ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
كۆرۈش: 17248|ئىنكاس: 14

جۈمەدىن كېيىن پىشىن ئوقۇلامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

簽到
0
يوللىغان ۋاقتى 2007-2-9 22:20:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ كېيىن ﭘﯩﺸﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﮬﻪﻡ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ. ﺑﯘ ﺗﯘﻏﯘﺭىدا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ئارىسىدا ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭاشلار بار. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺩﯗﺭﯗﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﭘﻪﺭﯨﺰ قىلىنغان، ﭘﯩﺸﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺰ قىلىنغان ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﻳﺪﯗ.
ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ؟ ﻣﺎﯕﺎ ئېنىق ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭ...
ياسىنجان
توردىكى بىردىن بىر مەخسۇس بېتى قۇرئان كەرىم تورى

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2007-2-10 15:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدىكى ئادرىستىكى سوئال - جاۋابنى يۆتكەپ قويدۇم:

               ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەخمۇتۇللاھى ۋە بەركەتۇ!!!!

   جۇمە كۇنى پىشىن نامىزىنى ئوقۇش كىرەكمۇ ياكى ئوقۇمىساقمۇ بولامدۇ؟؟ بەزىلەر «پىشىن نامىزى بەش ۋاخ نامازنىڭ بىرى، بەش ۋاخ ناماز پەرز قىلىنغان ئىكەن ئۇنىڭ بىرى بولغان پىشىن نامىزىنى ئۆتىمەسلىك گۇناھ بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. لېكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە «پەيغەمبىرىمىز جۇمەدىن كىيىن مەسچىتتە بولسا 4 رەكەت سۇننەت، ئويدە بولسا 2 رەكەت سۇننەت (جۇمە نامىزىنىڭ سۇننىتى) نامىزى ئوقىيتتى» دىيىلگەن بولۇپ، پىشىن نامىزى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭغا ھازىرقى ئسلام ئالىملىرى قانداق ھۆكۇم چىقارغان؟؟؟ تەپسىلى جاۋاپ بەرسىڭىز!!! اللە سىزگە ئاسانلىق بەرگەي!!!!!!


   ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
   
   قېرىندىشىم! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغانلارنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس، ھەتتا ئوقۇسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەت دېگەن ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلىش ئەمەس، بۇيرۇققا بويسۇنۇشتۇر. اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى بىزنى قاچان قەيەردە قانداق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، شۇ ئىشنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىشىمىز ئىبادەت بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىر نەرسىنىڭ اللەنىڭ ھۇزۇرىدا ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى ئۇ نەرسىنى ئىبادەت دەپ كۆرسەتكەن بولۇشى، پەقەتلا اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئادا قىلىنىشى شەرت.
   بۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى، باشقا كۈنلەردە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان اللە جۈمە كۈنىمۇ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان. لېكىن جۈمە كۈنىدىكى بەش ۋاخ نامازنىڭ بىرى جۈمە نامىزى بولۇپ پېشىن نامىزىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە پېشىن نامىزىنىمۇ ئوقۇشقا توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا جۈمە كۈنى ئالتە ۋاخ ناماز پەرز قىلىنغان بولىدۇ.
   جۈمەدىن كېيىن پېشىن نامىزىنىمۇ ئوقۇش پەرز دېگۈچىلەردىن سورايمىزكى: ناماز قانچە ۋاخ؟ ئەگەر پېشىننىمۇ ئوقۇساڭلار ئالتە ۋاخ بولۇپ قالمامدۇ؟ ئەگەر جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇش پەرز بولسا، نېمە ئۈچۈن جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئەۋزەلغۇ؟ ئىمام مېھرابتا، مۇئەززىن ئارقىسىدا، جامائەت تەييار ۋە ھەممىڭلار جامەنىڭ ئىچىدە، ئەگەر مۇددىيايىڭلار توغرا بولىدىغان بولسا، نېمىشقا پېشىن نامىزىنىمۇ جۈمەنى ئوقۇغاندەك جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ نېمىشقا كۈندە جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان پېشىن نامىزىنى جۈمە كۈنى ئايرىم- ئايرىم ئوقۇيسىلەر؟
   مەن ئۇنداقلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باققان. ئاخىرى ھەممىسى توغرىنى قوبۇل قىلغان ۋە اللە غا شۈكۈر، ماڭا رەھمەت ئېيتىشقان. ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن سوئال- جاۋابلارنىڭ خۇلاسىسىنى سىزگە دەپ بېرەي:
   - ئوقۇغىنىڭلار قانداق ناماز؟
   - پېشىن!
   - بۇنى نېمىشقا ئوقۇيسىلەر؟
   - ناماز بەش ۋاخ ئەمەسمۇ؟
   - بەش ۋاخلىقى بەش ۋاخ، لېكىن جۈمە نامىزى بىلەن بەش ۋاخ.
   - شۇنداقلىقى شۇنداق، لېكىن بىز بۇنى ئەگەر جۈمە نامىزى مەقبۇل بولماي قالسا، بۇ ناماز مەقبۇل بولار دەپ ئوقۇيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامازنى پېشىن دېمەي ئېھتىياتى پېشىن دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.
   - ئۇنداق بولسا، بۇنداق ئىشىنى يەنى ئېھتىياتى ناماز ئوقۇشنى باشقا نامازلاردىن كېيىنمۇ قىلامسىلەر؟ مەسىلەن: سىلەردە ئېھتىياتى نامازدىگەر، ئېھتىياتى نامازشام، ئېھتىياتى خۇپتەن... دەيدىغان نامازلار بارمۇ؟
   - ياق.
   - نېمىشقا يوق؟ ئەگەر ئو نامازلارمۇ مەقبۇل بولمىسىچۇ؟
   - قارىم! بىز راست گەپنى قىلساق، بۇ ئىشلاردا ئاتا- بوۋىلىرىمىزغا ئەگىشىمىز. يەنە كېلىپ تېخى ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ!
   - ھە مۇنداق دەڭلار، مۆھتەرەم قېىرنداشلىرىم! سىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلاشقان ئاتا - بوۋاڭلارغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرگە ئەگەشسەڭلار بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ دەۋاتىسىلەر، پەرز قىلىنمىغان نامازنى پەرز دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئوقۇش ئەلۋەتتە گۇناھ، سىلىگە بىر نەرسە دەي: ئىخلاس سۈرىسى ئەڭ پەزىلەتلىك سۈرىلەردىن بىرى شۇنداققۇ! بۇنىڭدا ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى يوق، ئىخلاس سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇش بىلەن تەڭ دېگەن مەزمۇندا ھەدىسلەر بار، ئىنساننىڭ سەجدىدىكى ھالىتى اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان ھالىتى دەپمۇ ھەدىسلەر بار، اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان چاغدا يەنى سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەلئەئلانىڭ ئورنىغا ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە بولغان ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇساڭلار بولمامدۇ؟
   - ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇنداق قىلماپتىكەن.
   - سىلەرنىڭ دەلىلىڭلار ئاتا- بوۋاڭلارنىڭ سۆز- ھەرىكىتىما؟
   - ھە... ئە... شۇنداق بولاپ قېپتۇ.
   - اللەدىن قورقمامسىلەر؟ سىلەر ئۈچۈن اللە تەئالانىڭ ئايەتلىرىنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقما؟
   - ھە چۈشەندۇق، ئەگەر ئۆزلىرى بىلەن بۇ مۇنازىرىنى قىلىشمىغان بولساق، ھالىمىز نېمە بولار ئىدى! سىلىدىن اللە رازى بولسۇن قارىم. اللەنىڭ كىتابى پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرى قولىمىزدا تۇرۇقلۇق يولدىن ئادىشىپتىكەنمىزيا! قىيامەت كۈنى بىزدىن اللە ھېساب ئالىدىغان تۇرسا، بىز نېمىچۈن اللەنىڭ ئايتىگە بويسۇنمايمىز؟ نېمىچۈن اللەنىڭ ئەلچىسىگە ئەگەشمەيمىز؟ يەنە كېلىپ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقىنى نەدىن بىلەيلى! قۇرئان كەرىمگە ۋە ھەدىس شەرىفلەرگە زىت كەلگەنلىكىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكى ئېنىق! اللەغا شۈكرى! توغرا يولنى ئەمدى تاپتۇق.
   - اللە ھەممىمىزنى توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن.
   قېرىندىشىم! جۈمەدىن كېيىنكى سۈننەت توغرىسىدا سىز دېگەن ئىككى ھەدىس بار. بۇ ھەدىسلەرنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ئوقۇغان» دېگەن شەكىلدىكىسى، ھەدىس ئىلمىنىڭ ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئەڭ سەھىھ (توغرا) دۇر. ھەمدە بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى جۇمۇئە (جۈمە) سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىڭلار...» بۇ ئايەتتىكى نامازدىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ. «تارقىلىڭلار» سۆزىنىڭ ئەرەبچىسىنىڭ بېشىدا «ف» ھەرپى بار، بۇ ھەرپنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى دەرھال دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەت، ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سالات» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام ۋە تارقىلىڭلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىنتەشىرۇ كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ «جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار...» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تېخىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ.
   بۇنىڭغا ئاساسەن جۈمەدىن قايتىپ ئۆيدە، ياكى ئىش خانىدا ياكى ھەر قانداق بىر يەردە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ئىشنىڭ ئەڭ توغرىسى. جۈمە ئوقۇلغان يەردە تۆت رەكئەت ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن ھېچ سۈننەت ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۈننەت دېگەن ئىسمى بۇنى ئوقۇسىڭىز ساۋاب، ئوقۇمىسىڭىز گۇناھ ئەمەس دېگەن بولىدۇ. بىزدە جاھىللىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئۈچۈن ھارام بىلەن كارىمىز يوق مەكرۇھقا ئېسىلىۋالىدىغان، پەرز بىلەن كارىمىز يوق سۈننەتكە ئېسىلىۋالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاش مەسچىتكە كىرگەنلەرنى قوغلىۋېتىغان ئىشلار بار. اللە ھەممىمىزگە ئەقىل ۋە ئىلىم ئاتا قىلسۇن.
   قېرىندىشىم! ھازىرقى ئسلام ئالىملىرى قانداق ھۆكۇم چىقارسا چىقارسۇن بىزگە اللەنىڭ ۋە ئەلچىسىنىڭ ھۆكمى كۇپايە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز جۈمە سۈرىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنى ۋە ئۇ ھەدىسلەرنى ئۇبدان مۇلاھىزە قىلسىڭىز بۇ ھەقتە ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز. اللە سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە ئاتا- ئانىڭىزغا دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلسۇن. توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن!

مەنبە: ئۇيغۇر ئسىلام تورى

يوللىغان ۋاقتى 2007-2-10 16:05:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈمە نامىزىغا ئالاقىدار ئىخچام مەلۇمات ئالماقچى بولسىڭىز مۇنۇ ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ: http://www.uighurislam.net/read.php?tid-319.html
ئاللاھنىڭ غەرىپ قۇلى

يوللىغان ۋاقتى 2007-2-19 23:40:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللە ئۈچۈن قانچىلىك ناماز ئۈتىسىڭىز بۇلىۋىرىدۇ . بەلكىم ئازلىق قىلىپ قىلىشى مۇمكىن ! ناماز ئۇقۇسا گۇنا بولمايدۇ!!
جومۇئە سۈرىسىدە سىز جۈمەدىن كىيىن پىشىن ئۈتىسىڭىز بولمايدۇ ! گۇنا بۇلىدۇ دىگەن  گەپ يوق !
جۈمۇئە سۈرىسىنىڭ تۈۋەندىكى ئايەتلىرىنى ئۇقۇپ بىقىڭلار .
ئى ! مۆمىنلەر ! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەرزان ئىيتىلسا اللەنى ياد ئىتىشكە (يەنى جۈمە جۇتبىسىنى ئاڭلاشقا ۋە جۈمەنامىزىنى ئادا قىلىشقا )ئالدىراپ بىرىڭلار ، ئىلىم- سىتىمنى قۇيۇپ تۇرۇڭلار ، ئەگەر بىلسەڭلار بۇسىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر (9)
ناماز ئۇقۇلۇپ بۇلغاندىن كىيىن زىمىنغا تارىلىپ (يەنى ئۆز مەشغۇلاتىڭلار بىلەن بۇلۇپ)اللەنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ، مەقدىتىڭلارغا يىتىش ئۈچۈن اللەنى كۆپ ياد ئىتىڭلار (10)
(ئى مۇھەممەد !) ئۇلار بىرەر تىجارەتنى ۋە تاماشانى كۆرسە ،سىنى ئۆرە تۇرۇپ (جۇتبە ئۇقۇۋاتقان)پىتىڭ تاشلاپ ، ئۇنىڭغا (يەنى تىجارەتكە)يۈگۈرىدۇ ،(ئى مۇھەممەد ئۇلارغا )ئىيىتقىنكى ،<اللەنىڭ دەرگاھىدىكى نەرسە (يەنى ساۋاپ ۋە نىممەت )تاماشادىن ۋە تىجارەتتىن ياخشىدۇر،اللە رىزىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر .(11)
ئەگەر سىز ئىيتقاندەك تەرجىمە قىلىنسا («ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىڭلار...» بۇ ئايەتتىكى نامازدىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ. «تارقىلىڭلار» سۆزىنىڭ ئەرەبچىسىنىڭ بېشىدا «ف» ھەرپى بار، بۇ ھەرپنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى دەرھال دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەت، ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سالات» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام ۋە تارقىلىڭلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىنتەشىرۇ كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ «جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار...» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تېخىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ.)<ناماز ئۇقۇلۇپ بولغاندا زىمىنغا دەرھال (چاپسان ،تىز)تارقىلىڭلار .>دىسە مەسچىتتە ساڭا نىمە بار چىقمامسەن دەپ ھەيدىگەن بولمامدۇ .
ئەگەر سىز گە يارىمىغان بولسا سىز تەر جىمە قىلىڭ !!مەن قۇللاپ بىرەي قانداق تەرجىمە قىلارسىز !!~!`
سىزنىڭ مۇنازىرىڭىز گە قارىتا :-
  - ئوقۇغىنىڭلار قانداق ناماز؟
- پېشىن!
- بۇنى نېمىشقا ئوقۇيسىلەر؟
-سىز پىشىن ئۇقۇمامسىز ؟(مىنىڭ جاۋابىم )
(  - ھە مۇنداق دەڭلار، مۆھتەرەم قېىرنداشلىرىم! سىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلاشقان ئاتا - بوۋاڭلارغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرگە ئەگەشسەڭلار بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ دەۋاتىسىلەر، پەرز قىلىنمىغان نامازنى پەرز دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئوقۇش ئەلۋەتتە گۇناھ، سىلىگە بىر نەرسە دەي: ئىخلاس سۈرىسى ئەڭ پەزىلەتلىك سۈرىلەردىن بىرى شۇنداققۇ! بۇنىڭدا ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى يوق، ئىخلاس سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇش بىلەن تەڭ دېگەن مەزمۇندا ھەدىسلەر بار، ئىنساننىڭ سەجدىدىكى ھالىتى اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان ھالىتى دەپمۇ ھەدىسلەر بار، اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان چاغدا يەنى سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەلئەئلانىڭ ئورنىغا ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە بولغان ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇساڭلار بولمامدۇ؟
  - ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇنداق قىلماپتىكەن.
  - سىلەرنىڭ دەلىلىڭلار ئاتا- بوۋاڭلارنىڭ سۆز- ھەرىكىتىما؟
  - ھە... ئە... شۇنداق بولاپ قېپتۇ.)
بىزنىڭ ئاتا بۇۋىلىرىمىز قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ياراقلاشقان بولسا ھەجەپ كاپىر بۇلۇپ كەتمەپتىيا !!!؟
بىزنىڭ ئاتا بۇۋىلىرىمىزنى كىم ئازدۇرغاندۇ ؟شەيتان ئازدۇرغانمىدۇ ؟ سىزنىڭچە شەيتان ناماز ئۇقۇ دەپ ئازدۇرارمۇ ؟؟؟؟؟
مۇھەممەت ئەلى

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2007-2-20 18:33:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۈمە نامىزىغان ئالاقىدار سىزگە بېرىلىدىغان جاۋاب يۇقىرىدا بېرىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئارتۇق گەپنىڭ ھاجىتى يوق.
شۇنداقتىمۇ بۇ يەردە سىزگە ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر نەرسە شۇكى، مەزكۇر نامازنى ئىبادەت نىيىتى بىلەن ساۋاب ئۈمىت قىلىپ ئوقۇماقچى بولىدىكەنسىز، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ يوليۇرۇقلىرىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت. بولمىسا ئۇ ئىبادەت بولمايدۇ.
ئەمما ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قىلغانلىرىمۇ توغرىدۇ دەپلا ناماز ئوقۇيمەن دېسڭىز، ئۇ ئۆزىڭىز بىلىدىغان ئىش.
توغرا، مۇئمىننىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاختى سەجدە. بىراق ئۇنىڭغا كۆرسەتمىلىرى بار.
نەپلە ناماز ئوقۇش ئارقىلىق ساۋابقا ئىشلىمەكچى بولسىڭىز، تارقىلىڭلار دېگەن ۋاقىتتا، ياق، مەن تاقالمايتتىم، ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم دەپ ئولتۇرىۋالماي، باشقا ۋاقىتلاردا، خۇسۇسەن كېچىنىڭ ئاخىرقى قىمىدا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەقەت تاشلىماي ئوقۇغان ۋە تەشۋىق قىلغان ناماز بولغان تەھەججۇد نامىزىنى ئوقۇشىڭىز تېخىمۇ ياخشى.
بۇ مەزمون 4 جى قەۋەتتىكى muhemmeteli نىڭ 2007-02-19 21:40 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بىزنىڭ ئاتا بۇۋىلىرىمىز قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ياراقلاشقان بولسا ھەجەپ كاپىر بۇلۇپ كەتمەپتىيا !!!؟
بىزنىڭ ئاتا بۇۋىلىرىمىزنى كىم ئازدۇرغاندۇ ؟شەيتان ئازدۇرغانمىدۇ ؟ سىزنىڭچە شەيتان ناماز ئۇقۇ دەپ ئازدۇرارمۇ ؟؟؟؟؟
.......
دېگەن سوئالىڭىزغا كەلسەك:
كافىرنىڭ مۆڭگۈزى يوق. شۇنداقلا ئايرىم قىياپىتىمۇ يوق. بۇ يۈرەكتىكى بىر مەسىلە بولۇپ، بىراۋنىڭ كافىر بولغان ياكى بولمىغانلىقىغا ھېچكىم ھۆكۈم قىلالمايدۇ. بۇ بىرىدىغان زات پەقەتلا ئاللاھ تەئەلادۇر.
شەيتان مەسىلىسى ھەر قانداق مۇسۇلمانغا مەلۇملۇق بولسا كېرەككى، ئۇ ھەرقانداق نامۇۋاپىق ئىشنى تەرغىب قىلىدۇ، قىزىقتۇرىدۇ-دە شۇ ئارقىلىق ئۆز قوشۇنىنى كۈچەيتىشنى مەخسەت قىلدىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كىمگە قايسى تەرەپتىن ھوجۇم قىلسا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدۇ...
بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئاتا بوۋىلىرىمىزنى كىمنىڭ ئازدۇرغانلىقىنى تەتقىق قىلىش ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ توغرا يولنى تېپىشىمىز، خاتا كەتكەن تەرەپلىرىمىز بولسا، ئۇنى قۇرئان كەىم ۋە سەھىھ ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە تۈزىتىۋېلىشىمىز ۋە باشقىلارنىڭمۇ تۈزىتىۋېلىشىغا يار-يۈلەك بولۇشىمىزدۇر-خالاس!!!

يوللىغان ۋاقتى 2007-2-20 21:51:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

تورداش مۇھەممەت ئەلى! يازغانلىرىڭىزدىن قارىغاندا دىندىن ۋە ئەرەبچىدىن ئانچە خەۋىرىڭىز يوقتەك قىلىدۇ. بولمىسا ئىلمىي مۇنازىرىگە ئىنكاس يېزىشتا ئىلمىي بولۇشقا تىرىشقان بولاتتىڭىز!
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزگە مەسىلىنى قايتا چۈشەندۇرۇپ ئولتۇرمايمەن. پەقەت سىزنىڭ «ئىنكاس» ىڭىزدىكى سىزگە ئائىت جۈملىلەر ئۈستىدىلا توختىلىمەن ۋە ئۇلارغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىمەن:

1- «ئاللاھ ئۈچۈن قانچىلىك ناماز ئوقۇسا بولىۋىرىدۇ!!».

بۇ «ھۆكۈم» نىڭ دەلىنى سورىسام دەپ بېرەلەمسىز؟؟؟ دەلىلنىڭ قۇرئاندىن ۋە ھەدىستىن بولۇشى لازىم! ئەگەر ئىش سىز دېگەندەك بولىدىغان بولسا، دىنىمىز نېمىشقا «اللە ئۈچۈن قانچىلىك ناماز ئوقۇساڭلار بولىۋىرىدۇ» دېمەستىن، نامازنىڭ شەرتلىرىنى ۋە سۈپەتلىرىنى بەلگىلەش بىلەن بىرگە نامازنىڭ ۋاقىتلىرىنى، رەكئەت سانلىرىنى بەلگىلەيدۇ؟. سىز يۇقىرىدىكى «ھۆكۈم»ىڭىزنى باشقىلارغىلا تەشۋىق قىلامسىز ياكى ئۆزىڭىزمۇ شۇ «ھۆكۈم»ىڭىز بويىچە ئىش قىلىپ ھەر كۈنى كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە ناماز ئوقۇيامسىز؟؟؟؟ مەسىلەن: بىر كېچە-كۈندۈزلۈك ۋاقىت ئىچىدە 5 ۋاخ ئەمەس، 6-7 ۋاخ، ھەتتا 15-20 ۋاخ... ۋە ھەتتا....... ناماز ئوقۇيامسىز؟؟؟؟
ئىش سىز ئويلىغاندەك ئەمەس!!! اللە ئۈچۈن اللە بۇيرۇغان ۋە پەيغەمبەر كۆرسەتكەن نامازلارنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتلاردا ۋە بەلگىلەپ بەرگەن سۈپەتلەر بىلەن ئوقۇش لازىم. بۇنى بىلمىسىڭىز بىلگەنلەردىن سوراپ ئۆگىنىۋېلىڭ! «لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» نىڭ مەنىسىمۇ، ئاللاھقىلا بويسۇنىمەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگىشىمەن دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ بويرۇمىغان، پەيغەمبەر يولغا قويمىغان بىر نامازنى سىز نېمە دەپ ئوقۇيسىز؟ نېمە ئۈچۈن ئوقۇيسىز؟ كىم ئۈچۈن ئوقۇيسىز؟ ۋە قايسى دەلىلگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بۇنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىسىز؟ ئىش سىز دېگەندەك بولىدىغان بولسا، كىتاب نازىل قىلىنىشنىڭ ۋە پەيغەمبەر كېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ھەممە ئادەم ئۆزى چاغلاپ، ئۆزى خالىغان مىقداردا ناماز ئوقۇسا بولمامدۇ؟؟؟؟

2- «بەلكىم ئاز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!».

ئىبادەت نىيىتى بىلەن قىلنىدىغان ئىشنىڭ ئاز-كۆپلىكىنى اللە ئۆزى بەلگەيدۇ. پەيغەمبەر ئىجرا قىلىدۇ ۋە يەتكۈزىدۇ. اللە قايسى ئىبادەتنى قايسى مىقداردا بەلگىلىگەن بولسا، پەيغەمبىرى تەرىپىدىن بىزگە ئەينەن يەتكۈزۈلگەن. بۇنىڭ كېمى ياكى ئارتۇقى يوق. بۇنىڭ ئەكسىنى دەۋا قىلىش، اللە ئاز بەلگىلەپتىكەن ياكى پەيغەمبىرى تولۇق يەتكۈزمەپتىكەن دېگەنلىك بولىدۇ، خالاس. اللە ساقلىسۇن!.

3- «ناماز ئۇقۇسا گۇناھ بولمايدۇ!!».

اللە بۇيرۇمىغان ۋە پەيغەمبىرى يولغا قويمىغان نامازنى «بۇ نامازنى ئوقۇشۇم لازىم، ئوقۇسام ساۋاپ بولىدۇ، ياكى ئوقۇمىسام گۇناھكار بولىمەن» دېگەندەك كۆزقاراشلار بىلەن ئوقۇسا، ئەلۋەتتە گۇناھ بولىدۇ.

4- «جۇمۇئە سۈرىسىدە جۈمەدىن كېيىن پىشىن ئۈتىسىڭىز بولمايدۇ! گۇنا بۇلىدۇ دېگەن گەپ يوق!».

بۇ سۈرىنىڭ ئىسمىنىڭ جۇمۇئە (جۈمە) بولۇشى، سۈرىنىڭ ئىچىدە پېشىن ئەمەس جۈمە نامىزى دېيىلىدىغان بىر نامازنىڭ جۈمە كۈنىدە ئادا قىلىنىشىنىڭ پەرز قىلىنىشى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە كۈنىدە پېشىن ئوقۇماي جۈمە ئوقۇش بىلەن كۇپايىلىنىشى... قاتارلىقلار جۈمە كۈنىدە پېشىن دەپ بىر نامازنىڭ يوقلىقىنى ۋە جۈمە كۈنىدە پېشىن نامىزى ئوقۇشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دىن دېگەن ئۆزىنىڭ خىيالىغا كەلگەننى قىلىش ئەمەس،  بۇيرۇققا بويسۇنۇشتۇر.

5- «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىغنا دەرھال (چاپسان، تىز) تارقىلىڭلار، دېسە مەسجىتتە ساڭا نېمە بار، چىقمامسەن دەپ ھەيدىگەن بولمامدۇ؟».

ئەلۋەتتە ھەيدىگەنلىك بولىدۇ. ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەسچىتتىپ چىقىپ كەت ۋە رىزىق ئىزدە دېگەن بولىدۇ. چۈنكى مەسچىتلەر ناماز ئوقۇش ئۈچۈن سېلىنغان. ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئەلۋەتتە چىقىپ رىزىق ئىزدەپ ئىش قىلىدىغان گەپ. تەييارتاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز ھەم دۇنيالىق ھەم ئاخىرەتلىك ھاياتىمىز ئۈچۈن ئىشلەشكە ئەمر قىلىدىغان دىن. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنىڭ ۋاقتى ئەمەس بىر چاغدا مەسچىتتە ئولتۇرغان بىر ساھابىسىنى مەسچىتتىن چىقىپ ئىشلەشكە بۇيرۇغان.

6- «ئەگەر سىزگە يارىمىغان بولسا سىز تەرجىمە قىلىڭ!! مەن قوللاپ بىرەي قانداق تەرجىمە قىلارسىز!!~!`».

مەن بىر ئەھلى ئىلىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەزكۇر تەرجىمىدە «ف» ھەرپى بىلەن «ئەلىف لام» نىڭ دىققەتكە ئېلىنمىغانلىقىنى دەپ ئۆتتۈم. بۇ، ئۇ تەرجىمىنىڭ ماڭا ياراپ يارىمىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. بۇنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مەن ئۇنى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ھازىرلاپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا سۇنغان ۋە قۇرئان كەرىم تەرجىمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرىش سۆزىدە: «قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تۈرلۈك سەۋەنلىكلەردىن خالىي دېگىلى بولمايدۇ، كىتابخانلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» (قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 7- بەت) دەپ كىتاپخانلاردىن سەۋەنلىكنى كۆرسىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلغان مۇتەرجىمگە ۋە بۇ ئىشنىڭ ئەھلى بولغانلارغا كۆرسەتتىم. ئۇلار قوبۇل قىلمىسا مەندە قالىدۇ. لېكىن بىر ئىلمىي تەكلىپكە ئىلمىي بولمىغانلارنىڭ جاۋاب قايتۇرىشى لاۋزىلىق بولسا تەنە قىلىشى ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ.

7- «بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلاشقان بولسا ھەجەپ كاپىر بولۇپ كەتمەپتىيا!!!؟».

سىز ئۇلارنىڭ كاپىر بولۇپ كەتمىگەنلىكىنى نەدىن بىلىسىز؟؟. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار چۇقۇم غالىپ كېلىسىلەر» (ئال ئىمران 3/139؛ مۇھەممەد 47/35)، «ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە مەنسۇپ. لىكىن مۇناپىقلار چۈشەنمەيدۇ» (مۇناپىقۇن 63/7) دەيدۇ. ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ كىلەلمىگەنلىكى، ئىززەت-ھۆرمەت ئىچىدە ياشىيالمىغانلىقى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ۋەدىسىنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى چۈشەنگەن ۋاقتىمىزدا ئۇلارنىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىش ئانچە قىيىن بولمىسا كېرەك.!! ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز دىنى مەسىلىلەردە ئاتا-بوۋىمىزنىڭ يولىغا ئەمەس قۇرئان-سۈننەتكە بويسۇنۇشقا بۇيرۇلغان. ئايەت-ھەدىس دەلىل قىلىنغان بىر مەسىلىدە ئاتا-بوۋىسىنىڭ يولىنى ياكى ئۇلارغا بولغان ياخشى گۇمانىنى دەلىل قىلىش دىنى ساھەدىكى مەلۇماتىنىڭ «0» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

8- «بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى كىم ئازدۇرغاندۇ؟ شەيتان ئازدۇرغانمىدۇ؟ سىزنىڭچە شەيتان ناماز ئۇقۇ دەپ ئازدۇرامۇ؟؟؟؟؟».

سىزنىڭ ئاتا-ئاتا بوۋىلىرىڭىزنى كىم ئازدۇرغان بولسا ئازدۇرغان گەپ. ئۇلار ئەگەر قۇرئان-سۈننەتكە بويسۇنۇپ تەلەپكە لايىق مۇسۇلمان بولغان بولسا، ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئىززەت ھۆرمەتكە ئېرىشكەن بولاتتى ۋە ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادى دىننى قۇرئان-سۈننەتكە ئاساسلىنىپ چۈشىنىش سەۋىيەسىدە بولغان بولاتتى.
شەيتاننىڭ ئازدۇرۇش ئۇسۇللىرى ھەرخىل. بۇلارنىڭ بىرى، ئىنساننى بىر مۇددەت ئىبادەتكە تەرغىپ قىلىپ ئاندىن «ئەمدى سېنىڭ ئىشىڭ تۈگىدى، ناماز ئوقۇمىساڭمۇ بولىدۇ، ئاخىرەتلىك ئىشلىرىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالدى...» دېگەندەك ۋەسۋەسىلەرنى كەلتۈرۈش بىلەن توغرا يولدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشتۇر.

ئاخىردا سىزگە شۇنى ئەسلىتىپ قۇيۇشنى ئۇيغۇن كۆردۈم:

خەلقئارا ئۇيغۇر ئىسلام مۇنازىرە مۇنبىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا دىننى قۇرئان-ھەدىسكە ئۇيغۇن بىر شەكىلدە يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ دىنى ئىلىم سەۋيىسىنى كۈتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلشقا قۇرۇلغان. ئەگەر بۇ ئىشقا بىر كىشلىك ھەسسە قۇشاي دەپ ئويلىسىڭىز، قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ياخشى تېمىلارنى يوللاڭ. ۋە يوللانغان تېمىلارغا ئىلمىي ئىنكاسلارنى قايتۇرۇڭ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ۋە ئىلمىي ساھەدە تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە ھەسسە قۇشوڭ. ئەگەر مۇنبەردىكى تېمىلارنى كۆرۈپ سىزنىڭ «مەلۇمات»ىڭىزغا ئۇدۇل كەلمىگەن يەرلەرگە ئاڭلىۋالغان كۇچا خەۋەرلىرىڭىز، بىلىدىغان ھېكايە-چۆچەكلىرىڭىز ۋە يالغان-ياۋداق رىۋايەتلىرىڭىز ئارقىلىق «رەددىيە» بىرىمەن دېسىڭىز، بۇ ساھەدە تېخى «نارەسىدە» ئىكەنلىكىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويغان بولىسىز.
كىتابىم قۇرئان!

يوللىغان ۋاقتى 2007-2-20 22:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۈگۈن مەھەللىمىزدىكى ۋە يۇرتۇمدىكى ئۈلۈمالار بىلەن پاراڭلىشىپ كەلدىم ئۇلار ماڭا مۇنداق دىدى :
ئەسلىدىنلا مۇھەممەد ئەلەھىسالام تۇتقان يولدا  پەيغەمبىرىمىز جۇمەدىن كىيىن مەسچىتتە بولسا 4 رەكەت سۇننەت، ئويدە بولسا 2 رەكەت سۇننەت (جۇمە نامىزىنىڭ سۇننىتى) نامىزى ئوقىيتتى،
لىكىن ئۇچاغدا پادىشاھ مۇسۇلمان ئىدى . لىكىن بىزنىڭ پادىشاھىمىز  پارتىيە ئەزاسى !!شۇڭا جۈمۈدىن كىيىن پىشىن ئۈتىلىۋاتىدۇ . ۋە ۋاجىپ دەيدۇ .
بەلكىم مىنىڭ بىلىمىم ئازدۇر !!ئادەم بۇئۈمرىدە ئۈگۈنۈپ  ئۈگۈنۈپ  ئاخىرىغا چىقالمايدىغۇ !!!مەنمۇ بىر نەرسە بىلىۋالاي دەپ كىردىمغۇ !!!
شۇڭا بىلمىگەننى مۇشۇنداق مۇنازىرە ئارقىلىق بىلىۋالامەن .
مۇنازىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى يىڭىپ چىقىش ئەمەسقۇ !!!بەلكى بىلىم ئىلىش !!!
توغرا چۈشنەرسىلەر !!!!مەنمۇ شۇڭا ئىزدىنىۋاتىمەن !!!
يۇقارقى گەپكە مەنمۇ بىرنەرسە دىيەلمەيمەن !!!بۇقاراشقا قانداق قاراي سىلەركىن ؟
مۇھەممەت ئەلى

Rank: 8Rank: 8

يوللىغان ۋاقتى 2007-2-21 14:15:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقرىدا  ئەبۇلفاتىھ قېرىندىشىمىز قالدۇرغان ئۇلانما ۋە سادا قېرىندىشىمىز نىڭ يازمىسىدا بۇ مەسىلىلەر ئايەت ھەدىس ئارقىلىق دەلىللىرى بىلەن ئېنىق چۈشەندۈرلۈپتۇ...
ئايەت-ھەدىس ھەر بىر مۇسۇلمانغا كۇپايە.
دىنىي ئىشلاردا قۇرۇق گەپ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. يەنە ئۇ ئالىمنىڭ سۆزى، بۇ ئالىمنىڭ قارشى دەپ ئولتۇرۇپ ئايەت-ھەدىستىن دەلىلل يوق ئاساسسىز پاراڭلارغا ئىشىنىش مۇسۇلمانغا ياراشمايدۇ.

مۇنبەر مەسئۇلى

دۇئايىڭىزغا مۇھتاج قېرىندىشىڭى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2007-2-21 17:04:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمون 7 جى قەۋەتتىكى muhemmeteli نىڭ 2007-02-20 20:29 دە يوللىغان يازمىسى“”:
مەن بۈگۈن مەھەللىمىزدىكى ۋە يۇرتۇمدىكى ئۈلۈمالار بىلەن پاراڭلىشىپ كەلدىم ئۇلار ماڭا مۇنداق دىدى :
ئەسلىدىنلا مۇھەممەد ئەلەھىسالام تۇتقان يولدا  پەيغەمبىرىمىز جۇمەدىن كىيىن مەسچىتتە بولسا 4 رەكەت سۇننەت، ئويدە بولسا 2 رەكەت سۇننەت (جۇمە نامىزىنىڭ سۇننىتى) نامىزى ئوقىيتتى،
لىكىن ئۇچاغدا پادىشاھ مۇسۇلمان ئىدى . لىكىن بىزنىڭ پادىشاھىمىز  پارتىيە ئەزاسى !!شۇڭا جۈمۈدىن كىيىن پىشىن ئۈتىلىۋاتىدۇ . ۋە ۋاجىپ دەيدۇ .
.......
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم مۇھەممەد ئەلىي!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتە 4 رەكئەت، ئۆيىدە 2 رەكئەت سۈننەت نامىزى ئوقۇغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەرنىڭ بارلىقى توغرا.
ئايەتتە نېمە دېيىلگەنلىكىمۇ ھەممىمىزگە ئايان. (ئۇنى بۇ تېمىنىڭ بېشىدىن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن كۆرىۋالسىڭىز بولىدۇ).
ئۇلارنىڭ «ئۇ چاغدا پادىشاھ مۇسۇلمان ئىدى....» دېگەن سۆزىگە كەلسەك، بۇ مۇنازىرىگە ئوچوق بىر كۆز قاراش. چۈنكى ئۆلىمالارنىڭ مەزكۇر كۆز قارىشى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان «دارۇلئىسلام-دارۇلھەرب» ئاتالغۇلىرىغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن پىكىرلەردۇر.
قۇرئان كەرىم قىيامەتكىچىلىك ھەر قانداق شارائىتتا ياشايدىغان مۇسۇلمان/مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان بىر كىتاب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەدبىقلاپ بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن دىنمۇ ھەر مۇسۇلمانننىڭ ھەر قانداق شارائىتتا ياشىيالايدىغان بىر دىندۇر.
بىز ئاساسى مەنبىئىمىز بولغان ئەنە شۇ قۇرئان كەرىمگە ۋە ئۇنىڭ ھاياتتا قانداق تەدبىقلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان سەھىھ ھەدىسلەرگە قارىغان ۋاختىمىزدا جۈمەدىن كېيىن پىشىن ئوقۇشقا ئالاقىدار ھېچقانداق بىر دەلىلنى ئۇچرىتالمايمىز. ئەكسىچە جۈمە كۈنىدىن باشقا كۈنلەردىمۇ، جۈمە كۈنىدىمۇ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇلغانلىقىمىزنى كۆرىمىز.
ئۆلىمالىرىمىزنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىگە ئەگىشىدىغان بولساق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى خىل شارائىتتا ئىككى خىل ناماز ئوقۇغانلىقى، ئەمما بىرىنى بىزگە ئۆگىتىپ يەنە بىرىنى ئۆگەتكمىگەنلىكىدەك بىر مەزمۇن چىقىپ قالماسمۇ؟ بۇنداق بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەدا خۇسبىسىدە «يەتكۈزدۈممۇ؟» دەپ قايتا قايتا سورىغان ۋاختىدا، پۈتۈن ساھابە بىر ئاغىزدىن «يەتكۈزلە يا رەسۇلەللاھ» دەپ جاۋاب بېرىشكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر ئۆلىمالار ئوتتۇرىغا قويغان «ۋاجىب»، كىمنىڭ ۋاجىبى ئىكەن؟ ئاللاھ ۋە ئەلچىسىنىڭمۇ؟ ياكى .... ؟؟؟؟
ئىبادەتتە ئۆزلىرى چاغلاپ ۋاجىب، پەرز ياكى سۈننەت نامىدا بىر نەرسە پەيدا قىلىش ھوقۇقى بارمىكەن؟
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە جۈمەدىن كېيىن پىشىن ئوقۇش دەيدىغان بىر يوليورۇق يوق. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش بولغانىكەن، جۈمە كۈنىدە جۈمە نامىزىنىلا ئوقوپ ئۆيىمىزگە ياكى ئىشىمىزغا قايتىشىمىز لازىم. چۈنكى قىيامەت كۈنى بىزدىن قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلىپ قىلمىغانلىقىمىز ۋە پەيغەمبىرىگە ئەگىشىپ ئەگەشمىكەنلىكىمىز سورىلىدۇ-خالاس.
بۇ مەزمون 7 جى قەۋەتتىكى muhemmeteli نىڭ 2007-02-20 20:29 دە يوللىغان يازمىسى“”:
بەلكىم مىنىڭ بىلىمىم ئازدۇر !!ئادەم بۇئۈمرىدە ئۈگۈنۈپ ئۈگۈنۈپ ئاخىرىغا چىقالمايدىغۇ !!!مەنمۇ بىر نەرسە بىلىۋالاي دەپ كىردىمغۇ !!!
شۇڭا بىلمىگەننى مۇشۇنداق مۇنازىرە ئارقىلىق بىلىۋالامەن .
مۇنازىرىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى يىڭىپ چىقىش ئەمەسقۇ !!!بەلكى بىلىم ئىلىش !!!
توغرا چۈشنەرسىلەر !!!!مەنمۇ شۇڭا ئىزدىنىۋاتىمەن !!!
يۇقارقى گەپكە مەنمۇ بىرنەرسە دىيەلمەيمەن !!!بۇقاراشقا قانداق قاراي سىلەركىن ؟
.......
توغرا دەيسىز. بىر ئىنساننىڭ ھەممە نەرسىنى بىلىپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس. سىزنىڭ بۇ مۇنبەردىن بىر نەرسە ئۆگىنەرمەن دەپ كىرگەنلىكىڭىزنى قارشى ئالمىز. بىلمىگەننى ئۆگىنىشكە تىرىشىش ئەلۋەتتە ھەر بىر ئىنساننىڭ، خۇسۇسەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتى. سىزنىڭمۇ بىلمىگەنلىرىڭىزنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىقىڭىز تەقدىرلەشكە لايىق بىر ئىش-ئەلۋەتتە.
بىراق ئىزدىنىش يولىدا مۇسۇلماننىڭ قول باغلاپ تۇرمىسا بولمايدىغان ئۇرۇنلىرى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىم بىلەن قۇرئان كەرىمنى بايان قىلىدىغان سەھىھ ھەدىسلەردۇر. يەنى ئەگەر بىر تېمىدا قۇرئان كەرىم ئايىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەتبىقاتى بولىدىكەن، ئۇ يەردە پالانى ئۇنداق دەپتىكەن، پۇكۇنى مۇنداق دەپتىكەن دەيدىغان ھەققىمىز بولمايدۇ. بۇنداق دېيىلسە بەزى قېرىنداشلار، «ھە بۇنداق دېگەنلىك ئۆلىمالارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق.....» دېگەندەك گەپلەر بىلەن بورمىلاشقا تىرىشىدۇ. ئەسلىدە بۇ، ئۆلىمالارغا ھۆرمەت قىلغانلىقتۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭمۇ يولى قۇرئان كەرىمنى توغرا چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش ۋە باشقىلارغىمۇ بۇنى كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى:«مېنىڭ سۆزۈم ئاللاھنىڭ كىتابىغا ماس كەلسە ئېلىڭلار، ماس كەلمىسە ئالماڭلار» دېگەن. شۇڭا ئۆلىمالارنىڭ پىكىرلىرىنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن سەھىھ ھەدىسقا ماس كەلگەنلىرىنى ئالىمىز، كەلمىگەنلىرىنى ئالمايمىز. چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ شارائىتلىرىغا، بىلىمىگە ۋە بىڭسىسىغا ئاساسەن چۈشەنگەن ۋە چۈشەنگەنلىرىنى يەتكۈزگەن بولۇپ، خاتادىن خالىي ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى بىر مەسىلىنى، بولۇپمۇ ئىبادەتكە ئالاقىدار بىر مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە-مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا سەمىمىي بولۇشىمىز، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەردە سۇكۇت قىلىشنى بىلىشىمىز، شۇنداقلا ياخشى بىلگەن تېمىلاردا پىكرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىلمىگەن تېمىلارنى بىلگەنلەرگە ھاۋالە قىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر...

يوللىغان ۋاقتى 2007-5-3 14:47:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﯬﺳﺴﺎﯪﻣﯘ ﯬﻟﻪﻳﻜﯘﻡ : قىنداشلا تۈۋەندە نەپ نامازنى ئۋيدە ئۇقۇشنىڭ ياخشىلىغى توغرىسىدىكى ھەدىسنى كۈۈپ باقارسىلەر .....
                     ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﯫﻟﻼﻫﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ
   ﺯﻩﻳﺪﯨﺒﻨﻰ ﺳﺎﺑﯩﺪ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ :  < ﺋﯩﻲ ﺧﺎﻻﻳﯩﻖ ...  ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯟﻳﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯰﻗﯘﯕﻼﺭ ، ﭼﯘﻗﯘﻣﻜﻰ ﭘﻪﺭﯨﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﯬﯓ ﯬﯞﺯﻩﻝ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯟﻳﺪﻩ ﯰﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﺎﺯﺩﯗﺭ > .
                                                 ( ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺩﯨﺲ )
  ﺋﯩﺒﻨﻰ ﯴﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﺎﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ : < ( ﻧﻪﭘﻠﻪ ) ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯟﻳﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﯰﻗﯘﯕﻼﺭ ، ﺋﯟﻳﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﻪﺭﺑﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﻪﻙ ( ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺧﺎﻟﻰ ) ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﯕﻼﺭ > .
                                                ( ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻫﻪﺩﯨﺲ )
   ﺟﺎﺑﯩﺮ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ :  < ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﯖﻼﺭ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﯰﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯟﻳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﯴﻟﯜﺵ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺳﯘﻥ ،  ﭼﯜﻧﻜﻰ ﯪﻟﻼﻫ ﯰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯟﻳﯩﺪﻩ ﯰﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﯬﺟﯩﺮ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺪﯗﺭ > .
                                               ( ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ )
   ﯴﻣﻪﺭ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﯬﺗﺎ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻧﻬﯘﺩﯨﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻨﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﻧﺎﻓﯩﺌﯩﺒﻨﻰ ﺟﯜﺑﻪﻳﺮ ﯰﻧﻰ ﺳﺎﺋﯩﺒﺒﯩﻨﻰ ﯰﺧﺘﻪﻧﻪﻣﯩﺮﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ، ﻣﯘﯪﯞﯨﻴﻪ ﺳﺎﺋﯩﺒﻨﯩﯔ ﯰﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﯟﺭﯛﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺗﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻕ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺋﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ، ﺳﺎﺋﯩﺐ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ :  ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻥ ﻣﯘﯪﯞﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻨﯩﯔ ﯪﻳﺮﯨﻢ ﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﻩ ﺟﯜﻣﻪ ﯰﻗﯘﺩﯨﻢ ، ﺋﻤﺎﻡ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ، ﯮﺭﻧﯩﻤﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﻪﺭﯨﺰ ﯰﻗﯘﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺳﯜﻧﻨﻪﺕ ﯰﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ ، ﻣﯘﯪﯞﯨﻴﻪ ﺋﯟﻳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﯕﺎ ﯪﺩﻩﻡ ﯬﯞﻩﺗﯩﭗ :  ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯰﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎ ، ﯬﮔﻪﺭ ﺟﯜﻣﻪﻧﻰ ﯰﻗﯘﭖ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ ﺳﯟﺯﻟﯩﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ( ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ،ﯪﻟﻼﻫﯘ ﯬﻛﺒﻪﺭ ) ﻳﺎﻛﻰ ﯰﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﯟﺗﻜﻪﻟﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯰﻗﯘﻣﺎ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ، ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯟﺯ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﯰﺭﯗﻧﺪﯨﻦ ﻳﯟﺗﻜﻪﻟﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﯰﻗﯘﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ، ﺩﯨﺪﻯ
                                              ( ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ )

                                    ( \" ﺭﯨﻴﺎﺯﯨﺴﺴﺎﻟﯩﻬﯩﻦ \"  ﺩﯨﻦ )
ئالىم

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 18:22:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
   جۈمەدىن كىيىن پىشىن ناماز ئوقۇش ئوقۇماسلىق توغرىسىدا مەن ئىمامدىن سورىغان،ھەم بىيجىڭدا بىر ئىمام پىشىن نامزىنىمۇ قوشۇپ .ئوقۇشنى كۆپ قىتىم تەكىتلىگەن.ئىمامنىڭ قارىشى،جۈمە نامىزى پەقەت دۆلەت بېشى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەردە قوبۇل بولدىكەن،بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە ئۇنداق ئەمەس،شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغان جۈمە نامىزىمىز قوبۇل بولامدۇ يوق بۇ بىزگە نامەلۇم،ئۇلۇغ ئاللاھ قوبۇل ئەتكەي.ئەگەر قوبۇل ئىتىلمىسە،بىز جۈمە نامازدىن كىيىن پىشىن ئوقۇمىساق بىر ۋاخ ناماز قازا بولدۇ دىگەن گەپ ،ئەگەر قوبۇل بولسا پىشىننى قوشۇپ ئوقۇسا ئاللاھقا كۆپرەك ئىبادەت قىلسا بۇنىڭ پايدىسى زىينىدىن كۆپ ئەلۋەتتە.شۇڭا مەنمۇ 3-4يىلدىن بىرى قوشۇپ ئوقۋاتمەن.دوستلارنىڭ بۇ سۇئالنى ئىماملاردىن سوراپ بېقشىنى تەۋسىيە قىلمەن.ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ ئىبادىتىنى قوبۇل ئەتكەي!ئامىن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 10:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسسالامۇ ئەلەيكۇم ab dullah قېرىندىشىم بۇمەسىلگە يۇردا قۇرئان ھەدىس نۇرى ئاستىدا شۇندا چۇشۇنۇشلۇك جاۋاپلارنى ئۇقۇماي تۇرۇپ بېيجىڭدىدى موللامنىڭ دىگىننى بۇيەرگە سورەپ ئەكىلىپ نىمە ئىشمۇ قىلاسىز  بىز ئاتا بۇۋېلىرىمىز ياكى ئايەتلەرنى توغرا چۇشۇنەلمەيدىغان موللاملارنىڭ كورسەتكەن يوللغا ئەمەس  ئاللا قۇرئاندا  پەيغەمبەر ئەلەيھىساغا يەتكۇزگەنيولغا ئەگەشسەك توغرا يوللدا ماڭغان بۇلىمىز بۇنى يەنا ئىختىلاپ قىلىشقۇدەك يىرى يوق ھەممىمىزنى ئاللا توغرا يول ئۇستىدە مۇستەككەم قىلسۇن

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-7 10:53):

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-8 00:11:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alimakil يوللىغان ۋاقتى  2007-5-3 14:47
ﯬﺳﺴﺎﯪﻣﯘ ﯬﻟﻪﻳﻜﯘﻡ : قىنداشلا تۈۋەندە نەپ نامازنى ئۋيدە ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم سىزنىڭ يازغان خەتلىرىڭىز بەلكى مىنىڭ ئىلمىمدەك كام بولسىمۇ شۇنى مۇنبەردىكى قىرىنداشلىرىمىزغا تولۇقى بىلەن يەتكۇزۈپ قويۇڭكى ئۆيدە ئوقۇشقا بۇيرۇلغان ياكى ئۆيدە ئوقۇلۇشى ياخشى بولغان نامازلار پەرزدىن باشقا نامازلاردۇر ھەدىسنى يىزىپ شەرھىسىنى بەرمىسىڭىز ماڭا ئوخشاش ئىلمى كام قىرىنداشلار چۈشۈنەلمەسلىكى مومكىن ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 16:00:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پەزىلەتلىك ئۇستازلار!
سوئال:
بىزنىڭ يۇرتتا مەسچىت ئىماملىرى جامائەتلەرنى جۇمەدىن كىىيىن پېشىن نامىزى ئۇقۇشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا بىر تەپسىلي جاۋاپ بەرسەڭلەر! بۇ ئىشنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپتىكى ھۆكمى نېمە؟ ھۆرمەت بىلەن: ئابدىلتىپ
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قۇرئان كەرىمدە جۈمە سۈرىسى دەپ بىر سۈرە بار. ئۇ سۈرىنىڭ 10- ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْض…».
بۇ ئايەتتىكى «الصَّلَاةُ– ناماز» دىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ. «فَانتَشِرُوا– تارقىلىڭلار» دېگەن سۆزنىڭ بېشىدىكى «ف» ھەرپنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى «دەرھال» دېگەن بولىدۇ.
بۇ ئايەت، «ناماز» دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئەسسەلات «الصَّلَاةُ» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام «ال» ۋە «تارقىلىڭلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان فەنتەشىرۇ «فَانتَشِرُوا» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ، «جۈمەنىڭ پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار…» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تولۇق تەرجىمە قىلىنغان بولىدۇ.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن جۈمە نامىزى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دەرھال تارقىلىپ كېتىش كېرەك. بۇنى تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ تەكىتلەيدۇ:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى»- (بۇخارى، جۈمە 39؛ مۇسلىم، جۈمە 71؛ ئەبۇ داۋۇ، جۈمە 1127).
بۇ توغرىدا يەنە مۇنداق بىر ھەدىسمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمەدىن كېيىن ناماز ئوقۇماقچى بولساڭلار، تۆت رەكئەت ئوقۇڭلار»- (مۇسلىم، جۈمە 68؛ ئەبۇ داۋۇد، جۈمە 1131؛ تىرمىزى، جۈمە 523).
لېكىن  بۇھەدىسلەرنىڭ بىرىنچىسى يەنى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسچىتتىن چىقىپ ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى» دېگەن شەكىلدىكىسى، ھەدىس ئىلمى ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئەڭ سەھىھ (توغرا) دۇر. ھەمدە بۇ ھەدىس، يۇقارقى ئايەتكە يەنى قۇرئان كەرىمنىڭ 62- سۈرىسى بولغان جۈمە سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىنىڭ مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن مۇنداق ھۆكۈملەر چىقىدۇ:
1-جۈمەدىن قايتىپ ئۆيدە، ياكى ئىش خانىدا ۋە ياكى ھەر قانداق بىر يەردە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ياخشى ئىشتۇر.
2- جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن ھېچ سۈننەت ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن كېيىن ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ نامازنىڭ سۈننەت دېگەن ئىسمى، بۇنى ئوقۇسىڭىز ساۋاب بولىدۇ، ئوقۇمىسىڭىز گۇناھ بولمايدۇ، دېگەن بولىدۇ.
لېكىن بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلاردا جاھىللىق شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى: ھارام بىلەن كارىمىز يوق مەكرۇھقا ئېسىلىۋالىدىغان، پەرز بىلەن كارىمىز يوق سۈننەتكە ئېسىلىۋالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاشتاق مەسچىتكە كىرگەنلەرنى قوغلىۋېتىغان، بەش ۋاخ نامازنى ئوقۇش ئېغىر كېلىدىغان لېكىن ھەرەمگە بېرىپ «ھاجىم» بولۇپ كەلگۈمىز كەپ كېتىدىغان ئىشلار بار. ئاللاھ ھەممىمىزگە ئەقىل ۋە ئىلىم ئاتا قىلسۇن.
3- جۈمەكۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغانلارنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس، ھەتتا ئوقۇسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەت دېگەن ئىبادەت دەپ ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلىش ئەمەس، بۇيرۇققا بويسۇنۇشتۇر.
تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىر نەرسىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئۇ نەرسىنى ئىبادەت دەپ كۆرسەتكەن بولۇشى ۋە ئۇ نەرسىنىڭ پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئادا قىلىنىشى شەرت. پەرز قىلىنمىغان بىر نامازنى پەرز دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئوقۇش گۇناھدۇر. جۈمە كۈنى جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇشقا ئاللاھ بۇيرۇمىغان، پەيغەمبەر ئۇنى ئوقۇمىغان ۋە ئوقۇشقا بۇيرۇمىغان.
جۈمە كۈنى جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇيدىغانلار، ئاللاھ بۇيرۇمىغان ۋە پەيغەمبەر كۆرسەتمىگەن ئىشنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئوقۇغىنىنى «پېشىن» دېيىشكە جاسارەت قىلالماي «ئېھتىياتى پېشىن» دەيدۇ. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ نامازنى ئادەتتە پېشىن ئوقۇغانداك ئوقۇمايدۇ.
ئۇلاردىن سوراش كېرەك: جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئەۋزەل، شۇنداقمۇ؟  ئىمام مېھرابتا، جامائەتمۇ ھازىر ۋە ھەممەيلەن جامەنىڭ ئىچىدە، بۇ نامازنى نېمىشقا پېشىن نامىزىنىمۇ جۈمەنى ئوقۇغاندەك جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ نېمىشقا كۈندە جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان پېشىن نامىزىنى جۈمە كۈنى ئايرىم-ئايرىم ئوقۇيسىلەر؟
ئۇلار ئوقۇغان «ئېھتىياتى پېشىن» مەسىلىگە كەلسەك، ئاللاھ نازىل قىلغان دىندا «ئېھتىياتى ناماز» دەپ بىر ناماز يوق. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ دىنىدا «ئېھتىياتى نامازدىگەر»، «ئېھتىياتى نامازشام»، «ئېھتىياتى خۇپتەن»… دەيدىغان نامازلار يوق. ھەر نامازنى، شەرتلىرىنى ۋە رۇكنلىرىنى ئادا قىلغان ھالدا، ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ، دېگەن ئىشەنچ بىلەن بىر قېتىم ئوقۇش كېرەك. ئۇنداق تەرەددۇت بىلەن «ئاۋۇ بولماي قالسا، ماۋۇ بولار» دەپ ئىبادەت قىلماسلىق لازىم.
«جۈمە نامىزى مەقبۇل بولماي قالسا، بۇ ناماز مەقبۇل بولار» دەپ «ئېھتىياتى پېشىن» ئوقۇش دىنىدا ئۆزى چاغلاپ ئىبادەت شەكلى پەيدا قىلغانلىق بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھقا بويسۇنمىغانلىق ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشمىگەنلىك بولىدۇ.
قېرىندىشىم! جۈمەدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ناماز توغرۇلۇق قۇرئان ۋە ھەدىستىكى ھۆكۈملەر ئەنە شۇلاردۇر. بىلگەنلەر بۇلارنى بىلمىگەنلەرگە قولىدىن كېلىشىچە چۈشەندۈرۈپ قويسا بولىدۇ. ئۇلار ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. قىيامەت كۈنى ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ھېسابىنى بېرىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ» – (مائىدە سۈرىسى، 105 – ئايەت
).

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 11:27:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئېنىق بىر گۇناھتىن يېنىشقا قارىغاندا بىدئەتتىن قول ئۈزۈش ھەسسىلەپ تەس ئوخشايدۇ.شۇنداقمۇ قېرىنداشلار؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

Archiver|ئۇيغۇر ئىسلام مۇنبىرى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك!

GMT+8, 2019-8-19 03:01 , Processed in 0.068116 second(s), 12 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش