ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 2472|ئىنكاس: 0

سېنى ئۆزگەرسىكەن دەيمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-9 00:59:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سېنى ئۆزگەرسىكەن دەيمەن


ئابدۇۋەلى ئايۇپ



   زورلىنىپ ياشاۋاتىسەن. قىستىلىپ، قىسىلىپ، سىقىلىپ ...يا قۇتۇلدۇرالماي، ياقۇتۇلالماي قىينىلىۋاتىسەن. ھەسرەتلىرىڭ ئۆزى قايناپ ئۆزىگە تاشقان چۆگۈندەك ئۈمىدلىرىڭنى ئۆچۈرىۋاتىدۇ. ھاياتنىڭ ھالاۋەت ۋە ھالسىرىتىشلىرىنى ئىچىڭگە ئۈنسىز سىغدۇرىۋەتتىڭ. خۇددى ھارغىن قەدەملىرىڭگە شاھىد ۋەزمىن، بەرداشلىق، مۇڭلۇق زېمىندەك. قاھ قاھلاپ كۈلەتتىڭ ئەسلى، مۇردىلارنى ئويغىتىۋەتكىدەك كۈلۈشلىرىڭ بارتى، كۈلەلمەس كۈلدۈرەلمەس بوپسەن. ئەمما سېنى ئۆزگەرسىكەن دەيمەن. ھاياتىڭدا بىر يېڭىلىق بولسىكەن دەيمەن. بۈگۈنىڭنى تۈنۈگۈنىڭدىن قوۋناق كۆرسەم دەيمەن. خۇنۇك كەچمىشنى رەت قىلساڭ، نۇرسىز تەشۋىشلەردىن ۋاز كەچسەڭ، پارلاق ئەتىگە ھازىرلانساڭ دەيمەن. كۆنۈككەن كۈنلىرىڭگە جان كىرسىكەن، ھاياجانسىز يۈرەكلىرىڭگە قان كىرىسىكەن دەيمەن. ئۆزگەرگىن! ساغلام، مەمنۇن ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالىتىڭنى كۆرەي. كۆڭلۈم تىنسۇن. بۇنىڭ ئۈچۈن پىلانسىز ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىڭ بىر قېلىپقا چۈشسۇن، نىشانسىز قىلىنىۋاتقان ئىشلىرىڭ بىر مەقسەدكە توغرىلانسۇن. ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ نېمىنى ئۆزگەرتىمىز؟ ئادەتنى، پوزىتسىيەنى، تەپەككۇرنى ئۆزگەرتەيلى. قانداق ئۆزگەرتىمىز؟ پىلانلىق، نىشانلىق ئۆزگەرتىمىز. ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتسەك كەيپىياتىمىز ئۆزگىرەيدۇ. پوزىتسىيەمىزنى ئۆزگەرتسەك قارىشىمىز ئۆزگىرەيدۇ، تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتسەك رىياللىقىمىز ئۆزگىرەيدۇ.

   ئەسلى بۇ پروگراممىنى 15-سىنتەبىر يېپېيڭى ھاياجاندا باشلاشنى ئويلاشقانىدىم. ئىزتىراپلىق كۈنلەر پىلانىمنى يەپ كەتتى. ھېلىمۇ ئۆزگىرىش سەپىرىگە چاقىرسام جۆر بولىدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
    بىلىسەن ئادەم ئادەتنىڭ قۇلى. بىز قۇللۇقنى رەت قىلىشىمىز كېرەك.  قۇلنىڭ پىلانى ۋە نىشانى بولمايدۇ، ئۇ باشقىلارنىڭ نىشانى ۋە پىلانى ئۈچۈن خىزمەت قىلغاچقا قۇل دېيىلىدۇ. شۇڭا ئالدى بىلەن بىزنى قۇل قىلىۋاتقان ئادەتلىرىمىزنى ئۆزگەرتەيلى. ئادەتلىرىمىز ئۆزگەرمەي تۇرۇپ تىكلىگەن ئۇلۇغۋار غايىلىرىمىز پەقەت ھورۇن تېىنىمىزگە كۆرپە بولىدۇ خالاس. شۇڭا سەندە ياخشى ئادەتلەر بولسا داۋاملاشتۇرۇشىڭنى، ئەگەر بولمىسا مۇنداق ئۈچ ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىڭنى تەشەببۇس قىلىمەن. بۇلار ئۆگىنىش، چېنىقىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىدۇر. ئادەتتە ئادەم ھەر قانداق بىر ئىشنى بوشاشماي 15 كۈن داۋام قىلسا ئادەتكە ئايلىنىدۇ. مۇشۇ ئۈچ خىل ئادەتكە ئۇيغۇن قىلىپ ئاۋال يەتمەكچى بولغان بىر نىشاننى بەلگىلەيلى، ئاندىن شۇنىشانغا يېتىش ئۈچۈن بىر يىللىق، پەقەت بولمىغاندا بىر ئايلىق پىلان تۈزەيلى.
   يېڭى ئادەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن مەن ئون بەش كۈن ئىچىدە ھەركۈنى بامداتتىن بۇرۇن بىر پارچە يازما يوللايمەن. سەن چوقۇم شۇ ۋاقىتتا تەييارلىنىشىڭ كېرەك. يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يېرىم سائەتتىن بىر سائەت ئەتراپىدا بىرەر نەرسە ئۆگىنىمىز، كىتاب ئوقۇيسىز ياكى چېنىقىسىز. ئەڭ ياخشىسى قوپۇپلا تالاغا ياكى بالكۇنغا چوقۇم بىر قېتىم چىقىپ كىرىمىز. بولمىسا ئۆينىڭ ھاۋاسى ئادەمنى خامۇش قىلىپ قويىدۇ. كەچتە ئوندىن ئون يېرىمغىچە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر سائەت ياكى يېرىم سائەت ئەتراپىدا كىتاب ئوقۇيمىز. ئەھۋالغا قاراپ ھەر كۈنى ئۆگىنىش ۋە چېنىقىش ۋاقتىڭىز بىر سائەتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ھەر كۈنى ئەڭ بولمىغاندا بىر ياخشى سۆز، بىر ياخشى ئىش، بىر كۈلكىلىك ھادىسەنى خىيال قىلىمىز. نەپرەت، غۇم، غەيۋەتلەردىن قەتئىي يىراق تۇرىمىز. ئەتراپىمىزدىكى بىز بىلەن كۆڭۈللۈك ۋە كۆڭۈلسىز بولغانلارنى پۇرسىتىنى تېپىپ ماختايمىز. كىشىلەرنىڭ ئارتۇق تەرەپلىرىگە دىققەت قىلىسىمىز ۋە بايقىغان ھامان ئۆگىنىۋالىمىز ياكى ساقلىنىمىز، لېكىن قەتئى باشقىلار ئالدىدا باھا بەرمەيمىز، ھۆكۈم قىلمايمىز. جەمئىيەتتىن، كىشىلەردىن قاقشاۋاتقانلارنىڭ يېنىدىن قەتئىي يىراقلىشىمىز. ھەرزامان ھەرقانداق ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايمىز. ھەر قانداق بىر كۈلپەتتە بىر ھىكمەتنىڭ، خۇشاللىقتا بىر ئىبرەتنىڭ بارلىقىغا قەتئى ئىشىنىمىز. ھەر ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن نەتىجىمىز ۋە كۆڭۈللۈك ئىشلارنىلا ئويلايمىز. قىلىپ بولالمىغىنىمىزنى يېزىپ قويىمىز.
   شەرتىم بىرلا، ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر.مەنبە: باغداش مۇنبىرى
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-20 01:14 , Processed in 0.032567 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش