ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 5395|ئىنكاس: 1

ئۇيغۇرچە تەجۋىد كىتابىنى چۈشۈرىۋېلىڭ! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-3 19:42:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم
بۇگۈن سىلەر بىلەن تەجۋىد ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر كىتابنى ھەمبەھىرلىمەكچىمەن.
بۇ كىتابنى كىتابنىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكى خىزمىتىنى كېچىسىنى كۈندۈزىگە قېتىش ئارقىلىق جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق قان-تەرىنى سىڭدۈرۈپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنغان قېرىندىشىمنىڭ رۇخسىتى، شۇنداقلا تەلىۋىگە ئاساسەن سىز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كىتاپنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھەقسىز تارقاتقان قېرىندىشىمغا رەببىمدىن رەھمەت تىلەيمەن؛ ئۇلۇغ رەببىم قېرىندىشىمنىڭ تىنىنى سالامەت، كۆڭلىنى خاتىرجەم، قەلىمىنى سۇنماس، ئىرادىسىنى كۈچلۈك قىلسۇن. رەببىم بۇ ئەسەرنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق قىلسۇن.بۇ كىتاپ "تەجۋىد دەرسلىكى" بىلەن "تەجۋىد مەشىق قوللانمىسى" دىن ئىبارەت ئىككى كىتاپتىن ئىبارەت بولۇپ، مۇقاۋىسى تۆۋەندە كۆرسىتىلدى.
تۆۋەندە كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىنى سىز قېرىنداشلىرىمىزگە ھەمبەھىرلەيمەن:



بىسمىللاھىرررەھمانىررەھىم

بارلىقھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇت ۋە سالاملارپەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭئائىلە-تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغائەگەشكەنلەرگە بولسۇن، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەراھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھ:

ئاللاھنىڭرەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن تەجۋىد كىتابىمىزنىڭ ئاساسلىق بابلىرىنى پۈتتۈرۈپكىرىش سۆزگە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە تەجۋىد ئىشتىياقى قەلبىگەچۈشكەن ھەربىر ئوقۇرمەنگە ئاللاھدىن رەھمەت ۋە مۇستەھكەم ھىدايەت تىلەيمىز، بۇ خىزمەتنىئىشلەش جەريانىدا خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئىلىملىكقېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈزىتىش بېرىشلىرىنى سورايمىز ۋە ئەڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپمەغفىرەت تىلەيمىز، شەيتان ۋەسۋەسىسى، كىبىر ۋە رىيادىن ئەڭ قۇدرەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپپاناھ تىلەيمىز.

قەدىرلىكئوقۇرمەن، ئاللاھ سۇبھەنە ۋەتەئەلا قۇرئاندا: ﴿أَوْ زِدْ عَلَيْهِ وَرَتِّلِٱلْقُرْءَانَ تَرْتِيلًا دەپبۇيرىغان، [تەرجىمىسى: قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە-دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن(سۈرە مۇزەممىل 4- ئايەت)]. پەيغەمبىرىمىز (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دىنكەلگەن ھەدىسلەردىمۇ قۇرئان كەرىمنى تەجۋىد بىلەن ئوقۇش بۇيرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملارتەجۋىد ئىلمىنى ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمان ئەر-ئايالغا ۋاجىب (يەنى قىلسا ساۋاب،قىلمىسا گۇناھ بولىدىغان ئەمەل)، دەپ قارايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئىمكانىيىتىمىزنىڭيېتىشىچە تەجۋىد ئىلمىنى ئۆگىنىش مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان ھەربىرىمىزنىڭمەجبۇرىيىتىدۇر.

تەجۋىدئىلمىنى كىتابتىن پايدىلىنىش بىلەنلا تولۇق ۋە توغرا ئۆگەنگىلى بولمايدىغانلىقىئۈچۈن ئۇستازنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگىنىش كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدىكى تەجۋىدكىتابلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇ تەجۋىد كىتابى ئۇستازلارنىڭشۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەجۋىد ئىلمىدە نوپۇزلۇق دەرسلىكھېسابلىنىدىغان ئۇستازە كەرىمە كارول سىرپىنىسكىنىڭ شەيخ دوكتۇر ئەيمەن رۇشدىي ئەسسۇۋەيدمۇقەددىمىسىنى يېزىپ بەرگەن ئىككى قىسىملىق «تەجۋىد ئەھكاملىرى» دېگەن كىتابىئاساسىدا، باشقا كىتابلار قوشۇمچە قىلىنىپ تۈزۈپ چىقىلدى. يانداش مەشق قوللانمىسىتەجۋىد ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى پىششىقلىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى. ھەرپلەرنىڭتاۋۇش چىقىرىش ئورۇنلىرى ناملىق مەزمۇنغا كىرگۈزۈلگەن رەسىملەر ئۆزبىكچە ئىسلامىيتور بەت www.islomolami.comنىڭ تەجۋىد سىن دەرسلىرىدىن ئېلىندى. ئوقۇرمەنلەرنىڭئۆگىنىشىگە قولايلىق بولۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى تەجۋىد ئاتالغۇلىرىنىڭبىردەكلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، تەجۋىد ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا سەئىد ئۆمەرشاۋۇدۇننىڭ «يېڭى ئۇسلۇبتىكى تەجۋىد قوللانمىسى» ناملىق كىتابى بىلەن رەھمەتۇللاھتۈركەش تۈزگەن «ئەرەب تىلىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش» ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىدى.بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، مەزكۇر كىتاپلاردىكى ئاتالغۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىنپايدىلىنىلغان بولسىمۇ، تەجۋىد ئاتالغۇلىرىنى ئاتاش جەھەتتە مەزكۇر كىتاپلاردىكىمەلۇماتلار كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىدا ئۇمۇملاشقان ئاتالغۇلار بىلەن بىردەكبولمىغاچقا، ئۇمۇملاشقان ئىسىملىرى بىلەن ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇكىتاپ بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھەدىيە قىلىنىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن نامسىزتارقىتىلدى. ھېچقانداق ئورۇن ۋەشەخسنىڭ تىجارىي مەقسەتلەر بىلەن باستۇرۇپ سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھدىنقورقىدىغانلارغا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ.

بۇدەرسلىك ۋە مەشق قوللانمىسى ھەققىدىكى ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپ بولسا iqratajweed@gmail.com ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. «مۆئمىن مۆئمىننىڭئەينىكىدۇر» (ئىمام ئەبۇ داۋۇد توپلىغان ھەدس)، خاتالىقلىرىمىز ئۈستىدە ئەينەكبولۇڭ.

شەپقەتئىگىسى ۋە پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئەلا بىزنىرەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) «ئەڭ ياخشى بولغىنىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەنۋە ئۆگەتگەن كىشىلەردۇر» دەپ سۈپەتلىگەن كىشىلەردىن بولۇشقا نېسىب قىلسۇن، قۇرئانبىلەن قەلبىمىزنى، دۇنيا ۋە ئاخىرىتىمىزنى نۇرلاندۇرسۇن، قۇرئان بويىچە ياشاشقانېسىب قىلسۇن، بىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن ۋە ئىلمىمىزنى ئىسلام ئۈممىتىئۈچۈن ئىشلىتىشكە، ئىلمىمىزنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن،ئامىن!


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
www.uighurislam.net
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 01:43:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
چۈشۈرۈش ئادرېسى قوشۇلماي قالغاندەك قىلىدۇ.
شۇڭا مەن قوشۇپ قويدۇم.
http://1drv.ms/WbE5I3ئۇندىن باشقا ئەۋلاد تورىنىڭ چۈشۈرۈش سەھىپىسىگىمۇ قوشۇپ قويۇلدى. ئادرېسى: http://www.ewlat.net/quxurux.php
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:12 , Processed in 0.028565 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش