ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3971|ئىنكاس: 0

بىر ئانىنىڭ قىزىنى تۇرمۇشقا چىقىرىش ئالدىدا قىلغان نەسىھەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

簽到
91
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 19:54:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىرئانىنىڭ قىزىنى تۇرمۇشقا چىقىرىش ئالدىدا قىلغان نەسىھەتلىرى


«جېنىم بالام ،بىر ئادەمنى ياخشىلىققا ئۈندەش ئۈچۈن نەسىھەتلەر بېرلىدۇ . ئەدەپ _ ئەخلاقلىق ياكى باي كىشىنىڭپەرزەنتى بولۇش ياكى بارچىغا مەقبۇل خىسلەتكە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى ئىنسان ئۈچۈنكۇپايە قىلغىنىدا ئىدى ، ساڭا نەسىھەت قىلىپ ئولتۇرشۇم ھاجەتسىز ئىدى . ئەسلىدەنەسىھەت ئۇنتۇلغانلارنى ئەسلىتىدۇ ، بىلمىگەنلەرنى بىلدۈردۇ . شۇنىڭغا ئاساسەننەسىھەتلەر بەكمۇ پايدىلىقتۇر .
سۆيۈملىك قىزىم! ئەگەر بىرەر قىز ئاتىسى باي بولغىنى سەۋەبلىك تۇرمۇشقا چىقىشقا موھتاجبولمىسىيدى ، سېنىڭ ھېچقاچان موھتاجلىقىڭ بولمايتتى. ئەمما ، قىزىم بۇ ھاياتقانۇنى. ئەرلەر بىز ئۈچۈن ، بىز ئەرلەر ئۈچۈن يارتىلغانمىز . ئۆزۈڭ تۇغۇلغان ئۆيدىن چېقىپ مۇتلەق ناتونۇش بىر ئۆيگەبارىسەن .  خۇلق، مىجەزىنى بىلمىگەن بىر كىشىنىڭ ئۆمۈر يولدىشى بولىسەن . سەن ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغىنكى ، ئۇمۇسېنىڭ ياردەمچىڭ بولسۇن .

بالام ! كەل ،ئەمدى ساڭا بەزى نەسىھەتلەرنى بېرەي . ئۇلارنى ئۈگىنىپ چىرايلىق ئەمەل قىلساڭ ،ئۆمۈر بويى راھەتتە ياشايسەن . ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن بەختلىك ئۆتىسەن . ھەر ئىككىدۇنيا بەخت سائادىتىگە ئېرىشىسەن ، ئىنشائاللاھ !

1- قانائەتلىكبول . يولدىشىڭ ئېلىپ كەلگەن ئوزۇق - تۈلۈك ، مېۋە- چىۋە ، كىيىم - كېچەكنىڭھەممىسىنى دائىما مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىل . چۈنكى ، شۈكۈر قانائەت قەلبكەھوزۇر- ھالاۋەت بېغىشلايدۇ .

2-ئېرىڭسۆزلەۋاتقاندا گەپلىرىنى دىققەتتە ئاڭلا ، ھەمىشە ئىتائەتتە بول . يولدىشىڭغا گەپ ياندۇرما ، نالايىقگەپلىرگە سۈكۈت قىل . ئۆكىنىشتىن ، ئۆتىنىشنى ئەلا بىل . رازىلىقىنى ئىستە ،شۇنداق قىلساڭ جانابى ھەقنىڭمۇ رازىلىقىنى تاپىسەن .

3- يولدىشىڭنىڭكۆزى چۈشىدىغان ھەممە جايغا ئېتىبارلىق بول ، شۇنداق قىلغىنكى ئۇنىڭ كۆزى ھېچقاچاننالايىق ھالاتلەرگە چۈشۈپ قالمىسۇن .

4-يامان ھىدچىقىشى مۈمكىن بولغان نەرسە ۋە يەرلەرگە بەك دىققەت قىل . ئۆيۈڭدىن ھەر دائىمخۇشبۇي پۇراق تارقىلىپ تۇرسۇن .

5-شۇنى ياخشىبىل : تازىلىق ۋە لاتاپەت سۇغا باغلىق . ھەرقانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز بولىدۇ .ئۆيدىن سۇنى زىنھار ئۈزمە .

6-ئېرىڭنىڭتاماقلىنىش سائىتى بىلەن ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل . تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتىبويىچە تەييارلا . ۋەقتىدا ئۇخلىشى ئۈچۈن ئىشلىرىڭنى ۋاختىدا تاماملا ، چۈنكىئاچلىق ، ھارغىنلىق كىشىنى تېرىككەك قىلىپ قويىدۇ .

7- ئۆيۈڭدىكىمال - مۈلۈك ۋە سايمانلىرىڭنى ئىھتىيات بىلەن ئاسرا . بۇ نەرسىلەر سېنىڭ شۇ ئۆيگەسادىقلىقىڭنى كۆرسىتىدۇ .

8- ئېرىڭنىڭيېقىنلىرغا دائىما يېقىملىق مۇئاملىدە بول . بۇ سېنىڭ ياخشى ئۆي ئايالىئىكەنلىكىڭنى بىلدۈردۇ.

9-ئېرىڭنىڭمەخپى سىرىنى زىنھار بىراۋغا ئېيتما . ئەگەر سىرلىرىنى سىرىتقا يايساڭ ھەممە خەتەرھەممە چاتاق شۇنىڭدىن چىقىدۇ .

10- ئېرىڭنىھۆرمەت قىل . بۇيرىغانلىرىنى بىجىر ، قارشى چىقىپ چۇقان كۆتۈرۈپ غەۋغا ترىما .ئەگەر بىشەملىك قىلىپ ئىسيان كۆتۈرسەڭ ، ئاچچىغىدىن دەرغەزەپ بولۇپ ، دۈشمەن كەبىھەركەت قىلىشقا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ . ئېرىڭ خاپا چاغدا ئۆزەڭنى خۇشال تۇتما .
(مېنىڭچە بۇنەسىھەتلەرگە ئىزاھنىڭ ھاجىتى يوق )

ھەر بىر ئايال(قىز) ئېرىگە قانچىلىك ھۆرمەت ۋە ئىتائەت قىلسا ، شۇنچىلىك سۆيۈملىك ۋە قەدىرلىكبولىدۇ . قانچىلىك رازىمەنلىك بولسا شۇنچىلىك مۇھەببەت بولىدۇ .

«تەپسىرى كەبىر»نىڭ مۇئەللىپى فەخرى رازىي ھەزرەتلىرى شۇنداق تەپسىر قىلىدۇ . « ئەر - خوتۇنئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈ پەقەت نەپسانىي لەززەتتىن ئىبارەت ئەمەس . ئۇ مۇھەببەتبىۋاستە ياراتقۇچىنىڭ لۇتپىغا ئائىت كەيپىياتتۇر . مۇھەببەت داۋام ئېتىۋىردۇ .ئەگەر ئەر_ خوتۇن ئارىسىدىكى رىشتە پەقەت شەھۋەتتىنغىنا ئىبارەت بولسا ئىدى ،شەھۋەت بولمىغان ۋاقىتلاردا ئۆزئارا كېلىشمەسچىلىك كۈچىيىپ ، ئايرىلىپ كىتىشلەربارلىققا كىلەتتى .» دىمەك ، شەرئىي نىكاھ سۆيگۈگە ، مۇرەسسە بىلەن ياشاشقا ۋەياخشى ھايات كەچۈرۈشكە سەۋەپ بولدىغان يىگانە باغدۇر . «نىكاھتا كارامەت باردۇر » ئىبارىسىمۇ ھەقىقەتتۇر. ئۆزئار چىرايلىقمۇناسىۋەت ئىنسانلار ئۈچۈن بەكمۇ زۆرۈر. دۇنيا ھاياتىمۇ بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام « سىزھەممىنى مېلىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزدىن مەمنۇن قىلالمايسىز ، ھېچ بولمىسا ، ئەخلاقىڭىزبىلەن مەمنۇن ئېتىڭ » دەپ يول كۆرسەتكەنىدى.

بۈيۈك ئالىمئەبۇ لەيىس سەمەرقەندىي بۇ ماۋزۇدا شۇنداق دېگەندۇر : «ئىنسان يۇمشاق سۆزلۈك ،گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشى كېرەك . ھېچكىمگە چوڭچىلىق قىلماسلىقى ۋە بىراۋنى يۈزدىن -يۈزىگە ماختىماسلىقى كېرەك . ئەخلاقى ۋە ئىددىيەسى بۇزۇق كىشىلەردىن نىرى تۇرىشىھەم ئېھتىيات قىلىشى كېرەك . ئۇلارنىڭناتوغرا پىكىرلىرىنى ماقۇل تاپقاندەك جىم تۇرۇش ياكى سۈكۈت قىلىش ناھايتى چوڭخاتالىققا يول قويغانلىقتۇر » بۇنىڭدىن تاشقىرى ھەممە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتەبولۇش ، نەسىھەت قىلىش ، تەربىيە قىلىش ، ئۆزى بىلگەننى قىلسا بۇنداقلاردىنيىراقلىشىش لازىم.
جانابى ئاللاھ ،مۇسا ھەم ھارۇن ئەلەيھىسسىلامغا ؛« پىرئەۋىنگە يۇمشاق گەپ قىلىڭ » دەپبۇيرىمىغانمىدى ؟ ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە  شېرىن سۆز ۋە ئوچۇق چىرايبولۇشقا بۇيرۇلغاچقا ، ئەر - خوتۇننىڭ بىر - بىرىگە مېھىر - مۇھەببىتى ئارتىشىتەبىي. دېمەك نىكاھلار ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشىۋە كۈچىيىشى كېرەك .
ئۆزئارا يامانمۇئامىلە - مۇناسىۋەت ئۆز ھەقلىرىگە ئەمەل قىلماسلىق ئاقىۋىتىدە ئاردىكى مېھىر -مۇھەببەت يوقۇلىدۇكى ، كېيىن ئەرزىمەىس كەمچىللىك يوغان كۆرنۈپ سۈغۇقچىلىق چۈشىدۇ. ئۇرۇش - جېدەل كۇسايىن كۈچۈيىپ ئائىلىگە دەز كىتىدۇ . ھالاۋەت يوق بولىدۇ . شۇسەۋەپتىن ئاياللار ئەرلىرىگە ئائىت ھەق ۋەزىپىلىرىنى بىلىپ ئەمەل قىلىشى كېرەك .ئەرلەر ئاياللار ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى ئادا قىلىپ ئاسايىشلىق ھايات كەچۈرىشى لازىم . يېغىپ ئېيتقاندا ياراتقۇچىنىڭ ئەمرىگەبىنائەن ئايال كىشى ئېرىگە ئىتائەت قىلىش شەرت . ئېرى بىلەن گۈزەل ھايات كەچۈرۈشنىئىستىگەن ئايال ، ئېرىنى ھۆرمەت قىلىشى ، بۇيرۇقلىرىنى ئۆز ۋاختىدا بىجىرىشى لازىم .....

ئاخىردا كېلىنبولۇش ئالدىدا تۇرغان قىزنىڭ قۇلقىغا ئاستا ئېيتىمەن :
_سىڭلىم !ئېسىڭدە تۇت ، ھويلا سۈپۈرەر بولساڭ قېيىنئاناڭنىڭ ئۆيى تەرەپتىن باشلاپ سۈپۈر، بۇسىزنى ھۆرمەت قىلىمەن دېگىنىڭ بولىدۇ ....
جان بالام ،بىراۋنىڭ ئۆيىگە كىتىۋاتىسەن . ئاشۇ يەردە كۆكلەي دېسەڭ ، ئاغزىڭغا تاش سال . كۈيئوغۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى ھەر بىرەيلەننىھۆرمەتلەپ ئۆتكىن . چېۋەر بول بالام  ! بارغان جايىڭنىڭ بىرىنى ئىككى قىلالمىساڭ، قېيىنئاناڭنىڭمۇ ، مەندەك ئاناڭنىڭمۇ مېھنىتى زايە ، بالام ...

بۇ گەپلەرنىڭمەنىسىنى ئۆمۈر بويى يېشىپ بېرۋاتىمەن .....

مەنبە : كېلىنبولۇش ئىلمى


قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
قۇرئان ئوقۇڭ، ئاڭلاڭ، باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىڭ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-8-19 03:35 , Processed in 0.024898 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش