ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3997|ئىنكاس: 1

ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﮬﻪﺩﯨﺴﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﯩﻲ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

簽到
1
يوللىغان ۋاقتى 2006-12-11 16:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﮬﻪﺩﯨﺴﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﯩﻲ



ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺷﻪﻳﺦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﺎﺳﯩﺮﯗﺩﺩﯨﻦ ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﻟﺒﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ ﮬﻪﺩﯨﺴﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪﺳﯩﺮ( ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﻪ 15- ﺋﻪﺳﯩﺮ،ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮ )ﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ.
ﺷﻪﻳﺦ ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﯩﻲ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ << ﮬﯚﺟﺠﻪﺕ >>،ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ،ﮬﻪﺩﯨﺴﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ : ﺋﯘ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮬﻪﺟﻪﺭ ﺋﻪﺳﻘﻪﻻﻧﯩﻲ ﯞﻩ ﮬﺎﻓﯩﺰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻛﻪﺳﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺷﺘﯘﺭﺩﻯ،ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻥ.
ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺷﻪﻳﺦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﻧﺎﺳﯩﺮﯗﺩﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﮬﺎﺟﻰ ﻧﯘﮬ ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﯩﻲ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﻪ 1333- ﻳﯩﻠﻰ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ 1914- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺒﺎﻧﯩﻴﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﺋﻪﺷﻘﯘﺩﺭﻩﺗﺘﻪ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯚﮔﯩﺘﻪﺗﺘﻰ.

ﺋﯘ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺒﺎﻧﯩﻴﻪ ﺷﺎﮬﻰ ﺋﻪﮬﻤﻪﺩ ﺯﺍﻏﯘ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ،ﻏﻪﺭﺑﭙﻪﺭﻩﺱ ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﻩﻣﻪﺷﻘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ.
ﺋﻪﻟﻼﻣﻪ ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻏﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺩﻩﻣﻪﺷﻘﺘﯩﻜﻰ << ﺋﯩﺴﺌﺎﻑ ﺧﻪﻳﺮﯨﻲ>> ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ.

ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘ << ﻧﯩﺰﺍﻣﯩﻴﻪ >> ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ، ﺗﻪﺟﯟﯨﺪ،ﺋﻪﺭﻩﺏ ﺗﯩﻠﻰ ﻣﻮﺭﻓﻮﻟﻮﮔﯩﻴﺴﻰ، ﺗﯩﻠﻰﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﻧﻪﻓﯩﻴﻴﻪ ﻓﯩﻘﮭﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ.
ﺋﯘ ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ،ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻥ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﮬﻪﻧﻪﻓﯩﻴﻴﻪ ﻣﻪﺯﮬﯩﺒﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﯩﻴﻨﻰ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺋﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻟﺒﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯘ 20 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ،ﺷﻪﻳﺦ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺭﻩﺷﯩﺪ ﺭﯨﺰﺍ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ<< ﻣﺎﻳﺎﻙ >> ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﺍﻟﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﺸﯘﻧﺎﺱ ﮬﺎﻓﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﻗﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ، ﻏﻪﺯﺍﻟﯩﻴﻨﯩﯔ<< ﺋﯩﮭﻴﺎﺋﯘ ﺋﯘﻟﯘﻣﯩﺪﺩﯨﻨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺑﯩﮭﺎﺟﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ >> ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺷﻪﺭﮬ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺑﻮﻟﺪﻯ.
ﺋﯘ ﮬﻪﺩﯨﺴﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ،ﺳﯜﺭﯨﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺳﻪﻟﻪﻓﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ.
ﺋﯘ ﺗﻪﯞﮬﯩﺪ ﯞﻩ ﺳﯘﻧﻨﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﭼﻜﻪ،ﺳﯘﻧﻨﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﺐ،ﺑﯩﺪﺋﻪﺗﭽﻰ،ﺧﻮﺭﺍﭘﺎﺕ ﺳﯘﻓﯩﻴﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻏﻪﯞﻏﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ.
ﺋﯘ 1960- ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺪﻯ
ﺋﯘ 1975 - ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﺋﯘﺩﯨﻲ ﺋﻪﺭﻩﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺘﯧﺘﻰ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻘﻘﺎ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻥ.

ﺋﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ - ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ: << ﺳﻪﮬﯩﮭ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ،6 ﻗﯩﺴﯩﻢ >>،<< ﺯﻩﺋﯩﻒ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ،5 ﻗﯩﺴﯩﻢ >>،<< ﺳﻪﮬﯩﮭ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺕ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ >>،<< ﺯﻩﺋﯩﻒ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺕ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ >>ﻧﻰ؛ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ << ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﺗﺘﯩﺮﻣﯩﺰﯨﻲ>>،<< ﺳﯘﻧﻪﻧﯘﻧﻨﻪﺳﻪﺋﯩﻲ>>،<< ﺳﯘﻧﻪﻧﯘ ﺋﯩﺒﻰ ﺩﺍﯞﯗﺩ>>،<< ﺳﯘﻧﻪﻧﯘ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﺟﻪ>>،<< ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﺳﺴﻪﻏﯩﺮ>>،<< ﻣﯩﺸﻜﺎﺗﯘﻟﻤﻪﺳﺎﺑﯩﮭ>>ﯞﻩ << ﺭﯨﻴﺎﺯﯗﺳﺴﺎﻟﯩﮭﯩﻦ>> ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮬﻪﺩﯨﺲ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ،35 ﺗﻪﻙ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻪﮬﯩﮭ،ﺯﻩﺋﻒ ﯞﻩ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.
ﻓﯩﻘﮭﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ: ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺪﺋﻪﺕ ﯞﻩ ﺧﻮﺭﺍﭘﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﺯﯨﻼﺵ،ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ،ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮﺩﯨﻦ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ،ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﻢ - ﻛﯧﭽﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 30 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎﻥ - ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺘﺎﺏ،ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.
ﺋﯘ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﻪ 1420- ﻳﯩﻠﻰ، ﺟﺎﻣﺎﺩﯨﻴﻪﻟﺌﺎﺧﯩﺮﻧﯩﯔ 22- ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ1999- ﻳﯩﻠﻰ،2- ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ،ﺧﯘﭘﺘﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ.
مەنبە: ئىزدىنىش
.....ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﯞﻡ ﯴﭼﯜﻥ ﯪﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﯮﭼﯘﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ.. http://yasin126.googlepages.com
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2006-12-26 14:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي ، ئامىن .
ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:49 , Processed in 0.058425 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش