ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 7780|ئىنكاس: 2

مەھمەت گۆرمەز ئىسلام ئېنىستىتوتىنى زىيارەت قىلدى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
92
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 22:00:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز، ئىسلام ئېنىستىتوىنى زىيارەت قىلدى.













قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-11 01:12:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈركىيەبىلەن جۇڭگۇنىڭ دىنى ئىشلار ئىدارىلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدەئۆتكەن يىلى مۇشۇ كۈنلەردە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر ھەپتىلىككۆرگەزمە ۋە تونۇشتۇرۇپ پائالىيىىنىڭ ئىككىنچىسى تۈركىيە بىلەن جۇڭگۇنىڭ مۇناسىۋەتلىكئورۇنلىرى تەرىپىدىن بۇ يىل جۇڭگۈدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جۇڭگۇغاكەلگەن تۈركىيە دىنى ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى مەھمەت گۆرمەز باشچىلىقىدىكى ھەيئەت زىيارەتنىيۇرتىمىزنىڭ ئۈرۈمچى شەھرىنى ۋە شەھەردە تورۇشلۇق مۇناسىۋەتلىك ئورونلارنى زىيارەتقىلىش بىلەن باشلىۋەتتى.

ئۈرۈمچىدەمۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلار رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىسلامئېنىستىتوتىنىمۇ زىيارەت قىلغان ھەيئەت، ئىنستىتور مۇدىرىدىن مەكتەپ ھەققىدەمەلۇمات ئالغاندىن سىرت ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ،سىنىپلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى ۋە مەسچىتتە جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇغاندىن كېيىنھافىز ئوسمان شاھىن قۇرئان تىلاۋەت قىلدى ئاندىن دۇئا قىلىشىپ زىيارەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

بۇھەيئەت تەركىبىدە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مۇئاۋىن باشلىقى مەمەتېمىن ئۆزافشار،تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسى باشلىقى مەمەت پاچاجى قاتارلىق كۆپ ساندا كىشىلەرمۇئورۇن ئالغان. يەنە ئىستانبۇل فاتىھ جامەسىنىڭ سابىق ئىمام ھافىز ئوسمان شاھىن، بۈيۈكپىيالە جامى ئىمام-خاتىپى ھافىز ئىسھاق دانىشلارمۇ بار.

ئىسھاقدانىشنىڭ بۇ ھەيئەت تەركىبىدە ۋەتىنىمىزنى زىيارەتتە بولۇشى بىز قۇرئان كەرىم تورىنىڭباشقۇرغۇچىلىرى ۋە زىيارەتچىلىرىنى ئالاھىدە خۇرسەن قىلىدۇ. چۈنكى بىز ئۆتكەن يىلىنىڭئاخىرىداىدا ئاۋازلىق ھۆججىتى بۇ كىشىگە ئائىت بولغان ۋە 4 دىسكىدىن تەركىپ تاپقانبىر يۈرۈشلۈك "قۇرئان كەرىم DVD خەتمى"نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى ئىشلەپ نەشرىدىن چىقىرىپ تارقىتىشقاباشلىغان ئىدۇق.

بۇمۇناسىۋەت بىلەن ھۆرمەتلىك مەھمەت گۆرمەز ئەپەندىنى، ھافىز ئوسمان شاھىن ئەپەندىنىۋە ھافىز ئىسھاق دانىش ئەپەندىملەرنى ۋەتىنىمىزنى زىيارەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سالاملايمىزۋە بۇ زىيارىتىنىڭ ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز.

مەنبە: http://www.qurankerim.com/qk/uy/viewarticle.php?id=49


Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 19:08:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۆرمەز، ئۈرۈمچى زىيارىتى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز جۇڭگودىكى زىيارەتلىرىنى داۋاملاشتۇماقتا.

دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز، جۇڭگودىكى زىيارىتى دائىرىسىدە بارغان نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونىنىڭ پايتەختى يىنچۇەندە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگودىكى ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا توختالدى.

گۆرمەز، جۇڭگو زىيارىتىنىڭ تىنچلىق ۋە دوستلۇققا خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا، زىيارەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدىكى قىسمىدا بولۇپمۇ رايوننىڭ ۋالىيسى نۇر بەكرى بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە ئىسلام ئېنىستىتۇتىغا بېرىپ، دىنىي تەلىم – تەربىيە مېتودى ۋە دەرسلىك ماتېرىياللىرىنىڭ زامانىۋىي دۇنياغا ماسلاشتۇرۇلۇشى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن گۆرمەز، «ئەرلەرگە دىنىي تەلىم – تەربىيە بېرىش قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئاياللارغىمۇ ئوخشاش سەۋىيەدە بېرىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى قارىشىمىز رايوندا ئالاھىدە ئىنكاس قوزغىدى» دېدى.

گۆرمەز، ئۇچرىشىشلىرىنىڭ بېيجىڭ قىسمىنىڭمۇ ئىنتايىن ئىجابىي ئۆتكەنلىكىنى ئېيتتى.

گۆرمەز، ياۋروپانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەۋجۇتلۇق كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، جۇڭگودا خۇيزۇ، ئۇيغۇر، خەنسۇ ۋە باشقا ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىنچلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىدىن خوشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

گۆرمەز، «جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئورتاق تۇغقانلىرى بولغان دىنداشلىرىمىزنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە ۋە ئايرىمچىلىققا ئەمەس، ئەكسىچە دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىققا ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردىكىگە ئوخشاشلا دىنىي ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

گۆرمەز، تۈركچىدىن خەنسۇچىغا ۋە خەنسۇچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان ۋە تەرجىمە قىلىنشى پىلانلانغان دىنىي ئەسەرلەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ بارغانچە بىر – بىرلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sada تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-9-14 19:08  

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-7-8 18:56 , Processed in 0.021306 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش