز بەلكىم ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىتەڭرىنىڭ ئورنىغا قويغانلىقىنى ياكىئۆزىنىڭمەنپەئىتى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن، ئەمما پسىخولوگىيە ۋە ئازراق باشقۇرۇش ئىلمى ئۆگەنگەنلىكىم ئۈچۈنشۇنى بىلىمەنكى، ئېنىق بولمىغان بىرئىپادە،ئېنىق بولغان بىر ئىپادىنىڭ ھۆكمىنى بۇزالمايدۇ. ئېنىق بولغان بىر ئىپادە ھەر ۋاقىت ئۈستۈندۇر. يەنى ئەگەر ئىيسائەلەيھىسسالام "ئاللاھ بىر" دېگەن بولسا ، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېپىق بىر ھالدا،ئىلاھىنىڭ بىردىن كۆپئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلغان بولسا، ئۇچاغدا ئېنىق بولغان ئىپادە يەنە بىرىنىڭ ھۆكمىنى يوق قىلىۋېتىدۇ .

ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى ئوقۇشئارقىلىق بۇنى چۈشەندىم. ۋە يەنە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ گۇناھلاردىن پاكلىنىشنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئۆگەندىم.ئەمما ئۇ ئۆگەتكەنگۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۇسۇلىئاللاھقا ئىتائەت ۋە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنلاش ئىدى. ئۇنىڭ گۇناھلاردىن يىراقلىشىش ئۇسلۇبى بۇ ئىدى. بىركىشى ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقاقانداقئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ، بۇيرۇقلارغا بويسۇنغىن دېدى، - ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلغىن. مەتتا ئىنجىلىدا بۇنىسەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقان: كىمكى بۇبۇيرۇقلارغا ئاز بولسىمۇ ئەمەل قىلسا ۋە باشقىلارغا ئۆگەتسە، ئاسمانلاردا ئەڭ بۈيۈك دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ، ئەمما كىمكى بۇبۇيرۇقلارنىڭ ئەڭ كىچىكىگىمۇ ئەمەلقىلمىسا، كىشىلەرگە بۇنى ئۆگەتسە ئاسمانلاردا قىممەتسىز (پەس) دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇنى چۈشەنگەن ئىدىم. ئىيسائەلەيھىسسالام ئىلاھنىتەۋرات-كونائەھدىدىكىدەك چۈشەندۈرگەن. گۇناھلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىش ئىكەنلىكنىئۆگەتكەن ئىدى. بۇنى ناھايىتى ياخشىچۈشەندىم،مەتتا، لۇقا، ماركوس ۋە يۇھەننا بۇ جەھەتتە ناھايىتى ئوچۇق ئىدى. ئىلاھنىڭ يېگانە ئىكەنلىكى توغرىسىدا يازغان ئىدى، ئەمما مەن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققانسۆزلەردىن باشقىسىغا ئەھمىيەت بەرمىدىم. مەتتا، لۇقا،ماركوس ۋە يۇھەننا قاتارلىق ئىنجىللارنى ئوقۇدۇم.كىتابلار ھەممىسى ئوخشاش گەپنى سۆزلەيتتى.


ئەمما خرىستىئان دىنىداچېركاۋدا ماڭا ئۆگەتكىنى بۇ ئەمەس.چېركاۋدا ماڭا تەڭرىنى «بىر ئىچىدە ئۈچ»، «ئۈچ ئىچىدە بىر» دەپ ئۆگەتتى. ئۈچلۈك تەڭرى ئەقىدىسىنى ئۆگەتتى. دادا، ئوغۇل، مۇقەددەس روھ. ئىيساسېنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭئەپۇ قىلىنىشى ئۈچۈن كرېستقا مىخلاندى ۋاھاكازالار.


تەۋرات-كونا ئەھدىدە بايقىغان يەنە بىر ئىش بولسا شۇ ئىدى. بۇ،مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىردەرستۇر، چۈنكى بۇنى باشقىلار سىزدىن داۋاملىق سورايدۇ. بولۇپمۇ، ئىسلامغا دەۋەت قىلغاندا ۋە مەن ئىسلامنىئۆگەنگەندىن كېيىن ئىنجىلنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇمىغىچە بۇ ئىككىسىنى بىر يەرگەكەلتۈرمىدىم.يەھۇدىيلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى كرېستقا مىخلاشقا بۇنداقئالدىرايدىغانلىقىنى بىلگۈم بارئىدى.ئۇنى بىۋاستە ئۆلتۈرۈۋېتەلەيتتى، ئەمما نېمىشقا كرېستقا مىخلىماقچى بولۇشتى؟ ئەمدى سەۋەبىنى چۈشىنىۋاتىمەن.



سەۋەبى مۇنداق : ئىيسائەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى ئاللاھنى پۈتۈندۇنياغا تونۇتۇش. پائۇل بۇنى گالاتيالىقلارغا يازغان سالام خېتىدە سۆزلەپ بەرگەن.ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىنېمىشقا كرېستقا مىخلاشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى. پائۇل مۇنداق دەيدۇ: كرېستقا مىخلاش يەھۇدىيلار ئۈچۈن گۇناھدېغى. پائۇل بۇنى گالاتيالىقلارغا يازغان سالام خېتىدە ئېيتىپ بېرىدۇ. تەۋرات-كونا ئەھدىدىن نەقىل ئېلىپ ياغاچقا ئېسىلغان ھەر قانداقشەيئى لەنەتلەنگەن شەيئىدۇر، دەيدۇ. شۇنىڭبىلەن تەۋرات-كونا ئەھدىنى قايتا ئوقۇدۇم، شۇنى ھېس قىلدىمكى كرېستقا مىخلانغان كىشىلەر يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندائىلاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان كىشىلەرھېسابلىنىدىكەن. بىر ئادەم كرېستقا مىخلىنىش ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەن بولۇشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئادەم ئىلاھنىڭلەنىتىگە ئۇچرىغان دەپ قارىلىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭقانۇنىدا مۇشۇنداق ھۆكۈم بار. بىر كىشى كرېستقا مىخلانغان بولسا، ئۇ كىشى لەنەتكە ئۇچرىغان كىشى دېمەكتۇر. يەنى بۇجىنايەتچىلەرنى نەگە كۆمسە، ئىسرائىلىيەدە،قۇددۇستا، پەلەستىندىكى قەبرىستانلىقلارغا، كرېستقا مىخلانغان بۇ جىنايەتچىلەر كۆمۈلگەن جايلارمۇ شۇملۇق ئېلىپكېلىدىغان جايلار دەپ قارىلاتتى. ئۇتۇپراقلاردىنقاچاتتى، چۈنكى ئۇ يەرگە كۆمۈلگەن ئىنسانلار ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان ئىنسانلار ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئىشنىخىيالىمدا بىرلەشتۈرۈشكە باشلىدىم، يەنىئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرگۈسى يوق ئىدى.چۈنكى خالىسا ئۆلتۈرۈۋېتەلەيتتى. ئۇلار ئۇنى (ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچىقىلماقچى ئىدى.پەقەتلامەقسىتى بۇ كىشىنى يالغانغا چىقارماق. ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى ئېيتاتتى. ئەمما ئۇلار ئۇ كىشىنى يالغانغا چىقارماقچىئىدى. ئۇلار بىلەتتى، ئەگەرھەزرىتى ئىيسانى كرېستقا مىخلىيالىسا ئۇ مەسىھ بولمايتتى. ئەگەر ئۇنى كىرىستقا مىخلىيالىسىڭىز ئۇ مەسىھبولالمايدۇ. ۋە ئۇ ئەگەر مەسىھ بولسىمۇ، كىرىستقا مىخلانسا، بۇ، ئۇنىڭ دەۋاسىغا زىيان سالىدۇ. ئۇلار بۇنىبىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىيسانى كرېستقاباغلىماقچى بولىدۇ. ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنى كرېستقا باغلىنىشتىن قۇتقۇزىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ ئىدى. ھەممەيلەن ئاللاھنىڭ ئۇنى نېمەئۈچۈن كرېستقا باغلىنىشتىنقۇتقۇزغانلىقىنى سورايدۇ. چۈنكى ئۇ شەرىئەتنى تاماملاشقا كەلگەنتى ۋە شۇ سەۋەبتىن كرېستقا باغلىنىپ لەنەتلەنمەيتى.ئۇ - مەن بۇ شەرىئەتنى تاماملاشقاكەلدىم- دېدى. بۇ سەۋەبتىن شەرىئەتتە خاتا سانىلىدىغان بىرەر ئىش ئۇنىڭدىن تېپىلمايتى. شۇڭلاشقا ئاللاھقا قۇتقۇزۇشى ئۈچۈنيالۋۇردى، چۈنكى دەۋاسىغا قانچىلىكپايدىسىزبولىدىغانلىقىنى بىلەتتى.  

شۇنداق قىلىپ بۇلارنى كۆرۈشكەباشلىدىم ھەم ئوقۇشنىداۋاملاشتۇردۇم. ھەم پائول (پاۋلۇس)نىڭ سالام خەتلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدىم. ئىشلار شۇنداق قىلىپ ئەكسىچە بولدى، بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكەيۆتكەلدى. ئۆگەنگەنلىرىم ھەممىسىقالايمىقانلىشىپ كەتتى، تەڭرىگە ئىتائەت ۋە ئىبادەتتىن.شەرىئەتكەئەمەل قىلىشتىن ۋە ئىيساغا ئىشىنىشتىن تامامەن ئارقىغا قايتتىم. ھەتتا پائول "نېمىشقا ھازىرغىچە بۇ لەنەتكارشەرىئەتكە بويسۇنىسىلەر؟" دەپ يازغانتى.- ئىيسامەسىھ بىزنى بۇ لەنەتلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلدى - دەيتتى.شۇنداق قىلىپ مەن ئۆز-ئۆزەمگە شۇنداق دېدىم، لېكىن بۇنىڭدىنپەقەت بىر نەچچە كىتاب بۇرۇن ئىيساپەيغەمبەركىمكى بۇ ئەمىرلەرگە خىلاپلىق قىلسا ۋە خىلاپلىق قىلىشنى ئىنسانلارغا ئۆگەتسە، ئۇ كىشى ئەڭ خار كىشى بولىدۇدېگەنلىكىنى ئوقۇغانتىم. ئەمما بۇ يەردە پائول بۇ ھۆكۈملەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتاتتى.


بۇ نېمە بوپ كەتتى ئەمدى دەپ ئويلىدىم-دە، پوپتىن سوراشقاباشلىدىم.


پوپ:"سەن ئەمدى چوڭقۇر سۇلارغا شۇڭغۇشقاباشلاپسەن" دېدى. - ئەمدى ئىنجىل-يېڭى ئەھدىنى سوراققا تارتىشقا باشلىدىڭ، ھەقىقەتەن جىددى سوئاللىرىڭ باركەن -دېدى. ھەتتا مېنى شەيتان ئېزىقتۇرۇپكەتكەنمىكىندەپ ئويلىدى.



ئىچىم زىدىيەتلەر بىلەن توشۇپكەتكەنتى، دوستۇم مېنى تەۋرات ئىنجىلنىتەپسىر قىلىش دەرسىگە بىللە ئېلىپ باردى. ئۇنۋېرسىت پروفېسىسورىنىڭ يېنىغا ئاپاردى، ئۇ ئادەمنىڭ دېگەنلىرىخىرىستىيان دىنىغا بولغان ئىمانىمنىپۈتۈنلەييوق قىلدى. مېنىڭ دۇنيانى ئايلىنىپ ھەممە ئادەمگە بوب جونىس ئۇنۋېرسىتىدىكى بىر خىرىستىيان پروفېسىسور مېنى خىرىستىيانلىقئېتىقادىمدىن ياندۇرىۋەتكەندېگەننى ھەممە ئادەمگە دەپ يۈرگەنلىكىمدىن ئۇ بەلكىم مەمنۇن بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئەمما ھەقىقەتەن شۇنداققىلدى، مېنىڭ ئۇنىڭدىن سورىغانلىرىم:

- بۇ بارلىق زىدىيەتلەر نېمە؟-دەپ سورىدىم.

تەۋرات-كونا ئەھدىدە سان-ساناقسىز زىدىيەتلەر بار ئىدى. ئىبرانىچەبىلسىڭىز ياكى تەۋراتنى ئوقۇسىڭىزچۈشىنىسىز.تەۋراتتا بەزى جۈملىلەر باركى، قۇرئاندىكى ئەرەبچىدەك ناھايىتى گۈزەل بولغىنىدەك ئىبرانىچىسىمۇ ناھايىتى گۈزەل ۋەئەسلى نوسخا. ئۈچ بۆلۈم ئوقىغاندىنكېيىنشۇنداق جۈملىلەرنى كۆرىسىزكى، خۇددى ئۈچ ياشلىق كىچىك بالا يازغاندەك بورمىلانغان ۋە شۇنداق ئاددى. سۆزلىگۈچىنىڭئوخشاش بىر ئادەم ئەمەسلىكىنىبىلەلەيسىز.شۇڭلاشقابارلىق ھېس قىپ يەتكەن نەرسىلىرىمنى پوپتىن سورىدىم.ماڭا شۇنداق دېدى:

- قولۇڭدىكى كىتاب ئىنسانلار تەرىپىدىنئەسىرلەردىن بېرى ئۆزگەرتىلگەن.يەنە بۇ كىتاب ئەسلى ھالەتتىن قايتا-قايتا كۆچۈرۈلدى، بىرسى خاتانى قوشسا يەنە بىرى ئۇ خاتانى تۈزەتتى ۋە ئۆزىئىچىدىن چىقىرىپ بىر نەرسىلەرنى ئىلاۋە قىلدى، كېيىن باشقا بىرى قۇر تاشلىدى ۋە لازىمى يوق يەرگە بىر قۇرقوشتى. ۋە باشقا بىرى بۇنى كۆچۈرۈپئۆز دۆلىتىگە ئاپاردى، ئۇنى ئۇ يەرگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى نوقتىلارنى ۋە سۆزلەرنى ئۆچۈردى، بەزىلىرىنى ئۆزگەرتتى. سەۋەبىبۇنى دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىدە مەۋجۇتبولغان دىنىي قاراشلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىشتى. ھازىرقى قولىمىزدىكى بۇ مۇقەددەس كىتاب مانا مۇشۇ خىلئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى. ئىنسانلارتەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن ۋە ئۈستىدە ھېلىمۇ بارماق ئىزلىرى بولغان نوقسانلىق بىر كىتاب ۋە بۇ نۇقسان ئىمان بىلەنتۈزلىنىدۇ - دېدى. بۇ كىتابقا ئىمانئېيتىشخاتالىقلاردىن ساقلايدۇ - دېدى. تېكىستتىكى خاتالىقلارنى تۈزىتەلمەيسەن، تېكىستى مۇكەممەل بىر كىتاب ئەمەس. لېكىنئۇنىڭغا ئىشەنگەنلەر ئىمان ئېيتقانبولىدۇ"دېدى.

مەن: "مانا يەنەئىماننىڭ گېپىنى قىلىشقا باشلىدۇق" دېدىم. تەڭرى ماڭا بىر سەۋەب ئۈچۈن ئەقىل بەردى.ئەگەر مېنىڭ بۇ ئەقىلنىئىشلىتىشىمنى خالىمىغان بولسا سەۋەب ۋە مەنتىقىنى قالدۇراتتى. ئەقلىمدىن بۇ قىسىمىنى ئۆچۈرەتتى ۋە پەقەتئىمان بىلەنلا تولدۇراتتى." مەن ئەخمەق ئەمەس " دەپ ئويلاشقا باشلىدىم.مەن بۇنىڭغا ئېتىقاد قىلالمايمەن دېدىم، بۇ كىتاب ماڭا تەڭرىنىڭسۆزلىرى دەپ ئۆگىتىلدى، لېكىن سىز ماڭا مۇقەددەس كىتابنىڭ نۇقسانلارغا تولغان بىر كىتاب ئىكەنلىكىنى،پەقەت ئىمان بىلەنلا بۇ نۇقسانلاردىنخالىي بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىسىز. بۇ خۇددى1982-يىلدىكىكونا مودا دۇتسون ماركىلىق ماشىنىنى ئېلىپ، ئەگەر ئىشەنسىڭىز بۇ بىر مېرسېدېس ماركىلىق ماشىنا بولىدۇ دېگىنىمگەئوخشاش بىر ئىش.بۇ ھېچ ئەقىلگەسىغمايدۇ،بۇ كونا دۇتسون ماشىنىنى ساتماقچى بولۇپ، ئەگەر ئىشەنسەڭلار بۇ مېرسېدېس ماشىنا بولىدۇ دېيەلمەيسىز.مەن: "ياق، بۇ،خاتالىقلار بىلەن تولغان بىر كىتاب،تەڭرىنىڭدىنى مۇكەممەلدۇر" دېدىم. ئەگەر ئۇنىڭ بىر دىنى بولسا ئۇ مۇكەممەلدۇر، بىر كىتابى بولسا مۇكەممەلدۇر.چۈنكى تەڭرىمۇكەممەلدۇر.شۇنىڭ بىلەن خىرىستىيانلىقنى پۈتۈنلەي تاشلىدىم. ئىنجىلدىن بەزى ئۇقۇملارنى ئۆگەنگەنتىم، تەڭرىبىر ئىدى. مېنى باشقىچەئالدىيالمايتتىڭىز، تەڭرى بىلەن مېنىڭ ئارامدا ھېچكىمنىڭ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى چۈشىنەتتىم. چۈنكى مېنى ھەر قانداقبىرىدىن رۇخسەت ئالماستىن ياراتتى،بۇسەۋەبتىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشۈم ئۈچۈنمۇ ۋاستىچىغا ئېھتىياجىم يوقتى.ئەگەر گۇناھىمنى كەچۈرىدىغان بىرسى بولسا دەل شۇتەڭرى ئىدى، چۈنكى ھېساب كۈنىدە پەقەتلا تەڭرى بىلەن يۈزلىشەتتىم.ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى تېخىچەبىلمەيتتىم، شەك-شۈبھەم بار ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن باشقا دىنلارنىتەتقىق قىلىشنى قارار قىلدىم، يەھۇدىلىقنى تەتقىق قىلىشنى باشلىدىم.يەھۇدىلىقنى تەتقىق قىلىپ ئوخشاش بىرنەرسىنى تاپتىم، ئىيسا پەيغەمبەرمەنىۋىيەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىككى يەھۇدىنى بايان قىلغان ئىدى.بۇ ئىككى يەھۇدى شەرىئەتنى تاشلاپ، شەرىئەت بىلەن زىچمۇناسىۋەتلىك بولغان مەنىۋىيەتنىمۇتەرك ئەتكەنتى. بۇددا دىنى، ھىندى دىنى، داۋجىياۋ، كوڭزىچىلىق، ۋىككا قاتارلىق دىنلارنى ئۆگەندىم. ئۈگەنگىدەك بارلىقدىنلارنى ئۆگەندىم، ئەمماھەر بىر دىن ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر تەجرىبە سىنىقىم بار ئىدى، قاچانكى ئۇ دىننىڭ مۇخلىسىلىرى بىلەن ئۇچراشسامكىتابىڭلار بارمۇ؟ دەپ سورايتتىم.

- كىتابىڭلار بارمۇ؟

چۈنكى خۇلاسىسىگە ئېرىشمەكچىبولغان نەرسەم شۇكى، ئەگەر سىزنىڭدىنىڭىز ھەق دىن بولسا، ماڭا كونكېرت بىرەر نەرسە بېرىشىڭىز ھەم بۇ دىننىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىڭىزكېرەك. كۆرگىدەك بىرەر نەرسە بېرىڭ. پەقەتلا ئىمانكەلتۈرسەڭ يېتەر دېگەن گەپنى ئاڭلىغۇم يوق، ھاياتىم بويىچە ئاڭلىغىنىم پەقەتلا شۇ سۆز. قاراڭ مېنى نەلەرگە ئاپاردى؟ مېرسېدېسھەيدىگىنىمنى خىيال قىلغۇزۇپقويۇپ 1982-يىلدىكى كونا دۇتسون ماشىنىنى ھەيدىگىلى سالدى. ماڭا ئىسپات كۆرسىتىشىڭىز كېرەك دېدىم. ھىندىلارنىڭباگاۋاد گىتا كىتابىنى ئوقۇدۇم،تەۋراتئوقۇدۇم، بوشىدو كودىنى ئوقۇدۇم. ۋىككا (ئەنگىلىيەدىكى جادىگەرلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر دىن)نىڭ روھلار ۋەسېھىرگەرلىك ھەققىدىكى كىتابلىرىنى ئوقۇدۇم. بۇ كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇدۇم، ھەممىسىدە بىر بىرىگە بىر قەدەرئوخشىشىدىغان شەيئىلەرنىبايقىدىم. بۇ خىل دىنىي كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە بىر-بىرىگە ئوخشايدىغان تەلىماتلار ۋە پەلسەپىلەر بار ئىدى. ھەممىسىتەڭرى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۈرەتتى،كۆپىنچىسىدە تەڭرىنىڭ بىر ئىكەنلىكى سۆزلىنەتتى. تەڭرىنىڭ بىزلەرنى يېتەكلەش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتكەنلىكىسۆزلىنەتتى، ئەمما راست گەپ قىلساق بۇ كىتابلار ئاساسەن ئىشەنگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مەنتىقىسىز،چۈشنىكسىز، نەرسىلەر بىلەن تولۇپكەتكەن ئىدى.

شۇنداق قىلىپ 17 يېشىمداتەڭرىنى ئىزدەشتىن ۋاز كەچتىم. تەڭرىدىن خاپائىدىم، مەن بۇ يەردە سېنى ئىزدەيمەن، ئەمما تاپالمايمەن. ماڭا ياردەم قىلمىدىڭ دەپ ئويلايتتىم، كىمنىڭبىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتىم. ئەمما تەڭرىنى ئويلاۋېىرپ تاپالماي ئۈمىتسىزلىككە چۈشكەن 17 ياشلىق بىر يىگىتئۈچۈن دۇنيادا ئۇنى پالاكەتكەچاقىرىدىغان نۇرغۇن ئىشىك بار ئىدى. بولۇپمۇ دۇنيادا چۈشكۈنلەشكەن ۋە ئەگەر تەڭرى بار بولسا مەن بىلەن كارى يوق دەپئويلىسا بۇ يگىت خەتەرلىك ۋە قېنىقىززىقياش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەسكى ئىشلارنى قىلىشقا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىشقا باشلىدىم. كېچىلىكئولتۇرۇشلارغا باراتتىم ۋە بەلگىلەنگەن ياشتىن كىچىك تۇرۇپمۇ ھاراق ئىچەتتىم. مەن مۇكەممەللىكنىقوغلىشاتتىم، خرىستىئان چېغىمدىمۇ كامىلخرىستىئان بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئەگەر باشقا بىر دىنغا كىرگەن بولسام 100% ئەمەل قىلاتتىم، شۇنداق قىلىپدۇنيا ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتتىم، ئۇنىمۇ100% قىلدىم.

15‏ ياشتىن باشلاپچامباشچىلىقنى بىلەتتىم ۋە پەقەتلا ئىككى يىل خىيالىمدا لى شىياۋلوڭ بولغىنىمنى بىلىمەن. نۇرغۇن جېدەللەرگەئارىلاشتىم، مەكتەپتىن قاچتىمۋە باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولدۇم. جېدەل سەۋەبىدىن قاماققا سولاندىم ۋە يامان يولغا مېڭىشىمنىتوختاتقان بەزى ۋەقەلەر بولدى. چۈنكى ناھايىتى تېز ھالەتتە يامان يولغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم، ئىشىنىمەنكىداۋاملىق شۇ بويىچە ماڭغانبولسام بىرەرسىگە زىيان يەتكۈزىشىم ياكى ئۆلتۈرىشىم ۋە ياكى بىرەر كىشى ماڭا زىيان يەتكۈزىشى ياكى مېنى ئۆلتۈرىشىمۇمكىن ئىدى. بۇ يولدا تۇيۇقسىزتوختىشىمغائىككى ۋەقە سەۋەب بولدى، خۇددى جىددى توختىتىش سىگنالىدەك.

تۇنجىسى بىر قاتناش ۋەقەسى ئىدى. دوستۇم ئىككىمىز ئۇنۋېرسىت يىغىلىشىدىنقايتىپ كېلىۋاتاتتۇق.ماشىنىدا جەنۇبى كارولىنادا مېڭىۋاتاتتۇق. ئىككىلىمىز غەرق مەس ئىدۇق، دوستۇم ماشىنا ھەيدەۋاتاتتى ۋە مەنبىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاشقا نىيەت قىلغان ئىدىم. بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش مەستلىكىمدىن ئىدى، نورمالداتاقىمايتتىم، ئۆلسەم ئۆلەرمەندەيتتىم. ئەگەر ئەجىلىم توشقان بولسا ئۆلىمەن دەپ ئويلايتتىم، ئاۋال تۆگىنى باغلاپ ئاندىن تەۋەككۈل قىلدېگەنگە ئىشەنمەيتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈنى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىدىم ۋە ئۇيقۇغا كەتتىم. ئويغانغىنىمداماشىنا لەپەڭشىۋاتاتتى،دوستۇمنى ئويغاتتىم، ئومۇ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، ئۆلىدىغان بولدۇق دەپ ئويلىدىم. ئەمما ئويغانغىنىمدا كۆرگىنىمبىر دەرەخ ۋە ئاسفالىتنىڭ يۈزۈمگەتېگىشى، ئەينەك پارچىلىرى ۋە ماشىنىنىڭ نەچچە مېتىر يىراققا قالقىپ كەتكىنى ئىدى. بىر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتىمىز، كېيىن ماشىنىدىن چىققىنىمنىلائەسلىيەلەيمەن. ھېچنىمىنى ئويلىماستىنلاقىلغان تۇنجى ئىشىم ماشىنىدىن چىقىش بولدى. كېيىن بىلدىمكى، ماشىنىنىڭ پۈتۈنلەي ماقچىيىپ كەتكەن كەينى تەرىپىدىنچىقىپتىمەن. ماشىنىنىڭ ئارقا تەرىپىيولنىڭ ئۈستىدە ۋە ئالدى قىسمى ئازگالنىڭ ئىچىدە ئىدى.ھۇشسىزھالەتتە ياتقان دوستۇمنى تارتىپ چىقاردىم. ۋە ئۇنى يولنىڭ بويىغا سۆرەپ ئاپاردىم، مەن يارىلانمىغان ئىدىم، بىرەر يىرىميارىلانغانمىدۇ دەپ ئۈستى بېشىمغاقارىدىم.قولۇمغا سانجىلىپ قالغان بىر ئەينەك پارچىسىدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى. ئونىمۇ تارتىپ چىقاردىم، دەل شۇ چاغدا قاتناش ساقچىلىرى ئۇ يەردىنئۆتىۋاتاتتى. بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلدى، نېمەئىش بولغانلىقىنى سورىدى. ۋە مەندىن تۇنجى سورىغان سوئالى:

- نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆردىڭىزمۇ ؟ -بولدى، چۈنكى ئادەملەر توختاپماشىنىلىرىدىنچۈشكەن ئىدى ۋە مېنىمۇ شۇلاردىن بىرسى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدى. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا قاراپ ماڭغان ئىدىم، -نېمە ئىشبولغانلىقىنى كۆردىڭىزمۇ؟ - دەپسورىدى.

- ھەممىسىنى كۆردۈم، چۈنكىمەن ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئىدىم - دىدىم .

تاتىرىپ كەتتى، قاتتىق ھەيرانقېلىپ:


- قانداقسىگە ماشىنىدا ئىدىڭ؟- دەپ سورىدى. مېنى دوختۇرخانىغا ئاپاردى، دوستۇمنىقولغا ئالدى. ساقچى دىندار ئادەمئىدى.بىز قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقىشتىن بۇرۇن ماڭا قاراپ مۇنداق دېدى:


- يىگىت،ھازىرغىچە بۇ دۇنيادا ھايات تۇرۇشۇڭنىڭ بىر سەۋەبى بار.ھازىرغىچە ھايات تۇرۇشۇڭنىڭ سەۋەبى تەڭرىنىڭ ساڭا تاپشۇرىدىغانۋەزىپىسى بار. ئەگەر بۇ دۇنياداھازىرغىچەبىرەر نىشانىڭ بولمىغان بولسا بۇ كېچە ئۆلۈپ كېتەتتىڭ.بۇنى چۈشنىشىڭ كېرەك - دېدى. مەن بۇ ئادەمنى " ساراڭمۇ نېمە " دەپئويلىدىم .



-ئەگەر تەڭرى مېنى ئىزدىگەن بولسا، مېنى تېپىشنىڭ ئىمكانىبۇرۇنلا بار ئىدى.ماڭا تەڭرى توغۇرلۇق سۆزلىمە- دېدىم.

ئۇنىڭ گەپلىرىنى ھىچ ئويلاپمۇقويمىدىم، تەخمىنەن بىر ئايدىنكېيىن.يەنەشۇ دوستۇم بىلەن ئۇ تېخى ھاسىغا تايىنىپ ماڭىدىغان ۋاقتىدىلا نيۇيورىكقا بارىدىغان بولدۇق. بېشىمىزنى ئېلىپلا نيۇيورىكقاكەتمەكچى بولدۇق، بۇنى ئائىلىمىزدىكىلەرگەدېمىدۇق. مەن ھەپتە ئاخىرى ئۇنىڭ يېنىدا قالىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئۇمۇ ئۆيىدىكىلەرگە بىزنىڭ ئۆيدە قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.شۇنداق قىلىپ نيۇيوركقا كەلدۇق.نيۇيورىكتا پۇل ئېلىش ئۈچۈن ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىم ئېسىمدە. نيۇيورىكتا پۇلئېلىش ئۈچۈن ئەينەك ئۆينىڭ ئىچىگەكىرىشكېرەككەن، ئۇ يەردە ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى بار ئىدى. بۇ يەردە مۇشۇنداق بىر نەرسە بارمۇ؟ ياكى سىز نيۇيوركقاباردىڭىزمۇ؟ بىلمەيمەن. ئەلھەمدۇلىللاھ،ھازىر ئۇ يەرگە كىرىش ئۈچۈن قولىڭىزدا چوقۇم بانكا كارتىڭىز بولۇشى كېرەك. ئەمما 1997-يىلدا ئۇنداق ئەمەستى،ئىچىگە كىرىسىز . ئىچىدە خۇددى توزاق باردەكلا ئىدى، پۇلىڭىزنى ئالغاندا ئارقىڭىزدىن بىر بۇلاڭچى كەلسەقاچىدىغان يەر تاپالمايتتىڭىز.مەنئىچىگە كىرىپ پۇلۇمنى ئالدىم ھەم كەينىمدىن ئىشىكنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تۇيدۇم. كەينىمگە يېنىشىمغىلا بىرەيلەن بېشىمغاقورال تەڭلىدى. بۇ پۇلغا ھەقىقەتەنبەك بەك ئېھتىياجلىق بولسا كېرەك. چۈنكى مەندىن ھېچنىمە سورىمىدى يا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. پەقەتلا بېشىمغاتەڭلەنگەن قورالغا قارىغىنىمنى ۋەئۇنىڭتەپكىنى باسقىنىلا ئەسلىيەلەيمەن. ئۇنىڭ تاپانچىسى ئالتە ئاتار تاپانچا ئىدى.بۈگۈنگە قەدەر ئالتە ئاتار تاپانچىنى ئۆزكۆزۈم بىلەن كۆرۈشۈم. ئاۋازىئېسىمدىنچىقمايدۇ، بەلكىم قورالنىڭ ئۇچى بىر نەچچە سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا. ئەمما ئۇ قورال يۈزۈمگە تەڭلەنگەندە خۇددىكىنولاردىكى چوڭ توپتەك كۆرىنىپ كەتتى. ئۇ تەپكىنى باسقاندا نېمە ئويلىغىنىمنى خاتىرلىيەلمەيمەن. پۈتۈنلەيبوشلۇقتا ئىدىم، ئۇ ۋاقىتتا بىر خىلبوشلۇق سوقۇلىشىغا كىرىمىز. بىر قانچە سېكونتتىن كېيىن شۈكرى، ھېلىمۇ ياخشى چامباشچىلىقنى بىلىدىكەنمەن.دەرھال بىر پەشۋا ئاتتىم-دە، ئۇ بىرتەرەپكەيىقىلدى. ئۇ يەردىن تېز چىقىپ مېھمانخانىغا قايتتىم، ھېچكىمگە بىر نەرسە دېمەستىن شۇ كۈنىلا جەنۇبى كارولىناغا كەتتىم.ھېچكىمگە گەپ قىلمىدىم، چۈنكىنيۇيورىكتاتۇرماسلىقىمىز كېرەكتى. ئەگەر مېنى ئۇ ئادەم ئۆلتۈرمىسە، نيۇيورىكقا رۇخسەتسىز كەتكەنلىكىم ئۈچۈن دادام ئۆلتۈرۈشىمومكىنتى . شۇ سەۋەبتىن بىر نەچچەئايغىچەھېچكىمگە ھېچنىمە دېمىدىم.

بىر مەزگىلگىچە بۇ ۋەقەتوغرۇلۇق قارا بېسىپلا تۇردى،ھەر كېچە قورقۇنۇچلۇق چۈش كۆرەتتىم.مومامغا بۇ توغرىسىدا گەپ قىلدىم، ماڭا ھېلىقى ساقچىنىڭ دېگەن گەپلىرىگە ئوخشاش گەپ قىلدى.-« تەڭرىنىڭ سېنى تېخىچە ھاياتقالدۇرىشىدا بىر سەۋەب ۋە مەقسەت بار»- دېدى. -« سەن ئۇچرىغان بۇنچە ئىشلارغا يولۇقۇپ ساق قالغان ئادەملەر دۇنيادايەنە مەقسەتسىز يۈرمەيدۇ، سەنھەددىڭدىنئېشىپ كېتىۋاتىسەن » - دېدى.

- سەن ھەقىقەتەن تاپتىن چىقىپ كېتىۋاتىسەن.تەڭرىنىڭ ساڭا تاپشۇرىدىغان بىرۋەزىپىسى بار، سېنىڭ ئۇنى تېپىشىڭنىخالايدۇ،ئەمما سەن كەينىڭگە يېنىۋاتىسەن . مومام ماڭاخىرىستىئان دىنىغا ۋە ئىنجىلغا قايتىپكېلىشىمنى سۆزلىدى. ماڭا پەقەتلا دېگىنى تەڭرىنىڭ ھېچ يەرگە كەتمىگىنىنى، تېخىچە توغرا يەردىن ئۇنى ئىزدىمىگەنلىكىمنى دېدى.شۇنداق قىلىپ ئۆزەمنى ئوڭشاشنىقارار قىلدىم. قاتناش ۋەقەسى، قۇراللىق ۋەقە، جېدەل چىقىرىپ تۈرمىگە كىرىشىم قاتارلىقلار مېنى ئويلاندۇردى، ئۆزەمنى تەكرارئوڭشىشىم كېرەكلىكىنىكۆڭلۈمگە سالدى. شۇنداق قىلىپ بىر دەھرى بولدۇم، يەنى مۇئەييەن دىنى يوق، ئەمما تەڭرىگە ئىشىنىدىغان ئادەم. يەردەيۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تەڭرىگە دۇئاقىلاتتىم،چۈنكى تەڭرىنىڭ پۈتۈن كىتابلىرى -- ئىنجىل، تەۋرات ۋە ئوقۇغان كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىدە دىندار ئىنسانلارنىڭمۇشۇنداق دۇئا قىلىدىغانلىقىنىيازاتتى.مۇشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە كۈتۈپخانىدا بىر كىتاب ئوقۇدۇم. " ئىسلام "دىگەنبۇ گەپنى بۇندىن بۇرۇن ئاڭلاپباقمىغان ئىدىم، ھەقىقەتەن ھېچ ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم.ئەممامەكتەپنىڭ كۈتۈپخانىسىدا دىنغا مۇناسىۋەتلىك كىتاب بۆلۈمىگە قارىسام ئىسلامغا ئائىت بىر كىتاب باركەن، ماۋزۇسى: "مەننېمىشقا مۇسۇلمان ئەمەس؟" دېگەندەك بىر نەرسە ئىدى. ئىسلامغا قارشى تەشۋىقات قىلغان بىر تېمىسى بار ئىدى،ئەمما تەبىئىيكى، مەن ئۇنىبىلمەيتتىم. كىتابنى ئالدىم-دە، ئوقۇدۇم. كىتابتا شۇنداق يېزىلغىنى ئېسىمدە:

مۇسۇلمانلارنى يازغان ئىدى،ئەرەبچە بىلىدىغانلار بولسا بىلىدۇ، بۇ ئىنتايىن كەمسىتىلىدىغان بىر سۆز. «مۇسۇلمان» دىگەن سۆز«بىر-بىرسىگە ئەرزىيەت يەتكۈزگۈچىئىنسان» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بىلىپ تۇرۇپ ۋە قەستەن شۇنداق يېزىلغان ئىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەرەبىستانداچۆلدە بىر قۇتىنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان ئاللاھ ئسمىدىكى بىر ئاي تەڭرىسىگە ئېتىقات قىلىدىغان ئىنسانلارئىكەنلىكى يېزىلغانتى.ئاياللارنى قىينايدىغان ئىنسانلار ئىكەنلىكى يېزىلغانتى. بۇ كىتابنىڭ بىر بابى پۈتۈنلەي ئاياللار ھەققىدە ئىدى. تۆتخوتۇنلۇق بولىدىغانلىقىنى، ئەممائەسلىدەخالىغانچە نەچچە خوتۇن ئالسا بولىۋېرىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئىككىسى بىلەن توي قىلىپ، بىرى بىلەن ئاجرىشىپ يەنە ئۈچ خوتۇنئالسا بولىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى. مېنىڭ دېققىتىمنىتارتقىنى ئاللاھ ئۈچۈن تىرىشچانلىق توغرۇلۇق يېزىلغان قىسمى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەگەر غەيرى-مۇسلىملار كۆزىگە سىغمىسا خالىغان جايداشۇ ھامان ئۆلتۈرسە بولىدىغانلىقىيېزىلغانئىدى. ۋە ئۇنىڭ شەرەپلىك بىر ئىش ئىكەنلىكى ۋە شۇ سەۋەبلىك جەننەتكە كىرىپلا قالماي، بۇنى قىلغانلارنىڭ 70 ھۆر-پەرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىيېزىلغانئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ئۇ كىتابنى شۇ ھامان تاشلىدىم. جايىغا قويۇپ قويدۇم ۋە ئىسلامنىدىنلار تىزىملىكىمدىن ئۆچۈردۈم. بىرەر مۇسۇلمان ئۇچرىتىپ قالسام ئۆزەمنى ئېلىپ قاچىمەن دەپ ئويلىدىم. «ھېلىمۇ جەنۇبى كارولىنادابىخەتەر ئىكەنمەن، چۈنكى ئۇ يەردە ھېچبىر مۇسۇلمان ئۇچراتمىدىم » دېدىم ئىچىمدە. « تەڭرىگە شۈكرى، بۇ يەردە مۇسۇلمانلاردىنقېچىش غېمىم يوق » دەپ ئويلىدىم.مۇشۇنداق قىلىپ ياخشى ئادەم بولۇشقا تىرىشتىم ۋە ئاللاھنىڭ ماڭا توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقاباشلىدىم. ياخشى بىر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن تىرىشتىم.

بىر مۇسۇلمان بىلەنتونۇشقىنىمدا ، نېمىلەرنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى ئېسىمدە.مەكتەپتە بۇرۇن بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشكەن بىر مۇسۇلمانبىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭبىلەن بىرگە مەكتەپكە باراتتۇق. ئۇنى تونۇيتتىم ئەمما ئۇنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلمەيدىكەنمەن. ئۇنىڭمۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكىمنىڭ بىر نەچچە سەۋەبى بار ئىدى. ئۇ قارا تەنلىك ئىدى، بۇ بىرىنچى سەۋەب.مەن ئوقۇغان كىتابتامۇسۇلمانلارنىڭ ئەرەب ئىكەنلىكىنى ئېيتىلغان ئىدى. ئىككىنچى سەۋەبى بولسا مۇسۇلمانلارنى ئۆزى خالىغانچە كۆپ خوتۇنئالىدىغان، غەيرى مۇسلىملارنى ئۆلتۈرىدىغان ئادەملەر دەپ قارايتتىم. ئۇلارنى خىروئىن تىجارىتى قىلىدۇ دەپئويلىمىدىم (ئامېرىكىدا قارا تەنلىكلەرگە بولغان قاراش). بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۆيىگە باردۇق، قېشىمدا بىز ئىلگىرى بىللە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان دوستىمىزمۇبار ئىدى. ئەمدى مەن ئۇنىبالا-قازاغا ئۇچراشتىن ساقلاپ قالماقچى ئىدىم. دىن توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدۇق. قايسى تېمىدا ئىكەنلىكىنىئېسىمدە يوق، ئەمما، سىلەرمۇبىلىسىلەر،ھەممىنى بىلىمىز دەپ .ئويلايدىغان ئىككىبىلەرمەن ياشنىڭ تالاش-تارتىشى. مەنئۇنىڭغائىنجىل توغرىسىدا بىر نەرسىلەرنى چۈشەندۈرمەكچى ئىدىم. ھېلىقى مۇسۇلمان دوستىمىز ئىچكىرىگە كىردى ۋە بىزنىڭتالاش-تارتىشىمىزنى ئاڭلىدى.

-      بۇرۇن ئىسلام دىنى ھەققىدە ئاڭلىغانمۇ ؟" - دەپ سورىدى. مەن:

-      ھەئە، ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشنى بىلىمەن" دېدىم.

-      ئۇنداق بولسا ئىسلامغا قانداق قارايسەن؟ دەپ سورىدى.

-      نېمە دېسەم بۇلا، ئېھتىمالدۇنيادىكى ئەڭ ناچار دىن -دېدىم.

-      نېمە ئۈچۈن؟ -دەپ سورىدى .-"مەن مۇسۇلمان " -دېدى.

-      چاقچاق قىلما، سەن دېگەن قارا تەنلىك ئامېرىكىلىق- دېدىم.

-      ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ - دېدى.

-        كىتابتا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئەرەب دەپ يېزىپتۇ،-دېدىم.

-        ئۇكىتابتايەنە نېمىلەرنى ئوقۇدۇڭ؟ -دەپ سورىدى. مەن ئوقىغانلىرىمنى دەپ بەردىم.

-      سەن ئۇ كىتابتىن نېمىلەرنىئوقۇغانسەن؟- دېدى.

-      جۈمە كۈنىدە جامەگە بېرىشىڭ لازىم، مەن ياخشى مۇسۇلمانئەمەس. مەن ئۆزۈمنى ياخشى مۇسۇلماندېيەلمەيمەن.ئەمما ئىسلام دىنىنى ساڭا توغرا چۈشەندۈرۈپ قويىدىغان كىشىلەرنىڭ قېشىغا باشلاپ بارالايمەن - دېدى. چۈنكى ئۇمېنىڭ دىنغا بولغان قىزىقىشىمنى بىلەتتى.

-      جۈمە كۈنى مەسچىتكە بارغىن -دېدى.

-      جۈمە دېگەن نېمە؟ - دەپ سورىدىم .

-      ئورۇندۇقسىز چېركاۋغائوخشايدۇ - دېدى.

-      ئۇرۇندۇقسىز چېركاۋغا ئامراقمەن -دېدىم. چۈنكى چېركاۋدىكى ئەڭ خوشاميوق نەرسە ئۇرۇندۇق ئىدى. چۈنكى ناھايىتى قاتتىق ئورۇندۇقلاردا ئولتۇراتتىڭىز، بەك قاتتىق.

-      ياخشىكەن، دېمەك سىلەر گىلەمدە ئولتۇرىدىكەنسىلەر، چىركاۋلارمۇمۇشۇنداق بولسا ياخشى بولاتتى- دېدىم.

-      مەسچىت نەدە؟- دەپ سورىدىم.

-      ئاۋۇ كوچىدا –دېدى.

-      ئۇ كوچىنىڭ قەيىرىدە؟ -دېدىم .چۈنكى ئۇ يەر مەن بۇرۇنئولتۇرغان كوچا ئىدى . ماڭا دەپ بەردى .


-        بىزنىڭ ئۆي دەل شۇ يەرنىڭ ئۇدۇلىدا، ئۇ يەردە باشقابىر نەرسە يوق، پەقەت بىر ماي قاچىلاشپونكىتى بىلەن بىر چېركاۋ بار- دېدىم.


-ھەشۇ سەن بىلىدىغان چېركاۋ- دېدى.



-        شۇنداق، بۇرۇن ئۇ يەردە مىسيونېرلىق دەرسى ئۈگەنگەنتىم - دېدىم.

-        ماشىنا توختىتىدىغان يەردە ئۈستىدە ئالتۇن ھىلال باربىر بىنا بارغۇ؟- دېدى.

-      گىمناستىكا سالونىمۇ؟ -دەپسورىدىم .

-      ياق، ئۇ يەر ئەسلى مەسچىت - دېدى. مەن ئۇ يەرنى گىمناستىكا سالونى دەپ ئويلايتتىم، چۈنكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىنىڭ يېنىدا ئىدى، ئىشىكى ئەينەكتىنئىدى. چېركاۋ بىلەن مەسچىتنىڭ ئارىلىقى ئىككىسىنىڭ تېمىغا سۈرۈلۈپ ماڭغۇدەك دەرىجىدە يېقىن ئىدى. ئىشەنمىسەڭلاربېرىپ كۆرۈپ بېقىڭلار،ھەقىقەتەن شۇنداق.

-      دەل ئاشۇ يەر – دېدى. دەسلەپتە مەن چۆچۈدۈم، « پۈتۈن ھاياتىم بۇيىچە بۇ ساراڭمۇسۇلمانلار بىلەن ئۇدۇلدىكى كوچىدابىللەياشىدىممۇمەن !؟ ...

ئۇ ماڭا جۈمە نامىزىغابېرىشىمنى ئېيتتى. جۈمە قاچان دەپ سورىسام؟ جۈمە كۈنى سائەت بىردە مەن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، ماقۇلدەپ، جۈمە كۈنى مەسچىتكە باردىم،ئۇ يەردە ئۇنى ساقلىدىم.

ئۇ كەلمىگۈچە ئىچىگەكىرمىدىم، مەسچىتكەكىرىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ تۇردۇم. جامائەتنىڭ كۆپىنچىسى ھېندونېزىيىلىكلەر، پاكىستانلىقلار ۋە ئەرەبلەر ئىدى. جامائەتنىڭھېچقايسىسى ئامېرىكىلىق ئەمەسئىدى. ئامېرىكىلىق قارا تەنلىكلەرمۇ يوق ئىدى.پەقەت بىر قارا تەنلىك كىشى بۇلۇپ ئۇنىڭمۇ ئامېرىكىلىق ئەمەس، ئافرىقىلىقئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان ئىدىم. ئۇمۇئامېرىكىلىق ئەمەسكەن دېدىم ۋە سىرتتا ساقلاپ تۇردۇم.چېركاۋىنىڭ پەشتىقىدا ئولتۇرۇپ ساقلاۋاتاتتىم، مەسچىتنىڭئىمامى دەل ئالدىمدا ماشىنىسىنىتوختاتتى،ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىمام ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ئۇ ماشىنىدىن چۈشۈپ، بىرەرسىنى ساقلاۋاتامسىز؟ دەپ سورىدى، ئۇنىڭغائېيتتىم.

- شۇنداق، سىز ساقلىغان قېرىندىشىمىزنى تونۇيمەن، ئەمما كۆپئۇچرىمايدۇ، لېكىن كىم ئىكەنلىكىنىبىلىمەن،كەلگىنىڭىزگە خۇرسەن بولدۇم - دېدى. ئۇ كىشى خېلى سالاپەتلىك ئادەم ئىدى. مىنى مەسچىتكە تەكلىپ قىلدى، دوستۇمنى ساقلىغۇم باتتى، ئەممائۇنىڭغا ئىچىگە كىرىشنىخالىمايدىغانلىقىنى دېگۈم كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ مېنى باشلاپ كىردى ۋە مېنى ئارقا تەرەپكە باشلاپ بېرىپ بىر ئۇرۇندۇقبەردى. مەن يەردە ئولتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدىم، ئەمما ماڭا ئۇرۇندۇق بەردى. پۈتۈن جامائەت ئالدىمدا ئىدى،بىرەرمۇ ئامېرىكىلىق يوقئىدى، مەن بۇنىڭ ماڭا قۇرۇلغان بىر تۇزاق ئىكەنلىكىنى ئويلاشقا باشلىدىم. يامان خىياللارنى قىلىشقا باشلىدىم،بۇ دوستۇممۇ ئۇلاردىن بىرسى، ئۇلاربىلەنبىرلەشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىلىقلارنى ئالداپ مەسچىتكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىرلىشىپتۇ، جۈمەدىن كېيىنئاللاھ ئۈچۈن تىرىشچانلىقلىرىنى قىلىپ 70 ھۆر-پەرى بىلەن ئۇچراشماقچى دەپ ئويلىدىم. شۇنداق قىلىپ مەن ئارقا تەرەپتە، ئالدىمدابىر مۇنچە جامائەت، ئارقامدابولسا بىر پەردە بۇلۇپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاۋازلار كىلىپ تۇراتتى. پەردىنىڭ ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بار ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھېچنىمەبىلمەيتتىم، دەل ئوتتۇرىدا قالغانئىدىم. پەردىنىڭ ئارقىسىدىن ئاياللارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم، ئەمما پەردە توسۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن نېمەئىشلار بولىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم. بۇ يەردە غەيرى بىر ئىشلار بولىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم . چىقىش ئىشىكىنىئىزدەپ ، ئىشىك بىلەن ئارىلىقىمداقانچە ئادەمنىڭ بارلىقىنى ھېسابلاۋاتاتتىم. مۇشتلىشىپ بىر نەچچىسىنى ياتقۇزىۋەتسەم قۇتۇلۇپ قالىمەن دەپ ئويلىدىم. بىر ئازدىنكېيىن ئىمام كەلدى، ھېلىقىئادەمنىڭ ئىمام ئىكەنلىكىنى شۇ ۋاقىتتا بىلدىم، ئۇ مۇنبەرگە چىقىپ ئەزان ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ ئادەم خېلى ياخشىكىشىدەك قىلاتتى، ئەندىشەم تۈگىگەندەك ھېس قىلدىم. ئەزاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئۇقۇشقا باشلىدى.ئاپلا دېدىم. مەن توغرىلىق سۆزلەۋاتقاندەكقىلاتتى. ئىمام ئاۋازىنى يۇقۇرلاتقان ئىدى، مۇنبەرگە ئۇرۇپ ماڭا ئىشارەت قىلغان ئىدى. ئىش چاتاق، قاچماقچى بولدۇم.تەلىيىمنى ئارقا تەرەپتىن سىناپباقاي، ئاياللار بۆلۈمىدىن قاچاي دېدىم.


ئىمام خۇتبىنى ئەرەبچە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى چۈشەندۈرۈشكەباشلىدى :


-جىمىھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، پەقەتئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە ئۇنىڭدىنلا ياردەم تىلەيمىز.


باياتتىنئەرەبچە سۆزلىگەنلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كېيىن ماڭا ناھايىتى ياقتى. ناھايىتى چىرايلىق شەكىلدە سۆزلىگەن ئىدى، بۇسۆزلەرنى نەدىن تاپقاندۇ دەپئويلىدىم. چۈنكى پەقەت ئاللاھقىلا مۇناسىۋەتلىك ۋە بىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ئىدى.ھەممىڭلار خۇتبىنىڭ بېشىنى بىلىسىلەر، ئاندىنقۇرئان-كەرىمدىن ئۈچ ئايەت ئوقۇدى. «ئەي مۆمىنلەر! ئاللاھتىن قورقۇڭلار. كاپىر پېتى ئۆلمەڭلار!»




ئىمام خېلى ئەقىللىق ئادەمئىدى، ئايەتنىڭ ھەر بىرھەرپىنى بىرمۇ بىر چۈشەندۈردى، خۇددى بۇنى مەن ئۇيەردە بولغانلىقىم ئۈچۈن قىلىۋاتقاندەك ۋە مەن ئۈچۈنلاچۈشەندۈرۋاتقاندەك. ئۇ خۇتبىنىڭقايسىمەزمۇندا بولغانلىقى تېخىچە ئېنىق ئېسىمدە. مەن ئۇ يەردە بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىمۇ، ياكى ئادەتتە خۇتبىنى شۇنداقئوقۇمدۇ؟ بىلمىدىم. خۇددى پۈتۈنلەيمەنئۈچۈنلا ئوقۇغاندەك. خۇتبىنىڭ مەزمۇنى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ھەر قانداق كىشىگە، ھەر قانداق زاماندا، ھەر قانداق يەردە ئۇچۇقئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىدى. كىشى قانداقلا بولمىسۇن، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگەنلا بولسا شۇنداقبولىدۇ. خۇتبىنىڭ مەزمۇنىدا ئۇزۇنبىر ھەدىس بار ئىدى. ئاراڭلاردا بىلىدىغانلار باردۇ، بەك ئۇزۇن ھەدىس ئىدى. قىسقىچە ئىزاھلىغاندا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ ھەدىسى ئىدى.


جىبرىئىلئەلەيھىسسالام كېلىپ مۇسۇلمانلارغا شۇنى ئېيتىشنى بۇيرۇيدۇ.مۇسۇلمانلارقىلىپ سالغان ماۋۇ ماۋۇ گۇناھلارنى ئاللاھتائالا. ئەپۇ قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى مۇسۇلمانلارغائېيتقاندا مۇسۇلمانلار: "ماۋۇ ، ماۋۇ گۇناھلارنى قىلساقمۇ كەچۈرەمدۇ؟" دەپ سورىغاندا، رەسۇلۇللاھجىبرىئىل ئەلەيھىسسالامدىنسورايتتى، ئۇ: "شۇنداق، ئاللاھ بۇ گۇناھلارنى ئەپۇ قىلىدۇ" دەپ جاۋاب بېرەتتى.بۇ سوئالنى سوراش نۇرغۇنگۇناھلار ھەققىدە داۋام قىلدى ۋە ئاخىرىدا جىبرىئىل ئېيتتىكى: " ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ شۇنداق دېدى. نېمە ئىشقىلسا قىلسۇن، گۇناھلىرىدېڭىزدەك بوپ كەتسىمۇ، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىسىلا ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرىۋېتىدۇ. ۋە ئىمام دېدىكى، ئاللاھ ئۇچۇق قويغان تەۋبەئىشىكى ئەزرائىلنىكۆرۈشتىن بۇرۇن ۋە قۇياش غەرپتىن چىققانغا قەدەر ئوچۇقتۇر. ئۇ چاغلارغا قۇياشنىڭ غەرپتىن چىقىشى دىگەن سۆزنىچۈشەنمىگەن ئىدىم. ئەمما دېدىكى گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈلۈشى پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقا ئائىت. بۇ خۇتبىنىڭ ئۇمۇمىيمەزمۇنى كەچۈرۈلۈش ۋە تەۋبە قىلىشھەققىدە ئىدى. مەن ئۆز-ئۆزەمگە دېدىمكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ بارلىق دىنى كىتابلارنى ئوقۇغاندىن كېيىنكىچۈشەنچىلىرىم. ئۇلار بۇنى نەدىنتاپقاندۇ؟دەپ قىزىقىشقا باشلىدىم. ئىمام (ماڭا تونۇش) ئىسىملارنى تىلغا ئېلىشقا باشلىدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دېدى.مۇسادېدى ۋە ئىسىملارنى ئېنگىلىزچىگەتەرجىمەقىلدى. بۇلار ئۇنى نەدىن بىلىدۇ؟ بۇلار ئىنجىلدا تىلغا ئېلىنغان ئىسىملار تۇرسا دەپ ئويلىغانسىرى تېخىمۇ ھەيران بولدۇم.شۇنداق قىلىپ خۇتبە ئاخىرلاشتى،ئۇلارناماز ئۈچۈن سەپكە تىزىلىشقا باشلىدى.قورقتۇم، چۈنكى ھەممە ئاەم ئورنىدىن تۇرىۋاتاتتى. ۋە چىقىش ئىشىكىنى ئېتىپقويىۋاتاتتى. مەن نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئەجەپلىنىپ تۇرغىنىمدا ئارقا سەپتىكى بىرەيلەن ماڭا قاراپ:"ھازىر ناماز ئوقۇيمىز" دېدى. كىمگە نامازئوقۇيسىلەر؟ دىۋىدىم، خۇدايىمغا دەپ جاۋاپ بەردى، قايسى خۇداغا؟ دەپ سورىدىم. ئاسمان-زېمىننى ياراتقان خۇداغادېدى. ئىنجىلدىكى ياراتقۇچى بىلەنئوخشاشئاسمان-زېمىننىڭ ياراتقۇچىسى پەقەت بىر خۇدا دېدى.




- شۇنداق! -دېدىم مەن، - ئۇنى تونۇيمەن-. ئىمام نامازغا تۇردى ۋە كېيىن ئايەتنى قىرائەتقىلىشقا باشلىغاندا، گەرچەمەزمۇنىنى بىلمىسەممۇ ئەمما تەسىرلىك ھېس قىلدىم. مۇسۇلمانلارنىڭ رۇكۇدا ۋە سەجدىدە تۇرغان ھالىتىنى كۆرگىنىمدەئوقۇغان پۈتۈن دىنى كىتابلىرىمنىڭپارچىلىرىكاللامدا ئەكس ئېتىشكە باشلىدى .ئاللاھ ياراتقان ئادەملەرنىڭ ناماز ئوقۇشى پەقەت مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى.تۇنجى بولۇپ كاللامغا كەلگىنى ئىبادەت دېگەن مۇشۇنداق بولىدۇ دېگەن ئوي، دېدىم ئۆز-ئۆزەمگە. بۇ دۇئائەمەس ئىدى، چۈنكى دۇئا خۇدادىن بىرنەرسىلەر تىلەش ئىدى.


بۇئىنسانلار ئاللاھقا ئىبادەت قىلىۋاتاتتى.ئۆز-ئۆزەمگە بۇ دىننى (دىنلار تىزىملىكىدىن) بەكلا تىز ئۆچۈرۈپ تاشلاپسەن دېدىم. ئۆزەمنى يېڭى پىكىرلەرنى تېزقۇبۇل قىلىپ كېتىدىغان بىرى دەپسانايتتىمۋە ئۆزەمدىن خىجىل بولدۇم. ئوقۇغان بىر پارچە كىتاب بىلەنلا بۇ دىننى (تىزىملىكتىن)ئۈچۈرۈپ تاشلىغانلىقىم ئۈچۈن نۇمۇس قىلدىم. ئوندەك دىننى خېلى چوڭقۇر تەتقىق قىلغىنىمغا قارىماي، بۇ دىننى بىر كىتاببىلەنلا ئۆچۈرۈپ تاشلاپتىمەن. جۈمەنامىزىدىنكېيىن ئىمامنىڭ يېنىغا باردىم ۋە پاراڭلاشتۇق. ئۇنىڭغا قۇپال گەپ قىلغاندەك قىلاتتىم. بىر نەچچە يىلدىن كېيىنئۇنى قايتا كۆرگىنىمدە ئەپۇ سورىدىم . ئىمام ماڭا جىق نەرسىلەرنىچۈشەندۈرمەكچى بولاتتى، ئەمما مىسىرلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئېنگلىزچە تەلەپپۇزى ياخشى ئەمەستى. " ئىسلام ھەققىدە يەنەئازراق ئۆگىنىشنى خالامسىز؟ "دەپ ماڭا كىچىك كىتابچىلارنى بەرمەكچى بولدى.



- ياق ، ياق -دېدىم، - كىچىك كىتابچە لازىم ئەمەس. مۇقەددەس كىتابىڭلار بارمۇ؟-دەپ سورىدىم. پەقەتلا بىلمەكچى بولغىنىم: -مۇقەددەسكىتابىڭلار بارمۇ؟ ماڭاكىتابىڭىزنىبېرىڭ .

-ماقۇل، كىتابىمىز بار، ئۇنىڭئىسمى قۇرئان -، دېدى.

-ئېنگىلىزچىمۇ؟ ئوقۇپ باقسامبولامدۇ؟ - دەپ سورىدىم.

-ئەلۋەتتە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ! -دېدى ۋە قۇرئاننىچۈشەندۈرمەكچى بولدى.


-چۈشەندۈرۈشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، كىتاب ئۆزىنى ئۆزى چۈشەندۈرەلىشىكېرەك - دېدىم.


شۇنداققىلىپ قۇرئاننى كۆتۈرۈپئۆيگە كەلدىم ۋە جۈمە كېچىسى ئوقۇشقا باشلىدىم.چۈنكى بۇ بۇرۇن مەن كۆرۈپ باقمىغان بىر كىتاب ئىدى. بەكقىزىقىۋاتاتتىم، قۇرئاننى ئاچتىم. ۋە فاتىھەنى ئوقۇدۇم-دە، ئىنجىلدا ئىلگىرى ئوقىغان بىر دۇئاغا بەكئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەمماكېيىن بەقەرە ۋە ئال-ئىمران سۈرىسىنى ئوقۇغانسىرى بۇرۇن كۆرگەن ئىسىملارنى كۆرۈشكە باشلىدىم، ئىبراھىم، مۇسا،داۋۇد، ئىيسا، يەھيا، زەكەرىيا،مەريەم... » بۇئىسىملارنىڭ ھەممىسىنى مەن بىلىمەن "ئەممابۇ كىتابتا بۇ ئىنسانلارھەققىدە پەرىقلىق نەرسىلەر بار ئىدى. ئىنجىلدا ئۇچراتقان پەيغەمبەرلەر ياخشى ئەخلاققا ئىگە بولغان ئىنسانلاردىن ئەمەسئىدى. قۇرئاندا بولسا ئۇ كىشىلەرئەڭئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئىدى. ئۇلار ئۆرنەك بولىدىغان، يولىدىن ئەگىشىپ مېڭىشقا تېگىشلىك ئىنسانلار ئىدى، چۈنكى. ئۆزى تەلىمبەرگەنلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىئورۇنلايتتى.ئۇلارئۆرنەك بولىدىغان ۋە دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلىنىدىغان ئىنسانلار ئىدى. بارلىق سۈرىلەرنى ئوقۇدۇم.



ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇدۇم. ئىيسانىڭ ئىسمى دېققىتىمنى بەك تارتتى، بۇ كىتابتا ئىيسائەلەيھىسسالام توغرىسىدا نېمە دېگەنلىكىنىبىلگۈم بار ئىدى. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئال-ئىمران ۋە مەريەم سۈرىسىدە ئوقۇدۇم. بۇرۇن ئىنجىلدا ئوقۇغىنىمدىنمۇ ياخشىئىدى. ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭتۇغۇلۇشىھەققىدە ئىلگىرى ئاڭلىغان بارلىق ھېكايىلەردىن يېقىملىق ئىدى. ئون ھەسسە يېقىملىق ئىدى. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان مۆجىزەدېققىتىمنى تارتتى، چۈنكى ئىنجىلدامەريەمنىڭتوي قىلمىغان ھالدا قانداقسىگە قۇچىقىدا بالا كۆتۈرۈپ كەلگىنىنى ۋە ئۆزىنى قانداق قىلىپ پاكقا چىقارغىنىنى ھېچچۈشىنەلمەيسىز. ئىنجىلدا ئۇنى پاكقاچىقارغانۋە ئاقلىغان ھېچ نەرسە يوق. ئەمما قۇرئان بۇ تېمىدا شۇنچىلىك ئۇچۇق ۋە ئايدىڭ ئىدىكى، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇنجىمۆجىزىسى بوۋاق ھالىتىدە گەپقىلىشىئىدى. ۋە ئانىسىنىڭ نام-شەرىپىنى قوغدىشى ئىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئىنكار قىلغۇسىز بىر ئىش ئىدى. مەريەمنىڭ نامىدا بىربوۋاق سۆزلەۋاتسا، مەريەمگە ھەرگىزقاراچاپلىيالمايتتىڭىز. شۇنداق قىلىپ قۇرئاننىڭ قالغان قىسمىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئەمما ئۇنى ئوقۇغان تۇنجى كېچەئال-ئىمران سۈرىسىنى تۈگەتكىنىمدەقەلبىمنىبۇ كىتابقا بېرىپ بولغان ئىدىم. مۇسۇلمان بولۇشنىڭ نېمە دېگەنلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، قانداق مۇسۇلمانبولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ھەتتامۇسۇلماننىڭنېمە مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم، ئەمما شۇنى بىلەتتىمكى، بۇ كىتابقا كىم ئەمەل قىلسا. مەنمۇ ئۇلاردەك بولۇشنىخالايتتىم. بۇ كىتابتا ئۇچراتقانكىشىلەردەكبولۇشنى خالايتتىم. بۇلار ئەگىشىشكە تېگىشلىك كىشىلەر ئىدى، پەيغەمبەرلەر ئىدى. قۇرئان يېتەكچىلىك قىلىدىغان، يول باشلايدىغانبىر كىتاب ئىدى. بۇ كىتاب مېنى چاقىرغان ۋەمېنى قىزىقتۇرغان بىر كىتاب ئىدى. چۈنكى باشقا ھېچ بىر كىتابتا بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرمىگەن ئىدىم. قۇرئان بىۋاستە دوئىلغاچاقىرىۋاتاتتى، دەيتتىكى:


«ئەگەر بۇ كىتابنىڭتوغرىلىقىغا ئىشەنمىسىڭلار، ئۇنى سىناپ بېقىڭلار، سىناق قىلىڭلار!»


بۇمەن ئۈچۈن غەيرەت ئاتا قىلاتتى، ئاللاھ تەكرار تەكرار دەيتتىكى :



«ئەگەر بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسىڭلارسىناپ بېقىڭلار، بۇنىڭغائوخشاش بىرىنى كەلتۈرۈڭلار. ئۇنى سىناق قىلىڭلار، سىناڭلار، ئەگەر ئىنسان تەرىپىدىن يېزىلغان بولسا، بىر ئوخشىشى بولسا»

دېمەكچى بولغىنىم، تەڭرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن قىياسلارنىڭ لوگىكىلىقئاساسى بار ئىدى. خۇددى 4=2+2كە ئوخشاششۇنچىلىك ئېنىق ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىدى. دەرۋەقە1+1+1=3 غا ئوخشاش ئىش يوق، توخۇمنىڭ ئېقى، سېرىقى دېگەندەك بۇنداقئەخمەقلەرچە سەپسەتىلەرنىڭ ھېچبىرى يوق ئىدى.قۇرئاننىڭ تەلىملىرى تۈز ۋە ناھايىتى چۈشىنىشلىك ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ كۈنى زال ئۆيۈمدە قۇرئاننى ئوقۇپكۆڭلۈمنى ئىسلامغا بەردىم. ۋە يىغلىدىم، يىغلىدىم. چۈنكى بۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتاتتىم.شۇنچە يەردىن ئىزدىدىم، ئەممامەن ئىزدىگەن ھەقىقەت شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئۈيۈمنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچىدا ئىكەن. دۈشەنبە كۈنى ئىسلامغا كىرىش ۋەئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارغا بۇنچەۋاقىتتىنبىرى نەدە يۈرگەنلىكلىرىنى سوراش ئۈچۈن مەسچىتكە باردىم. ئەمما مەن بارغان چاغدا مەسچىت تاقاقلىق ئىدى. چۈنكى ئۇ يەردىكىمۇسۇلمانلار مەسچىتكە پەقەت جۈمەكۈنلىرىۋە خۇپتەن نامازلىرىدا كېلەتتى. ئۇ چاغدا ئەھۋالنىڭ بۇنداقلىقىنى ئەلۋەتتە بىلمەيتتىم ۋە مەسچىتكە قايتا-قايتا بارغىنىمداھەمىشە تاقاقلىق ئىدى. جۈمە كۈنىبېرىشئۈچۈن نىيەت قىلدىم. شۇنداق قىلىپ جۈمە كۈنى مەسچىتكە كەلدىم-دە، كەلىمە-شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدۇم. بۇ ئىش1998-يىلى 12-ئايدا بولدى.

ماڭا ھېكايەمنىڭ قىزىقارلىقئىكەنلىكى دېيىلسىمۇ مېنىڭ دۇنيانى ۋە ھەر قايسى ئەللەرنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بۇ ھېكايىنى سۆزلىشىمدىكى مەقسەت پەقەتلائويۇن-تاماشا ئۈچۈن ئەمەس.ئەگەر مەقسىتىم كۆڭۈل خوشلىقى بولسا ئىدى، ھېكايەمنى بىۋاستە يۇتۇب تورىدىن كۆرسىڭىز بولاتتى. مېنىڭ كېلىپسۆزلىشىمنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. ئنشائاللاھ، ماڭا يەنە 10 مىنۇت ۋاقىت بەرسەڭلار، نېمىشقا دۇنيانى ئايلىنىپيۈرۈپ مۇسۇلمان بولۇش ھېكايەمنىسۆزلەپ يۈرۈشۈمنىڭ سەۋەبىنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىمەن.

مەن ھېكايەمنى ئىنسانلارغا، ماڭا ئوخشاش مىليونلىغان مىليونلىغانئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانئىكەنلىكىنى پەرق ئىتىۋېلىشى ئۈچۈن سۆزلەۋاتىمەن. خۇددى 1998-يىلىدىكى ماڭا ئوخشاش. ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقان ۋە بىر چىقىشيولى تاپالمىغان مىليونلارچە ئىنسانبار.پەقەت كالىفورنىيەدىلا مىليونلىغان ئادەملەر بار، يەنە لوس ئانجىلىستا بولسا يۈزلەرچە، مىڭلارچە ھەقىقەتنى بىلىشنى ئارزۇقىلغان ۋە ئۆزلىرىگە توختىماي ئوخشاش شەكىلدىكى بىلجىرلاشلاردىن، ئەتراپىنىڭ ئىزچىل شەيتانى نەرسىلەرتەرىپىدىن قورشالغانلىقىدىنزېرىككەن، دۇنيانىڭ بۇ ھالەتتە بولۇشىدىن زىرىككەن، ھاياتىنىڭ بەزىدە ئۇ شەكىلدە بولۇشىدىن زىرىككەنئىنسانلار بار. مۇسۇلمان بولغان بىزلەردە ئۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاپ بار.

سىزچە بىز بۇ جاۋاپلارنىقەيەردە ساقلايمىز؟ بۇيەردە، مەسچىتنىڭ ئىچىدە ساقلايمىز . بۇ جاۋابلارنىڭ ھەممىسى بىزدە بار، دۇنيادىكى بارلىق سوئاللارنىڭ جاۋابىبىزدە. دۇنيادىكى ئاچارچىلىققا بىرچارە-تەدبىرئىزدەۋاتامسىز؟. ئىسلامدا ئۇنىڭ چارىسى بار. ئۇرۇشقا، يوقسۇللۇققا چارە ئىزدەۋاتامسىز؟. ئىسلامدا ئۇنىڭ جاۋابى بار. بۇدۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىياخشىلاشئۈچۈن چارە ئىزدەۋاتامسىز؟ ئىسلام بۇنى كەلگۈسىدە ھەل قىلىۋىتەلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە "ۋاشىنگىتونپوچتىسى" گېزىتىدە مۇھىم خەۋەر بار. بۇ دۆلەتتىكى يىقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى بازارنىڭ مەبلەغ ۋە يەر-زىمىن بازىرىئىكەنلىكى يېزىلغان. بۇئىككى بازارنىڭ بىرى ئىزچىل ئۆرلسە، يەنە بىرى راستىنلا تېز بىر شەكىلدە چۈشۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۆرلىگىنى تېزلا ئۆرلەپكەتمەيدۇ، ئىنسانلارمۇ ئارزۇقىلغىنىدەكبىر كېچىدە باي بولالمايدۇ. ئەمما ئىزچىل ئۆرلىيەلەيدۇ ۋە ئۆرلىگەن بۇ بازار ئىسلامى بانكىچىلىق ۋە ئىسلامى ئۆي-زېمىنبازىرىدۇر. بۇ ئىككىسى شۇنداق مۇقىمۋەكۈچلۈككى، پايتەخت ۋاشىنگىتون د س دىكى ئىقتىسادچىلار ھازىر ئۆزىنىڭ سىستېمىسنى توراقلىق قىلىش ئۈچۈن، ئىسلامىي پرىنسىپلارغابوي سۇنۇپ ، بۇ خىل مەبلەغ شەكلىدىنۋەئۆي-زىمىن شىركەتلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزىنىڭ سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تېپىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇلارھېس قىلىپ يەتتىكى ، ئىسلامىيسىستېمىدابىر كېچىدە باي بولالمايسەن، ئەمما مۇقىم، تۇراقلىق بولىدۇ ۋە تۇراقلىقلىقىنى ساقلايدۇ. مەسىلىلەرنىڭ تەدبىرىئىسلامدا ئىكەنلىكىنى ئۇلار بايقاشقا باشلىدى.ئەمما بىز بۇلارنى بىلىمىز، بىز دۇنيادىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ئىسلام ئارقىلىق ھەل قىلالايدىغانلىقىمىزنىبىلىمىز. ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بىز بۇلارنى ئىنسانلاردىن يۇشۇرىۋاتىمىز. بىلىپ بىلمەي ياكى قەستەنبۇنى ئىنسانلاردىن يۇشۇرىۋاتىمىز.

قۇرئاندا (بەقەرە،159-160-ئايەتتە) يەھۇدىلارنىڭ دىننى يۇشۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى بايانقىلىنغان. بۇ ئاگاھلاندۇرۇشبىزگىمۇ قارىتىلغان. «بۇ كىتابتا (يەنى تەۋراتتا) كىشىلەرگە توغرا يولنى ئېنىق بايان قىلغىنىمىزدىن كېيىن، بىزنازىل قىلغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭراست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن دەلىللەرنى ۋە توغرا يولنى يوشۇرىدىغانلارغا اﷲ لەنەت قىلىدۇ(يەنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ)؛لەنەتقىلغۇچىلار (يەنى پەرىشتىلەر ۋە مۆمىنلەر) مۇ ئۇلارغا لەنەت قىلىدۇ.(159)پەقەت تەۋبە قىلغانلار، (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەر،يەھۇدىيلارنىڭ تەۋرات ئەھكاملىرىدىنيوشۇرغانلىرىنى) بايان قىلغانلارلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، مەن تەۋبىنى بەكمۇقوبۇل قىلغۇچىدۇرمەن. ناھايىتىمېھرىباندۇرمەن».

دەل يەھۇدىلارنىڭقىلغىنىدەكلا بىزمۇ دىننىڭ ھەقىقىتىنىيۇشۇرۇپ گۇناھكار بولىۋاتىمىز. ئۇلار پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەندە ھەقىقەتنى بىلگەن ، ئەممايۇشۇرماقچى بولغان ئىدى. بىز ئىسلامھەققىدەھەقىقەتنى بىلىمىز. ۋە يۇشۇرىۋاتىمىز. بىز ئاللاھتىن داۋاملىق قەدىر-قىممەت، شان-شەرەپ ۋە ياردەم تىلەپ دۇئاقىلىۋاتىمىز. ئەمما ئاللاھ بۇلارنىبۇدىن ئارقىلىق بىزگە ئاللىبۇرۇنلا بەرگەن. بىر مۇسۇلماننىڭ ئارزۇ قىلىشى مۇمكىن بولغان ھەممە نەرسە ئىسلام دىنى ئارقىلىق تولۇقبېرىلگەن ئىدى. ئاللاھتىن تەلەپقىلىشىڭىزمۇمكىن بولغان ھەر نەرسە ئۈچۈن، سىزنىڭ بېرىپ ئېلىۋېلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرغان، سىزگە ئاتاپ ئېچىلغان بىر ھېسابات بار،سىزگە پەقەت ئۇنى تېپىشلا قالغان. شۇنىئۇنۇتمايمەنكى، بۇنىڭغا خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ، لېكىن بۇ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئۈچۈندۇر. بارلىق سوئاللىرىڭىزنىڭ جاۋابىنىبىلمەكچى بولسىڭىز، قورئاندىكى 61-سۈرە "سەپ"نىئوقۇڭ. 13-10ئايەتلەردە مەسىلىلەرنى ئاسان ھەل قىلىدىغان بىر لايىھە بار، ۋاقتىم بولسا سىلەرگە ئوقۇپ بېرەتتىم.


بىزدە دۇنيادىكى بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ شىپاسى بار.بىز بۇنىئىنسانلارغا بەرمىدۇق، بۇنى مۇنداق بىر مىسال بىلەن چۈشەندۈرەي. چۈنكى بۇنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى ئارزۇ قىلىمەن.


سېنىڭئىسمىڭ نېمە قېرىندىشىم؟- " ئابدۇللاھ " . ماشائاللاھ.


مەسىلەن:ئابدۇللا ئىككىمىز بەك يېقىن دوست ۋە دىنقېرىنداش دەپ تۇرايلى. نەچچە يىلدىن بۇيان بىر ياتاقتا يېتىۋاتىمىز. قېرىندىشىم ئابدۇللاھ بىر ئىنساننىڭ گىرىپتار بولۇشىمۇمكىن بولغان ئەڭ جانئاغرىتقۇچى كېسەللەردىن بىرىگە گىرىپتار بوپتۇدەك. بۇ كېسەللىك ئۇنى تېزدىن ئۆلتۈرىدىغان بىر كېسەللىك ئەمەس.



لېكىن بۇ ئاغرىق ئابدۇللاھنىڭجېنىنى قاتتىق ئاغرىتىۋاتىدۇ، ئۇتاماق يېيەلمەس، ئۇخلىيالماس بولدى. ناھايىتى پەرىشان. مەن كېچە ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۇنىڭ ئاغرىق دەستىدىنۋايجانلاپ يەردە تولغىشىپ دومىلاپياتقانلىقىنىكۆرىۋاتىمەن. ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولىمەن. بىر كۈنى، بۇ كېسەللىكنىڭ داۋاسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم دەيلى.بىرى ماڭا: - « ئەگەر بۇ دورىنىئابدۇللاھغاياكى ئۇنىڭغا ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىرەيلەنگە بەرسەڭ كېسىلى دەرھال تەلتۈكۈس ساقىيىدۇ ۋە ئىككىنجى ئاغرىقئازابى تارتمايدۇ! » – دېسە، مەن بۇدورىنىئېلىپ يانچۇقۇمغا سالدىم دەيلى. لېكىن ئابدۇللاھغا بەرمىدىم. نېمىشقا ئابدۇللاھقا بەرمەيمەن؟.بىرىنچى سەۋەبى،ناھايىتى ئالدىراش بولغانلىقىم. ئىككى يەردە خىزمەت قىلىۋاتىمەن، مەكتەپكە بېرىۋاتىمەن، ناھايىتىئالدىراش مەن. ئابدۇللاھقا دورىنى بەرگۈدەكۋاقتىم يوق، ئەگەر دورا لازىم بولسا ئۆزى تاپسۇن، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئاجراتقۇدەك ۋاقتىم يوق، ئالدىراشمەن.


ئىككىنجى سەۋەپ، مەن دوختۇر ئەمەس. ئابدۇللاھقا رېتسىپ يازالمايمەن ۋەدورىلار ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيمەن. ئەگەر ياردەمگەئېھتىياجى بولسا دوختۇرغا بېرىشى كېرەك، مەن دوختۇر ئەمەس. ئۈچىنجى سەۋەپ بولسا ئابدۇللاھ جاھىل بىرى، گەپ ئاڭلاپكەتمەيدۇ. مەن بۇ دورىنى بەرسەمبەرىبىرئالماي قويىدۇ، نېمىگە ئۆزەمنى ئۇپراتقۇدەكمەن؟. بۇ باھانىلەر سىزگە تونۇشتەك تۇرامدۇ؟.


ئابدۇللاغابۇ دورىنى بەرمىدىم ۋە ئۇ جان تالىشىۋاتىدۇ دەيلى، خىيالىڭىزدىكى ئەڭ ئېغىر كېسەل ئازابى بىلەن ئۆلدى دەيلۇق.مەن سىزدىن بىر سوئال سورىماقچى.مەن سىزدىن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر سوئال سورىماقچى. قىيامەتتە ھېساپ كۈنى ئاللاھنىڭ مەندىن ۋە ئابدۇللاھدىنبۇ ئىشلارنى سورايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟. چۈنكى مەن ئۇنىڭغا زۇلۇم سالدىم، ئۇنىڭ كېسەلئازابىدا قىينىلىشىغا قاراپ تۇردۇم.ئۇنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتەلەيدىغان دورا قولۇمدا تۇرسىمۇ، بىلىپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلدىم. شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى،ئاللاھ بىزدىن چوقۇم ھېساپ سورايدۇ. ئەمما ئىسلامنىڭ گۈزەللىكى شۇكى، ئەگەر ئابدۇللا ياخشى بىر مۇسۇلمانبولسا ۋە بۇ كېسەللىككە سەۋرىقىلغان بولسا شېھىت بولغان بولىدۇ. ئىنشائاللاھ.



ئىسلام شۇنچىلىك گۈزەلكى، ئابدۇللاھ ھېساپ كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا : - «مەن ئۇنى كەچۈردۈم،ئاللاھىم،سەنمۇ ئۇنى كەچۈرگىن » - دىيەلەيدۇ. بۇ دەل دىنىمىزنىڭ گۈزەللىكلىرىدىن بىرىدۇر. ۋە مۇشۇ شەكىلدە ئاللاھ مېنى كەچۈرىدۇ. ئەمما مەن سىلەرگەئېيتىۋاتقان بۇ كېسەللىك مۇسۇلمان بولمىغان ھەر كىشىنىڭ ھەر كۈنى يۈدۈپ يۈرگەن كېسەللىكىدۇر. ئۇلار ھەتتا بۇنىڭدىنخەۋەردار ئەمەس. بۇ كېسەللىكنىڭجىسمانىيبەدەندە ئېنىق ئالامىتى يوق.

مەن ئېيتىۋاتقان كېسەللىكشېرىك كېسەللىكىدۇر،ئاللاھ ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەسلىكتۇر. ئاللاھ ئۇلارغا ھاياتلىق بەردى، ئۇلار بولسا باشقىسىغا چوقىنىۋاتىدۇ.ئاللاھ ئۇلارغا رىزىق بېرىۋاتىدۇ،ئەممائۇلار باشقا بىرىگە شۈكۈر ئېيتىۋاتىدۇ.ئاللاھ ئۇلارنى ياراتتى، ئانىسىنىڭ قۇرسىقىدا ئۇلارنى شەكىلگە كىرگۈزدى، ئاللاھئۇلارنى ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن بەكرەك ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئۇلار ئاللاھنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلانمايدۇ،ئاللاھنىڭ كىملىكىنىمۇبىلمەيدۇ. ئەگەر بىرسىنى بۇ ھالدا كۆرۈش سىزنىڭ يۈرىكىڭىزنى مۇجىمىسا ، مۇقەررەركى، يۈرەكلەر تاشتەك قېتىپ كېتىپتۇ،چۈنكى مەن مۇسۇلمان بولمىغانلارنىكۆرگىنىمدە،بولۇپمۇ ئادەم كۆپ يەرلەردە، باياتتىن تىلغا ئالغان بۇ كېسەللىكنى ئۇلاردا كۆرىمەن. ئۇ خىل بىمارلار شۇنچىلىككۆپكى، ھەممىسى بىلەن پاراڭلىشالىشىم مۇمكىن ئەمەس. قولۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. بۇ خىل كېسەللىك ئۇلارنىھاياتلىقىدا ئاللاھتىنخەۋەرسىز قويۇپلا قالماي، ئۆلگەندىمۇ قىينىلىپ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ، پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇنداق دېگەن: «ئۆلۈم پەرىشتىسى ھەققەئىشەنمىگەنلەرنىڭ ئالدىغا ھەرگىز سىلىق-سىپايە بىر ھالەتتە كەلمەيدۇ. روھ خۇددى گۆش سۆڭەكتىن شىلىۋېلىنغاندەك قاتتىقلىق بىلەنبەدەندىن يۇلۇۋېلىنىدۇ.» خۇددىئىنساننى دۇم ياتقۇزۇپ، قەغەز ياساش ماشىنىسىدا سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزگەندەك. مانا بۇ ئاللاھنى تونىمىغانلارنى كۈتىۋاتقان ئۆلۈم.


ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەر بۇيەردە مېنىڭ سۆزلىرىمنىئاڭلاۋاتقاندا مىڭلارچە كىشى ئۆلدى. مەن بۇ يەردە سىلەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا مىڭلارچە كىشى ئاللاھنىتونۇماستىن ئۆلدى. بۇ شەھەردە ئىنسانلار ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئەمما ئۇلار ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلىپبېرەلمەيمىز.ئۇلار ئاللىبۇرۇنكېتىپبولدى، ئەمما تولىمۇ كېچىكتى. ئۇلارنى خالىساقمۇ قۇتقۇزالمايمىز . بۇ تولىمۇ ئازاپلىق ھەم ئېچىنارلىق بىر ئىش. ئەمما بىزقۇتۇلدۇرۇۋالالايدىغان يەنە نۇرغۇنكىشىتۇرۇپتۇ. بىز بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى پەقەت ئىماننىڭ نۇرىنى دۇنياغا يېيىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز. ئىنجىلدا بىرسۆز بار، سۆزۈمنى ئاشۇ سۆز بىلەنخۇلاسىلىگۈمكەلدى، ئىيسا ئەلەيھىسسالام بۇنى سۆزلىگەن ياكى سۆزلىمىگەن بولۇشى مۇمكىن، ئانچە مۇھىممۇ ئەمەس. ئەڭ چوڭقۇرمەنىلىك سۆزلەردىن بىرى بولغان بۇ سۆز مېنىڭ ئىسلامىي دەۋەت خىزمىتىمنىڭ جېنى بولغان ئىدى.


بۇنىڭداشۇنداق دېيىلىدۇ: ھېچكىمئۆيىگە شام يېقىپ ئۈستىنى كوزا بىلەن يېپىپ قويمايدۇ. چۈنكى ئۇنداق قىلسا ھېچكىم يورۇقلۇقتىن پايدىلىنالمايدۇ. ئەگەر بىرسىئۆيىگە شام ياقسا، ھەممەيلەننىڭپايدىلىنالىشى ئۈچۈن ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويىدۇ.




بىراق تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ ئەۋلاد مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىئاشۇ كوزا بىلەن يېپىپ قويۇلغان شامغا ئوخشايدۇ، ھېچكىم نۇرىمىزنى كۆرەلمەيدۇ. ھېچكىم ئىسلامنىڭگۈزەللىكىنى كۆرەلمەيدۇ، ئەگەر سىز بۇنىڭغائىشەنمىسىڭىز بىر زامانلاردا سىرتتىكى قاراڭغۇلۇقتا دېرىزىدىن ، ئىچىدىكى ئاشۇ نۇرغا قارىغان بىرسى بولۇشسۈپىتىم بىلەن سىزگە شۇنى دېمەكچىمەن. ئىشىنىڭكى، بۇكۆرگىنىڭىز (ئىسلام) ئەڭ گۈزەل نەرسىدۇر، تېپىلىدىغان ئەڭ قىممەتلىك خەزىنىدۇر. ھەم ئەگەر بىز ئۇنى باشقىلارغاكۆرسەتسەك ھەممە ئۇنى كۆرەلەيدۇ. ئەگەر ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىساق، ئەگەر ئىسلامنىڭ ئىسلامبولىشىغا كۈچ چىقارساق. دۇنياغا ئىسلامنىتونۇشتۇرىشىمىز تولىمۇ ئاددى بىر ئىشتۇر، مۇرەككەپ ئەمەس. بۇ ئىشلارنى قىلىش كۈنلىرىڭىزنى 10 سائەتلىك يىغىندا ئۆتكۈزۈشكە ئوخشىمايدۇ.


ئىسلامنىتونۇشتۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا يولى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقى مۇسۇلمان بولۇشىدۇر، مانا مۇشۇنچىلىكلا.



تارىخىمىزنى ئۆگىنىڭ، ئىسلامتارىخىنى، دۇنيانىڭ ئىسلامبىلەن قانداق فەتھى قىلىنغانلىقىنى ئۆگىنىڭ. بۇ، جەڭچىلەر قىلغان ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقىمۇسۇلمان بولۇشىدىن بولدى. نۇپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان ھېندونېزىيەنىڭ مۇسۇلمان دۆلىتى بولۇشى مۇسۇلمانلارنىڭھەقىقى مۇسۇلمان بولۇشى نەتىجىسىدەبولدى. بىر نەچچە مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە كېتىپ، ھاياتىنى مۇسۇلماندەك ياشىشى نەتىجىسىدە بولدى. ئۇلار ئۇ يەردىكىكىشىلەرگە ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈندىندا بەزى ئىشلارنى تاشلاپ قويمىدى، مۇسۇلمانلىققا پۈتۈنلەي ئەمەل قىلدى. ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەر: -« سىلەرئەرەبلەر قارا قورساق، ياۋايى ئىدىڭلارغۇ؟ قۇملۇقتىن تۈنۈگۈن چىقىپلا بۈگۈن قانداقلارچە بۇنداق گۈزەل ئەخلاقبىلەن كەلدىڭلار؟»- دەپسوراشتى. - « ئەخلاقىڭلار ۋە ئەھۋالىڭلار بىزدىن ياخشى، سىلەرگە نېمە بولدى؟» - دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ جاۋابى شۇبولدى: - « لا ئىلاھە ئىللاللاھ،مۇھەممەدۇنرەسۇلۇللاھ » . - « بىز ئاللاھقا ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھ بىزگە ھاياتى ئۆرنەك بولسۇن دەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىئەۋەتتى. مانا مۇشۇ سەۋەبلەر بىلەن بىز ھازىرقىدەك بولدۇق » - دېدى.


دۇنيانى، ئىنسانلارنىڭقەلىبلىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلغاننەرسە بۇ ئىدى. كۆڭۈللەرنى بويسۇندۇرغىنى ئىسلامدىكى ھەقىقەت، گۈزەللىك ۋە چاقىرىقنىڭ پاكلىقى ئىدى. مېنىئىسلامغا كىرگۈزگەنمۇ مۇشۇ ئىدى ھەمدۇنيانىڭئېھتىياجىمۇ، دۇنيادا داۋاملىشىۋاتقان بارلىق ئەخمەقلىقلەرنىڭمۇ شۇ. دۇنيانىڭ ئېھتىياجى مۇشۇدۇر، خالىسىمۇ، خالىمىسىمۇ دۇنيانىڭئىسلامنىڭ پاكلىقىغا ئېھتىياجى باردۇر.ئۇلارغا ھەقىقەتنى كۆرسەتكەنچە يۈز ئۆرۈيدۇ، بىراق قەلىبلىرىدە بۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. سىز ھەم ھېساببېرىلىدىغان كۈندە ئاللاھنىڭھۇزۇرىداتۇرۇپ - « مەن ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم » - دېيەلەيسىز. ئەگەر بۇنىڭ مۇھىملىقىغا ۋە بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىڭىزبىلەن بۇنىڭ سىز قىلالايدىغان ئەڭمۇھىمئىشلاردىن بىرى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىسىڭىز، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋىدالىشىش خۇتبىسىدىكىئاخىرقى سۆزلىرىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ۋىدالىشىش خۇتبىسى ئىسلامنىڭ ئاساسى پىرىنسىپلىرىنىڭيىغىنچاقلىمىسىدۇر.


ۋە پەيغەمبىرىمىز بۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا جامائەتھالىتىدە سۆزلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقىسۆزلىرىبولىدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا بۇ خۇتبىنى قانداق ئاخىرلاشتۇردى؟ ، - « بۇ يەردە بولغانلار بۇ يەردە بولمىغانلارغايەتكۈزسۇن! » - دېدى. چاقىرىقىمنى كېيىن ئاڭلىغان بىرسى بۇ يەردە بولغانلاردىن ياخشىراق چۈشىنىشى مۇمكىندېدى. ئۇ يەردە بار بولغانمۇسۇلمانلارنىڭ يەتكۈزىشىنى ۋە كېيىنكى مۇسۇلمانلارنىڭ يەتكۈزىشىنى ھەم كېيىنكىلەرنىڭ يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرىشىنىئەمىر قىلدى. تاكى بۇ سۆزلەرنىئاڭلىمىغانبىرمۇ كىشى قالمىغۇچە. بۇ ئۇنىڭ بىزگە قىلغان بۇيرۇقىدۇر. بۇ بارلىق ئۈممىتىگە قىلغان بۇيرۇقى ئىدى، كېيىن نېمەبولدى؟



پەيغەمبىرىمىز بارمىقىنى ئاسمانغا قارىتىپ تۇرۇپ: -« ئەي ئاللاھىم، شاھىتبولغىن! »- دېدى. ۋە بۇنى دېگەندىن كېيىننېمە بولدى؟ ئاللاھ ئايەت چۈشۈردى. – «بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم،ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاربولۇشقاتاللىدىم » . (مائىدە، 3-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى.)

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇنبىزگە قىلغان ئاخىرقى سۆزى بۇ(ئىسلام) چاقىرىقىنىيەتكۈزىشىمىزنىڭ لازىملىقى ئىدى، بىزگە بۇ ۋەزىپىنى بەردى.پەقەتپەيغەمبەرلەرگە خاس بولغان ۋەزىپىنى، باشقا ھېچكىمگە بېرىلمىگەن. ماڭا ئىشەنمىسىڭىز، باشقا ئۈممەتلەرگە بېرىلگەنبۇيرۇقلارنى بەييىنەھ سۈرىسىدىن ئوقۇڭ. باشقا ھېچبىرئۈممەتكە بۇ دىننى تارقىتىش ئىمكانى ھەم شەرىپى بېرىلمىدى، بۇ دىننى تارقىتىش ۋەزىپىسى. بىزدىن باشقا ھېچكىمگەبېرىلمىدى، چۈنكى ئەمدى پەيغەمبەركەلمەيدۇ.شۇڭلاشقا بۇ ۋەزىپە بىزنىڭ زىممىمىزدە. قۇرئان ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمەيدۇ. بۇ ۋەزىپە بىزنىڭ. ئوخشاشلاپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىۋەسەللەمئەگەر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىسا، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب بېرىدىغىنىدەك. ئەگەر بىزمۇ ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش ۋەزىپىمزنى ئاداقىلالمىساق، ھېساب بېرىدىغانكۈندە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ھېساب بېرىمىز. 10‏، 15‏، 20‏ يىلدىن بېرى تونۇيدىغانخوشنىڭىز، خىزمەتدىشىڭىز ھېساب كۈنىدە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا سىزنىڭ يېنىڭىزغا كېلىپ ‏: - « بۇ كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتىڭ، نېمە ئىشلار بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتىڭ، ئەمما نېمىشقاماڭا ھېچ ئەسكەرتمىدىڭ؟ » - دەپرەنجىيدىغانكىشلەردىن بولۇپ قالماڭ.

ئۇ كىشلەر بىزنى ئاللاھقاشىكايەت قىلىدۇ، بىزنىئاللاھقا شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى بىز ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇقلۇق ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتمىدۇق. بىزلەر بۇنىمەسچىتلەردە، ئۆيلىرىمىزدە، قەلبىمىزدىلاساقلاشنى تاشلىشىمىز لازىم. ئىنسانلارغا بېرىشىمىز كېرەك، ماڭا ئىشىنىڭ، بۇ تولىمۇ گۈزەل بىر نەرسە، پەقەتلائۇلارغا بېرىڭ. سىزگە ۋەدە قىلاي،ئۇلارچۇقۇم قوبۇل قىلىدۇ.

ۋاقىتنى ئۇزارتىۋەتكەنلىكىمئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭلار،سوئال-جاۋاب ئۈچۈنمۇ ۋاقىت قالدۇرۇشنى خالايمەن. خالىغان سوئاللارنى سورىشىڭلار ئۈچۈن سىرىتتا بولىمەن. دېمەكچىبولغان ئەڭ ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى ، مېنىڭ ئەڭ چوڭ دەۋەت خىزمەت تېمىلىرىمنىڭ بىرى بىر سېن پلاستىنكىسىئىشلەش ۋە بۇنىڭدىكى مەقسىدىم ئىسلامغامۇناسىۋەتلىك بىر ‏سېن پلاستىنكىسىنى‏ ئامېرىكىدىكى ھەممە كىشىگە يەتكۈزۈش. ھازىر كارولىنادا ئىشلەۋاتىمەن ھەمباشقا يەرلەردە ئىشلەيدىغان قېرىنداشلىرىمبار. چۈنكى ئىنسانلار سېن پلاستىنكىسى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ باردۇق. ئىنسانلارۋىدىئولار كۆرۈشنى كىتاب ئوقۇش ۋە ئاۋازلىق نەرسىلەرنى ئاڭلاشتىن بەكراق ياخشى كۆرىدۇ‏. ئەلھەمدۇلىللاھ، بۇ سېن پلاستىنكىلىرى ۋاستىسى بىلەن ئاللاھ خالىسا ھەر ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككىكىشى مۇسۇلمان بولىدۇ. چۈنكىمېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇم پىلاستىنكىلاردا يېزىقلىق، ئىنسانلار كۆرگەندىن كېيىن مېنى ئىزدىشىدۇ. ئۇلار بىلەنپاراڭلىشىمەن، ئاللاھ خالىساكۆپىنچىسىئىسلامنى قوبۇل قىلىدۇ.

تېخى ئالدىنقى كۈنىلا تېكساسشىتاتىدىن بىرەيلەن مۇسۇلمانبولدى. پىلاستىنكىنى سېتىۋالغان بىر مۇسۇلمان، مۇسۇلمان ئەمەس بىر دوستىغا بېرىپتۇ. ۋە بۇ كىشى بۇنىياقتۇرماپتۇ ۋە باشقا بىر دوستىغا بېرىپتۇ، ئۇ كىشى بولسا خىزمەتدىشىغا بېرىپتۇ. ئۇ خىزمەتدىشى پىلاستىكىنىكۆرۈپ ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. بۇمېنىڭ ئەڭ چوڭ پىلانلىرىمدىن بىرى، مەن 100 پىلاستىنكا ئىشلەيمەن. يېنىمغا بۈگۈن ئىككى دانە سېلىۋالدىم، سىزلەرگە نېمە ئۈچۈنلىكىنىدەپ بېرەي. لايىھە بۇ شەكىلدەئىشلىنىدۇ، 100 دانە پىلاستىنكا ئىشلەيمەن، 75 دانىسى ئوخشىمىغان دەۋەت مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلىدۇ. ۋە 25 دانىسىنى ئىككىسەۋەب تۈپەيلى مۇسۇلمانلارنىڭسېتىۋېلىشىئۈچۈن قويۇپ قويىمەن.


بىرىنجىسى: كېيىنكى قېتىمدىكى100 دانە پىلاستىنكىنىسېتىۋېلىشىم ئۈچۈن . ئىككىنچىسى بۇ دەۋەت ساۋابىغا سىلەرنىمۇ ئورتاق قىلىش ئۈچۈن. چۈنكى سىز پىلاستىنكىنى سېتىۋېلىپكۆپەيتسىڭىز ياكى دوستلىرىڭىزغابەرسىڭىزبۇنىڭدا ئىنشائاللاھ ھەر ئىككىمىز ساۋابقا ئېرىشىمىز. ھەممە بىلىگەندەك پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر ھەدىسى سەۋەبى بىلەنتەشۋىق قىلىش ئەڭ بۈيۈك پىرامىداسىستېمىسىدۇر.


يەنى:ھىدايەتكە چاقىرغۇچىغا ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ھىدايەتكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ساۋابىغا ئوخشاش ساۋاب بېرىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقاپىلاستىنكىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغايەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن سىزمۇ بىرئاز كۈچ چىقىرىپ، بۇ پىلاستىنكىلارنى سىزمۇ 100 دانە كۆپەيتىڭ، بۈگۈن 2 دانە ئالغاچكەلدىم، سىرتتا تۇرۇپتۇ. بىرسىنىڭئىسىمى« ئىنجىلدا ئىسلامىيەت » بولۇپ بۇ پىلاستىنكا پ پ ت شەكلىدە سىلەرگە سۆزلىگەنلىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىلەرمۇمەن كۆرگەن بارلىق ئايەتلەرنىكۆرەلەيسىلەر.ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىق ئۆگىنىشمگە پايدىسى بولغان بارلىق نەرسىلەرنى. ئۇلارنى قۇرئان بىلەن سېلىشتۇردۇم،سىلەرمۇ كۆرەلەيسىلەر. يەنە بىرسىنىڭ ئىسىمىبولسا، «ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ ھەقىقى ئۆگەتكەنلىرى» . بۇنىڭدا ئىجىلنى چۈشەندۈرىمەن، تۇنجى قىسىمى مەن ۋە ئىسلام سەپىرىمگەمۇناسىۋەتلىك بىر زىيارەتتىنباشلىنىدۇ. باشقا پىلاستىنكىلاردا بولسا تەڭرى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن سۇئال-جاۋاپلار بار.



بۇ پىلاستىنكا، ئىنجىل ۋەئىيسا پەيغەمبەر ھەققىدەۋە ئىيسا پەيغەمبەرنىڭ ئىسلامنى ئۆگەتكەنلىكىنى ئىنجىل بىلەن بىرسىگە ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشىڭىز ھەققىدىكى پپۋېرپوئىنت فىلىمى.ئۇلار قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر، چۈنكىئۇلارنىڭ ئۆز كىتابلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىسىز. ئۇلار ئىشىنىش ياكى رەت قىلىشتىن بىرنىتاللاشقا مەجبۇر. ئەگەر ئىشەنسە ئىسلامتوغۇرلۇق سۆزلىگەنلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەگەر رەت قىلسا ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنىرەت قىلغان بولىدۇ. مانا بۇ ئىككى خىل يەتكۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا تىرىشىمەن. مۇسۇلمان ئەمەسلەرگىمۇبەرسەڭلار بولىدۇ، چۈنكى پپۋېرپوئىنتفورماتىدا بولغاچقا تولىمۇ چۈشنىشلىك. سىرىتتا ھازىر سېتىلىۋاتىدۇ.ئەگەر ھەر قانداق بىر سوئالىڭىز بولسا ئالاقىلىشىشئۇسۇلۇم ئۇ يەردە يېزىقلىق. ھەمسوئاللىرىڭلارنى تور بېتىمدىمۇ سورىيالايسىلەر. ۋاقىت ئاجراتقانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت، ئەگەر سۆزلىگەنلىرىم پايدىلىقبولسا بىلىڭلاركى بارلىقياخشىلىق ئاللاھ تەرىپىدىندۇر ۋە ئەگەر خاتا ياكى زىيانلىق سۆزلەپ قالغان بولسام، بىلىڭلاركى، بۇ مېنىڭ نەفسىمدىن ھەم مېنىڭ كەمچىلىكلىرىمدىندۇر.

ئاللاھ ھەممىمىزنى ئەپۇقىلسۇن. ئەسسالام ئەلەيكۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-4-4 03:30 , Processed in 0.031206 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش