ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 3630|ئىنكاس: 0

ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

簽到
2
يوللىغان ۋاقتى 2006-12-31 02:11:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯞﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ



ﺗﺎﻻﻧﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ 1901 - ﻳﯩﻠﻰ 2 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﺮﯨﺪﻩ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺩﻩﯞﺭﯨﮕﻪ ﻧﯧﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 5 ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺳﺎﯞﺍﺩﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 12 ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺋﻪﺭﻩﭖ، ﭘﺎﺭﯨﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﺌﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ.
1916 - ﻳﯩﻠﻰ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻣﯩﺠﯩﺖ ﮬﺎﺟﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﻣﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺭﻭﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﻣﻪﻱ(ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻤﭙﯩﻼﺗﻨﯩﺴﻜﻰ) ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻞ - ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎﯕﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯜﻧﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺳﺎﯞﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﯘ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ " ﺳﯘ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ"، "ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭﺍﯞﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﭼﯜﺵ" ﺭﻭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺳﯘﻥ ﺟﻮﯕﺸﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ، ﺩﯦﻤﯘﮔﯩﺮﺍﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻓﯩﺌﻮﯞﺩﺍﻝ ﻛﻮﻧﯩﻠﯩﻘﻘﺎ، ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﻮﻣﻮﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ.
1923 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ 2 - ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﯞﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻳﻪﻧﻪ 3 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﮬﺴﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﭘﻮﺷﻜﯩﻦ، ﻟﯧﺮﻣﯘﻧﺘﻮﯞ، ﺗﻮﻟﻮﺳﺘﻮﻱ ﯞﻩ ﮔﻮﺭﻛﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﭖ، ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ. 1926 - ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺟﯘﺭﻧﺎﻝ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺲ ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﯧﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯜﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 - ﻳﯩﻠﻰ" ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ" ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ "ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ"، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ....
ﺑﯘ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ، ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﺩﺍﻟﯩﺮﻯ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﮬﺎﻛﯩﻤﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﯩﻦ، ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯗ.
ﺋﯚﺯ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﺱ ﺭﻭﮬﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ 1932 - ﻳﯩﻠﻰ 11 - ﺋﺎﻳﺪﺍ"ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ"، "ﺋﺎﭼﯩﻞ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻕ ﺭﻩﺧﺘﻜﻪ ﭼﻮﯓ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﭗ، ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ، ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﯟﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
1932 - ﻳﯩﻠﻰ 12 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻨﻰ ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻣﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ. ﺟﺎﻟﻼﺕ ﺷﯩﯖﺸﯩﺴﻪﻱ 1933 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻪﺑﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﻪﮬﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﻗﺎﺯﯨﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺗﻪﯕﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﮔﻤﻪﻱ، ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﭼﻪ ﻛﯚﻛﺮﻩﻙ ﻛﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ "ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ!"، "ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ!" ﺩﻩﭖ ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﻮﯞﻻﭖ ﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ....
------------------------------------------------

ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ

(ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ)

ﺋﻪﻱ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻘﯘﯓ ﻳﯧﺘﻪﺭ،
ﺳﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺟﺎﻥ ﻛﯧﺘﻪﺭ.
ﺑﯘ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﺎﺯﻣﯩﺴﺎﯓ،
ﺋﺎﮪ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﯔ ﺧﻪﺗﻪﺭ، ﮬﺎﻟﯩﻖ ﺧﻪﺗﻪﺭ.

ﻗﻮﭖ، - ﺩﯦﺪﯨﻢ، ﺑﯧﺸﯩﯔ ﻛﯚﺗﻪﺭ! ﺋﯘﻳﻘﯘﯕﻨﻰ ﺋﺎﭺ!
ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﯔ ﺑﺎﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﺱ، ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﭼﺎﭺ!
ﻛﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﺎﯓ،
ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ.

ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺗﯧﻨﯩﯔ،
ﺷﯘﯕﺎ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻏﯧﻤﯩﯔ؟
ﻗﯩﭽﻘﺎﺭﺳﺎﻡ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻳﻼ ﻳﺎﺗﯩﺴﻪﻥ،
ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﺎﻱ، ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯘ ﺳﻪﻥ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﯩﯔ؟!

ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺑﺎﻕ،
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻼ ﺋﯘﺯﺍﻕ.
ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ،
ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻙ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﭼﺎﺗﺎﻕ، ﺋﯩﺸﯩﯔ ﭼﺎﺗﺎﻕ.

ﺋﯧﭽﯩﻨﺎﺭ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯗﻡ،
ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻢ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ، ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻢ.
ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﮬﺎﻟﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺴﺎﻡ ﺳﯧﻨﻰ،
ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯔ؟

ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ،
ﺗﻪﻛﺘﯩﮕﻪ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺴﻪﻥ.
"ﺧﻪﭖ!" ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﯘ ﭼﺎﻍ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱ ﻗﺎﻻﺭ،
ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ.




ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯦﻤﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﺯﻩﻳﺪﻯ، ﻣﻪﮬﻤﯘﺕ ﺋﻪﻛﺒﻪﺭ، ﺋﯩﻤﺎﺋﯩﻞ ﺗﯚﻣﯜﺭﯨﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ " ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ"ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 1986 - ﻳﯩﻞ 1- ﻧﻪﺷﺮﻯ

ئىزدىنىش تىن ئېلىندى .
ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2020-8-8 16:37 , Processed in 0.027612 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش