ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 6926|ئىنكاس: 0

خۇتبە: ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
90
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-1 13:32:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك

( شەيىخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇممەيىد )


       ھەر بىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ئابدان بىلىشى كېرەك . بۇ نوپوسى 1 مىليارد300 مىليۇنغا يېقىن خەنزۇلار، نوپوسى نەچچە يۈز مىليۇن روسلار ياكى ئامرېكىلىقلار ئۈچۈنلا مۇھىم بولماستىن، جۈملىدىن نوپوسى 30 ياكى 35مىليۇنغا يېتىدىغان بۈيۈك ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا،ئۇيغۇر مىللىتى ئۆزتىلىنى قوغداش،ئۆز ئاناتىلىنى پۇختا بىلىشتە بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. دېمەك،ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزىگە كەسكىن ھالدا سۇئال قۇيۇپ بېقىشى،نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.                     

       بۇ مەككە مۇكەرىمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ ھىجىريە1429-يىلى7-ئاينىڭ 22-كۈنى(مىلادى 2008-يىلى7-ئاينىڭ25-كۈنى) دىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومومىي مەزمۇنى بولۇپ،خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيىخ " سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇممەيىد" سۆزلىگەن. بۇ خۇتبىنى تەرجىمە قىلغۇچى" سىراجىدىن ئەزىزى" ئەپەندى.

      بۇ خۇتبىدا ئاناتىلىنىڭ رولى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيتى،ئاناتىلنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش،مىللەتنى قوغدىغانلىق ۋە ئۇنى ھىمايە قىلغالىق.ئۆز ئانا ۋەتىنىگە ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئىنسانىلىق بۇرچىنى ئاداقىلغانلىق بولۇپ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىش ئارقىلىق،ئىنسانىيەت تەرەقىياتىغا تۆھپە قوشالايدىغانلىقى. ئاناتىلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، باشقا تىللارنى ھاجەتكە قارىتا ئۆگۈنۈش توغرىسىدا جانلىق مىساللار بىلەن ئەتراپلىق تەۋسىيە قىلىدۇ.   

      

خۇتبە مەزمۇنى

بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم

( ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن).

       ئىمام ئاللاھ سۇبھانۇۋەتەئەلاغا ھەمدۇسانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا دۇرتلار ئوقۇغاندىن كىيىن، جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن يۈزمىڭلارچە جامائەتكە ‹‹ھەربىر مىللەت ئۆز ئاناتىلىنى ياخشى بىلىشى كېرەك››دېگەن مەزمۇندا مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى.                                                

        ئىھ-مۇسۇلمانلار . ئاللاھتىن قورقۇڭلار، تەقۋادار بۇلۇڭلار، قەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئىسلام ئۈممىتى دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئورۇن ۋە مەرتىۋىگە ئىگە ئۈممەت. تارىختقن بېرى ئىسلام دىنى دۇنيانىڭ بارلىق مەدەنىيتىگە ئىجابى تەسىر كۆرسۈتۈپلا قالماستىن، ئىنسانىيەتنى يۈكسەك مەدەنىيەتكە يېتەكلىگەن مۇققەددەس بىر مەدەنىيەتكە ئىگە دىندۇر.              

       يېقىنقى زامانلاردا ئۈممۈت بېشىغا كېلىشمەسلىك، مۇسىبەتلەر ئارقىمۇ-ئارقا كېلىپ، باشقا مىللەتنىڭ يوپۇرلۇك كېلىپ خىرىس قىلىشىغا ئۇچۇردى. ئەپسۇسكى، مۇققەددەس دىنىمىز ۋە مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلغانلار ئەجنەبىيلەر بولغاندىن سىرت، ئۆزىنى مۇسۇلمانلار قاتارىدىن ساناپ،مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇپ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغانلاردىندۇر.                                                

       ئىسلام ئۈممىتىنى بۇنداق بىر خار، زەبۇنلۇققا ئېلىپ بېرىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىقى شۇكى، ئۈممەت ھازىرغا قەدەر ئۆزىگە بىر يۈكسىلىش ۋە تەرەققى قىلىش پىلان لايىھىيەسى تۈزگىنى يوق. ئىسلام ئۈممىتى ئۆزىنىڭ دىننى ئېتىقادى، مەدەنىيتى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا بىر تەرەقىيات ۋە يۈكسىلىش پىلانى تۈزۈپ، ئومومىي بىر ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا تولىمۇ مۇھتاج. شۇنداق بولغاندا ئۈممەت ئۆزىنىڭ قەددىنى رۇسلاپ،دۇنيا مىللەتلىرى ئالدىدائېگىلىك تىكلىگەن بولاتتى.                                

       ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئېتىقادى، مەدىنىيتى، باشقا دىن ۋە مىللەتلەردە يوق ئالاھىدە ئۆزگۈلۈچىلىكى، تەپەككۇرى، مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئاساسى مۇستەھكەملىكتە تەڭداشسىز بىر ئۈممەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام ئۈممىتى بۈگۈنكى كۈندە بىرلىك، پۈتۈنلۈك ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئىنتايىن مۇھتاج بىر ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، مىللەتنىڭ پۈتۈنلىكىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئامىل سەۋبلىرىدىن ئەقىدە ئىكەنلىكلىرىدا شەك يوق. تىل بولسا يەڭگىل ساناشقا بولمايدىغان بىرلىك ۋە كۈچ ئامىلىدۇر. مەدىنىيتىمىزنى ھىمايە قىلىشنىڭ ئامىللىرىدىن بىرى تىلدۇر. تىل ئىنسانىيەت تارىخىدا، ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى ساقلاپ قېلىشتا، گۈللەندۈرۈشتە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينايدۇ. تىل تەپەككۇرنىڭ قورالى بۇلۇپلا قالماستىن، تەپەككۇر بارلىققا كېلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. تىل ئارقىلىق ئىنسان ئۆزى كەشىپ قىلغان، ئېگلىگەن  ماھارەت، روھىيەتتىكى يۈكسەكلىك، ۋىجدانى تەرەقىياتتا  ئۆز كىملىكىنمى ئىسپاتلاشتا ئەمىلىي ھەسسىسىنى قوشىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. تىل ئەقىلنىڭ ئەينىكى، تەپەككۇرنىڭ مۇھىم ئاپپاراتىدۇر. مىللەتنىڭ تىلى بولسا مەدىنىيەت غەزىنىسىنى موللاشتۇردىغان ئامىلدۇر. تىل دېگەن سۆزلەپ تۇرغۇچى تەپەككۇر. تەپەككۇر بولسا ئۈنسىز تىلدۇر. شۇڭا دەيمىزكى مىللەتنىڭ تەپەككۇرى تىلى بىلەن بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، تىل مىللەتنىڭ بايلىقىدۇر. تىل مىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئۇلايدىغان كۆۋرۈكتۇر. كۆپ تىللىق دۆلەت ياكى ۋەتەن بولسا،مىللەتنى ئېغىر ئىدېئولوگىيە كىرزىسى ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇرلايدۇ.  مۇستەملىكىچىلەر ئەزەلدىن  مۇستەملىكە قىلغان مىللەتلەرنى ئاناتىلىدىن ئايرىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ كەلگەن.ياكى بولمىسا مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەردە ئۆلگەن تىللارنى قايتىدىن تىرىلدۈرۈش ئارقىلىق تائىپۋازلىق، يۇرتۋازلىق شۇئارلىرىنى قوزغاپ، پارچىلاپ يوقۇتۇش سىياسىتىنى قوللۇنۇپ كەلدى.  

       يۇقۇردا ئىسانىيەت ھاياتىدا تىلنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالغان بولساق، ۋەھىنىڭ تىلى بولغان ئۇلۇغ تىل ئەرەب تىلى ۋە ئۇنىڭ مىللەتنىڭ مەدەنىيتىنى قايتا قۇرۇش يولىدىكى ئورنى بولسا،دۇنيادىكى جانلىق تىللار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ۋە قەدىمكى تىل ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە، قۇرئان كەرىمنى ئۆز ھىمايىسىدە ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى ئۈچۈن، تاكى قىيامەتكىچە ساقلىنىپ ئىستىمالدىن قالماي داۋاملىشىدىغان بىر تىلدۇر. ئەرەب تىلى گىراماتىكىسى پاساھەت بالاغىتىدە تەڭداشسىز بىر تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا تىلى بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ تىلدۇر. ئەھلى ئىسلام ئەرەب تىلىنى ئۆگۈنۈشكە ھەر زامان ۋە ماكاندا بەس-بەستە تىرىشىۋاتىدۇ. ئەرەب تىلىغا بولغان بۇ دۇنياۋى ئىنتىلىش، ئەرەب دۇنياسىنىڭ سىياسى كۈچى، مەدەنىيەت سالماقلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ئەقىدىسىگە بولغان ھېرىسمەنلىكى، ھەمدە بۇ تىل قۇرئان كەرىم تىلى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. شۇ ئاساستا بارلىق مۇسۇلمانلار ئەرەب تىلىنى ئۆزىنىڭ ئاناتىلى سۈپىتىدە ئۆگۈنىدۇ. بەزىلەر بۇ ئۇلۇغ تىلنى بۇزۇپ، يەرلىك شىۋىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماقتا. بۇنداق تەشەببۇسلار بازار تاپالمايدۇ. شۇ ھەقىقەت ھەربىر ئىنسان ئېڭىدا ئېنىق بۇلۇشى كېرەككى، ھەربىر شەخىس ئۆزىنىڭ ئاناتىلىنى پۇختا ۋە پىششىق بىلىشى كېرەك. تىلنىڭ يوقۇلىشى، مىللەتنىڭ يوقۇلىشى دېمەكتۇر. ئۆزىنى قەدىرلەيدىغان مىللەت ھېچقاچان ئاناتىلىنى خارلىمايدۇ، باشقا تىللارنى ئاناتىلىدىن ئەۋزەل كۆرمەيدۇ. چەتئەل تىلىغا  بەك قاتتىق بىرىلىپ كېتىشنىڭ ئۆزى، ئىنساندا مىللى كىملىك ئېڭىنى كېمەيتىدۇ. ئۆزتىلىدىن نۇمۇس قىلىش، چەتئەللىكلەرنىڭ تىلىنى ئۆگۈنۈشتىن پەخىرلىنىش، ئىنساندىكى مىللىي ۋە روھى گادايلىقنىڭ دەلىلىدۇر. چەتئەل تىلى پەقەتلا ئىنسان ئۈچۈن ياردەمچى ئامىل بۇلۇشتىن باشقا رول ئوينىيالمايدۇ. چەتئەل تىلى ھېچقاچان ئاناتىلى بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك. ئاناتىل ئورنىغا باشقىلارنىڭ تىلنى دەسسىتىشنى خالىغانلار، تەرەققى قىلماستىن زىيان تارتىدۇ ۋە مىللەتنىڭ مۇنقەرىز بۇلىشىغا ئۇل ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بىر كۈنى تارىخنىڭ جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

         مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قوللىنىپ كەلگەن پىلانى، مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى تامامەن

يوق قىلىش. ئەگەردە پۈتۈنلەي يوقۇتۇشقا كۈزى يەتمىسە مائارىپ، پەن-تېخنىكا، ئىختىساد ساھەلىرىدە يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق مەقسىدىگە يېتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلدى. بەزى دۆلەتلەر مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىنى يوقۇتۇش بىلەن كۇپايىلەنمەستىن دىنى، مەدىنىيتىگىمۇ خىرىس قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ.

        تىلىدىن ئايرىلغان مىللەتلەر تەپەككۇرى، ئارزۇ-ئارمانلىرىدا غېرىپلىق ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆتمۈشى بىلەن ھازىرىنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈپ قويدى. نەتىجىدە مەۋجۇدىيتىدە ھەقىقى غېرىپلىق ۋەزىيتىگە دۇچ كەلدى.

        قارايدىغان بولساق مائارىپ ساھەسىدە ئاناتىلىنى تاشلاپ ئەجنەبى تىلنى قوللانغان مىللەت مەغلۇبىيەت، ئاجىزلىق ۋە چىكىنىشتىن باشقىغا ئېرىشەلمىدى. ئاناتىلىنى تاشلاپ باشقا تىللار ئارقىلىق ئارزۇ ئارمانلىرىغا يېتىشنى خالىغانلار، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پەۋقۇلادە چىكىنىشكە دۇچ كەلدى ۋە كىلىۋاتىدۇ.   

        ئاناتىلىنى تاشلاپ باشقا تىللارنى قۇبۇل قىلغانلارنى، بىلىمسىزلىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن كۆزئەينەك تاقىۋالسا كۇپايە قىلىدىغاندەك، ئالىم بۇلۇش ئۈچۈن سەللە كىيىۋالسا كۇپايە قىلىدىغاندەك ھېسياتتا بولغانلارغا ئوخشۇتۇش مۇمكىن. ئاناتىلى ئارقىلىق دۇنيا مىللەتلىرى ئالدىدا ئەڭ زامانىۋى تېخنىكا ۋە تەرەقىياتلارغا ئېرىشكەن دۆلەتلەرنى كۆرۈش، ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك. بىلىش كېرەككى، مىللەتلەر ئاناتىللىرىىنى پۇختا ئۆگۈنۈش ئارقىلىق تەرەققى قىلالايدۇ. بۇنىڭدا شەرىقتىكى ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى مىللەتلەرنىڭ ھازىرقى مىسالى يېتەرلىك بولسا كېرەك. شەرىقتە ياپونىيە، مالايسىيا، كورىيە. جەنۇبى ئاسىيادا پاكىستان، ھىندىستان،بىنگال.

       خۇلاسە قىلىپ ئېيتىمىزكى، تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيتىنىڭ دەلىلىدۇر. ئاناتىلىدىن نۇمۇس قىلىدىغانلار ئەلۋەتتە مىللىتى ۋە ۋەتىنىدىن نۇمۇس قىلىدىغانلاردۇر. ئۇلارنىڭ كۆزىگە ئەجنەبىيلەرنىڭ ھەممە نەرسىسى چىرايلىق كۆرۈنۈدۇ، شۇلارنى ئۇلۇغلايدۇ، ئۆزىنى ئۇلاردىن تۆۋەن، خار، ئاجىز سانايدۇ. ئۆز ئاناتىلىنى پۇختا ئۆگەنمىگەن، ئېتىبار بەرمىگەن كىشى ياكى مىللەت باشقىلارنىڭ خىزمەتچىسى بۇلۇشقا ئەرزىيدۇ. باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرالمايدۇ. تەرەقىياتنىڭ شەرتى باشقىلارنىڭ تىلىنى ئۆگۈنۈش ئەمەس، بەلكى بارلىق تېخنىكىلارنى ئاناتىلىغا ئۆزگەرتىشتە. بارلىق زامانىۋى بىلىم تېخنىكىلارنى ئاناتىلىغا ئۆزگەرتكەندە كەشپىياتچى، ئىجادىيەتچى ئەۋلادلار كۆپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دېمەك، ئاناتىلىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ئېتىبار بېرىش مىللەتنى قوغدىغانلىق ۋە ئۇنى ھىمايە قىلغانلىق. ئۆزئانا ۋەتىنىگە ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئىنسانىي بۇرچىنى ئادا قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. ‹‹بىلىڭلاركى، دىللار پەقەت ئاللاھنى ئەسلەش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.››(سۈرە رەئىد 27-ئايەت) ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى ئورنىڭىزنى بىلمەكچى بولسىڭىز، قەلبىڭىزدىكى ئاللاھنىڭ ئورنىغا قاراڭ. ۋىجدانى مەسئۇلىيەت ۋە ئىمانى تەربىيەت بىلەن ئانىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئانىنىڭ بالىلىرى، تۇغۇلغان كۈنىدىن باشلاپ يىتىمدۇر.                                                                                       

ئاناتىل بىلگەن كىشىنىڭ ھۆرمۈتىنى قىلغۇم كىلۇر،

ئاناتىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كىلۇر.

بۇ ئاناتىل بولسا ئەگەر ئامرىكا يۇ ئافرىقىدا،

قولىغا يامبۇ-كۈمۈش ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كىلۇر.

ئاناتىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززىتىنى قىلغۇم كىلۇر،

ئاناتىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.

ئەي ئاناتىل سەن بىزگە قالغان ئۇلۇغلاردىن نىشان،

سەن بىلەن روھى زىمىندا ئىپتىغارلانغۇم كېلۇر.

كۆكلەم باھار كەتسە يېنىپ كەلگەن بار،

جاندىن كەچسە جاناننى تېپىپ سۆيگەن بار.

ئېيتىڭچۇ بىر كەتكەن ياشلىق كەينىدىن،

قوغلۇشۇپ جاھاندا كىممۇ يەتكەن بار.

مەنبە: ئالپ تورىدىن نەقىل


قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:13 , Processed in 0.021064 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش