ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 4521|ئىنكاس: 5

ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى (يېڭى كارتون) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
134
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-16 21:34:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم!

ئەۋلادتەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى ھازىرلاش گرۇپپىسى بۇ قېتىم ھۇزۇرۇڭلارغا جەمئىي 4 سىن ھۆججىتىدىن تەركىب تاپقان «ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى» ناملىق كارتونفىلىم بىلەن چىقتى.

بۇ كارتون ئارقىلىق ئەۋلادلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلابىلمەيدىغان چوڭلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ 5 تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان ناماز ئىبادىتىنىتوغرا ئۆگىنىۋېلىشىغا ياردەمچى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، بىر گرۇپ قېرىندىشىڭلارنىڭ ئۇزۇنمۇددەتلىك تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە روياپقا چىقىرىلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇخىزمەتنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۆھپە قوشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازىبولسۇن.

ناماز ئىنساننىڭ ئاللاھنىئۇلۇغلاش ھېسسىياتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەشنىنىڭئەڭ مۇكەممەل يولىدۇر.  شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلۈك ۋە جانلىق تۇتىدىغان بىر ئىبادەت بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرىدۇر .

»ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل دىن پەقەت ئىسلام دۇر«. ئىبادەت ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇھىمئاساسى. ناماز بولسا، بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ نېگىزىدۇر.بۇ ئىبادەت ئاللاھ تائالاتەرىپىدىن تۇنجى پەيغەمبەر ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغىچەپۈتكۈل پەيغەمبەرلەرگە پەرز قىلىنغان.

كامىل ئادا قىلىنغان ناماز ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىنتوسىدۇ. ئاللاھدىن ياردەم تىلەشنىڭ ئىككى شەرتىدىنبىرىمۇ يەنىلا نامازدۇر. ناماز ئۆتەش، پەقەت ئاللاھقا چىن قەلبىدىن ئېھتىرام بىلدۈرىدىغانلارغىلا ئېغىر كەلمەيدۇ. كۆڭلى دۇرۇس ۋە ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا سەمىمىي بولمىغانلارغا بولسا، ئۇنى ئادا قىلىش ئېغىركېلىدۇ.

ئاللاھ تائالا نامازغا شۇنچىۋالا ئەھمىيەت بەرگەنكى، ھېچقانداق شەرت-شارائىت ئاستىدا ۋە ھېچبىر سەۋەببىلەن ئۇنى تەرك قىلىشقا رۇخسەت قىلمىغان. مۇھىملىقى تۈپەيلىدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭناماز ھەققىدىكى بۇيرۇقلىرىنى  ئىنسانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە،ئۆزى باشلامچى بولۇپ نامازنىڭئادا قىلىنىش شەكىللىرىنى تەپسىلىي ھالداكۆرسىتىپ بەرگەن.  ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەر بىرى ئىسلامنىڭ بىر ئەزاسى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭھاياتىنى نامازسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

ئەنە شۇنداق مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگەبولغان ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرى بولغان نامازنىڭ شەرتلىرىنى،شەكىللىرىنى ۋە ئەركانلىرىنى بىلىش ۋە ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ھەر مۇسۇلماننىڭ زىممىسىگەيۈكلەنگەن مۇقەددەس بىر ۋەزىپىدۇر.

تارىختىن بويان مۇسۇلمانلار بۇ ۋەزىپىنى يېزىش ۋەئاغزاكى ئۆگىتىش ئارقىلىق ئورۇنداپ كەلگەن. زامانىمىزدا بولسا، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيقىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنىڭباشقا يېڭىچە يوللىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. قولىڭىزدىكى بۇ كارتون فىلىم بولسا، ئەنەشۇنداق ئىمكانىيەتلەر ئاستىدا سىزگە ناماز ئىبادىتىنىڭ شەكىللىرىنى زامانىۋىئۇسۇللار بويىچەئۆگىتىپ چىقىدۇ.

ئەزىز قېرىندىشىم! پەرز بولسۇن، نەپلە بولسۇن پۈتۈن نامازلارنىڭشەرتلىرى، شەكىللىرى، ۋە ئىچىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا ۋە زىكىر-تەسبىھلىرى ئاساسەن ئوخشاشبولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى رەكەت نامازنى ئوقۇشنىئۆگىنىۋالغان كىشى دىنىمىز ئەمىر قىلغان ۋە تەشۋىق قىلغان بارلىق نامازلارنى توغرارەۋىشتە ئوقۇيالايدۇ. چۈنكى بىر ناماز بىلەن يەنە بىر نامازنىڭ پەرقى پەقەت نىيەتتىلاكۆرۈلىدۇ. پىلاستىنكىنى كۆرگەنسېرى بۇنىمۇ چۈشىنىۋالىسىز.

ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ قويماقچىمىزكى، بۇ پىلاستىنكىدا يىلدائىككى قېتىم ئوقۇلىدىغان روزا ۋە قۇربان ھېيت نامازلىرى، مۇسۇلمانلاردىن بىرى قازاقىلغاندا ئوقۇلىدىغان جىنازا نامىزى، كۈن ئۆرلىگەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان چاشكانامىزى، تەسبىھ نامىزى، تەراۋىھ نامىزى...قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىيلى مەلۇماتبېرىلمىدى. بۇ نامازلارنى مۇناسىۋەتلىك كىتاب -ماتېرىياللاردىنئوقۇپ ئۆگىنىۋالغايسىز.

رەببىمىزدىن تىلىكىمىز بۇ قوللانمىنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلاقىلىنغان مەقبۇل بىر ئەمەل قاتارىدا قوبۇل قىلىشىۋە بەندىلىرىنى بۇ خىزمەتتىن پايدىلاندۇرۇشىدۇر.

تىرىشچانلىقبىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

ھۆرمەت بىلەن

ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى ھازىرلاش گرۇپپىسى



http://pan.baidu.com/play/video#video/path=%2Fnamaz-qisqa.mp4&t=-1
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-20 13:39:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4  سىن  تېخى تۇلۇق يوللىنىپ  بۇلۇنمىدىمۇ ؟  ئەۋلاد تورىدىمۇ  بىرسىلا  باركەن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-21 22:19:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم
ھازىر تورغا يوللىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ نېسىپ قىلسا بىر نەچچە سائەت ئىچىدە كۆرسىتىپ قويىمىز.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-24 18:02:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى ناملىق كارتون فىلىمنى بەيدۇ دىسكىسىدىن چۈشۈرىۋالالايسىز. ئادرېسى: http://pan.baidu.com/disk/home#dir/path=%2Fnamaz

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-29 18:06:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
يۇقىرىدىكى ئادرېستىن چۈشۈرەلمىگەنلەر ماۋۇ ئادرېستىن سىناپ بېقىڭلار:
http://pan.baidu.com/s/1bnel1Wr

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2015-1-5 18:08:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
blicfan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-20 13:39
4  سىن  تېخى تۇلۇق يوللىنىپ  بۇلۇنمىدىمۇ ؟  ئەۋلاد تورىد ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 4-سىنمۇ تولۇق قېرىندىشىم!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:06 , Processed in 0.045988 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش