ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 7195|ئىنكاس: 0

قۇرئان كەرىم دېتالى تارقىتىلدى (IOS نۇسخىسى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇنبەر مەسئۇلى

بارلىق مۇئمىنلەر قېرىنداشتۇر

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

簽到
720
يوللىغان ۋاقتى 2017-2-21 22:38:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

خۇشخەۋەر  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋە مۆھتەرەم قېرىندىشىم
يېڭى ۋە بىردىن-بىر ئۇيغۇرچە «قۇرئان كەرىم» دېتالى خەيىرلىك بولسۇن.

بۈگۈن (يەنى 2017ـ يىلى 14ـ فېۋرال سەيشەنبە كۈنى) مەزكۇر دېتال تەستىقتىن ئۆتۈپ appstore يەنى ئالـما شىركىتىنىڭ ئەپ دېتال بازىرىغا چىقرىلىپ سىز كىتاب سۆيەر مۇسۇلـمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشىغا ئېچىۋېتىلدى.
چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://appsto.re/tr/PLRVhb.i
ئەڭ باشتا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ دېتالمۇ باشقا ئىنسان ئەسەرلىرىگە يېتەرسىزلىك، خاتا ۋە كەمچىلىكتىن خالىي ئەمەس. توغرا بولغان تەرىپى ئولۇغ ئاللاھ ئىنايىتىدىن، يېتەرسىزلىق ۋە نوقسانلىقلار  بولسا بىزنىڭ سەھۋەنلىكىمىزدۇر.
بۇ «قۇرئان كەرىم» دېتالى (ھازىرچە) ئالما ماركىلىق ئەقلىفون ۋە ئايفەد قوللانغۇچىلار كۆزدە تۇتۇلۇپ يېزىپ چىقىلغان ۋە ئۆز كاتېگوگىيەسىدە  ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىم دېتالى. بۈگۈنگە قەدەر لۇغەت، قامۇس، ئۈن - سىن ، تور ۋە مۇنبەر قاتارلىق ساھەلەردە خېلى ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە دېتاللار ياسىلىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن بۈگۈنگىچە بۇنداق بىر دېتال ياسالغان ئەمەس. بىز ھازىرغا قەدەر ھېچكىم قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدۇق دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئۇنداق ئويلاپ قالساق خاتالاشقان بولىمىز. چۈنكى ھازىرغىچە بىر نەچچىلىگەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان ياكى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋەياكى قۇرئان كەرىمنىڭ  ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قوشۇلغان دېتاللار خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئۇ دېتاللار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان، ۋاقىت ئاجراتقان ياكى ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىمىزدىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئۇنداقتا بۇ دېتالنىڭ ئۆزگىچىلىكى نېمە؟
-        بۇ دېتال نۆلدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە يېزىلدى.
-        يېڭىدىن ۋە ئۆزگىچە لايىھەندى.
-        قۇرئان كەرىمنىڭ مۇھەممەد سالھ داموللاجىم تەرجىمە قىلغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كونا يېزىق، لاتىن يېزىقى ۋە كرىل يېزىقى بىلەن بولۇپ جەمئى ئۈچ خىل شەكىلدە قوشۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا سېلىشتۇرۇپ پايدىلىنىش ياكى تاللاپ ئوقۇش  ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولۇشىڭىز ئۈچۈن 2013 – يىلى نەشىر قىلىنغان يېڭى قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىمۇ تەرجىمىسىمۇ (تەييارلىنىۋاتىدۇ. ئاللاھ نېسىپ قىلسا يېڭى نەشرىدە) قوشۇلىدۇ..
-        ئۇيغۇرچىدىن باشقا ئۆزبەكچە، ئۇردۇچە، ئىنگىلىزچە ، خەنزۇچە، ياپونچە، چاۋشىيەن، تاتارچە، ئىسپانچە، ھىندىچە، پەشتوچە، كورتچە، رۇسچە، قازاقچە، قىرغىزچە، فارسچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە قاتارلىق ئون نەچچە تىل قوشۇلدى.
-        تەبەرىي، ئىبن كەسىر (ھازىرچە ئەرەبچىسى قوشۇلدى، ساندانغا ئېلىشىپ بېرىدىغان قېرىنداشلار چىقسا ياكى پۇرسىتىمىز يەتسە ئۇيغۇرچىسىنىمۇ قوشۇش نىيىتىمىز بار)، قۇرتۇبى، سەئدىي، بەغەۋىي، ئىبنى ئاشۇر، ئىئرابۇل قۇرئان ۋە ئەلۋسىيت قاتارلىق ئەسەرلەر قوشۇلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدىن تورسىز پايدىلىنالايسىز.
-        ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
-        ئايەتلەرنى تاللانغان تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ھەمبەھىرلەش ياكى كۆچۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
-        بەت ۋە پارە ئالمىشىش ئاسانلاشتۇرۇلدى.
-        قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىدىن باشقا بارلىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تورسىز بىمالال ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
-        قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ھۆججىتىنى ئوندىن ئارتۇق داڭلىق قارىمدىن خالىغىنىڭىزنى تاللاپ ئاڭلىيالايدىغان قىلىپ تەڭشەلدى. (ئاۋاز ھۆججەتلىرى ئۈچۈن تور كېرەك!)
-        قىسقىچە بۇ دېتال كۆركەم ۋە ئۆزگىچە، ئىقتىدارى ياخشى، قوللىنىشچان، يېڭىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىپ لايىھەلەنگەندى.
بۇ دېتال پايدىلىنىشىڭىزنى، كېچىسىنى كۈندۈزىگە ئۇلاپ بۇ دېتالنىڭ كودىنى يازغان، لايىھەلىگەن، تۆھپە قوشقان قېرىنداشلىرىڭىز بولسا دۇئالىرىڭىزنى كۈتمەكتە.
جانابى ئاللاھتىن بۇ دېتالنى خەلقىمىز ئۈچۈن پايدىلىق، بىز ئۈچۈن بولسا سەدەقەئى جارىيە قىلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.

ئەسكەرتىش:
مەزكۇر ئەپ دېتالنىڭ Android سىستېمىلىق ئەقلىيفون نۇسخىسىنىمۇ چىقىرىش قارارلاشتۇرۇلدى. ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە Android نۇسخىسىنىمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلـمانلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشقا تىرىشىمىز.
بۇ خىزمەت ئۈچۈن ماددىي يار- يۆلەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ   adminqk@gmail.com ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمىز.
ھۆرمەت بىلەن قۇرئان كەرىم تور بېكىتىنىڭ (www.qurankerim.com) باشقۇرغۇچىسى قېرىنداشلىرىڭلار

بۇ ئىلىم ئەھلىگە پايدىلىق ئەسەر بولغىنى ئۈچۈن بۇ توپقا خۇسۇسەن يوللاپ قويدۇم. توغرا چۈشىنىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىمەن.
ھۆرمەت بىلەن قۇرئان كەرىم تور بېكىتى
http://www.qurankerim.com
دېتالدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر:









قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
www.uighurislam.net
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2017-9-24 21:46 , Processed in 0.031930 second(s), 13 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش