ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 8283|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرچە ئەۋلاد ناملىق Android ئەپى تارقىتىلدى، چۈشۈرىۋېلىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
134
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 13:19:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار


ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تارقاتقان "ئەۋلاد" ناملىق ئەپنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز.

بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللار بار. (تەييارلىنىۋاتقان ماتېرىياللار تەييار بولغانسېرى قوشۇلۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.)

ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

1- 3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىپ تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتونلار؛

2- 32 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر تېما ھەققىدە توختالغان "پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتونلار؛

3- ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئۈچۈن ئىسلامنىڭ بەش ئاساسىدىن بىرى بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتونلار؛

4- قۇرئان كەرىمنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە  8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان يۈرۈشلۈك "قۇرئانى كەرىم خەتمى" پىلاستىنكىسى.  بۇ پىلاستىنكىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تۈركىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ۋەتىنىمىزنىمۇ زىيارەت قىلغان قارىيلاردىن ئىسھاق دانىش قارىي ئوقۇغان بولۇپ، ئېكراندا قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە تېكىستى چىقىپ تۇرىدۇ. ئەڭ ئۈستىدە ئوقۇلۇۋاتقان سۈرىنىڭ ئىسمى بىلەن ئايەت نۇمۇرلىدىن باشقا مەككىدە ياكى مەدىنەدە نازىل بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا ئوقۇلىۋاتقان كەلىمىنىڭ ئۈستى يېشىلغا بويىلىپ ماڭغاندىن سىرت كەلىمىنىڭ ئاستىدا ئوق ئىشارىتى مېڭىپ تۇرىدۇ. ئېكراننىڭ ئاستى تەرىپىدە بولسا ئوقۇلۇۋاتقان ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار.

5- سېنارىيەسىنى يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى ھەمكارلىشىپ سۈرەتكە ئالدۇرغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان"ھەزرىتى ئۆمەر" ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى؛

6- ئۇنىڭدىن باشقا 30 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ۋە قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئاندىكى ھۆكۈملەر" ناملىق قىسقا كارتونلارمۇ ئاللاھنىڭ مۇيەسسەر قىلىشى بىلەن ئالدىمىزدىكى ئايلاردا سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى.

مەخسىتىمىز-ئاللاھتائالانىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە خەلقىمىز ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دىنىمىزنى ئۆگىنىشى ۋە تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن زاماننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ئۇچۇر دەۋرىنىڭ نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلىتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەۋلاد تورىدىكى سىنلەردىن يانفونلىرىدىمۇ بىمالال پايدىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن بۇ ئەپنى تارقاتتۇق.

بۇ يولدا ماددىي -مەنىۋى جەھەتتىن بىزگە يار-يۆلەك بولۇشىڭىزنى، قولىڭىزدىن كېلىشىچە

بىز بىلەن ھەمدەم بولۇشىڭىزنى، ئۇشبۇ ئەپنى، تور بېكىتىمىزنى ۋە تور بېكىتىمىزدىكى ماتېرىياللارنى باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ تەۋسىيە قىلىشىڭىزنى، يەتكۈزۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمىز.

بۇ ماتېرىياللار، بىرەر كىشىنىڭ دىنىمىزنى چۈشىنىپ، ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ياشىشىغا سەۋەب بولالىسا، مەقسىتىمىزگە يەتكەن بولىمىز.

بۇ ئەپنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ كىشىگە يەتكۈزسىڭىز شۇنچە ياخشى!

ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىزدىن بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماسلىقلىرىنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى

تور بەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net

ئىلخەت ئادرېسىمىز: ewlatnet@gmail.com

ئەسكەرتىش: ئىشبۇ تېما ئەۋلاد تور بېكىتىدىن نەقىل قىلىندى!

بەزى كۆرۈنۈشلەر:


google play دىن چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://play.google.com/store/apps/details?id=net.ewlat&hl=tr

بەيدۇ دېسكىسىدىن چۈشرمەكچى خالىسىڭىز: http://pan.baidu.com/s/1hqed63U


تور بېتىمىزدىن چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز: http://www.ewlat.biz/ewlad.apk
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2014-6-11 02:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم
يۇقىرىدىكى ئەپكە ھەزرىتى ئۆمەر فىلمىنىڭ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنىڭ 22-قىسمى قوشۇلدى. يەنى ئەپ ئارقىلىق 1-قىسىمدىن 22-قىسىمغىچە بولغان پۈتۈن قىسىملىرىنى كۆرەلەيسىز...قالغان قىسىملىرىمۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئاستا ئاستا يوللىنىدۇ.
ھۇزۇر ئالغايسىلەر ۋە دۇئالىرىڭلاردا ئۇنۇتمىغايسىلەر!
ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد گۇرۇپپىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-6 00:33:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

EWLAD دېتالنىڭ نەشرى يېڭىلاندى!

EWLAD دېتالنىڭ نەشرى يېڭىلاندى!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان EWLAD ناملىق ئەپنىڭ نەشرى يېڭىلاندى.
يېڭى نەشرىدە دېتالغا ھۆججەتلەرنى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتى قوشۇلدى.
ھۆججەتنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەلۇم بىر سەھىپىگە كىرگەندىن كېيىن ئېكراندا كۆرۈنگەن تىزىملىكتىن چۈشۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئىسمىنىڭ ئۈستىگە بېسىپ تۇرسىڭىز چۈشۈشكە باشلايدۇ.
چۈشۈرۈشنى توختاتماقچى بولسىڭىز بىكار قىل دېگەن كونوپكىغا باسسىڭىز بولىدۇ.
چۈشكەن ھۆججەتلەر يانفونىڭىزنىڭ DOWNLOAD خالتىسىغا چۈشىدۇ. شۇ يەردىن سىن ئاچىدىغان دېتاللار ئارقىلىق كۆرەلەيسىز.
يېڭى نەشرى خەلقىمىز ئۈچۈن خەيىرلىك بولسۇن!

https://play.google.com/store/apps/details?id=net.ewlat بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ewlat.net تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-6 01:13  

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 16:57:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمئەۋلاد دېتالىنى چۈشۈرەلمىگەن قېرىنداشلار
http://www.ewlat.net/quxurux.php سەھىپىسىگە چۈشۈرۈش ئادرېسى تەمىنلەندى!

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 19:55:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلەيكۇم
بۇ ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىق بىر ئەپ بوپتۇ. قېرىنداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
www.uighurislam.net

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2015-8-8 00:33:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
بۇ دېتال يېڭىلانغان بولۇپ، يېڭى نەشرىنى تۆۋەندىكى ئادرېسلاردىن چۈشۈرىۋالالايسىز:
ANDROID سىستېمىلىق تېلىفونلار ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرېسى
IPHONE/ IPAD ئۈچۈن چۈشۈرۈش ئادرېسى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-24 21:53 , Processed in 0.027557 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش